• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئېھتىياج،مۇددىئا ۋە ئوڭۇشسىزلىق
  • پىسخولوگىيىلىك تەتقىقاتنىڭ قارىشىچە،ئېھتىياج-مۇددىئا پەيدا بولۇشنىڭ ئاساسىي،ئەمما مۇددىئا ئادەمنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىنى بىۋاستە ئىدارە قىلىدىغان ھەرىكەت سەۋەبى.ئادەتتىكى ئەھۋال ئاستىدا ،ئېھتىياج ۋە مۇددىئانىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئادەمنىڭ كۆڭلىنى ئارام تاپقۇزىدۇ ۋە خۇشال روھىي كەيپىياتقا ئىگە قىلىدۇ؛ئەكسىچە بولغاندا،ئادەملەردە ئازاب-ئوقۇبەت ، روھىي چۈشكۈنلۈك،ئەندىشە قىلىش، ھەتتا غەزەپلىنىش پەيدا بولۇپ، پىسخىكىدا ئوڭۇشسىزلىق سېزىمى بارلىققا كېلىدۇ. پىسخىكىلىق ئوڭۇشسىزلىق ۋە مۇناسىپ پىسخىكىلىق قوغدىنىش مېخانىزمى ئادەمنىڭ جىسمانىي-روھىي ساغلاملىقى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىنىڭ ئادەمنىڭ ئېھتىياجى ۋە مۇددىئاسىنى تەتقىق قىلىشىدىكى مەقسىتى-ئادەمنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىنى مۆلچەرلەش ۋەكونترول قىلىش،ئوڭۇشسىزلىققائۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ھەمدە ئادەمنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش،روھىي-جىسمانىي تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش،سالامەتلىككە ياردەم بېرىشتىن ئىبارەت


    ئېتھىياج

    - ئېھتىياجنىڭ ئاساسى ئۇقۇمى

    ئېھتىياج ئادەملەردە ئورتاق بولىدىغان پىسخىك ھادىسە،ئادەم خۇلق-ھەرىكىتىنىڭ ئىپتىدائىي ئېنېرگىيىسى،ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ياشىشى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈن،تاماق يەيدۇ،كىيىم كىيىدۇ،جۆرە تاپىدۇ،پەرزەنتلىك بولىدۇ،ئەمگەك قىلىدۇ،ھەرخىل ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.ھەمدە مۇشۇ پائالىيەتلەر جەريانىدا ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئورنىتىدۇ،ئادەملەر ئارا باردى-كەلدىلەر بولۇپ تۇرىدۇ،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانلار ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋە جەمئىيەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش،تەرەققى قىلىشتا ناھايىتى زۆرۈر،ئاتالمىش ئېھتىياج-ئىنسانلار ئىندىۋىدۇئاللىقى ۋەئىجتىمائىي تۇرمۇشتازۆرۈربولغان شەيئىلەرنىڭ ئادەم مېڭىسىدىكى ئىنكاسىدۇر

      ئېھتىياج ئومۇمەن ئورگانىك تەن ئىچكى مۇھىتى ياكى سىرتقى تۇرمۇش شارائىتىدىكى مەلۇم تەلەپنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ،ئۇ ئوبيېكتىپ تەلەپنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىرخىل سۇبيېكتىپ ھالەت.ئىنسانلارنىڭ ئوبيېكتىپ تەلىپى-ئورگانىك تەننىڭ ئىچكى ۋەفىزىئولوگىك تەلىپىنى ، يەنە سىرتقى ۋە ئىجتىمائىي تەلەپنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.ئادەم ئورگانىزمىدا ئوزۇقلۇق يېتىشمەسلىك ۋە قاندىكى شېكەر ئازىيىپ كېتىش بىرخىل ئىچكى ۋە فىزىئولوگىك ئوبيېكتىپ تەلەپ.بۇخىل تەلەپ تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش،نېرۋا ئۆتكۈزۈشى ئارقىلىق،چوڭ مېڭە پوستلىقىغا بېرىپ ئوزۇقلىنىش ئېھتىياجىنى بەرپا قىلىدۇ.ئوخشاشلا بىرخىل ئىجتىمائىي ئوبيېكتىپ تەلەپ ،شەخسلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىدىغان بولسا،ئۇمۇ شەخسنىڭ ئېھتىياجىغا ئايلىنىدۇ.

        ئېھتىياج-ئوبيېكتىپ تەلەپنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان سۇبيېكتىپ ھالەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە خىل ئالاھىدىلىككە ئىگە:

        1) قاراتمىلىق. ھەممە ئېھتىياج ئومۇمەن مەلۇم نەرسىگە ئېھتىياجدۇر.ئۇ مەلۇم كونكرېت ئوبيېكتىگە قارىتىلغان. مەسىلەن: ئادەملەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك، ئىلىم- پەن، باردى-كەلدى،سالامەتلىك ۋە تىببىي داۋالاش-ساقلىقنى ساقلاشقا بولغان ئېھتىياجى قاتارلىقلار.بۇ ئېھتىياجلار نىڭ ئوبيېكتىلىرى ناھايىتىمۇ كونكرېتنى،ناھايىتىمۇ ئېنىق.ئوبيېكتى بولمىغان ئېھتىياج مەۋجۇت ئەمەس.

        2) دەۋرلىك. ئېھتىياج ۋە ئېھتىياجنى قاندۇرۇش،ئادەتتە بىرقېتىمدىلار ئەمەلگەئاشمايدۇ، كۆپىنچىسى ئايلىنىپ،تەكرارلىنىپ  تۇرىدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە.مەسىلەن: بىزنىڭ يېمەك-ئىچمەك،ئۇيقۇغا بولغان ئېھتىياجىمىز بىر قېتىم قانائەتلىنىش بىلەن ئاخىرلاشمايدۇ.باردى-كەلدىگە بولغان ئېھتىياجغا ئوخشاش مەلۇم مۇرەككەپ ئېھتىياجلارنىڭ گەرچە دەۋرلىكى روشەن بولمىسىمۇ،ئەممە مەلۇم شارىئىت ئاستىدا،كۆپ قېتىم تەكرار بارلىققا كېلىدۇ.

        3) ئىجتىمائىي-تارىخىي خاراكتېرى.ئېھتىياج تارىخىي تەرەققىياتقا ئەگىشىپ تەرەققى قىلغان،ئېھتىياجنى قانائەتلەندۈرىدىغان ئوبيېكىتلارنىڭ ۋە ئۇسۇلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ تەرەققى قىلغان.قەدىمكى ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجى،ھازىرقى ئادەملەرنىڭكىگەقارىغانداناھايىتى ئاددىي ئىدى،ئۇلارغا بىر چۆچەك ئاش،بىر نوگاي سۇ،كەپە-گەمە ئۆيلەر ولسىلارازى بولاتتى. ئەگەر ھازىرقى ئادەملەرنى قەدىمكى ئادەملەرگە ئوخشاش تۇرمۇش كۆچۈرۈشكە زورلىساق،ئۇلار ناھايىتى ئازابلىنىشى مۇمكىن.ھازىر جەمئىيەت تارىخىي تەرەققىياتى ۋە خەلقلەرنىڭ ماددىي،مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ،ئېھتىياج بارغانسېرى يۇقىرى بولۇپ، مۇرەككەپلەشمەكتە.

        2-ئېھتىياجنىڭ تۈرلىرى

        ئېھتىياجنىڭ تۈرلىرى ھەرخىل-ھەرياڭزا،ئۇنى تۈرلەرگەئايرىش مەسىلىسىدە پىسخولوگلار ئارا ئىختىلاپ خېلىلا چوڭ،ئەمما ئادەتتە پىسخولوگلەر ئېھتىياجنىڭ مەنبەسى،فۇنكىسىيىسى ،تەرتىپى قاتارلىقلارغا ئاساسەن تۈرگە ئايرىدۇ.

        ئېھتىياجنىڭ مەنبەسىگەئاساسەن،كىشىلەرنىڭ ئېھتىياجى تەبىئىي ئېھتىياج ۋەئىجتىمائىي دەپ ئايرىلىدۇ.ئاتالمىش تەبىئىي ئېھتىياج-ئورگانىك تەننىڭ  ھاياتىنى ساقلاپ قالىدىغان ۋە قامداپ تۇرىدىغان ھەم ئىرقىي تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرىدىغان ئېھتىياجنى كۆرسىتىدۇ.

