• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي يۆلەنچۈكى
  • باشقىلارغا تايىنىپ بەختكە ئېرىشمەن، دېسىڭىز، بۇ بەخت بەلكىم قۇم ئۈستىگە يېزىلغان خەتتەك، شامالدا ئۇچۇپ كېتىدۇ. شۇڭا ئەڭ خاتىرجەم بەخت ئۆزىڭىزگە تايىنىپ، ئۈمىدنى ئۆزىڭىزگە باغلاش بىلەن قولغا كېلىدۇ.

    تۇرمۇشتا بىزگە ئەڭ زور ئازاب ئېلىپ كېلىدىغىنى مۇھەببەت ئازابى بولۇپ، بەزىلەر لايىقىدىن ئايرىلىپ قالسا، ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىدۇ، ئەسلىدە ھېچقايسىمىز بىر ئادەمدىن ئايرىلىپ قالغانغا ياشىيالماي قالمايمىز. ئەمەلىيەتتە ئايرىلىپ قالسىڭىز، ئۈمىدسىزلىنىپ، ياشىيالماي قالغاندەك ھېس-تۇيغۇلارغا كېلىشىڭىز، بۇ مۇھەببىتىڭىزنىڭ چوڭقۇرلىقىدىن ئەمەس، بەلكى سىزدىكى بىر خىل پارازىتلىق تۇرمۇش ئادىتى. چۈنكى سىز بەختنى باشقىلارغا باغلاپ قويغاندا، شۈبىھسىزكى، سىز بىر پارازىتلىق تۇرمۇش كەچۈرگۈچى. بۇنداق مۇناسىۋەتتە ، پەقەت بېقىنىشلا بار. ئىككى ئادەمنىڭ بىللە بولۇشى ئۆز-ئارا يۆلىنىدىغانلىقدىن ئەمەس، ھەمكارلىشىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

    بەزى ئادەملەر بەختنى باشقىلاردىن كۈتىدۇ. بۇ بىر خاتالىق. چۈنكى كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ خىل«پارازىتلىق تۇرمۇش»ئاخىرلاشسا، ھېسسىياتنىڭ يۆلەنچۈك تېغى ئۆرۈلۈپ چۈشسە، بۇ چاغدا قايتا ئورنىڭىزدىن تۇرۇشىڭىز تەس بولىدۇ. شۇنى بىلىشىڭىز كېرەككى، پەقەت ئۆزىڭىزلا ئۆزىڭىزنىڭ ھەقىقىي يۆلەنچۈكى، پەقەت ئۆزىڭىزلا بەخت قەلئەيىڭىزنى مەزمۇت قۇرۇپ چىقالايسىز.

    شۇڭا دوستۇم، بەختىڭىزنى باشقىلارغا باغلاپ قويماڭ. ئىشىنىمىزكى، پەقەت ئۆز كۈچىڭىزگە تايانسىڭىزلا بەخت قۇياشى ھامان پارلاپ چىقىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;