• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى
  • 1. پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمىنىڭ ئەھمىيىتى

        پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى-ئادەملەر روھىي بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىققا تاقابىل تۇرۇپ، مۇھىتقا ماسلىشىشتا قوللانغان بىر خىل تاكتىكا.بۇخىل پىسخىكىلىق تاكتىكىنىڭ كۆپىنچىسى بىلىنەر-بىلىنمەس ئىشلىتىلىدۇ.ئۇ كىشىلەر كۆڭلىنى خاتىرجەم قىلىپ،ئادەملەردىكى روھىي بېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىق تۈپەيلىدىن پەيدا بولغان جىددىيلىك،بىئارام بولۇش،تەشۋىش ۋە ئازاب-ئوقۇبەتنى يەڭگىللىتىدۇ.

        پىسخولوگىيە نۇقتىئنەزەرىيىدىن قارىغاندا،ئادەملەربىر قەدەر شاد-خۇرام تۇرمۇش كەچۈرۈش ئۈچۈن،ئۇنىڭ بەزى ئاساسلىق ئېھتىياجلىرى قاندۇرۇلۇشى زۆرۈر.مەسىلەن: قورساق ئاچساتاماق يېيىش،ئۇسسىسا ئۇسسۇزلۇق ئېچىش،ئۇيقۇسى كەلسە ئۇخلاش،چارچىساھاردۇق ئېلىش،ھاۋا ئىسسىق ياكى سوغۇق بولسا،كيىمنى كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش قاتارلىقلار فىزىئولوگىك جەھەتتىكى ئاساسلىق ئېھتىياجدۇر؛پىسخولوگىك جەھەتتىمۇ ئوخشاشلا ئاساسلىق ئېھتىياجلار بولىدۇ،مەسىلەن: دوستلۇق ئېھتىياجى،ئۆز قەدر-قىممىتىنى ساقلاش ئېھتىياجى، بىخەتەرلىك ئېھتىياجى، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلىش ئېھتىياجى،مۇۋەپپەقىيەت ئېھتىياجى، ئۆزلۈكىدىن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئېھتىياجى ۋەھاكازالار.بۇ ئاساسىي ئېھتىياجلار كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى بىلەن ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋەتلىك؛ ئېھتىياج قاندۇرۇلمىسا، ئېھتىياجدىن پەيدا بولغان مۇددىئا ئەمەلگە ئاشمايدۇ،شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر تىت-تىت بولىدۇ ۋە تىنچسىزلىنىدۇ،روھىي بىېسىم ۋە ئوڭۇشسىزلىق بارلىققا كېلىدۇ،ئېغىر بولغاندا كېسەلگە گېرىپتار بولىدۇ.

       دۆلىتىمىزنىڭ قەدىمكى زامان ئالىمى مىڭ كې<<ھاياتلىق كۈلپەت،ئۆلۈم خاتىرجەملىكتۇر>> دەپ ئېيتقانىدى.مۇشۇ دۇنيادىلا ياشىغان كىشىلەر ئازدۇر-كۆپتۇر ئوڭۇشسىزلىق ۋە ئازاب-ئوقۇبەتكە ئۇچراپ تۇرىدۇ.كىشىلەر بۇ ئازاب-ئوقۇبەت ياكى ئوڭۇشسىزلىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقمىسابولمايدۇ.ھۆددىسىدىن چىقىش ئۇسۇلى،ئاكتىپلىق بىلەن ئامال قىلىپ دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش لازىم ئەلۋەتتە.پاسسىپلىق قىلىپ مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرسىمۇبولىدۇ.ئەگەر بىر ئادەم ئۆزىنىڭ چىداش كۈچىدىن ئېشىپ كەتكەن روھىي بېسىم ياكى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىسا،كۆپ ھاللاردا ئۇ ئادەم ئۆزىمۇ ھېس قىلمىغان پىسخىكىلىق تاكتىكىنى قوللىنىپ، ئۆزى بىلەن <<رىئاللىق>>ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنى سەل-پەل ئۆزگەرتىپ،بۇ روھىي بىسىم ياكى ئوڭۇشسىزلىقنى بىر قەدەر ئاسانراق قوبۇل قىلىدىغان نەرسىگە ئايلاندۇرۇپ،كەيپىيات جەھەتتىكى ئازابلىنىش ۋە بىئاراملىققا ئېلىپ بارمايدۇ.بۇ روھىي جەھەتتىن ئۆز-ئۆزىنى قوغداش ئۇسۇلى بولغانلىقتىن،پىسخولوگىيىدە پىسگىك قوغداش مېخانىزمى دەپ ئاتىلىدۇ.

        پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى-دائىملىق پىسخىك ھادىسە،ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىنەر- بىلىنمەس ھالدائۇنى قوللىنىدۇ.ئەممائۇنى قوللىنىش مۇۋاپىق بولمىساياكى ئۇنىڭغا ھەددىدىن ئارتۇق يۆلىنىۋالسا،نورمال بولمىغان ئەھۋال پەيدا بولىدۇ،ھەتتا بىر خىل كېسەللىك ھالىتى ئىپادىلىنىدۇ،مەسىلەن: بىر ئادەم باشقىلار تەرىپىدىن بوزەك قىلىنسىمۇ قارشىلىق ئىقتىدارى بولمىغاندا ،ئۇ يولۋاسنىڭ روھى چۈشسە،ئىتلارمۇ بوزەك قىلىدۇ>>دېگەن تۇراقلىق ئىبارىنى قوللىنىپ ئۆز كۆڭلىنى ياسايدۇ،باشقىلارنى <<ئىت>>قا،ئۆزىنى <<يولۋاس>>قا ئوخشىتىدۇ،چۈنكى يولۋاس ئىتتىن قۇدرەتلىك،شۇنداق قىلغاندا ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش تۇيغۇسى تولىدۇ.بۇنى ھەممىلا ئادەمدە بولىدىغان ھېسىيات دېيىشكىمۇ بولىدۇ.ئەمما ئۇنى ئارتۇقچە مۇبالىغە قىلىۋەتسەك،مۇۋاپىق بولمىغان مۇبالىغە تەمسىللىرى ئارقىلىق ئۆز قەدر-قىممىتىمىزنى ساقلاش ئارزۇيىمىزنى ئەمەلگەئاشۇرساق،مەسىلەن: ئۆزىمىزنى<<دۇنيا گېنرال لىسىموسى>،دەپ ئاتىۋالساق،بۇنى نورمال ئىپادە دەپ قاراشقا بولمايدۇ،ئېھتىياج بىر خىل كېسەللىك ھالەت بولۇشى مۇمكىن،ئاتالمىش <<كېسەللىك ھالەت>>مۇھىتقا قارىتىلغان بىرخىل نامۇۋاپىق ھالەت.شۇڭامېدىتسىنا پىسخولوگىيىسى پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە تەتقىق قىلىشقا قىزىقىدۇ.

        2. ئاساسلىق پىسخىكىلىق قوغدىنىش مېخانىزمىلىرى

        مېدىتسىنا پىسخولوگىيسى تارىخىدا،پىسخىكىلىق قوغدىنىش مېخانىزمىنى قالتىس تەسۋىرلەشلەركۆپ بولۇپ،20 قانچە مەخسۇس ناملار ئوتتۇرىغاقويۇلغان،كىشىلەرنى بەكمۇ قىزىقتۇرغان.كىيىن كۆپلىگەن ئالىملار سىستېمىلىق تۈرلەرگە ئايرىش مەقسىتىدە،مۇشۇ قوغدىنىش مېخانىزمىنى ئۆزئابرويىنى ساقلاش،پىشىپ يېتلمەسلىك،نېرۋاكېسىلى ۋەپىشىپ يېتىلىش دەپ تۆت خىلغا ئايرىغان.بۇ يەردە بىز ئاساسلىق مېخانىزملارنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز:

        1) ئۆز ئابرويىنى ساقلاشتىكى قوغدىنىش مېخانىزمى

        پىسخولوگىيە كۆزقارىشى بويىچە قارىغاندا،بوۋاقلارخاراكتېرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەققىياتى ئۆز ئابرويىنى ساقلاش يەنى ئۆزىنى مەركەز قىلىش باسقۇچىدا تۇرىدۇ،كۆپىنچە ئۆز ئابرويىنى ساقلاشنىڭ قوغدىنىش مېخانىزمىنى قوللىنىدۇ،ھالبۇكى بۇ خىل قوغدىنىش مېخانىزمى-ئېغىر روھىي كېسەللىكلەردىمۇ كۆرۈلىدۇ.شۇڭا روھىي كېسەللىك مەنبەلىك پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى دەپمۇ ئاتىلىدۇ.مۇھىملىرى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل:

        (1) ئىنكار قىلىش مېخانىزمى: ئىنكار قىلىش بىر قەدەر ئىپتىدائىي ۋە ئاددى قوغدىنىش مېخانىزمى.ئۇ پەيدا بولغان ئەمما قوبۇل قىلىشقا بولمايدىغان كۆڭۈلسىز ۋەقەنى ئىنكار قىلىدۇ.پەقەت پەيدا بولمىغان دەپ قاراپ روھىي جەھەتتىكى ئازاب-ئوقۇبەتتىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ.<<كۆزدىن يىراق-كۆڭۈلدىن يىراق>>، <<قۇلىقىنى ئېتىۋىلىپ قوڭغۇراق ئوغرىلاش>> دېگەن جوڭگۇنىڭ تۇراقلىق ئىبارىلىرى مۇشۇ خىل پىسخىكىلىق قوغدىنىش مېخانىزمىنى چۈشىنىشىمىزگە ياردەم قىلىدۇ.ئەمەلىيەتتە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىمۇ بۇخىل كۆپ ئۇچرايدىغان پىسخىكىلىق ھادىسىگە يولۇقۇپ تۇرىمىز.مەسىلەن: يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمىزنىڭ تۇيۇقسىز ئۆلۈمى،ئۆزىمىز راكقا گېرىپتا بولۇشلارغاھەرگىز ئىشەنمەيمىز،بۇخىل ئەھۋال يۈزبېرىشى مۇمكىن ئەمەس دەپ قارايمىز.بۇنداق ئىنكار قىلىش پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقنى ۋاقىتلىق ساقلاپ، قەلبىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتنى ئازايتىپ ،روھىي- جەھەتتىن بىتچىت بولۇشتىن ساقلاپ قالىدۇ.ئەمما بۇ <<ئۆز-ئۆزىنى ئالداش>>بولۇپ،ئاخىرىدايەنىلا ئەمەلىيەتكە قايىل بولۇشقا توغرا كىلىدۇ. بۇخىل ئىنكارقىلىش مېخانىزمى روھىي كېسەللىكلەرئارىسىداخام-خىيال بىلەن ئىپادىلىنىدۇ.

