• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • جىددىيلىشىش
  • جىددىيلىشىش ئادەملەرنىڭ روھىي-جىسمانىي ساغلاملىقىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇڭا ئۇ ھازىرقى زامان مېدىتسىناسىدىكى مۇھىم ۋەزىپە.1981-يىلى دۇبوس <<سالامەتلىك ۋە كېسەللىك دېگەن كېتابىدا <<ھازىرقى زامان ئادەملىرى ۋاقىت جەدۋىلى، قاتناش، شاۋقۇن، قىستاڭچىلىق، رىقابەت ۋە باشقا سۈنئي جىددىيلىك مۇھىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشى كېرەك،ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئۆزئارا ئالاقىسى ۋە ئىجتىمائىي تەلىپى ئىپتىدائىي ئادەملەرنىڭكىدىن جىق مۇرەككەپ، شۇڭا ھازىرقى ئىجتىمائىي تۇرمۇشمۇ بەكلا جىددىي ، ماشىنىغا ئولتۇرۇپ كېتىپ بارغاندا قاتناش توسۇلۇپ قېلىش،ئۆز خىزمىتىدىكى ئوڭۇشسىزلىق، بالىلىرى كېسەل بولۇپ ئازاب-ئوقۇبەت ئىچىدە تىركىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇش،جۆرىسى بىلەن دائىم تاكاللىشىش،... <<تۇرمۇشتىكى جىددىيلىشىش ئىنكاسلىرى، خىلمۇ-خىل ،سانسىز،بۇ خىل ئىنكاسلار باكتېرىيە، ۋىرۇس،ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش ۋە فىزىكا-خىمىيىلىك ئامىللارغا ئوخشاش ئادەم سالامەتلىكىگە خىرىس قىلىدۇ>> دەپ يازغانىدى.بۇنىڭدىن جىددىيلىشىش ئىنكاسىنىڭ ئادەملەرنىڭ سالامەتلىكىگە قارىتا مۇھىملىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.سېلىي 1936-يىلى <<ھەر خىل زىيانلىق ئامىللار پەيدا قىلغان بىر خىل يىغىندى ئالامەت>> دېگەن خەۋەرنى ئېلان قىلغاندىن بۇيان جىددىيلىشىش ئۇقۇمى توغرىسىدىكى ماقالىلەر 110.000 پارچىدىن ئىشىپ كەتكەن. سېلېننىڭ جىددىيلىشىش نەزەرىيىسى مۇشۇ ئەسىردە بىئولوگىيە مېدىتسىنادىكى زور بىر ئىلگىرىلەش، جىددىيلىشىش ئىنكاسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن كۆپلىگەن كېسەللىكلەرنىڭ سەۋەبى ۋە ئالامەتلىرى ئىزاھلاندى، مېڭە ھىپوفىزى-بۆرەك ئۈستى بېزى سىستېمىسىنىڭ فۇنكىسىيىسىنى تەتقىق قىلىشتا يېڭى كېلەچەكنى نامايان قىلدى .

        1926- يىلى سېلىي مېدىتسىنا ئىنىستىتۇتىنىڭ 2-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان ۋاقتىدىلا، بىر –بىرىگە ئوخشىمايدىغان كۆپلىگەن ئەھۋاللارنى كۆزەتكەن، ئەمما كېسەل ئەھۋالىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەيئىينەزەر ئوخشىمىغان كېسەللەردە ئىپادىلەنگەن ئالامەت ۋە بەلگىلەر ناھايىتىمۇ ئوخشىشىپ كەتكەن.مەسىلەن: راكنىڭ ئاخىرقى دەۋرى ، چوڭ قاناش،يۇقۇملىنىش كېسەللىكلەرنىڭ ھەممىسىدە ئىشتىھا تۇتۇلۇش، جىسمانىي ۋە روھىي قۇۋۋىتى ئاجىزلاش،ئېغىرلىقى چۈشۈش، ئاغرىق چىراي پەيدا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىگە مۇنداق بىر سۇئال قويغان : نېمە ئۈچۈن ھەر خىل ئوخشىمىغان كېسەللىكلەردە ئوخشاپ كېتىدىغان كىلىنىك ئالامەتلەر ئىپادىلىنىدۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇ مۇشۇ <<نېمە ئۈچۈن>> گە چوقۇم ئىلمىي جاۋاب تاپقىلى بولىدۇ دەپ تونۇغان. كىيىن سېلىي ياش دوختۇرغا ئايلانغاندا يەنە مۇشۇ مەسىلىگە يولۇققان.ئەينى ۋاقىتتا ئۇ كالا تۇخۇمدىنىدىن بىر خىل يېڭى ھورمۇننى ئېلىپ ،ئۇنى چاشقانغا كىرگۈزۈپ، كۈتۈلمىگەن ئەھۋالنىڭ پەيدا بولىدىغان-بولمايدىغانلىقىنى كۆزەتكەن.نەتىجىدە ئۈچ خىل ئۆزگىرىشنى بايقىغان. ① بۆرەل ئۈستى بېزى چوڭىيىش؛② تۆش بېزى،تال، لىمفا تۈگۈنچىلىرى ۋە لىمفا توقۇلمىلىرى كىچىكلەش؛③ يۇقىرى ھەزىم قىلىش يوللىرىدىكى چوڭقۇر يارا ۋە قاناش.بۇ ئۈچ خىل ئۆزگىرىشنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسى بىلەن ھېلىقى كىرگۈزۈلگەن ماددىنىڭ مىقدارى ئوڭ تاناسىپ بولغان.كىيىن ئۇ ھەر خىل زەھەرلىك ماددىلارنىڭمۇ مۇشۇنداق ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئوقۇغۇچىلىق دەۋرىدىكى ھېلىقى سۇئالىنى ئەسلەپ، بىر خىل تەجرىبە كېسەللىكلەردىكى ئورتاق ئۆزگىرىشنى تەقلىدىي پەيدا قىلغان خالاس دەپ قارىغان. مانا بۇ ئۇنىڭ كىيىن پۈتكۈل جىددىيلىشىش ئۇقۇمىنى تەرەققى قىلدۇرىشىدا ئاساس بولغان. بۇ ئۈچ خىل ئۆزگىرىش جىددىيلىشىشنى تەتقىق قىلىشنىڭ كۆرسەتكۈچىگە ئايلانغان .

    جىددىيلىشىشنىڭ ئۇقۇمى

    <<جىددىيلىشىش>> دېگەن سۆزنى كاننون 1925-يىلى بېرىنچى قېتىم قوللانغان.ئۇ كۆزىتىش ئارقىلىق تەجرىبە شارائىتىدا سوغۇق،ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، قان يوقىتىش ھالىتىدىكى ئىندىۋىدۇئالدا بۇ كۆرەش قىلىش- ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ئىنكاسىپەيدا بولىدىغانلىقىنى بايقاپ،شۇ ۋاقتىدا ئىندىۋىدۇئال جىددىيلەشكەن ئەھۋالدا ئىدى دەپ قارىغان.كاننون يەنە <<ئىچكى تۇراقلىق ھالەت>> دېگەن سۆزنىمۇ كەشپ قىلغان. ئۇنىڭ مەنىسى- ئورگانىزمدا روشەن،مۇرەككەپ بولغان بوففېر سىستېمىسى ۋە قايتۇرما تەسرلىك مېخانىزم بولۇپ، سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسدا توسالغۇ پەيدا بولغاندىن كىيىن، بەدەندە ئىندىۋىدۇئالنىڭ تۇراقلىق ھالىتى ئەسلىگە كېلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگېرى سۈرىدىغان خاھىشنىڭ پەيدا بولۇشىنى كۆرسىتىدۇ.ئۇ بۇنى ئادرېنالىن ۋە سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسىنىڭ مۇۋاپىقلىشىش فۇنكىسىيىسى دەپ قارايدۇ. ئۇنىڭ خىزمىتى سېلىنىڭ جىددىيلىشىش چۈشەنچىسىنى تەرەققى قىلدۇرىشىدا مۇھىم ئاساس بولغان.

