• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كلىنىك نېرۋا پىسخولوگىيىلىك تەكشۈرۈش
  • كلىنىك نېرۋا پىسخولوگىيىسى بىر يېڭى پەن.ئۇ مېڭە زەخمىلىنىش ۋە مېڭىدىكى ئورگا نىك كېسەللەردىن بولىدىغان ھەر خىل پىسخىك خۇلق-ھەرىكەتلەرنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىدۇ .مەسىلەن: سۆزدە ئادىشىش،زېھنى ئىقتىدارى ئاجىزلاش قاتارلىقلار.كلىنىك نېرۋاپىسخولوگىيىسى بىلەن كلىنىك مېدىتسىنا بولۇپمۇ نېرۋا كېسەللىكلەر ۋە روھىي كېسەللىكلەر بىلەن ئىنتايىن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.     كلىنىك دىئاگنوز تەكشۈرۈشلىرىدە،دائىم مېڭە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ تونۇشى ۋە سۆزلەش ئىقتىدارىنى پەرقلەندۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ،مەسىلەن:سۆزدە ئادىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ زېھنىي ئىقتىدارى،مېڭە زەخمىلەنگەنلەرنىڭ سەزگۈ ھەرىكەت ئىقتىدارى قاتارلىقلار.ئادەتتە نېرۋا كېسەللىكلىرىگە دائىر كلىنكىدىكى دائىملىق تەكشۈرۈشلەرگە تايىنىپ،مەقسەتكە تولۇق يەتكىلى بولمايدۇ.ئەمما كلىنىك نېرۋا پىسخولوگىيىسىدىكى ھەر خىل سىناقلاردىن پايدىلىنىپ،پىسخىك ئىقتىدارنىڭ زەرەرلىنىشىگە مۇناسى ۋەتلىك ماتېرىياللارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ.بۇ كلىنىك دىئاگنوز ،كېسەللەرنى پەرقلەندۈرۈ ۋە داۋالاش ئۈنۈمىنى باھالاشلارنى مەلۇم ئۈنۈملۈك ئاساسلار بىلەن تەمىنلەيدۇ.     كلىنىك نېرۋا پىسخولوگىيىسىلىك تەكشۈرۈشتىكى مەقسەت،مېڭىدىكى ئورگانىك توسالغۇلارنى توغرا مۆلچەرلەش ۋە مېڭە فۇنكىسىيىسىنىڭ ئورگانىك توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ خاراكتېرى ۋە دەرىجىسىنى ئىگىلەش،ئادەتتىكى سىناقنىڭ تۈرلىرى كۆپ ھاللاردا مەشغۇلات ئىشلەش مەزمۇنلىرى بولىدۇ.بۇ ئۆلچەملىك لايىھىلەنگەن سىناقلار ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ پىسخىك خۇلق-ھەرىكىتى توغرىسىدا مەلۇم ئانالىز يۈرگۈزگىلى بولىدۇ.      1.natieR _daetslaH نىڭ نېرۋا پىسخولوگىيىسىلىك بىر يۈرۈش سىنىقى   natieR _daetslaH نىڭ نېرۋا پىسخولوگىيىسىلىك بىر يۈرۈش سىنىقىنى daetslaH ئادەم مېڭىسنىڭ ئۆز خۇلق-ھەرىكىتى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىش ئاساسىدا تۈزۈپ چىققان،كىيىن ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىسى natieR تۈزىتىش كىرگۈزگەن.دۆلىتىمىزنىڭ خۇنەن تىببىي ئىنىستىتۇتىدىكى پروفېسسور گۇڭ ياۋشەن ئەپەندى رىياسەتچىلىكىدە تۈزىتىلىپ،جۇڭگو دائىمى مودىلى تۈزۈپ چىقىلغان.      natieR _daetslaH نىڭ نېرۋا پىسخولوگىيىلىك سىنىقى جەمئىي 3  يۈرۈش بولۇپ،ئۇ چوڭلارنىڭ (15 ياشتىن چوڭلارغا قوللىنىلىدۇ) ،ئۆسمۈرلەرنىڭ (14~9ياشلىقلار) ،بوۋاقلارنىڭ (8~5 ياش) دەپ 3 خىلغا بۆلۈنىدۇ.تۆۋەندە چوڭلارنىڭكىنى مىسالغا ئېلىپ ئۇلارنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:      1) يان تەرەپ ئۈستۈنلۈكىنى تەكشۈرۈش: قول،پۇت،كۆز،مۈرە قاتارلىقلارنىڭ ئىتتىكلىكىنى ئۆلچەش ئارقىلىق ،ئادەملەرنىڭ چوڭ مېڭە يېرىم شارىنىڭ ئۈستۈنلۈكلۈكى پەرقلەندۈرۈلىدۇ.     