• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ھەركىم ھەرنېمە دەيدۇ
  • نەسىردىن ئەپەندى نەۋرىسى بىلەن ئېشىكىگە مىنىپ بازارغا مېڭىپتۇ، بىر كۆجۈم مەھەللىگە كەلگەندە، بىر كىشى سالام بېرىپ:

      −− ئەپەندىم، بىز سىزنى ھايۋانلارغىمۇ زۇلۇم قىلمايدىغان مېھىر - شەپقەتلىك ئادەم بىلەتتۇق. ئەپسۇسكى بۇ كىچىككىنە جانىۋارغا ئىككى ئادەمنىڭ مىنىۋالغىنى نېمىسى؟− دەپتۇ.

      −−كەچۈرۈڭ تەقسىر، ئېشەككە ئىككىمىزنىڭ مىنىۋېلىشى توغرا بولماپتۇ

      −−دەپتۇ ئەپەندىم. شۇ ھامان نەۋرىسى ئېشەكتىن سەكرەپ چۈشۈپ، ئېشەكنى يېتىلەپ مېڭىپتۇ. ئۇزاق ماڭماي يەنە بىر كىشىمۇ ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى توغرا تاپماپتۇ ۋە:

      −−ئەپەندىم، ئۆزىڭىز ئېشەككە مىنىۋېلىپ، كىچىك بالىنى پىيادە قويغىنىڭىز دۇرۇس بولماپتۇ،−دەپتۇ.

      بۇ گەپنى ئاڭلىغان نەسىردىن ئەپەندىم شۇ ھامان ئېشەكتىن چۈشۈپ، نەۋرىسىنى مىندۈرۈپتۇ. ئاندىن ئۆزى ئېشەكنى يېتىلەپ مېڭىپتۇ. كۆپ ماڭماي بۇ ئىشتىنمۇ نارازى بولىدىغان يەنە بىر ئادەمگە ئۇچراپتۇ:

      −−ئەپەندىم، كىچىك بالىنى ئېشەككە مىندۈرۈپ، ئۆزىڭىز پىيادە ماڭغىنىڭىز نېمىسى؟−دەپتۇ.

      بۇ گەپنى ئاڭلىغان نەسىردىن ئەپەندىم بىر قولىدا نەۋرىسىنى يەنە بىر قولىدا ئېشىكىنى يېتىلەپ مېڭىپتۇ. ئۇلار شۇ ھالەتتە خېلى ئۇزاق مېڭىپتۇ، بىر چاغدا بىر بوۋاي ئۇچراپ ئۇلارنى ئەيىبلەپ:

      −−ئەپەندىم، بىر ئوبدان ئېشەككە مىنمەي پىيادە ماڭغىنىڭلار نېمىسى؟−دەپتۇ.

      −−ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ، ئۆزۈڭ بىلگەنگە يەتمەيدۇ، ھە ئېشىكىم؟−دەپتۇ نەسىردىن ئەپەندىم ئېشىكىگە سۆزلەپ.

      ئەسلىدە نەۋرەم ئىككىمىزنىڭ ساڭا مىنگىنىمىز توغرىكەن، كېلە جانىۋىرىم، ساڭا مىنىۋالايلى−دېگىنىچە ئېشىكىگە مىنىپ يولىغا راۋان بوپتۇ...

      ئەتراپىمىزدا شۇنداق ئادەملەرمۇ ئۇچراپ تۇرىدۇ، ئۇلار بىرسى ئىگىلىك تىكلىمەكچى بولسا، ئۆزىنى چاغلىماي شىلتىڭ ئاتتى، دەيدۇ؛ ئەگەر ساخاۋەتلىك بىرەر ئىش قىلسا، نام - شۆھرەتكە بېرىلدى، دەيدۇ؛ تۆت تەڭگە پۇل تاپسا، ھارامدىن بېيىدى، دەيدۇ؛ بىر نەرسە ئۆگەنمەكچى بولسا، ئۆزىنى بىلىملىك كۆرسەتمەكچى بولدى، دەيدۇ؛ يېزىقچىلىق بىلەن شۇغۇللانسا، ئابرۇيپەرەسلىك قىلدى، دەيدۇ؛ باشقىلارغا ياردەم قىلسا، كىشىلەرنى ئۆزىگە تارتماقچى بولدى، دەيدۇ؛ ئۇ يولدا ماڭسا، بۇ يولدا ماڭساڭ بولاتتى، دەيدۇ؛ بۇ يولدا ماڭسا، ئۇ يولدا ماڭساڭ بولاتتى، دەيدۇ. ئەگەر باشقىلاردىن ئۆزگىچىرەك يول تۇتسا، ئۇ ۋاقىتتا باشقىلارنىڭ ئۇ توغرىلىق ئويلايدىغانلىرى شۇنچە كۆپ ھەم شۇنچە سەلبىيلىشىپ ماڭىدۇ. قىسقىسى، مەيلى قانداقلىكى بىر ئىش قىلايلى، ھامان ئاشۇنداق كىشىلەرنىڭ گېپى چىقىدۇ، ئوخشىمىغان كىشىلەرنىڭ گېپىمۇ ھەر خىل بولىدۇ. ناۋادا بىز ھەممە ئادەمنىڭ گېپىنى ئاڭلاۋەرسەك، ئۇ ھالدا ھېكايىدىكى نەسىردىن ئەپەندىمگە ئوخشاپ قالىمىز - دە، نۇرغۇن ئىشنى قىلىشقا ئامالسىز قالىمىز. شۇڭا بىرەر ئىشتا نەتىجە قازىنىمەن دەيدىكەنمىز، چوقۇم باشقىلارنىڭ پىتنە -ئىغۋا، مەسخىرە، يالغان گەپلىرىگە ئىشەنمەي، ئۇلارنىڭ نېمە دېيىشىگە پىسەنت قىلماي، ئۆز تاللىشىمىز بويىچە ئىش كۆرۈشىمىز لازىم. شۇندىلا باشقىلار ئويلىمىغان نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيمىز.

