• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • كەيپىيات
  • كەيپىيات قانداق پەيدا بولىدۇ؟ ئۇنىڭ ماھىيتى نېمە؟بۇ ئۆتكەندە ھەرخىل چۈشەندۈرۈلگەن.

    19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا (جامېس) ۋە (لانگې)لار كەيپىيات بولس،نەپەس،قان بېسىمى قاتار

    لىق فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كەلتۈرگەن سۇبيېكىتىپ كەچۈرمىش،ئەشۇ فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەر بولمىسا،كەيپىيات كەچۈرمىشلىرىمۇ بولمايدۇ دەپ قارىغان.جامېس:<<بىزنىڭ يىغلىشىمىزدىكى سەۋەب قايغۇ-ھەسرەت،ئۇرۇشىمىزدىكى سەۋەب ئاچچىقلىنىش،ھەرگىز قايغۇ ھەسرەتنى سەۋەبى يىغلاش،ئاچچىقلىنىشنىڭ سەۋەبى ئۇرۇش ئەمەس>>دەپ ئېيتقان.بۇ تەلىماتتا فىزىئولوگىك ئامىللارنىڭ كەيپىياتقا قارىتا تەسىرى كۆپرەك تەكىتلىنىپ،كەيپىياتنىڭ فىزىئولوگىك مېخانىزمىنى تەتقىق قىلىشقاتۈرتكە بولغان،ئەممابۇتەلىماتتا ئىجتىمائىي تۇرمۇش ۋە كىشىلەرنىڭ تونۇشىنىڭ كەيپىياتىنى چەكلەش رولىنى يوققا چىقىرىپلا قالماستىن،بەلكى ئالدى بىلەن ئەتراپتىكى ئۆزگىرىشلەر ئاندىن كەيپىيات كەچۈرمىشلىرى بولىدۇ دېگەننى بەك تەكىتلىگەنلىكتىن،بىر تەرەپلىمىلىككە چۆكۈپ قالغان.شېرىنگتون() ئىتنىڭ مېڭىسى بىلەن يۇلۇنىنى كېسىپ ئايرىۋىتىپ<<ئايرىلغان مېڭە>>پەيدا قىلغان،بۇ ئىتتا يەنىلا غەزەپلىنىش،رىشتە باغلاش،بىزار بولۇشتەك كەيپىيات ئىنكاسى بولغان،بۇ كەيپىيات مېڭىنىڭ فۇنكىسىيىسى دېگەننى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ،جامېسنىڭ ئالدى بىلەن بەدەن ئەتراپتىكى ئۆزگىرىشلەر ئاندىن كەيپىيات بولىدۇ دېگەن ھۆكۈمىنى ئىنكار قىلدى.كاننون()دۆڭچە مېڭە كەيپىياتنى كونترول قىلىدىغان ئورۇن دەپ تونۇيدۇ.30 قانچە يىلدىن بۇيان گىرۋەك سىستېما تەتقىقاتى زور ئىلگىرىلەشلەرگە ئېرىشىپ،كەيپىياتنىڭ فىزىئولوگىك ئاساسى بىلىملىرىنى خېلىلا بېيىتتى.1952-يىلى ماكلېئان <<قىرغاق سىستېما-() >> ھەققىدە ئومۇمىي-چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،گىرۋەك بۆلىكى (چوڭ مېڭە يېرىم شارلىرى ئىچكى تەرىپىدىكى مېڭە غولى ئەتراپىنى ئوراپ تۇرىدىغان ئات تاقىسى شەكىللىك مېڭە بۈدرىسى،مېڭە غولى بىلەن بىللە چوڭ مېڭە دەرۋازىسىغا كىرىدىغان گىرۋەك) بىلەن قوشنا پوستلاق ۋە پوستلاق ئاستى قۇرۇلمىسى كەڭ دائىرىلىك نېرۋىلار بىلەن باغلىنىپ، ئالاھىدە فۇنكىسىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشقا باشلايدۇ.ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىبى ئىزما بۈدرىسى،چاناق بۈدرىسى،مېڭە ئارالچىسى،چېكە قۇتۇپى بۈدرىسى،سەقەنقۇر،سەقەنقۇرسىمان بۈدرە ئىلمىكى،قاداقسىمان تەنچە يۇقىرى-تۆۋەن بۈدرىسى ۋە پوستلاق ئاستى ھۈجەيرىلەر پونكىتىدىكى بادامسىمان يادرو،توساق يادرو،تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە،يۇقىرىقى دۆڭچە مېڭە،دۆڭچە مېڭە ئالدىنقى يادروسى،بىر قىسىم نېگىز تۈگۈنلىرى ۋە نائۇتا ئوتتۇرىغا قويغان قىرغاق ئوتتۇرا مېڭە رايونى،قىرغاق سىستېما ۋېگتاتىپ نېرۋىنىڭ پۇراش،ئوزۇقلىنىش،گەۋدە ھەرىكىتى،خاتىرە قاتارلىقلارنى تەڭشىشىگە قاتنىشىپلا قالماي،بەلكى كەيپىيات ۋە جىنسىي خۇلق-ھەرىكەتنىڭ تەڭشىلىشىگىمۇ ئىشتىراك قىلىدۇ.كەيپىيات ماھىيەتتە نېرۋا فىزىئولوگىك سېزىمىنىڭ ئاڭ جەھەتتىكى ئىنكاسى بولۇپ،كەيپىيات زەنجىرىدىكى نېرۋا پائالىيىتىنىڭ مەھسۇلىدۇر.كەيپىيات زەنجىرى پائالىيىتى ۋە چوڭ مېڭە پوستلىقى پائالىيىتىنى پۈتۈنلىگەندە، كەيپىيات كەچۈرمىشلىرى بارلىققا كىلىدۇ.ئاتالمىش كەيپىيات زەنجىرى پاپېز ئېيتقاندەك بولىدۇ:كەيپىيات جەريانى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ئەمچەك تۈگمىسىمان تەنچىسىدىكى نېرۋا ئىمپۇلس دۆڭچە مېڭە ئالدىنقى يادروسى،ئىزما بۈدرىسى پوستلاق قەۋىتى،سەقەنقۇر،گۈمبەز ئارقىلىق قايتىدىن ئەمچەك تۈگمىسىمان تەنچىگە قايتىپ كېلىشتىكى نېرۋا پىسخولوگىك جەرياننىڭ ئىنكاسىدرۇ،ئىمپۇلسى ئىزما بۈدرىسىدىن چوڭ مېڭە پوستلىقىغا كېڭەيگەندە،پىسخىك جەريان تېخىمۇ كەيپىيات تۈسىنى ئالىدۇ.

       نېرۋا فىزىئولوگىيىسى توغرىسىدىكى يېقىنقى يېڭى تەتقىقاتلار بۇ پەرەزنى ئىسپاتلىدى،چوڭ مېڭە پوستلىقىدىكى ھەربىر قوزغىلىش(سېزىم،خاتىرە،تەپەككۇر پائالىيىتى) تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىدىكى مەلۇم شەكىلدىكى ئىمپۇلىسنى مۇناسىپ قوزغىتىدۇ.تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىدىكى بۇ ئىمپۇلىسلار يەنە ۋېگىتاتىپ نېرۋىلار ۋە مېڭە-يۇلۇن نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق مۇناسىپ ئىچكى ئەزالار توقۇلمىلىرى ۋە سۆڭەك،مۇسكۇللار ھەرىكىتىنى ئاكتىپلاشتۇرىدۇ،گەۋدە-ئىچكى ئەزالار سىستېمىسىنىڭ قايتۇرما تەسىرىدىن قايتىپ كەلگەن ئىمپۇلس،تورسىمان ئاكتىپلاشقان سىستېمىدىن ئۆتۈپ يەنە دۆڭچە مېڭە ۋە قىرغاق سىستېما ئارقىلىق ،چوڭ مېڭە پوستلىقىغا قايتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئورگانىزمنىڭ ئەڭ دەسلەپكى غىدىقلىنىشقا قارىتا ئىنكاس قوزغىلىدۇ. بۇ خىل نېرۋا-فىزىئولوگىك ئىنكاس بىلەن <<ئەس-ھوش>>بىرىككەندە،<<ئەس-ھوش>>كەيپىياتى شەكىللىنىدۇ.

