• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كۆڭۈللۈك خىزمەت قىلىشنىڭ ئۇسۇلى
  • * ئىمكانقەدەر ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان، پۈتۈن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن بېرىلىپ ئىشلەشكە كۆزىڭىز يېتىدىغان خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىڭ.


    * ئەگەر خىزمىتىڭىز كۈن بويى ئۈستەلدىن قوزغالماي ئىشلەشنى تەلەپ قىلىدىغان خىزمەت بولسا، ئىشخانا ئىچىدە ئانچە-مۇنچە ھەركەت قىلىپ تۇرۇڭ. ئەگەر بىر ئىش توغرۇلۇق خىزمەتدىشىڭىزدىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز، ئۇنىڭ قېشىغا بېرىپ، مەسلىھەت سوراڭ، ھەرگىز تېلېفۇن ئارقىلىق ئىش بېجىرمەڭ؛ ئىشخانىڭىزغا لىفىت بىلەن چىقماي، پەلەمپەيدىن مېڭىپ چىقىڭ؛ ئىشتىن چۈشكەندە خېلى بىر يەرگىچە مېڭىپ، ئاندىن ئاپتوبۇسقا چىقىڭ.


    * شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى قايناق بازاردىن يىراق تۇرۇڭ، ئامال بار شەھەر سىرتىغا چىقىپ، ساپ ھاۋادىن نەپەسلىنىپ، كاللىڭىزنى ئارام ئالدۇرۇڭ. ئەگەر ئۆيدە دەم ئالماقچى بولسىڭىز، ئۇزۇندىن بېرى ئوقۇشقا ۋاقىت چىقىرالمىغان كىتابلىرىڭىزنى كۆرۈڭ، مۇزىكا ئاڭلاڭ ياكى ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن سىرتقا چىقىپ غىزالىنىڭ، كىنو كۆرۈڭ ياكى كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان ئەل-ئاغىنىلىرىڭىز بىلەن مۇڭدىشىپ كېلىڭ.

    * ئىشتىن چۈشكەندىن كېيىن ئۆزىڭىزنى يولۇق ئارام ئالدۇرۇڭ، مۇشۇنداق قىلسىڭىزلا جىسمانى كۈچىڭىز ئەسلىگە كېلىپ، ئەتىسىدىكى خىزمەتلەرنى روھلۇق ئىشلىيەلەيسىز. ئۇخلاشتىن ئاۋۋال كىتاب كۆرۈڭ ياكى لەرزان مۇزىكىلارنى ئاڭلاڭ، بىر ئىستاكان سۈت ئىچىڭ، شۇنداق قىلسىڭىز ياخشى ئۇخلايسىز.

    * ئۆزىڭىزنىڭ ئىقتىدارىغا ئىشىنىڭ، سىز قىلالمايدىغان ھېچقانداق ئىش يوق.

    * خىزمەتداشلىرىڭىزغا مۇئامىلە قىلغاندا، ئۈچ پرىنسىپنى ئېسىڭىزدە چىڭ ساقلاڭ: ئۇلارنى ئەيىبلىمەڭ، ئۇلاردىن ئاغرىنماڭ، ئۇلارغا ئاچچىقلانماڭ.

    * ئۆزىڭىز بىلمەيدىغان ئىشلار توغرۇلۇق قارىغۇلارچە مۇنازىرە قىلماڭ، سىز دائىم يۈزەكى ئىشلارنى كۆرگەن بولۇشىڭىز مۇمكىن .

    * تۇرمۇشتا خوشال-خورام ئۆتۈڭ .

    * زەن قويۇپ ئاڭلاشقا ئادەتلىنىڭ، باشقىلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش جەريانىدا كۆپ پايدىغا ئېرىشىسىز.

    * بىلمىگەننى باشقىلاردىن سوراشقا ئادەتلىنىڭ، چۈنكى سىزنىڭ بىلىدىغانلىرىڭىز چەكلىك بولىدۇ.

    * مەڭگۈ ئۈمىدۋار بولۇڭ، ئالدىڭىزدا توسۇق يوق، بىر ئىشىك ئېتىك بولغىنى بىلەن يەنە بىر ئىشىك داغدام ئېچىلغان بولىدۇ.




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;