• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • خۇشال ـ خۇرام ياشاي دىسىڭىز
  • ▲ئۆزىڭىزگە بەك قاتتىق تەلەپ قويماڭ.

     بەزىلەر ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قويۇپ، ئىشنى ناھايىتى ئەستايىدىل قىلىدۇ، قىلغان ئىشىدىن ئازراقلا چاتاق چىقىپ قالسا ئۆزىنى ئەيىبلەپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇنداق كىشىلەر ئۆزىگە بەك يۇقىرى نىشان بېكىتىۋالماي، ئۆزى ئورۇنلىيالىغۇدەك نىشان بەلگىلىشى كېرەك. شۇندىلا كۆڭۈل ئارادىلىىكى بولىدۇ.

    ▲باشقىلاردىن بەك چوڭ ئۈمىد كەتمەڭ.

     بەزىلەر باشقىلاردىن بەك چوڭ ئۈمىد كۆتۈپ، ئۇلار دېگەن يىرىدىن چىقمىسا مەيۇسلىنىدۇ، ئۈمىدسىزلىندۇ. ئەمەلىيەتتە ھەممىلا ئادەمنىڭ ئويلىغىنى ، ئارتقۇچىلىقى ۋە يىتەرسىزلىكى بولىدۇ، شۇڭا باشقىلاردىن بەك چوڭ ئۈمىد كۈتمەڭ.

    ▲ئاچچىقىڭىز كەلگەندە ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىڭ، ئادەم ئاچچىقلانغاندا ئورۇنسىز ئىشلارنى قىلىپ قويۇشى مۇمكىن كېيىن پۇشايمان قىلغۇچە، ئاۋۋال ئالدىنى ئېلىش كېرەك، شۇڭا ئاچچىقىڭىز كەلگەندە كۆڭۈللۈك ئىشلارنى كۆپرەك ئويلاڭ.

    ▲ئۆزىڭىزنى ۋاقتىنچە چەتكە ئېلىڭ.

     ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغىنىڭىزدا، خاپىلىقنى تاشلاپ قۇيۇپ، ئۆزىڭىز ياخشى كۈرىدىغان ئىشلارنى قىلىپ، كۆڭلىڭىز ئارامىغا چۈشكەندە، ئاندىن يۇلۇققان مەسىلىنى ئويلىنىڭ. مانا بۇ غەلىبە قازىنىشنىڭ ئاچقۇچى.

    ▲دەردىڭىزنى ئىچىڭىزگە يۇتمەڭ.

    ئادەم ئىچىدىكى ئاچچىقنى چىقىرۋەتمىسە ئوڭاي كېسەل بولۇپ قالىدۇ. دەردىنى يېقىن دوستى، ئاتا-ئانىسى ۋە ئىشەنچلىك ئادىمىگە تۈكىسە، روھى كۆۈتۈرۈلۈپ قالىدۇ.

    ▲بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە ئىشنى قىلماڭ.

    ئۆزىڭىزنى چارچىتىپ قويماسلىق ئۈچۈن، بىر ۋاقىتتا بىر نەچچە ئىشقا ئېسلىۋالماڭ، بولمىسا چارچىغاننىڭ ئۈستىگە، ھېچقانداق ئىشنى باشقا ئېلىپ چىقالمايسىز.

    ▲باشقىلاردىن ياردىمىڭىزنى ئايىماڭ.

    باشقىلاردىن ياردىمىڭىزنى ئايىماي، دوستىڭىزنى كۆپەيتىپ ، رەقىبىڭىزنى ئازايتىڭ.

    ▲كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىردىن قالماڭ، ئارام ئالغاندا ئۆيگە بېكىنىۋالماي، سىرتلارغا چىقىپ، كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشسىڭىز، روھىڭىز كۆتۈرۈلۈپ قالىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;