• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • جىددىيلىشىشنىڭ ئۇقۇمى
  • <<جىددىيلىشىش>> دېگەن سۆزنى كاننون 1925-يىلى بېرىنچى قېتىم قوللانغان.ئۇ كۆزىتىش ئارقىلىق تەجرىبە شارائىتىدا سوغۇق،ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، قان يوقىتىش ھالىتىدىكى ئىندىۋىدۇئالدا بۇ كۆرەش قىلىش- ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئىنكاسىپەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ،شۇ ۋاقتىدا ئىندىۋىدۇئال جىددىيلەشكەن ئەھۋالدا ئىدى دەپ قارىغان.كاننون يەنە <<ئىچكى تۇراقلىق ھالەت>> دېگەن سۆزنىمۇ كەشپ قىلغان. ئۇنىڭ مەنىسى- ئورگانىزمدا روشەن،مۇرەككەپ بولغان بوففېر سىستېمىسى ۋە قايتۇرما تەسرلىك مېخانىزم بولۇپ، سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسدا توسالغۇ پەيدا بولغاندىن كىيىن، بەدەندە ئىندىۋىدۇئالنىڭ تۇراقلىق ھالىتى ئەسلىگە كېلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگېرى سۈرىدىغان خاھىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ بۇنى ئادرېنالىن ۋە سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇۋاپىقلىشىش فۇنكىسىيىسى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ خىزمىتى سېلىنىڭ جىددىيلىشىش چۈشەنچىسىنى تەرەققى قىلدۇرىشىدا مۇھىم ئاساس بولغان.

        جىددىيلىشىش دېگەن نېمە؟ سېلېنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ئورگانىزمنىڭ ئۆزىگە قويۇلغان ھەر خىل تەلەپلەرگە قايتۇرغان ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاسى. يەنى ئىچكى-تاشقى مۇھىتتىكى ھەر خىل ئامىللار ئورگانىزمغا تەسىر قىلغاندا پەيدا بولغان ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاس. ئۇ بىر خىل ئالاھىدە ئالامەتلەر توپىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاتالمىش ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاسنى ھەرخىل-ھەر ياڭزا ئوخشىمىغان ئامىللار پەيدا قىلالايدۇ.سېلېنىڭ قارىشىچە ، ئورگانىزم سوغۇق ، ئىسسىق،ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ،ئۇزۇن مۇددەتلىك زىتلىق كەيپىيات، سۇ ۋە ئېلېكترولتلار تەڭپۇڭلۇقىمۇ بۇزۇلۇش قاتارلىق ھەر خىل ئوخشىمىغان غىدىقلىنىشلار ئاستىدا تۇرغاندىمۇ، ئوخشاش جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى توپى ھاسىل بولىدۇ. ئۇ جىددىيلىشىش پەيدا قىلىدىغان فاكتورنى جىددىيلىشىش مەنبەيى دەپ ئاتىغان. ئەمما جىددىيلىشىش مەنبىيى شاد-خۇراملىق(توي قىلىش) ياكى كۆڭۈلسىزلىك (ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇش) بولسۇن،پەيدا بولغان جىددىيلىشىش ئىنكاسى پەرقلىقبولمايدۇ. پۈتۈنلەي قارىمۇ- قارشى بولغان بۇ ئىككى خىل ھېسىياتنىڭ بەدەندە ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىشى زىددىيەتلىك بولىدۇ.ئەمما تەتقىقاتلار ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.ئالاھىدە ئالامەتلەر توپى دېگىنىمىز-جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى توپىدا بولىدىغان ئالاھىدە جەريان ۋە ئىپادىنى كۆرسىتىدۇ.مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ۋولىف تۇرمۇش شەكلى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىش ،تەلىپى قانائەتلەندۈرەلمەسلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەسىرلىرىمۇ جىددىيلىشىش ئىنكاسىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.ئۇ تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر خىل ۋەقەنىڭ جىددىيلىشىش ئىنكاسىنى پەيدا قىلىش-قىلماسلىقى ئىندىۋىدۇئالنىڭ  شۇ ۋەقەگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە باغلىق.ھالبۇكى بۇ خىل پوزىتسىيە ئىرسىيەت ساپاسى،شەخىسنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجى .ئۆتكەنكى تەجرىبىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر دەپ تونۇيدۇ.