2) سۆزدە ئاداشتۇرۇپ تەكشۈرۈش: سۆز قوبۇل قىلىش ۋە ئىپادىلەش ئىقتىدارىنى سىناشتىن تۈزۈلگەن سۆزلەش ئىقتىدارىنى تاللىۋېلىش سىنىقى بولۇپ،ئۇ رەسىم نۇسخىسىغا قارىتىپ سىزغۇزۇش،سۆز ياكى جۈملە ئوقۇتۇش،سۆز مەنىسىنى چۈشەندۈرگۈزۈش،ئاساسلىق سۆزنى تەكرارلىتىش قاتارلىق تۈرلەرنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.      3) مۇشتۇمىنى تۈگۈش سىنىقى: قول كۈچى ئۆلچىگۈچى بىلەن ئىككى قولنىڭ تېز ۋە گاللىقى سېلىشتۇرۇلىدۇ.     4) كاتېگورىيىلىك سىناش: بۇنىڭدا بىمارلارنىڭ ئابستراكت ئىقتىدارى سىنىلىدۇ.جەمئىي 208 پارچە رەسىم بولۇپ،7 گۇرۇپپىغا بۆلۈنىدۇ،بۇ سىناقتا،سىناق قىلىنغۇچىلاردىن مۇناسىۋەتلىك غىدىقلاش كۈچىگە ئىگە رەسىملەرنى ئايرىش،ھەمدە ئالاھىدە قۇرۇلمىلاردىكى سترېلكىلار بىلەن كۆرسىتىش تەلەپ قىلىنىدۇ.     5) بارمىقىدا چېكىش سىنىقى: بۇ ئارقىلىق قول بارماقلىرىنىڭ نازۇك ھەرىكەتلىرى تەك شۈرۈلىدۇ.تەكشۈرۈلگۈچىگە بىر خىل مېخانىك قۇرۇلمىنى ئىككى قولىنىڭ بېگىز بارمىقى بىلەن چەكتۈرۈلۈپ،ئۇنىڭ سۈرئىتى تەكشۈرۈلىدۇ ۋە سېلىشتۇرۇلىدۇ.     6) تاۋۇش سېزىش سىنىقى: بۇ بىر قانچە مەنىسىز خەت تاۋۇشلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، سىناق قىلىنغۇچىلاردىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان 4 خەت تاۋۇشى ئىچىدىن تاۋۇشى ئوخشايدىغانلىرى تاللاتقۇزۇلىدۇ.بۇ سىناق ئارقىلىق ئاساسلىق ئاڭلاپ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى تەكشۈرۈلىدۇ.     7) سىزىق ئۇلاش سىنىقى: بۇنىڭ A، B ئىككى تىپى بار. A تىپىدا ئورنى ئوخشىمىغان 1 دىن 25 گىچە بولغان سانلارنى ئۇلاش تەلەپ قىلىنىدۇ؛ B تىپىدا ئورنى ئوخشىمىغان 1 دىن 13 گىچە بولغان سانلارنى A دىن L گىچە بولغان ھەرپلەر بىلەن گىرەلەشتۈرۈپ ئۇلاش تەلەپ قىلىنىدۇ.بۇ بىر خىل كۆرۈش سېزىمى،ئۇقۇم ۋە كۆز ھەرىكىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىز قوغلىشىنى تەكشۈرىدىغان سىناق.     8) تېگىش سېزىمى مەشغۇلات سىنىقى: بىر خىل شەكىللىك تاختاي ئىشلىتىلىدۇ.بۇ بىر قانچە تاختاي پارچىسىدىن ياسالغان گېئومېترىيىلىك شەكىل ۋە مۇناسىپ شەكىللەر ئويۇلغان ياغاچ ئويۇقتىن تۈزۈلگەن. سىناق ئىشلىگەندە سىناق قىلىنغۇچىلارنىڭ كۆزىنى ئېتىپ قويۇپ،ئىككى قولى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا ياغاچ پارچىلىرىنى شەكىل جەھەتتىن ماس كېلىدىغان ئويۇق ئىچىگە ئورۇنلاشتۇرغۇزۇپ،ئاندىن بارلىق ياغاچ پارچىلىرىنىڭ شەكلى ۋە ئورنى ئەسلەتكۈزىلىدۇ.مەشغۇلاتنى ئورۇندىغان ۋاقتى ۋە ئەسلىمىسىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئاساسەن،تېگىش سېزىمىنىڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ،ھەرىكەت سېزىمى،قوللىرىنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارى ،شەكلى ۋە ئورنىنى ئەستە تۇتۇۋېلىشى قاتارلىقلار باھالىنىدۇ.بۇ سىناق daetslaH نىڭ بىر يۈرۈش سىنىقى ئىچىدىكى ئەڭ ئاساسلىقى.     9) مۇزىكا رېتىمى: ئىنچىكە تارىلىق مۇزىكا رېتىمى سىناق قۇرالى  قىلىنىدۇ.ئۇ 30 جۈپ ئوخشاش ياكى ئوخشىمىغان مۇزىكا رېتىمىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ،سىناق قىلىنغۇچىلارنىڭ ھەر بىر جۈپ مۇزىكا رېتىمىغا قانداق ئىنكاس قايتۇرىشىغا قاراپ،مۇزىكا پەدىسىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى ئىگىلىنىدۇ.     10) سېزىمىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىنى تەكشۈرۈش: بۇ نېرۋا كېسەللىكلەر ئىلمىدە قوللىنىلىدىغان كلىنىك تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بولۇپ،بىمارلار بارماقلىرىنىڭ بىلىش-بىلمەسلىكى،تېرىسىنىڭ يېزىقنى تونۇشى،تېگىش سېزىمى ،ئاڭلاش سېزىمى ۋە كۆرۈش سېزىملىرى تەكشۈرۈلىدۇ. natieR _daetslaHنىڭ نېرۋا پىسخولوگىيىسىلىك بىر يۈرۈش سىنىقىنىڭ 5 مۇھىم سىنى قىغا ئاساسەن،مەسىلەن: كاتېگورىيىلىك سىناق،سېزىم،چېكىش سىنىقى،رىتىم سىنىقى، تاۋۇش سېزىمىنىڭ 7 سانلىق كۆرسەتمىلىرى ئارقىلىق چو مېڭىنىڭ زەخمىلىنىش دەرىجە كۆرسەتكۈچى ھېسابلاپ چىقىلىدۇ،فورمۇلاسى مۇنداق:مېڭەزەخمىلىنىش دەرىجەكۆرسەتكۈچى=7/سىناق نەتىجىسى نورمال بولمىغان تۈرلەرنىڭ سانى ئاندىن بۇ خىل مېڭە زەخمىلىنىش دەرىجە كۆرسەتكۈچى ئارقىلىق چوڭ مېڭىنىڭ زەخمىلىنىش دەرىجىسى باھالىنىدۇ.     بۇنىڭدىن سىرت،بارلىق سىناق تۈرلىرىگە ئاساسەن،ئۇنىڭ ئۈستىگە زېھنىي سىناش،ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى سىناش ۋە خاراكتېر سىناشلارنىڭ خۇلاسىسىنى قوشۇپ،ئۇنىۋېرسال ئانالىز قىلىپ،ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى ئۆز ئارا نۇمۇر مۇناسىۋىتىنى ئىگىلەپ،مايىللىقى ۋە خاراكتېرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق،زەخمىلىنىشنىڭ يېيىلما خاراكتېرلىكمۇ ياكى يەرلىك ئوچاقلىقمۇ،تۇراقلىقمۇ ياكى ئۆزگىرىشچانمۇ ئىكەنلىكىنى ئىگىلەپ،كېسەللىك ئور نىغا دىئاگنوز قويۇلىدۇ.   natieR _daetslaH نىڭ نېرۋا پىسخولوگىيىلىك بىر يۈرۈش سىنىقى،مېڭە خۇلق-ھەرىكەت توسالغۇغا ئۇچرىغاندىكى بىر خىل ئىشەنچىلىك پىسخىك سىناق قۇرالى،سىناق نەتىجىسىنىڭ مېڭە كېسەللىكلىرىگە دىئاگنوز قويۇشتا ياردىمى بار،ھەمدە بەزى كېسەللەرنىڭ خاراكتېرى ۋە ئورنىنى بەلگىلىگىلى بولىدۇ.تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى بۇ ئارقىلىق مېڭە بىلەن خۇلق-ھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى باھالىغىلى بولىدۇ.لىكىن بىر يۈرۈش سىناق مەلۇم چەكلىمىلەرگە ئۇچرايدۇ،مەسىلەن: سىناق ئىشلەشكە كېتىدىغان ۋاقىت ئۇزۇن،نەتىجىسى نى بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئانالىز قىلىش مۇرەككەپ،بولۇپمۇ بەزى قولى پالەچ بىمارلارغا قوللىنىش قىيىن،شۇڭا كلىنكىدا كەڭ قوللىنىشتا قىيىنچىلىقلار كۆپ.     2. aksarbeN_airuL نىڭ نېرۋاپىسخولوگىيلىك بىر يۈرۈش سىنىقى      بۇ ئەسلىدە سوۋېت پىسخولوگىيە ئالىمى airuL ئۆزىنىڭ كلىنىك ئەمەلىيىتى جەريانىدا ئۇچرىغان مېڭىسى زەخمىلەنگەن بىمارلاردىكى كېسەللىكنىڭ ئورنى ۋە خاراكتېرىنى بېكىتىشتە قوللانغان پىسخولوگىيىلىك تەكشۈرۈش تېخنىكىسى ئىدى.1975-يىلى ئامېرىكىنىڭ نېبراسكا ئالىي ئۇنۋېرىستىتىدىكى پروفېسسور كولدېن ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى بۇ تېخنىكىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە ئۆلچەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى ئىشلىگەن.پۈتۈن سىناقتا 11 جەدۋەل،جەمئىي 269 تۈر بار.ھەر بىر سىناق تۈرلىرى ئالاھىدە نېرۋا فۇنكىسىيىسىگە قارىتىلغان.     