• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • سېزىم ئۇچۇرىنى قوبۇل قىلىش،پىششىقلاش ۋە ساقلاش
  • تونۇش جەريانى سېزىمدىن باشلىنىدۇ،ئادەملەر سەزگۈ ئەزالىرى ۋە نېرۋا سىستېمىسىغا تايىنىپ ئىچكى-تاشقى مۇھىتتىن ئۇچۇر قوبۇل قىلىپ،پۈتۈنلەي قايتا ئىشلەش ئارقىلىق سېزىم،ئىدراك،تەسەۋۋۇر شەكىللىنىدۇ،بۇ يەنە سىرتتىن كەلگەن تىل،يېزىق بەلگىسى ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىش ۋەپۈتۈنلەشنىمۇئۆزئىچىگە ئالىدۇ.ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش ،پىششىقلاپ ئىشلەش،ساقلاش ئىشلىرىنى ئاساسلىق ئىشلەيدىغان مېڭە فۇنكىسىيىلىك قۇرۇلمىسى-مېڭە پوستلىقىنىڭ ئارقا قىسمى بولۇپ،كۆرۈش رايونى(گەجكە بۆلىكى)،ئاڭلاش رايونى(چېكە بۆلىكى)ۋە ئادەتتىكى سەزگۈ رايونى (تۆپە بۆلىكى)قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.بۇخىل قۇرۇلما مۇستەقىل نېۋرونلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ،پوستلاقنىڭ ئالتە قەۋىتىگە جايلاشقان.يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بۇ ئالتە قەۋەت ھۈجەيرىلەر: (1) كىچىك ھۈجەيرىلەر (2) دانىلىق ھۈجەيرىلەر (3) پرامىداھۈجەيرىلىرى (4) زىچراق دانىلىق ھۈجەيرىلەر (5) چوڭ پرامىدا ھۈجەيرىلىرى (6) شىناسىمان ھۈجەيرىلىرى.ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيىلىك ئالاھىدىلىكى سېزىم ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىشقا مۇۋاپىقلاشقان نېۋرونلار توپىدىن تۈزۈلگەن مۇرەككەپ سىستېما ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.مەزكۇرسىستېما ئۈچ قەۋەت قۇرۇلمىغا بۆلىنىدۇ.بىرىنچى دەرىجىلىك رايون ياكى چاچقۇچى رايون دەپمۇ ئاتىلىدۇ.يۈكسەك سېزىم شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە كىرگۈچى 4قەۋەت نېۋرونلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ،كۆرۈش،ئاڭلاش ۋە ئادەتتىكى سەزگۈ غىدىقلاشلىرىنى يۈكسەك دەرىجىدە تەبىقلەيدىغان مەلۇم خۇسۇسىيەتكە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.مەسىلەن: كۆرۈش رايونىدىكى نېۋرونلارنىڭ بەزىلىرى رەڭگە،بەزىلىرى كۆرۈنۈشلەرگە،يەنە بەزىلىرى ھەرىكەت يۆنىلىشىنىڭ ئۇچۇرلىرىغا ئىنكاس قايتۇرىدۇ،بىراق بىرقانچە خىل غىدىقلاشلارنىڭ ھەممىسىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، پوستلاقنىڭ كېرىلىش كۈچىنى قامدايدىغان نېۋرونلارمۇ بار.بىرىنچى دەرىجىلىك رايون يۈكسەك سېزىم شەكلى ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بولغانلىقتىنى ،ئەڭ كىچىك غىدىقلاشلارنىمۇ ئىنچىكىلىك بىلەن ئايرىپ،بەدەننىڭ ھەرقايسى قىسىملىرىدىن بىرىنچى رايوننىڭ مۇھىم نۇقتىلىرىغا ئەستايىدىل چېچىلىدۇ؛ئىككىنچى دەرىجىلىك رايون ياكى بىلىش پوستلاق رايونى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.بىرىنچى رايوننى ئوراپ تۇرىدۇ.ئاساسلىقى 2،3 قەۋەت قىسقا ئوقلۇق ئۆسۈكچە ئالاقىلاشقۇچى نېۋرونلاردىن تۈزۈلگەن بولۇپ،كىرگەن قوزغىلىشنى توپلاپ مەلۇم ئىقتىدار سۈرىتىگە ئايلاندۇرۇشقا مۇۋاپىق كىلىدۇ.ئۇنۋېرسال ئىقتىدارنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ؛ئۈچىنچى رايون گەجكە ،چېكە ،ئارقا مەركىزىي پوستلاق قاتارلىقلارنىڭ تۇتاشقان جايىغا ئورۇنلاشقان.ئاساسلىق قىسمى تۆپە ئاستىغا جايلاشقان قۇرۇلما بولۇپ،زور كۆپ ساندىكى نېۋرونلارنىڭ سېزىمشەكلى ئالاھىدىلىكى ناھايىتى كىچىك،ئۇ 2،3 قەۋت ئالاقىلاشقۇچى نېۋرونلاردىن تۈزۈلگەن،ئۇنىڭ فۇنكىسىيىسى ئوخشاش بولمىغان ئانالىز ئاپپاراتىدىن كەلگەن قوزغىلىشنى پۈتۈنلەپ، بىر قاتار ئانالىز ئاپپاراتلىرىنىڭ ماس ھەرىكىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئوخشىمىغان دائىرىدىكى غىدىقلىنىشلارنى بوشلۇقتا ئۇيۇشتۇرۇپ،ئىدراكنىڭ ئومۇملىشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ.بۇخىل ئومۇملاشتۇرۇش بىۋاستە كۆزەتكەن ئۇچۇرلارنىلا ئەمەس،بەلكى سۆزمەنسى،گرامماتىكا ،سان-سىفىرۋە ئابستراكت مۇناسىۋەت قاتارلىق بەلگەتۈرىدىكى ئۇچۇرلارنىمۇئۆزئىچىگە ئالىدۇ.ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا،ئادەمنىڭ بىلىش پائالىيىتى مېڭە رايونىنىڭ بىرقاتارماس خىزمەتلىرىگەتايىنىدۇ .

