• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بالىلاردىكى بەتخەجلىكنىڭ سەۋەبچىسى كىم؟
  • ھازىر زور كۆپچىلىك بالىلىرىمىزنىڭ شارائىتى ياخشى بولغاچقا، ئاتا - ئانىنىڭ تىرىشچانلىغى، تېجەشلىكى، ئىقتىسادچانلىقىنى ھېس قىلىپ بولالمايدۇ. شەھەر - بازارلاردىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ بالىلىرى ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ قانداقلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما نۇرغۇنلىرىدا مەيلى پۇل خەجلەشتە بولسۇن ياكى كېرەكلىك ئوقۇش ماتېرىياللىرىنى سېتىۋېلىشتا بولسۇن، مەيلى كۈندىلىك ئوزۇقلىنىشتا بولسۇن ئىسراپخورلۇق، بەتخەجلىك، ھەشەمەتچىلىك يەنىلا ئېغىر. بۇنداق كەيپىيات ئاتا - ئانىنىڭ ھەشەمەتچىلىكى، بەتخەجلىكى، ئىسراپخورلۇقىدىن ئۆرنەك ئېلىنغان دېسەك ئوشۇقچە بولمايدۇ. يېقىندا، بىر گېزىتتىن كۆرۈشۈمچە ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئاشخانىسىدا كۈندە 100 كىلوگىرامدىن ئارتۇق تاماق ئىسراپ بولىدىكەن.

    ھازىرقى بالىلارغا توخۇ سۈتىدىن باشقىسى تەييار دىسەك كۆپتۈرگەن بولمايمىز. قارايدىغان بولساق بالىلىرىمىزنىڭ كىيىنىشى زامانغا لايىق بولۇپ، سەللا كونىرىغان كىيىملەرنى ياكى « مودا » دىن قالغان كىيىملەرنى كىيمەيدۇ. مەكتەپكە بېرىپ كېلىش ئۈچۈن تاكسىدا ئولتۇرىدۇ. زامانىۋى يانفونلارنى ئىشلىتىدۇ... نۆۋىتىدە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى بەزى ئاتا - ئانىلار بالىلارنى بەتخەج قىلىپ تەربىيەلەپ قويغاچقا، بالىلار پۇل سورىغاندا ئازراق پۇل بەرسە دادىسى ياكى ئاپىسىنى «پىخسىق» دەپ ياراتمايدۇ، رەنجىيدۇ، خاپا بولىدۇ.بۇنىڭدىن كۆرۈشكە بولىدۇكى، بالىلارنى يامان يولغىمۇ، ياخشى تەرەپكىمۇ باشلىغان دەل ئاتا - ئانىدۇر.

    ئۆز پەرزەنتىنى ياخشى كۆرمەيدىغان ھەم پەرزەنتىنىڭ بەختىنى ئويلىمايدىغان، پەرزەنتىنىڭ ئۆزىدىنمۇ ياخشى تۇرمۇش شارائىتىغا ئېرىشىپ، جەمئىيەتتە مۇناسىپ ئورۇنغا ئىگە بولۇشىنى ئۈمىد قىلمايدىغان ئاتا - ئانا بولمىسا كېرەك. پەرزەنتىمىزگە تالاي مال - دۇنيا مىراس قالدۇرغىچە، پەزىلەتلىك ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ مۇستەقىل ياشاش ئىرادىسىنى يىتىلدۈرسەك، تۇرمۇشتا تەرتىپلىك، تىرىشچان، ئىقتىسادچىل بولۇشقا يېتەكلىسەك؛ تېجەشلىك بولۇشقا ئادەتلەندۈرسەك؛ بالىلارنى كىچىكىدىن باشلاپ راستچىل، سەمىمىي، مەسئۇلىيەتچان ئادەم قىلىپ تەربىيەلىسەك، ئاتا - ئانىلىق مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلغان بولىمىز.

