• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ھەقىقىي ئۆزى بولۇش
  • باھار كېلىشى بىلەن باغدىكى بىر تۈپ قارىغاي دەرىخى يېغلاپ كېتىپتۇ، چۈنكى ئالما دەرىخى، نەشپۈت دەرىخى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى مول مېۋە بەرگەن بولۇپ، پەقەت قارىغاي دەرىخىلا ھېچقانداق مېۋە بەرمىگەن ئىدى. ئۇ يېنىدىكى ئالما دەرىخىگە قاراپ:

       ـــ ساڭا تولىمۇ ھەۋەس قىلىمەن، سېنىڭ ھەممە شېخىڭدا قىپقىزىل، يوغان ئالمىلار بار، ـــ دەپتۇ. ئالما دەرىخى كۈلۈپ تۇرۇپ:

       ـــ ئەگەر سەن تىرىشساڭلا چوقۇم مېۋە بېرەلەيسەن، سەن بۇ يىل پەقەت كۆڭۇل قويمىدىڭ، شۇڭا ھوسۇل ئالالمىدىڭ. مېۋە بېرىش ئۇنچىلىك تەس ئىش ئەمەس، كېلەر يىلى ياخشى تىرىشساڭلا، چوقۇم مېۋە بېرەلەيسەن؟ ـــ دەپتۇ.

       بىر كۈنى بۇ باققا بىر بۈركۈت ئۇچۇپ كېلىپتۇ. بۈركۈت قارىغاي دەرىخىنىڭ مەيۈس ھالىتىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا ئۇچۇپ كېلىپ سەۋەبىنى سوراپتۇ، قارىغاي دەرىخى ئۇنىڭغا ئۆزىنىڭ قايغۇسىنى سۆزلەپ بېرىپتۇ. بۈركۈت قارىغاي دەرىخىگە:

       ـــ يەر شارىدىكى نۇرغۇن ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ساڭا ئوخشاش قايغۇسى بار، ئەمەلىيەتتە سېنىڭ بۇنداق ئازابلىنىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق.سەن پەقەتلا سەن ئۆزۈڭ، ھەرقانچە قىلىپمۇ مەڭگۈ باشقا بىرىگە ئۆزگىرەلمەيسەن، ئوخشاشلا باشقا بىرىمۇ ھەرقانچە تىرىشىپمۇ ساڭا ئۆزگىرەلمەيدۇ! ـــ دەپتۇ.

       قارىغاي دەرىخى:

       ـــ بىراق......باشقا مېۋە دەرەخلىرىنىڭ ھەممسى مېۋە بېرەلەيدۇ، پەقەت مەنلا مېۋە بېرەلمەيمەن، ـــ دەپتۇ.

       ـــ سېنىڭ مېۋە بېرىشىڭنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى سېنىڭ ۋەزىپەڭ مېۋە بېرىش ئەمەس، سەن بولساڭ سەن ئۆزۈڭ، باشقا بىرى ئەمەس، شۇڭا سەن چوقۇم ھەقىقىي ئۆزۈڭ بولۇشنى ئۆگىنىشىڭ كېرەك! سەن بولساڭ ئەسلىدىنلا مېۋە بەرمەيدىغان قارىغاي دەرىخى، بۇ دەل سېنىڭ ئالاھىدىلىكىڭ، ـــ بۈركۈت بۇ گەپلەرنى قىلىپ بولۇپ قانىتىنى قېقىپ ئۇچۇپ كېتىپتۇ.

       قارغاي دەرىخى «ئۆزۈم بولۇش؟ قانداق ئۆزۈم بولىمەن؟» دەپ چوڭقۇر ئويلىنىپتۇ. بۈركۈتنىڭ بايا دېگەن سۆزلىرى ئۇنىڭ كالىسىدا ئەگىشكە باشلاپتۇ: «سەن بولساڭ ئەسلىدىنلا مېۋە بەرمەيدىغان قايغاي دەرىخى، بۇ دەل سېنىڭ ئالاھىدىلىكىڭ!» قايغاي دەرىخىنىڭ كۆڭلى پاللىدە يورۇپ كېتىپتۇ. ئۇ ئاخىرى چۈشىنىپتۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئالما دەرىخى ئەمەس، ئەلۋەتتە ئالما مىۋىسى بېرەلمەيدۇ-دە. ئۇ بىر قارىغاي دەرىخى، ئۇنىڭ بۇرچى مېۋە بېرىش ئەمەس، بەلكى ھەم توم ھەم يوغان ئۆسۈپ، باشقىلار ئۈچۈن بوران-چاپقۇننى توسۇش.

       قومۇل ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدىن قادىرجان يۇنۇس تەييارلىغان


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;