• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئۆگىنىش ۋە خاتىرە
  •   ئىنسانلارنىڭ ھاياتلىق مۇھىتى خىلمۇ-خىل ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ،مۇھىت ئۆزگىرىش تەلىپىگە ماسلىشىش ،فىزىئو-پىسخىكىلىق ھالەت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن ئىنسانلار چوقۇم ئۆگىنىش قىلىپ،يېڭى خۇلق-ھەرىكەت ئەندىزىسىگە ئېرىشىشى ۋەئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك.نېرۋا سىستېمىسى ئۆگىنىشنىڭ بىئولوگىيىلىك ئاساسى؛ۋاقىتلىق نېرۋامۇناسىۋىتى-شەرتلىك رېفلېكس ھاسىل بولۇش ئۆگىنىشىنىڭ فىزىئولوگىك مېخانىزمىدۇر.

          فىزىئو-پىسخولوگىيىلىك تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،ئىنسانلارنىڭ ئۆگىنىشى تۆۋەندىكىدەك

    بىر قانچە تىپقا بۆلۈنىدۇ:

    1.پاۋلوۋنىڭ  كلاسسىك شەرتلىك رېفلېكسى:بىر خىل غىدىقلاش(قوڭغۇراق ئاۋازى) ۋە شەرتسىز رېفلېكس(يېمەكلىكنىڭ شۆلگەي ئاجرىلىشقا سەۋەب بولۇشى)نى ئۆزئارابىرلەشتۈرۈپكۆپ قېتىم تەكرارلىغاندىن كىيىن،يالغۇز قوڭغۇراق ئاۋازىغىمۇ شۆلگەي ئاجرىلىدۇ.مانا بۇ جەريان شەرتلىك رېفلېكسلىق ئۆگىنىشتۇر .

    2.مەشغۇلات شەرتلىك رېفلېكسى: كلاسسىك شەرتلىك رېفلېكسقا ئوخشىمايدۇ،بۇخىل

    ئۆگىنىش ئىختىيارى،سىناپ كۆرۈش ۋە خاتا ھالدا ئەسۋابلارنىڭ  ۋاستىسى بىلەن مەشغۇلاتلىق تەربىيىلىنىش جەريانى.ئىندىۋىدۇئال خۇلق-ھەرىكىتىنىڭ ئاقىۋىتى ئەگەر شۇ ئىندىۋىدۇئالغا قارىتا مۇكاپاتلىق رولىنى جارى قىلدۇرسا،شۇخىل خۇلق-ھەرىكەتنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولىدۇ،ئەمما جازالانغان خۇلق-ھەرىكەت ئاجىزلايدۇ.شۇنىڭ ئۈچۈن،ئەگەر مۆلچەردىكى يۆنىلىشكە قاراپ،ئىندىۋىدۇئالنىڭ خۇلق-ھەرىكەت مەشغۇلاتى مۇكاپاتلانسا ۋە جازالانسا ،ئىندىۋىدۇئالنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىنى ئۆزگەرتكىلى ۋە بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ.فىزىئو-پىسخىكىلىق تەتقىقاتلار ئادەم ئورگانىزمىدىكى ئىچكى ئەزالار ھەرىكىتىمۇ مەشغۇلاتلىق مەشق ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى،مانا بۇ <<ئىچكى ئەزالار ئۆگىنشى >>جەريانىدۇر.

    3.بىردىنلا بىلىش: ئىنسانلار ئۆگىنىشتە شەرتلىك رېفلېكس،سىناپ كۆرۈش ۋە خاتاھالدا

    ئۆگىنىشتىن تاشقىرى،يەنە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك ئۆگىنىش بار.ئۇ بولسىمۇ ئۆگىنىشتىكى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلەشكە ئەگىشىپ،ئادەملەر خۇلق-ھەرىكەت ئىنكاسى يېڭى ئەندىزىسىنى قۇرۇشتىن ئىبارەت بولۇپ <<ئۆگىنىش كۈچىنى بەلگىلەش>> دەپمۇئاتىلىدۇ.سۆز-ئىبارىلەرنىڭ ياردىمىدە كىشىلەر مەلۇم ئەھۋال ياكى ۋەزىپە ئاستىدىكى ئۆگىنىش كۈچىنى ئىگىلەپ،دۇچ كەلگەن يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ.بۇ خىل بىردىنلا بىلىش تۇغما ئەمەس،بەلكى ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز جۇغلاش،سىناپ كۆرۈش،خاتا ئۇسۇلدا ئۆگىنىشلەر كۆپ قېتىم تەكرارلىنىشتىن كەلگەن.

