• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • باشقىلارغا ياردەم بەرگەنلىك - ئۆزىگە ياردەم بەرگەنلىك
  • كىشىلىك ھاياتتا باشقىلارنىڭ ھەر قانداق ياردىمىگە موھتاج بولمايدىغان ھەم باشقىلارغا پەقەت ياردەم قىلىپ باقمىغان ئادەمنى ئۇچرىتىش مۇمكىن ئەمەس. ئەل ئارىسىدا ‹‹دۇنيادا ھەر قانداق بىر نەرسىگە قارشى تۇرغىلى بولىدۇ، لېكىن ياخشىلىققا، باشقىلارغا چىن كۆڭلىدىن قىلىنغان ياردەمگە قارشى تۇرغىلى بولمايدۇ›› دېگەن ھېكمەت بار. بۇ بىزنى ھەر ۋاقىت دۇنياغا ياخشىلىق، سەمىمىيلىك ئۇرۇقلىرىنى چېچىشىمىزنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ. شوتلاندېيەلىك بىر دېھقان ئېتىزدا ئىشلەۋاتسا، يېقىنلا يەردىكى بىر سازلىقتا بىرىنىڭ توۋلىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپتۇ. دېھقان بېرىپ قارىسا، بىر بالا سازلىققا چۈشۈپ كەتكەنىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇ بالىنى قۇتقۇزۇۋاپتۇ. نەچچە كۈندىن كېيىن بالىنىڭ ئاتا - ئانىسى دېھقاننىڭ ئۆيىگە كېلىپ بالىسىنى قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىپ كۆڭلىنى بىلدۈرمەكچى بوپتۇ. دېھقان: -بالىنى قۇتقۇزۇۋالغىنىم ئۈچۈن سىلەردىن ھەق ئالسام بولمايدۇ؟ - دەپتۇ. -ئەمسە ئوغلىڭىزنى قېشىمغا ئېلىپ بېرىپ ئوقۇتاي، جەزمەن سىز پەخىرلەنگۈدەك ئادەم قىلىپ تەربىيەلەپ چىقىشقا كاپالەت بېرىمەن، -دەپتۇ مۆتىۋەر. دېھقان تۇرۇپ كېتىپ ماقۇل بوپتۇ. كېيىن سان مارىئا تېببىي ئىنستىتۇتىنى پۈتكۈزۈپ، دۇنياغا داڭلىق دوختۇرغا ئايلانغان ھەم پېنسىلىننى ئىجاد قىلغان كېنەز فېلىمىك ئالىكساندىر دەل مۇشۇ دېھقاننىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇ 1944 - يىلى كېنەزلىك ئۇنۋانىغا ۋە نوبېل مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. كېيىنكى يىللاردا ھېلىقى مۆتىۋەرنىڭ سازلىققا چۈشۈپ كەتكەن ئوغلى ئۆپكە ياللۇغىغا گىرىپتار بولغاندا، ئۇنى دەل پېنسىلىن ئوكۇلى قۇتۇلدۇردى. ھېلىقى مۆتىۋەر بولسا يۇقىرى پارلامېنت ئەزاسى، كېنەز، ئەنگلىيە سىياسىيونى چېرچىل ئىدى. ئارىمىزدا باشقلار ماڭا ياردەم قىلسا، مەنمۇ ياردەم قىلىمەن، ياردەم قىلمىسا، مەنمۇ ياردەم قىلمايمەن دېگەن قاراشتىكىلەر يوق ئەمەس. بۇنداق كىشىلەرنىڭ دۇنيا قارىشى ئۆتۈپ كەتكەن شەخسىيەتچىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس. يەنە بەزىلەر مېنىڭ ئەھۋالىممۇ چاغلىق دەپ قارىشى مۇمكىن. بۇ يەردىكى گەپ ياردەمنىڭ چوڭ - كىچىكلىكى، ماددىي ياكى مەنىۋى جەھەتلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. ئەگەر ماددىي جەھەتتە ياردەم قىلالمىسىڭىز، بىرەر ئېغىز تاتلىق گەپ،ئىللىق چىراي بولسىلا كۇپايە. بەزىدە ھەتتا مەنىۋى ياردەمنىڭ قۇدرىتى ماددىي ياردەمدىن ئېشىپ كېتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. گەپ بىزنىڭ شۇنداق قىلىشنى خالاش - خالىماسلىقىمىزدا. پىسخولوگىيەدە ئىسپاتلىنىشىچە، باشقىلارغا چىن كۆڭلىدىن ياردەم بېرىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان كىشىلەرنىڭ كەيپىياتى كۆتۈرەڭگۈ، تۇرمۇشتا ئۈمىدۋار، روھى جەھەتتە ساغلام كېلىدىكەن. ئەكسىچە ‹‹باشقىلاربىلەن نېمە كارىم؟ ئادەم ئالدى بىلەن ئۆزىنى ئويلىمىسا يەر يۈتىدۇ›› دېگەن قاراشتىكىلەرنىڭ كەيپىياتى تۇراقسىز، تۇرمۇشتا چۈشكۈن، روھى جەھەتتىن بىنورمال بولىدىكەن. شۇنى ئەسكەرتىش زۆرۈركى، باشقىلارغا ياردەم قىلىش ھەرگىزمۇ باشقىلاردىن دەرھال مەنپەئەت كۆرۈش خاراكتېرىدىكى خۇشامەت، ساختا تەكەللۇپ ۋە يالغانچىلىققا تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. ئەگەر شۇنداق بولىدىكەن باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىڭ خاراكتېرى ئۆزگىرىپ كېتىدۇ، غەرەزلىك قىلىنغان ياردەم ئەمەلىيەتتە ئادەمنى تەسىرلەندۈرەلمەيدۇ. پەقەت چىن كۆڭلىدىن قىلىنغان سەمىمىي ياردەملا ئادەمنى تەسىرلەندۈرىدۇ، ئويلاندۇرىدۇ ۋە ھەر قانداق كىشىدە باشقىلارغا ياردەم قىلىش ئىدىيەسىنى ئويغىتىدۇ. دېمەك تۇرمۇشتا باشقىلارغا ياردەم قىلغانلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىگە ياردەم قىلغانلىق، باشقىلارغا بېرىلگەن ياردەم ئۆزىڭىزگە سېلىنغان روھى جەھەتتىكى مەبلەغدۇر. شۇڭا ھاياتىمىزدا قايسى جەھەتلەردىن بولسۇن، باشقىلارغا سەمىمىي ياردەم قىلىشنى، ئۇلارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇمدىن تەڭ ھۇزۇرلىنىشنى ھەقىقىي بەخت دەپ قارىيالىساق، دۇنيا تېخىمۇ گۈزەل، ئادەملەر تېخىمۇ ئىناق ۋە ھاياتىمىز تېخىمۇ ئەھمىيەتلىك ئۆتكەن بولىدۇ.


    ئابدۇقەييۇم ئېلى



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;