• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئادەمنىڭ ھاياتى زادى قانچىلىك قىسقا؟
  • ھاياتنىڭ قىسقىلىقىنى تۈرلۈك سورۇنلاردا ئاڭلاپ تۇرىمىز ھەم ھاياتلىقنى گويا ئاتقان ئوققا، چاققان چاقماققا ئوخشىتىمىز. شەخسەن مەنمۇ ھەر قېتىم مۇشۇ ھەقتە ئويلانغىنىمدا، قۇلاق تۈۋۈمدە «قىممەتلىك ھايات» ناملىق ناخشىدىكى «بەكمۇ قىسقا بۇ ھايات، گويا چېقىن چاقماق كەبى» دېگەن مىسرالار جاراڭلايدۇ.

    ھەقىقەتەنمۇ ئادەم ئۈچۈن ھاياتلىق چاقماقتەك قىسقا ھەم ناھايىتى قىممەتلىك. ھاياتلىقنىڭ قىممەتلىك ھەم قىسقىلىقى ئەقىل ئىگىسى بولغان ھەر بىر كىشىگە مەلۇملۇق. ئەمما بۇنى قىسقا ياكى قىممەتلىك دېگەندەك گەپ ئارقىلىق شەرھلەش بىلەنلا ئىش پۈتمىسە كېرەك. بىز كۆپ تىلغا ئېلىۋاتقان «قىسقىلىقى ھەم قىممەتلىكى»توغرىسىدىكى پاراڭلار پەقەت ئابىستىراكىت ئۇقۇمدىن ئىبارەت. ئۇنداقتا، ئادەمنىڭ ھاياتى زادى قانچىلىك قىسقا؟ ئالدى بىلەن بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىلەرنى ئاڭلاپ باقايلى.

    بىر كىشىنىڭ ھاياتىنى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 70يىل دەپ پەرەز قىلايلى: بۇ 70يىل يەر شارىنىڭ قۇياشنى بىر قېتىم ئايلىنىپ چىقىش جەريانى ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئاڭلىماققا ناھايىتى ئۇزۇن بىلىنىدىغان گەپ. ئۇنداقتا بۇ 70يىلنىڭ ھەقىقىي ۋەزنى زادى قانچىلىك؟ بۇنىڭ ئۈچۈن تۆۋەندىكى بىر تۈركۈم سان سېپىرلارغا قاراپ باقايلى:

    قۇياش نۇرى يەر شارىغا سەككىز مىنۇتتىن كۆپرەك ۋاقىتتا يېتىپ كېلىدۇ. بۇ سەككىز مىنۇتلۇق مۇساپە نۇرنىڭ سېكونتلۇق تېزلىكى 300مىڭ كىلومېتىر بويىچە ھېسابلىغاندا، نۇر ھەر سائىتىگە بىر مىليارد80 مىليون كىلومېتىر مۇساپىنى باسىدۇ. ئۇنداقتا بىر يىلدىچۇ؟ نۇر بىر يىلدا تەخمىنەن 9تىرىليون 460مىليارد 800مىليون كىلومېتىرلىق مۇساپىنى باسىدۇ. دېمەك، نۇر بۇ چەكسىز ئالەمدە يەنىلا يىلىغا توققۇز يېرىم تىرىليون كىلومېتىرلىق سۈرئەت بىلەن داۋاملىق ئالغا كېتىۋاتماقتا.

    خوش، بۇ يەردە بىز تىلغا ئېلىۋاتقان مىليون، مىليارد ھەتتاكى تىرىليون نۇر يىلى دېگەن ئاتالغۇلارنى نۆۋەتتىكى ئىنساننىڭ ھاياتلىق ۋاقتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىنسان ھاياتىنىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق ۋاقىت ئىكەنلىكىنى بايقاش تەس ئەمەس.

    ئىنساننىڭ ھاياتلىق ۋاقتى ئالەمنىڭ بىر كۈنىگە نىسبەتەن چاقماقنىڭ چېقىشىدىنمۇ قىسقىدۇر. بۇلارنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگەن چېغىڭىزدا سىزنى قايتىدىن تىترەك بېسىشى مۇمكىن. ئەمما ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى ئۆزىگە مۇشۇ دەقىقىچىلىك ھاياتىدىمۇ ئالەمنىڭ تەڭدىن تولىسىنى تەپەككۈر قىلالىغۇدەك ئارزۇ- ئۈمىدلەرنى، ئىشەنچنى، سۇنماس ئىرادىنى مۇجەسسەملىگەن بولىدۇ. ئۇ مۇشۇنداق ئالاھىدىلىكى بىلەن نۇر تېزلىكىدىنمۇ قىممەتلىكتۇر.

    گەرچە ئىنساننىڭ ۋۇجۇدى ئاجىز، ھاياتى چەكلىك بولغىنى بىلەن ئۇ ناھايىتى غايەت زور نەتىجىلەرنى يارىتالايدۇ. گەپ پاراسىتىڭىزنى قانداق يۆنىلىشتە ئىشلىتىشىڭىزگە باغلىق. ئۇنداقتا، سىز ئاجىز جىسمىڭىزدىكى پەم- پاراسەت بىلەن غايەت زور نەتىجىنىڭ كونترولچىسى بولامسىز ياكى ئالەمدىكى زامانلاردىن بۇيان داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان سانسىز زەرىچىلەرنىڭ پەقەت بىر ھالەتتىن يەنە بىر ھالەتكە ئالمىشىشىنىڭ نەتىجىسىمۇ؟

    مەيلى رىئال دۇنيادا ۋە ياكى تور دۇنياسىدا بولسۇن، قۇرۇق ئىشلارغا ۋاقتىڭىزنى سەرپ قىلماڭ. ياخشى نەتىجە چىقمايدىغان كۆپۈك ئىشلار ئۈچۈن كۈنلەپ-كۈنلەپ بىھۇدە ۋاقىت ئۆتكۈزگىنىڭىزدىن ئەڭ ئاددىيسى قانداق قىلغاندا ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغان ئىشلار ئۈستىدە ئىزدەنگىنىڭىز ئەۋزەل. مەيلى سىز قانداق سەۋىيەدە، قانداق تەربىيىدە ۋە ياكى قانداق كەسىپتە بولۇڭ، سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز نوقۇل شەخسنىڭلا ئىشى بولماستىن، بەلكى ئەۋلادلىرىڭىزنىڭمۇ بەخت سائادىتىدۇر. بۇ ئۇلارغا مەسئۇل بولغىنىڭىز، ئادەمدەك ياشاش پۇرسىتى يارىتىپ بەرگىنىڭىز، جەمىيەتتىكى بىر كىشىلىك بۇرچىڭىزنى ئادا قىلغانلىقىڭىز بولۇپ سانىلىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;