• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • مەشغۇلات ئارقىلىق خۇلق ھەركەتنى ئۆزگەرتىش
  • مەشخۇلاتلىق شەرتلىك رېفلىكىس پىرىنسىپى بويىچە ، كۈچەيتىش ئۇسۇلى قوللىنىدۇ، ماسلاشقان خۇلق -ھەركەت كۆرۈلگەندە تەقدىرلىنىدۇ. ئەگەر غەيرى نولمال خۇلق -ھەركەت كۆرۈلسە تەقدىرلەنمەيدۇ ياكى ئېتبارغا ئېلىنمايدۇ، شۇ ئارقىلىق ماسلاشقان خۇلق ھەركەت كۈچەيتىلىدۇ. شۇڭا ئۇنى ئوڭ كۈچەيتىش ئۇسۇلى ۋە قايتۇرۇش ئۇسۇلى دەپ ئاتىسىمۇ بولىدۇ، بۇنېرۋا خاراكتىرلىق تاماقتىن بىزار بولۇش، ئېلشىپ قېلىش كسىلى بار بىمارلاردىكى ئېرىشمە خاراكتىرلىق ناچار خۇلق ھەركەتلەر ۋە روھىي تەراققىياتى يىتەرسىز بىمارلاردىكى غەيرى نورمال خۇلق- ھەركەتلەرنى داۋالاشقا ماس كىلىدۇ.

    ئايلون بۇپىرىنسىپتىن پايدىلىنىپ بىر نەپەر ئېلىشىپ قېلىش كېسىلى بار ئايال بىمارنىڭ غەلىتە خۇلق ھەركىتىنى داۋالىغان، ئۇ نەچچە قات كىيىم كىيۋىلىشتا چىڭ تۇرۋالغان ، بۇ شارپا ، لۆڭگە ۋە كۆڭلەكلەرنى  ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇكىيىمنىڭ ئېغىرلىقى 25 قاداققا يىتىدۇ. ئايلون يىمەكلىكنى كۇچەيتىش ۋاستىسى قىلىشنى بىكىتىدۇ، بۇ بىمار ھەرقېتىم تاماقلىنىشتىن ئىلگىرى تەن ئېغىرلىقىنى ئۆلچەشى كىرەك ئىكەنلىكىنى ، ئەگەر تەلەپ قىلغان تەن ئېغىرلىقىدىن تۆۋەن بولسا، ئاندىن تاماقلىنىشقا رۇخسەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ، دەسلەپتە بۇكىيىمنى ئازايتىش ئارقىلىق تەن ئېغىرلىقىنى ئازايتىشقا مەجبۇر بولغان، كىيىمنىڭ ئېغىرلىقى 23 قاداققا چۈشكەن. ئارقىدىنلا قاتتىق تەلەپ بويىچە ئىش كۆرگەن، بىمار بۇنىڭ ئۈچۈن بىرقانچە قېتىم تاماق يىمىگەن، بىراق قاتتىق ئامال قىلغان، بىرقانچە ئايدىن كىيىن كىيىم 3 قاداققا چۈشكەن، گەرچە بۇخىل داۋالاش ئېلشىپ قېلىشنى تەلتۈكۈس داۋالاپ ساقايتالمىسىمۇ، بىراق بىمارنىڭ باردى -كەلدى ۋە خۇلق ھەركىتىدە كۆرنەرلىك ياخشىلىنىش بولغان.

    7-مىسال: ئەر 39 ياش، ئېلشپ قېلىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان، ئۇ تاماكا چىكىشكە ئامراق، ئەمما ھەر كۈنى  بىرقېتىم ئۇزىنىڭ تىرىسىنى ۋە كىيىمىنى تاماكا ئوتىدا كۆيدۈرۈشتە ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈش خۇلق -ھەركىتىنى سادىر قىلغان.بۇ خىل  غەيرى خۇلق ھەركەتنى تۈزىتىش ئۈچۈن ، دوختۇر سېستىراغا ھەر سائەتتە بىمارنىڭ ئۆزىنى كويدۇرۇش  خۇلق ھەركەتنىڭ كۆرىگەن كۆرۈلمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇشنى ، كۆرۈلمىسە يېرىمتال تاماكا بىلەن مۇلاپاتلاپ تەقدىرلەشنى تاپىلىغان، ئەگەر ئۆزىنى كۆيدۇرۋىلىش خۇلق ھەركىتى كۆرۈلسە، ئۇھالدا شۇكۈنى تاماكىغا ئىرشەلمىگەن. ئىككى ھەپتە ئۆتكەندىن كىيىن ، ئۆزىنى كۆيدۈرۋىلىش خۇلق ھەركىتى كۈنىگە بىر قېتىمدىن تۆت كۈندە بىر قېتىمغا چۈشۈپ قېلىپ، ئەڭ ئاخىرى تامامەن توختىغان.