    مەسىلەن: ئادەملەرنىڭ يېمەك-ئىچمەك،دەم ئېلىش،ئۇيقۇ،چىقىرىش،جۆرە تېپىش،پەرزەنتلىك بولۇش قاتارلىق ئېھتىياجلىرى تەبىئىي ئېھتىياجغا مەنسۇپتۇر.بۇ ئېھتىياجلارنىڭ ئالاھىدىلىكى،كۆپىنچە روشەن دەۋرىلىكى بولغانلىقىدا،ئاساسلىقى فىزىئولوگىك جەھەتتىكى ياكى تەبىئىي مايىل جەھەتتىكى مەلۇم قانائەتلىنىشكە ئېرىشىش.شۇڭا بۇخىل ئېھتىياجلار،فىزىئولوگىك ئېھتىياج ياكى تەبىئىي مايىل ئېھتىياجى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.گەرچە ئادەملەر ۋە ھايۋانلارنىڭ ئوخشاشلا فىزىئولوگىك ۋە تەبىئىي مايىللىق ئېھتىياجى بولسىمۇ،ئەمما ھايۋانلار بىلەن ئادەملەرنىڭ بۇخىل ئېھتىياجلىرى تۈپ ماھىيەتلىك پەرققە ئىگە.ماركس ئېيتقاندەك <<ئاچلىق يەنىلا ئاچلىقتۇر،ئەممە پىچاق-ۋىلكا بىلەن پىششىق گۆش يەپ قاندۇرۇلغان ئاچلىق تىرناق-چىشلىرى ئارقىلىق خام گۈشنى غاجاپ قاندۇرۇلغان ئاچلىق ئوخشىمايدۇ>>.چۈنكى ئادەملەرنىڭ تەبىئىي مايىللىق ئېھتىياجى ئىجتىمائىي تۇرمۇش شارائىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ.ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياج ئادەملەردىلا بولىدىغان ئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ مەھسۇلى.ئاتالمىش ئىجتىمائىي ئېھتىياجى، ئادەملەرنىڭ  تەىئى ئېھتىياجى ئاساسىدىن تۇغۇلغان،ئادەملەر جەمئىيەتتە ئۆسۈپ-يېتىلىش جەريانىدا ئادەتلەنگەن ئېھتىياجدۇر.ئادەملەرنىڭ ئىجتىمائىي ئېھتىياج كۆپ تەرەپلىمىلىك بولۇپ،ئاساسلىق ئەمگەك،ئالاقە ۋە ئابروي قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئېھتىياجلارنى ئۆزئۈستىگە ئالىدۇ.ئەمگەك كىشىلىك جەمئىيىتىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشى،تەرەققى قىلىشىدا كەم بولسا بولمايدىغان ئاساسى پائالىيەت؛ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمگەك پۇرسىتىنى كەتكۈزۈپ قويسا بىئارام بولىدۇ ۋە قىينىلىدۇ.كىشىلەر ئورتاق ئەمگەك قىلىش جەريانىدا ئالاقە ئېھتىياجى شەكىللىنىدۇ،مەسىلەن:باشقىلار بلەن بىللە بولۇشنى ئارزۇ قىلىش توپلىنىش ئېھتىياجى،ئۇرۇق-تۇغقان،يارى-بۇرادەرلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىپ ئامراق ئۆ

    تۈش يېقىنلىشىش ئېھتىياجى،مۇھەبەت ئېھتىياجىدۇر؛ئابروي ئېھتىياجى بىر قەدەر ئالىي دەرىجىلىك ئىجتىمائىي ئېھتىياج بولۇپ، ئۆز كەسپىدە نەتىجە قازىنىشنى ئارزۇ قىلىش،باشقىلارنىڭ مەدھىيىسى ۋەھۆرمىتىگە ئېرىشىش،ئابروي ۋەغۇرۇر قازىنىش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.

        سوۋېت پىسخولوگلىرى ئېھتىياجنىڭ ئوخشىمىغان ئوبيېكتىلىرىگە ئاساسەن،ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجىنى-ماددى ئېھتىياج،روھىي ئېھتىياج ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياج دەپ ئايرىغان.كىيىم-كىچەك،ئولتۇراق ئۆي،ھەرىكەت-پائالىيەتكە مۇناسىۋەتلىك ئېھتىياج،ئىنسانلار ياشاش ئاساسى بولغان ماددى ئېھتىياجغا ؛ئادەملەرنىڭ بىلىشى ،ئەخلاقى ۋەگۈزەللىك ئېھتىياجىغامۇناسىۋەتلىك ئېھتىياج،روھىي ئېھتىياجىغا؛ئەمگەك ،ئالاقە ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەت ئېھتىياجى،ئىجتىمائىي ئېھتىياجغا مەنسۇپتۇر.

        مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا،ئامرىكا پىسخولوگى ماسلوۋ ئېھتىياجنىڭ تەرتىپى بو

    يىچە ،ئۇنى بەش خىلغا ئايرىغان،مانا بۇ ئۇ ئوتتۇرىغا قويغان <<ئېھتىياج تەرتىپى نەزەرىيىسى>>دۇر.ماسلوۋئېھتىياجنى تەرتىپ بويىچەفىزىئولوگىك ئېھتىياج،تەۋەلىك ۋەمۇھەببەت ئېھتىياجى،ھۆرمەت ئېھتىياجى،ئۆزلۈكىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئېھتىياجى دەپ ئايرىغان.

    1. فىزىئولوگىك ئېھتىياج.بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ ئىپتىدائىي ۋەئەڭ ئاساسلىق ئېھتىياجى بولۇپ،تاماق يېيىش ،كىيىم كىيىش،ئولتۇراقلىشىش ،نىكاھلىنىش،كېسەللىكلىرىنى داۋالىتىش قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.ئەگەر ئادەملەرنىڭ مۇشۇ ئېھتىياجى قاندۇرۇلمىسا،ئىنسانلارنىڭ ياشىشى مەسىلە بولۇپ قالىدۇ،ھەمدە باشقا ئېھتىياجلارغاتەسىر قىلىدۇ.

    2. بىخەتەرلىك ئېھتىياجى.بۇخىل ئېھتىياج كاپالەتكە ئىگە بولۇش،تۇراقلىق،يۆلىنىۋىلىش،قوغداش،تەرتىپ ،قانۇن،قوغدىغۇچىنىڭ قۇدرىتى قاتارلىقلارنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ.بىخەتەرلىك ئېھتىياجى فىزىئولوگىك ئېھتىياج قاندۇرۇلغاندىن كىيىنلا ئۇلىشىىپ پەيدا بولىدىغان ئېھتىياج. ھەربىر ئادەم بىخەتەر قوغدىنىشقا ئېھتىياجلىق.ئۇنداق قىلمىغاندا،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بولماي،ئادەملەرنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىگە تەسىر قىلىدۇ،ھەتتا خاراكتېرىمۇ نورمالسىزلىشىدۇ.

    3. تەۋەلىك ۋەمۇھەببەت ئېھتىياجى.بۇخىل ئېھتىياج ئىككى تەرەپلىمەمەزمۇننى ئۆزئىچىگەئالىدۇ.بىرىنچى ئادەملەردە تەۋەلىك تۇيغۇسى بولىدۇ،ھەمدە ئادەم مەلۇم بىرگۇرۇھ ياكى كوللېكتىپقا تەۋە بولۇپ،شۇ گۇرۇھ ۋە كوللېكتىپنىڭ ئەزاسىغا ئايلىنىپ ،ئۆزئارا كۆڭۈل بۆلۈش،ئۆزئارا كۆيۈنۈشنى ئارزۇ قىلىدۇ.ئىككىنچى مۇھەببەت ئېھتىياجى،دوستلۇق،مۇھەببەت ، ھەممە ئادەمنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    4. ھۆرمەت ئېھتىياجى.ئادەملەر ئۆزىنىڭ مۇقىم مەرتىۋى بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ.ھەر بىر ئادەم نام-مەنپەئەت تەلەپ قىلىدۇ،ئۆزىنىڭ ئىقتىدارى ۋە نەتىجىلىرى جەمئىيەت تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنىش ۋە ھۆرمەت قىلىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