1) ھەرىكەت جەدۋىلى: بۇنىڭدا 51 تۈر بولۇپ،ئۇ ئىككى قولنىڭ ئايرىم-ئايرىم ھەرىكەت سۈرئىتى،ئىككى قولنىڭ ھەرىكەت سۈرئىتى ۋە شۇنداقلا ماسلىشىش ئىقتىدارى،دوراپھەرىكەت قىلىشى، سۆز ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلغاندىكى ھەرىكەت ئورۇنلىشى ،ئېغىز بىلەن تىلنىڭ ئاددىي ۋە سىستېمىلىق ھەرىكىتى،ئاددىي رەسىم سىزدۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.     2) رىتىم جەدۋىلى: بۇنىڭدا 11 تۈر بولۇپ،ئۇ ئىككى ئاساسى قىسىمنى يەنى ئاھاڭ پەرقلەندۈرۈش ۋە رىتىم شەكلىگە ھۆكۈم قىلىشتىكى سېزىم قىسم ۋە ئۆزگىرىشچان ئاھاڭلارنىڭ بىرىكىشى،شۇنداقلا ناخشىدىكى ئىپادىلىنىش قىسىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.     3) كۆرۈش سېزىم جەدۋىلى: بۇنىڭ 14 تۈرى بولۇپ،شەيئى ۋە شەيئىلەرنىڭ رەسىمىگە نام بېرىش،تۇتۇق رەسىملەرنى پەرقلەندۈرۈش،رەسىمدىكى ئىزناسى ئۈستى-ئۈستىگگ چۈشۈرۈلگەن نەرسىلەرنىڭ نامىنى ئاتىغۇزۇش،سان سىفىرى بولمىغان سائەتلەرد ۋاقىتنىڭ قانچە بولغانلىقىنى سوراش،يۆنىلىش پەرقلەندۈرگۈزۈش،ئۈچ ئۆلچەملىك ماكاندىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان ياغاچ پارچىلىرىنىڭ رەسىمىنى ھېسابلىتىش،ئىككى ئۆلچەملىك ماكاندا ئايلاندۇرۇپ جۈپلەشتۈرۈش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.     4) تېگىشىش سېزىم جەدۋىلى: بۇنىڭ 11 تۈرى بولۇپ،ئۇ تېگىشىشتىن ئورۇن بەلگىلەش،يېنىك-ئېغىر،ئۇچلۇق-گال ۋە ھەرىكەت يۆنىلىشىدىكى سېزىمىگە ھۆكۈم قىلىش،ئىككى تېگىشىش نۇقتىسىنى پەرقلەندۈرۈش،سان سىفىر،خەت ۋە شەيئىلەرنىڭ شەكلى قاتارلىقلارنى سىلاپ پەرقلەندۈرۈشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.     5) گەپ-سۆزنى سېزىش جەدۋىلى: بۇنىڭدا 32 تۈر بولۇپ،ئۈچ قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،بىرىنچى قىسمى ئاساسىي تاۋۇش ئېلېمېنتىنى پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارى؛ئىككىنچى قىسمى ئاددىي خەت،سۆز ۋە بۇيرۇق سۆزلەرنى چۈشىنىشى؛ئۈچىنچى قىسمى ھەرخىل گرامماتىكا قۇرۇلمىلىرىنى چۈشىنىشى.     6) سۆز بىلەن ئىپادىلەش جەدۋىلى: بۇنىڭدا 41 تۈر بولۇپ،ئۇ خەت،سۆز،جۈملە ۋە شەيئىلەر نامىنىڭ ئاتىلىشلىرىنى ئەگىشىپ ئوقۇش،ئاددىي ساۋاتلارغا جاۋاب بېرىش،رەسىملەرنى ئۆز ئالدىغا تەسۋىرلەش،ھېكايە سۆزلەش،سۆز باشلاش،جۈملە تولۇقلا،جۈملە تۈزۈش،سۆز-جۈملىلەرنى قۇراشتۇرۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.     7) يېزىق جەدۋىلى: بۇنىڭدا 12 تۈر بولۇپ،بۇ خەت،سۆز ،قىسقا سۆزلۈك ۋە جۈملىلەرنى ئاڭلاپ يېزىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.     8) ئۈنلۈك ئوقۇش جەدۋىلى: بۇنىڭدا 12 تۈر بولۇپ،ئۇ سۆزلەرنى ھەرپلەرگە پارچىلاش،ھەرپ ياكى تاۋۇشلاردىن سۆز ياساش،شۇنداقلا ھەرپ،سۆز،قىسقا سۆزلەر ياكى قىسقا ماقالە قاتارلىقلارنى ئۈنلۈك ئوقۇشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.     9) ھېسابلاش جەدۋىلى: بۇنىڭ 22 تۈرى بولۇپ،ئۇ ئاددىي ساۋاتلار ۋە كۆپ خانىلىق سانلارنى ئۈنلۈك ئوقۇش ۋە يېزىش،ئاددىي ھېسابلاش ،ئالگېبرالىق ئىپادىلەرنى تولدۇرۇش، ئۇدا ھېسابلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.     