        (2) باشقىلارنى ئەيىبلەش مېخانىزمى: بۇ خىل مېخانىزمىدا ئۆزى ئۇچرىغان پىسخىكىلىق ئوڭۇشسىزلىقنىڭ سەۋەبىنى پۈتۈنلەي باشقىلارغا دۆڭگەپ قويىدۇ،باشقىلار پەيدا قىلغان قىيىنچىلىق ۋە توسالغۇ دەپ قاراپ باشقىلارنىلا ئەيىبلەپ،مۇشۇخىل پىسخىكىلىق تاكتىكائارقىلىق ئۆزىدىكى روھىي ئازاب،خاتىرجەمسىزلىك ۋە تەشۋىش كەيپىياتىنى يەڭگىللىتىشكە تىرىشىدۇ.بەزى پىسخولوگلەرروھىي كېسەللىكلەردەزىيانكەشلىككە ئۇچراش خام خىيالى پەيدابولۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى كېسەلنىڭ ئۆزىدە باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلىش مەقسىتىنىڭ بولغانلىقىدا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايدۇ.ئۆزى باشقىلارغا زىيانكەشلىك قىلماقچى بولغاندا،باشقىلار ئۆزىگە زىيانكەشلىك قىلىشنى <<بانا>>قىلىدۇ.كېسەللەر رېئاللىق بىلەن خام خىيالنى پەرقلەندۈرەلمىگەنلىكتىن،بىر خىل روھىي كېسەللىك ھالىتى ئىپادىلىنىدۇ،شۇڭا كىشىلەر باشقىلارنى ئەيىبلەش مېخانىزمىنى روھىي كېسەللىك مەنبەلىك پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى دەپ قارايدۇ.

        (3) بۇرمىلاش مېخانىزمى: بۇمۇ روھىي كېسەللىك مەنبەلىك پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمىغا ياتىدۇ.بۇرمىلاش دېگىنىمىز: ئوبيېكتىپ شەيئىنى بۇرمىلاپ،ئۆز كۆڭلىدىكى ئېھتىياجقا بويسۇندۇرىدۇ.مەسىلەن: ئۆزىگە پايدىسىز ئەھۋاللارنىڭ نەتىجىسى چىقمىدى دەپ قارايدۇ،چوڭ ئوڭۇشسىزلىقنى كىچىك ئوڭۇشسىزلىق دەپ تونۇيدۇ،باشقىلارنىڭ يەكلىشىنى غەمخۇرلۇق قىلغانلىق،ئۆزىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىك دەپ قاراپ،<<ئۆزىنى ئۇرۇپ ئىششىتىۋىلىپ سېمىزمەن>> دەپ ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاشقا تىرىشىدۇ.روھىي كېسەللىكلەردە خام خىيال ياكى خىيالى سېزىمنى مۇبالىغە قىلىش بىلەن ئۆز پىسخىكىسىدىكى خاتىرجەمسىزلىك،ئۆز قەدر-قىم

    مىتىنى ساقلاش ۋە ئازاب-ئوقۇبەتتىن ساقلىنىش ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدۇ.

        2) پىشىپ-يېتىلمىگەن پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى

        پىشىپ-يېتىلمىگەن پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى،گۆدەكلىك دەۋرىدە كۆپرەك پەيدا بولۇپ،ئۇنىڭ خاراكتېرى پىشىپ يېتىلمىگەن بولىدۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ خىل پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى ئادەتتىكىچە كېسەللەردە كۆرۈلىدۇ.دائىم كۆرۈلىدىغانلىرى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل :

        (1) چېكىنىش مېخانىزمى: بەزىدە ئادەملەرئوڭۇشسىزلىق ياكى روھىي بىسىمغائۇچرىغاندا، بىر قەدەر ساددا ئۇسۇل بىلەن رېئاللىقنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ،ئۆز ئېھتىياجى ۋە ئارزۇسىنى قاندۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ.بۇ خىل ھادىسە پىسخولوگىيىدە چېكىنىش مېخانىزمى دەپ ئاتىلىدۇ. چېكىنىش مېخانىزمى كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئۇچراپ تۇرىدۇ،مەسىلەن: يەتتە گەز كىلىدىغان جېگەرلىك بىر يىگىتى ئاغرىققا چىدىماي <<ئاپا>> دەپ توۋلايدۇ.مانا بۇ بالىلارچە ئۇسۇل بىلەن قىيىنچىلىق ۋە ئاغرىشقا تاقابىل تۇرىدىغان بىر خىل چېكىنىش ھادىسىسى.مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسى نۇقتىئەنەزەرىيىدىن قارىغاندا،چېكىنىش مېخانىزمى ئاساسلىق باشقىلارنىڭ ھېسداشلىقى ،ياردىمى ۋە غەمخۇرلىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ روھىي جەھەتتىكى ئازاب-ئوقۇبەت ۋە بېسىمنى يەڭگىللىتىشتىن ئىبارەت،كۆپلىگەن كېسەللەر دائىم بۇ خىل چېكىنىش مېخانىزمىنى ئىپادىلەيدۇ،بولۇپمۇ سوزۇلما كېسەللىكلەر ۋە يىنىك روھىي كېسەللىكلەردە تېخىمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ،مەسىلەن: كىچىك بالىلار باش ئاغرىش،قورساق ئاغرىش،پۇت-قوللىرى ئۇيۇشۇشنى بانا قىلىپ مەكتەپتىن قاچىدۇ.چوڭلار مەلۇم قىيىنچىلىق ياكى قىيىن مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرغاندىمۇ بۇ خىل ئەھۋال سادىر بولۇپ،رېئال ۋە تاقابىل تۇرۇش قىيىن بولغان مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ.بۇ خىل چېكىنىش مېخانىزمى ھېستىرىيىگە گېرىپتار بولغانلار ۋە گۇمانخورلۇق كېسىلىدە كۆپرەك ئىپادىلىنىدۇ.

