• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ھەسەتكە تەدبىر
  • ھېيتەم ھۈسەيىن


    ھاياتتا قوشكېزەك شادلىق بىلەن غەم،

    گاھ كۈلسەك، گاھىدا كىرپىكىمىز نەم.

    شادلىقتىن ناشادلىق كۆپ بولسا مەيلى،

    رەزىلنىڭ بوھتانى قىلىدۇ ئەلەم.


    ھەسەتخور پىتنىدىن ئوزۇق ئالارمۇ؟

    بوھتانسىز ماغدۇردىن كېتىپ قالارمۇ؟

    ياماندۇر «ئاق ئىس» تىن ھەسەت خۇمارى،

    دېمىگىن پەيلىدىن يېنىپ قالارمۇ؟


    ھەسەتخور ئوخشايدۇ خۇددى باخشىغا،

    ئۈنىنى ئوخشاتما غەزەل-ناخشىغا.

    رەشكىنى داپ قىلىپ، تۆھمەتنى ئۇسسۇل،

    بىر ئەسكى پۇت ئاتار ئونلاپ ياخشىغا.


    ھەسەتخور نېمىشقا تىنىم تاپمايدۇ؟

    بۇ ھايات نېمانچە ئەگرى توقايدۇ؟

    ھەسەتخور پىتنىدىن تۆرەلگەن قۇرت،

    بوھتاندىن ئايرىلسا ئۆزى يوقايدۇ.


    كۆردۈڭمۇ، جۇدۇنغا چىداپ قارىغاي،

    تۆت پەسىل ياپيېشىل، مەزمۇت تۇرىدۇ.

    ئالغا باس، ھەسەتتىن، بوھتاندىن قورقماي،

    «ئىت ھامان ھۈرىدۇ، كارۋان يۈرىدۇ».


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;