    كەيپىيات زەنجىرىدىكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە كەيپىياتنى ئىپادىلەيدىغان قۇرۇلما بولۇپ،ئۇنىڭ ئالدىنقى قسىمى،مېڭە ئالدىنقى قىسمى ئىچكى تۇتامى،توساق يادرو بىرگە خۇشاللىق ۋە بوشىشىش بىلەن ،ئارقا قىسمى،سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى،بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك پوستلىقى بىرگە قورقۇش ۋە غەزەپلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىنى كېسىۋەتكەندىن كىيىن كەيپييات ئىنكاسى يوقىلىدۇ.قىرغاق سىستېمىدىكى سەقەنقۇر،بادامسىمان يادرو،توساق يادرو قاتارلىق باشقا يادورلار بىلەن تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ئارىلىقىدە زىچ نېرۋا ئالاقىسى بار،تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق كەيپىيات پائالىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكىلى بولىدۇ.چوڭ مېڭە پوستلىقى بىلەن كەيپىيات زەنجىرىنىڭ مۇناسىۋىتى زىچ بولۇپ،پوستلاق-پوستلاق ئاستى يادرولىرىغا قارىتا تەڭشەش،كونترول قىلىش رولىنى ئۆتەيدۇ،ئەگەر پوستلاقنىڭ كونترول قىلىش رولى ئاجىزلىسا،پوستلاق ئاستى يادرولىرى كونتروللۇقىنى يوقىتىپ،ئاسانلاكەيپىياتى تۇراقسىزلىنىش ئىپادىلىنىدۇ.بوۋاقلار،ئۆسمۈرلەرنىڭ پوستلىقى تېخىچە ئۆسۈپ-يېتىلمىگەنلىكتىن،پوستلاق ئاستى يادرولىرىنىڭ پائالىيىتى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ،كەيپىيات ئىنكاسى كۈچلۈك ئەمما تۇراقسىز بولىدۇ.ياشانغانلاردا قېرىلىقتىن پوستلاق پائالىيىتى ئاجىزلىشىپ،ئۆزىنىڭ كەيپىياتىنى كونترول قىلالمايدۇ،ئۇ غەزەپلىنىش كەيپىياتى،ھېسىياتى نازۇكلىشىپ كېتىشلەر بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.لېكىن پوستلاق ئاستىدىكى يادرولارنىڭ زەرەرلىنىش دەرىجىسى ئېغىر بولسا،ھېسىيات ئىنكاسىمۇ كۆرۈنەرلىك ئاجىزلىشىدۇ.مەسىلەن: پاركىنسون كېسىلى،ھېستىرىيىگە گىرىپتار بولغان كېسەللەر ۋە پاركىنسون كېسىلىگگ گىرىپتار بولغان كېسەللەرنىڭ كەينىدىن تۇيۇقسىز مىلتىق ئاۋازى ئاڭلانسا،ھېستىرىيىگە گىرىپتار بولغانلارنىڭ قېنىدىكى گلۇكوزا كۆرۈنەرلىك كۆپەيگەن،ئەمما كېيىنكىلەردە ھىچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغان.

           كەيپىيات زەنجىرىدىكى قوزغىلىش-نېرۋا ۋاستىچىلىرىغا تايىنىپ ئۆتكۈزۈلىدۇ.نورئادرېنالىن ئاساسلىق تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىدە ئىشلىنىدۇ.بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك پوستلىقىدا ئادرېنالىن ئىشلىنىشتىن سىرت،يەنە نورئادرېنالىنمۇ ئىشلىنىدۇ.نورئادرېنالىننىڭ ئىشلىنىش دەرىجىسى مۇۋاپىق بولغاندا،ھەمدە باشقا پاتولوگىك ئەھۋاللار بولمىغاندا،ئۇ تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە-سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسىنى مۇۋاپىق قوزغىتىدۇ.شۇ قوزغىلىش كەيپىيات زەنجىرىدىن ئۆتۈپ چوڭ مېڭە پوستلىقىغا قايتىپ كەلگەندە،كىشىلەردە سەزگۈرلۈك،قىزىقىش،خۇشاللىق ۋە <<ھاياتى كۈچ>>پەيدا قىلىدۇ.پىسخىك-ئىجتىمائىي جىددىيلىشىشتە،تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە-ھىپوفىز –بۆرەك ئۈستى بېزى ئوقىدىن ئۆتىدىغان پائالىيەت كۈچىيىپ،سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىشتىن،يۈرەكنىڭ سوقۇشى تېزلىشىش،قان بېسىمى كۆتۈرۈلۈش،نەپەس ئېلىش ۋە چىقىرىش نىسبىتى ئۆزگىرىش ،قارىچۇق كېڭىيىش،تەرلەش،قول تىترەش قاتارلىق بىرقاتارئالامەتلەرپەيدا بولىدۇ.

           شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا پوستلاق بىرخىل نېرۋا-فىزىئولوگىك پائالىيىتىنىڭ قايتما تەسىرىنى قوبۇل قىلىپ،ئەندىشە قىلىش،قورقۇش قاتارلىق كەچۈرمىشلەر تەدرىجىي بارلىققا كىلىدۇ.يەنە بىر تەرەپتىن ئاتسېتىل خولىن ()،5-ھىدروكىسى-ترىپتامىن() لار پاراسىمپاتىك نېرۋا  سىستېمىسى  پائالىيىتىنىڭ تەڭشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ،كەيپىيات زەنجىرىدىكى بوشىشىش ۋە خۇشاللىققا ئالاقىدار بولغان قسىمىنىڭ فۇنكىسىيىلىك پائالىيىتىنىڭ تەڭشىلىشىگە ئىشتراك قىلىدۇ.5-ھىدروكسىترىپتامىن ئاساسلىق ئوتتۇرا چاك يادرولىرىغا ئورۇنلاشقان،ئۇلارنىڭ تالالىرى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە،نەقىش سىزىقسىمان تەنچە،ئوتتۇرا مېڭە قاتارلىق ئورۇنلارغا توپلانغان.ئەگەرئاتسېتىل خولىن چا 5-ھىدروكسى تىرىپتامىن مۇۋاپىق دەرىجىدە ئىشلەتسە،ھوزۇرلىنىش ،قانائەتلىنىش كەيپىيات كەچۈرمىشلىرى پەيدا بولىدۇ.ئوتتۇرا چاك يادرولىرى يەنە ئۇيقۇنى تەڭشەشكەقاتنىشىدۇ.ئەگەر5-ھىدروكىسى ترىپتامىن يېتەرلىك مىقداردائىشلەنمىسە ھېسىيات ۋە ئۇيقۇ بۇزۇلىدۇ.مەركىزىي نېرۋا ۋاستىچى ماددىسىنىڭ تەركىبىنى ئۆزگەرتىدىغان ياكى ئاكسىپتورلارنى قوزغاتقۇچى ھەر قانداق ئامىللار،كەيپىيات زەنجىرى سىستېمىسىدىكى نېرۋا ئىمپۇلىسى ئېنېرگىيىسىگە تەسىر قىلىپ،كەيپىياتتا مۇناسىپ ئۆزگىرىش پەيدا بولۇشقا سەۋەبچى بولىدۇ.بۇخىل ئېنېرگىيىنىڭ ئاز-كۆپلىكى ئاساسەن نورئادرېنالىننىڭ مىقدارىغا باغلىق.رېزېرپىن()،فېنوتېئازېن() قاتارلىق دورىلار نورئادرېنالىننىڭ تەسىرىنى ئاجىزلىتىدىغان بولغاچقا،كەيپىيات زەنجىرى سىستېمىسىدىكى ئېنېرگىيە يېتىشمەي،خامۇشلۇق ئىپادىلىنىدۇ.خامۇشلۇققا قارشى ئۈچ ھالقىلىق دورىلار مونوئامىن ئوكسىدازا() تورمۇزلىغۇچى ياسالمىلار نورئادرېنالىندىن پايدىلىنىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇپ،كەيپىيات زەنجىرى سىستېمىسىدىكى ئېنېرگىيىنى تولۇقلاش ئارقىلىق كەيپىياتنى كۆپتۈرۈپ،نېرۋىنىڭ ھەرىكەتچان پائالىيىتىنى كۈچەيتىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;