        (2) خام-خىيال مېخانىزمى: خام خىيال دېگىنىمىز ئادەملەرئەمەلىي قىيىنچىلىققايولۇقۇپ ئۇنى بىر تەرەپ قىلىشقا ئامالسىز قالغاندا،رېئاللىقتىن چەتنەپ،بىھۇدە خىياللارغا بېرىلىپ،ئۆزىنىڭ ئۈمىدى ۋە ھېسىياتىنى ئۆز خاھىشى بويىچە تەسەۋۋۇر قىلىپ،يۈرىكىدىن قانائەت ھاسىل قىلىشقا تىرىشىدۇ.<<ئۆزىچە مەززە قىلىپ شېرىن خىياللار بىلەن مەست بولىدۇ>> ، << ئۇخلىماي چۈش كۆرۈپ>>،خام خىيالنى رېئاللىقنىڭ ئورنىغا دەسسىتىدۇ،بۇ ئۆسمۈرلەردە گەۋدىلىك ئىپادىلەنگەچكە مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىدە بۇ خىل خام خىيالنى پىشىپ-يېتىلمىگەن پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمىغا كىرگۈزىدۇ، مەسىلەن، چوڭلار بالىلارنى چىڭ تۇتىدۇ، بەزى ئوغۇل بالىلار بۇ خىل تۇتۇشتىن نارازى بولغاندا،<<سۇڭ ۋۇكۇڭچە>>ئۇخلىماي كۆرگەن چۈشىدىن مەس بولۇپ،ئۆزىنى 72 خىل ئۆزگىرەلەيدىغان ماھارىتىم بار،ھېچكىممۇ مىنى باشقۇرالمايدۇ دەپ قارايدۇ.ئەگەر ئۆز ئائىلىسىدىن نارازى بولۇپ،ئاتا-ئانىسىدىن خۇش بولمىسا ئاتا-ئانىسىنى <<ئۆز ئاتا-ئانام ئەمەس>>دەپ خام خىيال قىلىدۇ،ھەمدە مۇقىم ئىدىيە شەكىللىنىپ ،قۇرۇق نىيەت ھالىتى ئىپادىلىنىدۇ.

        (3) ئۆزىنى ئەيىبلەش مېخانىزمى: ئۆزىنى ئەيىبلەش مېخانىزمى باشقىلارنى ئەيىبلەش مېخانىزمىنىڭ پۈتۈنلەي ئەكسى،ئۇ مۇھەببەت ياكى نەپرەت ئوبيېكتى بىلەن پىسخىكىسىنى ئۆزىگە قارىتىدۇ،ھالبۇكى باشقىلارنى ئەيىبلەش مېخانىزمى باشقا ئادەملەر ياكى باشقا شەيئىلەرگە قارىتىدۇ.ئۆزىنى ئەيىبلەش مېخانىزمىنىڭ ئالاھىدىلىكى،تاشقى دۇنيادىكى نەرسىلەرنى كەڭ كۆلەمدە تاللىماي قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەت.بەزى كېسەللەر ئۆزىنىڭ كېسەل بولۇش سەۋەبىنى <<ئالدىنقى ھاياتىدىكى گۇناھلىرى ئۈچۈن>>،<<ئاللا>> بەرگەن جازا دەپ قارايدۇ.بەزى پىسخولوگلار دەرت-ئەلەمگە تولۇپ ئۆزىنى زەخمىلەندۈرگىچىلەر،ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغۇچىلارنىڭ خۇلق-ھەرىكىتى-دەل ئۆزىنى ئارتۇقچە ئەيىبلەشتىن ،تاشقى دۇنياغا قارىتىلغان نەپرىتىنى ئۆزىگە قاراتقانلىقتىن دەپ تونۇيدۇ .

        3) نېرۋا كېسەللىك ھالتىدىكى پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى

        نېرۋا كېسەللىك مەنبەلىك پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى،مەجبۇرلىنىش كېسلى،ھېستىرىيە قاتارلىق يەڭگىل روھىي كېسەللەردە كۆپرەك كۆرۈلگەنلىكتىن،نېرۋا كېسىلى مەنبەلىك پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمىغا مەنسۇپ بولغان.ئاساسلىقى يۆتكەش،ئايرىش،ئورۇنلۇق،تەتۈر يۆنىلىشلەردۇر.