        جىددىيلىشىشنىڭ ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈر: جىددىيلىشىش غىدىقلاشقا ئوخشىمايدۇ. جىددىيلىشىش-ئورگانىزمنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇھىتتىكى ھەر خىل غىدىقلاشلارغا قايتۇرغان ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاسى.بەدەنگە تەسىر قىلىدىغان غىدىقلاشلار- جىددىيلىشىش مەنبەيى بولۇپ،ماھىيەت جەھەتتە خاسلىققا ئىگە. مەسىلەن: كۈچلۈك نۇر،يۇقىرى تېمپېراتۇرىلار خاسغىدىقلاشتۇر . ئەمما ئۇلارمۇ بەدەندە جىددىيلىشىش ئىنكاسى پەيدا قىلالايدۇ.

        جىددىيلىشىش نېرۋائېنېرگىيىسى ئەمەس.كۆپلىگەن ئادەملەرجىددىيلىشىش <<ھېسىيات ياكى نېرۋىنى خورىتىدۇ>> دەپ ئېيتىدۇ.بىراق كەيپىيات ئىنكاسى دائىملىق جىددىيلىشىش مەنبەيىدۇر.سېلې نېرۋا سىستېمىسى يوق تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلار ھەتتا ئۆسۈملۈكلەردىمۇ جىددىيلىشىش ئىنكاسى بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

        جىددىيلىشىش ھەرگىزمۇ ئورگانىزم مەلۇم زەرەرلىنىشكە ئۇچراشنىڭ نەتىجىسى ئەمەس. توپ مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە ئادەملەر بېشىدىن كەچۈرىدىغان جىددىيلىشىش بىرەر زەرەرلىنىشنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.  (ئازاب-ئوقۇبەت) – سېلې زىيانلىق ياكى كۆڭۈلسىزلىكتىكى جىددىيلىشىشنى چۈشەندۈرۈشتە ئىشلەتكەن سۆز،جىددىيلىشىش ئازاب-ئوقۇبەت تۇيغۇسىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.ئورگانىزمنىڭ يېمەكلىك ، سۇ ۋە ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجى ئادەتتە كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇ ئېھتىياجلارنىڭ قاندۇرۇلىشىدا مەسىلە تۇغۇلمىسىلا شۇنداق .جىددىيلىشىش يەنە بالا تۇغۇش ياكى توي قىلغاندىكى كۆڭۈلسىزلىك دەپ قارىلىدىغان كەچۈرمىشلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز.