10) ئەسلىمە جەدۋىلى: گەپ-سۆزلەرنىڭ توسالغۇسى بولسۇندۇ-بولمىسۇندۇ قىسقا ۋاقىتلىق ئەسلىمىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.مەسىلەن: رەسىم ئەسلىمىسى،رىتىم ئەسلىمىسى،قول-ئىشارەت ئەسلىمىسى،سۆز-رەسىم ئەسلىمىسى،سۆزلۈكلەرنى تەكرار ئۆگىنىشى، سۆز ۋە جۈملىلەر بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغان ئەسلىمىسى قاتارلىقلار.     11) زېھنىي قابىلىيەت جەدۋىلى: بۇنىڭدا 33 تۈر بولۇپ،ئۇ زېھنىي قابىلىيىتىنى ھەر تەرەپلىمىلىك ئۆلچەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،مەسىلەن: چۈشىنىش،ئوخشاشلىقى،ھېسابلاش،سۆزلۈكلەر،جىسىملارنىڭ تۈرلەرگە بۆلۈنۈشى،سېلىشتۇرۇش ۋە كىنايە سۆز قاتارلىقلار.     بۇلاردىن سىرت، يەنە خاراكتېرىنى بېكىتىش جەدۋىلى، مېڭە سول يېرىم شارى ۋە ئوڭ يېرىم شارىنى ئۆلچەش جەدۋىلىدىن ئىبارەت 3 قوشۇمچە جەدۋەل بولۇپ،بۇ جەدۋەللەرنىڭ مەزمۇنلىرى يۇقىرىدىكى جەدۋەللەردىن تاللاپ ئېلىنغان.    aksarbeN_airuL نېرۋا پىسخولوگىيىسىنىڭ بىر يۈرۈش سىنىقىنىڭ باھالاش ئۇسلۇبىدا،ھەر خىل سىناقلار مەشغۇلاتىنىڭ توغرىلىقى،راۋانلىقى،ۋاقتى،سۈرئىتى،سۈپىتى قاتارلىق كۆرسەتكۈچلىرىگە ئاساسەن،2،1،0 دىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك نۇمۇرلاش ئۇسۇلىنى قوللانغان؛<<0>> نورمال؛<<1>> ئارىلىق ھالەتنى كۆرسىتىدۇ؛ <<2>> نورمال ئەمەس، ھەر قايسى جەدۋەللەرنىڭ نۇمۇرىنى جەملەپ قوشقاندا مۇشۇ جەدۋەلنىڭ ئۆلچەمسىز نۇمۇرى چىقىدۇ،نۇمۇرى قانچە يۇقىرى بولسا،زەخمىلىنىشنىڭ شۇنچە ئېغىر ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.ئەگەر ئۆلچەمسىز نۇمۇر ئۆلچەملىك نۇمۇرغا ئايلاندۇرۇلسا(T)، ھەر قايسى جەدۋەللەر ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى ئىگىلەش ئۈچۈن،كلىنكىدا سېلىشتۇرۇپ ئانالىز قىلىشقا ئاسانلىق يارىتىلىدۇ. 3. relshceW ئەسلىمە جەدۋىلى     relshceW ئەسلىمە جەدۋىلى-SMW دەپمۇ قىسقارتىلىدۇ.بۇ كۆپىنچە ئەسلىمە خاتىرىسىنىڭ زەخمىلىنىشىنى تەكشۈرۈشتە قوللىنىلىدۇ.ئۇ ئاددىي ساۋاتلار،نىشان بەلگىلەش،پىسخىكىلىق قابىلىيىتى،لوگىكىلىق ئەسلىمىسى،سان يادلاش،كۆرۈش سېزىمىنىڭ قايتا يېتىلىشى ۋە ئېسىگە سېلىپ ئەسلىتىشتىن ئىبارەت 7 تارماق جەدۋەلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.    relshceWئەسلىمە جەدۋىلىنىڭ باھالاش ئۇسۇلى: ھەر تۈرلۈك جەدۋەللەرنىڭ نۇمۇرلىرىنى يېغىنچاقلاپ،بىر ئەسلىمە بۆلۈنمىسى(QM) نى تىپىپ چىقىپ، QM ئارقىلىق بىر ئادەمنىڭ ئەسلەش سەۋىيە ئىقتىدارى بەلگىلىنىدۇ. QM نىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلىrelshceW نىڭ زېھنىي سىناش جەدۋىلى بىلەن ئاساسەن ئوخشايدۇ. QM ئىنتايىن تۆۋەن بولسا،مېڭىدە ئورگانىك كېسەللىكلەر ياكى فۇنكىسىيىسى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان ئەھۋاللار بار دەپ قاراشقا بولىدۇ.     relshceW ئەسلىمە جەدۋىلى ئادەتتە نېرۋا كېسەللىكلەر بۆلۈمىدە ياشانغانلار كېسەللىكلىرىگە ۋە روھىي كېسەللىكلەرگە كلىنكىلىق دىئاگنوز قويۇشلاردا قوللىنىلىدۇ.دۆلىتىمىزدىكى پروفېسسور گۇڭ ياۋشەن ئەپەندى بۇ جەدۋەلگە تۈزىتىش كىرگۈزگەن،ھەمدە رەسىم ئەسلىمىسى،قايتا تونۇتۇش،سىلاپ بىلىش خاتىرىسىدىن ئىبارەت 3 تارماق جەدۋەل قوشقان.