• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ھەرىكەت ـــ بەرىكەت ۋە بەخت
  • ھەرىكەت ئادەملەردىكى غايە، ئارزۇ-ئارمانلارنىڭ ئەمەلگە ئېشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ، غايە بولسا نىشانىدۇر. نىشان بولسىلا دەرھال ھەرىكەتكە كەلمىگەندە ھەرقانچە قابىلىيەتلىك، كۈچلۈك، قولىدىن ئىش كېلىدىغان ئادەم بولغان تەقدىردىمۇ دېگەنلىرى قۇرۇق گەپ بولۇپ قالىدۇ. بۇنداق كىشىلەرنىڭ خىيالى ھەرقانچە گۈزەل بولسىمۇ، بىرەر ئىشنى كونكرىت روياپقا چىقىرىش لايىھەسى يوق، نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى دادىل ھەرىكىتى تېخىمۇ يوق. شۇڭا بىرەر نىشان بولسىلا دەرھال ئاتلانمىسا، ئادەم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە ۋەزىپىنى ئورۇنداپ بولالمايدۇ.

    ئۆتكەن ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى دۆلىتىمىزدە ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋىتىش ۋەزىيىتى ۋە قىزغىنلىقى يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. دەل شۇ ۋاقىتلاردا ئۇزاق يىللار بېكىنمە ھالەتتە تۇرۇۋاتقان بۇ چوڭ دۆلەتنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ يېمەك-ئىچمەك شىركىتى «كېنتاكى» بىر ئادىمىنى جۇڭگو بازارلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ. ۋەكىل بېيجىڭغا كېلىپ كوچا-رەستىلەردىكى، بازارلاردىكى سانجاق-سانجاق ئادەملەرنى، ئۇلارنىڭ دۇنيادىكى يېڭى نەرسىلەرگە ئىنتىلىدىغان ھېسىياتىنىڭ بەكلا كۈچلۈكلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ، چۈنكى ئۇ دۇنيانىڭ ھەرقانداق بىر يېرىدە بۇنداق يېڭىلىقنى تېز قوبۇل قىلىدىغان ئىستېمالچىلار توپىنى تېخى كۆرۈپ باقمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇ «كېنتاكى»شىركىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئوڭۇشلۇق ئاچالايدىغانلىقىنى جەزىملەشتۈرۈپ، شىركەتنىڭ گۈزەل كەلگۈسىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ كېتىدۇ. ئەمما ئۇ باش شىركەتكە قايتىپ خىزمىتىدىن دوكلات بېرە-بەرمەيلا، باش مۇدىر ئۇنىڭ «گۈزەل تەسەۋۋۇر» نى رەت قىلىپ، ئۇنى خىزمىتىدىن توختىتىپ، باشقا بىرىنى بېيجىڭغا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ.

    يېڭى ۋەكىلمۇ بېيجىڭغا كەلگەندىن كېيىن بۇ يەردىكى يېڭىلىقلارنى، ئادەملەرنىڭ كۆپلۈكىنى كۆرۈپ ھەيران قالىدۇ. ئەمما ئۇ بېيجىڭغا كەلگەندىن كېينن بۇ شەھەرنىڭ بىر نەچچە ئاۋات كوچىلىرىدىكى ئادەم ئېقىمىنىڭ مىقدارىنى، قايسى ئاۋات كوچىدا ئادەملەرنىڭ كۆپرەك توختايدىغانلىقىنى ئىگىلەپ، ھەتتا كەڭ كۆلەمدە ئەمەلىي زىيارەت ئېلىپ بارىدۇ. ئاندىن ئوخشاش بولمىغان ياش، ئوخشاش بولمىغان كەسىپتىكى ئادەملەرنىڭ غىزالىنىش ئەھۋالىنى ئىگىلەپ، ئۇلارنىڭ ياغدا پىشۇرۇلغان گۆشىنىڭ تەمى، ياقتۇرۇپ يېيىش ئەھۋالىغا ئائىت ئەمەلىي ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىللەيدۇ. ئاخىرىدا ئۇ بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ياغ، ئۇن، بەرەنگە، ھەتتا توخۇنىڭ يەم-خەشىكىگىچە تەكشۈرۈپ ئەھۋال ئىگىلەيدۇ. ئاندىن توپلىغان ماتېرىياللار ۋە سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلىپ دەرھال باش شىركەتكە قايتىدۇ. ئارىدىن ئۇزاق ئۆتمەي بۇ ۋەكىل ئادەم باشلاپ بېيجىڭغا قايتىپ كېلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن «كېنتاكى» جۇڭگو بازىرىدىلا ئەمەس، ئەڭ يىراق چىگرا شەھەرلەردىمۇ تارماق دۇكان ئاچىدۇ.

    باشتىكى سودا ۋەكىلىنىڭ ئىشتىن بوشىتىلغانلىقى ئۇنىڭدا ياخشى بولغان ئىجادىي قاراش بولمىغانلىقى بولماستىن، بەلكى ئۇنىڭ پەقەت قۇرۇق گەپتىن نېرى كېتەلمىگەنلىكىدە، بىز بۇنى «ئات ئۈستىدە گۈل كۆرۈش» دەيمىز. ھەرقانداق ئادەم ئاتنىڭ ئۈستىدە گۈل كۆرگەندە گۈلنىڭ رەڭگىدىن، پۇرىقىدىن ھۇزۇرلىنالمايدۇ. كېيىنكى ۋەكىل بولسا نىشانى ئېنىق، ھەرىكىتى چاققان ئادەم.

