• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئۆزىڭىزنى ھۆرمەتلەشنى بىلەمسىز؟
  • بىر كۈنى مەلۇم مەكتەپنىڭ چەت ئەللىك ئوقۇتقچىسى ئۈرۈمچىدىكى  «كونسۇل» كوچىسىدىكى بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئولتۇرۇشىغا بىر نەچچە باش  ھەدەپ ئۇنى سۆرەتكە تەرتىشقا باشلاپتۇ. چەت ئەللىك ئۇلارنىڭ ئىما ـئىشارەت قىلىپ كۈلۈشىدىن، سۈرەتكە تارتىشىدىن بىزار بولغان ھالدا تامىقىنى يىيىشكە باشلاپتۇ. بىراق ھېلىقىلار توختاپ قالماپتۇ . خاتىرجەم غىزالىنالمىغان ئۇ چەت ئەللىك خىزمەتدىشىدىن «ئۇلار ئۆزىنى ھۆرمەتلەشنى بىلەمدۇـ بىلمەمدۇ» دەپ سوراپتۇ ۋە گېپىنى داۋاملاشتۇرۇپ: «ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەن كىشى باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلىدۇ. ئۇلار رۇخسىتىمىسىز مېنى سۆرەتكە تارتتى. ئەگەر مېنى سۈرەتكە تارتقىسى بولسا مەن غىزالىنىىپ بولغاندىن كېيىن «كەچۈرۈڭ، سىزنى سۈرەتكە تارتىۋالساق بولامدۇ»دەپ سورىسا مەن جان -دىلىم بىلەن رازىلىق بىلدۈرگەن بولاتتىم. بۇ ئۇلارنىڭ نىمە قىلغىنى؟ مەن يا داڭلىق شەخخس ، يا بولمىسا غەلىتە مەخلۇق بولمىسام، بۇ ئەخلاقسىزلىققۇ؟ »دەپتۇ. قارا تەنلىك ئوقۇتقۇچىنىڭ خىزمەتدىشى بولغان قوشناملنىڭ قىزى ئۇنىڭغا نىمە دىيىشنى نىمە دەپ تەسەللى بېرىشنى بېرىشنى بىلمەي يەرگە كىرىپ كەتكۈدەك بولۇپ كېتىپتۇ.

    ئاپا، دەپتۇ قوشناملىنىڭ قىزى ـ مەن چەتئەلدە ئالتە يىل ئوقۇش جەريانىدا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى بەك ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ، شۇڭلاشقا باشقىلارنىمۇ ئۆزىدەك ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرۈپ ھىس قىلغانىدىم. ۋەتەنگە قايتىپ كېلىپ، نۇرغۇن ئىشلارنى بىلىدىم ۋە كۆردۈم. دىمىسىمۇ ئۇ چەت ئەللىك ئوقۇتقۇچى يا ئالاھىدە شەخىس بولمىسا ياكى ياۋايى ئادەم بولمىسا، نىمىشقا ئۇنى سۈرەتكە تارتىپ ئابدۇريىنى تۆكىدۇ؟ بۇ قىلىقى ئۆزلىرى بىلەنلا كەتمەي، مىللىتنىڭ يۈزىگە داغ كەلتۈرىدىغۇ؟ نومۇستىن ئۆلەي دىدىم .... قوشنام قىزىنىڭ دېگەنلىرىنى ماڭا سۆزلەپ بېرىۋېتىپ، بەك قايناپ كەتتى.

    قوشنامنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ ئۆزۈمنىڭ چەت ئەللدە كۆرگەنلىرىم ئېسىمگە كەچتى. 2002-يىلى فېۋرالدا ئاۋسترالىيەگە ساياھەتكە باردىم. بىز ساياھەت ئۆمىكى بىلەن مىلبورىن شەھىرگە باردۇق. ئوۇنلاشتۇرۇش بويىچە شۇ جايدىكى خاتىرە سارىيىغا كېلىشىمىزگە خاتىرە سارىيى ئالدىدا بەزىلىرى يەردە يېتىۋېلىپ، بەزىلىرى ئولتۇرۇپ بىر نەرسە يېزىۋاتقان 7-8 ياشلاردىكى بالىلارغا كۆزۈم چۈشتى.

    تەرجىماندىن « ئۇلارنى سۆرەتكە تارتىۋالسام بولامدۇ؟ ـ دەپ سورىدىم،.

    ــ ياق تارتماڭ ئالدى بىلەن مۇئەللىمدىن سورايلى ، ـدىدى، تەرجىمان بىلەن مۇئەللىمنىڭ يېنىغا باردۇق.

    ـ بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسىدىن سوراڭلار ئۇلار ئاۋۇ يەردە .... گەپنى ئاڭلاپ سۈرەتكە تارتىشتىن يالتايغانىدىم. بىز شۇ چەتئەللىكلەرگە ئوخشاشلا ئادەمغۇ» «بىرنىڭ كاساپىتى مىڭغا» دېگەندەك شۇ ئۈچ قېرىندىشىمنىڭ قىلغان ئەدەپسىزلىكى «سىلەر »دەپ ھەممىمىزگە داغ كەلتۈردى ئەمەسمۇ؟ شۇ چەت ئەللىك ئوقۇيقۇچى يۇرتىغا قايتقاندىن كېيىن شۇ جايدىكىلەر بىزنى «قانداقكەن  »دەپ سورىسا ئۇ نىمە دەپ جاۋاپ بېرەر ۋە بىزنى نىمە دەپ تەرىپلەپ كېتەر؟ بۇرۇندىن بار بولغان ئەدەپ -قائىدىمىزنى تېپىۋالايلى، ئۆزىنىمىزنى ھۆرمەتلەيلى، شۇ ئاساستا باشقىلارنىمۇ ھۆرمەتلەيلى.

    ئامىنە ئابدۇرىشىت


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;