        (1) يۆتكەش مېخانىزمى: مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن،مەلۇم شەخسى ياكى مەلۇم شەيئىگە قارىتا ئۆز ھېسىياتىنى تۆكەلمىگەندە،بىر قەدەر ئىشەنچىلىك ياكى قوبۇل قىلالايدىغان ئادەم ياكى شەيئىگە يۆتكەيدۇ،بىز ئادەتتە ئېيتىدىغان <<ئېشەككە كۈچۈڭ يەتمىسە،ئۇر توقۇمنى>> دېگەن تەمسىل يۆتكەش مېخانىزمىنىڭ ئىپادىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ،مەسىلەن: بىر ئادەم ئىدارە رەھبەرلىكىدىن تەنقىد ئىشتىپ ،قورسىقى كۆپكەندە،ئاچچىقىنى چىقىرىدىغان يەر تاپالماي،ئائىلىسىدىكىلەر ياكى ئايالىغا ئاچچىقلىنىپ ۋە ياكى بالىلىرىنى ئەيىبلەپ ئىچىنى بوشاتقاندا، ئائىلىسىدىكىلەر ھاڭ-تاڭ قالىدۇ؛يەنە بىر مىسال: بەزى قىزلار مۇھەببەتلىشىشتە ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچراپ،يىگىت تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلىپ،ئامالسىز قالغاندا،يىگىتكە قارىتىلغان ئۆچمەنلىكىنى بارلىق ئەرلەرگە قارىتىپ،ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ياخشى ئەمەس دەپ قاراپ <<ئۆمۈرۋايەت ئەرگە تەگمەي>>،<<بويتاق>>قا رازى بولىدۇ.يۆتكەش مېخانىزمى ھەر خىل روھىي كېسەللىكلەردە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن،مەجبۇرلىنىشلىق نېرۋا كېسىلىدە ئەڭ كۆپ كۆرۈلىدۇ،ئۇلار مەلۇم شەيئىلەرگە قاراتقان نەپرىتىنى باشقا ھەر خىل شەيئلەرگە يۆتكەشتىن پەيدا بولغان يامراش ھادىسىسىدۇر.

        (2) ئايرىش مېخانىزمى: ئايرىش دېگىنىمىز،ئۆزىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىك ئەسلىمىسىگەسەۋەب بولىدىغان ئىشلارنى ئۆز ئېڭىدا ئايرىۋىتىپ،ئۆزى ھىس قىلماسلىق ئارقىلىق،ئۆزىدە كۆڭۈلسىز كەيپىيات پەيدا بولۇشتىن ساقلىنىدۇ.كۈندىلىك تۇرمۇشتا بۇ خىل قوغدىنىش مېخانىزمىنىڭ ئىپادىلىرى سانسىز بولۇپ،ئۇ كىشىلەرنىڭ تىت-تىتلىق كەيپىياتىنى يۇمشىتىشىغا ياردەم قىلىدۇ. مەسىلەن: ئائىلىدە چوڭلار <<ئۆلۈپ كەتسە>>، ھەرگىزمۇ <<ئۆلۈپ كەتتى>> دىمەي بەلكى <<قازا قىلدى>>،<<ئەرشكە چىقىپ كەتتى>>،<<مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتتى>> ياكى <<بۇ ئالەم بىلەن مەڭگۈ ۋىدالاشتى>>دەيدۇ،قوپالراق ئېيتقاندىمۇ <<باقىي ئالەمگە كەتتى>>دېگەن سۆزنى ئىشلىتىدۇ،ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆلدى دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ،مۇشۇ سۆزلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قايغۇلۇق ھېسىياتىنى يەڭگىللىتىشكە تېرىشىدۇ.<<تاز لامپۇچكا دېگەن سۆزدىن قورقىدۇ>>دېگىنىمىز ئايرىش مېخانىزمىنى ئەڭ ئوبرازلىق سۈرەتلىگەنلىكتۇر. بىز كېسەللەرنى پىسخىكىلىق داۋالىغاندا،كېسەللەرنىڭ ئايرىش مېخانىزمىنى قوللىنىش ئەھۋالىنى كۆزىتىشكە دىققەت قىلىشىمىز كېرەك،ئۇ كېسەللەرنىڭ مەسىلىلىرىنى ئىگىلىشىمىزگە ياردەم قىلىدىغان تۈگۈن .

        (3) ئورۇنلۇق مېخانىزمى: ئادەملەر ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىن كىيىن،دائىم ھەر خىل سەۋەبلەرنى كۆرسىتىپ ئۆزىنى ئاقلايدۇ ۋە چۈشەندۈرىدۇ،شۇنىڭ بىلەن ئۆزىنى ئەپۇ قىلىپ،ئۆزىگە ئۆزى تەسەللى بىرىپ،كۈلپەتلىك كەيپىياتىنى يەڭگىللىتىشكە ئۇرۇنىدۇ.بۇ ئورۇنلۇق مېخانىزمنىڭ رولىدۇر.ئەگەر روھىي ئېھتىياجنىلا قاندۇرۇشقا توغرا كەلسە ھەممىمىز ھەر خىل سەۋەبلەرنى تاپالايمىز؛ <<قول يەتمىگەن شاپتۇل ئاچچىق>>،چۈنكى شاپتۇلغا قول يەتمىگەنلىكى ئۈچۈن،روھىي جەھەتتە ئانچىكىم كۆڭۈلسىزلىك يۈز بىرىدۇ،شۇڭا <<شاپتۇل ئاچچىق>>دېگەن ئىبارە بىلەن چۈشەندۈرۈپ،ئۆزىمىزگە تەسەللى بىرىمىز.جۇڭگۇ تىلى ناھايىتى مول،كۆپلىگەن ئادەت سۆزلىرى بار،مەسىلەن: <<ئېشىكى يوق موللامنىڭ قۇلىقى تىنچ>>،<<شۇكرى قانائەت خۇشاللىقنىڭ ئانىسى>>،<<ئالدىدىكىلەرگە يېتىشەلمەسلىك،ئارقىدىن ئېشىپ چۈشۈش>> قاتارلىقلار.بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا دەيدىغان گەپلەر بولۇپ،ئورۇنلۇق مېخانىزمىنىڭ تىپىك مىساللىرىدۇر.

