• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قىزىقىشىڭىزنى بايقاڭ ۋە يېتىلدۈرۈڭ
  • ▲قىزىقىش ئىنساننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىدىكى ئۇل. ھەر كىمدە قىزىقىش، ھەۋەس - ئىستەك بولىدۇ ھەم شۇ قىزىقىشىدىن ھاياتىغا مەنە تاپىدۇ. شۇ قىزىقىش كۆپىنچە شۇ كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى بەلگىلەيدۇ. دىققەت قىلساق،«قىزىقىشىڭىز نېمە؟ قانداق ئارتۇقچىلىقىڭىز بار «دېگەن سوئاللارغا جاۋاب بەرگىنىمىزدە، كۆپىنچە قىزىقىشىمىز بىلەن ئارتۇقچىلىقىمىز بىردەك بولىدۇ. سىز نېمىگە قىزىقىسىز؟ بەزىلەر بۇنىڭغا ھە دېگەندە جاۋاب بېرەلمەيدۇ. قىزىقىشنىڭ توغرا نىشانغا يېتەكلىنىشى ۋە ئۇزاق مۇددەت تەربىيەلىنىشى شۇ كىشىنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە ئۆمۈرلۈك دەستىكىگە ئايلىنىشى مۇمكىن. قىزىقىشنىڭ يۆتكىلىپ، ئۆزگىرىپ، سۇسلىشىپ يوقاپ كېتىشى ياكى كۈچىيىپ غايە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلۈشىمۇ مۇمكىن. بۇ ھەركىمنىڭ بۇنىڭغا قانداق قارىشىغا باغلىق.

    ▲يېقىندا  بىر  سىتۇدېنت ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىسىغا خەت يېزىپ، ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىدىكى مەنىسىزلىك ۋە بېسىمدىن قاقشاپ «مۇئەللىم: ئەسلىي مەن خىمىيە دەرسىگە قىزىقمايتتىم، لېكىن ئامالسىز خىمىيە كەسپىدە ئوقۇۋاتىمەن. ھازىر ئۆزۈمنىڭ نېمىنى ياخشى كۆرىدىغىنىمنى، قانداق ئارتۇقچىلىقىم بارلىقىنى، ئۆزۈمنىڭ زادى نېمە قىلىشقا بەكرەك ماس كېلىدىغانلىقىمنىمۇ بىلەلمىدىم. قىزىقىش بەك مۇھىمكەن، قىزىقىش بولسا قىزغىنلىق بولىدىكەن، قىزغىنلىق بولسا ئۆگىنىدىكەنمىز، نەتىجىمىز ياخشى چىقسا تېخىمۇ بەكرەك تىرىشقىمىز كېلىدىكەن» دەپتۇ. ئالدىنقى يىلى قىشتا تىل تەربىيەلەش كۇرسى ئاچىدىغان بىر دوستۇمنىڭ تەكلىپى بىلەن «ئۆگىنىش ۋە غايە» ھەققىدە سۆھبەتلەشكىنىم ئېسىمگە كەلدى. سۆھبەت ئاخىرلاشقاندا 100دىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى سىنىدۇق. يەنى، ئۇلارنىڭ قىزىقىشى، ھازىر ئوقۇۋاتقان كەسپى، كەلگۈسىدىكى غايىسىنى بىلمەكچى بولدۇق. ئەپسۇسكى، بۇ ياشلارنىڭ %80تىن كۆپرەكىنىڭ قىزىقىشى بىلەن ئوقۇغان كەسپى ئوخشىمايدىكەن. بۇ مېنى ئويلاندۇردى ۋە ئېچىندۇردى. ئېچىندۇرغان مەسىلە شۇكى، بۇ بالىلارنىڭ نىشانى، غايىسى، قىلىۋاتقان ئىشى ھەرگىزمۇ بىر نۇقتىدا ئۇچرىشالماپتۇ ھەم بۇلار بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىشنى ئويلاپمۇ قويماپتۇ.