    رۇھىي كىسەللىكلەر دوختۇرخانلىرىدا بىماردىكى ماسلاشقا خۇلق ھەركەتلەرنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پۇلغا ۋاكالىتەن تەڭشەش ئۇسۇلى قولىنىلسا بولىدۇ، .ۇ ئۈچ ئالاھىدىلىككە ئىگە:(1) ھەرقايسىي خۇلق ھەركەتلەرنى تەقدىرلەش كېرەكلىكى بەلگىلىنىدۇ؛ (2) بۇ خۇلى ھەركەتلەر كۆرۈلگەندە پۇلغا توغرا كىلىدىغان بىرقانچە فىشكا بىمارغا ھەدىيە قىلىنىدۇ؛ (3) فىشكا بىمار ياخشى كۆرىدىغان يىمەكلىك، ھۆنەر سەنئەت ويۇملىرى ياكى مەلۇم كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدىغان بېلەتكە ئالماشتۇرۇپ بېرىلسە بولىدۇ. فىشكا ئابىستىراكتىي  تەقدىرلەش بويۇمى بولۇپ، كىيىن لازىم بولغاندا ئالماشتۇرۇلىدۇ، شۇڭا فىشكىنىڭ بىمارنىڭ خۇلق ھەركىتىنى تەڭشەش رولى بار. خۇلق ھەركەر دەسلەپكى ياخشىلىنىشقا ئىگە بولغاندىن كىيىن ، ئۆلچەمنى يەنە مۇۋاپىق ھالدا يۇقۇرۇ كۆتۈرۈشكە بولىدۇ. بوخىل داۋالاشنىڭ نەتىجىسى ياخشى بولۇپ، سوزۇلما خاراكتىردە ئاجىزلىغان بىمارنىڭ ئىجابىي خۇلق ھەركىتىنى ئەسلىگە كەلتۈردۇ، بەلگىلەك تۈرمۇش ئىقتىدارىنى بەلەىلەيدۇ، بالنىستىن چىققاندىن كىيىن غەلبىلىك ھەلدا تۇرمۇشقا ماسلىشىش رولىمۇ زور بولىدۇ. پۇلغا ۋاكالىتەن تەڭشەش ئۇسۇلىنى ئەمىلىلەشتە ، تۆۋەندىكى ھالقىلارنى چىڭ تۇتۇشقا ئەھمىيەت بېرىش لازىم: رىغبەتلەندۇرۇشكە تىگىشلىك خۇلق ھەركەت كۆرۈلگەن ھامان ۋاقتىدا بايقىۋىلىش، ۋاقتىدا فىشكا ھەدىيە قىلىش ھەمدە بۇنداق ئېرىشىشكە قايسىي خۇلق ھەركەتنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئېيتىش لازىم؛ فىشكا ئالدىن بەلگىلەپ قويۇلغان نەرسىلەرگە ئالماشتۇرۇپ بىرىلىشى ، ئىشەنچىى يوقىتىپ قويماسلىق لازىم. تەقدىرلىنىدىغان ھەر قانداق بويۇم بىمار ياخشى كۆرىدىغان بويۇم بولىشى لازىم، ئۇنداق بولمىغاندا كۈچەيتىش رولىنى كۆرسىتەلمەيدۇ.

