• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تىرىشىش نىشانىڭىز قانچىلىك ئېنىق؟
  • ياشاش ئۈچۈن ئېنىق نىشان بولمىسا بولمايدۇ. نىشان ئېنىق بولغاندىلا، قەلبىڭىزدىكى ئىچكى كۈچ توغرا يۆلىنىشكە ئىگە بولىدۇ. نىشانسىزلىق ئاخىرى سىزنى يولدىن ئاداشتۇرۇپ، ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. كىشى 25 ياشتىن بۇرۇن خىزمەت، ئائىلە ۋە ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزىنىڭ ھاياتلىق نىشانىنى ئالدىن ئويلىشىشى ۋە بەلگىلىشى لازىم. نىشان ئۇزاق مۇددەتلىك، تۇراقلىق، كونكېرىت، ئۇلۇغۋار بولىشى لازىم. لېكىن بۇ نىشان سىزنىڭ ئوبيېكتىپ ئەھۋالىڭىزغا ئۇيغۇن كېلىشى، سىز ئەمەلگە ئاشۇرالايدىغان نىشان بولىشى، شۇنداقلا سىز ئانچە كۈچىمەيلا يېتەلەيدىغان ئادەتتىكى نىشانلاردىن بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. نىشان قانچىكى ئۇلۇغۋار بولسا سىزنىڭ ئىلگىرلىشىڭىز شۇنچە تېز بولىدۇ. ئەگەر بىر كىشى 30 ياشتىن بۇرۇنمۇ ئۆزىنىڭ ئۆمۈرلۈك كەسپى ئۈچۈن ئۇل سالالمىسا، بەكمۇ كېچىككەن بولىدۇ. كەسىپنى توغرا تاللاش-ئىنساننىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىدۇ. ئۇ، كىشىنىڭ تەربىيلىنىش دەرىجىسىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي يەنە بىر جەھەتتىن مۇھىتنىڭ چەكلىمىسىگە قاتتىق ئۇچرايدۇ. پۇرسەت ۋە مۇھىتنىڭ تەسىرى تۈپەيلىدىن بەلكىم بىز ئۆزىمىز ئارزۇ قىلغان كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىش ئىمكانىيىتىدىن مەھرۇم قېلىشىمىزمۇ مۇمكىن. شۇڭا كەسىپكە نىسبەتەن سىزدە بىر قانچە تاللاش بولسۇن، يەنى ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان، ئىقتىدارىڭىز، ئالاھىدىلىكىڭىزگە ماس كېلىدىغان بىر نەچچە مۇھىم نىشاننى كەسىپ قىلىڭ. مەيلى قانچە خىل كەسىپنى تاللاش نىشانى قىلىڭ ھەم ئادىمىيلىك ئومۇمىي ساپانى تۇرغۇزۇڭ، ھەم شۇ كەسىپكە مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرنى ئەتىراپلىق ئىگەللەڭ. ئەمەلىي ماھارەتلەرگە پۇختا بولۇڭ، ئەستايىدىل، مەسئۇلىيەتچان بولۇڭ. ھەم شۇ كەسپ دائىرىسى ئىچىدە مەلۇم ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىڭ، كەسپىڭىزنى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدۇرۇڭ. جەمىئەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە سىزگە سەمىمىي مۇئامىلىدە بولىدىغان، كۆيۈنىدىغان يېقىن ئادەملىرىڭىز بولسۇن. ئۇلار سىزنىڭ رېئاللىققا، ئەمىلىيەتكە يۈزلىنىشىڭىز، پايدىلىق پۇرسەتلەرنى چىڭ تۇتۇشىڭىزدىكى مۇھىم روھىي تىرىكچىلىكىڭىز، مەنىۋىي بايلىقىڭىز ھېسابلىنىدۇ. ئەنە شۇنداق ئىشەنچىلىك، يېقىن، سەمىمىي ئادىمىڭىز قانچىكى يېتەرلىك بولسا، خاتالىق سادىر قىلىش، ئۆكۈنۈش ۋە پۇشايمىنىڭىز شۇنچىكى ئاز بولىدۇ.