• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئانىلار ئەجرىگە ھۆرمەت قىلايلى(ماقالە)
  • زىمىستان كۈنلەرنىڭ بىرى، سوغۇق جاندىن ئۆتەتتى، تاڭ تېخى يورۇماستا ئانا ئورنىدىن تۇرۇپ، تىمىسقىلاپ يۈرۈپ، مەشكە ئوت يېقىپ، ئۈچ ئوغلىغا ئالدىراپ ناشتىلىق تەييارلىدى. ئەپسۇس، ئوغۇللار ئىشقا چۈشۈشكە نەچچە مىنۇتلا قالغاندا ئورنىدىن تۇرۇپ، يۈزلىرىنى چالا- بۇلا يۇيۇپلا خىزمەت ئورۇنلىرىغا راۋان بولدى. ئانىنىڭ ئەتىگەندىن بېرى جاپا تارتىپ تەييارلىغان ناشتىلىقى شۇ پېتى قالدى. چۈشتە ئانا يەنە تاماق تەييارلىدى. بالىلارغا بىر- بىرلەپ تېلىفۇن قىلدى، ئەپسۇس بالىلار «ئاشخانىدا تاماق يەۋالدىم»، «چۈشتە تاماققا بارالمايمەن»، «ئىشىم ئالدىراش» دەپ جاۋاب قايتۇرۇشتى. ئانا ئامالسىز يالغۇز غىزالىنىشقا مەجبۇر بولدى.

    ئاۋغۇست ئايلىرىنىڭ چىڭقى چۈش مەزگىلى. ئانا تونۇرغا كۆيۈپ- پىشىپ نان ياقماقتا. تونۇرنىڭ تەپتىسىزمۇ قۇياشنىڭ چىدىغۇسىز ئىسسىقى ئانىنىڭ مەڭزىنى يالقۇن رەڭگە كىرگۈزگەنىدى. خىزمەتتىن چۈشكەن بالىلار ئانىسىنىڭ نان يېقىۋاتقانلىقىغا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا قاراپ قويۇپلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. ئانا تونۇردىن ئەمدىلا سويۇلغان ئىسسىق نانلارنى بالىلارنىڭ ئالدىغا قويدى. ئانا «بالىلىرىم ئىسسىق ناننى چوقۇم ئىشتىھا بىلەن يەيدۇ» دەپ ئويلىغانىدى. بىراق بالىلار «بازاردا تاماق يەپ كىردۇق» دەپ نانغا قاراپمۇ قويمىدى. ئانىنىڭ يۈرىكى تونۇرنىڭ تەپتىدە كۆيگەندىنمۇ بەكرەك ئازابلاندى.

    بۇ پەقەت شۇ بىرلا ئانىنىڭ سەرگۈزەشتىسى ئەمەس. بەلكى خېلى كۆپ ئائىلىدە يۈز بىرىۋاتقان مەسىلە. ھازىر بازار، كوچا دوقمۇشلىرىدا ئاشپۇزۇل، رېستۇرانلارنىڭ كۆپىيىشى سەۋەبلىك ياشلار بازاردا تاماق يېيىشكە ئادەتلەنگەن. كۆپ ئائىلىدە ئانا تاماق تەييارلاپ، پەرزەنتلىرىنىڭ كېلىشىنى ساقلاپ كۆزى تېشىلەي دېسىمۇ، بالىلار بىر خىيالدا ئاپشۇزۇللاردا تاماق يەيدۇ. ئۇلار سىرتنىڭ تامىقىنىڭ لەززەتسىزلىكىدىن ئاغرىنىدۇ- يۇ، ئائىلىسىدە ئانىسى ئەتكەن تاماقنى يېيىشكە ئېرىنىدۇ. ئانىنىڭ قانچىلىك ئەجىر- مېھنەت بەدىلىگە تاماق تەييارلىغانلىقىنى ئېسىگە كەلتۈرمەيدۇ. بەزى ياش ئاتا- ئانىلارمۇ چوڭ ئۆيلىرىگە بېرىشتىن بۇرۇن بازاردا تاماق يەپ، قورسىقىنى توقلاپ بارىدۇ. ئاتا- ئانىسى مىڭبىر مۇشەققەتتە ئەتكەن تامىقىنى ئالدىغا ئەكەلسە، بازاردا تاماق يەۋالغان، قورسىقىمىز توق دەپ بىر، ئىككى قوشۇق يەپلا بولدى قىلىدۇ. بۇ ئاتا- ئانىنىڭ ئەجرىگە قىلىنغان ھۆرمەتسىزلىك بولماي نېمە؟

    ھازىر ئاتا- ئانىلار بالىلارنىڭ قورسىقىنىڭ ئاچ قېلىشىدىن غەم يېمەيدۇ. بىراق بالىلار بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ تاماقلانغۇسى كېلىدۇ. ئۆزلىرىنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان مېھىر- مۇھەببىتىنى ئۆزى تەييارلىغان تائام ئارقىلىق يەتكۈزۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بالىلارغا مېھىر- مۇھەببەت ئاتا قىلىشنى ئويلايدۇ. بالىلار ئاتا- ئانىلارنىڭ بۇ ئارزۇسىغا ھۆرمەت قىلىشى، ئانا تەييارلىغان تاماقنى ھۆرمەت بىلەن يېيىشى كېرەك ئىدى. ئانىلار ئۆزلىرى تەييارلىغان تائامنى بالىلارنىڭ ئىشتىھا بىلەن يېگەنلىكىنى كۆرگەندە ئۆزىنىڭ تارتقان جاپاسىنى ئۇنتۇيدۇ، ئۆز ئەجرىدىن خۇشال بولىدۇ.

    بىز ئاتا- ئانىمىزدىن مەڭگۈ ئايرىلغاندا ئانىمىز ئەتكەن تاماقنى سېغىنىمىز. لېكىن ئانىمىز ھايات چېغىدا ئەتكەن تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يېمەيمىز. ئۇنداق، مۇنداق سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئەجىر- مېھنىتىگە ھۆرمەت قىلمايمىز. ئانىلارنىڭ تامىقىغا ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە بولغان چەكسىز مېھىر- مۇھەببىتى سىڭگەن بولىدۇ. ئانىلار ئەتكەن تاماقنىڭ لەززىتى مانا مۇشۇ سەۋەبتىندۇر. ئۆي تامىقى بىر ئائىلە كىشىلىرىنى مېھىر- مۇھەببەتكە ئىگە قىلىدۇ. ئائىلە ئىناقلىقىنى مۇستەھكەملەيدۇ. تاماقسىز ئائىلىدە مېھىر- مۇھەببەت بولمايدۇ. ئاشپۇزۇل، رېستۇرانلار بازارلارنى ئاۋاتلاشتۇردى، بىراق ئائىلە مۇناسىۋىتىنى سۇسلاشتۇرىۋەتتى. ئائىلىدە تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى يوقلار ئاشپۇزۇللاردا تاماق يېسە بولىدۇ، لېكىن ئائىلىدە تاماق يېيىش ئىمكانىيىتى بار تۇرۇپ سىرتتا تاماقلىنىش تازا ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس. ئانىلار ئەتكەن تاماقنى مەيلى قانداق تەييارلىغان بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئانىغا رەھمەت ئېيتىپ ھوزۇرلىنىپ يەپ، ئانىنىڭ قەلبىگە خۇشاللىق ئاتا قىلىشىمىز لازىم.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;