• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسنىڭ تەتقىقات مېتودى
  •     مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى تېببىي ساھەدىكى ھەر خىل پىسخىكىلىق ھادىسلەر بولغاچقا، ئۇنىڭ تەتقىقات مېتودىمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ. پىسخىك ھادىسىلەر سۇبيېكتىپ ئىختىيارلىقنىڭ تەسىرىگە كۆپرەك ئۇچرىغاچقا، تەتقىقات جەريانىدا ئوبيېكتىپلىق پىرىنسىپلارغا چوقۇم ئەمەل قىلىش شەرت.مانا بۇ ئوبيېكتىپ ئەمەلىيەتكە تايىنىپ، ئىشلەشكە بولىدىغان سىناق ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ،ھەر قانداق سۇبيېكىتپ پەرەزدىن ساقلىنىش دېمەكتۇر.


             1- يەككە ئارخىپ ئۇسۇلى


           بۇ تارىختا ئەڭ بالدۇر قوللىنىلغان ئۇسۇل. يەككە ئارخىپ ماتىرىيال مەنبىئى بىلەن كېسەلنىڭ ئۆزى تەمىنلەيدۇ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرى، ئىشداشلىرى، دوستلىرى، رەھبەرلىك قاتارلىق باشقا مۇناسىۋەتلىك خادىملارمۇ تەمىنلەيدۇ. ماتېرىيالنىڭ ئىشەنچلىك دەرىجىسىنى چوقۇم تەھلىل قىلىش، زۆرۈر تېپىلغاندا تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش لازىم. يەككە ئارخىپ ماتېرىيالىنىڭ مەزمۇنى ئادەتتە شەخسىي تارىخىي، ئىندىۋىدۇئال تەرەققىياتى، ئائىلە مۇناسىۋىتى، ئالغان تەربىيىسى ،تۇرمۇش تەجرىبىلىرى، خىزمەت ئەھۋالى،ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتى ۋە تۇرمۇشتىكى مۇھىم ۋەقەلىكلەر، روھىي ئازاپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؛ يەنە ئامالنىڭ بارىچە كېسەلنىڭ ۋەقەلەر ۋەكىشىلىك مۇناسىۋىتىگە قارىتا پوزىتسىيىسى، خۇل-ھەرىكەت شەكلى، نېرۋا تىپى ۋە خاراكتېر ئالاھىدىلىكىنىمۇ تەتقىق قىلىش كېرەك؛ كېسەلنىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى ،ئىقتىسادىي ئەھۋالى ۋە ئىدىيىۋى يۈزلىنىشكىمۇ دىققەت قىلىش لازىم. تەھلىل قىلغاندا ئوبيېكتىنىڭ مەشق، خاتىرە، خەت-چەك، رەسىملىرىگىمۇ ئېتىۋار بىرىش شەرت. يەككە ئارخىپ ئۇسۇلىدا ئاغرىقنىڭ پىسخىكىلىق تەرەققىيات تارىخى بويىچە سىستېمىلىق مەخسۇس خاتىرە يېزىش لازىم. يەككە ئارخىپ مەزمۇنىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى توغرىسىدا ھەر قايسى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ كۆز قارىشى ئوخشاش بولمىسىمۇ، ئەمما توغرا خاتىرىلەش،ئىنچىكە تەسۋىرلەش،خەتنى ئېنىق يېزىش ۋە مەخسۇس تېرمىنىلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش لازىم.


          2 – تەجرىبە ئۇسۇلى


         تەجرىبە ئۇسۇلى تەتقىق قىلىدىغان تېمىغا ئاساسەن بەلگىلىنىدۇ.ئادەتتىكى تەجرىبە تەتقىقات مودېلى ۋە تەجرىبە تېخنىكىسى دەپ ئىككى تۈرگە بۆلۈنىدۇ. ئىھتىياج ۋە  ئىمكانىيىتىگە ئاساسەن تاللاپ ئىشلىتىلىدۇ.