«ئۆزۈڭنى بىل، ئۆزۈڭنى ئۆزگەرت، ئەسلىڭنى ئۇنۇتما». ئۆزىنى بىلىش- ئاقىلانىلىكنىڭ بىرىنچى ئىپادىسى. ئادەمنىڭ ئۆزىنى تونۇش، ئۆزىنى بىلىشى ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتى ۋە رولىنى نامايان قىلىشنىڭ ئالدىنقى شەرتى. ئۆزىنى بىلمىگەن، ئۆزىنى چۈشەنمىگەن ئادەم مەڭگۈ مۇكەممەللىككە يېقىنلىشالمايدۇ ۋە پەزىلەت ئىگىسى بولۇپ يېتىلەلمەيدۇ. ئۆزۈڭنى بىلمەي تۇرۇپ باشقىلارنىمۇ بىلەلمەيسەن.  ئادەم ئۆزىنى تولۇق تونۇپ يېتەلىگەندە ھەر قانداق چاغدا ئۆز سالمىقىنى تولۇق دەڭسىيەلەيدۇ. ياشاشنىڭ ئۆزى يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىتقا ماسلىشىش ئاساسىدا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايان قىلىش جەريانىدۇر. ئادەم باشقىلارنى ئەمەس، ئۆزىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشى كېرەك. باشقىلارنى ئۆزگەرتىمەن دېيىشنىڭ ئۆزى ئەخمەقلىق ۋە زېھمىنى خوراتقانلىق. ھەر قانداق مەغلۇبىيەت ۋە كۆڭۈلسىزلىككە ئۇچىرىغاندا مەسىلىنى ئۆزۈڭدىن ئىزدىگىن، ئالدى بىلەن ئۆزۈڭدىكى سەۋەنلىك ۋە كەتكۈزۈپ قويغان يەرلەرنى تېپىپ چىققىن. باشقىلار ئېغىرراق تەگكۈزۈپ قويغان تەقدىردىمۇ ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ كەمچىلىكى ۋە سەۋەنلىكىنى تۈزەتكىن. ئادەم ئۆزىنىڭ خاتالىقى ۋە سەۋەنلىكىنى ئېتىراپ قىلالايدىغان، بوينىغا ئالالايدىغان ھەتتاكى كىچىك بالا ئالدىدىمۇ ئۆز خاتالىقى ئۈچۈن كەچۈرۈم سورىيالايدىغان جاسارەتنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.غالىبلاردىن بولۇشقا تىرىشىڭ. دۇنيادا ھەرقانداق ئىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئارزۇ قىلمايدىغان بىرمۇ ئىنسان يوق. لېكىن ھەممە ئادەم ئوخشاش ئىشتا باراۋەر نەتىجىگە ئىرىشەلمەيدۇ.بۇ نەتىجە شۇ كشىنىڭ ئۆزىگە باغلىق. بىر ئىشنى قىلالايمەن دەپ قارىسىڭىز چوقۇم قىلالايسىز. ھەر ۋاقىت جاپاغا چىدايدىغان، ئۆزۈڭىزگە ئىلھام بېرىدىغان، چوقۇم غەلبە قىلىمەن دەيدىغان ئىجابىي روھ بولۇش كېرەك. بۇ سىزنىڭ نىشانىڭىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى، ئىشلىرىڭىزدا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتىكى مۇھىم ئامىل. بۈگۈن قىلغىلى بولىدىغان ئىشنى ھەرگىز ئەتىگە قويماڭ. ئۆزىڭىز قىلالايدىغان ئىشلاردا ھەرگىز باشقىلارنى ئاۋارە قىلماڭ.ھەر ۋاقىت سەگەك تۇرۇپ، پەيتنى پەملەپ دەقىقە پۇرسەتنىمۇ قولدىن چىقىرىپ قويماڭ، چۈنكى بەزىدە بىر قېتىملىق كىچىككىنە پۇرسەتمۇ كىشىلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىشىگە سەۋەبچى بولۇپ قالىدۇ. دۇنيادا مۇتلەق مۇكەممەل ياكى مۇكەممەللىككە يېقىن ئىش يوق. گەرچە نىشان ۋە مەقسەت توغرا بولسىمۇ، بەزى كۈتۈلمىگەن زىددىيەت ۋە ئوڭۇشسىزلىقلارغا يولۇقۇپ تۇرىسىز. شۇڭا مەيۈسلىنىپ ئۆزىڭىزنى تاشلىۋەتمەڭ، دەرھال باشقىچە يول تۇتۇڭ، ھەر قاچان ئۇسۇل-چارىڭىز جانلىق ئەۋرىشىم بولسۇن.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;