• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تۇرمۇش ھەققىدىكى ھېكمەتلەر
  • كىشىلىك ھاياتتا نۇرغۇن ئىشلاردىن ھۇزۇرلانغىلى بولىدۇ، مېنىڭچە ئەڭ مۇھىمى تۇرمۇشتىن ھۇزۇرلىنىش.

    تۇرمۇش بەئەينى بىر تەخسە قورۇمىغا ئوخشايدۇ، سىز ئەنە شۇ قورۇمىنى قورۇيدىغان ئاشپەز، قورۇمىنى ئاچچىق قورامسىز، تاتلىق قورامسىز ياكى قىرتاق قىلىپ قويامسىز، بۇ ئۆزىڭىزگە باغلىق بولىدۇ. ئەمما كۆپىنچە ھاللاردا قورۇمىڭىزنىڭ تەملىك بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىڭىز مۇمكىن.

    تۇرمۇش خۇددى بىر كىتابقا ئوخشايدۇ، ئۇنى ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇسى كېلىدۇ ھەمدە ئۇنىڭدىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىۋالغىلى بولىدۇ.

    تۇرمۇش بولمىسا، تۇغقاندارچىلىقنىڭ نەقەدەر قىممەتلىكىنى، مۇھەببەتنىڭ ئاجايىپ ئۇلۇغلۇقىنى، مېھىر-شەپقەتنىڭ شۇ قەدەر تەسىرلىكلىكىنى ھېس قىلغىلى بولمايدۇ.

    نۇرغۇن ھېكايىلەر بىزگە تۇرمۇشنىڭ تولىمۇ گۈزەللىكىنى، نۇرغۇن مىساللار تۇرمۇشنىڭ نەقەدەر مەنىلىك، ئەھمىيەتلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. تۇرمۇش بەزىدە لەززەتلىك، بەزىدە ئاچچىق بولىدۇ، ئەمما تۇرمۇشقا بولغان ئىشەنچىڭىزنى ھەرگىز يوقاتماڭ.

    مەن ھەمىشە تۇرمۇشنىڭ لەززىتىنى سۈرەلىگىنىمدىن تولىمۇ خۇشال بولىمەن، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىدىن، گۈل-گىياھلارنىڭ خۇش ھىدىدىن، ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان دەريا سۈيىدىن، ھەيۋەتلىك تاغ چوققىلىرىدىن ۋە كىشىنى مەھلىيا قىلىدىغان شارقىراتمىلاردىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنىمەن. تۇرمۇش بىزگە نۇرغۇن خۇشاللىقلارنى ئاتا قىلىدۇ، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، باشقىلارنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىش، باشقىلار بىلەن مۇڭدىشىش، پىكىرلىشىش، جەمئىيەتكە جاۋاب قايتۇرۇشنىڭ ھەممىسى بىر خىل خۇشاللىق.

    قورسىقىڭىز ئاچقاندا بىرەرسى سىزگە تاماق ئېتىپ بەرسە، ئاغرىپ قالغان چېغىڭىزدا بىرەرسى كۆڭۈل بۆلسە، قىيىنچىلىققا يولۇققىنىڭىزدا بىرەرسى ياردەم بەرسە، بۇلارنىڭ ھەممىسى تۇرمۇشنىڭ پەيزى ئەمەسمۇ؟ بىراۋنىڭ كۈلكىڭىزنى كۈلۈپ، يىغىڭىزنى يىغلىشىنىڭ ئۆزىمۇ بىر خىل خۇشاللىق.دېمەك، تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرۈڭ، تۇرمۇشنىڭ خۇشاللىقىنى ئېيتىپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. رېئال تۇرمۇشتا بەزىدە ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقىسىز، ئەمما ئىشىنىڭكى، ئىشەنچ قىلسىڭىز، تىرىشسىڭىزلا ئوڭۇشسىزلىقلار ئۈستىدىن غالىب كېلەلەيسىز، ئوڭۇشسىزلىق ئۈستىدىن غالىب كېلىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر خۇشاللىق ۋە غەلىبە. تۇرمۇشتىن ھەرگىز ئۈمىدسىزلەنمەڭ، باتۇرلۇق بىلەن تۇرمۇشقا يۈزلىنىڭ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;