• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قولىدا (ماقالە)
  • ھۆرمەتكە ئىنتىلىش ھەرقانداق بىر ئىنسان ئۈچۈن تۇغما بۇلىدۇ، ئەمما ھەممە كىشىنىڭ ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئۇسۇلى، نىيىتى ئوخشاش بولمايدۇ. جەمئىيەتتىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئىخلاس بىلەن ياشاپ ئەجىر - ئەمگىكىگە لايىق ھۆرمەت - ئېھتىرامغا ئىرىشىدۇ. يەنە شۇنداقمۇ كىشىلەر باركى، ئۇنداقلار پۈتۈن كۈچى بىلەن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشىش كويىدا بۇلىدۇ - يۇ، ھەقىقىي ھۆرمەتنىڭ قانداق قولغا كېلىدىغانلىقىنى ئەسلا ئۇقمايدۇ، ئۇلار باشقىلاردىن ھۆرمەت تەمە قىلىدۇ - يۇ، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنى بىلمەيدۇ. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بەزىلىرى مەن باشقىلارغا ئازراق پۇل - مېلىمنى بەرسەملا ئۇلار مېنى شەرىتسىز ھۆرمەتلەيدۇ ياكى ھۆرمەتلىشى كېرەك، دەپ قارايدۇ. بۇرۇن بىر كىشىنىڭ نۇرغۇن بايلىقى بولغانىكەن، ئۇ كوچىدا ئۆتۈپ كېتىۋاتقان بىر كەمبەغەل كىشىگە:  

    - مېنىڭ نۇرغۇن پۇلۇم بار، سەن مېنى ھۆرمەتلەمسەن،- دەپتۇ.              

    - مەن سىنى نىمىشقا ھۆرمەتلىگىدەكمەن.                          

    - ئۇنداقتا مەن ساڭا پۇلۇمنىڭ يېرىمىنى بىرەي ئەمدى مېنى ھۆرمەتلەرسەن؟

    - ئۇنداقتا سېنىڭ پۇلۇڭ بىلەن مېنىڭ پۇلۇم تەڭلىشىپ قالىدۇ، يەنە سېنى نېمە دەپ ھۆرمەتلىگىدەكمەن؟                            

    - ئەمىسە مەن پۇلۇمنىڭ ھەممىنى ساڭا بىرىۋېتەي، شۇندىغۇ مېنى ھۆرمەتلەرسەن؟                                                  

    - بۇنداق بولغاندا سەن كەمبەغەل، مەن باي بۇلۇپ قالىمەن، يەنە سېنى نېمە دەپ ھۆرمەتلىگۈدەكمەن.                                  

    بۇ ۋاقىتتا ھېلىقى باي بىرنىمىنى چۈشەنگەندەك بۇلۇپ ھېلىقى كەمبەغەلگە ھېچنىمە دىمەي كېتىپ قاپتۇ.

    بۇ يەردە ھەقىقىي ھۆرمەت - ئېھتىرامغا پەقەت بايلىق بىلەنلا ئىگە بولغىلى بولمايدىغانلىقى، ئەڭ تۆۋەن چەكتىكى ھۆرمەتنىڭمۇ ئىنسانغا خاس مېھىر - ۋاپا، سەمىمىي - ساداقەتمەنلىك، دۇرۇس نىيەت - ئىقبال، رەھىمدىل كۆڭۈل بىلەن بارلىققا كىلىدىغانلىقىنى چۈشۈنۈشكە بولىدۇ. ھۆرمەت - ئېھتىرام ـــ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئىنتىلىش نىشانى، مەيلى باي - گاداي، مەيلى ئوغرى - يالغانچى، مۆتىۋەر، ساخاۋەتچى ۋە مەيلى تەتقىقاتچى، ئالىم بولسۇن ھەمممەيلەننىڭ ئۆز كۆڭلىدە ئويلىغان ئەڭ يۇقىرى چەكتىكى ھۆرمەتكە ئىرىشىش ئىستىكى بۇلىدۇ. بۇ خىل ھېسىيات كۈچەيسە كۈچىيىدۇكى ھەرگىز ئاجىزلاشمايدۇ، بۇ بىر نورمال ئەھۋال.

    ئەمما بىزنىڭ بۇ يەردە ئايدىڭلاشتۇرىۋالىدىغان بىر مۇھىم تەرىپىمىز ئاشۇ ھۆرمەتكە قانداق يول بىلەن ئېرىشىشىمىزنى بىلىشتە، ئەلۋەتتە. خۇددى دانالىرىمىز ئېيىتقاندەك: «كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قۇلىدا». شۇنداق ئىكەن ھەمىمىزدە كىشىلىك ھاياتنى قەدىرلەپ چىن ئىنسانغا خاس ياشاش ئىستىكى بۇلۇشى، ئۆز غايىمىز يۇلىدا توختىماي ئىلگىرلەش روھىمىزنى يوقىتىپ قويماسلىقىمىز زۆرۈر. ماددىي بايلىقنىڭ قىزىقتۇرىشىغا ئەگەشكەن ئادەم ئاسانلا ئۆزىنىڭ قىممەت قارىشىنى يوقىتىپ، ئۆزىمۇ سەزمىگەن ھالدا باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالىدۇ، ئۇلار ئۆز قۇلىدىكى ھۆرمەتتىن مەھرۇم قېلىش بىلەن بىرگە باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

    باشقىلارنى مەنپەئەتلەندۈرۈش، كاللىسىنى قايمۇقتۇرۇش، زەربە بىرىش، قەستەن بېسىم قىلىش، ئىدىيىسىنى بۇرمىلاش بەدىلىگە كەلگەن ھۆرمەتنىڭ ئىناۋىتى يوق بولغاننىڭ ئۈستىگە، ئۇنداق ھۆرمەت كىشىلەرنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئىرىشەلمەيدۇ، ھامان بىر كۈنى ئەبتى- بەشىرىسى ئاشكارا بۇلىدۇ. بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ توغرا يۇسۇندىكى كەڭ قورساقلىق، ئەپۇچان، زىرەك، ھايات يۇلىدىكى تەۋرەنمەس ئىرادىسىنى ئۆزىمىزگە ھەمرا قىلىپ جاھانغا ئەقلىمىز بىلەن نەزەر سالغىنىمىزدا بارلىق ھۆرمەتنىڭ پەقەت ئۆز قۇلىمىزدا ئىكەنلىكى، باشقىلارنى ھۆرمەتلەشنىڭ ئۆزىنى ھۆرمەتلىگەنلىك بولىدىغانلىقىنى تۇنۇپ يىتەلەيمىز.

    دوستۇم، قىممەتلىك ھاياتىڭىزنىڭ ھەر بىر كۈندە سەمىمىيلىك، ساپ ۋىجدان، مېھرى - ۋاپا، ئەقىل - ئىدىراكىڭىز بىلەن ياشاشقا تىرىشىڭ. شۇندىلا سىزگە ئالامچە ھۆرمەتلەر يار بۇلىدۇ. ھۆرمەتكە تەشنا يۈرۈكىمىز ئازادە سوقسۇن، ھەرگىز بىخوتلۇق قىلمايلى. چۈنكى كىشىنىڭ ھۆرمىتى ئۆز قۇلىدا.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;