    ▲قىزىقىشنىڭ ئېنىق بولماسلىقى ياشلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت يولىدىكى قەدىمىنى مەزمۇت قىلارمۇ؟ شۇڭا زامانداشلىرىمغا تەۋسىيەمىز شۇكى، نېمىگە، قانداق ئىشقا قىزىقىدىغانلىقىڭىزنى ئوبدان بايقاڭ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى قىزىقىشىڭىز ئېنىق بولغاندىلا، شۇ ئىشقا نىسبەتەن ئوتتەك مۇھەببەت ۋە جەڭگىۋارلىق بولىدۇ. ئەمما، شۇنىڭغا دىققەت قىلىڭكى، ھەرگىزمۇ قىزىقىشىڭىز بىلەن خام خىيالنى ئارىلاشتۇرۇۋەتمەڭ. ئادەم ئارزۇ - ھەۋەسلەرگە باي كېلىدۇ. نۇرغۇن ئىشنى قىلغۇسى، نۇرغۇن خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغۇسى كېلىدۇ. لېكىن بۇ قىزىقىشقا تەڭداش ئەمەس. قىزىقىشىڭىزنى تەربىيەلەڭ. بەزىلەر بىر ئىشنى ئەمدىلا باشلاپ تېخى نەتىجە قازانماي تۇرۇپلا، قىلىۋاتقان ئىشلىرىدىن ئاسانلا ۋاز كېچىپ باشقا ئىشقا تۇتۇش قىلىدۇ. خۇددى »مايمۇننىڭ تاغدىن چۈشۈشى« گە ئوخشاش توغاچنى كۆرۈپ شاپتۇلنى، كۆممىقوناقنى كۆرۈپ توغاچنى، تاۋۇزنى كۆرۈپ كۆممىقوناقنى، توشقاننى كۆرۈپ تاۋۇزنى تاشلاپ ئاقىۋەتتە ھېچ نەرسىگە ئېرىشەلمەيدۇ. شۇڭا، قىزىقىشىڭىزنى بايقاڭ ھەم ئۇنى تەربىيەلەشكە، ئۇزاق مۇددەت داۋاملاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىڭ. شۇندىلا مۇۋەپپەقىيەت يولى سىزگە داغدام ئېچىلىدۇ.

    ▲ئەگەر سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز بىلەن قىلىۋاتقان ئىشىڭىز بىردەك بولمىسا، قىزىقىشنى يېتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىڭ. ئىشىنىڭكى، قىزىقىشنى يېتىلدۈرگىلى ۋە كۈچەيتكىلى بولىدۇ. زادى قانداق قىلغاندا قىزىقىشنى يېتىلدۈرگىلى بولىدۇ؟ ئاۋۋال شۇ ئىشقا بولغان چۈشەنچىڭىزنى، ئۇنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان تونۇشىڭىزنى شەكىللەندۈرۈڭ. شۇندىلا بۇ ئىشنى قىلىشتىكى مەقسىتىڭىز ئايدىڭ بولىدۇ. شۈبھىسىزكى، قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇق كىشىدە شۇ ئىشقا نىسبەتەن مۇھەببەتنى شەكىللەندۈرىدۇ. بۇ قىزغىنلىقنى پەيدا قىلىدۇ. قىزغىنلىق ھەر قانداق بىر ئىشنىڭ نەتىجىلىك بولۇشىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئەمما «قىزىقمايمەن» دەپلا قىلىۋاتقان ئىشىدىن ۋاز كېچىش يەنە يېڭى شەيئىگە قىزىقىش، ئاندىن زېرىكىش تەكرارلانما مەغلۇبىيەتنى، ئاخىرىدا تۇترۇقسىز ئادەتنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. سىز زادى نېمىگە قىزىقىسىز، ئۇنى بايقاڭ. بايقىغاندىن كېيىن قىزىقىشىڭىزنى تەربىيەلەشكە ئەھمىيەت بېرىڭ، ئۇنى ئۇزاق مۇددەت ساقلاشقا، ھەتتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ئاساسلىق كوزىرغا ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىڭ.

    ئاينۇر دولقۇن


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;