شۇنىڭ بىلەن بۇ 10 تارماق سىناقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەدۋەل بولۇپ شەكىللەنگەن.بۇنىڭ دۆلىتىمىز كلىنكىسىدا ئىشلىتىلىشى مەلۇم دىئاگنوز قىممىتىنى نامايان قىلدى. 4. كلىنىك ئەسلىمە جەدۋىلى     كلىنىك ئەسلىمە جەدۋىلى،جۇڭگو پەنلەر ئاكادىمىيىسى پىسخولوگىيە تەتقىقاتچىسى شۈ شۇليەن رىياسەتچىلىكىدە تۈزۈلگەن.بۇ جەدۋەلنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى ، ئۇنىڭدا مەدەنىيەت سەۋىيىسى بار ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسى يوق ئىككى قىسىمنىڭ نورمال قىممىتى ئالدىن تەييارلىۋىلىنغان بولۇپ،مەدەنىيەت سەۋىيسى يوق سىناق قىلىنغۇچىلارغا ئىشلىتىشكە ئەپلىك؛ئاساسلىق ياشانغانلار كېسەللىكىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ياشانغانلار تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدۇ؛بۇ ئىككى يۈرۈش تەڭ دەرىجىلىك جەدۋەل،ئۆز ئارا سېلىشتۇرۇشقا ئەپلىك، ئۆگىنىش تەسىرىنى چىقىرالايدۇ.     كلىنىك ئەسلىمە جەدۋىلى جەمئىي 5 تارماق جەدۋەلدىن تۈزۈلگەن: كۆرسىتىش ئەسلىمىسى،ئەسلەپ ئۆگىنىش،رەسىملەرنى ئېسىگە ئېلىش،مەنىسىز شەكىللەرنى قايتا تونۇش، ئادەملەر سۈرىتىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى ئەسلىتىشلەر.تۆۋەندە بۇلارنى ئاددىيلا تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:     1) كۆرسىتىش ئەسلىمىسى: بۇ ئىككى گۇرۇپپىلىق مەزمۇننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ،ھەر بىر گورۇپپىدا 24 سۆز بار،ئۇنىڭ 12 سى ئوخشاش سۆزلەر بولۇپ،كۆرسىتىش سۆزى دېيىلىدۇ؛قالغان 12 سۆز شۇنىڭغا ئارىلاشتۇرۇلغان ئوخشاپ كېتىدىغان سۆزلەر بولۇپ،كۆرسىتىش سۆزلىرى ئەمەس.سىناق ئىشلىگەندە سىناق قىلىنغۇچىلاردىن ئاڭلاش سېزىمى ئارقىلىق ئوخشاش كۆرسىتىش سۆزلىرىنى ئەسلەش تەلەپ قىلىنىدۇ.     2) ئەسلەپ ئۆگىنىش: بۇ 12 جۈپ ئايرىم سۆزلەردىن تۈزۈلگەن جەدۋەل،ئۇنىڭ ئىچىدە ئاسىنى ۋە قىيىنى ھەر ئىككىلىسى 6 جۈپتىن ،سىناق ئىشلىگەندە يەنىلا سىناق قىلىنغۇچىلاردىن ئۆزىنىڭ ئاڭلاش سېزىمىگە تايىنىپ ئۆگىنىش،ھەمدە ھەر بىر جۈپ سۆزنى ئەستە تۇتۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.     3) رەسىملەرنى ئېسىگە ئېلىش: بۇ ئىككى گۇرۇپپا جىسىملارنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن رەسىملەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان،ھەر بىر گۇرۇپپىدا 15 پارچە رەسىم بار،سىزىلغان رەسىملەرنىڭ ھەممىسى كىشىلەرگە دائىم ئۇچراپ تۇرىدىغان،ئىنتايىن تونۇش ۋە پەرقلەندۈرۈشكە ئاسان نەرسىلەر،مەسىلەن: كۈندىلىك ئىشلىتىلىدىغان بويۇملار،قاتناش قۇراللىرى قاتارلىقلار.سىناق ئىشلىگەندا، سىناق قىلىنغۇچىلاردىن بۇ رەسىملەرنى كۆرۈپلا دەرھال ئەسلىيەلىشى ،ھەمدە 2 مىنۇت ئىچىدە رەسىمدىكى مەزمۇنلارنىڭ ئېسىدە قانچىلىك قالغانلىرىنى سۆزلەپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.     4) مەنىسىز شەكىللەرنى قايتا تونۇتۇش: بۇنىڭدا ھاياجانلاندۇرىدىغان رەسىمدىن 20 پارچە، قايتا تونۇتىلىدىغان رەسىمدىن 40 پارچە (بۇنىڭ ئىچىدە كۆرۈنگەنن ئوخشاش رەسىمدىن 20 پارچە، ئارىلاشتۇرىۋېتىلگەن ئوخشىشىپ كېتىدىغان، ھاياجانلاندۇرىدىغان رەسىمدىن 20 پارچە ) بار.