• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بىز نېمە ئۈچۈن سەمىمىيلىككە شۇنچە مۇھتاج
  • خۇددى ھەممىگە ئايان بولغىنىدەك، سەمىمىيلىك ئىنتايىن گۈزەل ئەخلاقى پەزىلەت بۇلۇپ، ئۇ بارلىق گۈزەللىكنىڭ ئۇل تېشى. سەمىمىيلىك ئەنە شۇنداق مەرتىۋىسى بىلەن ئۆزىگە ھەمرا بولغان كىشىنى يۇقىرى ئابرويغا ئىگە قىلىدۇ. سەمىمىيلىكنى ئۆزىگە ھەمرا قىلماي تۇرۇپ بەخت - سائادەتكە، تۇرمۇشتىكى كۆزلىگەن مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. سەمىمىيەتسىز كىشىنىڭ قىلغان ھەرقانداق ئىشى ھامان ئىلگىرى باسمىغاننىڭ ئۈستىگە باشقىلارنىڭ نەزەرىدىن ئاسانلا چۈشۈپ قالىدۇ. نەچچە يىلللار ئىلگىرى تېلېۋىزوردا بىرىلگەن بىر ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانىدا مۇنداق دىيالۇگ بار.    

    - يىگىت، ئاپىلسىنىڭىز تاتلىقمۇ ياكى ئاچچىق - چۈچۈكمۇ؟

    - ئاپىلسىنىم تاتلىق.

    - ئاپلا ئاپىلسىنىڭىز ئاچچىق - چۈچۈك بولغان بولسا ئالاتتىم.

    - بوۋا ئاپىلسىنىم ئەسلى ئاچچىق - چۈچۈكتى، مەن شۇنداقلا دەپ قويغان.

    - سىزدەك سەمىمىيەتسىز ئادەمدىن قانداقمۇ نەرسە - كېرەك سېتىۋالغىلى بولسۇن.

    بوۋاي شۇنداق دېگنىچە ئۇ يىگىتنىڭ ئالدىدىن كىتىپ قالىدۇ، يىگىت سەمىمىيەتسىلىكى تۈپەيلى، بوۋاينىڭ نەزىرىدىن چۈشۈپ، ئىشەنچىسىدىن قالىدۇ، سودىسىنىمۇ يۈرۈشتۈرەلمەيدۇ.

    ئۇنداقتا كىشىلەردىكى سەمىمىيلىك قانداق شەكىللىنىدۇ؟

    سەمىمىيلىك شۇ كىشىنىڭ ئۈسۈپ يىتىلىشى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان بۇلۇپ، ئۇ شۇ كىشىنىڭ توغرا گۈزەللىك قارىشى ئاستىدا، ئۆزىگە قاتتىق تەلەپ قۇيۇش، دۇرۇس ئادەم بۇلۇش يۇلىدىكى تەۋرەنمەس تىرىشچانلىقى بىلەن  ھاسىل بۇلىدۇ.

    نۆۋەتتە جەمئىيەت توختىماستىن ئالغا قاراپ ئىلگىرلەۋاتىدۇ، ئۇچۇرنىڭ تارقىلىشى شىددەت بىلەن تېزلىشىپ كەتتى، كىشىلەرنىڭ كۆزى، قۇلىقى ئىلگىرى پەقەتلا كۈرۈپ ئاڭلاپ باقمىغان يېڭىدىن - يېڭى شەيئى - ھادىسلەر بىلەن قۇيۇق ئۇچىراشماقتا، تەرەققىيات، مەدەنىيەت، تىل ئالاقە ئىشلىرى كەسكىن رىقابەت ئىچىدە تۇرىۋاتىدۇ. ئىلغار مەدەنىيەتنى قۇبۇل قىلىش، توختىماي ئالغا ئىلگىرلەش، ھەتتا باشقىلاردىن ئېشىپ كىتىش كىشىلەرنىڭ ئومۇمىي نىشان بۇلۇپ قالدى.

    مانا مۇشۇنداق پەۋقۇلادە شارائىتتىمۇ گۈزەل ئەخلاقنىڭ نامايەندىسى بولغان سەمىمىيلىكنىڭ كۇرسى چۈشمەستىن بەلكى تېخىمۇ ئۈسىۋاتىدۇ، ئەتراپىمىزدىكى بىزگە تەسىر كۆرسىتىۋاتقان، بىزنىڭ ئۈگۈنۈش ئۈلگىمىز بولغان، بىزگە غايىۋى كۈچ بىرىۋاتقان خېلى كۆپ سەمىمىي كىشىلىرىمىز بۇنىڭ مىسالى.

    ھازىر مەيلى لايىق تاللاش، باشقۇرغۇچى تاللاش، خىزمەتچى تاللاش مەيلى ئىلغار سايلاشلار بولسۇن ھەممىلا ئىشتا شۇ كىشىنىڭ سەمىمىيلىكىگە قۇيىلىۋاتقان تەلەپ يەنىلا يۇقىرى. سەمىمىيەتسىز كىشى قانداقلا ئىش بولسۇن پۈتۈن ھۇجۇدىنى بىرەلمەيلا قالماستىن، ئۇنىڭ تۈرلۈك ھىيلە - نەيرەڭلىرى تۈرلۈك ئىشلارغا زىيان سېلىشى مۇمكىن.

    ماددى بايلىقنىڭ مۇھىم بۇلۇشى، تۇرمۇش رېتىمنىڭ تېز بۇلۇشى، ۋاقىتلىق قىيىنچىلىق، ماددى مەنپەئەتنىڭ قىزىقتۇرىشى قاتارلىقلار بىزدىكى سەمىمىيلىكنىڭ سۈسلىشىپ كىتىشىگە ھەرگىز  باھانە بولالمايدۇ.

    سەمىمىيلىك بىزدىكى زور مەنىۋى بايلىق بۇلۇش سۈپىتى بىلەن تۇرلۇك غايە مەنزىلىرىمىزگە يىتىشىمىزدىكى قىممەتلىك ئەڭگۈشتىرىمىزدۇر، ھەربىرىمىز بۇ بىباھا ئەڭگۈشتىرىمىزنى ئوبدان قەدىرلەپ ساقلاپ كىشىلىك ھاياتىمىزنى قەدىر -  قىممەتكە ئىگە قىلايلى، سەمىمىيلىك ھەممىمىزگە كۈندە ھەمرا بولسۇن، چۈنكى ھەمىمىز سەمىمىيلىككە شۇنچە مۇھتاج.

    تۇرسۇنجان ئابدۇرېھىم


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;