    خۇلق ھەركەت بىلەن داۋالاش رۈرلىرىناھايىتى كۆپ بولۇپ يرقىرىدا كۆپ قوللىنىلىدىغان بىرقانچە ئۇسۇل كۆرسىتىلدى. خۇلق ھەركەت بىلەن داۋالاش قولاي ھەم ئاسان ، داۋالاش مۇددىتى قىسقا، يەنە كىلىپ بەزىي ئەنئەنىۋي ئۇسۇللارى بىلەن داۋالاش قىيىن بولغان كېسەللىكلەرنى كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە ياخشىلاش ئۈنۈمىگە ئېگە ئىكەنلىكى ، داۋالاش ئۈنۈمى ئەنئەنىۋىي داۋالاشتىن ئۈستىن تۇردىغانلىقى ، مۇۋاپىق كىلىش دائىرىسى كەڭ بولغانلىقتىن ، نۇرغۇن داۋالاش مۇتەخەسىلىرى قوللىنىشنى ياخشى كۆرىدۇ. بىراق يەنە ئاز بولمىغان  كىشىلەر خۇلق ھەركەت بىلەن داۋالاشنى تولىمۇ يۈزەكى دەپ قاريدۇ.شۇڭا ھەزىرقى زامان خۇلق ھەركەت بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدا ئىككى خىل يۈزلىنىش بارلىققا كەلدى؛ بىرى خۇلق ھەركە سوگنىتىۋ بىلەن داۋالاشقا قاراپ ئۆزگەردى؛ يەنە بىرى خۇلق ھەركەت بىلەن داۋالاشنى پىسخىق دىنامىكا ئۇسۇلى بىلەن داۋالاش ئۇسۇلىدا بىرلەشتۈرۈپ قۇللىنىدىغان بولدى . بۇنداق تەرەققىيات ئالقىشلار ئەرزىيدۇ، ئۇ يېڭى تىپتىكى  پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ بارلىققا كېلىشىدىن ئالدىن بىشاۋەت، ئۇنىڭ ئەمىلى ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى بولىشى مۇمكىن.


    باپنىڭ 3-پاراگىرافىدا تىببى سۆھبەتنىڭ ئادەتتىكى پىرىنسىپى ھەققىدە مۇزاكىرە ئلىپ  Ⅵ بىز بارغان ئىدۇق، بۇپىرىنسىپلا ئوخشاشلا مېدىتسىنا پىسىولوگىيلىك مەسلىھەت بېرىشكە ماس كېلىۋىرىدۇ، بىراق، مېدىتسىنا پىسىولوگىيلىك مەسلىھەت بېرىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىسى كەڭ، ئەھۋالى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا، مەسلىھەت بېرىش ۋاقتى بەلگىلىك چەكلىمىلىككە ئىگە، شۇ  ڭا ، مەسلىھەت بېرىشتىكى تىببى سۆھبەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇزاكىرە قىلىش زۆرۆرىيتى بار. 1.پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىشتىكى تىببى سۆھبەتنىڭ ئەھمىيتى   مردىتسىنا پىسخولوگىسىلىك مەسلھەت بېرىش ئوبىكتىنىڭ كۆپ قىسمىدا  مەلۇم پىسخىكىلىق مەسلىلەر ياكى پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش  بۇلدۇ .پسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ خۇسۇسىيتى ،پەيدابۇلۇش سەۋەبى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجىتمائىي غونكىسىيسىگە بولغان تەسىرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ،چۇقۇم تىبىبى سۆھبەت ئارقىلىق مۇناسىۋەتىلىك ماتىرياللارنى ئۇمۇميۇزلۇك يىغىپ ،ئاچقۇچلۇك مەسىلىلەرنى قايتا –قايتا ئېنىقلاپ ،پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراشقا دىئاگۇنۇز قۇيۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك، بۇ چاغدا دوختۇر كېسەللىك  تارىخنى يىغىپ ،بىمارنىڭ بەدەن ،پىسخىك ۋە ئىجىتمايى ئارقا كۆرۇنۇشلىرىنى ئۇمۇميۇزلۇك ئېنىقلاپلا  قالماستىن ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە  يەنە سۆھبەت ئۈستىدە بىمارغا قارتا پىىسخىك تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىشى ،ماتىريالىنىڭ توغرا ھەم ئىشەنچىلىك بۇلۇشغا تىرشىىش لازىم .يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا بۇ چاغدا سۆھبەت  داۋالاش ئەھمىيتىگە ئىگە .