• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • مۇۋەپپەقىيەت ۋە سىرتقى تەسىر
  •   مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىگە، ئىقتىدارىغا ۋە تەدبىرىگە بەك ئىشەنگەچكە، ئۇلار سىرتقى تەسىرگە ئانچە ئۇچرىمايدۇ. باشقىلار تۈرلۈك تۇسالغۇلارنى ئېلىپ كەلسىمۇ، ئۇلار ئۆزىنىڭ بىلىشى ۋە تەجرىبىسىگە تايىنىپ تۇسالغۇلارنى يېڭىپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما يەنە بىر قىسىم كىشىلەر ئۆزىگە ئىشەنمىگەنلىكتىن، ئاسانلا سىرتقى كۈچلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىشتىن ئىبارەت ئالتۇندەك پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالىدۇ.

      ئەگەر سىز ئالىي مەكتەپتە ئوقۇماقچى بولسىڭىز، مەلۇم بىرسى سىزگە: «ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ خىزمەت تاپماق تەس تۇرسا» دېگەن بىمەنە سۆزلەرنى قىلسا، سىز مۇشۇنىڭ تەسىرىدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇمىسىڭىز، كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئادەم بولۇش پۇرسىتىىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

      ئەگەر سىز ئون سەككىز ياشقا توشۇپ ھەربىي بولماقچى بولسىڭىز، بىرسى سىزگە: «ھەربىي بولۇپ نېمە قىلىسىز، ھەربىي بولۇش بەك جاپالىق، ھەربىي سەپتىن قايتىپ كەلسەڭ خىزمەتمۇ بەرمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇرۇشقا قاتنىشىپ ئۆلۈپ كېتىشىڭمۇ مۇمكىن» دېگەن بولسا، سىز بۇنىڭغا ئىشىنىپ ھەربىي بولۇش غايىڭىزدىن يانسىڭىز، ئېھتىمال كەلگۈسىدە ياراملىق بىر گېنىرال بولۇپ قېلىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

      ئەگەر سىز مەلۇم بىرسى بىلەن ئەپلىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلماقچى بولسىڭىز، يەنە بىرسى كېلىپ: «ئۇنىڭ بىلەن توي قىلساڭ ئۇنداق بولىسەن، مۇنداق بولىسەن» دەپ نىكاھ تۇرمۇشىڭىزغا سوغۇق سۇ سەپسە، بەلكىم سىز ئۆزىڭىزگە ئەڭ مۇۋاپىق جۈپتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالغان بولۇشىڭىز مۇمكىن.

    تۇرمۇشنى يەنە داۋاملىق كۆزەتسەك، بۇ خىل سىرتقى تەسىر سەۋەبلىك ئۆزىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالغان كىشىنى ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتىمىز. شۇنداقلا سىرتقى تەسىرنىڭ كاساپىتىدىن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى، سان- ساناقسىز ھېكمەتلىك بايانلارنى بايقىيالايمىز.

      قەدىمقى زاماندا بىر توپ پاقا چەكسىز كەتكەن بىر ئورمانلىقتا توپلىشىپ ياشايدىكەن. ئۇلار بىر كۈنى ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان جايدىكى ئەڭ ئېگىز مۇنارنىڭ چوققىسىغا چىقىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزمەكچى بوپتۇ. كىم ئەڭ باشتا مۇنارنىڭ چوققىسىغا چىقىۋالسا، شۇ پاقا بۇ مۇسابىقىدە چىمپىيون بولىدىكەن. مۇسابىقە باشلىنىپتۇ، پاقىلار مۇنارغا يامىشىپتۇ. مۇنار ئەتراپىغا ئورمانلىقتىكى باشقا ياۋايى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى يىغىلىپ، بۇ قىزىقارلىق مۇسابىقىنى كۆرۈپتۇ. مۇنار ئەتراپىغا يىغىلغان باشقا ھايۋانلارنىڭ بىرسىمۇ پاقىلارنىڭ مۇنارنىڭ چوققىسىغا چىقالىشىغا ئىشەنمەپتۇ. بۇنىڭ بىلەن مۇنار ئەتراپىدىكى ھايۋانلار: «مۇنارغا چىقماق بەك تەس، ئۇلار مۇنارنىڭ يېرىمىغىمۇ چىقالمايدۇ! ئۇلارنىڭ مۇنارنىڭ ئەڭ چوققىسىغا چىقالىشى مۇمكىن ئەمەس! ھالىغا بېقىپ ئىش قىلسا بولمامدۇ! مۇنارغا چىقىمەن دەپ جاپا تارتقىچە ئويۇنىنى ئوينىسا بولمامدۇ!؟» دەپ قىيا- چىيا قىلىشىپتۇ. پاقىلار بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ، ئىرادىسى بوشاپتۇ- دە، مۇنارنىڭ چوققىسىغا چىقالىشىغا كۆزى يەتمەي، ئارقا- ئارقىدىن سەكرەپ چۈشۈشكە باشلاپتۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر ياش پاقا بۇ ئاۋازلارغا پىسەنت قىلماي، يۇقىرىغا ئۆرلەپ يامىشىۋېرىپتۇ. پاقىلار يامىشىپ مۇنارنىڭ يېرىمىغا كەلگەندە نۇرغۇن پاقا: «ھېرىپ كەتتۇق، پۇتۇم ئاغرىدى، قولۇم ئاغرىدى» دېگەنلەرنى باھانە قىلىپ، داۋاملىق يۇقىرىغا يامىشىشتىن يالتىيىپ، مۇناردىن چۈشۈپ كېتىپتۇ. پەقەت ھېلىقى ياش پاقىلا ئىرادىسىدىن يانماي، داۋاملىق يۇقىرىغا يامىشىپتۇ. ئاخىرقى باسقۇچقا كەلگەندە پەقەت ھېلىقى ياش پاقىلا پۈتۈن دىققىتىنى يىغىپ بارلىق كۈچىنى ئىشقا سېلىپ، تىرىشىپ ئاخىرى مۇنارنىڭ چوققىسىغا چىقىپ، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدە چىمپىيون بوپتۇ. ئەسلىدە بۇ ياش پاقىنىڭ قۇلىقى گاس بولغاچقا، باشقا ھايۋانلارنىڭ گېپىنى ئاڭلىيالمىغان ئىكەن.

      بۇ ھېكايىدىن سىرتقى تەسىرنىڭ كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىغا ناھايىتى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى چۈشىنىۋالالايمىز. سەمىڭىزدە بولسۇنكى، كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا: «ئۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ، مۇنداق قىلساڭ بولمايدۇ» دەپ، قىلىۋاتقان ئىشىمىزغا سوغۇق سۇ سېپىدىغان گەپنى كۆپ ئاڭلايمىز. مۇشۇنداق ۋاقىتتا كۆزىمىز روشەن، كاللىمىز سەگەك بولۇشى، ئۆزىمىزنىڭ ئەقلىگە، تاللىشىغا، تەدبىرىمىزگە ئىشىنىشىمىز، مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىدىن ئايرىلىپ قالماسلىقىمىز لازىم.

    غالىپ خۇجىئابدۇللا


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;