    5. ئۆزلۈكىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىش تەلىپى : ھەربىرئادەمنىڭ ئۆز غايىسى ۋەئىرادىسى بولۇپ،ئۆز ئىقتىدارى ۋە ئەقىل-پاراسىتىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ،بۇ ئىنسانلارنىڭ ئەڭ يۇقىرى تەرتىپلىك ئېھتىياجى.ماسلوۋ ئېھتىياجنىڭ قاندۇرۇلۇشى تۆۋەن تەرتىپتىن يۇقىرى تەرتىپكەقاراپ تەرەققى قىلىدۇدەپ تونۇيدۇ.تۆۋەن تەرتىپلىك ئېھتىياج قاندۇرۇلغاندىن كېيىنلا،ئاندىن يۇقىرى تەرتىپلىك ئېھتىياج بارلىققا كېلىدۇ.بۇخىل كۆز قاراش دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى<<كىيىم پۈتۈن ،قورساق توق بولغاندىن كىيىن،ئاندىن شەرەپ،نۇمۇس>>بولىدۇ دىگەن ئىدىيىسى بىلەن ئوخشاش.ماسلوۋنىڭ نەزەرىيىسى ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجىنى تەتقىق قىلىشىمىزدا ئويغىنىش رولىنى ئوينايدۇ،كىلىنىك ئەمەلىيەت جەھەتتىمۇ مەلۇم ئەھمىيەتكەئىگە.بىزئالدى بىلەن كېسەللەرنىڭ ھاياتلىق ۋە بىخەتەرلىك ئېھتىياجىنى ئويلىشىپ،داۋالاش،ئوكسىگېن پۇرۇتۇش،سۇيۇقلۇق تولۇقلاش،زۆرۈر ئوزۇقلۇق ۋە پەرۋىشكە دىققەت قىلىمىز،ئەمما ئۇلارنىڭ  مۇھەببەت،ھۆرمەت ئېھتىياجى ۋە ئۆزلۈكىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىش ئېھتىياجىغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ.ئەگەر كېسەللەر بىزنىڭ كۆيۈنۈشىمىز ۋە ھۆرمىتىمىزگە سازاۋەر بولسا ،ئۇلاردىكى يېتىملىك،ئەندىشە ،

    خاپىلىق ۋە پەرىشانلىق تۇيغۇسى ئاسانلا يوقىلىپ،ئىشەنچ ۋە ئۈمىد تۇغۇلىدۇ.بۇ كېسەللىكنى داۋالاش ۋە سالامەتلىكنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە پايدىلىق.

    ماسلوۋنىڭ <<ئىېھتىياج تەرتىپى نەزەرىيىسى>>مۇ مەلۇم چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ ئەلۋەتتە.بىرىنچى، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە مېخانىكىلىق مەسلەك تۈسىنى ئالغان بولۇپ ،ئادەملەرنىڭ ئېھتىياج تەرتىپىنى مەلۇم دەرىجىدىكى مۇقىم تەرتىپ،بىرخىل مېخانىكىلىق يۇقىرىغا ئۆرلەش ھەرىكىتى دەپ تونۇپ،ئادەملەرنىڭ سۇبيېكتىپ ئاكتىپلىقىغاسەل قارايدۇ.ئىككىنچى ، ئۇ ئىندىۋىدۇئال نۇقتىئىنەزەردىن ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجىنى چۈشەندۈرۈپ،ئۆزلۈكىدىن ۋۇجۇدقا چىقىرىشنى تەكىتلەپ،كوللېكتىپ ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجىغا سەل قارايدۇ.ئادەملەر بىئو-ئورگانىك تەن،ئەمما ئەڭ مۇھىمى ئۇ جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى.ئادەملەر ئورگانىزم ئىچكى مۇھىتى تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپلا قالماستىن، بەلكى ئىندىۋىدۇئال بىلەن سىرتقى ئىجتىمائىي مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنىمۇ ساقلايدۇ.ئىندىۋىدۇئالنىڭ ئېھتىياجى چوقۇم ئىجتىمائىي ئېھتىياجغا ماس كېلىشى شەرت،ئۇنداق بولمىغاندا زىددىيەت ۋە توقۇنۇش پەيدا بولۇپ،ئەندىشە ۋە بىئاراملىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.


    مۇددىئا


     1.مۇددىئانىڭ ئاساسى ئۇقۇمى

        مۇددىئا خۇلق-ھەرىكەتنىڭ  بىۋاستە سەۋبى،ئىندىۋىدۇئالدا خۇلق-ھەرىكەت پەيدا بولۇش ۋە ئۇنى قامداشتىكى بىرخىل پىسخولوگىك خاھىش.ئادەم ئويغاق ھالەتتە تۇرغاندىلا ئۇنىڭدا ھەرخىل-ھەرياڭزاخۇلق-ھەرىكەت بولىدۇ؛بۇخىل خۇلق-ھەرىكەتلەرگەئومۇمەن مەلۇم مۇددىئا سەۋەبچى.مەسىلەن: سۇ ئىچىشنى ئۇسسۇزلۇق،تاماق يېيىاشنى ئاچلىق تەلىپى پەيدا قىلغان ۋەھاكازالار.ئۇسسۇزلۇق ۋە ئاچلىق،سۇ ئېچىش ۋە تاماق يېيىش خۇلق-ھەرىكەتنىڭ مۇددىئاسى.

        ئادەملەر خۇلق-ھەرىكىتىنىڭ تۈرتكىلىك كۈچى مۇددىئا،جسىىملار ھەرىكىتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىگە ئوخشاش،ئورگانىزم بىلەن سىرتقى مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاش رولىغا ئىگە.جىسىملار ھەرىكىتى،ئومۇمەن مەلۇم كۈچنىڭ تەسىرىدە تەڭپۇڭلۇققا يۈزلىنىش جەريانىدۇر.ئەگەر بىر يۇمىلاق شارچىنى تۈزتاختىنىڭ ئۈستىگە قويساق،جۇغراپىيىلىك كۈچىنىڭ تەسىرىدە ئۇ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاپ،تىنچ ھالەتتە تۇرۇپ قالىدۇ،ناۋادا تۈز تاختىنىڭ بىر تەرىپىنى ئازراق ئېگىز كۆتۈرسەك،شارچىنىڭ تەڭپۇڭلۇقى يوقىلىپ،تاختىنىڭ يەنە بىر ئۇچىغا قاراپ دۇمىلاپ،يېڭى  تەكشىلىككە بېرىپ،يېڭى تەڭپۇڭلۇق ھاسىل قىلىدۇ.مانا بۇ تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇشتىن ھاسىل بولغان يېڭى تەڭپۇڭلۇقتۇر.شۇنىڭغا ئوخشاشلا ئەگەر پىسخىك ھالەت تەڭپۇڭ بولمىسا،مۇقەررەر ھالدا تەڭپۇڭلۇقنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان كۈچ ھاسىل بولۇپ،خۇلق-ھەرىكەتنى پەيدا قىلىدۇ،مانا بۇ مۇددىئانىڭ رولىدۇر.مۇددىئانىڭ رولى جىسىملارنى ھەرىكەتلەندۈرىدىغان كۈچكە قارىغاندا خېلىلا مۇرەككەپ ئەلۋەتتە.چۈنكى ئوخشاش شارائىت ئاستىدىكى خۇلق-ھەرىكەت ھەرگىزمۇ بىردەك بولمايدۇ.بۇنى پىسخىكىنىڭ مۇرەككەپلىكى ۋە ئادەملەر خۇلق-ھەرىكىتىنىڭ مۇرەككەپلىكى پەيدا قىلغان .

        مۇددىئا ئادەملەردىكى بىرخىل سۇبيېكىپ ھالەت،ئۇ يوشۇرۇنلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئىگە.

    شۇڭا ئۇنىڭ مەقسىتىمۇ ئوخشاش بولمايدۇ.مەقسەت كىشىلەر خۇلق-ھەرىكىتى ئارقىلىق يېتىدىغان نەرسە.ھەربىرخىل خۇلق-ھەرىكەتنىڭ ئاخىرقى مەقسىتى بولىدۇ.ئادەتتىكى ئەھۋالدا كۆپ ساندىكى مۇددىئا بىلەن مەقسەت بىردەك بولىدۇ،مەسىلەن: سۇ ئېچىپ ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇشنى ئېلىپ ئېيتساق،ئېھتىياج ۋە مۆلچەردىكى نەتىجە بىلەن بىۋاستە ماسلاشقان بولۇپ ،ھەم خۇلق-ھەرىكەتنىڭ مۇددىئاسى،ھەم خۇلق-ھەرىكەت ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسەتتۇر.ئادەملەرنىڭ مەلۇم ئېھتىياجلىق شەيئىلەرگەقارىتائىنكاسى،ئۇنىڭ خۇلق-ھەرىكەتكە بولغان تەسىرىگە قارىتا ئېيتساق،ئۇ مۇددىئا ئۇنىڭ خۇلق-ھەرىكەت ئارقىلىق يېتىدىغان مۆلچەردىكى مەقسىتىگەقارىتائېيتقاندائۇ مەقسەتتۇر.ئەمما بەزى ئەھۋاللارداخۇلق-ھەرىكەتنىڭ مۇددىئاسى بىلەن مەقسىتى بىردەك بولمايدۇ.مەسىلەن: ئۆگىنىشتە ياخشى نەتىجە قازى

    نىشنىڭ مۇددىئاسى ئېھتىمال بىلىمنى پۇختا ئىگىلەپ،جەمئىيەت ئۈچۈن خىزمەت قىلىش ياكى يۇقىرى نۇمۇرغا ئېرىشىپ ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىش ۋە ياكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەدھىيىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش بولۇپ،پۈتۈنلەي ئوخشاش ئەمەس،بىرخىل مەقسەتتىمۇ ئوخشىمىغان مۇددىئا بولىدۇ ،ئوخشاش مۇددىئامۇ ئوخشىمىغان خۇلق-ھەرىكەتلەردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن.