سىناق ئىشلىگەندە،ئالدى بىلەن 20 پارچە ھاياجانلاندۇرىدىغان رەسىم ئايرىم-ئايرىم 3 سېكۇنت كۆرسىتىلىدۇ.ئارقىدىنلا 40 پارچە قايتا تونۇتىلىدىغان رەسىم كۆرسىتىلىپ ،سىناق قىلىنغۇچىلاردىن ھاياجانلاندۇرىدىغان رەسىملەر بىلەن پۈتۈنلەي ئوخشايدىغان رەسىملەرنى تىپىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ.     5) ئادەم رەسىملىرىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئەسلىتىش: بۇنىڭدا ئادەم يۈزى چۈشۈرۈلگەن 6 پارچە رەڭسىز رەسىم بولىدۇ.سىناق ئىشلىگەندە،سىناق ئىشلىگۈچى سىناق قىلىنغۇچىغا تەرتىپ بويىچە رەسىملەرنى كۆرسىتىپ،ھەر بىر پارچە رەسىمدىكى ئادەمنىڭ ئىسمى،كەسپى ۋە ھەۋىسى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى سىناق قىلىنغۇچىغا دەپ بېرىدۇ، مۇشۇنداق ئىككى قېتىم تەكرارلاپ ،سىناق قىلىنغۇچىدىن رەسىمنى ۋە ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى ئېسىدە تۇتۇۋىلىش تەلەپ قىلىنىدۇ.ئاندىن يەنە بىر تەرتىپ بويىچە رەسىملەرنى كۆرسى تىپ،سىناق قىلىنغۇچىدىن رەسىمدىكى ئادەمنىڭ ئىسمىنى،كەسپىنى ۋە ھەۋەس ئالاھىدىلىكلىرىنى دەرھال ئېيتىپ بېرىش تەلەپ قىلىنىدۇ.     كلىنىك ئەسلىمە جەدۋىلىدىكى 5 تارماق جەدۋەلنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆزى ئالدىغان نۇمۇر خاتىرىلەش ئۇسۇلى بولۇپ،ھەر قايسى جەدۋەلنىڭ ئېرىشكەن نۇمۇرلىرى دەسلەپكى نۇمۇر بولىدۇ.بۇ دەسلەپكى نۇمۇرىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش جەدۋىلىنىڭ تەڭ قىممەتلىك جەدۋىلىگە ئاساسەن،ھەر قايسى تارماق جەدۋەللەرنىڭ ئوتتۇرىچە نۇمۇرى تىپىپ چىقىلىدۇ،ھەمدە خۇلاسە جەدۋىلىنىڭ نۇمۇرى ھېسابلاپ چىقىلىدۇ.ئاندىن ھەر قايسى ياش گۇرۇپپىسىدىكىلەر خۇلاسە جەدۋىلىنىڭ تەڭ قىممەتلىك ئەسلىمە بۆلۈنمىسىنى سۇندۇرۇپ ھېسابلاش جەدۋىلىگە ئاساسەن، ئەسلىمە بۆلۈنمىسى (QM) نى تىپىپ چىققىلى بولىدۇ.بۇ ئادەملەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى ئۆلچەش كۆرسەتكۈچى قىلىنىدۇ. 5.tlatsGe _redneB سىنىقى     redneB نىڭ كۆرۈش سېزىم ھەرىكىتى  tlatsGe سىنىقى-ئادەتتە tlatsGe _redneBسىنىقى دەپمۇ ئاتىلىدۇ. بۇ سىناق redneB،  tlatsGe نىڭ پىسخولوگىيىلىك نەزەرىيىسىگە ئاساسەن تۈزۈپ چىقىلغان.رەسىملىرى ۋېستېرماننىڭ پىسخولوگىيە ئەسىرىدىن ئېلىنغان.redneB بۇ ئەسىرىنى دەسلەپتە ئامېرىكىنىڭ سەھىيە بىرلەشمە جەمئىيىتى تەتقىقاتىنىڭ مەخسۇس ئەسىرىدە ئېلان قىلغان؛كىيىن ffrok قاتارلىق كىشىلەرنىڭ تۈزىتىشى ئارقىسىدا ،كلىنكىدا كەڭ قوللىنىلىدىغان سىناق بولۇپ قالغان،بۇ ئاساسلىق مېڭىدىكى زەخ مىلىنىشلەرنى تەكشۈرۈشتە قوللىنىلىدۇ.     tlatsGe _redneB سىنىقى: ئاددىي شەكىل چۈشۈرۈلگەن 9 پارچە كارتۇشكىدىن (2mc 10*15) تۈزۈلگەن،ئايرىم ھالدا A ۋە 1 دىن 8 گىچە نۇمۇرلار بىلەن نۇمۇرلانغان بولىدۇ. A مىسالغا ئېلىش غىدىقلىغۇچى ئەۋرىشكىسى قىلىنىدۇ.      redneB نىڭ بۇ بىر يۈرۈش سىناقنى تۈزۈپ چىقىشتىكى دەسلەپكى مەقسىتى،كۆرۈش سېزىم ھەرىكىتىنىڭ tlatsGe ئىقتىدارى ئارقىلىق، ئۆسمۈرلەرنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ زېھنىي ئىقتىدارىنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشى ۋە مېڭىدىكى ئورگانىك زەخمىلىنىشلەرنى تەكشۈرۈشكە ئۇرۇنغان،بەزىدە كىشىلەر خاراكتېرىنىڭ چىكىنىشى ۋە ئۆزگىرىش ھادىسلىرىنى تەكشۈرۈشلەردىمۇ ئىشلىتىلىدۇ.