    1) تەجرىبە تەتقىقات مودېلى

    (1) ئەسلىمە تەتقىقات

          بۇ خىل تەتقىقات ئاساسەن كېسەلگە گىرىپتار بولغان ئوبيېكتىلارنىڭ ئۆتكەنكى كېسەل تارىخىنى ئانالىز قىلىش ۋە دەسلەپكى تەجرىبىلەر قىلىش ئارقىلىق بەلگىلىك مۇددەتتە مەلۇم پەرەزنى تىكلەش ياكى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت.گەرچە بۇ خىل ئۇسۇل كۆپلىگەن چەكلىمىلەرگە ئۇچرىسىمۇ، ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرى تەتقىقاتچىلارغا تېخىمۇ كۆپ نۇقتىئىنەزەردىن ئانالىز قىلىش-كۆزىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بىرىدۇ.

    (2) مۆلچەر تەتقىقات

          يېتەرلىك ماتېرىيالى بار مەلۇم ئالاھىدە كېسەللىكلەرگە قارىتا ھەرخىل پەرەزلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش، تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت. ئىنسانلاردىكى پىسخىكىلىق ھادىسىلەر ۋە خۇلق-ھەرىكەت قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلغاندىكى ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇل تىك لىنىيىلىك تەتقىقات ۋە مۆلچەردۇر. پەرەزنىڭ ئۆزىمۇ ئەمەلىيەتتە بىرخىل  مۆلچەر. ئۇ ھەم  ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەم قىسقا مۇددەتلىك بولىدۇ. بەزىدە، بولۇپمۇ ئالاھىدە پىسخىك مۇھىتنىڭ كىشىلەر توپىغا تەسىرنى مۆلچەرلىگەندە، تىك لىنىيىلىك تەتقىقات ئارقىلىق خېلىلا ئۇزۇن تارىخىي مەزگىلدىكى مۇناسىۋەتلىك ماتىرىياللارنى توپلىغىلى، ھەتتا بىر نەچچە ئەۋلادقا چېتىلىدىغان ماتېرىياللارنى توپلىغىلى بولىدۇ،ئەمما بۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئانچە ئاسان ئەمەس. ئەگەر بىرلا مەزگىلدە ئوخشىمىغان تارىخىي دەۋرلەرگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئىككى گۇرۇپپا ئادەملەر توپىنى سىلىشتۇرغاندا، بۇ خىل مۆلچەر تىك لىنىيىلىك تەتقىقات ۋاقتىنى قىسقارتىدۇ، ئەمما يەنىلا ئوخشاش مەقسەتكە يەتكىلى بولىدۇ.

         (3) گىرەلەشتۈرۈپ سىلىشتۇرۇش ئۇسۇلى

        مۇناسىۋەتلىك تۈرلەردە،كېسەللەر گۇرۇپپىسى بىلەن ئوخشاش ساندىكى نىسپىي ساغلاملار گۇرۇپپىسى جۈپ قىلىپ سېلىشتۇرۇلىدۇ.مەسىلەن: ھەزىم يوللىرىدىكى يارىغا گىرىپتار بولغان بىر گۇرۇپپا كېسەللەر بىلەن ئۆت خالتىسى سوزۇلما ياللۇغىغا گىرىپتار بولغان يەنە بىر گۇرۇپپا كېسەللەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق،ھەزىم يوللىرىدىكى سوزۇلما ئالامەتلەرنىڭ جىسمانىي-روھىي تەسىر مۇناسىۋىتى تەتقىق قىلىنىدۇ.يەنە بىر مىسال: ئىپدېمولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە پۈتكۈل ئادەملەر توپىدىكى مەلۇم روشەن پەرقلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىنى سېلىشتۇرۇش،سۈرەتلىك مەدەنىيەت ياكى ئارقا كۆرۈنۈش شەرتى ئوخشاش بولمىغان باشقا روھىي-جىسمانىي ئالامەتلەرنىڭ تارقىلىش تەكرارلىق دەرىجىسىدىكى پەرقلەرقاتارلىق.ئۆلچەملەشكەن تېخنىكىنى قوللىنىپ توپلىغان ماتېرىياللار ئەڭ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇل بولۇپمۇ مەلۇم ئالاھىدە نەزەرىيە ئارقىلىق سىناش،تەكشۈرۈش،تۈزىتىش ياكى چېقىرىۋىتىشلارغا مۇۋاپىق كىلىدۇ.