    «ئەخلاق گۈلۈستانى» سەھىپىمىزنى داۋاملاشتۇرىمىز:ئەمدى غالىپ مۇھەممەت قارلۇقنىڭ« ساياھەتكە چىققاندا ئوبرازىڭىزغا دىققەت قىلىڭ»ناملىق ماقالىسىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز:

    بەزى كىشىلەر ساياھەتكە چىققاندا كۆڭۈلدىكىدەك ساياھەت قىلالمىغانلىقىدىن ئاغرىنىدۇ. ھۇزۇرلىنىشنى، زوق ئېلىشنى بىلمەيدىغان ئادەمنى دۇنيادىكى ئەڭ گۈزەل جايغا ئاپىرىپ قويسىڭىزمۇ، ئۇ يەنىلا پۇخادىن چىقالماسلىقى مۇمكىن. ئەكسىچە، زوق ئېلىش ۋە ھۇزۇرلىنىشنى بىلىدىغان ئادەمنى جەزىرىگە ئاپىرىپ قويسىڭىزمۇ، ئۇ شۇ يەردىن بەلگىلىك گۈزەللىكنى ھېس قىلىشى مۇمكىن. دېمەك، مەسىلە ئادەمنىڭ ئۆزىدە. نەزەرىمىزدىكى ئەڭ گۈزەل جاي بىلەن ئەڭ ‹‹سەت›› جاينىڭ يەنىلا ئۆزىگە خاس ئەۋزەللىكى، ئارتۇقچىلىقى بولىدۇ. شۇڭا كۆڭلىمىزدىكىدەك جايغا ساياھەتكە چىققاندا زىيادە ھاياجانلىنىپ، چەكتىن ئاشقان قىلىق - ھەرىكەتلەردە بولۇپ، ئۇ جاينىڭ تەبىئىي مۇھىتى ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپىگە تەسىر كۆرسەتسەك، ئەگەر ئويلىمىغاندەك ھەم كۈتمىگەندەك جايغا ساياھەتكە بېرىپ قالغاندا, نارازىلىق ھېسسىياتىمىز بىلەن قوپال سۆز - ھەرىكەت ۋە پوزىتسىيەلەردە بولساق، بۇلار ساپاسىزلىقىمىزنى ياكى ساپايىمىزنىڭ تۆۋەنلىكىنى بېشارەتلەيدۇ. يەنە كېلىپ بۇ بىر ئادەم بىلەنلا كەتمەيدۇ.

    ساياھەتكە چىققاندا بىز ئۆزىمىزنىڭ كىملىكى، ئۆزلۈكى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە ئوبرازىمىزغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلەرنىمۇ بىللە ئېلىپ چىقىمىز. شىنجاڭدا بىر يۇرتتىن يەنە بىر يۇرتقا ساياھەتكە بارساق، ئوبرازىمىز يۇرتىمىزغا ياكى ئۆزىمىز تەۋە بولغان مەلۇم ئىجتىمائىي توپ، ئىجتىمائىي تەشكىلاتقا، ئىدارىمىزگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە ساياھەتكە بارساق، چوڭ جەھەتتىن شىنجاڭغا، مىللەتكە ۋەكىللىك قىلىدىغان گەپ. دېمەك، چەت ئەلگە ساياھەتكە چىققىنىمزدا ئوبرازىمىز دۆلەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ساياھەتكە بېرىش - بارماسلىق ئۆزىمىزنىڭ ئىختىيارلىقىدىكى ئىش بولسىمۇ، بارغاندىن كېيىنكى ئىش ئۇنداق ئاددىي ئەمەس.

