• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئەر-ئاياللارنىڭ ئاسانلا سىرتقا قاراپ قېلىش ۋاقتى
  • سىنگاپوردىكى بىر ئائىلە ئىشلىرى ۋە ئۆسمۈرلەر ئەدلىيە مەركىزىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋەتتىن ئەرلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 40، ئاياللارنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 37 گە يەتكەندە مەسىلە كۆرۈلۈپ، ھەر ئىككى تەرەپ ئېھتىيات قىلمىسا، ناھايىتى ئاسانلا «رېلىس» تىن چىقىپ كېتىدىكەن. دەل مۇشۇ ۋاقىتتا تالاغا قاراپ قالىدىغان، ھەتتا ئاجرىشىدىغان ئىشلار كۆرۈلىدىكەن. چۈنكى، بۇ ۋاقىتتا 10 يىلدىن ئاشقان شېرىن تۇرمۇشنىڭ تەمى قالمايدىغان بولۇپ، ئاسانلا ھېسسىيات جەھەتتە مەسىلە كۆرۈلىدىكەن. بۇنداق ۋاقىتتا، ئەر-ئاياللار كەلگۈسىنى ئويلىمىغاندا، سەبىي بالىلارنى يېتىم قېلىشتەك يامان ئەھۋاللار كېلىپ چىقىدىكەن.

    شاڭخەي شەھەرلىك 10- دوختۇرخانىنىڭ جىنس پىسىخولوگىيەسى دوختۇرلىرىنىڭ قارىشىچە، ئەرلەر 40 ياشتا، ئاياللار 37 ياشتا خۇددى كۆرۈنۈشتە ناھايىتى ئامراقتەك تەسىر بەرگەن بىلەن ئىچكى جەھەتتىن بىر خىل بىزارلىق كەيپىياتى شەكىللىنىدىكەن.

    تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىل ئۆز ئارا سۈركىلىش مەزگىلى، يەتتىنچى يىلى كىرىزىس مەزگىلى، 10-يىلى بولسا بۇرۇقتۇرما بولۇش مەزگىلى ئىكەن. تويدىن كېيىنكى ئۈچ يىلدا ھەر ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە كەڭ قورساق بولۇشى، كىچىك ئىشلارنى تەگەپ يۈرمەسلىكى كېرەك ئىكەن. يەتتىنچى يىلدىكى كىرىزىس مەزگىلىدە بولسا، ھەر ئىككى بىر-بىرىگە ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى، گەپ-سۆز ۋە ھەرىكەتكە دىققەت قىلىشى كېرەك ئىكەن. 10 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، ھەر ئىككى تەرەپ مۇھەببەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يېتىپ، ئائىلىنىڭ كەيپىياتىنى تەڭشىشى كېرەك ئىكەن.

    دېمەك، مۇشۇ ئارىدىكى خەتەرلىك مەزگىلدىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈۋالغاندىن كېيىن، نىكاھ تۇرمۇشىدا غەيرىي ئەھۋاللار ئانچە كۆپ كۆرۈلمەيدىكەن.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;