      2) تەجرىبە تەتقىقات تېخنىكىسى

      (1) كۆزىتىش ئۇسۇلى

          ئەنئەنىۋىي سۆھبەتلىشىش ئۇسۇلى ئارقىلىق روھىي تەكشۈرۈش قىلىشتىن باشقا، يەنە ھەرخىل سۇئاللار جەدۋەللەرۋە ئالامەتلەرمىقدارىنى بەلگىلەش قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن كېسەلنىڭ روھىي ئالامەتلىرىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. ئۇندىن باشقا بىر يۈزلۈك ئەينەك ئارقىلىق كېسەللەرنىڭ تەبىئىي شەرت ياكى كونترول قىلىنغان مۇھىتتىكى ئىپادىلىرى كۆزىتىلىدۇ،سىن ئېلىش تېخنىكىسى ئارقىلىقمۇ كېسەللەرنىڭ خۇلق-ھەرىكىتى خاتىرىلىنىپ، ئوبيېكتىپ ئانالىزغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.

     (2) پسخىكىلىق سىناق

        پىسخىكىلىق ھادىسىلەر ئۈستىدە ئوبيېكتىپ مىقدارئانالىزى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن، ھازىر خەلقئارادا ئەنئەنىۋىي زېھىن سىناش، خاراكتېرىنى ئېنىقلاش ۋە ئالامەتلەر مىقدار جەدۋىلى ئىشلىتىلىدۇ. كۆپ ئىشلىتىدىغانلىرى: ۋېخسلېر چوڭلار زېھنىنى ئۆلچەش جەدۋىلى،ستانفورد-بىنېت زېھىن ئۆلچەش جەدۋىلى، رور شاخ تەجرىبىسى، ئاساسى ئورتاق سىزىم تەجرىبىسى مىنېزوتا كۆپ فازىلىق خاراكتېر تەكشۈرۈش جەدۋىلى، ئېسېنكار خاراكتېر تەكشۈرۈش جەدۋىلى، كوننېل  مېدىتسىنا كۆرسەتكۈچى، ھەرخىل ئالامەتلەر ۋە ئۆزى ئۆلچەش جەدۋەللىرى،يەنى ئاددىي روھى ئالامەتلەرنى ئۆزى ئۆلچەش جەدۋىلى،ھان مېردون دەرد-ئەلەم ۋە ئەندىشىنى ئۆلچەش جەدۋىلى،90 خىل ئالامەتنى ئۆزى ئۆلچەش جەدۋىلى ،دەرد-ئەلەم ئۆلچەش جەدۋىلى ۋە ئەندىشە ئۆلچەش جەدۋىلى قاتارلىقلار بار.

      (3) پىسخو – فىزىئولوگىك سىناق

         پىسخىكىلىق ئامىللار بىلەن بەدەندەكېسەل پەيدا بولۇشنىڭ ئۆزئارا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى بايقاش ۋە ئېنىقلاش ئۈچۈن ،لابوراتورىيىدە پىسخو – فىزىئولوگىك سىناقلارنى چوقۇم ئىشلەش كېرەك.بۇ خىل سىناقلاردا سىناق قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ھەرخىل پىسخو –فىزىئولوگىك كۆرسەتكۈچىلىرى سېلىشتۇرۇلۇپ، ئۇلاردىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە قانۇنىيىتى تەتقىق قىلىنىدۇ.ئاساسلىق سىناق يوللىرى تۆۋەندىكىدەك بىر نەچچە خىل :

    قىيىنلىق دەرىجىسى ۋە تىپى ھەرخىل بولغان مەشغۇلات سىناقلىرى؛ ①

    ② كلاسسىك شەرتلىك اېفلېكس ئۇسۇلى؛

    ③ تېلېۋىزىيە تىياتىرى تەجرىبىسى(جىددىيلەشكەن،بوشاشقاندىكى)ئارقىلىق بەدەن كۆرسەت     كۈچلىرىدىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆزىتىش؛

    ④  ئۇيقۇ تەتقىقاتى ۋە چۈش مۇھىتى توغرىسىدىكى ئىزدىنىش؛

    ئۇيقۇ ھالىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر؛⑤

    كىچىك گۇرۇپپىلار ھەرىكەت قىلغاندىكى ئۆز ئارا تەسىر؛⑥

    ⑦ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۆزلىكىدىن پەيدا بولغان جىددىيلىشىش رېئاكسىيىسىدىن پايدىلىنىش،يىراقتىن كونترول قىلىدىغان ئەسۋاب ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەش؛

