• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كىشىلىك ئالاقىدە قانداق ئادەملەرنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟
  • كىشىلىك ئالاقىدە قانداق ئادەملەرنىڭ ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟ ئادەتتە"قىلغاننى بىلىدىغان" يەنى مىننەتدار بولۇشنى بىلىدىغان ۋە مىننەتدارلىقىنى ئىپادىلىيەلەيدىغان ئادەم ئەڭ قارشى ئېلىنىدىغان ئادەم ھېسابلىنىدۇ. ئويلاپ كۆرۈڭ، سىز بىراۋغا خالىس ياردەم بەردىڭىز، سىزنىڭ بۇ خالىس ياردىمىڭىز مىننەتسىز پەزىلىتىڭىزنى ئەكس ئەتتۇرۇپ بېرىدۇ. سىز بۇ چاغدا قارشى تەرەپنىڭ ئەڭ ئەقەللىي «رەھمەت سىزگە، سىزنى ئاۋارە قىلدىم»دېگەن يېقىملىق بىر ئېغىز سۆزىنى ئاڭلىغىنىڭىزدا كۆڭلىڭىزدە قىلغان ياردىمىڭىزدىن ئالەمچە سۆيۈنىسىز. چۈنكى، ئۇ سىزدىن مىننەتدار بولدى ھەم مىننەتدارلىقىنى سەمىمىيلىك بىلەن ئىپادىلىيەلىدى. ئەلۋەتتە، كۈنلەرنىڭ بىرىدە سىزمۇ ياردەمگە مۇھتاج بولغاندا ئۇمۇ قاراپ تۇرماسلىقى مۇمكىن.

    ▲مىننەتدارلىق بىر تۈرلۈك پەزىلەت، شۇنداقلا سىزنى ئادىمىيىلىك سۈپىتىگە ئىگە قىلىدىغان مۇھىم شەرت. دوستۇم ئائىلىدە سىز مىننەتدارلىق ھېسياتىڭىزنى ئىپادىلەپ تۇرامسىز؟ ئانىڭىز سىزگە مەززىلىك تاماقلارنى ئېتىپ بەرگەندە سىز "بەك ئوخشاپتۇ"دەپ يېدىڭىزمۇ ياكى ئۈن-تىنسىز يەپلا تۇرۇپ كەتتىڭىزمۇ؟ ئايالىڭىز كىيىملىرىڭىزنى يۇيۇپ، دەزماللاپ ئېسىپ قويغاندا بىر ئېغىز"جاپا تارتتىڭىز"دىيەلىدىڭىزمۇ؟ يولدىشىڭىز ئىشتىن قايتقاچ كۆكتات، مېۋە-چىۋە ئالغاچ كەلگەندە رەھمەت ئېيتماقتا يوق "كۆزىڭىز يوقمۇ؟ياخشىراقىنى ئالسىڭىز بولمامدۇ"دەپ غۇدۇرىدىڭىزمۇ؟ خىزمەت ئورنىڭىزدا رەھبىرىڭىز سىزگە ۋەزىپە تاپشۇرسا قاقشاپ زارلاندىڭىزمۇ؟ ئوقۇش پۈتتۈرگەندە چىن يۈرىكىڭىزدىن ئوقۇتقۇچىڭىزغا "رەھمەت ئۇستاز"دەپ مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرەلىدىڭىزمۇ؟ تۇرمۇشىمىزدا بۇ نۇقتىلار قارىماققا تولىمۇ كىچىك ۋە ئاددىي ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما شۇ كىچىككىنە ئىش-ھەرىكەتكە ئېيتىلغان ئادەتتىكى مىننەتدارلىق سۆزلىرى كۆڭۈللەرنى سۆيۈندۈرۈپ، دىللارنى يايرىتىپ، مېھرى-مۇھەببەتنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

    ▲بىر ئادەم جەمئىيەتتە يەككە-يىگانە ياشىمايدۇ. ئۇ دۆلەت، مىللەت، جەمئىيەت ۋە ئائىلىدە، قىسقىسى كوللېكتىپقا تەۋە ھالدا ياشايدۇ. بىز تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە باشقىلارنىڭ ياردىمى، قوللاپ قۇۋۋەتلىشىگە ئېرىشىۋاتىمىز. ئاتا-ئانىنىڭ پەرۋىشى، ئوقۇتقۇچى، ئۇستازىنىڭ تەلىم-تەربىيىسى، دۆلەتنىڭ ھىمايىسى، دوست-يارەنلەرنىڭ ھەمدەملىكى، خىزمەتداشلارنىڭ ھەمكارلىقى بولمىسا، بىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىمىزدىن سۆز ئېچىش مۇمكىن ئەمەس.