            ئېرىشمە خۇلق-ھەرىكەتنىڭ ساقلىنىشى ۋە قايتا ئىپادىلىنىش خاتىرىدۇر.بىز خاتىرىنىڭ ياردىمىدە يېڭى بىلىم ۋە ئىقتىدارنى ئۆگەنگىنىمىزدىلا ئاندىن ئۆتكەنكى تەجرىبىلەر ئارقىلىق مەسىلە ھەل قىلىدىغان ئەقىل-پاراسەتلىك پائالىيەت بولىدۇ.ئەمما خاتىرە ئۇچۇرى مېڭىدە قانداق ساقلىنىدۇ؟خاتىرىنىڭ فىزىئولوگىك مېخانىزمى قانداق؟پېنفېلد توك بىلەن پوستلاق چېكە بۆلىكىنى يەڭگىل غىدىقلىغاندا،كېسەل ئۆتكەنكى ئىشلارنى ئەسلىگەن،ھەمىشە ئۆتكەندە بېشىدىن كەچۈرگەن بىر قاتار تەجرىبىلەر تەكرارلانغان،ئەگەر ئۆتكەنكى تەجرىبىلەرگە قورقۇش،خۇشاللىق،زوقلىنىش قاتارلىق ھېسىياتلار قوشۇلغان بولسا،قايتا ئىپادىلەنگەندىمۇ ئوخشاش ھېسىيات ئىنكاس قىلىنىدۇ.پېنفېلد بۇ ھادىسىنى <<تەجرىبىلەرنىڭ قايتا ئىپادىلىنىش>> دەپ ئاتىغان. توك بىلەن چېكە بۆلىكىنى غىدىقلاپ ئۆتكەنكى تەجرىبىلەرنى ئەسلەشكە تۈرتكە بولغاندا،غىدىقلىغۇچى توك قۇتۇپىغا يېقىن ئورۇندىمۇ توك سىرتقا چىققانلىقتىن،ئۇ ئۆتكەنكى تەجرىبىلەرنىڭ نېرۋا خاتىرىسى پوستلاق چېكى بۆلىكىدىن يىراق جايغا ئورۇنلاشقان دەپ تونىغان.ئەمما خاتىرە ئامبىرىنى ئاچىدىغان ئاچقۇچ يەنىلا پوستلاق چېكى بۆلىكىدە،ئىككى تەرەپ سەقەنقۇرغازەرەر يەتكۈزگەندە خاتىرە جەريانىغا تەسىر قىلىپ،خاتىرە قالدۇرۇشقا كاشىلا قىلىدىغانلىقى، ئەمما تۇرغۇزۇلۇپ بولغان پىششىق ماھارەتكە تەسىر قىلالمايدىغانلىقىنى بايقىغان.قارىغاندا سەقەنقۇر قىسقا مۇددەتلىك خاتىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك خاتىرىگە ئۆزگىرىشىگە قاتنىشىدىكەن.بەزىلەر ئىككى تەرەپ چېكى بۆلىكى(ئىلمەك بۇدرىسى،بادام مېغىزسىمان يادرو،سەقەنقۇر ۋە سەقەنقۇرسىمان بۇدرىمۇ زەخىملىنىدۇ،ياكى سەقەنقۇر رايونىنى كېسىپ تاشلىغاندا،خاتىرىسى ئەسلىگە قايتمايدىغان يوقىلىش ۋە ئەسلىگە قايتمايدىغان ئۇنۇتقاقلىق كېسىلى پەيدا بولغان.كېيىنكى كىلىنىڭك كۆزىتىش ماتېرىياللىرىدىن ئايان بولۇشچە،سەقەنقۇر ۋە ئەمچەك تۈگمىسىمان تەنچەخاتىرىدە نۇقسان پەيدابولۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىكەن.دېلاي(1938-يىل)ئۇنۇتقاقىق بار،ئويدۇرما ۋە يۆنىلىشنى بەلگىلەش توسالغۇغا ئۇچرايدىغان كورساكوف ئۇنۇتقاقلىق يىغىندى ئالامىتىگە گىرىپتار بولغان كېسەلدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى(ئۆسمە،ياللۇغ قاتارلىق) كۆپىنچە ئەمچەك تۈگمىسىمان تەنچىگە تەسىر قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان.ئەمچەك تۈگمىسىمان تەنچە ۋە سەقەنقۇر گۈمبەز ئارقىلىق باغلىنىدۇ. ئىككىسى ئەمەلىيەتتە مۇكەممەل بىر قۇرۇلمىنىڭ ئىككى ئۇچى، بۇ قۇرۇلمىنىڭ مۇكەممەللىكى دائىم يېقىنقى ئىشلارنى ئەسكە ئېلىشتا زۆرۈردۇر. ئىزما بۈدرىسى ئۆسمىسى ۋە پىشانە بۆلىكى چوڭقۇر قىسمىدىكى ئۆسمىلەر ئىزما بۈدرىسى،چاناق بۈدرىسى قاتارلىق قىرغاق سىستېمىسىغاتەسرى قىلغاندىمۇ خاتىرەبۇزۇلىدۇ.يۇقىرىدا بايان قىلىنغان تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،پاپېز ھېسىيات زەنجىرى ۋە ماكلېئان( ) نىڭ ئىچكى ئەزالار بىلەن مېڭىنى تۇتاشتۇرىدىغان <<سەقەنقۇر-گۈمبەز-ئەمچەك تۈگمىسىمان تەنچە-ئەمچەك تۈگمىسىمان تەنچە دۆڭچە مېڭە تۇتامى-دۆڭچە مېڭە ئالدىنقى يادروسى-ئىزما بۈدرىسى-سەقەنقۇر>> نېرۋا زەنجىرى خاتىرە زەنجىرى دەپ ئاتىلىدۇ.