        جىددىيلىشىش دېگەن نېمە؟ سېلېنىڭ پىكرىگە ئاساسلانغاندا، ئورگانىزمنىڭ ئۆزىگە قويۇلغان ھەر خىل تەلەپلەرگە قايتۇرغان ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاسى. يەنى ئىچكى-تاشقى مۇھىتتىكى ھەر خىل ئامىللار ئورگانىزمغا تەسىر قىلغاندا پەيدا بولغان ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاس. ئۇ بىر خىل ئالاھىدە ئالامەتلەر توپىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاتالمىش ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاسنى ھەرخىل-ھەر ياڭزا ئوخشىمىغان ئامىللار پەيدا قىلالايدۇ.سېلېنىڭ قارىشىچە ، ئورگانىزم سوغۇق ، ئىسسىق،ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك ،ئۇزۇن مۇددەتلىك زىتلىق كەيپىيات، سۇ ۋە ئېلېكترولتلار تەڭپۇڭلۇقىمۇ بۇزۇلۇش قاتارلىق ھەر خىل ئوخشىمىغان غىدىقلىنىشلار ئاستىدا تۇرغاندىمۇ، ئوخشاش جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى توپى ھاسىل بولىدۇ. ئۇ جىددىيلىشىش پەيدا قىلىدىغان فاكتورنى جىددىيلىشىش مەنبەيى دەپ ئاتىغان. ئەمما جىددىيلىشىش مەنبىيى شاد-خۇراملىق(توي قىلىش) ياكى كۆڭۈلسىزلىك (ئۆلۈپ كېتىشتىن قورقۇش) بولسۇن،پەيدا بولغان جىددىيلىشىش ئىنكاسى پەرقلىقبولمايدۇ. پۈتۈنلەي قارىمۇ- قارشى بولغان بۇ ئىككى خىل ھېسىياتنىڭ بەدەندە ئوخشاش تەسىر پەيدا قىلىشى زىددىيەتلىك بولىدۇ.ئەمما تەتقىقاتلار ھەقىقەتەنمۇ مۇشۇنداق بولىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.ئالاھىدە ئالامەتلەر توپى دېگىنىمىز-جىددىيلىشىش ئالامەتلىرى توپىدا بولىدىغان ئالاھىدە جەريان ۋە ئىپادىنى كۆرسىتىدۇ.مۇشۇ ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىدا ۋولىف تۇرمۇش شەكلى ياكى مۇناسىۋەتلىك ئۆزگىرىش ،تەلىپى قانائەتلەندۈرەلمەسلىك قاتارلىق ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەسىرلىرىمۇ جىددىيلىشىش ئىنكاسىنى پەيدا قىلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.ئۇ تۇرمۇشتىكى مەلۇم بىر خىل ۋەقەنىڭ جىددىيلىشىش ئىنكاسىنى پەيدا قىلىش-قىلماسلىقى ئىندىۋىدۇئالنىڭ  شۇ ۋەقەگە قارىتا تۇتقان پوزىتسىيىسىگە باغلىق.ھالبۇكى بۇ خىل پوزىتسىيە ئىرسىيەت ساپاسى،شەخىسنىڭ ئارزۇسى ۋە ئېھتىياجى .ئۆتكەنكى تەجرىبىلەر ۋە جەمئىيەتتىكى بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر دەپ تونۇيدۇ.

        جىددىيلىشىشنىڭ ئۇقۇمىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن، تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە نۇقتىنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈر:

    جىددىيلىشىش غىدىقلاشقا ئوخشىمايدۇ.جىددىيلىشىش-ئورگانىزمنىڭ ئىچكى-تاشقى مۇھىتتىكى ھەر خىل غىدىقلاشلارغا قايتۇرغان ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاسى.بەدەنگە تەسىر قىلىدىغان غىدىقلاشلار-جىددىيلىشىش مەنبەيى بولۇپ،ماھىيەت جەھەتتە خاسلىققا ئىگە. مەسىلەن: كۈچلۈك نۇر،يۇقىرى تېمپېراتۇرىلار خاسغىدىقلاشتۇر . ئەمما ئۇلارمۇ بەدەندە جىددىيلىشىش ئىنكاسى پەيدا قىلالايدۇ.

        جىددىيلىشىش نېرۋائېنېرگىيىسى ئەمەس.كۆپلىگەن ئادەملەرجىددىيلىشىش <<ھېسىيات ياكى نېرۋىنى خورىتىدۇ>> دەپ ئېيتىدۇ.بىراق كەيپىيات ئىنكاسى دائىملىق جىددىيلىشىش مەنبەيىدۇر.سېلې نېرۋا سىستېمىسى يوق تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلار ھەتتا ئۆسۈملۈكلەردىمۇ جىددىيلىشىش ئىنكاسى بولىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.

        جىددىيلىشىش ھەرگىزمۇ ئورگانىزم مەلۇم زەرەرلىنىشكە ئۇچراشنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.

    توپ مەيدانىدىكى مۇسابىقىدە ئادەملەر بېشىدىن كەچۈرىدىغان جىددىيلىشىش بىرەر زەرەرلىنىشنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.

     (ئازاب-ئوقۇبەت) – سېلې زىيانلىق ياكى كۆڭۈلسىزلىكتىكى جىددىيلىشىشنى چۈشەندۈرۈشتە ئىشلەتكەن سۆز،جىددىيلىشىش ئازاب-ئوقۇبەت تۇيغۇسىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس.ئورگانىزمنىڭ يېمەكلىك ، سۇ ۋە ئوكسىگېنغا بولغان ئېھتىياجى ئادەتتە كۆڭۈلسىز كەچۈرمىشلەر بىلەن مۇناسىۋەتسىز. شۇ ئېھتىياجلارنىڭ قاندۇرۇلىشىدا مەسىلە تۇغۇلمىسىلا شۇنداق .جىددىيلىشىش يەنە بالا تۇغۇش ياكى توي قىلغاندىكى كۆڭۈلسىزلىك دەپ قارىلىدىغان كەچۈرمىشلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتسىز.

        جىددىيلىشىشلەرنىڭ ھەممىسى زىيانلىقمۇ ؟ ئۇنداق ئەمەس،جىددىيلىشىش بارلىق ھاياتلىقلار ياشاش ۋە تەرەققى قىلىشتا زۆرۈردۇر.<<ئۇسساش>> قا مۇناسىۋەتلىك جىددىيلىشىش بولمىساسۇسىزلىقتىن،قانداكاربونىك كىسلاتا كۆپىيىش كېسىلىگەمۇناسىۋەتلىك جىددىيلىشىش يېتەرلىك بولمىسا،كىسلاتادىن زەھەرلىنىشتىن ئۆلۈپ كېتىشىمىز مۇمكىن.ناۋادا ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىمىزنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك جىددىيلىشىش كەم بولسا،مەكتەپتىكى ئوقۇشىمىز مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمايدۇ.ھەتتا ئۇخلاۋاتقان ۋاقتىمىزدىمۇ،جىددىيلىشىش بەدەندىكى ھەرقايسى ئەزالار خىزمىتىنى ماسلاشتۇرۇپ، ئىچكى تۇراقلىق ھالەتنى ساقلاشتا زۆرۈردۇر. شۇڭا جىددىيلىشىش ئۆزىنى قاچۇرۇش زۆرۈر بولغان نەرسە ئەمەس.دەل ئاشۇ جىددىيلىشىش ئىنكاسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا،ئورگانىزم تەييارلىق ھالىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ. ئورگانىزمنىڭ ھەركىتى كۈرەش ۋە ئۆزىنى چەتكە ئېلىشقا پايدىلىق.تەنھەرىكەتچى يۈگۈرۈشكە تەييارلانغاندا،ئورگانىزم ئېنىېرگىيىنى ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان ئورۇن ( مۇسكۇل) غا ئەۋەتىپ بىرىدۇ.شۇ ۋاقتىدىكى جىددىيلىشىشتە بىر قاتار فىزىئولوگىك ئىنكاسلار بارلىققا كىلىپ،ئوبيېكتىپ ئېھتىياجقا ماسلىشىدۇ. روھىي جىددىيلىشىش ھالىتى( نۇتۇق سۆزلىگەندە ياكى مۇنازىرىلەشكەندە)،مۇۋاپىق جىددىيلىشىش مۇھىتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشتا پايدىلىق .ئەگەر جىددىيلىشىش ئىنكاسى بەك كۈچلۈك بولسا،ئەكسىچە ئادەم ھاڭ-تاڭ بولۇپ تەمتىرەپ قالىدۇ.ناۋادا جىددىيلىشىش پەيدا قىلمىغان سەۋەب ئۈزلۈكسىز مەۋجۇت بولۇپ تۇرسا، بۇ خىل ئىنكاسمۇ ئۇزۇنغىچە داۋاملىشىپ،ئورگانىزم جىددىيلىشىش ئىنكاسىنىڭ زەرەرلىشىگە ئۇچراپ ،ئەڭ ئاخىرىدا كېسەللىك پەيدا بولىدۇ .