    بىر قانچە يىل بۇرۇن ئوقۇغان بىر ماتېرىيالدا يېزىلىشىچە، ياپونىيەدىن بىر قانچە ساياھەتچى شىنجاڭغا كېلىپ، قۇملۇق ساياھىتىدە بولۇش ئۈچۈن تەكلىماكان بويىغا بېرىپتۇ ھەمدە بىر قانچە يەرلىك يول باشلىغۇچىنىڭ ھەمراھلىقىدا تەكلىماكاندىكى قۇملۇق ساياھىتىنى باشلىۋىتىپتۇ. ساياھەت جەريانىدا يەرلىك يول باشلىغۇچىلار يېمەك - ئىچمەك ئەخلەتلىرى بىلەن ئىچىملىك سۇ بوتۇلكىلىرىنى خالىغانچە قۇملۇققا تاشلاپتۇ، ئەمما ياپونىيەلىك ساياھەتچىلەر ئۇنداق نەرسىلەرنى خالتىغا سېلىۋېلىپ بىللە ئېلىپ مېڭىپتۇ. بۇنىڭدىن ئەجەبلەنگەن يەرلىك يول باشلىغۇچىلار ئۇلارنىڭ ‹‹ئەخمەقلىقىدىن›› كۈلۈشكىنىچە: شۇنچە كەڭرى قۇملۇققا بۇنچىلىك نەرسىلەرنى تاشلىۋەتكەننىڭ كارايىتى چاغلىققۇ، ئۇ نەرسىلەرنى ئېلىۋېلىپ نېمە قىلىسىلەر، تاشلىۋەتسەڭلار بولۇۋېرىدىغۇ؟›› دەپتۇ.بۇنىڭغا ياپونىيەلىك بىر ساياھەتچى : ‹‹بۇنداق قۇملۇق ئۈچۈن بۇنچىلىك ئەخلەت ھېچ گەپ ئەمەس، ئەمما بىزچە بولغاندا مەيلى قەيەرگە بارمايلى قالايمىقان ئەخلەت تاشلاش مەدەنىيەتسىزلىك، تەربىيە كۆرمىگەنلىك ھېسابلىنىدۇ. يەنە كېلىپ مۇشۇ قۇملۇق جايلاشقان بۇ ئەزىز تۇپراقتا سىلەرنىڭ ئەجدادىڭلار، ئاتا - بوۋاڭلار ياتىدۇ. بۇ يەرگە قالايمىقان ئەخلەت تاشلاش ئۇلارغا قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك ھېسابلانمامدۇ؟ سىلەردە ئىپتىخار، بىزدە يۈكسەك ھۆرمەت تۇيغۇسى قوزغايدىغان ئاشۇنداق ئەجدادىڭلار ياتقان بۇ تۇپراققا قانداقسىگىمۇ ئەخلەت تاشلاشقا كۆڭلىمىز ئۇنىسۇن؟!›› دەپتۇ. ئەينى ۋاقىتتا مۇشۇ خەۋەرنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ياپونىيەلىكلەرنىڭ ساپا ۋە پەزىلىتىدىن تەسىرلەنگەنىدىم. مەنلا ئەمەس، شۇ چاغدا مەتبۇئاتلىرىمىزدىمۇ بۇ ھەقتە مۇھاكىمىلەر بولۇنۇپ، ئاشۇ بىر قانچە ياپونىيەلىك ساياھەتچىنىڭ ئىش - ئىزلىرىدىن ياپونىيەلىكلەرگە بولغان قايىللىق چوقانلىرى كۆتۈرۈلگەنىدى. دېمەك، بۇ يەردە بىر دۆلەتنىڭ، بىر دۆلەتتىكى خەلقنىڭ ئوبرازى ھەققىدە گەپ بولۇندى، تونۇش، چۈشەنچە شەكىللەندى، دېگەن گەپ.

      قىسقىسى، ساياھەتچىلىك ئوبرازنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەكتۇر. بىزنىڭ ساياھەتكە چىققاندىكى ياكى ساياھەتچىلەرنى كۈتۈۋالغاندىكى ھەربىر ئىش - ھەرىكىتىمىز، گەپ - سۆزىمىز ئۆز شەخسىيىتىمىزدىن ھالقىپ كەتكەن ھالدا بىز ياشاۋاتقان تۇپراقتىكى ۋە دۆلەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئوبرازىغا تاقىلىدۇ. ئاشۇ ‹‹ئالتۇن كۆزنەك›› تىن بىز ئۇلارنى تونۇيمىز، ئۇلار بىزنى تونۇيدۇ. ئۆز ئارا چۈشىنىشىمىز. شۇڭا بىز ئاشۇ ‹‹كۆزنەك››كە ئەھمىيەت بەرمىسەك، دىققەت قىلمىساق بولمايدۇ. بۇ ‹‹كۆزنەك›› ھەر دائىم بىزنىڭ مەدەنىي ساياھەتچىلەردىن بولۇشىمىزنى جىكىلەپ تۇرىدۇ. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، ساياھەتكە چىقىش - ئۆزى مەنسۇپ بولغان دۆلەت، مىللەت، خەلق ئوبرازىنى نامايان قىلىش دېگەنلىكتۇر.

    ۋارىسجان ئەھمەد


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;