        جىددىيلىشىشلەرنىڭ ھەممىسى زىيانلىقمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس،جىددىيلىشىش بارلىق ھاياتلىقلار ياشاش ۋە تەرەققى قىلىشتا زۆرۈردۇر.<<ئۇسساش>> قا مۇناسىۋەتلىك جىددىيلىشىش بولمىساسۇسىزلىقتىن،قانداكاربونىك كىسلاتا كۆپىيىش كېسىلىگەمۇناسىۋەتلىك جىددىيلىشىش يېتەرلىك بولمىسا،كىسلاتادىن زەھەرلىنىشتىن ئۆلۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن.ناۋادا ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك جىددىيلىشىش كەم بولسا،مەكتەپتىكى ئوقۇشىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ.ھەتتا ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىمىزدىمۇ،جىددىيلىشىش بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىچكى تۇراقلىق ھالەتنى ساقلاشتا زۆرۈردۇر. شۇڭا جىددىيلىشىش ئۆزىنى قاچۇرۇش زۆرۈر بولغان نەرسە ئەمەس.دەل ئاشۇ جىددىيلىشىش ئىنكاسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا،ئورگانىزم تەييارلىق ھالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئورگانىزمنىڭ ھەركىتى كۈرەش ۋە ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا پايدىلىق.تەنھەرىكەتچى يۈگۈرۈشكە تەييارلانغاندا،ئورگانىزم ئېنىېرگىيىنى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئورۇن ( مۇسكۇل) غا ئەۋەتىپ بىرىدۇ.شۇ ۋاقتىدىكى جىددىيلىشىشتە بىر قاتار فىزىئولوگىك ئىنكاسلار بارلىققا كىلىپ،ئوبيېكتىپ ئېھتىياجقا ماسلىشىدۇ. روھىي جىددىيلىشىش ھالىتى( نۇتۇق سۆزلىگەندە ياكى مۇنازىرىلەشكەندە)،مۇۋاپىق جىددىيلىشىش مۇھىتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتا پايدىلىق .ئەگەر جىددىيلىشىش ئىنكاسى بەك كۈچلۈك بولسا،ئەكسىچە ئادەم ھاڭ-تاڭ بولۇپ تەمتىرەپ قالىدۇ.ناۋادا جىددىيلىشىش پەيدا قىلمىغان سەۋەب ئۈزلۈكسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، بۇ خىل ئىنكاسمۇ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىپ،ئورگانىزم جىددىيلىشىش ئىنكاسىنىڭ زەرەرلىشىگە ئۇچراپ ،ئەڭ ئاخىرىدا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ .

        جىددىيلىشىش ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە زۆرۈردۇر،ئەگەر ئۇنى مانومېتىر بىلەن ئۆلچەشكە توغرا كەلسە،كۆرسەتكۈچ شىكالا مەڭگۈ نۆل بولماسىلىقى مۇمكىن.ئەمما جىددىيلىشىش مەنبەيى بەك كۈچلۈك ياكى بەك ئاجىز بولۇپ كەتسە،ئورگانىزمنىڭ مۇۋاپىق تەڭشىيەلمەسلىكىگە سەۋەب  بولۇپ، مەسىلە تۇغۇلىدۇ. ناۋادا بىر ئادەمدە دەل قاناش بولىۋاتقان بولسا،ئورگانىزم ھەر خىل شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇپ،قان ئايلىنىشنى ئامالنىڭ بارىچە ئۈنۈملۈك قامداپ قېلىشى مۇمكىن. بەك كۆپ قان يوقىتىشتا، يەنى جىددىيلىشىش مەنبەيى بەك كۈچلۈك بولغاندا،ئورگانىزم تولۇق تەڭشىيەلمەي ،قان بېسىمى چۈشۈش،يۈرەك قېتىمى تېزلىشىش،ھەتتا قان ئايلىنىش زەئىپلىشىشتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ،ئەگەر ئاچلىققا مۇناسىۋەتلىك جىددىيلىشىش مەنبەيى بەك ئاجىز بولسا،شۇ ئادەم ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ،ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىدۇ.

         بەزىلەرنىڭ ھايۋانلار ئۈستىدىكى تەجرىبە تەتقىقاتىدا، دەسلەپكى تۇرمۇشىدا توك سوققان ۋە باشقا جىددىيلىشىشلەرگە يولۇققان چاشقانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش نورمال بولىدىغانلىقى، كېيىنمۇ جىددىيلىشىشكە مۇۋاپىقلىشالمايدىغانلىقى، ئەمما دەسلەپتە غىدىقلىنىشقا ئۇچرىمىغان ھايۋانلار چوڭلىغاندىن كىيىن يۈرەكسىز ۋە خۇلق-ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇپ قالىدىغانلىقى ئىپادىلەندى.بۇنىڭدىن گۆدەك ۋاقتىدىكى مەلۇم دەرىجىدىكى جىددىيلىشىشنىڭ نورمال ماسلىشىشچان خۇلق-ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىدا زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

         جىددىيلىشىش ئىنكاسىنىڭ ئىپادىلىرى قايسىلار؟ سېلې جىددىيلىشىش بىر ھەرىكەت ھالىتى جەريانى بولۇپ ،3دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.ئۇنىڭ نامى پۈتۈن بەدەنلىك ماسلىشىش يىغىندى ئالامىتى دەپ قارايدۇ.