        جىددىيلىشىش ھاياتلىق پائالىيەتلىرىدە زۆرۈردۇر،ئەگەر ئۇنى مانومېتىر بىلەن ئۆلچەشكە توغرا كەلسە،كۆرسەتكۈچ شىكالا مەڭگۈ نۆل بولماسىلىقى مۇمكىن.ئەمما جىددىيلىشىش مەنبەيى بەك كۈچلۈك ياكى بەك ئاجىز بولۇپ كەتسە،ئورگانىزمنىڭ مۇۋاپىق تەڭشىيەلمەسلىكىگە سەۋەب  بولۇپ، مەسىلە تۇغۇلىدۇ. ناۋادا بىر ئادەمدە دەل قاناش بولىۋاتقان بولسا،ئورگانىزم ھەر خىل شەكىلدە ئىنكاس قايتۇرۇپ،قان ئايلىنىشنى ئامالنىڭ بارىچە ئۈنۈملۈك قامداپ قېلىشى مۇمكىن. بەك كۆپ قان يوقىتىشتا، يەنى جىددىيلىشىش مەنبەيى بەك كۈچلۈك بولغاندا،ئورگانىزم تولۇق تەڭشىيەلمەي ،قان بېسىمى چۈشۈش،يۈرەك قېتىمى تېزلىشىش،ھەتتا قان ئايلىنىش زەئىپلىشىشتىن ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن. يەنە بىر تەرەپتىن ،ئەگەر ئاچلىققا مۇناسىۋەتلىك جىددىيلىشىش مەنبەيى بەك ئاجىز بولسا،شۇ ئادەم ئوزۇقلىنىش ناچارلىشىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ،ھەتتا ئاچلىقتىن ئۆلۈپ كىتىدۇ.

        بەزىلەرنىڭ ھايۋانلار ئۈستىدىكى تەجرىبە تەتقىقاتىدا، دەسلەپكى تۇرمۇشىدا توك سوققان ۋە باشقا جىددىيلىشىشلەرگە يولۇققان چاشقانلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش نورمال بولىدىغانلىقى، كېيىنمۇ جىددىيلىشىشكە مۇۋاپىقلىشالمايدىغانلىقى، ئەمما دەسلەپتە غىدىقلىنىشقا ئۇچرىمىغان ھايۋانلار چوڭلىغاندىن كىيىن يۈرەكسىز ۋە خۇلق-ھەرىكىتى نورمالسىز بولۇپ قالىدىغانلىقى ئىپادىلەندى.بۇنىڭدىن گۆدەك ۋاقتىدىكى مەلۇم دەرىجىدىكى جىددىيلىشىشنىڭ نورمال ماسلىشىشچان خۇلق-ھەرىكەتنىڭ تەرەققىياتىدا زۆرۈر ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

        جىددىيلىشىش ئىنكاسىنىڭ ئىپادىلىرى قايسىلار؟ سېلې جىددىيلىشىش بىر ھەرىكەت ھالىتى جەريانى بولۇپ ،3دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.ئۇنىڭ نامى پۈتۈن بەدەنلىك ماسلىشىش يىغىندى ئالامىتى دەپ قارايدۇ.

        جىددىيلىشىش رېئاكسىيىسىنىڭ بىرىنچى باسقۇچى-ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ بەدەننىڭ قوغدىنىش ئىقتىدارىنى ئويغىتىشتا، كاننون ئېيتقان كۈرەش قىلىش-قېچىش مودېلىغا ناھايىتى ئوخشاپكىتىدۇ.جىددىيلەشتۈرگۈچى مۇھىتقا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئادەم ئورگانىزمى يا كۈرەشكە تەييارلىنىدۇ ،يا قىچىشقا تەييارلىنىدۇ.مەسىلەن: ئادەم يامان ئىتنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغاندا ،پۈتۈن ئورگانىزم ھەرىكەتكە كىلىپ ، بۆرەك ئۈستى بېزى ئاجرالمىلىرى كۆپىيىدۇ، قان بېسىمى كۆتۈرۈلىدۇ، پۇلس ۋە نەپەس تېزلىشىدۇ،سۆڭەك-مۇسكۇللىرىنى تەمىنلەيدىغان قان كۆپىيىدۇ،يۈرەك،ئۆپكە ۋە قان ئېقىمىدىكى قان مېقدارى ئاشىدۇ،قاندىكى شېكەر كۆپىيىدۇ.مۇشۇ ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى ئادەم بەدىنىنى ئەڭ ياخشى تۇرقى-ھالەتكە كەلتۈرۈپ ، يا ئىت بىلەن كۆرەش قىلىشقا تەييارلايدۇ،يا قېچىشقا تەييارلايدۇ.ئەمما كاننون ھېپوفىز ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلىقىنىڭ رولىنى تەتقىق قىلمىغان.بۇ سېلې ئۈچۈن ناھايىتىمۇ مۇھىم ئىدى.ئەگەر جىددىيلىشىش مەنبىئى بەك ئېغىر بولسا، مۇشۇ باسقۇچتىلا ئۆلۈپ كېتىدۇ،مەسىلەن: ئېغىر كۆيۈك.

        ئەگەر داۋاملىق زىيانلىق غىدىقلىنىش ئاستىدا تۇرغاندا ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى پەيدا بولغاندىن كىيىن ئورگانىزم ئىككىنچى باسقۇچقا ئۆتىدۇ،يەنى ماسلىشىش ياكى قارشىلىق باسقۇچى، بۇ دەۋرنىڭ ئالاھىدىلىكى جىددىيلىشىش مەنبىيىگە ماسلىشىش بولۇپ،ئورگانىزمنىڭ جىددىيلىشىش مەنبىيى بىلەن قارشىلىشىش دەرىجىسى كۈچىيىدۇ.

        ئەگەر داۋاملىق زىيانلىق غىدىقلىنىش شارائىتىدا تۇرسا ياكى زىيانلىق غىدىقلىنىش ئېغىر بولسا ،ئورگانىزم قارشىلىق ئىقتىدارىنى يوقىتىپ،ئۈچىنچى باسقۇچقا ئۆتىدۇ.ئۇ ئاجىزلاش دەۋرى دەپ ئاتىلىدۇ.بۇ ۋاقىتتا ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى دەۋرىدىكى ئالامەتلەر قايتىدىن پەيدا بولىدۇ.ئەگەر جىددىيلىشىش مەنبىيى يوقىتىلمىسا، بۇ ئالامەتلەر ئەكسىگە قايتمايدىغان ھالەتكە كىلىدۇ،ھەتتا ئۆلۈپ كېتىدۇ،ئورگانىزم قايتىدىن ماسلىشىش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش ياكى بۇ خىل جىددىيلەشتۈرگۈچى مۇھىتنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىشنىڭ يېڭى ئۇسۇللىرىغا ئىگە بولۇش بۇنىڭ سىرتىدا. بۇ ئورگانىزمنىڭ ماسلىشىش ئىقتىدارىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

        SGA بىلەن قارىمۇ-قارشى ھالدا،ئورگانىزمنىڭ مەلۇم بىر قىسمىدا غىدىقلىنىشقا قارىتا ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىنكاس پەيدا بولسا، چەكلىك ماسلىشىش يىغىندى ئالامىتى دەپ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن: يەرلىك ئورۇندىكى تېرە ياكى بىرىكتۈرگۈچى توقۇلمىلار زەخمىلىنىش (فىزىكىلىق ياكى خىمىيىلىك) تە LAS ئىپادىلىنىپ ياللۇغ،نېكروز بارلىققا كېلىدۇ ياكى قايتا ئۆسۈش ھادىسىسى قوشۇلغان ھۈجەيرە ئۆزگىرىشى بولىدۇ.ئەمما كۈچلۈكS LA (سەزگۈ ئەزالىرى ياكى مېڭە قىسمىدا) بولسىمۇ پۈتۈن بەدەنگە تەسىر قىلىپ، GAS نى بارلىققا كەلتۈرىدۇ.