دوختۇر سوھبەت ئارقىلىقلا ئۆز ئارا ئىشەنچىكە ئىگە بولغان دوختۇر –بىمار مۇناسىۋىتنى تۇرغۇزالايدۇ،داۋالاشنى باشلىغاندا بۇلۇپمۇ بىمارنىڭ غەم –ئەندىشلىرىنى يوقتۇش،كۆڭىلدىكى كۆڭۇلسىز كەچۇرمىشلىرىنى بايان قىلىپ ،بىمارغا كۈچلۇك روھى يار-يۆلەك بۇلۇش ،بىمارنىڭ كىسەللىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشغا ياردەم بېرىش لازىم ،بۇ سۆھبەتتە  كۆرسىتلگەن پىسخىك  توسقۇنلۇققە ئۇچراش سەۋەبلىرى ھەمدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىش يىپ ئۇچلىرى، پىسخىكلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللىېۋللىشى ياكى پىسخىك داۋالاش لاھىسىنى تۈزۈشكە  ياردەم بېرىدۇ.شۇڭا مەسلھەت بېرىشىنى باشلىغاندىن تارتىپلا،دوختۇر سۆھبەتنىڭ داۋالاش تەسىرگە دىققەت قىلىشى لاشىم، 2. تىببى پىسىخىكلىق مەسلھەت بىرىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك پىرىنسىپلىرى مىدتسىنا پىسىخولوگىسىلىك مەسلىھەت بېرىشتە ياخشى ئۇنۇمگە ئېرشىش ئۇچۇن1)سەۋرچانلىق بىلەن قولاق سېلىپ،كۆڭۈل-كۆكسىدىكىنى تۆكۈشكە ئىلھام بېرىش.تىببىي پىسخىكىلق مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان دوختۇرلار چوقۇم تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققائىگە بولۇشى،كىشىلەرگە ياردەم بېرىشىنى خۇشاللىق دەپ بىلىشى،ھېسىداشلىق قىلغان،دەردىگە يەتكەن ھالدا بىمارنىڭ بايانىغا قۇلاق سېلىشى،ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىمارنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەسلىكى لازىم.بۇنداق كۆڭۈل كۆكسىدىكىنى تۆكۈش بىمارنىڭ ناچار كەيپىياتىنى يېنىكلىتىپ،بەلگىلىك داۋالاش ئەھمىيىتىگە ئگە قىلىدۇ.بىراق نۇرغۇنلىغان بىمارلاردا بۇنىڭغائوخشاش كۆڭۈل-كۆكسىنى تۆكۈشكە نىسبەتەن تۈرلۈك گۇمان مەۋجۇت بولۇپ،ئۇلار باشقىلارنىڭ ياراتماي قېلىشى،روھى كېسەل دەپ قارىشى،دوختۇرنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن قورقىدۇ،شۇڭائۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ،دوختۇرنىڭ ياردەم بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىش لازىم.كۆڭۈل-كۆكسىدىكى خاپىلىقلارنى تۆكۈش دوختۇرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي،بەلكى ئۆزىىڭ روھى جەھەتتىكى يۈكىنى يېنىكلىتىشكىمۇ پايدىسى بار.2)پائال قۇۋەتلەپ،ئىشەنچ تۇرغۇزۇش.مۇبادا بىمار كۆڭلىدىكى قايغۇ-ھەسرەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى كۆپلەپ تۆكۈپ بەرسە،دوختۇر ئۇنىڭغا ھېسىداشلىق قىلىشى،دەرد-ھالىغا يېتىدىغانلىقىنى ئىپادلىشى لازىم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىسخىكىلق توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى مۇۋاپىق باسقۇچلار ئارقىلىق ياخشىلاپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرش لازىم.روھى كېسىلىم بارمىدۇ،ئۆلۈپ قالارمەنمۇ،دۆت بولۇپ  قالارمەنمۇ دېگەنلەرگە ئوخشاش،بىمارنىڭ تۈرلۈك خاتا چۈشەنچىلىرى ۋە ئەندشىلىرىگە نىسبەتەن،بىمارنى بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش،شۇنداقلا سەۋىرچانلىق بىلەن قايىل قىلارلىق ئىزاھلاش بېرىلىشى لازىم،زۆرۈر پەيىتتە كۈچلۈك كېپىل بېرىش ئارقىلىق بىمارغا ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ماھىيتىىنى تونۇتۇش،ئۈمىدلەندۈرۈپ ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش لازىم.3)ئىزاھلاش مۇۋاپىق بولۇش،ئېھتىياتچانبولۇش.مەسىلىھەتچى دوختۇر مەسلىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىقلىماستىن ئاۋۋال،مەسلىگە ھەرگىز ئاسانلا جاۋاب بەرمەسلىكى كېرەك.