        جىددىيلىشىش رېئاكسىيىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى-ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ بەدەننىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى ئويغىتىشتا، كاننون ئېيتقان كۈرەش قىلىش-قېچىش مودېلىغا ناھايىتى ئوخشاپكىتىدۇ.جىددىيلەشتۈرگۈچى مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئادەم ئورگانىزمى يا كۈرەشكە تەييارلىنىدۇ ، يا قىچىشقا تەييارلىنىدۇ.مەسىلەن: ئادەم يامان ئىتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ،پۈتۈن ئورگانىزم ھەرىكەتكە كىلىپ ، بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجرالمىلىرى كۆپىيىدۇ، قان بېسىمى كۆتۈرۈلىدۇ، پۇلس ۋە نەپەس تېزلىشىدۇ،سۆڭەك-مۇسكۇللىرىنى تەمىنلەيدىغان قان كۆپىيىدۇ،يۈرەك،ئۆپكە ۋە قان ئېقىمىدىكى قان مېقدارى ئاشىدۇ،قاندىكى شېكەر كۆپىيىدۇ.مۇشۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى ئادەم بەدىنىنى ئەڭ ياخشى تۇرقى-ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، يا ئىت بىلەن كۆرەش قىلىشقا تەييارلايدۇ،يا قېچىشقا تەييارلايدۇ.ئەمما كاننون ھېپوفىز ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلىقىنىڭ رولىنى تەتقىق قىلمىغان.بۇ سېلې ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم ئىدى.ئەگەر جىددىيلىشىش مەنبىئى بەك ئېغىر بولسا، مۇشۇ باسقۇچتىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ،مەسىلەن: ئېغىر كۆيۈك.

        ئەگەر داۋاملىق زىيانلىق غىدىقلىنىش ئاستىدا تۇرغاندا ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى پەيدا بولغاندىن كىيىن ئورگانىزم ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتىدۇ،يەنى ماسلىشىش ياكى قارشىلىق باسقۇچى، بۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى جىددىيلىشىش مەنبىيىگە ماسلىشىش بولۇپ،ئورگانىزمنىڭ جىددىيلىشىش مەنبىيى بىلەن قارشىلىشىش دەرىجىسى كۈچىيىدۇ.

        ئەگەر داۋاملىق زىيانلىق غىدىقلىنىش شارائىتىدا تۇرسا ياكى زىيانلىق غىدىقلىنىش ئېغىر بولسا ،ئورگانىزم قارشىلىق ئىقتىدارىنى يوقىتىپ،ئۈچىنچى باسقۇچقا ئۆتىدۇ.ئۇ ئاجىزلاش دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى دەۋرىدىكى ئالامەتلەر قايتىدىن پەيدا بولىدۇ.ئەگەر جىددىيلىشىش مەنبىيى يوقىتىلمىسا، بۇ ئالامەتلەر ئەكسىگە قايتمايدىغان ھالەتكە كىلىدۇ،ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ،ئورگانىزم قايتىدىن ماسلىشىش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش ياكى بۇ خىل جىددىيلەشتۈرگۈچى مۇھىتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىغا ئىگە بولۇش بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ ئورگانىزمنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

        SGA بىلەن قارىمۇ-قارشى ھالدا،ئورگانىزمنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا غىدىقلىنىشقا قارىتا ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاس پەيدا بولسا، چەكلىك ماسلىشىش يىغىندى ئالامىتى دەپ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن: يەرلىك ئورۇندىكى تېرە ياكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار زەخمىلىنىش (فىزىكىلىق ياكى خىمىيىلىك) تە LAS ئىپادىلىنىپ ياللۇغ،نېكروز بارلىققا كېلىدۇ ياكى قايتا ئۆسۈش ھادىسىسى قوشۇلغان ھۈجەيرە ئۆزگىرىشى بولىدۇ.ئەمما كۈچلۈكS LA (سەزگۈ ئەزالىرى ياكى مېڭە قىسمىدا) بولسىمۇ پۈتۈن بەدەنگە تەسىر قىلىپ، GAS نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