        (4) تەتۈر يۆنىلىش مېخانىزمى: تەتۈر يۆنىلىشنى <<چاپىقىنى ئالىمەن دەپ قارىغۇ قىلىپ قويۇش>> دەپ ئاتاشقىمۇ بولىدۇ.بۇ ئانچىكىم ئاسان قوبۇل قىلغىلى بولمايدىغان ئۈمىد ۋە خۇلق -ھەرىكەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا قوللىنىلىدىغان مېتود.كۆڭلىدىكى مەلۇم ئۈمىدىنى ئەخلاقنىڭ ئۆلچىمى ياكى دۆلەتنىڭ قانۇنى يول قويماسلىق تۈپەيلىدىن ئىپادىلەلمىگەندە،ئامالنىڭ بارىچە كونتورل قىلىدۇ.تەتۈر يۆنىلىش مېخانىزمى مەلۇم نېرۋا كېسەللىكلىرىدە روشەن ئىپادىلىنىدۇ،مەسىلەن: بەزى كېسەللىكلەر تاسادىپىي بىر سۆزنى خاتا يېزىپ قويۇپ،باشقىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان بولسا،كىيىن قەغەز-قەلەمنى كۆرسىلا<<يازغىلى بولمايدۇ>>،دېگەن ئۇقۇم كاللىسىدا قايتا-قايتا پەيدا بولىدۇ.بەزى كېسەللىكلەر ئۆزىنىڭ ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويىشىدىن قورقۇپ، پىچاق-قايچا قاتارلىق ئۆتكۈر قوراللارنى كۆرسىلا جىددىيلىشىپ خاتىرجەم بولالماي،ئۆزىنى كونتورل قىلالماسلىقتىن يامان ئاقىۋەت كىلىپ چىقارمىكىن دەپ قورقىدۇ.تەتۈر يۆنىلىش مېخانىزمىنى ئۆزىگە ئىشەنچىسى ناچار بولغان كېسەللەر كۆپرەك قوللىنىدۇ.

        4) پىشىپ-يېتىلگەن پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى

        پىشىپ-يېتىلگەن پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى ئاساسەن يۈكسىلىش،يۇمۇر،بېسىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.ئادەم خاراكتېرىنىڭ تەرەققىياتى نۇقتىئنەزەرىدىن قارىغاندا، پىشىپ-يېتىلگەن پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى مۇھىتقا ماسلىشىشنىڭ بىر قەدەر ئۈنۈملۈك، بىر قەدەر پىشىپ-يېتىلگەن ئۇسۇلى،چوڭلار دائىم مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغانلىقتىن،جەمئىيەت تەرىپىدىن ئاسان قوبۇل قىلىنىدۇ.شۇڭا بۇ <<پىشىپ-يېتىلگەن>>دەپ نام ئالغان.

        (1) يۈكسىلىش مېخانىزمى: يۈكسىلىش-ئۆزىنىڭ ئاسان ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولمايدىغان ئۈمىدىنى ئۆزگەرتىپ،بىر قەدەر ئالىي جاناپ نىشان ۋە يۆنىلىشنى كۆزلەشنى كۆرسىتىدۇ، مەسىلەن:پەننىي ئىجادىيەت،ئەدەبىي-سەنئەت پائالىيىتى قاتارلىقلار.بۇنىڭدا ھەم ئۆزىنىڭ ئۈمىدى ئەمەلگە ئاشىدۇ ،ھەم جەمئىيەتكە ،باشقىلارغا پايدىلىق.بەزى پىسخولوگلارنىڭ قارىشىچە،يۈكسىلىش مېخانىزمى-ئادەملەرنىڭ مۇھىتقا ماسلىشىش پائالىيىتىدە ئەڭ ئاكتىپ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىجابىي قوغدىنىش مېخانىزمىدۇر.

        (2) يۇمۇر مېخانىزمى: ئادەملەر مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا،كۈلكە،چاقچاق،كىنايە قاتارلىق يۇمۇرلۇق ئۇسۇل بىلەن ئۆزىنى مەسخىرىدىن قۇتۇلدۇرۇپ قالىدۇ،مەسىلىنى ھەل قىلغاندا، ھەم ھېچكىمگە زىيان-زەخمەت يەتكۈزمەيدۇ، ھەم قىيىن ۋەزىيەتنى ئوڭشايدۇ.ئېيتىشلارغا قارىغاندا تارىختا مۇنداق بىر قىزىقارلىق خەۋەر بولغان: قەدىمكى گرېتسىيە پەيلاسوپى سوقراتنىڭ خانىمى مىجەزى قوپال،ئورۇن تاللىماي ئاچچىقلىنىدىغان ئايال ئىدى .بىر قېتىم، سوقرات مېھمانخانىسىدا مېھمانلار بىلەن سۆھبەتلىشىپ ئولتۇرغاندا،سوقراتنىڭ خانىمى تۇيۇق