دوختۇر ئىلىم-پەن بىلىملىرىگە ئاساسەن،بىمارنى ئۆزى جاۋاپ ئىزدەشكە قاراپ يېتەكلەشكە ماھىر بولۇشى لازىم.ئىزاھات بېرىش قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇشى،ئۆلچەمگە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.ئاددىي ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش كۆرۈپ كىشىلەرنى يولغا سالماسلىق،تېتىقسىز سەپسەتىلەرنىىمۇ ساتماسلىق كېرەك.دەرھال جاۋاب بېرىش تەس بولۇپ قالغاندا،بىماردىن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى پىسخىك سىناق ئېلىپ بېرىشقا،كېلەركى قېتىم قايتىما دئىاگنوز قويۇشقا تىزىملىتىپ قويۇشقا بولىدۇ.4) بىمارغا ھۆرمەت قىلىپ،مەخپىىيەتلىكىنى چىڭ ساقلاش. پىسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش دائىم بىمارنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە،كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتگە،ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە ۋە ئىجتىمائىي مەسىللىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ،نۇرغۇن بىمارلار باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەر ئېيىتقان شەخسىي مەخپىيەتلىكنى مەھكەم ساقلاش،خالىغانچە سۆزلەپ يۈرمەسلىك لازىم.مەسلىھەت بەرمەيدىغان خادىملار سۆھبەتكە قاتناشماسلىقى كېرەك.ئەگەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا،قانۇنى مەسلىمۇ كېلىپ چىقىدۇ. 3.سۆھبەت قانداق باشلىنىدۇ؟   سۆھبەت باشلانغاندا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە مەسلىھەت بېرىش تەلەپ قىلغان مەسىلىنى ئېنىقلىۋىلىش بولۇپ ،ئۇ مەسىلىنىڭ خۇسىسيىتى ، تەسىرى، شەكىللىنىش سەۋەبىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى بەزى ھال –ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۆز  ئەگىتىش شەكلى بىلەن داۋالىنىش سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرگەن. مەسىلەن: خادىم (خادىمە) لار باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشنى تەلەپ قىلدۇ. بىراق خادىم (خادىمە) لارنىڭ  ھەقىقىي مەسىلىسى يەنىلا خىزمەتتىكى قىيىنچىلىق ياكى ئەر-خوتۇن ئىناقسىزلىقى  خادىم (خادىمە) لار مېڭە كېسەللكى  بار –يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئەستە تۇتۇش ياخشى ئەمەسلىكىنى سەۋەپ قىلىۋالىدۇ،ئۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بولسا خامۇشلۇق كەيپىياتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا دوختۇردىن ئىككى نۇقتىنى ئەستە تۇتۇش تەلەپ   قىلىنىدۇ: بىرى پۈتۈن دىققەت ئېتبارى بىلەن ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرگە بېرىلىپ قاراپ ،ئۆزىنىڭ خادىم (خادىمە) نىڭ بايانىنى ئاڭلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك . كۆڭۈل بىر جايدا بولماي ،ھال –ئەھۋالىنى ئېيتقىلى كەلگۈچىدە دوختور مەسىلەمگە قىزىقمىدى دىگەن تەسىر قوزغاپ ،كەڭ كۇشادە سۆھبەتلەشمەسلىكتىن ساقلىنىش كېرەك.   ئادەتتە سۆھبەتلەشكەندە ھەر قانداق تاشقى تەسىردىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن : سۆھبەتنى توختىتىپ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشماسلىق لازىم.