        ئۇنداقتا سىجىللىقى ئوخشاش، خاراكتېرى ئوخشىمايدىغان غىدىقلاشلارنىڭ ھەممىسى ئورگانىزمداپۈتۈنلەي ئوخشاش ئىنكاس پەيداقىلامدۇ؟ ياق،سوغۇق تىترەشنى،ئىسسىق تەرلەشنى،ئادرېنالىن قاندىكى شېكەر كۆپىيىشنى، ئىنسۇلىن قاندىكى شېكەر ئازىيىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ غىدىقلاشلار پەيدا قىلغان ئالاھىدە خاس ئىنكاسلارمۇ ئوخشىمايدۇ.ئەمما بۇ غىدىقلارنىڭ تەسىرىدە  GAS پەيدا بولۇشى مۇمكىن.ئۇ بۆرەك ئۈستى بەز پوستلىقى ھورمون ئاجرىتىش، قاندىكى كاتېخولامىن كۆپىيىش، تۆش بېزى كىچىكلەش،ھەزىم يوللىرىدا يارا پەيدا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،شۇڭا بۇ خىل غىدىقلاشلار پەيدا قىلغان ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاسلارمۇ ئوخشايدۇ. قورقۇش ۋە غەزەبلىنىشنىڭ سىرتقى ئىپادىلىرى ئوخشىمايدۇ. ئەمما ھەممىسىلا سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىش ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى ئاجرالما ئاجرىتىشقا سەۋەب بولىدۇ.نەتىجىدە قان بېسىمى كۆتۈرۈلۈش، يۈرەك سېلىش تېزلىشىش، مۇسكۇللار جىددىيلىشىش، ئاشقازان-ئۈچەي بوشىشىش قاتارلىق فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تىترەش، يۈرەك قېتىمى تېزلىشىش ،ھۈجەيرىلەردىكى ماددا ئالمىشىش كۈچىيىپپ كېتىش،مەقئەت تېمپېراتۇرىسى چۈشۈشلەر بولىدۇ.ئەمما تىترەش-ھودۇقۇپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان ۋاقىتلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.ھۈجەيرىلەردىكى ماددا ئالمىشىش نىسبىتى ئېشىش شىددەتلىك ئاغرىش ھالىتىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

        ئوخشاش غىدىقلاش ئوخشىمىغان تەندەپەيدا قىلغان ئىنكاسلارئوخشاشماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى شەرت-شارائىت ئوخشاشماسلىقىدۇر.بۇ شەرتلەر ئىچكى مەنبەلىك ئامىللار (ئىرسىيەت ساپاسى،جىنسى،يىشى) ۋە سىرتقى مەنبەلىك ئامىللار(ھورمونلار ياكى دورىلار بىلەن داۋالاش،ئۇچراشقان ھەر خىل مۇھىت ئامىللار ،ھاۋا بۇلغىنىش،ئىجتىمائىي سەۋەب) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

        بۇ شەرتلەر ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئوخشىمىغان تەندە پەيدا قىلغان غىدىقلىنىش ئىنكا سىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر ھەتتا كۈچلۈك جىددىيلىشىشنى ھېس قىلىش، ھەتتا پاتولوگىك جەريان پەيدابولۇشى مۇمكىن. يەنەبەزى ئادەملەرنىڭ ماسلىشىشى ياخشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزىلەر تېخى جىددىيلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزى تەنھەرىكەتچىلەر ياكى سىياسىئونلار مۇھىتنىڭ بىسىمىغا ئۇچرىسا ھەتتا خەۋپ ئاستىدا قالسا، ئۆزىنى يىنىك ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇش رېتىمى تۇيۇقسىز ئاستىلىشىپ قالسا ئۇلاردىكى ياخشى تۇيغۇ كېرىزىسقا ئۇچرايدۇ .




  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;