    بىز مۇنداق بىر ئادەتكە كۆنۈپ قالغان: كۆپىنچە باشقىلارنىڭ ئاسان ئۇنتۇپ قالىدىغانلىقىدىن ئاغرىنىمىز، يۈزىگە سالىمىز، ئەمما ئاشۇ كىشىلەرنىڭ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ قانداقلىقى بىلەن كارىمىز يوق. ئەگەر بىز بىر تۈرلۈك خىزمەتنى ئەمەلىي تەكشۈرۈشتىن كېيىن توغرا دەپ قارىساق، ئۇنداقتا دەرھال ھەرىكەتكە كېلىشىمىز كېرەك. بىر كۈننىڭ شۇ كۈنگە لايىق نىشانى ۋە قارار قىلىدىغان ئىشلىرى بولىدۇ. بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ۋاقىت ئالتۇندىن قىممەت، يەنە بەزى كىشىلەرگە نىسبەتەن، ۋاقىت ئەرزىمەس نەرسە. مىڭلاپ قىلىنغان بەڭگىنىڭ خىيالىدىن، بىر قېتىم تەۋەككۈل قىلىپ بېقىشنىڭ ئەۋزەللىكىنى بىلىپ يېتىشىمىز كېرەك.

    ئەگەر سىز بىرەر ئىشنى قىلىش جەريانىدا خاتالىق سادىر قىلسىڭىز، ھەتتا خېلى زور ئىقتىسادىي زىيان پەيدا قىلغان بولسىڭىزمۇ، كىشىلەر سىزنى كەچۈرىۋىتىدۇ. ئەمما ھېچقانداق ھەرىكەت قوللانماستىن، ئەقىلگە مۇۋاپىق ھۆكۈم چىقارماستىن، خاتالىق ئۆتكۈزسە ھېچكىم ئۇنداق ئادەمنى كەچۈرمەيدۇ. دېمەك، ئەگەر سىز ھەقىقىي بىر قارارغا كەلگەن بولسىڭىز، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىڭ، سىز «ھازىرنىڭ ئۆزىدە قول سېلىش» تەك خىزمەت ئادىتىنى يېتىلدۈرگەن ۋاقتىڭىزدا ئۆزىڭىزنىڭ خېلىلا يېتىلىپ قالغانلىقىڭىزنى ھېس قىلىسىز. خىزمەتتىكى ئىقتىدارىڭىزغا خىزمەتكە تۇتقان پوزىتسىيىڭىز قوشۇلۇپ، سىزنىڭ ئالىدىغان ھەققىڭىز بىلەن ۋەزىپىڭىزنىڭ يۇقىرى-تۆۋەن بولۇشى بەلگىلىنىدۇ. ئاشۇنداق خىزمەت ئۈنۈمى يۇقىرى، ئىشنى ئىنچىكە قىلىدىغان، قىلىۋاتقان ئىشىدىن زېرىكىش ھېس قىلماي بېرىلىپ ئىشلەيدىغان ئادەملەر كۆپىنچە كارخانىلاردا مۇھىم ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولىدۇ. يادىڭىزدا بولسۇنكى، جۈرئەتلىك ئادەملەر ئىشنى ئارقىغا تارتمايدۇ، ئىش ئۈنۈمى يۇقىرى كىشىلەر دائىم چەكلىك ۋاقىت ئىچىدە خىزمەتنى تاماملاش ئۇقۇمىغا ئىگە بولىدۇ. ئۇلار ھەربىر ئىشقا كېتىدىغان ۋاقىتنى بەلگىلىۋالىدۇ ھەمدە بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا ئۆزىنى غەيرەتلەندۇرۇپ، كۈچلەندۈرۈپ، ھەيدەكچىلىك قىلىپ تۇرىدۇ. ئەقىللىق كىشىلەر چاقماقتەك چاققان بولىدۇ، ھاماقەت كىشىلەر ھامان ئارقىدا قالىدۇ. بۇ جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتى. بىر ئادەم كۆزلىگەن نىشانىغا يېڭىچە تەپەككۇر بىلەن بالدۇر تۇتۇش قىلسا، ئۇنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتقىنى شۇ، بولمىسا ۋەزىيەتنى قوغلىشىپ يوقىلاڭ، چويلىغا چىقمايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئەقىللىق، يېڭىچە تەپەككۇرغا ئىگە كىشىلەر نېمىنى بالدۇر قېلىش، نېمىنى كېيىنرەك قىلشقا ھۆكۈم قىلالايدۇ ھەمدە قىلغانسېرى خىزمەتلىرى كۆڭۈللۈك بولىدۇ. يەكۈن شۇكى، نىشان  بېكىتىلگەن ئىكەن دەرھال ھەرىكەتلىنىش، نىشانغا شىددەت بىلەن ئىلگىرىلەش زۆرۈر.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;