    ▲ئەتراپىمىزغا قاراپ باقىدىغان بولساق، بەزى پەرزەنتلەر ئائىلىدە ئاتا-ئانىغا، خىزمەت ئورنىدا باشلىقىغا، جەمئىيەتتە دوستلىرىغا تايىنىپ، پارازىتتەك ياشاۋاتقىنىغا قارىماي قاچانلا قارىسا ئۇنىڭدىن قاقشاپ، بۇنىڭدىن نارازى بولۇپ، ھېچنىمىنى ياراتماي يۈرىدۇ. جەمئىيەتكە يىپ چاغلىق تۆھپە قوشمىغىنىغا باقماي داۋاملىق ئېرىشسەم، ئالساملا، دەيدۇ. شۈكۈر-قانائەت، مىننەتدارلىق، قايتۇرۇش دېگەنلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇش لۇغىتىدىن چىقىرىۋىتىلگەن. بۇلاردىن ئۇلارنىڭ قەلبىنىڭ قانچىلىك قاغجىراپ، مەنىۋىيىتىنىڭ قانچىلىك گاداي، ئۆزىنىڭ قانچىلىك بىچارە ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋېلىش ئانچە تەس ئەمەس.

    ▲ھەقىقىي مىننەتدارلىق خۇشامەت ۋە تەمەدىن خالىي، ئۇنىڭدا مەلۇم غەرەز، مۇددىئا كۆزلەنمەيدۇ بەلكى قەلبىدىكى ھەقىقىي سۆيۈنۈش ئىپادىلىنىپ چىقىدۇ. دوستۇم، ئىللىق تەبەسسۇمىڭىز ئارقىلىق مىننەتدارلىق بىلدۈرۈڭ، تەبەسسۇم باشقىلارغا قىلغان ئەڭ ئەرزان سوۋغات. ئەمەلىيەتتە مىننەتدارلىق بىر خىل ئۆزىگە ئىشىنىشتۇر. ئۇ بىزنىڭ كۆكسى-قارنىمىزنى كەڭرى تۇتۇشقا، قارشى تەرەپنى ئېتىراپ قىلىشقا جۈرئەت قىلالايدىغانلىقىمىزنى ئىپادىلەيدۇ، شۇنداقلا ئۆزىمىزنىڭ ساختا نىقابىمىزنى چۆرىۋەتكەنلىكىمىزنى، باشقىلارنىڭ بىزدىن قايىل ئىكەنلىكىنى، بىز ئېھتىياجلىق نەرسىنى بېرەلەيدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىنىمىزنى ئىپادىلەيدۇ.

    ▲دېمەك، مىننەتدارلىق ماھىيىتىدىن ئالغاندا ئېتىراپ قىلىش، مۇئەييەنلەشتۈرۈشتۇر. سىز مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ئارقىلىق باشقىلارنى ئېتىراپ قىلسىڭىز، مۇئەييەنلەشتۈرسىڭىز بولىدۇ. چۈنكى، كىشىلەرنىڭ ياردىمىگە ئېرىشكەندە ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش بۇ بىر ئەقەللىي ساۋات بولۇپلا قالماي شۇ كىشىنىڭ  ئادىمىيلىكىنى، ئەخلاقىي-پەزىلىتىنى ئىپادىلەيدىغان ئىش-ھەرىكەت ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ چاغدا باشقىلارمۇ سىزدىن مەمنۇن بولغان ھالدا سىزنى ئېتىراپ قىلىدۇ شۇنداقلا ئۆزىنىڭ سىزگە بەرگەن ياردىمىدىن سۆيۈنىدۇ..

    ▲دوستۇم، باشقىلارنىڭ مىننەتدارلىقىنى قوبۇل قىلىپلا قالماي، باشقىلارغىمۇ مىننەتدارلىقىڭىزنى بىلدۈرۈڭ! ئاتا-ئانا، قېرىنداشلىرىڭىزغا، خىزمەتداش، ساۋاقداشلىرىڭىزغا، دوستلىرىڭىزغا، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە، قولۇم-قوشنىلارغا ۋە رەھبىرىڭىزگە تەشەككۈر بىلدۈرۈشنى ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدىن چىقارماڭ، چۈنكى، سىز ئۇلارنىڭ قوللىشى بىلەن ئۆسۈپ چوڭ بولدىڭىز، پىششىپ-يېتىلدىڭىز! ئۇلارنىڭ ياردىمى، قوللىشى شۇنداقلا ئۇلارنىڭ مېھرى-مۇھەببىتى بىلەن تونۇلدىڭىز، ئېتىبارغا ئېلىندىڭىز. ئۇلارغا بار ئاۋازىڭىز بىلەن تەشەككۈر ئېيتىڭ. چۈنكى، بۇ تولىمۇ قىسقا ھايات مۇساپىمىزدە ئۇلار سىزنىڭ ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىدىن مىننەتدار بولغانلىقىڭىزنى بىلسۇن! شۇنداقلا ئۇلارمۇ سىز بىلەن تەڭ بۇ مىننەتدارلىقتىن سۆيۈنسۈن!



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;