    ⑧ سېزىمدىن مەھرۇم قىلىنغان شارائىت ئاستىدىكى ھەرخىل ئۆزگىرىشلەر؛

    سىناقنى قوبۇل قىلغۇچىنىڭ فىزىئولوگىك ۋە پىسخىكا تەرەپتىكى ئەھۋاللىرىنى كۆزەتكەندە، خاتىرىلىگەندەۋە باھا بەرگەندە،پىسخىك ھالەت كۆپ ھاللاردا سىناقنى قوبۇل قىلغۇچى ۋە سىناق قىلغۇچىنىڭ سۇبيېكتىپ ئامىللىرىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا، چوقۇم كۆپلىگەن كۆزەتكۈچىلەرنى قاتناشتۇرۇش، كۆرۈش-ئاڭلاش- خاتىرىلەش سايمانلىرىنى ئىشلىتىش بەكمۇ زۆرۈر. كۆزەتكۈچىلەرگىمۇ ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللىرىنى ئۇقتۇرماسلىق لازىم. شۇنداق قىلغاندا سىناق قوبۇل  قىلغۇچىغا باھا بېرىشتىكى ئوبيېكتىپلىق كۈچىيىدۇ، يەنە بەزى ئۆلچەش جەدۋەللىرىنى سىناق قوبۇل قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە تولدۇرغۇزۇپ، سېلىشتۇرۇش ئاساسى قىلىش لازىم.

     (4) تەبىئىي مۇھىتتىن پايدىلىنىپ سىناق قىلىش

          بۇخىل تەتقىقات ئۇسۇلىدا ئاساسلىقى كەيپيياتتا شىددەتلىك داۋالغۇش پەيدا قىلىدىغان تەبىئى مۇھىتتىن پايدىلىنىش ،شۇنىڭدىن پەيدا بولغان پىسخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىك ئاقىۋەتلەرنى كۆزىتىش ۋە تەھلىل قىلىش كېرەك.مەسىلەن: يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرى قازالاشتىن بولغان ئىنكاسىنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن،تۇيۇقسىز ئۆلۈپ كەتكەن بالىنىڭ ئاتا – ئانىسىنى تەتقىق قىلىش،يەنەكۆچمەنلەرۋە ئۇرۇشنىڭ بەدەندىكى كېسەللىكلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمۇ تەتقىق قىلىنىدۇ.

    (5) ئىپدىمولوگىيىلىك تەكشۈرۈش

         ئىپدىمولوگىيىلىك تەكشۈرۈشتە، روھىي - جىسمانىي بىلەن مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردىكى قىيىن ئورۇنلار تەتقىق قىلىنىدۇ، كۆپ ھاللاردا ئېنىق چىگرىسى بولمايدۇ، قايسى پىسخىكىلىق ئامىللارئاساسلىق رول ئوينىغانلىقىنى،قايسىلىرى ۋاستىلىق كىچىك رول ئوينىغانلىقىنى ئايرىشمۇ تەس؛ ئۇندىن باشقا بىر قەدەر ئاز ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەرنى ئىپدىمولوگىيىلىك تەكشۈرگەندە، سىتاتىستىكىنىڭ يۈكسەك ئىشەنچىلىكلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈلىدىغان ئادەم سانى يېتەرلىك بولۇش كېرەك، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش بەكمۇ قىيىندۇر.

        ئىپدومولوگىيىلىك تەتقىقاتتىكى ، مەدەنىيەت ھالقىغان تەتقىقات ئالاھىدە بىرخىل تىپ، ئۇنىڭ ئالاھىدە مەقسىتى ،قىممىتى ۋە قىيىنلىق دەرىجىسى بولىدۇ.سۆز مەنىسىنى چۈشىنىش، قىممەت كۆز قارىشى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى تۈپەيلىدىن ئوخشىمىغان مىللەتلەر ۋە رايونلاردىكى پەرق خېلىلا چوڭ، شۇڭا مەدەنىيەت، جەمئىيەت ۋە پىسخىكا جەھەتتىكى كۆرسەتكۈچلەرنى مۇۋاپىق تاللاپ ئۆلچىگەندە، روھىي-جىسمانىي جەھەتتىكى ئورتاق ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوخشىمىغان ئارقا كۆرۈنۈشتىكى  پەرقلىرىنى توغرا تاپقىلى بولىدۇ.