دوختۇرنىڭ بىر تەرەپتىن كېسەللىك تارىخىنى كۆرۈپ ،بىر تەرەپتىن ھال –ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنى پاراڭغا     سېلىپ قويۇش ئۇسۇلىمۇ ياخشى ئەمەس،ئەمەلىيەتتە دوختۇر پۈتۈن دىققەت ئېيتىبارىنى سۆھبەتكە قارىتالماي ،مۇھىم ئۇچۇرلارنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ،ھال- ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەن كىشىنىڭ تۇيغۇسىمۇ ياخشى بولمايدۇ.ئىككىنجىسى،ئوچۇق سۇئال شەكلى بىر خىل «شۇنداق « ياكى (ئەمەس) سۆزلىرى بىلەن جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان سۇئاللاردۇر.مەسىلەن: بۈگۈن سىز   بۇ يەرگە نېمە مەسىلە .ۈچۈن كەلدىڭىز؟.،قانداق مىجەزىڭىز بولمايۋاتىدۇ؟. ئەگەر باشلىنىشدىلا ياپما سۇئال شەكلى قوللىنىلسا،سۆھبەتنى پاسسىپ قاتمال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ،ھەر دائىم نۇرغۇن مۇھىم ئۇچۇرلار ئېتىپ قويىدۇ،ھال –ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىنى ئۆز سۆزى بىلەن ئۆزىدىكلى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىنىڭ يوق ھەققىدىكى ھېسياتقا ئىگە قىلىدۇ.مەسىلەن:بېلىكىڭىز تىلىپ ئاغرامدۇ؟ مانا بۇنداق سۇئاللار ياپما سۇئال شەكلى ھېسابلىنىدۇ.   مەسىلىنىڭ دائىرىسى ئېنىق بولۇپ ،مەسىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېنىقلىۋىلىش ئۈچۈنئوچۇق سۇئال قويۇش شەكلىنى قوللىنىپ ئىز قوغلىسا بولىدۇ. ئەگەر سۆھبەتلەشكەندە سۆھبەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم تېپىلسا،يەنىلا ئوچۇق سوئال شەكلىنى كۆپ قوللىنىش لازىم.   4.داۋاملىق  سۆھبەتلىشىشنىڭ مۇھىم نوقتىلىرى   1›سۆھبەتلشىشنى بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ  ھال- ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىدە سۆزلىرىگە دوختۇرنىڭ قىزىقىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەسىرىنى قوزغاش كېرەك. ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ سالاھىتىگە ماس كېلىدىغان ئۇچۇق سۇئال شەكلىنى قوللىنىش، باش لىڭشىتىش، يېنىك ماقۇللاش، كۆزىگە بېقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھال-ئەھۋال ئېييتقىلى كەلگۈچىنىڭ سۆھپىتىگە نىسپەتەن بىر تۈرلۈك تۈرتكە ھېساپلىندۇ. 2) ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ گەۋدە ھەققىدىكې زارىغا نىسپەتەن نوقتىلىق ھالدا ئۇچۇق سۇئال شەكلىدە سۇئال سوراش كېرەك، بۇكېسەللىك ئالامىتىنىڭ پىسخىك ئىجتىمائىي سەۋەپلىرىنى ئىزدەش. گەۋدە ھەققىدىكى زارىغا كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانلىقى ياكى پىسخك سەۋەپلىرىدىن كىلىپ چىققان كېسەللىك سېزىمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋىلىشىغا، دارىتمىلاشتىن ساقلىنىشقىمۇ پايدىلىق. 3)        پۈتۈن سۆھپەت ئۇچۇق سۇئا لشەكلىدىن تەدرىقى ھالدا ياپما سۇئال شەكلىگە قاراپ يۈزلىنىش كېرەك . ياپما سۇئال شەكلىنى تولىمۇ بالدۇر قوللىنىش ياخشى ئەمەس، ئۇ ئاساسلىقى مەسىلنى ئايدىڭلاشتۇۋېلىش، سۆھپەت يۆنىلىشىنى كونتورول قىلىش،ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلار ئۈستىدە كۆپ توختىلىشتىن ساقلىنىش جەھەتلەردە قوللىنىلىدۇ. 4)         دىققەتنى ھازىرقى  مەسىللەرگە مەركەزلەشۈرۈش، ئۆتكەن مەسىللەرگە ئېسلىۋالماسلىق. ھازىرقى مەسىلنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆتكەنكى ۋەقەلىكلەرمۇ سۆھپەت دائىرىسىغا تەئەللۇق بۇلىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق ئەگەر ئۆتكەنكى ئىشلار ھەققىدىكې سۆھپەتتە تولىمۇ ئۇزاق توختالسا، ھازىرقى مەسىلنى ھەل قىلىش دەخلى-تەرۈزگە يولۇقىدۇ.     