        ئۇنداقتا سىجىللىقى ئوخشاش، خاراكتېرى ئوخشىمايدىغان غىدىقلاشلارنىڭ ھەممىسى ئورگانىزمداپۈتۈنلەي ئوخشاش ئىنكاس پەيداقىلامدۇ؟ ياق،سوغۇق تىترەشنى،ئىسسىق تەرلەشنى،ئادرېنالىن قاندىكى شېكەر كۆپىيىشنى، ئىنسۇلىن قاندىكى شېكەر ئازىيىشنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ غىدىقلاشلار پەيدا قىلغان ئالاھىدە خاس ئىنكاسلارمۇ ئوخشىمايدۇ.ئەمما بۇ غىدىقلارنىڭ تەسىرىدە  GAS پەيدا بولۇشى مۇمكىن.ئۇ بۆرەك ئۈستى بەز پوستلىقى ھورمون ئاجرىتىش، قاندىكى كاتېخولامىن كۆپىيىش، تۆش بېزى كىچىكلەش،ھەزىم يوللىرىدا يارا پەيدا بولۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،شۇڭا بۇ خىل غىدىقلاشلار پەيدا قىلغان ئالاھىدە خاس بولمىغان ئىن

    كاسلارمۇ ئوخشايدۇ.قورقۇش ۋە غەزەبلىنىشنىڭ سىرتقى ئىپادىلىرى ئوخشىمايدۇ.ئەمما ھەممىسىلا سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىش ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى ئاجرالما ئاجرىتىشقا سەۋەب بولىدۇ.نەتىجىدە قان بېسىمى كۆتۈرۈلۈش، يۈرەك سېلىش تېزلىشىش،مۇسكۇللار جىددىيلىشىش،ئاشقازان-ئۈچەي بوشىشىش قاتارلىق فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ. تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا تىترەش، يۈرەك قېتىمى تېزلىشىش ،ھۈجەيرىلەردىكى ماددا ئالمىشىش كۈچىيىپپ كېتىش،مەقئەت تېمپېراتۇرىسى چۈشۈشلەر بولىدۇ.ئەمما تىترەش-ھودۇقۇپ نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالغان ۋاقىتلاردا كۆپرەك كۆرۈلىدۇ.ھۈجەيرىلەردىكى ماددا ئالمىشىش نىسبىتى ئېشىش شىددەتلىك ئاغرىش ھالىتىدە كۆرۈلۈشى مۇمكىن.

        ئوخشاش غىدىقلاش ئوخشىمىغان تەندەپەيدا قىلغان ئىنكاسلارئوخشاشماسلىقى مۇمكىن. بۇنىڭ سەۋەبى شەرت-شارائىت ئوخشاشماسلىقىدۇر.بۇ شەرتلەر ئىچكى مەنبەلىك ئامىللار (ئىرسىيەت ساپاسى،جىنسى،يىشى) ۋە سىرتقى مەنبەلىك ئامىللار(ھورمونلار ياكى دورىلار بىلەن داۋالاش،ئۇچراشقان ھەر خىل مۇھىت ئامىللار ،ھاۋا بۇلغىنىش،ئىجتىمائىي سەۋەب) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

        بۇ شەرتلەر ئوخشاش بولمىغانلىقتىن، ئوخشىمىغان تەندە پەيدا قىلغان غىدىقلىنىش ئىنكا سىمۇ ئوخشىمايدۇ. بەزىلەر ھەتتا كۈچلۈك جىددىيلىشىشنى ھېس قىلىش، ھەتتا پاتولوگىك جەريان پەيدابولۇشى مۇمكىن. يەنەبەزى ئادەملەرنىڭ ماسلىشىشى ياخشى بولۇشىمۇ مۇمكىن. بەزىلەر تېخى جىددىيلىشىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بەزى تەنھەرىكەتچىلەر ياكى سىياسىئونلار مۇھىتنىڭ بىسىمىغا ئۇچرىسا ھەتتا خەۋپ ئاستىدا قالسا، ئۆزىنى يىنىك ھېس قىلىدۇ. ئەگەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇش رېتىمى تۇيۇقسىز ئاستىلىشىپ قالسا ئۇلاردىكى ياخشى تۇيغۇ كېرىزىسقا ئۇچرايدۇ .


    جىددىيلىشىش ئىنكاسى جەريانىدىكى فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەر

    جىددىيلىشىش ئىنكاسىدا تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ،ھېپوفىز ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى سىستې مىسى مۇھىم رول ئوينايدۇ.      ھەر قانداق سىرتقى غىدىقلاشلار(بىئولوگىك، فىزىكىلىق، خىمىيىلىك،پىسخىكىلىق ۋە ئىجتىمائىينى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئادەم بەدىنىگە تەسىر قىلغاندا،جىددىيلىشىش ئۇچۇرى( يا ئاكسپتورلارئارقىلىق سىرتتىن كېلىدۇ،يا تېمپېراتۇرا ،قان تەركىبىنىڭ ئۆزگىرىش ئارقىلىق ئىچىدىن كىلىدۇ) نى مەركىزىي نېرۋا سىستېمىسى قوبۇل قىلىپ،  پۈتۈنلەپ، تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىگە ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ.تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە سىمپاتىك نېرۋا بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى مېخانىزمىنى قوزغىتىش ئارقىلىق ،كاتېخولامىن ( ئادرېنالىن ۋە نور ئادرېنالىن) نىڭ قو يۇپ بىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يۈرەك،مېڭە، سۆڭەك مۇسكۇللىرىنى تەمىنلەيدىغان قان ئېقى مىنى ئاشۇرۇپ،ئورگانىزمنىڭ ھەر خىل غىدىقلىنىشلاردىن قوغدىنىش ئىقتىدارى ۋە سېزىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ،ھەر خىل غىدىقلىنشلارغا ئۆز ۋاقتىدا، مۇۋاپىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ. تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىمۇ بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ھورمۇنى قويۇپ بىرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرگۈچى فاكتور (FCR) غا ئوخشاش نېرۋا ھورمۇنى ئاجرىتىدۇ.ئۇ بىر خىل خىمىيىۋى ئۇچۇر سۈپىتىدە ھىپوفىز ئالدىنقى ياپرىقى-بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلىقى مېخانىزمنى قوزغىتىپ،ھىپوفىز ئالدىنقى ياپرىقى ACTH ئاجرىتىش ئارقىلىق،بۆرەك ئۈستى بېزى ھورمۇنلىرىنىڭ بىرىكى شى ۋە ئاجرىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، بىزگە مەلۇم بولغان ھىدرو كورتىزون قاتارلىق گلۇكو كورتىكوئىد ھورمونلارنىڭ بەدەندىكى ھەر قايسى سىستېمىلار ۋە ئۇلارنىڭ فۇنكىسىيىلىرىگە بولغان تەسىر،ئورگانىزمنىڭ تېخىمۇ بىر قەدەم ھەرىكەتكە كېلىشى ۋە سىرتقى غىدىقلاشلارغا مۇۋاپىقلىشىشىغا پايدىلىق.      بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى ئادرېنالىن ۋە نور ئادرېنالىن ئاجراتقاندا،جىددىيلى شىش ئاساسلىقى قىسقا مۇددەتلىك ئۆزگىرىدۇ،بۆرەك ئۈستى بېزى گلۇكو كورتىكوئىد ھورمون لارنى ئاجراتقاندا بولسا ،جىددىيلىشىش ئاساسلىقى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئۆزگىرىدۇ.جىددىيلى شىش ئىنكاسى جەريانىدا ئاشقازان ئاستى بېزى ۋە قالقانسىمان بەزمۇ مەلۇم رول ئوينايدۇ. جىددىيلىشىش مەنبىيىگە قارىتىلغان نېرۋا-ئىچكى ئاجراتما ئىنكاسى ۋېگېتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسىدىكى نېرۋا ھۈجەيرىلىرى ۋە تالالىرى ئارقىلىق ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ. ۋېگتاتىۋ نېرۋا سىستېمىسى سىمپاتىك ۋە پاراسىمپاتىك نېرۋىدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمدىن تۈزۈلگەن. سىمپاتىك نېرۋاقوزغىلىش-يۈرەك سېلىش كۈچىيىش، شۆلگەي ئاجرىلىش ۋەئاشقازان-ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتى تورمۇزلىنىش، كىچىك ئارتېرىيىلەر قىسقىرىشتىن قان بېسىمى كۆتۈرۈلۈش ،كانايچىلار كېڭىيىش، كۆپ تەرلەش ۋە ئادرېنالىننىڭ ئاجرىلىشى كۆپىيىش قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.پاراسىمپاتىك نېرۋا قوزغالسا ئىچكى ئەزالارنىڭ نورمال پائالىيىتى تەڭشىلىشكە يۈزلىنىدۇ. مەسىلەن:سىلىق يوللۇق مۇسكۇللارنىڭ قىسقىرىشى شۆلگەي ئاجرىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ،يۈرەك قېتىمىنى ئاستىلىتىپ، ئورگانىزمنىڭ نورمال ئەسلىگە كېلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. شۇڭا سېلې ئاگاھلاندۇرۇش ئىنكاسى دەۋرىدە ئورگانىزم ھەرىكەتكە تەييارلىق قىلىشقا پايدىلىق بولغان نېرۋا ئىچكى ئاجراتمائىنكاسى پەيدابولۇپ، ئورگانىزمنى نورمال ئەسلىگە كەلتۈرىدىغان قارشىلىشىش ئىمپۇلىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئارقىلىق قارشىلىشىش دەۋرىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ دەپ قارايدۇ.      كۈندىلىك تۇرمۇشتا، ئەگەر ئادەم ئىمتاھانغا قاتنىشىش، يات ئادەم بىلەن سۆھبەتلىشىش، بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپىنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق بېرەر يېڭىچە تۇرمۇش ۋەقەلىكىگە دۇچ كەلسە، شۇ ۋاقتىدا قويۇپ بېرىلگەن ئادرېنالىن يۈرەك،مېڭە قاتارلىق ئەزالارغا بارىدىغان قان ئېقىمىنى ئاشۇرۇپ، ئورگانىزمنىڭ سېزىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ ۋە ئېنىېرگىيىنى كۆپەيتىپ شۇ ۋەقەنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىر قاتار فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەر پەيدا بولىدۇ،مەسىلەن: يۈرەك قېتىمى تېزلىشىش، يۈرەكتىن چىقىرىلىدىغان قان مېقدارى ئېشىش ۋە قان بېسىمى كۆتۈرۈلۈش،ئاشقازان ئاجراتمىلىرى كۆپىيىش، ئاشقازان-ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئاستىلاش ،كانايچىلار كىڭىيىش ، نەپەس تېزلىشىش، پات-پات سىيىش، تەرلەش،قول-پۇتلار مۇزلاش، ئىشتىھاسىزلىق ، كۆڭۈل ئېلىشىش،قورساق كۆپۈش ۋە ئۇيقۇسىزلىق قاتارلىقلار. ئادەملەر مۇشۇ ئەھۋالغا ماسلىشىپ، بۇ خىل ئىشلارنىڭ ھۆددىسىدىن ئوڭۇشلۇق چىققاندا،ھىلىقى فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەرمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ يوقىلىدۇ.ناۋادا ئادەملەر بىرەر كۈتۈلمىگەن بالا-قازاغا يولۇقۇپ، جىددىي ئەھۋال ياكى كۈچلۈك ئۇزۇن داۋام قىلىدىغان روھىي غىدىقلىنىشقا دۇچ كىلىپ ، ئادەتتىكى ئۇسۇل بىلەن ئوڭۇشلۇق ھۆددىسىدىن چىقالمىغاندا، تېخىمۇ روشەن بولغان بىر قاتار ئۆزگىرىشلەر بارلىققا كىلىدۇ:ئادرېنالىن كۆپ مىقداردا قويۇپ بېرىلىپ يۈرەك مۇسكۇللىرىنىڭ قىسقىرىشىغا سەۋەب بولغانلىقتىن، يۈرەك ھەرىكىتى زىيادە تېزلىشىدۇ ،گلۇكوگېن پارچىلىنىپ گلۇكۇزىغا ئايلانغانلىقتىن، قاندىكى شېكەر كۆپىيىپ ،ماددا ئالمىشىش تېزلىشىپ ،ئوكسىگېن سەرپىياتى ئاشىدۇ؛ نور ئادرېنالىن قويۇپ بىرىلىپ ،ئەتراپ قان تومۇرلار قىسقارغانلىقتىن ،تېرە تاتىرىپ قان بېسىمى كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بۆرەكتىكى قان ئېقىمى ئازايغانلىقتىن ،رېنىن ئاجرىلىپ، قان بېسىمى ، سۇ ۋە تۇز ئالمىشىشتا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىدۇ. ھورمۇنلار كۆپرەك ئاجرالسا، قان بېسىمى،قاندىكى شېكەر، سۇ ، تۇز ،ياغ،ئاقسىل ئالمىشىش ،ھۈجەيرە پەردىسىنىڭ مۇقىملىقى،ئاشقازان كىسلاتاسى ۋە پېپسىن ئاجرىلىش، مېڭە ئېلېكتىر ھەرىكىتى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىگە  ئوخشاشلا كۆرۈنەرلىك تەسىر قىلىدۇ. شۇنداق بولۇپلا قالماي ، بەلكى پوستلاق ھورمۇنلىرى كۆپرەك ئاجرالسا، يەنە ئىممۇنېت ئىقتىدارىنى تورمۇزلايدۇ،مەسىلەن: يۇتقۇچى ھۈجەيرىلەرنىڭ يۇتۇش ئىقتىدارى ئاجىزلاش، لىمفا توقۇلمىلىرىنىڭ قايتا ئايلاندۇرىشىغا كاشىلا قىلىپ لىمفا توقۇلمىلىرىنى تەدرىجىي چىكىندۈرۈش، گامما شار ئاقسىلىنىڭ ھاسىل بولۇشىنى تورمۇزلاش، ئورگانىزمنىڭ ھە رىكەت ئىقتىدارىنى ئاجىزلىتىش قاتارلىقلار. دۆڭچە مېڭە ،ھېپوفىز ۋە بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلىقى ئارىلىقىدا ئۆزئارا مۇرەككەپ مۇناسىۋەت مەۋجۇت، ھورمۇنلارنىڭ ئاجرىلىشى بىر قاتار قايتا تەسىر مېخانىزمنىڭ ئەپچىللىك بىلەن تەڭشىشىنى قوبۇل قىلىدۇ.      