• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئىختىيارى ھەرىكەت ۋە خۇلق-ھەرىكەتنىڭ تەڭشىلىشى
  • مۇرەككەپ پىسخىكىلىق جەريان-بىلىش جەريانىدا سېزىم ئۇچۇرلىرىنى قوبۇل قىلىپ، پۈتۈنلەش ۋە ساقلاش ئارقىلىق سېزىم ، ئىدراك، تەسەۋۋرۇ، خاتىرە، تىل، تەپەككۇر پەيدا قىلىشتىن تاشقىرى ،يەنە نىيەت تىكلەش،پائالىيەت تەرتىپى تۈزۈش، ئۆز ھەرىكىتىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش،مەقسەتلىك پائالىيەت ۋە ئىختىيارى ھەرىكەتلەرنى تەشكىللەش،پىسخو-فىزىئولوگىك مۇھىم ھالەت ئېھتىياجىغا ماسلىشىشلارنىمۇ ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرى ئالدىنقى قىسمى،مەركىزىي ئالدىنقى بۈدرە ئالدى قىسىمدىكى مېڭە توقۇلمىلىرى ئاساسلىق پائالىيەت تەرتىپىنى تۈزۈش،ۋەزىپىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش ئىختىيارى ھەرىكەتلەرنى تەڭشەشكە قاتنىشىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ.بۇ رايوندىمۇ ئۈچ قەۋەت دەرىجىلىك قۇرۇلما بار،بىرىنچى دەرىجىلىكى چاچقۇچى رايون،مەركىزىي ئالدىنقى بۈدرەدۇر.ھەرىكەت ئىمپۇلىسىنى 5-قەۋىتىدىكى زور تىپلىق بېتز پرامىدا ھۈجەيرىلىرى تۆۋەنگە تارقىتىپ،ئېففېكتور ئەزالارنى ھەرىكەتلەندۈرىدۇ.ئەمما ھەرىكەت ئىمپولسىنى ئېھتىياجىغا مۇۋاپىقلاشتۇرۇش،نىشانغا يېتەكلەش،مۇۋاپىق تەييرلىق بولۇشىنى تەلەپ قىلىش،ھەرىكەت تەرتىپىنى تۈزۈشلەرگە ئىككىنچى دەرىجىلىك رايون پوستلاق سىرتقى قەۋىتى ۋە دېندرتلىق نېرۋا كوللوئېد ماددىسىدىن تۈزۈلگەن ھۈجەيرە سىرتقى سۈر ماددىسى بولۇپ،ھەرىكەت جەھەتتە فۇنكىسىيىسىنى تەشكىللەشنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ.ئۈچىنچى دەرىجىلىك رايون پىشانە بۆلىكى،دانىچىلىق پىشانە بۆلىكى پوستلى قىدىن ئىبارەت.پوستلاق سرتقى قەۋىتىدىكى كىچىك دانىلىق ھۈجەيرىلەردىن تۈزۈلگەچكە،ئوق ئۆسۈكچىسى قىسقا بولۇپ،ئالاقىلىشىش ئىقتىدارىغا ئىگە.ئۈچىنچى دەرىجىلىك رايوندىكى پىشانە ئالدىنقى بۆلىكى ئادەمنىڭ مۇرەككەپ خۇلق-ھەرىكىتىنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.پىشانە ئالدىنقى بۆلىكى پوستلىقى مېڭە ئاستى قۇرۇلمىسى،مۇناسىىپ تورسىمان قۇرۇلما ۋە پوستلاقنىڭ باشقا قىسىملىرى بىلەن قوش يۆنىلىشلىك باغلىنىدۇ،بۇ مېڭە ھەر قايسى قىسىملىرى ۋە ھەر قايسى رايونلىرىدىن كەلگەن كىرگۈچى ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىش ،ئومۇملاشتۇرۇشقا پاپيدىلىق بولۇپلا قالماي،بەلكى چىققۇچى ئىمپۇلىسنى تەشكىللەشكىمۇ پايدىلىق بولۇپ،پۈتۈن مېڭە فۇنكىسىيىسىنىڭ تەڭشىلىشىگە تەسىر قىلىدۇ.مېڭە پىشانە بۆلىكى بىلەن تورسىمان قۇرۇلمىنىڭ قوش يۆنىلىشلىك مۇناسىۋىتى،ئۇنى تورسىمان قۇرۇلمىنىڭ يۇقىرىغا ئىلگىرىلىگۈچى ئاكتىپلاشقان ئىمپۇلىسىغا ئىگە قىلىپ،پوستلاقنىڭ كېرىلىش كۈچىنى ساقلاش بىلەن بىرگە،يەنە تورسىمان قۇرۇلمىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسىتىپ ،يۇقىرىغا ئىلگىرىلىگۈچى ئىمپۇلىسنى مەلۇم دەرىجىدە تەبىقىلەنگەن خاراكتېرگە ئىگە قىلىپ،خۇلق-ھەرىكەتنى تەڭشەش ۋە تىزگىنلەش ئېھتىياجىغا ماسلىشىدۇ.پىشانە ئالدىنقى بۆلىكى بىلەن پوستلاق باشقا ھەر قايساى رايونلىرى ئارىلىقىدا مول كىرىش-چىقىش سىستېمىسى بولۇپ،دائىم چوڭ مېڭە پوستلىقى ئارقا قىسمىدىن كىرگەن تەسىرنى قوبۇل قىلىدۇ،يەنە مۇرەككەپ خۇل-ھەرىكەتنى ئۇيۇشتۇرىدۇ.