     (6) ھايۋاناتلار تەجرىبە مودېلى

          ھايۋاناتلار ئۈستىدىكى تەجرىبە بىر قەدەر توغرا،چۈنكى ئادەم تېنىدە قوللانغىلى بولمايدىغان تەجرىبىلەرنىمۇ ئىشلىگىلى بولىدۇ. پاۋلوۋنىڭ كىلاسسىك شەرتلىك رېفلېكس ئۇسۇلى <<تەجرىبە خاراكتېرلىك نېرۋا كېسىلى>> مودېلىنى ئىشلەشتە قوللىنىلىدۇ. نېرۋا فىزىئولوگىيىسى ۋە نېرۋا- ئىچكى ئاجراتمىغا مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتلار، نېرۋا سىستېمىسىدىكى ئۆزگىرىشلەرنىڭ ئوبيېكتىپ ئاساسىنى شەرھىلەشكە ياردەم قىلىدۇ. يېراقتىن كونترول قىلىنىدىغان يوشۇرۇن ئېلېكتىر قۇتۇبى يېڭى تېخنىكىسى ئارقىلىق، ھايۋانلار ئىختىيارى ھەرىكەت قىلغان ئەھۋالدا، ھەرخىل غىدىقلاشلارنى قوبۇل قىلىشتىن پەيدا بولىدىغان ئېلېكتىر ئىنكاسى ۋە ئىچكى ئەزالارنىڭ ھەرىكەت ئەھۋالىنى كۆزەتكىلى بولىدۇ.

       يېقىنقى يىللاردىن بۇيان راۋاجلانغان خۇلق-ھەرىكەت ئىلمىي، ئۇچۇر تەلىماتى، كونترول تەلىماتى ۋە سىستېما تەلىماتى قاتارلىق نەزەرىيىلەر ۋە نېرۋا ئىلمى، ئىجتىمائىي پەن،ئىنسانشۇناسلىق ،پىداگوگىكا قاتارلىق پەنلەر تەتقىقاتىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەر مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىنىڭ تەتقىقاتىنى كۆپلىگەن قىممەتلىك ماتېرىياللاربىلەن تەمىنلەپ، تېخىمۇ مۇستەھكەم ئىلمىي ئۇل سېلىپ بەردى.


    جىددىيلىشىش ئىنكاسىدا تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ،ھېپوفىز ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى سىستېمىسى مۇھىم رول ئوينايدۇ.

         ھەر قانداق سىرتقى غىدىقلاشلار (بىئولوگىك، فىزىكىلىق، خىمىيىلىك، پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلغاندا، جىددىيلىشىش ئۇچۇرى ( يا ئاكسپتورلارئارقىلىق سىرتتىن كېلىدۇ،يا تېمپېراتۇرا ،قان تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئىچىدىن كىلىدۇ) نى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى قوبۇل قىلىپ،  پۈتۈنلەپ، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە سىمپاتىك نېرۋا بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى مېخانىزمىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ،كاتېخولامىن ( ئادرېنالىن ۋە نور ئادرېنالىن) نىڭ قويۇپ بىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۈرەك،مېڭە، سۆڭەك مۇسكۇللىرىنى تەمىنلەيدىغان قان ئېقىمىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ ھەر خىل غىدىقلىنىشلاردىن قوغدىنىش ئىقتىدارى ۋە سېزىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ،ھەر خىل غىدىقلىنشلارغا ئۆز ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىمۇ بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنى قويۇپ بىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى فاكتور (FCR) غا ئوخشاش نېرۋا ھورمۇنى ئاجرىتىدۇ.ئۇ بىر خىل خىمىيىۋى ئۇچۇر سۈپىتىدە ھىپوفىز ئالدىنقى ياپرىقى-بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلىقى مېخانىزمنى قوزغىتىپ،ھىپوفىز ئالدىنقى ياپرىقى ACTH ئاجرىتىش ئارقىلىق،بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنلىرىنىڭ بىرىكىشى ۋە ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىزگە مەلۇم بولغان ھىدرو كورتىزون قاتارلىق گلۇكو كورتىكوئىد ھورمونلارنىڭ بەدەندىكى ھەر قايسى سىستېمىلار ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيىلىرىگە بولغان تەسىر،ئورگانىزمنىڭ تېخىمۇ بىر قەدەم ھەرىكەتكە كېلىشى ۋە سىرتقى غىدىقلاشلارغا مۇۋاپىقلىشىشىغا پايدىلىق.

        بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى ئادرېنالىن ۋە نور ئادرېنالىن ئاجراتقاندا،جىددىيلىشىش ئاساسلىقى قىسقا مۇددەتلىك ئۆزگىرىدۇ،بۆرەك ئۈستى بېزى گلۇكو كورتىكوئىد ھورمونلارنى ئاجراتقاندا بولسا ،جىددىيلىشىش ئاساسلىقى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆزگىرىدۇ.جىددىيلىشىش ئىنكاسى جەريانىدا ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە قالقانسىمان بەزمۇ مەلۇم رول ئوينايدۇ. جىددىيلىشىش مەنبىيىگە قارىتىلغان نېرۋا-ئىچكى ئاجراتما ئىنكاسى ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ۋە تالالىرى ئارقىلىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ۋېگتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى سىمپاتىك ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن. سىمپاتىك نېرۋاقوزغىلىش-يۈرەك سېلىش كۈچىيىش، شۆلگەي ئاجرىلىش ۋەئاشقازان-ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتى تورمۇزلىنىش، كىچىك ئارتېرىيىلەر قىسقىرىشتىن قان بېسىمى كۆتۈرۈلۈش ،كانايچىلار كېڭىيىش، كۆپ تەرلەش ۋە ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىشى كۆپىيىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.پاراسىمپاتىك نېرۋا قوزغالسا ئىچكى ئەزالارنىڭ نورمال پائالىيىتى تەڭشىلىشكە يۈزلىنىدۇ. مەسىلەن: سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى شۆلگەي ئاجرىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،يۈرەك قېتىمىنى ئاستىلىتىپ، ئورگانىزمنىڭ نورمال ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا سېلې ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى دەۋرىدە ئورگانىزم ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىشقا پايدىلىق بولغان نېرۋا ئىچكى ئاجراتمائىنكاسى پەيدابولۇپ، ئورگانىزمنى نورمال ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان قارشىلىشىش ئىمپۇلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قارشىلىشىش دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.

        كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر ئادەم ئىمتاھانغا قاتنىشىش، يات ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىش، بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق بېرەر يېڭىچە تۇرمۇش ۋەقەلىكىگە دۇچ كەلسە، شۇ ۋاقتىدا قويۇپ بېرىلگەن ئادرېنالىن يۈرەك،مېڭە قاتارلىق ئەزالارغا بارىدىغان قان ئېقىمىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ سېزىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ۋە ئېنىېرگىيىنى كۆپەيتىپ شۇ ۋەقەنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قاتار فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ،مەسىلەن: يۈرەك قېتىمى تېزلىشىش، يۈرەكتىن چىقىرىلىدىغان قان مېقدارى ئېشىش ۋە قان بېسىمى كۆتۈرۈلۈش،ئاشقازان ئاجراتمىلىرى كۆپىيىش، ئاشقازان-ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئاستىلاش ،كانايچىلار كىڭىيىش ، نەپەس تېزلىشىش، پات-پات سىيىش، تەرلەش،قول-پۇتلار مۇزلاش، ئىشتىھاسىزلىق ، كۆڭۈل ئېلىشىش،قورساق كۆپۈش ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلار. ئادەملەر مۇشۇ ئەھۋالغا ماسلىشىپ، بۇ خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىققاندا،ھىلىقى فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەرمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقىلىدۇ.ناۋادا ئادەملەر بىرەر كۈتۈلمىگەن بالا-قازاغا يولۇقۇپ، جىددىي ئەھۋال ياكى كۈچلۈك ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان روھىي غىدىقلىنىشقا دۇچ كىلىپ ، ئادەتتىكى ئۇسۇل بىلەن ئوڭۇشلۇق ھۆددىسىدىن چىقالمىغاندا، تېخىمۇ روشەن بولغان بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كىلىدۇ:ئادرېنالىن كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىلىپ يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشىغا سەۋەب بولغانلىقتىن، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىدۇ ،گلۇكوگېن پارچىلىنىپ گلۇكۇزىغا ئايلانغانلىقتىن، قاندىكى شېكەر كۆپىيىپ ،ماددا ئالمىشىش تېزلىشىپ ،ئوكسىگېن سەرپىياتى ئاشىدۇ؛ نور ئادرېنالىن قويۇپ بىرىلىپ ،ئەتراپ قان تومۇرلار قىسقارغانلىقتىن ،تېرە تاتىرىپ قان بېسىمى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۆرەكتىكى قان ئېقىمى ئازايغانلىقتىن ،رېنىن ئاجرىلىپ، قان بېسىمى ، سۇ ۋە تۇز ئالمىشىشتا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ھورمۇنلار كۆپرەك ئاجرالسا، قان بېسىمى،قاندىكى شېكەر، سۇ ، تۇز ،ياغ،ئاقسىل ئالمىشىش ،ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇقىملىقى،ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە پېپسىن ئاجرىلىش، مېڭە ئېلېكتىر ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە  ئوخشاشلا كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي ، بەلكى پوستلاق ھورمۇنلىرى كۆپرەك ئاجرالسا، يەنە ئىممۇنېت ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ،مەسىلەن: يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، لىمفا توقۇلمىلىرىنىڭ قايتا ئايلاندۇرىشىغا كاشىلا قىلىپ لىمفا توقۇلمىلىرىنى تەدرىجىي چىكىندۈرۈش، گامما شار ئاقسىلىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلاش، ئورگانىزمنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش قاتارلىقلار. دۆڭچە مېڭە ،ھېپوفىز ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلىقى ئارىلىقىدا ئۆزئارا مۇرەككەپ مۇناسىۋەت مەۋجۇت، ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشى بىر قاتار قايتا تەسىر مېخانىزمنىڭ ئەپچىللىك بىلەن تەڭشىشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

        پىسخىك جىددىيلىشىش قانداق قىلىپ بەدەندە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، ئادەملەر 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا پىسخىك جىددىيلىشىشنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ ، بىر يېڭى پەننى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى،ئۇ پىسخو-ئىممو نولوگىيە ياكى خۇلق-ھەرىكەت ئىممونولوگىيىسى دەپ ئاتالدى.دەسلەپكى تەتقىقاتلار، جىددىيلىشىشنىڭ ئىممۇنېت ئىقتىدارىغا كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.

        جىددىيلىشىش مەنبەيى ( بىئولوگىك، فىزىكىلىق، خىمىيىلىك، پىسخىك- ئىجتىمائىي غىدىقلاشلار) مەسىلەن: بار تروپ(portraB) قاتارلىقلار 1977 – يىلى ئاۋىستىرالىيىدىكى پويىز ھادىسىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ جۆرىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ھادىسىدىن 5 ھەپتە ئۆتكەندە ئۆلگەنلەر جۆرىلىرىنىڭ لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارنى تورمۇزلىنىش ناھايىتى روشەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. T ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇ خىل ئىنكاسى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىدىكىدىن 10 ھەسسە تۆۋەن بولغان.

        1978-يىلىى گرېئىن (neeeGr) قاتارلىق ئادەملەر ھولمېس (esmHol) ۋە راخ (heRa) نىڭ ئۇسۇلى بويىچە كېسەللەردىكى تۇرمۇش ۋەقەلىرىدە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى باھالاپ مۆلچەرلىگەن. ئۇلار جىددىيلىشىش ئۆزگىرىش جەريانىدىكى ئىندىۋىدۇئالدا لىمفا ھۈجەيرىلىرى زەھىرى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدىغانلىقىنى بايقىغان.