سىناق ئىشلىگەندە، سىناق قىلىنغۇچىلاردىن پەقەت ئالدىدىكى 1 دىن 8 گىچە نۇمۇرلانغان شەكىللەرنى سىزدۇرۇپ بېقىش تەلەپ قىلىنىدۇ؛بىمارلارنىڭ سىناق ئىشلەش جەريانىدىكى پوزىتسىيىسى،ھەرىكىتى ۋە ئىنكاسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي خاتىرىلەپ، ئانالىز قىلغاندا پايدىلىنىدۇ.سىناق نەتىجىسنى باھالاشتا، سىناق قىلىنغۇچى دوراپ سىزىپ چىققان رەسىم شەكلىنى ئانالىز قىلغاندىن سىرت، يەنە رەسىملەرنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتى،ئورنى ،ۋاقتى ۋەكلىنىك ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلارغىمۇ دىققەت قىلىش كېرەك.بۇ بىر خىل ئاساسلىق سىناق ئانالىز ئۇسۇلى.     كىيىن نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈشى ئارقىسىدا،كۆپلىگەن ئۆزگەرگەن شەكىللىرى بارلىققا كەلدى،بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىق بىسىم قىلىش ۋە ئەسلىتىش ئۇسۇللىرىدۇر.     بىسىم قىلىش ئۇسۇلى: ھېرتز(ztreH) تۈزەتكەن ئۇسۇل بولۇپ،ئۇ مۇنداق دەيدۇ: بەزى كۆرۈش سېزىم ھەرىكىتى يېنىك دەرىجىدە قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارنىڭ ئورۇن بېسىپ ئىشلەش ئىقتىدارى ۋە دوراپ سىزىشلىرى چېنىپلا تۇرىدۇ؛ئەگەر بېسىم قىلىنسا،مەسىلە ئاشكارىلىنىدۇ.بېسىم قىلىش ئۇسۇلىدا ئاساسلىق ۋاقىت چەكلىمىسى بېرىلسىلا سىناق قىلىنغۇچىلارغا مەلۇم بېسىم بولىدۇ.بېسىم قىلىش ئۇسۇلى بەزى ئورگانىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش ئەھۋلى بولمىغانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەكسىچە نەتىجىسى يۇقىرى بولىدۇ.     ئەسلىتىش ئۇسۇلى: ۋېلمان تۈزەتكەن ئۇسۇل بولۇپ،بۇنىڭدا ھە بىررەسىم كارتۇچكىلىرىنى5 سېكۇنت كۆرسىتىپ ئېلىۋەتكەندىن كىيىن،سىناق قىلىنغۇچىلاردىن ئۆز ئەسلىمىسىگەتايىنىپ يادقا سىزىپ چىقىش تەلەپ قىلىنىدۇ.يادقا سىزىپ بولغاندىن كىيىن رەسىمنىڭئەسلىسىنى سىناق قىلىنغۇچىغا يەنە بىر قېتىم كۆرسىتىپ، يەنە بىر قېتىم نۇسخا ئالدۇرىلىدۇ.ئاندىن يەنە بىر قېتىم يادقا سىزغۇزۇلىدۇ.شۇنداق قىلىپ ھەربىر پارچە رەسىم 3 قېتىم يادقا، 2 قېتىم نۇسخا ئېلىپ سىزدۇرۇلىدۇ،مۇشۇنداق جەمىي 5 قېتىم سىناق قىلىنىدۇ. ۋېلمان نورمال ئادەملەر 5 دىن ئارتۇق رەسىمنى ئەسلىيەلەيدۇ دەپ قارىغان؛ئەگەر بۇ ئۆلچەمگە يېتەلمىسە، مېڭىنىڭ زەخمىلەنگەن ئېھتىمالىنى ئويلىنىشقا بولىدۇ.    tlatsGe _redneB سىنىقىنىڭ نۇمۇر خاتىرىلەش ئۇسۇلى ئىككى خىل بولىدۇ،بىرى نۇمۇر بېرىلىدىغان 26 ئامىلغا ئاساسەن خاتىرىلىنىدۇ،بۇ  ffok نۇمۇر خاتىرىلەش ئۇسۇلى بولۇپ،ئادەتتە چوڭلارغا قوللىنىلىدۇ؛يەنە بىرى 30 نۇمۇرلۇق نۇمۇر بېرىش ئۇسۇلى بولۇپ، بۇ نۇمۇر خاتىرىلەش ئۇسۇلى ئادەتتە ئۆسمۈرلەرگە قوللىنىلىدۇ.بۇ ئىككىلا خىل ئۇسۇلدا خاتالىقلارغا نۇمۇر خاتىرىلەش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ.خاتالىق قانچە بولسا، نۇمۇر شۇنچە يۇقىرى بولۇپ،كۆرۈش سېزىم ھەرىكەت ئىقتىدارى،كۆرۈش قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىدارى ۋە پۈتۈنلۈكلۈكى توسقۇنلۇققا ئۇچرىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;