• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • مېھىر-مۇھەببەت بولغاندىلا ھايات تېخىمۇ گۈزەل
  • دۇنيادا ھېچقانداق نەرسە ئورنىنى باسالمايدىغان بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ مېھىر-مۇھەببەت. مېھىر-مۇھەببەت قەلىبلەرنى ئۆز ئارا بىر-بىرىگە باغلىغۇچى رىشتە. مېھىر-مۇھەببەت بولغاندىلا ھايات تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.    

    ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق، پۈتكۈل كائىنات مۇھەببەتنىڭ تەڭداشسىز بۇلىقىدۇر. دەريالاردا شۇڭغۇۋاتقان، كەڭ ئوتلاقتا ياشاۋاتقان، زېمىندا كۆكلەۋاتقان جانلىقلار، ئېگىز تاغ باغرىدىن باشلىنىپ، ئېرىق ياساپ نۇرغۇنلىغان ئېدىرلىقلاردىن ئۆتۈپ، مەنزىلگە يېتىپ كەلگەن ھاياتلىق سۈيى، مانا بۇلارنىڭ ھەممىسىدە مېھىر-مۇھەببەت مۇجەسسەلەملەنگەن بولىدۇ. شۇڭا تەبىئەت بىزگە شۇنچە گۈزەل كۆرۈنىدۇ. دېمەك سۆيگۈ ۋە مېھىر-مۇھەببەت زېمىننىڭ زىننىتى، ئۇلار بولغاچقىلا ھاياتلىق تېخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.

    قەلبتىكى مېھىر-مۇھەببەتنى ئىپادىلەشنىڭ يوللىرى ھەر خىل بولىدۇ، بىر موماينى يۆلەپ يولدىن ئۆتكۈزۈپ قويغان بالىدىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بار، يەردىكى ئەخلەتنى ئېلىپ ئۇنى ئەخلەت ساندۇقىغا تاشلىغان كىشىدىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بار، ئاپتوبۇسقا چىققان ياشانغانلارغا دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ئورۇن بوشۇتۇپ بەرگەن ياشلاردىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بار، ئائىلىسىدىكىلەر ئۈچۈن بىر ۋاق ئىسسىق تاماق تەييارلىغان ئايالدىمۇ مېھىر-مۇھەببەت بار، قىسقىسى بىر-بىرىگە قاراپ مېھىرلىك كۈلۈۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھەممىسىدە مېھىر-مۇھەببەت بار. دېمەك مېھىر-مۇھەببەتنىڭ، ياخشىلىقنىڭ چوڭ-كىچىكى بولمايدۇ، پەقەت چىن يۈرەكتىن سۆيۈنۈپ تۇرۇپ قىلغان ياخشىلىق مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.

    تۇرمۇشىمىزدا نۇرغۇن ئەھمىيەتلىك ئىشلار بولىدۇ-يۇ، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن بەزىلىرى ئۇنتۇلۇپ كىتىدۇ. لېكىن باشقىلارغا ياردەم بېرىش، ئۈمۈد، ئىشەنچ بەخىش ئېتىش، مۇھتاجلىقىنى قاندۇرۇشتىن ئىبارەت ئەھمىيەتلىك ئىشلار ھەرگىزمۇ ئۇنتۇلمايدۇ. چۈنكى مېھىر-مۇھەببەتكە  ئېرىشكەن، قەلبى ئۈمۈدكە تولغان چېھىرلەردىكى تەبەسسۇم كىشىگە ھاياتنىڭ چىن مەنىسىنى، قىممىتىنى تونۇتىدۇ. مانا بۇ خىل مېھىر-مۇھەببەت قەلب ئېكرانىمىزدىن مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;