• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • «ئاق كۆڭۈللۈك» ھەققىدە
  • باشقىلارنىڭ ئۆي تېمى ئۆرلۈپ چۈشكىلى ئاز قالغان بولسا، ئەگەر ئۇنى يۆلەپ قويۇشقا رايىڭىز بارمىسا، ئۇنداقتا ئۇنى ئىتتىرمىگىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل ئاق كۆڭۈللۈك.

    ★باشقىلار ئوماچ ئىچىۋاتقاندا سىز گۆش يەۋاتقان بولسىڭىز، ئەگەر گۆشنى ئۆتۈنىشكە رايىڭىز بارمىسا ئۇنداقتا ئاغزىڭىزنى چاكىلداتمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل ئاق كۆڭۈللۈك.

    ★بۇلاڭچىنى كۆرۈپ قالغاندا ئەگەر كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرغا چىقالمىسڭىز ئۇنداقتا، پەم بىلەن 110غا تېلفۇن ئۇرغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل ئاق كۆڭۈللۈك.

    ★خۇلۇم- خوشنىلىرىڭىز دائىم ماڭىدىغان يولىنى رېمۇنت قىلىپ تېخىمۇ راۋانلاشتۇرۇپ بېرەلمىسىڭىزمۇ، شۇ يولدىكى ئاددى تاش چاغلىق نەرسىلەرنى بىر چەتكە ئېلىۋەتسىڭىز بۇمۇ بىرخىل ئاق كۆڭۈللۈك.

    ★باشقىلارنىڭ ھەسرەتلىك يىغلاۋاتقانىلىقىنى كۆرسىڭىز، ئەگەر تەسەللىي بېرىشنى خالىمىسىڭىز، ئۇنداقتا «گۈل-قەقە» لىرىڭىز ئېچىلىپ كەتمىسىمۇ بۇمۇ بىر خىل ئاق كۆڭۈللۈك.

    ★ئوقۇتقۇچى بولسىڭىز شاگىرتلىرىڭىز ياراملىق تەربىيلىنىپ چېچەكلەپ مىۋە بەرمىگەن تەقدىرىدىمۇ، ئۇلارنى نابۇت قىلىۋەتمىگىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل ئاق كۆڭۈللۈك.

    ★ تېجارەتچى بولسىڭىز تارازىڭىز توغرا بولمىغان تەقدىرىدىمۇ، مېلىڭىزغا ساقتىلىق ئارلاشتۇرمىغان بولسىڭىز بۇمۇ بىرخىل ئاق كۆڭۈللۈك.

    ★ئەمەلدار بولسىڭىز ئەگەر نەتىجىڭىز كۆرىنەرلىك بولمىسىمۇ، خىيانەتچىلىككە بېرىلمىگىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل ئاق كۆڭۈللۈك.

    ★خوجايىن بولسىڭىز ئەگەر خادىملىرىڭىزنىڭ تەمىناتىنى ئۆستۈرمىگەن تەقدىرىدىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىش ھەققىنى ۋاقتىدا بەرگىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل ئاق كۆڭۈللۈك. ★باي بولسىڭىز ئەگەر ئىنساپلىق بولمىسىڭىزمۇ ئۇنداقتا، بايلىقىڭىزغا تاينىپ ئاجىزلارنى بوزەك قىلمىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىمۇ بىرخىل ئاق كۆڭۈللۈك.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;