• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بەخت تۇيغۇسى
  • سىز ئۆزىڭىزنىڭ كەيپىياتىغا دىققەت قىلىپ باقتىڭىزمۇ-يوق؟ روھىڭىز كۆتۈرۈلگەندە تۇرمۇشىڭىز ناھايىتى گۈزەلدەك تۇيۇلىدۇ. ئىستىقبالىڭىزنىڭ پارلاقلىقىنى، كۈنلىرىڭىزنىڭ قۇياش نۇرىغا چۆمگەنلىكىنى، ھەر قانداق ئىشنىڭ ئۇنچىۋالا  تەس بولمايدىغانلىقىنى، ھەر خىل مەسىلىلەرنى ئاسانلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى، كىشىلەر بىلەن بولغان ئېلىم-بېرىمىڭىزنىڭ ئازادە ۋە خۇشال-خورام بولۇۋاتقانلىقىنى، قىيىنچلىقتا قالغاندا، بىمالال ئوتتۇرىغا چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھەمدە ئۇنىڭدىن بۆسۈپ ئۆتۈش ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىسىنى تېپىپ چىقالايدىغانلىقىڭىزنى ھېس قىلالايسىز.

    ئەكسىچە كەيپىياتىڭىز چۈشكۈن بولغاندا، تۇرمۇش گويا ئادەم بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان دەرىجىدە ئاچچىق ۋە شەپقەتسىزدەك تۇيۇلىدۇ. ئىستىقبالىڭىزنىڭ غۇۋالىقىنى ھېس قىلىسىز. ھەمدە ئەتراپتىكى ئادەم ۋە ئىشلارغا سۇبيېكتىپ ھېسسىياتىڭىز، ھەتتا خاتا نەزىرىڭىز بىلەن قارايسىز. ھەمىشە ئۇلارنىڭ بىر خىل رەزىل مۇددىئاسى باردەك ھېسسىياتتا بولىسىز. بۇ چاغدا سىزنى ناچار روھىي كەيپىياتىڭىز قايمۇقتۇرغان بولىدۇ.

    بەزىلەر ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تازا تونۇپ يېتەلمەي، روھىي كەيپىياتنىڭ ھۆكۈمىرانلىقىدا بولىدۇ. ناچار روھىي كەيپىيات غايەت زور بېسىمدىن كېلىدۇ. ئېھتىمال ئەتىگەندە روھىي كەيپىياتىڭىز ناھايىتى ياخشى بولغان بولسا، ئايالىڭىز ياكى يولدىشىڭىزنى ياخشى كۆرىسىز، كۈڭۈلدىكىدەك خىزمىتىڭىزنىڭ بارلىقىدىن خۇرسەن ھەمدە ئۆزىڭىزنىڭ ئاددىيغىنە پىكاپىڭىزدىن مەمنۇن بولغان بولىسىز، كەلگۈسىڭىزگە ئۈمىد بىلەن قارايسىز.

    تۇرمۇش دېگەن ھەرگىزمۇ كەيپىياتىڭىز ناچار چاغدا قارىغىنىڭىزدەك ئادەمنى ئۇنچىۋالا ئۈمىدسىزلەندۈرىۋەتمەيدۇ. سىز ئۆزىڭىزنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتىڭىزنى ھەر ۋاقىت تەتقىق قىلىپ، ناچار ئەھۋالىڭىزغا دىياگونوز قويۇپ تۇرۇشىڭىز، ئۇنى ئۆز مەيلىگە قويۇپ بەرمەسلىكىڭىز كېرەك. كەلسە-كەلمەس ئاچچىقلانماڭ، ئادەمنىڭ روھىنى چۈشۈرىدىغان گەپ-سۆزلەرنى قىلماڭ. ئىنچىكە ئويلاپ باقسىڭىز، روھىي كەيپىياتىڭىز ياخشى بولمىغاچقا، مەيۈسلىنىسىز.

    مۇنداق بىر ھېكايە بار ئىكەن. سىزگە سۆزلەپ بېرەي، ئازدۇر-كۆپتۇر ئىلھامى بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

    گۈل ساتىدىغان بىر موماي بار ئىكەن، ئۇنىڭ كىيىملىرى خېلىلا كونا، تېنىمۇ بەك ئاجىز، لېكىن چىرايىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرىدىكەن. بىر خېرىدار ئۇنىڭدىن:«بەك خۇشال كۆرىنىسىزغۇ»دەپ سورىغانىكەن. ئۇ:«ھەممە نەرسە شۇنداق گۈزەل تۇرسا، نېمىشقىمۇ خۇشال بولماي» دەپتۇ، خېرىدار يەنە ئۇنىڭغا:«قاتتىقچىلىققا خويمۇ چىداشلىك ئىكەنسىز» دەپتىكەن، ئۇ:«ئاينىڭ 15ى يورۇق، 15ى قاراڭغۇ بولغاندەك، بەختسىز كۈنلەرنىڭ كەيندىن بەختنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. ئانچىكى قىيىنچىلىقلار ئۈچۈن ئۆزىنى تۈگەشتۈرىۋېلىشنىڭ ھاجىتى نېمە»دەيدۇ.

    دېمەك،«بۇ ئىشلارمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ»دەپ دائىم ئويلاپ تۇرسىڭىز، ئۇ راستىنلا سىزنى قىينىمايدىغان بولىدۇ، كەيپىياتىڭىز ياخشى بولغاندا تۇرمۇشقا رەھمەت-ھەشقاللا ئېيتىڭ. كەيپىياتىڭىز ئوسالراق بولغاندا، ئۆزىڭىزنى سالماق، ئادەتتىكىدەك تۇتۇڭ. تۇرمۇشنى ھەقىقىي چۈشەنگەندىن كېيىن سەگەك ھۆكۈم چىقىرالايدىغان بولىسىز


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;