5. تۆۋەندەبايان قىلىنغان ئىقتىدارنى يىتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشكە دىققەت قىلىش 1)پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش، دوختۇرلاردىن ئۇلارنىڭ سۆھپەت ئېلىپ بارغاندا ھال-ئەھۋال ئېېيتقىلى كەلگەنلەرگە ئىپادىلىگەن روھى ئازاپ ياكى كىرىزىسلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ يىپ ئۇچىغا نىسپەتەن يۇقىرىدىرىجىدە سەزگۈرلىكى بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇخىل سەزگۈرلۈك پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچىراشقا بولغان پىششىقلىق دەرىجىسى  بىلەن پىىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش تەجربىسىدىن كىلىدۇ. ئەگەر ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچى كىنوخانىغا بارغان ئىككىلا قېتىمدا قورقۇپ قېچىپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، ئۇھالدا ئۇنىڭدا دەم سىقىلش ،ئالاقىزادە بۇلۇش،  سەكراتقا چۈشۈپقېلىش سىزىمىى، زىيادە ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق قورقۇش ئالامەتلىرى قوزغالغان-قوزغالمىغانلىقىنى سوراش لازىم. 2) دوىتۇر ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىنىڭ سۆزسىز ئىما-ئىشارىتىگە بولغان سەزگۈرلۈگىنى  يوقۇرى ككتۈرۈش لازىم.  ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىدىكى پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچىراش ئۇنىڭ خۇلق-ھەركىتىدە ۋە چىراي ھالىتىدە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. مەسلەن: خامۇش توسقۇنلۇققا ئۇچىراش، روھى ھالىتى خارەكتىرلىك ئاستابۇلۇش، ئاۋازى پەس بۇلۇش، چىرايىدىن خاپىلىق كۆرۈنۈش، تامىقى ئازلاپ كىتىش جەھەتلەردە كۆرۈلىدۇ. ۋەسىيەتنامەيېزىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خەۋپى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 3)دوختۇرلاردا كۆپسۆز بىمارلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بۇلۇش لازىم. چۈنكى كۆپ سۆز بىمارلار دائىم ھەددىدىن ئارتۇق مۇناسىۋەتسىز ياكى ئۇششاق چۈششەك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ دىئاگنوز قويۇشقا پايدىسى بولمايدۇ، ئەكىسچە نۇرغۇن ۋاقىتنى ئسراپ قىلىۋىتىدۇ. دوختۇرلار ئادەتتە مۇۋاپىق ۋاقىتنى تۇتىىۋېلىپ، سۇئال سوراش ئارقىلىق سۆھپەتنى كونتورول قىلىدۇ، بۇچاغدا دوختۇرلار قەتئى بۇلۇپلا قالماي، يەنە ئەدەپلىك بۇلۇشى، بىمارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. 4)مەسلىھەتچى دوختۇرلاردا پىسخىك تەكشۈرۈش ماتىرياللىرىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى بۇلۇش كېرەك. بۇخىل ئىقتىدارنى ئوخشاشلا قايتا-قايتا يىتىشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ بىركۈندىلا ئىگىلىۋالغىلى بولمايدۇ. مۇرەككەپ پىسخىك ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشلەردىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ماتېرياللارنى تېپىپ چىقىشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك، كېپىكىنى ئايرىپ چىقىرىش، ساختىسىنى تاشلاپ جىڭىنى ئېلىپ قېلىشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك، .ئېنىق بولمىغان جايلىرىنى ئېنىقلىۋېلىشقا دىققەت قىلىش لازىم.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;