شۇڭلاشقا پىشانە ئالدىنقى بۆلىكى ئۈچىنچى دەرىجىلىك رايونى مېڭە پوستلىقى ھەر قايسى قىسىملىرىنىڭ ئۈستىگە بەرپا قىلىنغان بولۇپ،ئەڭ مۇرەككەپ پىسخىك پائالىيەتلەرنى تەڭشەشكە ئىشتىراك قىلىدۇ.پىشانە ئالدىنقى بۆلىكى پوستلىقى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسا،ئەمەلىيەتتە خۇلق-ھەرىكەتنىڭ مۇرەككەپ تەرتىپى توسالغۇغا ئۇچراپ ،مۇناسىۋەتسىز غىدىقلىنىش پەيدا قىلغان ئىنكاسىنى تورموزلىغىلى،ھەمدە ئاكتىپ مۇرەككەپ تەرتىپى بار خۇلق-ھەرىكەتنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.خۇلق-ھەرىكەتنى تەڭشەش ۋە كونترول قىلىش ھەرىكەتنىڭ ئۆزىدىكى <<قايتۇرما تەسىرلىك>>مېخانىزمدىن ئايرىلالمايدۇ،ھەرىكەت ئۈنۈمى مېڭىگە قايتۇرما تەسىرلىك كىرمىسە،خۇلق-ھەرىكەت كونتروللىقىنى يوقىتىپ،مەقسەتلىك،تەشكىللىك خۇلق-ھەرىكەت بارلىققا كەلمەيدۇ.شۇڭا ئىختىيارى ھەرىكەت ھەرگىزمۇ نوقۇل چىقىش خاراكتېرىدە ئەمەس،ئۇ بىر قاتار رېفلېكس ھالقىسى شەكلىدىكى قايتۇرما تەسىرلىك تەڭشەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.خۇلق-ھەرىكەت تەرتىپىنىڭ تۈزۈلۈشى،پىلاننىڭ بەرپا بولۇشى،نىيەتنىڭ تىكلىنىشى قاتارلىق مۇرەككەپ پىسخىكىلىق جەريانغا ،چوقۇم تىل ئىقتىدارى قاتنىشىشى كېرەك.تەتقىقاتلار پىشانە ئالدىنقى بۆلىكى يەنە مۇرەككەپ زېھنى پائالىيەتلەر پەيدا قىلغان ئاكتىپ شەكىلگە قاتنىشىدىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.بۇنىڭدىن ھەر قانداق پىسخىك پائالىيەتنىڭ بىر خىللا فۇنكىسىيە ئەمەسلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.ئاددىي ئىختىيارى ھەرىكەتتە ھەرىكەتنىڭ تەييرلىقى،تەرتىپىنىڭ تۈزۈلۈشى،ئىمپۇلىسنىڭ قويۇق بېرىلىشىدىن تاشقىرى،يەنە كىرگۈچى ئىمپۇلىسمۇ بار،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئويغاق ھالەتنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشى بولۇش تەلەپ قىلىندۇ، ئەمەلىيەتتە ناھايىتىمۇ مۇرەككەپ فۇنكىسىيىلىك سىستېما،ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى مېڭە فۇنكىسىيىلىك قۇرۇلمىسىنىڭ بىر قاتار ماس پائالىيەتلىرىگە ئېھتىياجلىق.شۇڭا ھەر قانداق بىرخىل پسىخىكىلىق جەريانغا تار مەنىدە <<ئورۇن بېكىتىپ>>قويماسلىق كېرەك.ئەممە چوڭ مېڭە ھەرقايسى قىسىملىرىنىڭ خىزمىتى خېلىلا دەرىجىدە ئوخشىمايدىغان بولغاچقا،مېڭىنىڭ يەرلىك ئورنى زەخمىلىنىشتىن كېلىپ چىققان يىغىندى ئالامەتلىك قۇرۇلمىسىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.فۇنكىسىيىلىك سىستېمىدىكى توسالغۇنى باھالاش،ئانالىز قىلىش،ھەمدە مېڭىنىڭ يەرلىك ئورنى زەخمىلەنگەندە كۆرۈلگەن بارلىق ئالامەتلەرنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق،ئاندىن <<ئورۇن بېكىتىش>>مەسىلىسىنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.مەسىلەن: سول يېرىم شارچە تۆپە-گەجگە (تۆپە ئاستى) رايونى زەخمىلەنسە،ماكان يۆنىلىشنى بەلگىلەش توسالغۇغا ئۇچراشتىن تاشقىرى،چوقۇم  ھېسابلاش،مۇرەككەپ لوگىكىلىق تىل قۇرۇلمىسىنى چۈشىنىشنىڭ ئېغىر نۇقسانى قاتارلىق باشقا ئالامەتلەرمۇ بولىدۇ.ھالبۇكى چېكە رايونى زەخمىلەنگەندە ئاڭلاش،سۆزلەش،خاتىرەقالدۇرۇش توسالغۇغا ئۇچرايدۇ،ئەمما ماكان يۆنىلىشىنى بەلگىلەش،ھېسابلاش قاتارلىقلار توسالغۇسى بولمايدۇ.بۇنىڭدىن يىغىندى ئالامەت قۇرۇلمىسىنى ئامالنىڭ بارىچە تەھلىل قىلغاندا ،ئاندىن بۇخىل ئايرىش ياكى <<ئورۇن بېكىتىش>>ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;