    سىز كىرىپ،سوقراتنى تىللاپ كىتىدۇ،ئارقىدىن بىر تەلەڭگە سۇنى كۆتۈرۈپ كىرىپ سوقراتنىڭ بىشىدىن ئايىغىغىچە قۇيۇۋېتىدۇ،ئۇنىڭ پۈتۈن بەدىنى ھۆل بولۇپ كېتىدۇ.ئەمما سوقرات مۇشۇنداق قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ ،مېھمانلارغا قاراپ كۈلۈپ تۇرۇپ<<گۈلدۈرمامىدىن كىيىن يامغۇر ياغىدىغانلىقىنى بالدۇرلا بىلگەنىدىم>> دېگەن يۇمۇرلۇق سۆزى بىلەن ئۆزىنى مەسخىرىدىن ساقلاپ،ئىشنى بولدى قىلىۋەتكەنىدى.يۇمۇر ئالىيجاناپ پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمى،خاراكتېر جەھەتتە بىر قەدەر پىشىپ-يېتىلگەن ئادەملا مۇۋاپىق ئورۇندا مۇۋاپىق يۇمۇرنى ئىشلىتىپ  ،مۈشكۈل ئەھۋالدىن قۇتۇلۇپ قىيىن ۋەزىيەتنى ئوڭشايدۇ،شۇڭا ئۇ پىشىپ-يېتىلگەن مېخانىزمىغا كىرگۈزۈلگەن.مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسى نۇقتىئنەزەرىدىن ئېيتقاندا يۇمۇر سالامەتلىككە پايدىلىق.

        (3) بېسىش مېخانىزمى: چىدىغىلى بولمايدىغان ياكى قەلبىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتنى قوزغاپ قويىدىغان ئوي-پىكىرلىرى ھېسىياتى ياكى خۇلق-ھەرىكىتىنى ئامالنىڭ بارىچەكونترول قىلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئەسكە ئالماي،روھىي جەھەتتە تىنىچلىقنى ساقلايدۇ،مانا بۇ بېسىش پىسخىك مېخانىزمىدۇر.ئەڭ ئاددى مىسال:ئادەملەر ئازاب-ئوقۇبەتلىك ئىشلارنى <<ئۇنتۇپ قالىدۇ>>، مەسىلەن: بەزىلىرى گەرچە ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئىشلار بولسىمۇ،ئۇنى ئۇنتۇپ كېتىدۇ،خۇددى ئۇ ھىچ ئىش بولمىغاندەك ،باشقىلار سورىسا <<بىلمەيمەن>>،<<ئېسىمدە يوق>> دەپ تۇرىۋالىدۇ ۋەھاكازالار.شۇنىڭ بىلەن شۇ ئىش ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ،ئۆزىنىڭ ئازابلىنىشىدىن ساقلىنىدۇ.بۇ خىل ئۇسۇلنىڭ مەلۇم ئۈنۈمى بولۇشى ناتايىن ئەلۋەتتە.ئەمەلىي مەسىلىنى ھەل قىلىشقىمۇ پايدىسى يوق. پىسخىكىلىق داۋالاش نۇقتىئنەزەرىدىن قارىغاندا،ئادەملەر دەردىنى تۆكۈۋالسا سالامەتلىككە پايدىلىق.چۈنكى بېسىش كەيپىياتى ئادەمگە زىيانلىق .

        پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزملىرى 20 قانچە خىل،ئەگەر ئەستايىدىل تىزساق تېخىمۇ كۆپ بولۇپ كېتىشى مۇمكىن،بۇ مېخانىزملارنى يۇقىرىدا بايان قىلغاندەك تۈرلەرگە ئايرىشتىن-سىرت يەنە باشقىچە تۈرلەرگە ئايرىش ئۇسۇلىمۇ بار.مەسىلەن: بەزىلەر ئۇنى 3 تۈرگە ئايرىيدۇ: ئۆز ئۆزىنى چەتكە ئېلىش مېخانىزمى ،ئۆز-ئۆزىنى قوغداش مېخانىزمى ۋە ھۇجۇم قىلىش مېخانىزمى،بۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشىمىغان ئالىملار ئۆز كۆز قاراشلىرى بويىچە ئايرىغان تۈرلەردۇر. بۇ يەردە بۇلارنى باھالاپ ئۆتۈش ھاجەتسىز.

        3- پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمىنى تونۇش ۋە باھالاش

        پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمىنى فرېئۇ ئېقىمىدىكىلەر ئالدى بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان ،بۇنداق ئاتاشنىڭ مۇۋاپىق-مۇۋاپىق ئەمەسلىكىنى يەنىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇھاكىمە قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.ئەمەلىي ئەھۋالدىن ئېيتقاندا،مۇشۇنداق پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزملىرىنى قوللىنىپ،دۇچ كەلگەن ئوڭۇشسىزلىق ۋە روھىي بىېسىمنى ھەقىقىي چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.ئەمما بۇ قوغدىنىش مېخانىزملىرى،پەقەت ئادەملەر روھىي ئوڭۇشسىزلىق ۋە بېسىمغا ئۇچرىغاندا ئىپادىلەيدىغان بىر خىل پىسخىك ھالەت ۋە خۇلق-ھەرىكەت بولۇپ،كۈندىلىك تۇرمۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان ھادىسىدۇر.مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، بىز ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ئادەمنىڭ پىسخىكىلىق ھالىتى ۋە خۇلق-ھەرىكىتىنى ئىگىلىگەندىلا،ئاندىن پىسخىكىلىق داۋالاشنى ئەمەلگە ئاشۇرغىلى،كېسەللەرنىڭ ئاغرىق ئازابىنى يوقاتقىلى بولىدۇ.

