• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ھورۇنغا ئىش يوق، ئىشچانغا قىش
  • ياخشى كۆزىتىدىغان بولسىڭىز، ئۆزىڭىزدە پات - پات بەلگىلىك دەرىجىدە ھورۇنلۇقنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىغانلىقىنى بايقايسىز، مەسىلەن، سەھەردە تۇرغىڭىز كەلمەيدۇ، جاپادىن قاچىسىز دېگەندەك. ئەمەلىيەتتە بۇخىل ھورۇنلۇقلار ۋۇجۇدىڭىزنى ئۈزلۈكسىز زەھەرلىگەن بولىدۇ.

    ھورۇنلىقىڭىزغا بەلكىم جاپا - مۇشەققەتتىن قورققىنىڭىز سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ياخشى ئويلىنىپ كۆرسىڭىز، جاپا - مۇشەققەت ئىقتىدارىڭىزنى تاۋلايدۇ. ئەڭ ياخشى ئىقتىدارىڭىز ھەمىشە جاپادا تاۋلىنىپ، مۇشەققەتتە سىنالغان بولىدۇ. نۇرغۇن كىشى جاپا - مۇشەققەتلىك چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرمىگەچكە، يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى ئۇرغۇتالماي نادامەت چېكىدۇ.

    ھورۇنلۇق بىر خىل زەئىپلىكتۇر. ئۇ سىزنى روھىي، جىسمانىي جەھەتتىن چېكىندۈرۈپلا قالماستىن، تۇرمۇش سۈپىتىڭىزنىمۇ تۆۋەنلىتىدۇ. تىرىشمىسىڭىز، قابىلىيىتىڭىز تۆۋەنلەيدۇ، نامراتلىشىسىز، دۇنيادىن ۋايسايدىغان بولۇپ قالىسىز. تەتقىقاتچىلار ئادەمنىڭ ئىشلىگەنگە ھارمايدىغانلىقىنى، ئەكسىچە زېھنىنى كۆپ ئىشلىتىدىغان، تىرىشچانلارنىڭ ھورۇن - لايغەزەل ئادەملەرنىڭكىگە قارىغاندا ساغلام ۋە جۇشقۇن بولىدىغانلىقىنى دەلىللەپ چىققان.

    بىر ئادەمنىڭ قىلغان ئىشىغا قاراپلا ئۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ قانداقلىقى، تىرىشچان ياكى ھورۇنلۇقنى بىلگىلى بولىدۇ. تىرىشچان كىشىلەر ئۆزىگە تەقسىم قىلىنغان خىزمەتنى جان پىدالىق بىلەن ئىشلەيدۇ، ھەتتا باشقىلارنىڭ تەلىپىدىنمۇ ئاشۇرۇپ قىلىدۇ. بەزىدە ھورۇنلار ئىشچانلارنى ياراتمايدۇ، ئاقىۋەتتە، زىيان تارتىدىغىنى يەنىلا ئۆزى بولىدۇ.

    ھورۇنلۇق ئىستىقبالنى نابۇت قىلىدۇ. بىر ئادەمنىڭ  كەسپكە تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماستىن شۇ ئادەمنىڭ پەزىلىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ. تىرىشچانلىقنىڭ كۈچى مۆلچەرلىگۈسىز. ئۆزىڭىزنىڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىغا ئىشىنىڭ ھەمدە پىلانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشىڭ. پەقەت ئۆزىڭىزدىنلا ھالقىيالىسىڭىزلا، چوڭ ئىشلارنى قىلالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىڭ ھەمدە پىلانىڭىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تەشەببۇسكارلىق بىلەن تىرىشىڭ. پەقەت ئۆزىڭىزدىن ھالقىيالىسىڭىزلا، چوڭ ئىشلارنى قىلالايسىز، ئۆز قىممىتىڭىزنى تاپالايسىز.

    كۆڭلىڭىزگە گۈزەل ئارزۇ - ئارمانلارنى پۈكۈپ، يۇقىرى پەللىنى كۆزلەپ، توختىماي تىرىشىدىكەنسىز، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزدىن نەتىجە قازانماي قالمايسىز. ھورۇنلۇقنى تۈگىتەي دېسىڭىز، ئىشنى ئاۋۋال سەھەر تۇرۇشتىن باشلاڭ. قىسقىسى، ئەجدادلىرىمىزنىڭ «ھورۇنغا ئىش يوق، ئىشچانغا ئىش» دېگەندەك ھېكمەتلىرى بىكارغا ئېيتىلمىغان. كۈچلۈك ئىرادىڭىز بولىدىكەن، ھورۇنلۇق ئىللەتلىرىڭىزنى چوقۇم تاشلىيالايسىز.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;