          بۇخىل مېڭە فۇنكىسىيىلىك قۇرۇلما پائالىيىتى ئۈچ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىدۇ: بىرىنچى، پوستلاق قەۋەت دەرىجىسى بويىچە تۈزۈلگەن قانۇنىيەت ،بىرىنچى دەرىجىلىك،ئىككىنچى دەرىجىلىك،ئۈچىنچى دەرىجىلىك رايونلار ئادەمنىڭ سېزىم ئۇچۇرلىرىنى ئەڭ مۇرەككەپ ئومۇملاشتۇرۇشنى ئېلىپ بارىدۇ.بۇئۈچ دەرىجە ئارىسىدىكى مۇناسىۋت ،ئىندىۋىدۇئال ئۆسۈپ –يىتىلىش جەريانىدا ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ.بوۋاقلىق دەۋرىدەبىرىنچى دەرىجىلىك رايون ئاساس بولىدۇ،ئەگەر تۆۋەن دەرىجىلىك رايوندا توسالغۇ پەيدا بولسا،چوقۇم بىر قەدەر يۇقىرى دەرىجىلىك رايوننىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمايدۇ.ئەكسىچە،ياش-قۇرامىغا يەتكەن دەۋردە بولسا،ئۈچىنچى دەرىجىلىك رايون يېتەكچى ئورۇننى ئىگىلەيدۇ،ئەگەر ئىككىنچى دەرىجىلىك رايوندا زەخمىلىنىش بولسا،ئۈچىنچى دەرىجىلىك رايون كومپنىساتسىيىلىك رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ.ئىككىنىچى،قەۋەت دەرىجەبويىچە تۈزۈلگەن پوستلاقنىڭ ئالاھىدىلىكى تەدرىجىي پەسىيىش قانۇنىيىتى،بىرىنچى دەرىجىلىك رايوندا يۈكسەك تەبىقلەنگەن ئەڭ چوڭ سېزىم ئالاھىدىلىكى بار،ئىككىنچى دەرىجىلىك رايون ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ،ئۈچىنچى دەرىجىلىك رايوننىڭ سېزىم ئالاھىدىلىكى ناھايىتى ئازبولۇپ،ئالاھىدەسېزىم شەكلىدىن ئوبيېكتىپ دۇنيانى ئۇنۋېرسال ئىنكاس قىلىدىغان ناھايىتىمۇ ئادەتتىكىچە،ناھايىتىمۇ ئابستراكت سۈرەت شەكلىگە ئۆتۈشكە مۇۋاپىق كىلىدۇ . ئۈچىنچى، فۇنكىسىيىسى تەدرىجىي بىر تەرەپلىشىش قانۇنىيىتى،بىرىنچى دەرىجىلىك چاچقۇچىرايوندا ئىككى يېرىم شار ئاساسىي جەھەتتىن سىممېترىك بولىدۇ،ئىككىنچى دەرىجىلىك ۋە ئۈچىنچى درىجىلىك رايونغا ئۆتكەندە،فۇنكىسىيىسى بىر تەرەپلىشىش پەيدا بولىدۇ.ئوڭ قولى ئەپلىكلەرنىڭ سول يېرىم شارچىسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇر،تىل ئىقتىدارى ۋە تىل ئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك پىسخىكىلىق پائالىيەتلەرنىڭ ھەممىسىگە سول يېرىم شارچە ئىشتراك قىلىدۇ،شۇڭا چوڭلارنىڭ سول يېرىم شارچىسى زەخمىلەنسە سۆزلەش ۋە يۇقىرى دەرىجىلىك پىسخىك جەريان توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.مانا بۇ ئاتالمىش ئىككى تەرەپ چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرى فۇنكىسىيىسىنىڭ ئاسمېترىكلىكىدۇر.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;