پىسخىك جىددىيلىشىش قانداق قىلىپ بەدەندە كېسەللىك پەيدا قىلىدىغانلىقىغا جاۋاب بېرىش ئۈچن  ،ئادەملەر 10 يىلغا يېقىن ۋاقىتتا پىسخىك جىددىيلىشىشنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىغا بولغان تەسىرىنى تەتقىق قىلىپ ، بىر يېڭى پەننى ۋۇجۇدقا كەلتۈردى،ئۇ پىسخو-ئىممو نولوگىيە ياكى خۇلق-ھەرىكەت ئىممونولوگىيىسى دەپ ئاتالدى.دەسلەپكى تەتقىقاتلار، جىددىيلىشىشنىڭ ئىممۇنېت ئىقتىدارىغا كۈچلۈك تەسىر قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.      جىددىيلىشىش مەنبەيى( بىئولوگىك،فىزىكىلىق،خىمىيىلىك، پىسخىك-ئىجتىمائىي غىدىقلاشلار) مەسىلەن: بار تروپ(portraB) قاتارلىقلار 1977 – يىلى ئاۋىستىرالىيىدىكى پويىز ھادىسىسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ جۆرىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، ھادىسىدىن 5 ھەپتە ئۆتكەندە ئۆلگەنلەر جۆرىلىرىنىڭ لىمفا ھۈجەيرىلىرىنىڭ ئىقتىدارنى تورمۇزلىنىش ناھايىتى روشەن بولىدىغانلىقىنى بايقىغان. T ھۈجەيرىلەرنىڭ بۇ خىل ئىنكاسى سېلىشتۇرما گۇرۇپپىدىكىدىن 10 ھەسسە تۆۋەن بولغان.      1978-يىلىى گرېئىن (neeeGr) قاتارلىق ئادەملەر ھولمېس (esmHol) ۋە راخ (heRa) نىڭ ئۇسۇلى بويىچە كېسەللەردىكى تۇرمۇش ۋەقەلىرىدە بولىدىغان ئۆزگىرىشلەرنى باھالاپ مۆلچەرلىگەن.ئۇلار جىددىيلىشىش ئۆزگىرىش جەريانىدىكى ئىندىۋىدۇئالدا لىمفا ھۈجەيرىلىرى زەھىرى كۆرۈنەرلىك ئازىيىدىغانلىقىنى بايقىغان. شۇ يىلى لوك(ekclo) قاتارلىق ئادەملەر جىددىيلىشىش ھالىتىدە تۇرغان تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ناھايىتى ناچاربىرگۇرۇپپائالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى تەتقىق قىلىپ، تەبىئىي ئۆلتۈرگۈچى ھۈجەيرىلەرنىڭ ئاكتىپلىقى سۇسلىشىدىغانلىقىنى بايقىغان. ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات ،جىددىيلىشىش ھالىتىدە تۇرغان ئىندىۋىدۇئال، بولۇپمۇ تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى ياخشى بولمىغانلاردا، يۇقۇملىنىش ۋە ھۈجەيرىلەردە يامان سۈپەتلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇش خەۋپى چوڭىيىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ھايۋانلار ئۈستىدىكى تەجرىبىمۇ بۇ خىل بايقاشنى قوللىدى،مەسىلەن: 1975-يىلى رىلې چاشقانلار ئۇچراشسا ئەمچەك ئۆسمىسى پەيدا قىلىدىغان بتنېر (rentBit) ۋىرۇسىدىن پايدىلىنىپ، يەنە ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ بىر گۇرۇپپىغا جىددىيلەشتۈرگۈچى تەسىر كۆرسەتمىگەن، يەنە بىر گۇرۇپپىنى جىددىيلەشتۈرىدىغان قىستاڭچىلىق مۇھىتتا قويغان ،تەجرىبە نەتىجىسىدە بىرىنچى گۇرۇپپىدا ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇشى %7 نى،ئىككىنچى گۇرۇپپىدا ئۆسمىنىڭ پەيدا بولۇش نىسبىتى %92 نى ئىگىلىگەن.      خۇددى باشتا شەرھىلەپ ئۆتكىنىمزدەك، جىددىيلىشىش ئىنكاسى جەريانىدە ۋېگېتاتىۋ نېرۋا ،ئىچكى ئاجراتما پائالىيىتى،ۋە ئىممۇنت ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىدۇ.تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە جىددىيلىشىش ئىنكاسىدا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ سىماپتىك نېرۋا-بۆرەك ئۈستى بېزى يىلىك ماددىسى مېخانىزمىنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىق جىددىيلىشىشكە قارىتا ۋاقىتلىق ئىنكاس قايتۇرىدۇ،يەنە ھېپوفىز ئالدىنقى ياپرىقى-بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى مېخانىزمنى ئاكتىپلاشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ، ئىچكى ئاجراتمىلاردا ئۆزگىرىش پەيدا قىلىپ، جىددىيلى شىشكە قارىتا ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىنكاس قايتۇرىدۇ.جىددىيلىشىش ئىنكاسىدا ئىممۇنېت ئىقتىدارى ئۆزگىرىشنىڭ يولى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ خىل: ① تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭىنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى بىۋاستە تەڭشەش رولى،② ۋېگېتاتىۋ نېرۋىنىڭ ئۆزى باشقۇرىدىغان لىمفا توقۇلمىلىرىغا قارىتا تەسىرى،③ بۆرەك ئۈستى بېزى پوستلاق ماددىسى ھورمۇنلىرىنىڭ ئىممۇنىت ئىقتىدارىنى تورمۇزلاش رولى.ئەمما جىددىيلىشىش ئىنكاسى چوڭ مېڭە پوستلىقىنىڭ تەڭشىشى ۋە كونتروللۇقىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز لازىم. جىددىيلىشىش مەنبىيىنى تونۇش، قوللىنىش، ئۆتكەنكى جىددىيلىشىش تەجرىبىلىرى،جىددىيلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى تەھلىل قىلىش چوڭ مېڭىدە ئېلىپ بېرىلىدۇ.      جىددىيلىشىش تەمىنلىگەن قايتما تەسىرلىك ئۇچۇر ئىچكى تۇراقلىق ھالەتنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.ئەگەر قايتما تەسىرلىك ئۇچۇر ئەھۋالنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىسە، ئىندىۋىدۇئال ئۆزىنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ فىزىئولوگىك-پىسخىكىلىق تەڭپۇڭلۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ.ناۋادا قايتما تەسىرلىك ئۇچۇر ياخشى بولمىسا، پاتولوگىك جەريان بارلىققا كىلىدۇ. جىددىيلىشىش ھالىتىدە، مەلۇم ئەزا ياكى سىستېمىلار ئارتۇقچە پائالىيەت قىلغانلىقتىن،ھورمۇن ئاجرىلىش قالايمىقانلىشىپ كېسەللىكنى پەيدا قىلىدۇ. بۇ ماسلىشىش كېسىلى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ كېسەللىكنى ھەرگىزمۇ مەلۇم ئالاھىدە كېسەللىك مەنبىيى پەيدا قىلمايدۇ، بەلكى ماسلىشىش ئىنكاسى قالايمىقانلىشىش كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇ كەيپىيات توسالغۇسى، باش ئاغرىش، ئۇيقۇسىزلىق، يۈرەك ھەرىكىتى سىنۇسلۇق تېزلىشىش،يۇقىرى قان بېسىم ،ھەزىم مەنبەلىك يارا ،رېماتىزىملىق ياكى ئاللىرگىيىلىك بەزى كېسەللىكلەر، يۈرەك تاجىسىمان ئارتېرىيىسى بوتقىدەك قېتىش كېسىلى ،بۆرەك كېسەللىكلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا ،سانائەتلەشكەن دۆلەتلەردىكى كېسەللىكلەرنىڭ 3/1قىسمى جىددىيلىشىش ئىنكاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىككەن،شۇڭلاشقا جىددىيلىشىش ۋە جىددىيلىشىش مەنبەلىك كېسەللىكلەر ھازىر ۋە كەلگۈسىدىكى مۇھىم مېدىتسىنالىق ۋە ئىجتىمائىي لىققا ئىگە مەسىلە.