      بىر توپ پاقا بىر مۇنارنىڭ چوققىسىغا چىقىشتا مۇسابىقىلىشىپتۇ.

      −−ئۇلار نىشانغا يېتەلمەيدۇ، ئۇلارنى خىجىل قىلمايلى،−دېيىشىپتۇ تاماشىچى پاقىلار.

      ئەمما بەسلەشكۈچى پاقىلار بۇنىڭغا قۇلاق سالماي مۇنارغا داۋاملىق ئۆرلەۋېرىپتۇ. ئەتراپتىكى پاقىلار يەنە چۇرقۇرۇشۇپ:

      −−مۇمكىن ئەمەس، ئۇلار بۇ مۇنارنىڭ چۇققىسىغا چىقالمايدۇ،−دەپتۇ.

      پاقىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇلارنىڭ مەسخىرىسىنى ئاڭلاپ توختاپ قاپتۇ. پەقەت بىرلا پاقا ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سالماي داۋاملىق ئۆرلەپ ئاخىرقى پەللىگە يېتىپتۇ...

      دېمەك، كىشىلىك ھاياتتا بىرەر ئىشنى مۇستەقىل قىلماستىن، ‹‹كىشىلەر ئۇنى دەرمۇ، بۇنى دەرمۇ؟›› دەپلا ئويلايدىغان، ئۆزىگە ئىشەنچىسى يوق، باشقىلارنىڭ ئاغزىغا قاراپلا ياشايدىغان، مۇستەھكەم ئىرادىسى ۋە ئۆز ئالدىغا يول تۇتمىغان ئادەم چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدۇ، ئۆمرى ھەسرەت - نادامەتتە ئۆتىدۇ. ئېنىقكى، كىم مەسىلىنى ئۆز ئۇسۇلى بويىچە ئويلىمىسا ئۇ ھالدا باشقىلارنىڭ ئىدىيەسىگە بويسۇنىدۇ. ئۆز ئىدىيەسىنى باشقىلارغا بويسۇندۇرۇش ئۆز جىسمىنى باشقىلارغا بويسۇندۇرۇشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېچىنىشلىق . شۇڭا باشقىلارنىڭ نېمە دېيىشىدىن قەتئىينەزەر، مەسىلىلەرنى ئۆز كاللىمىز بويىچە ئويلاشقا ئادەتلەنگىنىمىز ياخشى. بۇ دېگەنلىك ھەرگىزمۇ ‹‹ئۆزۈڭ بىلگەننى قىل، باشقىلارنىڭ توغرا مەسلىھەتىگىمۇ قۇلاق سالما، خاتا بولسىمۇ ئۆز يولۇڭدا مېڭىۋەر›› دېگەنلىك ئەمەس. بەلكى ‹‹ھاياتلىقتا ھەممە ئادەمنى رازى قىلغىلى بولمايدۇ. شۇڭا كىشىلەرنىڭ سۆزلىرىنى توغرا مۇلاھىزە قىل، سوغۇققانلىق بىلەن ئويلان. ئەگەر قىلىۋاتقان ئىشىڭ ۋە مېڭىۋاتقان يولۇڭ توغرا بولسا، قانۇن، ئەخلاق، ئۆز ۋىجدانىڭغا خىلاپ بولمىسا، باشقىلارنىڭ دېگەن گەپلىرىگە قاراپلا قىلىۋاتقان ئىشىڭ ۋە مېڭىۋاتقان يولۇڭدىن ۋاز كەچمە، ئۆزۈڭ قىزىقىپ قىلىۋاتقان ئىشىڭدىن ھەرگىز يالتايما›› دېگەنلىكتۇر.

      قەدىرلىك دوستۇم، نۇرغۇن ئىش ئۆتۈپ كەتسە قايتىلانمايدۇ، نېمىنىڭ توغرا، نېمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىگە يەنىلا ۋاقىت ئەڭ ئادىل ھۆكۈم چىقىرىدۇ. باشقىلار قانداق ئويلىسا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئىشى، سىز ئۇلارنى ئۆزگەرتىشكە ئامالسىز. شۇڭا ھەر كىم ھەر نېمە دېسە دەۋەرسۇن، ئۆزىڭىز قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى مۇكەممەل قىلىۋېرىڭ. شۇندىلا قىلغان ئىشلىرىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايسىز، باشقىلارنى قايىل قىلالايسىز...



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;