        مۇددىئا ئېھتىياج ئاساسىدا بارلىققا كېلىدۇ.ئېھتىياج ئوبيېكتىپ تەلەپنىڭ ئىنكاسى بولۇپ،ئورگانىك تەن ئىچكى –سىرتقى مۇھىتتىكى تەڭپۇڭ ھالەتتە ئىپادىلىنىدىغان خاھىش.ئادەم تېنى بىر خىل ئوچۇق سىستېما بولۇپ ،ئۆزى ياشاۋاتقان مۇھىت بىلەن ئۆزئارا تەسىر قىلىشىپ تۇرىدۇ،مۇھىت بىلەن ئۈزلۈكسىز ماددا،ئېنىرگىيە ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇپ،ئۆزى بىلەن مۇھىت ئوتتۇرىسىدىكى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدۇ.ئادەم ئورگانىزمى سىرتقى مۇھىت بىلەن تەڭپۇڭلۇقنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا،<<ئىچكى مۇقىم ھالەت>>تەسىرىنىڭ ياردىمىدە،ئورگانىزم ئىچكى سىستېمىنىڭ تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى تەڭشەيدۇ.ئاتالمىش<<ئىچكى مۇقىم ھالەت>>ئورگانىزم ئىچكى تەڭپۇڭلۇق ھالىتىنى دائىمى قامدايدىغان خاھىشتۇر.بۇخىل خاھىش ھاياتلىقنى قامدايدىغان شەرت.مەسىلەن: ھاۋا كىلىماتى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر،ئادەمنىڭ تېمپېراتۇرىسى ℃37 ئەتراپىدا تۇرىدۇ،ھاۋا بەك ئىسسىپ كەتسە،ئادەم ئورگانىزمى تەن ئاجرىتىش ئارقىلىق ،بەدەندىكى سۇنى تارقىتىپ،تېمپېراتۇرىسىنى چۈشۈرىدۇ؛ھاۋا بەك سوۋۇپ كەتسە، ئورگانىزم ماددا ئالمىشىشنى تېزلىتىش ئارقىلىق ئىسسىقلىقنى ئاشۇرۇپ،بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلايدۇ.شۇنىڭغا ئوخشاشلا قان بېسىمىنىڭ كۆتۈرۈلۈشى ۋە چۈشۈشى،قاندىكى شېكەر مىقدارىنىڭ ئاز-كۆپ بولۇشى،مەلۇم مۇۋاپىق تەڭپۇڭ ھالەتتە تۇرىدۇ،بۇ ئىچكى مۇقىم ھالەتنىڭ تەسىرى.ئەگەر ئورگانىزمدا مەلۇم بىرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،مەلۇم بىرخىل ماددا يېتىشمىسە،ئورگانىزم تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ،ئېھتىياج ھاسىل بولىدۇ؛بۇخىل ئېھتىياج مۇددىئانى شەكىللەندۈرۈپ،خۇلق-ھەرىكەتنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،مەقسەت قىلغان نەرسىگە ئېرىشىپ،ئېھتىياجنى قاندۇرۇپ،ئورگانىزمنىڭ تەڭپۇڭ ھالىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.ئېھتىياج مۇددىئا ھاسىل بولۇشنىڭ ئاساسى،ئەمما ھەر قانداق ئېھتىياجدا مۇددىئا ھاسىل بولۇشى ناتايىن.مۇددىئانىڭ ھاسىل بولۇشى ئوبيېكتىپ شەرت-شارائىتقا باغلىق،مەلۇم خىل ئېھتىياج تەرەققى قىلىپ كۈچلۈك ئارزۇغائايلانغاندىلاھەمد شۇ ئارزۇنى ئەمەلگەئاشۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىماللىقى بولغاندىلا ئېھتىياج مۇددىئاغا ئايلىنىدۇ.

    `     مۇددىئانى تۈرتكە پەيدا قىلىدۇ،مۇددىئا پەيدا قىلىدىغانلىكى تۈرتكىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىز <<پەيدا قىلغۇچى سەۋەب>>دەپ ئاتايمىز.پەيدا قىلغۇچى سەۋەبنىڭ خاراكتېرى بويىچە بىز <<ئوڭ پەيدا قىلغۇچى سەۋەب>> ۋە <<تەتۈر پەيدا قىلغۇچى سەۋەب>>دەپ ئايرىدۇق.ئوڭ پەيدا قىلغۇچى سەۋەب ئادەملەردە مەقسەتكە يېقىنلاشتۇرىدىغان مۇددىئا؛تەتۈر پەيدا قىلغۇچى سەۋەب ئادەملەردەئۆزىنى چەتكە ئالىدىغان خۇلق-ھەرىكەت مۇددىئاسىنى پەيدا قىلىدۇ.مەسىلەن: توڭلىغان ئادەمدە ئېسسىش ئېھتىياجى پەيدا بولىدۇ؛يېقىندىكى ئوتۇن،ئوت ئالغۇچى نەرسىلەردىن ئىسسىنىش مۇددىئاسى بارلىققا كېلىدۇ.يەنە بىر مىسال: كۈچلۈك يورۇقلۇققا كۆرۈش تور پەردىسىنىڭ يورۇقلۇقنى سەزگۈچى ھۈجەيرىلىرى بەرداشلىق بېرەلمەي،كۆزنى قاچۇرىدۇ.ئوتۇن،ئوت ئالغۇچى نەرسىلەر ئوڭ پەيدا قىلغۇچى سەۋەب،كۈچلۈك يورۇقلۇق تەتۈر پەيدا قىلغۇچى سەۋەبتۇر.ئەمما ئوڭ ۋە تەتۈر پەيدا قىلغۇچى سەۋەبلەر ھەرگىزمۇ مۇتلەق ئەمەس،ئۇلار مەلۇم شەرت-شارىئىتتا ئۆزئارا ئۆزگىرىدۇ.مەسىلەن: ھاراق ئادەتتە ئوڭ پەيدا قىلغۇچى سەۋەب،ئەمما غەرق مەس بولۇپ ئىككى كۈن ئۆتكەندىن كىيىن،ھاراق تەتۈر پەيداقىلغۇچى سەۋەبكە ئايلىنىدۇ،ھەتتا ئۇنى خىيال قىلغاندىمۇ كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسقىسى كىلىدۇ.

        مۇددىئا ئادەمنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا،ئادەملەرنىڭ ھەرخىل-خۇلق ھەرىكەتلىرى مۇددىئادىن ئايرىلالمايدۇ.مۇددىئانىڭ ئادەملەرخۇلق-ھەرىكىتىگە تۈرتكە بولۇش جەھەتتە بىرقانچەخىل ئىقتىدارى بار:بىرىنچى باشلاش ئىقتىدارى.ئادەملەرنىڭ خۇلق-ھەرىكىتى ئومۇمەن مەلۇم مۇددىئا تەرىپىدىن پەيداقىلىنىدۇ،مۇددىئا خۇلق-ھەرىكەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈش رولىنى ئۆتەيدۇ،خۇلق-ھەرىكەتنى قوزغىتىدۇۋە باشلايدۇ.ئىككىنچى قاراتمىلىق ئىقتىدارى.مۇددىئا ئومۇمەن مەلۇم بىر خىل نىشانغا قارىتىلغان بولۇپ،ئادەملەرنىڭ خۇلق-ھەرىكىتى مۇشۇ مۆلچەردىكى نىشان ۋە يۆنىلىشنى بويلاپ ئېلىپ بېرىلىدۇ. نىشان ئەمەلگە ئاشقان ھامان،مۇددىئا پەيدا قىلغان خۇلق-ھەرىكەت تېزلىكتە ئاجىزلىشىدۇ ياكى ئاخىرلىشىدۇ.ئۈچىنچى مۇستەھكەملەش ئىقتىدارى.خۇلق-ھەرىكەتنىڭ نەتىجىسى كۆپ ھاللاردا ئادەملەرنىڭ مۇددىئاسىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتىدۇ.خۇلق-ھەرىكەتنىڭ ياخشى نەتىجىسى ئادەمنىڭ مۇددىئاسىنى مۇستەھكەملەپ،خۇلق-ھەرىكەتنىڭ تېخىمۇ كۈچلەندۈرۈپ،قايتا بارلىققا كەلتۈرىدۇ.ئەمماخۇلق-ھەرىكەتنىڭ ياخشى بولمىغان نەتىجىسى،ئادەملەرنىڭ مۇددىئا

