• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بىر ئاقىل كىشىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۆز ئوغلىغا قالدۇرغان ھىكمەتلەر
  • بۇرۇنقى زامانلاردا يۇرت مۆتىۋىرى بولۇپ ياشاپ ئۆتكەن بىر ئاقىل كىشى ھاياتىنىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە ئۆز ئوغلىغا مۇنداق ھىكمەتلەرنى قالدۇرغان ئىكەن: «ئەي بالام مەن بۇ  ھاياتىمدا دۇرۇس ياشاپ ئۆتتۈم، ئەپسۇس ساڭا مەندىن ھىچقانداق مالۇ - دۇنيا قالمىدى ئاخىرقى كۈنلۈرۈمدە ساڭا ئېيتقان مۇنۇ سۆزلۈرۈمنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت»:


    1. سۈكۈت قىلىشنى ئۆگەن. بەزىدە باشقىلار سېنى خاتا چۈشىنىدۇ، چۈشەندۈرۈشنى خالىمىساڭ سۈكۈت قىل. ئەسلىدىمۇ، ھەممە ئادەمنىڭ سېنى چۈشىنىشى كېرەك ئەمەس. شۇڭا ھەممە ئادەم مېنى چۈشەنسە بولاتتى دەپ ئويلىۋالما. بەزىدە سەن ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئادەممۇ سېنى خاتا چۈشىنىدۇ، ئاچچىقىڭدا ئۇنىڭ بىلەنمۇ گەپ تالاشقىڭ كەلمەيدۇ. باشقىلارغۇ چۈشەنمىسۇن، سەن ئەڭ يېقىن ئادىمىم دەپ بىلگەن ئادەممۇ چۈشەنمىگەن يەردە، يەنە كىمدىن ئاغرىنىسەن؟ شۇڭا گەپ قىلما، چۈشەندۈرۈش ئاقمىغان چاغدا، سۈكۈت قىلىش ئەڭ ياخشى جاۋاب.

       

    2. ھەر قاچان، ھەر ئىشتا تەمكىن بول. ئىشلىرىڭ ئاقمايۋاتقان چاغدا يېنىڭدىكىلەر ساڭا: قەيسەر بول، ئۆزەڭنى خۇشال تۇت، دەيدۇ. قەيسەر بولمىساڭ بولمايدۇ، ئەمما خۇشال بولۇشچۇ؟ بۇنداق ۋەزىيەتتە ئۇلارنىڭ دېگىنىدەك خۇشال بولمىقىڭ تەس. كىممۇ قاش- قاپىقى يېرىلغان چاغدا خۇشال بولالىسۇن؟ ئەمما ھېچ بولمىسا تەمكىن بول، شۇندىلا ھەممە ئىشقا دادىل قارىيالايسەن ھەم ئۇنى سالماق بىر تەرەپ قىلالايسەن. ۋەزمىنلىكتە خۇشاللىق يوق، ئەمما خاپىلىقمۇ يوق.

       

    3. ئەينى چاغدا ئۇنداق قىلغان بولسام مۇنداق بولاتتى… دېگەن خىيالنى ھەرگىز قىلما. ئۆمۈر گويا ھەر قەدەمدە ئاچا يولغا بۆلۈنۈپ تۇرىدىغان ئۇزۇن يول، توختىماي تاللايسەن. ئوخشىمىغان تاللاشتىن ئوخشىمىغان نەتىجە كېلىپ چىقىدۇ. بۇ ئۇزاق يولدىكى ھەر دوقمۇشنىڭ ئۆزىگە لايىق قىممىتى بار، ياخشى- يامان دەپ كەسكىن ئايرىلمايدۇ، ھاياتىڭنى ئۆزەڭ بىلەن بىر گەۋدە دەپ بىل، كەچمىشىڭنى ئۆزەڭگە خاس ئىجادىيەت دەپ ئويلا، شۇنداق قىلساڭ ئۆتكەن كۈنۈڭگە پۇشايمان قىلمايسەن.

       

    4. تىرىشساڭ غەلبە قىل ياكى مەغلۇب بول، ئىشقىلىپ ۋاقتىڭ مەنىلىك ئۆتىدۇ. بۈگۈننىڭ قەدرىگە يەت، ھازىرنى، مۇشۇ پەيتنى چىڭ تۇت، ھەر پەيتتە مەڭگۈلۈك نەرسە بار، مەڭگۈلۈك نەرسىدە قىسقا پەيتنىڭ گۈزەللىكى بار.

       

    5. ئاددىيلىقنى ساقلا. كىشىلەر دائىم ئارتۇق ئويلىنىپلا بۇ ھاياتنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىدۇ. ھازىرنىڭ ئىچىدە ياشاپ تۇرۇپ دائىم ئۆتمۈشىنى ئەسلەيدۇ، كەلگۈسىدىن غەم قىلىدۇ؛ يەنى ئۆتمۈشىنى ئەگەشتۈرۈۋالىدۇ، كەلگۈسىنى ھازىرقى پەيتكە ھەمراھ قىلىۋالىدۇ، بۇنداق قىلىۋەرسە ياشىماق تېخىمۇ تەسلىشىپ كەتمەمدۇ؟ ھالبۇكى، ئاددىيلىق بىر خىل ئەركە ھالەتتۇر، كۆزى بلەن يىراقتىكى گۈزەل مەنزىرىنى كۆرۈۋېلىشتۇر، يەنى ھازىرنىڭ ئۆزىدە ياشاشتۇر.

       

    6. زاغرىنىمۇ يەپ باق، بۇغداي نېنى يەۋەرگەن چېغىڭدا زاغرىنىمۇ چايناپ باققۇڭ كېلىدۇ. مۇقام ئاڭلاپ زېرىككەن چېغىڭدا مودا ناخشىلارنىمۇ ئاڭلىغۇڭ كېلىدۇ، داڭلىق كىنولار نەزەر دائىرەڭنى ئاچىدۇ، كىلاسسىك ناخشا- مۇزىكىلار روھىڭنى ئۇرغۇتىدۇ. ئەمما، دائىم ئېسىل يەپ، ئېسىل ياشاپ كېتىشنى خالىمايدىغان چاغلىرىڭ بولىدۇ. شۇڭا بەك يۇقىرىغا ئېسىلىۋالما، تەبىئىي ياشا، ئەركىن نەپەس ئال. يۇقىرى ئىستېمال قوغلىشىش سېنى كاتتىلارغا يېقىنلاشتۇرىدۇ، ئەمما بەزىدە ئاددىي ياشىساڭ، ئاۋامغا تېخىمۇ يېقىنلىشالايسەن.    



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;