• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • سەھەر تۇرۇپ تازىلىق قىلساڭ، بەختىڭ ئېچىلىدۇ
  • تاڭ سەھەر كىشىگە ئاجايىپ زور ئىلھام بەخش ئېتىدۇ. خۇددىي «ئىشنىڭ بېشى سەھەردىن» دېگەندەك، تاڭ سەھەردە باشلانغان ھەرىكەتكە بەرىكەت ئاتا قىلىدۇ. شۇڭلاشقا سەھەر تۇرۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش ئەڭ ياخشى ئادەت جۈملىسىدىندۇر.

    ھەر كۈنى ئىشقا بېرىشتا، شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى مەھەللىلەردىن ئۆتكىچە ئۇلارنىڭ ئەمدىلا ئورۇندىن تۇرۇپ، ھويلا- ئاراملىرىنى، ئۆينىڭ ئالدىدىكى كوچىنى سۈپۈرۈپ، كوچا- كوينى توپا- چاڭغا پۈركۈشى مېنى بەكلا بىئارام قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق ئادەت ئەنئەنىۋى تازىلىق قائىدە- يوسۇنلىرىمىزغا مۇخالىپ بولۇپلا قالماي، مۇھىت گۈزەللىكى ۋە ساغلاملىقىمۇ زىيىنى چوڭ.

    كونىلار ئاياللار ۋە قىزلارغا: «سەھەر تۇرۇپ تازىلىق قىلساڭ ساۋاب بولىدۇ، ھويلا- ئارام ۋە كوچىلارنى سۈپۈرۈپ پاكىزلىساڭ بەختىڭ ئېچىلىدۇ»دەپ نەسىھەت قىلىپ، تازىلىقنىڭ مۇقەددەسلىكىنى شەرھلەيدۇ. ئۇيغۇر خەلقى ئۇزاق يىللاردىن بۇيان شەكىللەندۈرگەن ئەنئەنىۋى ئىش تەقسىماتى نەتىجىسىدە، خوتۇن- قىزلار بالا بېقىش، تاماق ئېتىش، كىر يۇيۇش، ھويلا- ئارام تازىلىقى قاتارلىق ئىشلارنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، ھەممىسىدە تازىلىق مەركىزى نۇقتا قىلىنغان. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار كۈندىلىك ئىشلىرىنى سەھەردىكى ئاممىۋى تازىلىقتىن باشلايدۇ. خەلقىمىزدە: «ئىشچان ئايال سەھەر تۇرۇپ چېچىنى تارايدۇ، ھورۇن ئايال ئۇخلاپ تۇرۇپ كۇلۇڭ كولايدۇ» دېگەن ماقال- تەمسىللەرنىڭ چىقىشىمۇ سەۋەبسىز ئەمەس. خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى قارىشىدا، تازىلىق ئاياللارنى باھالايدىغان ئۆلچەم قىلىنغان. خەلقىمىز ئۆينىڭ رەتلىك ياكى ئەمەسلىكىگە، ئەرنىڭ ياقىسىنىڭ كىر ياكى پاكىزلىقىغا قاراپ، ئايالىنىڭ قانداق ئايال ئىكەنلىكىنى باھالايدۇ. شۇڭا ئاياللار قىزلىرىغا كىچىدىكىن باشلاپلا تازىلىقنى ياخشى قىلىشنى ئۆگىتىدۇ. مۇشۇنداق ئەنئەنىۋىي تەربىيەنىڭ نەتىجىسىدە، يېزا- كەنتلەردە قىز- ئاياللار تاڭ سۈزۈلىشى بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، ھويلا- ئارام، كوچا- كويلارنى پاكىز سۈپۈرۈپ، سۇ سېپىدىغان ئادەتلىرى داۋام قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ بىلەن ئائىلە ۋە يۇرت- مەھەللە كىشىگە بىر خىل جۇشقۇن كەيپىيات بېغىشلاپ، بىر كۈنلۈك قايناق ھاياتنىڭ مۇقەددىمىسى پاكىز مۇھىت ۋە ساپ ھاۋا بىلەن باشلىنىدۇ. دېمەك، ئەجدادلىرىمىز سەھەردىكى تازىلىقنى بەرىكەت ۋە نۇسرەتكە يول ئېچىشنىڭ، ئائىلىنىڭ روناق تېپىشىنىڭ، گۈزەللىككە مۇسەببەت ئويغىتىشنىڭ ۋە كېسەللىك مەنبەسىنى يوقىتىشنىڭ ئاساسى دەپ قارىغان. شۇڭا، قىز- ئاياللىرىمىز ھويلا- ئاراملارنى قانغۇچە ئۇخلاپ بولۇپ ئەمەس، سەھەر تۇرۇپ تازىلىشى كېرەك.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;