        ھەر بىر ئادەمگە قارىتا ئېيتايلى،ئۇ ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا،زادى قايسى خىل پىسخىك قوغدىنىشنى قوللىنىش ياكى قانداق پىسخىك ھالەت پەيدا بولۇش ۋە ياكى قانداق خۇلق-ھەرىكەت ئىپادىلىنىش، ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندىكى ئارقا كۆرۈنۈشىدىن سىرت، ئادەملەرنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ،تۇرمۇش كەچۈرمىشلىرى ۋە مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى قاتارلىقلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ: ئەگەربىز مۇشۇ نۇقتىنى تولۇق بىلسەك، پسىخىكىلىق داۋالاش ئەمەلىيىتىدە كىشىلەرگە قانداق مەيدان ۋە ۋاقىتتا، ھۆددىسىدىن چىقىشنىڭ قانداق ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، ئوڭۇشسىزلىق ۋە روھىي بېسىمدىن پەيدا بولغان كۈلپەتنى يەڭگىللەتكىلى بولىدىغانلىقىغا ياردەم ۋە يېتەكچىلىك قىلالايمىز.

        فرېئۇد << پان گېنزىس>> نۇقتىئنەزەرى ئاساسىدا بىر خىل پىسخىك ھادىسىنى چۈشەندۈرگەن. ئۇ ئادەمنىڭ كۆپلىگەن پىسخىكىلىق خۇلق-ھەرىكىتى پىسخىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنىڭ تەسىر قىلىش جەريانىدۇر، بۇ جەرياننىڭ يادروسى-ئاڭغا يوشۇرۇنغان زىددىيەت توقۇنۇشى،يەنى جىنسىي ئىستەك ۋە ئەخلاق،رېئاللىق ۋە ئىجتىمائىي مەدەنىيەت چەكلىمىسى ئارىسىدىكى كۈرەش. بۇ خىل <<جىنسىي ئىستەك>> ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىلا مەۋجۇت بولۇپ، ئادەملەر پىسخىك خۇلق-ھەرىكىتىنىڭ ئاساسى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى بولىدۇ. ئاڭغا يوشۇرۇنغان زىددىيەت توقۇنۇشى بىر خىل يامرىما قورقۇش تۇيغۇسىغا سەۋەب بولۇشتىن،ئەندىشە پەيدا بولۇپ،ئادەملەر پىسخىك قوغدىنىش مېخانىزمىنى قوللىنىش ئارقىلىق خاتېرجەملىككە ئېرىشىشكە تېرىشىدۇ دەپ تونۇيدۇ.بۇ خىل چۈشەندۈرۈشنى قوبۇل قىلىش تەس، چۈنكى ئۇ ئوبيېكتىپ مۇھىتنىڭ ئادەمگە قارىتا تەسىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە ئادەملەرنىڭ جىنسىي ئىستىكىدىن سىرت، مۇرەككەپ، ناھايىتى مۇھىم باشقا ئىستەك ۋە ئېھتىياجلىرىمۇ بار.بۇ خىل ئىستەك ۋە ئېھتىياجلار قاندۇرۇلمىسا،كىشىلەردە خاتىرجەمسىزلىك كەيپىياتى بارلىققا كىلىدۇ،لۈشۈن ئەپەندى: <<فرېئۇدنىڭ ئېھتىمال ئازراق پۇلى بار،قورسىقى توق،شۇڭا ئۇتاماق يېيىشنىڭ قىيىنلىقىنى ھېس قىلماي، جىنسىي ئىستەككەدىققەت قىلغان>>، <<بوۋاق

    لار تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا،مەيلى ئوغۇل ياكى قىز بولسۇن،ئېغىزىنى ئۇچلاپ بىشىنى قىمىرلىتىدۇ،ئۇ غەيرى جىنىسلىقلار بىلەن سۆيۈشمەمدىغاندۇ؟ ياق،ئۇنىڭ يەيدىغان نەرسە تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى كىم بىلمەيدۇ>> دېگەن.لۈشۈننىڭ تەنقىدى فرېئۇدنىڭ <<پان گېنزىس>> نۇقتىئنەزەرىنىڭ ئەجەللىك يېرىگە تەگكەن ،شۇڭا بىز پىسخىك قوغدىنىش نەزەرىيىسىگە مۇئامىلە قىلىشتا، پىسخولوگىيە باشقا نەزەرىيىلىرىگە مۇئامىلە قىلغانغا ئوخشاش،ئۇنىڭدىكى نامۇۋاپىق چۈشەندۈرۈشلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ، پايدىلىنىش قىممىتى بار مۇۋاپىق تەركىبلەرنى قوبۇل قىلغىنىمىزدا، خىزمەتلىرىمىزگە ياردىمى تېگىدۇ.



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;