    سىنى ئاجىزلىتىدۇ ياكى يوقىتىدۇ،شۇنىڭغا ئەگىشىپ خۇلق-ھەرىكەتمۇ ئاخىرلىشىدۇ.ئالدىنقىسى مۇددىئانىڭ ئوڭ مۇستەھكەملەش رولى،كېيىنكىسى مۇددىئانىڭ تەتۈر مۇستەھكەملەش رولى.

    2. ئىپتىدائى مۇددىئا ۋە تۇغۇندى مۇددىئا

        مۇددىئانى تەتقىق قىلىش،ئادەملەرنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىنى بىلىش ۋە مۆلچەرلەشنى مەقسەت قىلىدۇ.ھالبۇكى ئادەملەرنىڭ خۇلق-ھەرىكىتى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان بولىدۇ،بۇنىڭغا ئادەملەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ھاسىل بولغان مۇددىئانىڭ ئىنتايىن مۇرەككەپلىكى سەۋەب بولغان .مۇددىئانىڭ يوشۇرۇنلۇق ئالاھىدىلىكى بولغانلىقتىن،ئۇنى بىۋاستەكۆزەتكىلى بولمايدۇ،   پەقەت بىر ئادەم تۇرۇۋاتقان مەنزىرە ۋە ئىپادىلىگەن خۇلق-ھەرىكەت بويىچە ئەقلىي خۇلاسى چىقىرىپ چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ،شۇڭا مۇددىئانى تەتقىق قىلىشتا خېلىلا چوڭ قىيىنچىلىق مەۋجۇت.ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر ئادەمنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىنى،كۆپىنچە بىرخىل مۇددىئالار پەيدا قىلمايدۇ.بىر مۇددىئامۇ كۆپ خىل خۇلق-ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلىنىش مۇمكىن.مۇددىئا مۇرەككەپ بولغانلىقتىن،ئۇنى تۈرگە ئايرىشقا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن تەسەببۇسلار بارلىققا كەلدى،لېكىن تا بۈگۈنگىچە بىرەر خىل تەسەببۇس كۆپچىلىك تەرىپىدىن تېخىچە قوبۇل قىلىنمىدى.ئەمما ھازىرخېلىلاكۆپ ساندىكى كىشىلەرمۇددىئانى ئىككى چوڭ تۈرگە ئايرىيدۇ،ئۇنىڭ ئىچىدە  ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە ئايرىش-ئىپتىدائىي مۇددىئا ۋە تۇغۇندى مۇددىئاغا ئايرىشتىن ئىبارەت.

    1) ئىپتىدائىي مۇددىئا

    ئاتالمىش ئىپتىدائىي مۇددىئا،تۇغما بولىدىغان تەبىئىي مايىللىق مۇددىئانى كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئاچلىق،ئۇسساش،جىنسىيەت،ئانىلىق،قىزىقىش،ئۈگدەشلەرنىڭ ھەممىسى ئىپتىدائىي مۇددىئاغا ياتىدۇ.

    (1) ئاچلىق

    يېمەكلىكلەرنىڭ يېتىشمىسە ئادەملەردە ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھەممى

    مىزگە مەلۇم.بۇ خىل ئاچلىق تۇيغۇسى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە،ئادەملەر جىددىيلىشىپ بىئارام بولۇپ،يېمەكلىك ئىزدەيدۇ.بۇ خىل يېمەكلىك ئىزلەش خۇلق-ھەرىكىتى قورساق تويغۇزىدىغان مەلۇم يېمەكلىككە ئېرىشكەندىن كىيىن،ئاندىن ئاجىزلايدۇ ۋە يوقىلىدۇ.مانا بۇ يېمەكلىك ئىزدەپ ئاچلىقنى قاندۇرىدىغان مۇددىئادۇر. ئادەملەردە نېمە ئۈچۈن ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا بولىدۇ؟ دەسلەپتە ئالىملار،ئاچلىق تۇيغۇسىنى ئاشقازان دىۋارىنىڭ قىسقىرىش ھەرىكىتى پەيدا قىلىدۇ دەپ قارىغانىدى.1934-يىلى كانون ھاۋا توشقۇزۇلغان خالتىنى ئاشقازانغا كىرگۈزۈپ تەجرىبە قىلىش ئارقىلىق،ئاچلىق تۇيغۇسى بىلەن ئاشقازان دىۋارى قىسقىرىشنىڭ زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغانىدى. ئەمما بۇخىل قاراش ئىككى پاكىت تەرىپىدىن ئىنكار قىلىندى: بىرىنچى ئاشقازان دىۋارى قىسقىرىش ھادىسىنى تاماق يېيىش پەيدا قىلىدۇ؛ئىككىنچى ئاشقازىنى پۈتۈنلەي كېسىپ ئېلىۋېتىلگەن كېسەللەردىمۇ،ئوخشاشلا ئاچلىق تۇيغۇسى بولىدۇ،ئاشقازان دىۋارى قىسقىرىش ھادىسىسى بولمايدۇ.بۇ پاكىتتىن قارىغاندا،ئاشقازان دىۋارى قىسقىرىش ھادىسىنى ئاچلىق تۇيغۇسىنىڭ مۇقىم سەۋەبى دەپ چۈشەندۈرۈش قىيىن.

         ئاچلىق تۇيغۇسى پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن مۇرەككەپ،تا ھازىرغىچە ئالىملار مۇقىم جاۋاب تاپالىغىنى يوق.ئەمما ئالىملارنىڭ ئادەتتىكىچە قارىشىچە،ئاچلىق تۇيغۇسىنى ئىككى تەرەپلىمە ئامىللار پەيدا قىلىشى مۇمكىن: ① قاندا شېكەر ئازىيىش،ئىچكى ئاجراتمىلار ئۆزگىرىش ۋە ئاشقازان دىۋارى قىسقىرىش؛② مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسىدىكى تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ئاچلىق تۇيغۇسىنى كونترول قىلىدۇ.مىللېر مۇنداق بىر خىل تەجرىبە ئىشلىگەن: ئاق چاشقان تۆۋەنكى دۆڭچەمېڭىسىنىڭ مەلۇم ئۇششاق قىسىملىرىنى بۇزۇپ تاشلىغان دا ئۇنىڭ ئىشتىھاسى ئېچىلىپ،تاماق مىقدارى كۆپىيىپ،ئىككى ئاي ئىچىدىلا ئېغىرلىقى بىر ھەسسە ئاشقان ؛ئەمما ئاق چاشقان دۆڭچە مېڭىسىنىڭ باشقا كىچىك قىسىملىرىنى بۇزۇۋەتكەندە بولسا،نەتىجە ئەكسىچە بولغان.

        ئاچلىقنى خۇلق-ھەرىكەتنىڭ مۇددىئاسى دەپ قاراشتىكى ئاساسلىق سەۋەب،ئۇنىڭ يېمەكلىك ئىزدەش ۋەتاماق يېيىش خۇلق-ھەرىكىتىنى بەرپا قىلغانلىقىدا.ئەگەر بىرئادەم ئېچىرقاش ھالىتىگە چۈشۈپ قالسا ،ئۇنىڭدا يېمەكلىك تاللىماسلىقتەك خۇلق-ھەرىكەت پەيدا بولىدۇ.ھەر قانداق يېگىلى بولىدىغانلىكى نەرسىلەرنى ئۇنىڭ ئاچلىق دەرىجىسىنى چۈشۈرىدۇ.1950-يىلى كېس قاتارلىقلار مۇنداق بىر مەلۇماتنى ئېلان قىلغانىدى: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە،ئۇلار 36 نەپەر ئىختىيارى قاتناشقۇچىلارنى تەجرىبە قىلغان،تەجرىبە قىلىنغۇچىلار 24 ھەپتىگىچەيېرىم ئاچلىق ھالىتىدەتۇرسا،بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ تەقسىملىنىشى كۆرۈنەرلىك ئۆزگەرگەن.ئاچلىقتىن بۇرۇن تەخمىنەن %50 ئىسسىقلىق ئورگانىزمنىڭ ئۆزىدىكى ماددا ئالمىشىشنى قامداشقا،%50 نى باشقا پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلىنغان بولسا،ئاچلىق ۋاقتىدا قوبۇل قىلىنغان ئىسسىقلىقنىڭ %60 ى ماددا ئالمىشىشنى قامداشقا،قالغان %30 ى باشقا پائالىيەتلەرگە سەرپ قىلىنغان ،ئېغىرلىقىمۇ كۆرۈنەرلىك چۈشكەن.بۇ تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلارنىڭ ئېغىرلىقى %25 چۈشكەن .

