• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • توغرا نىشان بەلگىلەڭ، دەرھال ھەرىكەتلىنىڭ
  • ھاياتلىقتا ئەقىلگە سىغمايدىغان نىشان بولمايدۇ، پەقەت نىشانغا مۇخالىپ سۆرەلمىلىك بولىدۇ. ھەر قانداق نىشاننى بەلگىلىگەندە ئاخىرقى سۈرۈكنى بېكىتىش كېرەك. ناۋادا بىركىم ئوبدان بىر ئىشنى نىشانلاپ، دەرھال تۇتۇش قىلمىسا، ئۇ ھەر قانچە قابىلىيەتلىك بولغىنى بىلەنمۇ، ئويلىغىنى ئەخمەقنىڭ خىيالىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

      بىز مۇنداق بىر ئادەتكە كۆنۈپ قالغان: كۆپىنچىلىرىمىز باشقىلارنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن بىر ئىشلارنى ئاسان ئۇنتۇلۇپ قالىدىغانلىقىدىن ئاغرىنىمىز، يۈزىگە سالىمىز. ئەمما، ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقى بىلەن ھېسابلاشمايمىز. ئەگەر بىز بىر خىزمەتنى ئەمەلىي تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇنى قىلىشنىڭ توغرىلىقىنى پەملىگەن ھامان دەرھال ھەرىكەت قىلىشىمىز كېرەك. چۈنكى »كۆمسەم پىشارمۇ، ياپسام پىشارمۇ« بىلەن ئىش پۈتمەيدىغانلىقى ھەممىگە ئايان. بىر كۈننىڭ شۇ كۈنگە لايىق نىشانى ۋە قارار قىلىدىغان ئىشلىرى بولىدۇ. تۈنۈگۈنكى تۈنۈگۈنكىنىڭ، بۈگۈن بۈگۈننىڭ، ئەتە ئەتىنىڭ ئۆزىگە تۇشلۇق ئىشلىرى بولىدۇ. بەزىلەر ئۈچۈن ئېيتقاندا، بۇنداق ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت، يەنە بەزىلەر ئۈچۈن بۇ ۋاقىت ئەرزىمەس نەرسىدەك بىلىنىدۇ. مىڭلاپ قىلىنغان بەڭگىنىڭ خىيالىدىن بىر قېتىملىق تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلىپ يەتمەيدۇ.

       جۈرئەتلىك كىشىلەر ئىشنى ئارقىغا تارتمايدۇ، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەر دائىم چەكلىك ۋاقىتتا خىزمەتنى تاماملاش ئۇقۇمىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇلار ھەر بىر ئىشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى بەلگىلىۋالىدۇ ھەم بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى غەيرەتلەندۈرۈپ، ئۆزى ئۆزىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ. ئەگەر خىزمەت پوزىتسىيىڭىزدە مانا شۇنداق ئىشەنچ ۋە ۋاقىت ئۇقۇمى بولمىسا، بۇ جەھەتتە چوقۇم ئۆزىڭىزنى تەربىيەلەڭ. تۇرمۇشى پاراۋان كىشىلەرگە قاراپلا ئۇنىڭ خىزمەت، كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازانغۇچى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز. چۈنكى، خىزمەتنىڭ ھۆددىسىدىن چىققان كىشىنىڭ كىرىمى يۇقىرى بولىدۇ، كىرىمى يۇقىرىلارنىڭ تۇرمۇشى پاراغەتتە ئۆتىدۇ. شۇڭا، ھەر بىر كىشىنىڭ خىزمەت ۋە كەسىپتە تەسەۋۋۇرى بولىدۇ، لېكىن كۆپىنچە كىشىنىڭ تەسەۋۋۇرى خىيال باسقۇچىدا توختاپ قالىدۇ. بىر ئىشنى توغرا ھۆكۈم قىلغاندا دەرھال ھەرىكەت قىلىش كىشىلىك ھاياتتا باي بولۇش-بولالماسلىق ياكى كەسىپتە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقتىكى ھالقىلىق ئامىل. سىز قىلىۋاتقان ئىش مەيلى چوڭ ياكى كىچىك بولسۇن، قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى ۋاقتىدا ئورۇنداپ بولۇشقا ئادەتلەنسىڭىز، ھەيران قالارلىق نەتىجىگە ئېرىشىشىڭىز مۇمكىن. ئەقىللىق، يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە كىشىلەر نېمىنى بالدۇر قىلىش، نېمىنى كېيىن قىلىش، نېمىنى قىلىش، نېمىنى قىلماسلىققا ھۆكۈم قىلالايدۇ ھەم مۇشۇ پوزىتسىيە بويىچە ھەرىكەت قىلغانسېرى خىزمەتلىرى كۆڭۈللۈك بولىدۇ. نىشان بېكىتىلگەن ئىكەن، دەرھال ھەرىكەتلىنىش كېرەك. بۇنداق پوزىتسىيە سىزنى مۇۋەپپەقىيەت، نەتىجىنىڭ مەنزىلىگە يەتكۈزىدۇ. ئەمما، سىز نىشانلىغان ئىشلارمۇ ئەمەلىيەت بىلەن سىغىشالايدىغان بولۇشى كېرەك. ئويلاشقا، ئىشلەشكە جۈرئەت قىلىش، ئەمەلىيەتنى ئويلاش ھەرگىز بەڭگىنىڭ خىيالى بولماسلىقى كېرەك. توغرا نىشان بېكىتىلگەن ئىكەن، ھەرقانداق ئىشنى ھەل قىلىشنىڭ ئامالى تېپىلىدۇ.

    ئادىل غۇجالى


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;