            خاتىرە زەنجىرىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى بىلەن خاتىرە توسالغۇسى ئارىلىقىدىكى مۇناسىۋەت مەلۇم قانۇنىيەتنى نامايان قىلىدۇ،خاتىرە زەنجىرى ئالدىنقى ئۇچى ئەمچەك تۈگمىسىمان تەنچە ئەتراپىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى(ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىش،ئۆسمە قاتارلىقلار) دا ئويدۇرما ئاسانلا پەيدا بولىدۇ.بۇنىڭ تىپىكرەكى كورساكوف يىغىندى ئالامىتى؛ئەمما خاتىرە زەنجىرى ئارقا قىسمىدىكى سەقەنقۇر ئەتراپىدا كېسەللىك ئۆزگىرىشى(مېڭە ياللۇغى،مېڭە-قان تومۇرلىرى كېسەللىكلىرى قاتارلىق) بولسا،يېقىنقى ئىشلارنى ئۇنتۇپ قىلىش پەيدا بولۇشقا مايىللىشىدۇ.سول يېرىم شارچە پىشانە بۆلىكى ۋە سەقەنقۇر ئەتراپىدىكى كېسەللىك ئۆزگىرىشى ئاساسلىق تىل ۋەئاڭلاش ئارقىلىق ئۆگىنىش،خاتىرەبىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇشى مۇمكىن.پەقەت بىر تەرەپتىلا كېسەللىك ئۆزگىرىشى بولسا ئاز دېگەندىمۇ ئۇنۇتقاقلىق پەيدابولىدۇ،لېكىن ئىككىلا تەرەپتە كېسەللىك ئۆزگىرىشى پەيدا بولسا،كۆپ ھاللاردا خاتىرە ئېغىر دەرىجىدە توسالغۇغا ئۇچرايدۇ.

           خاتىرەزەنجىرى بىلەن مېڭە غولى،چوڭ مېڭە پوستلىقى ئارىسىدازىچ فۇنكىسىيىلىك باغلىنىش بار،شۇڭا خاتىرە ۋە ئويغاقلىق،دىققەت،سېزىم ئۇچۇرلىرىنىڭ كىرگۈزۈلۈشى،پۈتۈنلىنىشى ھەم ھېسىيات،ھەرىكەتنىڭ مۇناسىۋىتى كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ.خاتىرىنى ئېھتىمال ئىككى ئوخشاش بولمىغان فۇنكىسىيىلىك قۇرۇلما باشقۇرسا كېرەك.سەقەنقۇر-ئەمچەك تۈگمىسىمان تەنچە زەنجىرى يېقىنقى ئىشلار خاتىرىسىنى باشقۇرىدۇ،تەسىرات ئۇچۇرلىرى پوستلىقى ۋە پوستلاق ئاستى نېۋرونلارسىستېمىسى يىراقتىكى ئىشلارنى ئەستە ساقلاشتاناھايىتى زۆرۈر.بەزىلەر ھەرخىل غىدىقلىنىشلار چوڭ مېڭىگەكىرگەندە،پوستلاق ئۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ تەسىراتقا ئايلاندۇرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن مېڭىدەئىككى خىل ئىنكاس پەيدابولىدۇ.بىرخىلى ئاكتىپلاشقان ئۆتكەن ئىشلار خاتىرىسى يولى بولۇپ،ئۆز ۋاقتىدىكى ئىشلارغا مۇناسىپ ئىنكاس پەيدا بولىدۇ،يەنە بىر خىلى يېڭى-يېڭى يول ھاسىل بولۇپ،خاتىرە باش ئامبىرىدا ساقلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.ئىككىسى ئۆزئارا ئارىلاشمايدۇ،ئەمما بىرلىكتە ئېلىپ بىرىلىدۇ.