        كېس قاتارلىقلارنىڭ تەجرىبىسىدە يەنە،ئاچلىق تۈپەيلىدىن تەجرىبىگە قاتناشقۇچىلاردا <<يېرىم ئاچلىق مەنبەلىك نېرۋاكېسىلى>>پەيدابولىدىغانلىقىمۇ بايقالغان،ئىپادىسى سوغۇقلىشىش، ئەندىشە قىلىش ،ئىجتىمائىي ئالاقە پائالىيەتلىرىگە قىزىقماسلىقلار كۆرۈلگەن؛بەزىلەردە نېرۋا سەزگۈرلۈكى ئېشىپ كېتىش،مىجەزى قوپاللىشىپ ئاسان خاپا بولىدىغان بولۇپ قېلىش؛ يەنە بەزىلەردە ئىشەنچ يوقىلىپ،ئۆزىنى تۆۋەن چاغلاش قاتارلىقلار ئىپادىلىنىدۇ.

    (2) ئۇسساش

    ھاياتلىقنى قامداشتا سۇ كەم بولسا بولمايدۇ،مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا،ئۇ يېمەكلىكتىنمۇ مۇھىم.بىرئادەم 20-10 كۈن تاماق يېمىسىمۇ ،ھايات ياشايدۇ،ئەمماسۇ ئىچمىسە كېسەل بولىدۇ ياكى ئۆلۈپ كىتىدۇ.ئۇسساش بەدەندەسۇ يېتىشمەسلىكتىن كېلىپ چىقىدۇ.ئادەم بەدىنىدىكى سۇنىڭ سەرپىياتى مەلۇم دەرىجىگە يەتكەندە ،تەڭپۇڭ ھالەت يوقىلىپ،سۇنى تولۇقلاش ئېھتىياجى بارلىققا كېلىشتىن،ئۇسساش مۇددىئاسى پەيدا بولىدۇ.ئادەم ئورگانىزمى ئۆزىنىڭ نورمال فۇنكىسىيىسىنى قامداش ئۈچۈن،كۆپىنچە ئىككى خىل ئۇسۇلغا تايىنىپ،يوقىتىلغان سۇنى تولۇقلايدۇ:ئۇنىڭ بىر خىلى سۇ ئېچىش؛يەنە بىر خىلى سۇنىڭ بۆرەك ئارقىلىق چىقىرىلىشنى ئازايتىشتىن ئىبارەت.شۇڭا ئۇزۇن مەزگىل سۇ ئىچمىگەندە سۈيدۈك مىقدارى ئازىيىدۇ ۋە سۈيدۈك قويۇقلىشىدۇ.

        فىزىئو-پىسخولوگىيە ئالىملىرى،بەدەندىكى سۇ ئازايغاندا،قان مىقدارى ئازىيىپ، قاننىڭ قويۇقلۇقى ئېشىپ،قان بېسىمى ئۆزگىرىپ ،ئەتراپ ھۈجەيرىلەردىكى سۇنىڭ سىرتقا سىرغىشىغا تەسىر قىلىپ،قۇرۇشقا يۈزلىنىدۇ دەپ قارايدۇ.تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىگە جايلاشقان ئالاھىدە ھۈجەيرىلەردە سۇ يېتىشمەسلىكنى سېزىدىغان ئاكسېپتورلار بار،بەدەندە سۇ يېتىشمىگەندە ، بۇ ھۈجەيرىلەرنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ ،نېرۋا ئىمپۇلسى پەيدا قىلىپ،ئادەملەردە ئۇسساش تۇيغۇسى بارلىققا كىلىدۇ،ئۇسۇ ئىچىش خۇلق-ھەرىكىتىگە تۈرتكەبولىدۇ.شۇڭلاشقا ئۇسساشتىكى تەلەپ ۋە ئۇنى كونترول قىلىش ،تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىنىڭ فۇنكىسىيىسىدۇر.

        بۇنىڭدىن باشقا،پىسخولوگلارسىرتقى ئامىللارمۇ<<ئۇسساش>>نىڭ پەيدابولۇشى ۋەمەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا رول ئوينايدۇ دەپ قارايدۇ.مەسىلەن: بىز تاماقلىنىش بىلەن بىر ۋاقىتتا ،كۆپىنچە چاي،شورپا،مېۋە شىرنىسى قاتارلىق باشقا ئىچىملىكلەرنىمۇ ئىچىمىز،بۇ كىشىلەردىكى ئۇزۇن مۇددەتتە ھاسىل بولغان تۇرمۇش ئادىتىنىڭ تەسىرى.

    (3) جىنسىيەت

    ئاچلىق،ئۇسساشقا سېلىشتۇرغاندا گەرچە جىنسىيەت ئىندىۋىدۇئالنىڭ ھاياتىنى قام

    داشتا مۇتلەق زۆرۈرىيەت بولمىسىمۇ ،ئەمما ئۇ ئىرقنى داۋاملاشتۇرۇشتا كەم بولسا بولمايدۇ. جىنسىي تەلەپنى ئورگانىزم ئىچىدىكى مەلۇم يېتىشسىزلىك پەيدا قىلمايدۇ،بەلكى پۈتۈنلەي فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشتىن بارلىققا كېلىدۇ.

        جىنسىيەت مۇددىئاسىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا،ئورگانىزم جىسنىي ئىقتىدارى يېتىلگەندىن كىيىن غەيرىي جىنىسقا ئىنتىلىش ۋە جۆرە ئىزدەش خۇلق-ھەرىكىتى سەۋەب بولىدۇ.جىنسىيەت مۇددىئاسى-جىنسىي ھورمونلارنىڭ غىدىقلىشىدىن بارلىققا كىلىدۇ.جىنسىي ئەزالارنىڭ پىشىپ-يېتىلىشىگە ئەگىشىپ،ئەرلەرنىڭ ئۇرۇقدىنى ئەرلىك ھورمونى،ئاياللارنىڭ تۇخۇمدىنى ئانىلىق ھورمونى ئاجرىتىدۇ.جىنسىي ھورمونلار جىنسىيەت مۇددىئاسى ۋە خۇلق-ھەرىكىتى بارلىققا كېلىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.جىنسىي ھورمونلار مېڭە ھىپوفىزىنىڭ كونتروللۇقىدا ئاجرىلىدۇ.ئەگەر تېخى پىشىپ-يېتىلمىگەن ئورگانىزمدىكى مېڭە ھىپوفىزىنى كېسىپ ئېلىۋەتسەك جىنسىي يېتىلىش پۈتۈنلەي توختايدۇ؛ئەكسىچە جىنسىي ئىقتىدارى تېخى يېتىلمىگەن بەدەنگە مېڭەھېپوفىزى ھورموننى ئوكۇل قىلساق،جىنسىي بالدۇريېتىلىش ھادىسىسى بارلىققاكىلىدۇ.

        جىنسىي مۇددىئا ۋە جىنسىي خۇلق-ھەرىكەت ھايۋانلار ئارىسىدا دەۋرىلىك پەيدا بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە،ئەمما ئىنسانلارغا قارىتا ئېيتقاندا،ھايۋانلارغا ئوخشاش فىزىئولوگىك ئۆزگىرىش بولۇشتىن سىرت،تېخىمۇ مۇھىمى شەخسىي تەجرىبىلەر ۋە بۇرۇن ئۆگەنگەنلىرىنىڭ تەسىرىگەئۇچرايدۇ.ئادەملەرئىجتىمائىي تۇرمۇشنىڭ ئاساسلىق سۇبيېكتى بولغانلىقتىن،تۇغۇلغاندىن كىيىن ئادەتلەنگەن ھەر خىل رېفلىكسلىق پائالىيەتلەر يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدۇ،شۇڭلاشقا ئىپتىدائىي جىنسىي مۇددىئا ئاساسلىق ئىدارە قىلىش تەسىرىنى ئوينىيالمايدۇ،جىنسىي خۇلق-ھەرىكەتمۇ دەۋرىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە ئەمەس.تەجرىبە ۋە ئۆگىنىشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقتىن ،ئىنسانلارنىڭ جىنسىي تەلىپىنى قوزغىتىدىغان ئامىللارمۇ ئىنتايىن مۇرەككەپ.