    جىددىيلىشىش مەنبەيىگە قارىتىلغان كەيپىيات ئىنكاسى


    مۇنداق بىر خىل پىكىر بولۇپ، جىددىيلىشىش يا فىزىئولوگىك،يا پىسخىك ئىجتىمائىيلىققا ئىگە،ئىككىسى پۈتۈنلەي ئايرىم،ئۆز ئارا مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدۇ. بۇ خىل پىكىر توغرا ئەمەس.چۈنكى جىددىيلەشكەندە ئورگانىزم بىر پۈتۈنلۈك شەكلىدە ئىنكاس قايتۇرىدۇ.كىلىنكىدا يۇقۇملانغان كېسەللەر تېمپېراتۇرا كۆتۈرۈلۈش ، فۇلس ۋە نەپەس تېزلىشىش قاتارلىق فىزىئولوگىك ئىنكاسلاردىن باشقا، يەنە بىرلا ۋاقىتتا پىسخىك-ئىجتىمائىي جىددىيلىشىشنىمۇ بېشىدىن كەچۈرىدۇ.مەسىلەن: كېسەل بولۇش تۇيغۇسى،بەدەننىڭ پائالىيىتى توسقۇنلۇققا ئۇچ راش،ئۆگىنىش، خىزمەت ۋاقتىنى قولدىن بىرىپ قويۇشلارنى بېشىدىن كەچۈرىدۇ.ئەگەر دوخ تۇرخانىدا ياتقان بولسا ئائىلىسىدىن ئايرىلىش كەچۈرمىشىمۇ قوشۇلىدۇ.ئەكسىچە بولغاندىمۇ ئوخشاش.قورققاندىمۇ بەدەندە مەلۇم فىزىئولوگىك ئۆزگىرىشلەر بولىدۇ.شۇڭلاشقا بىز جىدىيلىشىشنى سۆزلىگىنىمىزدە ئۇنىڭدا ھەم فىزىئولوگىك تەركىپ،ھەر پىسخىكىلىق تەركىپ بار. ئىككىسىنى ئايرىۋەتكىلى بولمايدۇ دەپ تونۇيمىز. پەقەت بايان قىلىشقا ئاسان بولسۇن ئۈچۈنلا، بىز ئىككىسنى ئايرىم-ئايرىم چۈشەندۈرىمىز.      جىددىيلىشىش مەنبىيىگە قارىتىلغان كەيپىيات ئىنكاسى ھەققىدەماقالىلەر ناھايىتى كۆپ،قوللانغان ئاتالغۇلارمۇ ئوخشاش ئەمەس،بۇ يەردە بىر-بىردىن مۇھاكىمە قىلىش ھاجەتسىز.ھازىر بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدىغان كەيپىيات ئىنكاسلىرىنى تۆۋەندىكىدەك مۇھاكىمە قىلىمىز:      1.قورقۇش (fear)      قورقۇش-كەلگۈسىدە ئۇچرايدىغان زىيان ياكى تازىمۇ بىر خىل كۆڭۈلسىزلىكنى مۆلچەرلەشتىكى كەيپييات ئىنكاسى بولۇپ، ئادەتتە ئۆزىنى چەتكە ئېلىش خۇلق-ھەرىكىتى بارلىققا كېلىدۇ،يەنى قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىدۇ ياكى خەۋپلىك مۇھىتتىن قىچىپ كېتىدۇ.كىشىلەر قورقۇش ھېس قىلغاندا، سىمپاتىك نېرۋا قوزغىلىپ،پۈتۈن بەدەن سەپەرۋەرلىككە كىلىپ،زىيانلىق غىدىقلاشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا تەييارلىنىدۇ. قورقۇش پەيدا بولۇشنىڭ سەۋەبى-ھەقىقىي خەۋپلىك شەيئىگە دۇچ كېلىشتىن ئىبارەت، قورقۇش ھېس قىلغان ئادەم كۆپ ھاللاردا خەۋپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى سېزىپ،ئۆزىنىڭ قورقۇش سەۋەبىنى بىلىدۇ،ئەمما ئۆزىنىڭ خەۋپ ئۈستىدىن غالىپ كىلىش ئىقتىدارىغا ئىشەنچىسى بولمايدۇ،قورقۇشنىڭ بولماسلىقى كۆڭۈلدىكىدەك ئىش، لىكىن قورقۇش ھەقىقەتەن بولسىمۇ،ھاياتلىق تېخىمۇ مۇرەككەپ بولىدۇ.مەسىلەن: ماشىنا ھەيدىگەن ئادەم كۈتۈلمىگەن ھادىسە پەيدا بولۇشتىن قورققانلىقى ئۈچۈنلا ماشىنا ھەيدىگەندە بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىدۇ.      قورققان كېسەللەرنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزىنىڭ قورقۇش كەيپىياتىنى ئىپادىلەشتە قىينالمايدۇ، تىببىي خادىملار مۇۋاپىق ئاددىي  چۈشەنچە بەرسە، قورقۇش يوقىلىدۇ،ئەمما بەزى كېسەللەر قورقۇپ تۇرسىمۇ سۆزلەشنى خالىمايدۇ،چۈنكى ئۇلار باشقىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئەقىلسىز دېيىشىدىن قورقىدۇ.بالنېستتا بىر ئادەم كېلىپ قان ئالسا ،قورقۇش ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ،ئۆزىنىڭ كېسىلى يامانلىشىپ كەتكەنلىكىدىن ياكى مەلۇم بىر خىل داۋالاش باشلىنىشتىن قورقىدۇ. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا چۈشەندۈرۈلسە،بۇ خىل قورقۇشتىن ساقلانغىلى ياكى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ.      2- ئەندىشە قىلىش (yteixan)      كىشىلەر مۇھىتقا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بولغان،خەۋپ ۋە ئاپەت كەلتۈرىدىغان ياكى بەكمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش زۆرۈر بولغان ئەھۋاللارغا ماسلىشىشقا توغرا كەلگەندە، سۇبيېكتىپ جەھەتتە جىددىيلىشىش ۋە بىر خىل كۆڭۈلسىزلىك پەيدا قىلىدىغان كۈتۈش كەيپىياتى<<ئەندىشە قىلىش>>دۇر. ئۇنىڭ قورقۇشقا ئوخشىمايدىغان تەرىپى-خەۋپكە دۇچ كەلگەندە پەيدا بولىدۇ،ئەمما ئەندىشە قىلىش-خەۋپ ياكى پايدىسىز ئەھۋالغا دۇچ كېلىشتىن بۇرۇن پەيدا بولىدۇ.ئەندىشە ئېغىرلاشقاندا ،ھولۇقۇش (cinaP) قا ئايلىنىپ كېتىدۇ.ئەندىشە بىر خىل ئومۇميۈز لۈك ھادىسە،ئادەملەر ئىمتاھان بېرىش ئالدىدا ، دوختۇرغا تەكشۈرتۈشتىن بۇرۇن، مۇھىم بىر قېتىملىق ئۇچرىشىشنى كۈتكەندە ئەندىشىنى ئۆز بىشىدىن كەچۈرىدۇ.چۈنكى مۇشۇ ئەندىشە ئىنكاسى بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئادەملەر ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان پايدىسىز ئەھۋالدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، ئەندىشە پەيدا قىلىدىغان ھەرىكەتلەر ئاكتىپ قاتنىشىش ئارقىلىق ئەندىشىنى يەڭگىللىتىدۇ،مۇشۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ئەندىشىمۇ بىر خىل قوغدىنىش خاراكتېرلىك ئىنكاستۇر.ئەمما ئەندىشە بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتسە،مۇۋاپىق بولمىسا ياكى سەۋەبى ئېنىق بولمسا ،تىببىي مەسىلىگە ئايلىنىدۇ.      ئەندىشە قىلىشنىڭ تىپىك ئىپادىسى-جىددىيلىشىپ-بىئارام بولىدىغان كۈتۈش كەيپىياتىدۇر.ھەتتا ھولۇقۇش،چىرايى تۈرۈلۈش، مەيۈسلۈك،تىنىچسىزلىق ، ئىككى قولى مەقسەتسىز ھەرىكەتلىنىش،مۇشتىنى تۈگۈش ،ئۆلۈك ھەرىكەتنى تەكرارلاشمۇ بولىدۇ.     ئەندىشە قىلىشنىڭ فىزىئولوگىك ئىنكاسى-سىمپاتىك نېرۋا سىستېمىسى جانلىنىش،ئەندىشە قىلىدىغان ئادەملەردە ئەندىشە سەۋەبى ئىچكى كۈچ دەپ قاراش يېتەرسىز بولغانلىقتىن، دىققىتنى ئەندىشە قىلىشنىڭ فىزىئولوگىك ئالامەتلىرىگەمەركەزلەشتۈرىدۇ،مەسىلەن: چارچاش، ئۇيقۇسىزلىق،ئىچى سۈرۈش، كۆڭلى ئاينىش،قۇسۇش، ئىشتىھاسى تۇتۇلۇش ،كۆپ تەرلەش ۋە يۈرەك سېلىش،ئىچى سىقىلىش،<<نەپەسيېتىشمەسلىك>>، <<يۈرەك چىقىپ كىتىدىغان سېلىش>>قاتارلىقلار.ئەگەر ئەندىشە قىلىش سوزۇلمىغا ئايلىنىپ داۋاملاشسا، چوقۇم پىسخىكىلىق داۋالاش كېرەك.      ئەندىشە قىلىدىغان ئاغرىقلاردا قەلبىدىكى جىددىيلىك-خاتىرجەمسىزلىكنى پەسەيتىش ئۈچۈن، مۇرەككەپ خۇلق-ھەرىكەت ئىنكاسى پەيدا بولىدۇ،مەسىلەن: تىرناقلىرىنى چىشلەش، ئالدى-كەينىگە مېڭىش، نەرسىلەرنى تەكرارئاختۇرۇش، بارماقلىرى بىلەن ئۈستەلنى چىكىش ياكى جىمغۇرلىشىپ كىتىش قاتارلىقلار.بەزى كېسەللەر تىببىي خادىملاردىن مەلۇم بىر مەسىلىنى قايتا-قايتا سورايدۇ ياكى ئۆز سالامەتلىك ئەھۋالىغا بەكمۇ كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ،بۇلارمۇ ئەندىشە قىلىشنىڭ دائىمىي خۇلق-ھەرىكەت ئىنكاسىدۇر. 3- بەكمۇ يۆلىنىۋىلىش ۋە ياردەمسىزلىك تۇيغۇسى بەكمۇ يۆلىنىۋىلىش-نورمال دائىرىدىن ئېشىپ كەتكەن ياردەمسىزلىك تۇيغۇسى-ئالاھىدىلىك قىلغان كەيپىيات ئىنكاسىدۇر.ياردەمسىزلىك تۇيغۇسى ساقلانغىلى بولمايدىغان كۆڭۈلسىز كەچۈرمىش پەيدا بولۇش تۇيغۇسىنى كۆرسىتىدۇ.      كېسەلگە گېرىپتار بولغان ئادەمنىڭ يۆلىنىۋىلىش ۋە ياردەمسىزلىك تۇيغۇسى كۈچىيىدۇ. باشقىلارغا ئارتۇقچە يۆلىنىۋالىدىغان كېسەللەردە ئېھتىمال قورقۇش تۇيغۇسى مەۋجۇت بولۇشى مۇمكىن ، مەسىلەن: يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى ئەسلىگە كەلگەن كېسەللەر، جىسمانىي ھەرىكەت كۆپەيسە يۈرەك كېسىلى يەنە بىر قېتىم قوزغىلىشتىن قورقىدۇ.يەنە بىر خىل ھەددىدىن ئارتۇق يۆلىنىۋالىدىغان كېسەللەر ئېھتىمال غەزەپلىنىدىغانلار ياكى كېسەللىك،زەخمىلىنىش ئۆزىنى مىيىپ قىلىپ قويارمىكىن دەپ گۇمان قىلىدىغانلار بولۇشى مۇمكىن، ئۇلار ھەتتا مۇشۇ ۋەجىدىن ئۆز بەدىنىنىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى تىرىشىپ جارى قىلدۇرۇشقا ياردەملەشكۈچى ساغلام ئادەملەرنى ئەيىبلەيدۇ.      ھەددىدىن ئارتۇق يۆلىنىۋىلىش ۋە ياردەمسىزلىك تۇيغۇسى،بەزىدە كېسەللەرگە زىيان يەتكۈزۈش دەرىجىسىگە يېتىدۇ،شۇڭا كۆزىتىشكە دىققەت قىلىش ھەمدە بۇ خىل ھادىسىنىڭ مۇددىئاسىنى تەتقىق قىلىپ،باشقىلارنىڭ ئۇنى يېڭىشىگە ياردەملىشىش لازىم.      

