• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئالىيجاناپلىق ئەڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەت
  • ئالىيجاناپلىق ئەڭ گۈزەل ئەخلاقىي پەزىلەتلەرنىڭ بىرى. ئالىيجاناپ كىشىلەر ھەقىقىي ھۆرمەت ۋە ئىشەنچ تەختىگە تەۋە كىشىلەردۇر. شۇڭلاشقىمۇ ھاياتلىقتا ياشىغان ئىكەنمىز ئالىيجاناپلىق بىلەن ياشاش ئىنسانلارنىڭ ئەڭ مۇھىم بۇرچى ۋە ئارزۇسى بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن. ئۇنداقتا، ئالىيجاناپلىق نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بۇ سۇئالىمىزغا تۆۋەندىكى چۆچەكتىن ھەممىمىز بىرلىكتە جاۋاب ئىزدەپ باقايلى.

     بۇرۇن ناھايىتى باي بىر سودىگەر بولۇپ، ئۈچ ئوغلى بار ئىكەن. ئۇ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق دۇنياسىنى بۇ ئۈچ ئوغلىغا تەقسىملەپ بەرمەكچى بوپتۇ. ئەمما ئۇ بۇ ئىشتىن ئىلگىرى ئۈچ ئوغلىنى ئالدىغا چاقىرىپ ئۇلارنى جاھان كېزىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.

     سودىگەر بالىلىرى يولغا چىقىشتىن ئىلگىرى ئۇلارغا:

     - سىلەر بىر يىلدىن كېيىن قايتىپ كېلىپ، قىلغان ئەڭ ئالىيجاناب ئىشىڭلارنى ماڭا سۆزلەپ بېرىسىلەر. كىم ئەڭ ئالىيجاناب ئىش قىلغان بولسا، بارلىق بايلىق شۇنىڭغا نېسىپ بولىدۇ، مېنىڭ بايلىقنى بۆلۈپ تەقسىملىگۈم يوق، ئۇنىڭغا پەقەت بىرسىڭلارلا ئىگە بولالايسىلەر،- دەپتۇ.

     بىر يىل توشۇپ، ئۇلار قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، چوڭ ئوغۇل:

    - مەن سەپىرىمدە بىر ناتونۇش كىشىنى ئۇچراتتىم. ئەمما، ئۇ ماڭا ناھايىتى ئىشىنىپ بىر خالتا تىللاسىنى ساقلاشقا بەردى. كېيىن ئۇ بەختكە قارشى ئۆلۈپ كەتتى، مەن ئۇنىڭ تىللالىرىنىڭ بىرسىگىمۇ چېقىلماي، شۇ پېتىچە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرگە ئاپىرىپ بەردىم،- دەپتۇ.

    دادىسى:

    ـ ناھايىتى ياخشى قىپسەن، ئەمما سەمىمىيلىك سەندە بولۇشقا تېگىشلىك پەزىلەت، بۇنى ئالىيجانابلىق دېگىلى بولمايدۇ،- دەپتۇ. ئارقىدىنلا ئىككىنچى ئوغلى:

    - مەن بىر نامرات يېزىغا بارغانىدىم، كىيىملىرى جۇل- جۇل بىر تىلەمچىنى ئۇچراتتىم، ئۇ سۇغا چۈشۈپ كېتىۋېدى، مەن دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ ئۇنى قۇتقۇزۇۋالدىم،- دەپتۇ.

    دادىسى:

    ـ ناھايىتى ئوبدان قىپسەن، ئەمما ئادەم قۇتقۇزۇش سەندە بولۇشقا تېگىشلىك مەسئۇلىيەت، بۇنىمۇ ئالىيجانابلىق دېگىلى بولمايدۇ،- دەپتۇ.

    ئۈچىنچى ئوغلى ئارىسالدى بولغان ھالدا:

    - دادا ئەيىپكە بۇيرىماڭ مۇنداق بىر ئىشنى سىزگە دىيىشنى مۇۋاپىق كۆردۈم، بەلكىم خاتا قىلغاندىمەن دەپ گەپ باشلاپتۇ كەنجى ئوغۇل:

        مېنىڭ بىر دوستۇم بار بولۇپ، ھەسەتخورلۇق تۈپەيلى دائىم دىگۈدەك پۈتۈن ھىيلە- مىكىرلىرىنى ئىشلىتىپ، ماڭا زىيانكەشلىك قىلاتتى. بۇنى مەندىن باشقا ھىچكىم بىلمەيتتى. داۋاملىق ئۇنىڭ قارا قولىدا ئىشلىرىم ئوڭ - تەتۈر بولۇپ كېتەتتى. بۇ سەپىرىمنىڭ بىر كېچىسى، يالغۇز ئاتلىق يارنىڭ يېنىدا كېتىۋېتىپ، ئۇنىڭ يار لېۋىدىكى بىر دەرەخنىڭ ئاستىدا ئۇخلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم. دەرۋەقە ئۇنى ئاستا بىرنى تېپىپ قويساملا يارغا چۈشۈپ كېتەتتى. ئەمما، مەن ئۇنداق قىلماي، ئۇنى ئويغىتىپ، يولىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئېيتىپ كېتىپ قالدىم. بۇ ئەمەلىيەتتە ئەرزىگۈدەكقۇ ئىش ئەمەس... - دەپتۇ.

     بۇ گەپنى ئاڭلىغان سودىگەر ناھايىتى قەتئىيلىك بىلەن:

    - يارايسەن بالام، ساڭا يامانلىق قىلغان كىشىگە ياخشىلىق قىلىش ئالىيجانابلىق ھەم مۇقەددەس ئىشتۇر. بۇ ئىش ھەر قانداق ئادەمنىڭ قولىدىن كېلىۋەرمەيدۇ. ياخشى بالام، مانا بۇ ئىشنى سەن قىلالاپسەن. مەن سەندىن تولۇمۇ مىننەتدار بولدۇم، بايلىقلىرىمنى ساڭا قالدۇردۇم،- دەپتۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;