• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كامالەتكە ئېرىشىش ھەققىدە
  • ▲ ھەر كىم ئۆز تۇرمۇشىنى ئۆزى بەرپا قىلىدۇ. ھەر قانداق ئادەم تۇرمۇش، خىزمەت ۋە جەمىيەتتىكى ھەر خىل مەسىلىلەرگە يولۇقۇپ تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئادەملىك پىرىنسىپىمىز ۋە جاھاندارچىلىق ئۇسۇلىمىز بىزنىڭ غەلبە ياكى مەغلۇبىيىتىمىزنى بەلگىلەيدۇ.

    ▲ جاھاندارچىلىقتا مۇنداق ئىككى تەرەپ بار: بىرى، ئاغىزىنى يۇمۇش يەنە بىرى ئۆزىنى ئۆزى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش. ئاغىزىنى يۇمۇش دېگەنلىك ئالىي جانابلار ئىشنى قىلىدۇ، ئاز سۆزلەيدۇ. بەزى كىشىلەر ئىشنى قىلماستىن ئۆزىنى ماختاپ چۈشىدۇ. «ئالىي جاناپ ئويلاپ سۆزلەيدۇ، ئەخمەق ئويلىماي» ياخشى ئادەم بولۇش ئۈچۈن ئاۋۋال گەپنى ئويلاپ سۆزلەشتىن باشلاش كېرەك.

    ▲ ھىممەت ئىشىكىڭنى دائىم ئوچۇق قوي، گەپنى كۆپ قىلساڭ، مىجەزىڭمۇ چېچىلاڭغۇ بولىدۇ.

    ▲ سۈكۈت- ئالتۇن دېمەكتۇر.

    ▲ كىشىگە يولۇققاندا ئۈچ كەلىمە سۆز قىلساڭلا كۇپايە. بۇ بەزى گەپنى قىلساڭ بولمايدۇ دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى قىلمىسىمۇ بولىدىغان، ھاجىتى يوق گەپنى قىلما.بۇھەرگىزمۇ سەمىمىيەتسىزلىك ياكى ھېلىگەرلىك ئەمەس.

    ▲ دوستۇڭ ئۈچۈن ئاغىزىڭنى چىڭ تۇت.

    ▲ غەلبەڭنى كۆز- كۆز قىلما.

    ▲ ئىشخانىدا قۇرۇق گەپنى ئاز قىلساڭ، ئاۋارىچىلىكمۇ ئاز بولىدۇ. باشقىلارغا كىرىمىڭ، شىركىتىڭدىكى ئادەملەر ۋە ئىشلار، ئائىلە، مال-مۈلۈكۈڭ شۇنداقلا شەخسىي تۇرمۇشۇڭ ھەققىدە سۆزلىمە. ھازىرقى ئىدارەڭ بىلەن ئىلگىرىكى ئىدارەڭنى سېلىشتۇرۇپ سۆزلەپ يۈرمە. كىشىلىك غايەڭ ھەققىدە پو ئاتما، ئازابلىرىڭىنىمۇ تولۇق تۆكۈۋەتمە. كىشى بىلەن تەرگەشمە.

    ▲ ئۆزىنى ئۆزى كامالەتكە ئېرىشتۈرۈش- بۇ ياخشى مىجەز- خارەكتېرنى يېتىشتۈرۈشنى ئۆزىدىن باشلاش، ئۆزىنى- ئۆزى تاۋلاش ۋە چەكلەش، پەزىلىتىنى پەيدىن- پەي ئۆستۈرۈش دېمەكتۇر.

    ▲  خىزمەتنى ياخشى ئىشلەش ۋە بىرەر نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئۆزىنى ئۆزى تەربىيىلەشنى كۈچەيتىش، ئۆگىنىشنى توختىتىپ قويماسلىق كېرەك. ئۆز نەپسىدىن كېچىپ باشقىلارغا يول قويۇش ئاجايىپ قابىلىيەت، ئۇلۇغ ئەقىل ۋە تالانتنىڭ ئىپادىسىدۇر.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;