         (4) ئانىلىق

         ئانىلىق مۇددىئا-ئانا ئىندىۋىدۇئالدىلا بولىدىغان بىر خىل ئىپتىدائىي مۇددىئا.ئۇ ئانا ئىندىۋىدۇئال ئەۋلاد قالدۇرغاندىن كىيىن،گۆدەك تەننى ئاسراشتائىپادىلىنىدىغان بىرخىل مۇددىئانى كۆرسىتىدۇ،ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بۇخىل مۇددىئا ئانىلىق مېھرىنىڭ ئاساسى.

         ئانىلىق ئادەتتىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىدەبولىدىغان ئورتاق ئالاھىدىلىكى،ئانىلىق مۇددىئا بەرپا قىلغان خۇلق-ھەرىكەت ئېمىتىش ،ئوزۇقلاندۇرۇش،يالاش ياكى گۆدەكنى سىلاش،گۆدەكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش قاتارلىقلاردا ئىپادىلىنىدۇ.گۆدەكلىك ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن،ئانائىندىۋىدۇئال ھەتتا ھاياتنىڭ خەۋپ-خەتەرگە ئۇچرىشىغاقارىماي گۆدەكنى قوغدايدىغان ھەرخىل خۇلق-ھەرىكەتلەرنى ئىپادىلەيدۇ.

        ئانىلىق مۇددىئا شەكىللىنىشنىڭ فىزىئولوگىك ئاساسى ناھايىتى مۇرەككەپ.تەجرىبە-تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا،ئانىلىق مۇددىئا مېڭە ھىپوفىزىنىڭ پرولاكتىن ئاجرىتىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.مەسىلەن: ئەركەك ئاق چاشقانغا پرولاكتىن ئوكۇل قىلىنسىمۇ،ئانىلىق خۇلق-ھەرىكەت شەكلى نامايەن بولىدۇ،ئاق چاشقاندىكى پرولاكتىن تازىلىۋېتىلسە،بۇخىل ئانىلىق خۇلق-ھەرىكەت شەكلى يوقىلىدۇ،ھەتتا ئۆزىنىڭ بالىلىرىنى تاشلىۋېتىشى مۇمكىن.

        ئەمما ئىنسانلارغا قارىتا ئېيتقاندا،فىزىئولوگىك ئامىللاردىن تاشقىرى،بوۋاقنىڭ نۇرغۇنلىغان خۇلق-ھەرىكىتىمۇ ئانىلىق خۇلق-ھەرىكەتنىڭ نامايان بولۇشى ۋە ھاسىل بولۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.مەسىلەن: بوۋاقنىڭ يىغلىشى،كۈلۈشى،شورىشى ۋەنەرسىلەرنى تۇتۇشى قاتارلىقلار.ئانىلىق خۇلق-ھەرىكەتنىڭ كۈچىيىشىنى زۆرۈرشەرت بىلەن تەمىنلەيدۇ؛بوۋاقنى قۇچىقىغائالغاندا خۇر سەنلىك پەيدا بولۇپ،ئانىلىق خۇلق-ھەرىكەت كۈچىيىشى مۇمكىن.ئانا-بالا مۇناسىۋىتى،ئىنسانلاردا پۈتۈنلەي ئىجتىمائىيلىققا ئىگە،شۇڭا ئىنسانلارنىڭ پەرزەنت تەربىيىلەش ئۇسۇلى ئىجتىمائىي مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

        (5) ئۈگدەش

         ئۈگدەش ئىندىۋىدۇئالنىڭ ئىچكى ئېھتىياجى،ئۇ مېڭە پائالىيىتى تورمۇزلىنىش جەريانىنىڭ مېڭىدە تارقىلىشىنىڭ نەتىجىسى.نېرۋا ھۈجەيرىلىرى قوزغىلىش،ئېنېرگىيە سەرپ بولۇشتىن، قوزغىلىش ئاجىزلاپ،مېڭە تورمۇزلىنىش جەريانى كېڭىيىپ ئۇخلاش ھادىسىسى بەرپا بولىدۇ. ئۇيقۇ ئېھتىياجى بارلىققا كەلگەندە ئىندىۋىدۇئالدا ئۈگدەش سېزىمى بارلىققا كېلىپ،ھەرىكەت توختاشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ.شۇڭا ئۈگدەشمۇ بىر خىل مۇددىئادۇر.ئىندىۋىدۇئال ئۇيقۇغا قانغاندىلا،ئاندىن بۇخىل مۇددىئا يوقىتىلىدۇ.بۇرۇن ئۇيقۇ بىرخىل ئۆگەنگەن ئادەت دەپ تونۇلاتتى، ئەمما تەجرىبە-تەتققاتلارغا ئاساسلانغاندا ،ئۇ ئادەمنىڭ ئاساسىي فىزىئولوگىك ئېھتىياجى،شۇڭا ئۇيقۇ ئىپتىدائىي مۇددىئادۇر.ئەگەر بىر قانچە كۈن مەجبۇرىي ئۇخلىمىسا،خىزمەت ئۈنۈمى ۋە سالامەتلىككە تەسىر يېتىدۇ،تېخىمۇ ئۇزۇنراق ئۇخلىمىسا ھەتتا ئۆلۈپ قېلىشى مۇمكىن.

          (6) قىزىقىش

          قىزىقىش ئىپتىدائىي مۇددىئاغا مەنسۇپ،ئۇ ئورگانىك تەننىڭ يېڭى يات غىدىقلىنىشلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈش رېفلېكسى.ئەگەر ھايۋانلار يېڭى مۇھىت ئىزدەشنى ياقتۇرسا،گۆدەك يېڭى قىزىقارلىق شەيئىلەرگە قارىتا قوزغىلىش ئىپادىلەيدۇ،بۇخىل رېفلېكسلىق خۇلق-ھەرىكەتلەرنى ئۆگىنىش ھاجەتسىز.بۇ خۇلق-ھەرىكەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان مۇددىئا <<قىزىقىش>> ياكى <<ئىزدىنىش>> مۇددىئاسى دەپ ئاتىلىدۇ.قىزىقىش ئىچكى ئېھتىياجدىن ئەمەس،بەلكى سىرتقى غىدىقلىنىشتىن ھاسىل بولىدۇ.قىزىقىش پەيدا قىلىدىغان غىدىق-ئادەتتە يېڭى-قىزى

    قارلىق ۋە مۇرەككەپ بولۇشتەك ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە .بوۋاقلار-گۆدەكلەرنىڭ قىزىقىشتىن پەيدا بولغان خۇلق-ھەرىكىتى ئادەتتە ئۈچ شەكىلدە ئىپادىلىنىدۇ: ① سەزگۈ ئەزالىرىدىكى ئىزدىنىش؛② ھەرىكەت مەشغۇلاتى؛③ مەسىلە قويۇش.پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە قىزىقىش ئادەملەرگە قارىتا ناھايىتى قىممەتلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن .

        2) تۇغۇندى مۇددىئا

        تۇغۇندى مۇددىئا،تۇغۇلغاندىن كېيىن تۇرمۇشتىن ئۆگەنگەن مۇددىئانى كۆرسىتىدۇ.بۇخىل مۇددىئا بىلەن ئىندىۋىدۇئالنىڭ تۇرمۇش شارائىتى زىچ باغلانغان.مەسىلەن: قورقۇش،يېقىنلىق ،جەمئىيەت ماقۇللۇقى،ھۇجۇم قىلىش،نەتىجە،بىخەتەرلىك قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇندى مۇددىئاغا كىرىدۇ.