          ئۆتكەندە كىشىلەر خاتىرە ئۇچۇرىنىڭ ساقلىنىشى-توك نېرۋا يولىغا توختىماي تەكرار يەتكۈزۈلگەنلىكتىن دەپ قارايتتى.دېڭىز چوشقىسىنى تەجرىبە قىلغاندا بۇخىل كۆز قاراشنىڭ توغرا ئەمەسلىكى ئىسپاتلاندى.دېڭىز چوشقىسىنىڭ مېڭىسىنى سوۋۇتۇپ،مېڭىنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىنى توختىتىپ،قايتىدىن ئۆي تېمپېراتۇرىسىغاكەلتۈرگەندە،ئۆتكەندەھەل قىلىشنى ئۆگەنگەن مەسىلىلەرنى ھەل قىلالايدۇ.چۈنكى خاتىرە مۇشۇ نېرۋا يوللىرىدا توختىماي مېڭىپ يۈرگەن توك ئەمەس،بەلكى مۇشۇ نېرۋا يولىنىڭ ئۆزىدۇر.يېڭى نەرسىلەرنى ئۆگەنگەندىن كىيىن،مېڭىدە يېڭى نېرۋا يوللىرى شەكىللىنىدۇ،يەنى نېۋرونلار ئارىلىقىدا يېڭى ئۆسۈكچە تېگىشمىسى مۇناسىۋىتى ياكى ئۆسۈكچە تىگىشمىسى ئورنىدا بەزى ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كىلىدۇ.ئۆگىنىش ۋاقتىدا مېڭە نېرۋىلىرىدا پەيدا بولغان ئېلېكتىرلىك ئۆزگىرشنى ماھىيەتتە خىمىيىلىك ئۆزگىرىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ھايۋاناتلار ئۈستىدىن قىلىنغان تەجرىبىلەردە،ئۆگىنىش ۋاقتىدا نېۋرونلاردا كۆپرەك () ھاسىل بولىدىغانلىقى ئايان بولدى،كىشىلەر() خىمىيىۋى تۈزۈلۈشىدىكى تىزىلىپ بىرىكىش ئالاھىدىلىكىدىن پايدىلىنىپ،ناھايىتى زور ئۇچۇر سىغدۇرۇشچانلىققا ئىگگ بولىدۇ دەپ قارايدۇ.شۇڭا بەزىلەر بۇنى <<خاتىرە شىفىرى>> دەپ ئاتىغان.()ئاقسىل ھاسىل قىلىدۇ، بۇ ئاقسىل خاتىرەئىقتىدارى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دورائىشلىتىپ ئاقسىلنىڭ بېرىكىشىنى توسۇپ قويغاندا،تەجرىبە قىلىنغان ھايۋاننىڭ خاتىرىسى ئۈچ سائەتكىچە نورمال بولىدىكەن،6 سائەتتىن كىيىن يەتتە كۈنگىچە بولغان ئارىلىقتا خاتىرىسى بۇزۇلىدىكەن.بۇ خاتىرىنىڭ ئۇزۇنغىچە ساقلىنىشى مېڭىدە ئاقسىل بىرىكىشكە تايىنىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بىرىدۇ.شۇڭلاشقا ۋاقىتلىق خاتىرە ئېلېكتىر ئەندىزىسىدىن،ئۇزۇن مۇددەتلىك خاتىرە نېۋرونلاردىكى خىمىيىلىك ئۆزگىرىشتىن پايدىلىنىپ ئەمەلگە ئاشۇرۇلىدۇ،ئاخىرقى دەۋرىدە قۇرۇلما ئۆزگىرىپ كېتىشى مۇمكىن



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;