           4.قايغۇرۇش      قايغۇرۇش-كەيپيياتى سۇسلىشىش، ئۈمىدسىزلىنىش، شاد- خۇراملىق تۇيغۇسى يوقىلىش، ئۆز ھېسىياتى ياخشى بولماسلىق، كۈندىلىك تۇرمۇش ھەۋەسلىرى يېتەرسىز بولۇش( جىنسىي ھەۋىسى تورمۇزلىنىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ،دائىم ئۆزىنى ئەيىبلەش خاھىشى بولۇش،ئۆزىنى سەل چاغلاش،كۆپىنچە ئۇيقۇسىزلىق ۋە ئىشتىھا تۇتۇلۇشلارنى كۆرسىتىدۇ.تەتقىقاتلار ئۇرۇق-تۇغقانلارنىڭ ئۆلۈمى قاتارلىق زىيانلىق تۇرمۇش ۋەقەلىرى قايغۇرۇش ئىنكاسىنى ئاسانلا پەيدا قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، مۇھەببەتتىكى ئوڭۇشسىزلىق، تۆھمەتكە قىلىش، ئىشسىز لىق قاتارلىقلارمۇ قايغۇرۇش پەيدا قىلىدۇ.كېسەللەر ئۇزۇنغىچە داۋالىنىپ ساقايمىسا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ئاغرىق ئازابىدىمۇ قايغۇرۇش ئىنكاسى پەيدا بولىدىغانلار ناھايىتى كۆپ.      قايغۇرۇش ئىنكاسىنىڭ پەيدا بولۇشى ساپا بىلەن مۇناسىۋەتلىك. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئوتتۇرا ياشلىقتىن كىيىن قايغۇرۇش خاھىشى كۆپىيىدۇ،قايغۇرۇش پەيدا بولغاندىن كىيىن ئازراق داۋاملاشسا، بولۇپمۇ تىرىشقاق بىر ئادەم ئوتتۇرا ياشتن ئۆتكەندىن كىيىن ئۆزى ئارزۇ قىلغان نەتىجىنى قولغا كەلتۈرەلمىسە، قايغۇرۇش ئىنكاسى پەيدا بولۇشى مۇمكىن.      قايغۇرىدىغان كېسەللەردە دائىم ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىش پاسسىپ خىيالى يېڭىدىن پەيدا بولىدۇ، شۇڭلاشقا قايغۇرۇش كەيپىياتى بار كېسەللەردە دۇنيادىن بىزار بولۇش ئىدىيىسى بار-يوقلۇقىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، قايغۇرۇش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان پىسخو-فىزىئولوگىك ئالامەتلەرنى ئەستايىدىل كۆزىتىپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋىلىشتەك كۈتۈلمىگەن ھادىسىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش لازىم. ئۇزۇنغىچە داۋالانسىمۇ ساقايمىغان تەن كېسەللىكلىرى، سوزۇلما ئاغرىشلار، ئاقىۋىتى ئېغىر بولغان راك ئۆسمىسىگە ئوخشاش كېسەللىكلەردە قايغۇرۇش پەيدا بولۇشنىڭ ئېھتىمالىدىن ھۇشيار بولۇش كېرەك.      

    5. غەزەپلىنىش         غەزەپلىنىش-ئوڭۇشسىزلىق ۋە تەھدىت كۈرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك  كەيپىيات ئىنكاسە، مەقسەتلىك ھەرىكەت توسالغۇغا، ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ساقلاش تۇيغۇسى بوغۇشقا ئۇچرىغاندا، بۇ خىل توسالغۇنى يوقىتىش ياكى ئۆز ئىززەت-ھۆرمىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن كۆپىنچە غەزەپلىنىدۇ.        غەزەپلىنىش بارلىققا كەلگەندە، يۈرەك سېلىش تېزلىشىدۇ، قان قايتىدىن تارقىلىدۇ، ئىنچىكە كانايچىلار كېڭىيىدۇ، جىگەر گلۇكوگېنى پارچىلىنىدۇ، بۆرەك ئۈستى بېزىنىڭ ئاجرىتىش پائالىيىتى كۈچىيىدۇ. غەزەپلەنگەندىكى ھەرىكەت ئىنكاسى كۆپىنچە ھۇجۇم خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، دۇچ كەلگەن توسالغۇنى يوقىتىشقا پايدىلىق بولىدۇ.       غەزەپلىنىش مۇۋاپىق راۋانلاشتۇرۇلسا، مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىپادىلەنگەندىن كىيىن، كېسەلنىڭ كەيپىياتى ياخشىلىنىدۇ، ئەندىشە قىلىش، كۆڭۈلسىزلىكلەر مۇناسىپ ھالدا يەڭگىللەيدۇ.        غەزەپلىنىش يىپىلىپ قالسا باشقا شەكىلدە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن،مەسىلەن: يۆتىلىۋاتقان ،يۇتقۇنچىقى ئاغرىۋاتقان بالا ئېھىتمال ئويۇنچۇقلىرىنى تاشلاپ سۇندۇرىۋىتىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇ كېسەل بولۇپ قالغاندىن كىيىن مەكتەپكە بارالماي ئانىسى ياكى ئۆزىگە ئاچچىقلىنىدۇ. بەزى كېسەللەر ئاغرىشنىڭ سەۋەبى ئېنىقلانمىغانلىقتىنى، ئۆزىگە قاراۋاتقانلارغا ئاچچىقلىنىشى، تاقىتى تاق بولۇشى مۇمكىن.      غەزەپلىنىدىغان كېسەللەرگە، تىببىي خادىملار بۇ خىل كەيپىياتنىڭ نورمال ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈش،ئاندىن كېسەل بىلەن بىرلىكتە غەزەپلىنىشنىڭ سەۋەبىنى تىپىپ،بىر تەرەپ قىلىش لازىم.  

      6.دۈشمەنلىك       دۈشمەنلىك-دوستانە بولمىغان ۋە ئۆچمەنلىك كەيپيياتىنى كۆرسىتىدۇ، بەزىدە ھۇجۇم قىلىش خاراكتېرلىك ئىستەك-ئارزۇ بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.دۈشمەنلىك كۆپ ھاللاردا غەزەپلىنىش، باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈش ياكى باشقىلارنى ھاقارەتلەش ئىستەك-ئارزۇسى بىلەن بىرگە بارلىققا كېلىدۇ.      دۈشمەنلىكنىڭ ئاجىز-كۈچلۈكلىكىگە، خۇلق-ھەرىكەت ئىپادىسىگىلا قاراپ ئىشەنچلىك ھۆكۈم قىلغىلى بولمايدۇ.چۈنكى دۈشمەنلىكنى باشقا خۇلق-ھەرىكەتكە ئۆزگەرتىۋىتىدىغان خاھىش مەۋجۇت بولغانلىقتىن، دۈشمەنلىكنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئانچە ئاسان ئەمەس،مەسىلەن: كۆرۈنۈشتە ناھايىتى خاتىرجەم، باشقا ئادەملەر بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان بىر كېسەلنىڭ روھىي دۇنياسى ئېھتىمال دۈشمەنلىككە تولغان بولۇشى مۇمكىن، ئۇ شۇنداق ئىپادىلەش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ دۈشمەنلىكتىن ئوڭايسىزلانغانلىقى، بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرمەكچى بولسا كېرەك.شۇنىڭ بىلەن تىببىي خادىملارغا خاتىرجەم <<يۇۋاش>>ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇنىڭ دۈشمەنلىكى ئېھتىمال ئۇ كېسەل بولغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلمىگەن يېقىن تۇغقانلىرىغا قارىتىلغان بولۇشى مۇمكىن.       مەسخىرە قىلىش ۋە ھاقارەتلەش دۈشمەنلىكنىڭ دائىمىي ئىپادى


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;