• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • دادا، ئانامغا ياخشى قارا
  • شۇنى ئەستىن چىقارماڭلاركى:

    ھەر بىر ئانا بىر ئايالدۇر ۋە ئاياللارغا قوپاللىق قىلىش ئەيىپتۇر. دادا، ئانامغا ياخشى قارا بولامدۇ؟ بۇنى پەرزەنت نەسىھىتى دەپ بىلگىن.

    دادا، ئانامغا ياخشى قارىغىن.

    ئاخشاملىرى ئىشتىياق بىلەن تېلىۋىزۇر كۆرىۋاتقېنىڭدا، كۆزلىرىڭنىڭ ئۇچىدا بولسىمۇ ئانامغا بىر قاراپ باققىن. ئۇنىڭ شۇ بالىلارچە بېقىشلىرىدىن ھاياتىنى كۆرىسەن. بىزگە ئاتا قىلغانلىرىنى ۋە ئاتا قىلالمىغانلىرىنى، ساڭا بېغىشلانغان پۈتۈن ئۆمرىنى كۆرەلەيسەن. ئۇنىڭغا قارىغىنىڭدا

    ئاخشاملىرى ئۆيگە كەچ كەلگىنىڭدە بوغۇزىغا تىزىلىپ تۇرغان، گېلىدىن ئۆتمىگەن شۇ لوقمىلارنى كۆرىسەن. سېنى خاپا بولمىسۇن دەپ ئۇخلاپ قالغىنىڭدا ئاندىن قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىشلىرىنى، بىزنىڭ ئاغزىمىزنى ئېتىش ئۈچۈن يۈرىكى ئاغزىغا كەپلىشىپ قالغان ۋاقىتلىرىنى كۆرىسەن.

    دادا، ئانامغا ياخشى قارا بولامدۇ؟

    خوش مەن ماڭدىم دەپ ماڭساڭ پەلەمپەيدىن قاراڭ يۈتكىچە قاراپ تۇرغان شۇ ئىنسانغا بىردەم توختاپ پەلەمپەينىڭ بەشىنچى باسقۇچىدىن سەنمۇ بىر قاراپ باق، كۆزلىرىدىن سەن تېخى كەتمەستىن سېنى سېغىنىشقا باشلىغان بىر ئايالنى كۆرىسەن. كوچىدا ئۇچرىشىپ قالغان دوستۇڭنى قۇچاقلىغاندەك ئۇنىڭغىمۇ مۇھەببەت بىلەن قۇچاق ئاچقىن دادا!. سائەتلەپ ئولتۇرىدىغان سۇ قەھۋەخانىدا چاي ئىچكىنىڭدە ھىچقايسىنىڭ ئانامنىڭ چېيىنىڭ تەمىگە يەتمەيدىغانلىقىنى بىلىپ يېتىپ، ئۆيدە ساڭا تاماق ئېتىشنىڭ ھەلەكچىلىكىدە بولىۋاتقان شۇ ئايالنى بىر ئويلاپ تىز- تىز قەدەملىرىڭ بىلەن قايتىپ كەل دادا.

    قوي شۇ قەھۋەنى، ئۇ يەر- بۇيەردە كېزىپ يۈرمەي، ھايال بولماي يۈگۈرگەندەك ئۆيۈڭگە كەل دادا، قاچانكى يىقىلساڭ، جېنىڭ ئاغرىمىسۇن دەپ يېقىلغان يېرىڭگە چىم بولغان، ھەر ھېيت- بايرامدا سېنىڭ قولۇڭنى ئۆيۈمنىڭ تۈۋرۈكى دەپ سۆيۈۋاتقان شۇ ئايالغا ياخشى قارىغىن دادا!

    پەلەمپەيدىن شۇنچە ئاۋايلاپ چىقساڭمۇ، سېنىڭ كەلگىنىڭنى تۇنجى قەدىمىڭدىنلا بىلىۋالغان شۇ ئايالغا، چىرايىڭدىن پەرىشانلىق تۆكۈلسە، ئاشخانىدا ئۈنسىز يىغلىغان، ئەمما ساڭا پىياز بەك ئاچچىقكەن دەپ قويغان شۇ ئايالغا، دوختۇرخانىدا ياتساڭ يىغلىغىنىچە ئۇخلاپ قالغان، يىغلىغىنىچە ئويغانغان، بۇ ئۆي سىزسىز ماڭا چوڭلۇق قىلىۋاتىدۇ، دېگەن شۇ ئانامغا ياخشى قارىغىن دادا!. ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ساڭا بېغىشلانغان بىر ھاياتنى كۆرىسەن.

    شۇ گۈزەل كۈنلەردە ئۇنىڭغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈپ قويغىن دادا، ئۇمۇ كۆيۈنۈشكە، روھى تەسەللىگە مۇھتاج. چۈنكى، ئۇ كۆپ جاچا چەكتى، كۆپ چارچىدى دادا.

    ئۇنىڭغا شۇنداق دېگىنكى:

    قارا چاچلىرىم مېنى تاشلاپ كەتكەن شۇ يىللاردىن بۇيان، ماڭا بىر سەنلا قالدىڭ ۋە مەنمۇ بىر ساڭىلا قالدىم، بىر ساڭىلا قالدىم دېگىن.

    ئانامغا ياخشى قارىغىن دادا!. سىلەرنى ياخشى كۆرۈمەن، سالامەتلىك ۋە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەيمەن.

    بەدىرخان گۆكچەن


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;