    شۇ يىلى لوك (ekclo) قاتارلىق ئادەملەر جىددىيلىشىش ھالىتىدە تۇرغان تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى ناچار بىر گۇرۇپپا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، تەبىئىي ئۆلتۈرگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى سۇسلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات ،جىددىيلىشىش ھالىتىدە تۇرغان ئىندىۋىدۇئال، بولۇپمۇ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلاردا، يۇقۇملىنىش ۋە ھۈجەيرىلەردە يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇش خەۋپى چوڭىيىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ھايۋانلار ئۈستىدىكى تەجرىبىمۇ بۇ خىل بايقاشنى قوللىدى،مەسىلەن: 1975-يىلى رىلې چاشقانلار ئۇچراشسا ئەمچەك ئۆسمىسى پەيدا قىلىدىغان بتنېر (rentBit) ۋىرۇسىدىن پايدىلىنىپ، يەنە ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ بىر گۇرۇپپىغا جىددىيلەشتۈرگۈچى تەسىر كۆرسەتمىگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىنى جىددىيلەشتۈرىدىغان قىستاڭچىلىق مۇھىتتا قويغان ،تەجرىبە نەتىجىسىدە بىرىنچى گۇرۇپپىدا ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى %7 نى،ئىككىنچى گۇرۇپپىدا ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %92 نى ئىگىلىگەن.

        خۇددى باشتا شەرھىلەپ ئۆتكىنىمزدەك، جىددىيلىشىش ئىنكاسى جەريانىدە ۋېگېتاتىۋ نېرۋا ،ئىچكى ئاجراتما پائالىيىتى،ۋە ئىممۇنت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىدۇ.تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە جىددىيلىشىش ئىنكاسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ سىماپتىك نېرۋا-بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى مېخانىزمىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق جىددىيلىشىشكە قارىتا ۋاقىتلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ،يەنە ھېپوفىز ئالدىنقى ياپرىقى-بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى مېخانىزمنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ، ئىچكى ئاجراتمىلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، جىددىيلىشىشكە قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىنكاس قايتۇرىدۇ.جىددىيلىشىش ئىنكاسىدا ئىممۇنېت ئىقتىدارى ئۆزگىرىشنىڭ يولى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل: ① تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى بىۋاستە تەڭشەش رولى،② ۋېگېتاتىۋ نېرۋىنىڭ ئۆزى باشقۇرىدىغان لىمفا توقۇلمىلىرىغا قارىتا تەسىرى،③ بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى ھورمۇنلىرىنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى تورمۇزلاش رولى.ئەمما جىددىيلىشىش ئىنكاسى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ تەڭشىشى ۋە كونتروللۇقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. جىددىيلىشىش مەنبىيىنى تونۇش، قوللىنىش، ئۆتكەنكى جىددىيلىشىش تەجرىبىلىرى،جىددىيلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىش چوڭ مېڭىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.

        جىددىيلىشىش تەمىنلىگەن قايتما تەسىرلىك ئۇچۇر ئىچكى تۇراقلىق ھالەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەگەر قايتما تەسىرلىك ئۇچۇر ئەھۋالنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىسە، ئىندىۋىدۇئال ئۆزىنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فىزىئولوگىك- پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.ناۋادا قايتما تەسىرلىك ئۇچۇر ياخشى بولمىسا، پاتولوگىك جەريان بارلىققا كىلىدۇ. جىددىيلىشىش ھالىتىدە، مەلۇم ئەزا ياكى سىستېمىلار ئارتۇقچە پائالىيەت قىلغانلىقتىن،ھورمۇن ئاجرىلىش قالايمىقانلىشىپ كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ماسلىشىش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىكنى ھەرگىزمۇ مەلۇم ئالاھىدە كېسەللىك مەنبىيى پەيدا قىلمايدۇ، بەلكى ماسلىشىش ئىنكاسى قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ كەيپىيات توسالغۇسى، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك ھەرىكىتى سىنۇسلۇق تېزلىشىش،يۇقىرى قان بېسىم ،ھەزىم مەنبەلىك يارا ،رېماتىزىملىق ياكى ئاللىرگىيىلىك بەزى كېسەللىكلەر، يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيىسى بوتقىدەك قېتىش كېسىلى ،بۆرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا ،سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردىكى كېسەللىكلەرنىڭ 3/1قىسمى جىددىيلىشىش ئىنكاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن،شۇڭلاشقا جىددىيلىشىش ۋە جىددىيلىشىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى مۇھىم مېدىتسىنالىق ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە مەسىلە.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;