        (1) قورقۇش

         قورقۇشنىڭ  مۇددىئا بولۇپ قېلىشىدىكى سەۋەب،قورقۇش پەيدا قىلىدىغان غىدىقلىغۇچى نەرسە ئوتتۇرىغا چىققان ھامان،ئىندىۋىدۇئالدا ئۆزىنى چەتكە ئېلىش،كېتىپ قېلىشتەك خۇلق-ھەرىكەت پەيدا بولىدۇ.پىسخولوگلەر قورقۇش مۇددىئاسى تۇغما ئەمەس،بەلكى تۇغۇلغاندىن كىيىن تۇرمۇشتا ئۆگىنىشتىن كەلگەن دەپ قارايدۇ.مىللېر (1948-يىلى) تەجرىبە ئارقىلىق بۇ كۆز قاراشنى ئىسپاتلىغانىدى.مىللېر <<قورقۇش مۇددىئاسى تەجرىبە قۇرۇلمىسى>> نى لايىھىلەپ چىققان،ئۇنى A ۋە B دەپ ئىككى ساندۇققا ئايرىغان،ساندۇقلار ئارىلىقىدا ئىشىكلىك ئۆتۈشمە يول قويغان.Aساندۇقنىڭ ئىچىنى ئاق رەڭدە بوياپ،تېگىگە توك ئۆتكۈزىدىغان مېتال تاختا ئورناتقان؛Bساندۇقنى قارا رەڭدە بويىغان.تەجرىبە جەريانىدا ئاق چاشقاننى ئايرىم-ئايرىم ھالدا Aۋە Bساندۇققا سسېلىپ،ئاق چاشقاندا جىددىيلىشىش،قورقۇنچاقلىق،تەرەت قىلىۋېتىشلار بار-يوقلۇقىنى كۆزەتكەندە،ئاق چاشقاندا قورقۇش مۇددىئاسىدىن پەيدا بولىدىغان يۇقىرىدا بايان قىلىنغان خۇلق-ھەرىكەتلەر سادىر بولمىغان.Aساندۇقتىكى ئاق چاشقاننى ھەر 5 سېكۇنتتا بىر قېتىم،جەمئىي بىر مىنۇت توك سوقتۇرغاندا ئۇ ناھايىتى قورقۇپ كەتكەن،Aۋە B ساندۇق ئارىلىقىدىكى كىچىك ئىشىكنى ئېچىۋەتكەندە،ئاق چاشقان قېچىپ Bساندۇققا كىرىۋالغان.قورقۇش ئىپادىلىرىمۇ تەدرىجىي ئاجىزلىغان؛يەنە بىرقېتىم Aساندۇققا كىرگۈزۈپ توك سوقتۇرمىغاندىمۇ،ئاق چاشقاندا قورقۇش ھالىتى بارلىققا كەلگەن.ئىنسانلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقتا قورقۇش ئىپادىسى بولمايدۇ،شۇڭا كىشىلەر دائىم <<يېڭى تۇغۇلغان موزاي يولۋاستىن قورقماپتۇ>>دەپ ئېيتىشىدۇ،بۇ قورقۇشنىڭ تۇغما بولماي،بەلكى تۇغۇلغاندىن كىيىن ئۆگىنىشتىن كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

        (2) ھۇجۇم قىلىش ئاتالمىش ھۇجۇم قىلىش ،باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش نىيىتىنى كۆرسىتىدۇ.ھۇجۇم قىلىشتىكى مەقسەت،ئاساسەن قارشى تەرەپنى ئازاب-ئوقۇبەتكە قويۇپ،ئۆزى مەلۇم قانائەتكە ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت.

        پىسخولوگلاردا ھۇجۇم قىلىشقا قارىتا ئوخشىمىغان كۆز قاراشلار مەۋجۇت.فرېئۇد-  (1939-1856) 1920-يىلى ھۇجۇم قىلىش تۇغما تەبىئەت،يەنى ئۆلۈك تەبىئەتنىڭ ئىپادىلىنش شەكلى دەپ ئېيتقانىدى.1966-يىلى لورېنتز يەنىمۇ بىرقەدەم ئىلگىرىلىگە ھالدا،ئادەملەر ئاساسەن ھۇجۇمچى ھايۋانلاردۇر.كۆپ ھاللاردا بۇزغۇنچىلىق خاراكتېردىكى خۇلق-ھەرىكەتلەرنى باشقىلارغا مەجبۇرىي تاڭىدۇ،ئۇرۇشمۇ ھۇجۇم قىلىش تەبىئىتىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى دەپ كۆرسەتكەنىدى.ئىجتىمائىي پەن نەزەرىيىسى ھۇجۇم قىلىش ئۆگىنىشتىن كەلگەن دەپ تونۇيدۇ.مەسىلەن: تاجاۋۇزچىلىق خاراكتېرىدىكى خۇلق-ھەرىكەتلەر باشقىلارنى دوراش ياكى مۇستەھكەملەنگەن ئۆگىنىشتىن كېلىدۇ.ئەمماكۆپ ساندىكى پىسخولوگلارھۇجۇم قىلىش خۇلق-ھەرىكىتى مۇددىئاسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاننىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ.ئەگەر بىر ئادەم مەلۇم نىشانغا يېتىش جەريانىدا،توسالغۇغا،ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا ھۇجۇم قىلىش خۇلق-ھەرىكىتى پەيدا بولىدۇ.ئەمما ئوڭۇشسىزلىق پەيدا قىلغان خۇلق-ھەرىكەت ئىنكاسىنىڭ ھۇجۇم قىلىش بولۇشى ناتايىن،ئېھتىمال چېكىنىش،قېچىش،قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىش ياكى ياردەم سوراش خۇلق-ھەرىكەتنىڭ ئىنكاسى بولۇشى مۇمكىن.شۇڭا ئىنسانلارنىڭ ھۇجۇم قىلىش خۇلق-ھەرىكىتى ئىنتايىن مۇرەككەپ بولىدۇ.

        (3) يېقىنلىق

       بىزئىنسانلارنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىدە،بىرخىل ئېھتىياجنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرۈشىمىزكېرەك، بۇ خىل ئېھتىياج باشقىلاردىن كۆڭۈل بۆلۈش، دوستلۇق، مۇھەببەت، يول قويۇش ۋە قوبۇل قىلىش،قوللاش ۋە ھەمكارلىشىش قاتارلىقلارنى تەلەپ قىلىش بىلەن ئىپادىلىنىدۇ،بۇ خىل ئېھتىياج كىشىلەر بىلەن يېقىنلىشىش مۇددىئاسى،يەنى يېقىنلىق مۇددىئاسىنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ مۇددىئانىڭ تۈرتكىسىدە ئىنسانلاردا يۆلىنىۋىلىش،دوستلىشىش،ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن جەم بولۇش،ھەرخىل ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارغا كىرىش قاتارلىق ھەر خىل ئىجتىمائىي خۇلق-ھەرىكەتلەر پەيدا بولىدۇ.شۇڭا يېقىنلىق مۇددىئاسى پۈتۈنلەي ئىجتىمائىي مۇددىئا بولۇپ،ئۆگىنىشتىن كېلىدۇ.ناۋادا بىر ئادەمنىڭ يېقىنلىق مۇددىئاسى قانائەتلەندۈرۈلمىسە،دائىم غېرىبسىنىدۇ،ئەندىشە قىلىدۇ،بىخەتەرلىك تۇيغۇسى يوقىلىدۇ،شۇڭا يېقىنلىق مۇددىئاسى ئىندىۋىدۇئالغا نىسبەتەن ناھايىتى مۇھىمدۇر.پىسخولوگلارنىڭ تەجرىبە تەتقىقاتىدىكى بايقاشلىرىغا ئاساسلانغاندا،كىشىلەرئەندىشىگە پېتىپ قالغاندا،يېقىنلىق مۇددىئاسى ناھايىتى ئاسانلاپەيدابولىدىكەن، مەسىلەن: ئالىي مەكتەپ قىز ئوقۇغۇچىلىرىنى مۇنداق تەجرىبە قىلغان: تەجرىبە گۇرۇپپىسىدىكىلەر تەھدىت بار كەيپىياتنىڭ تەسىرىدە تەجرىبە پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇلغان،ئەمما يەنە بىر قىسىم قىز ئوقۇغۇچىلارنى تاللاپ ھېچقانداق تەھدىت بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا سېلىشتۇرما گۇرۇپپا قىلىنغان.نەتىجىدە تەجرىبەگۇرۇپپىسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ 32 قىسمى،سېلىشتۇرما گۇرۇپپىدىكىلەرنىڭ پەقەت 31 قىسمىلا ھەمراھ تەلەپ قىلغان.بۇ تەجرىبىنىڭ نەتىجىسى ئادەم تەھدىت ھېس قىلغان ئەھۋالدا،مەلۇم ئەندىشەكەيپىياتىنىڭ ئىنكاسى پەيداب


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;