• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئۆگنىش نەزەرىيسى
  • كۆپلىگەن ئادەملەر ئۆگىنىش خۇلق مىجەز ئىلمىدا تەتقىق قىلىدىغان ئەڭ مۇھىم تېما دەپ تونۇيدۇ.20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بەزى ئالىملار سۇبيېكىتپ تەجرىبە ۋە يوشۇرۇن ئاڭنىڭ كۈچىنى باشقىلار ئوبيېكتىپ كۆزىتەلمەيدۇ ۋە بىلەلمەيدۇ ،شۇڭا ئۇ مۇۋاپىق ئىلمى ماتىرىيال ئەمەس دەپ قارايتتى. ئۇلار ئادەمنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىنى ئامالنىڭ بارىچە ئوبيېكتىپ ،ئىلمى تەتقىق قىلىشنى تەلەپ قىلاتتى.روھىي ئانالىز تەلىماتىدىكى ئىچكى ئەزالار ئىمپۇلىسنى تەكىتلەشنىڭ ئەكسىچە ، ئۇلار ئۆگىنىش جەريانى، سىرتقى مۇھىتنىڭ تەسىرىنى تەكىت

    لەيدۇ. مۇشۇ يۆنىلىش بويىچە تەتقىق قىلىشنى يىغىنچاقلىغاندا، ئۆگىنىش نەزەرىيىسى شەكىل

    لىنىدۇ.

        ئۆگىنىش دېگەن نېمە؟ بۇ ھەقتە ناھايىتى كۆپ ئوخشىمىغان تەبىرلەر بار. بۇ يەردە ئېرىشىلگەن ۋە تەرەققى قىلدۇرۇلغان بارلىق يېڭى خۇلق-ھەرىكەت كۆزدە تۇتۇلىدۇ.شۇڭا ئۇ كەڭ مەنىدىكى ئۆگىنىشتۇر. بۇ يەردە سۆزلىگەن خۇلق-ھەرىكەت ئادەملەرنىڭ ھەرىكىتى،سۆزى، چىراي ئىپادىسى قاتارلىق سىرتقى ئاشكارا خۇلق-ھەرىكىتىنى كۆرسىتىپلا قالماي، بەلكى يەنە يۈرەك سوقۇش، نەپەسلىنىش، ئاشقازان-ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتى قاتارلىق ئىچكى ئەزالار يوشۇرۇن پائالىيىتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئىچكى ئەزالارنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرى  ئىختىيارسىز خۇلق-ھەرىكەت دەپمۇ ئاتىلىدۇ.ئۆگىنىش نەزەرىيىسى ئالىملىرىنىڭ قارىشىچە ، بارلىق خۇلق-ھەرىكەت ئۆگىنىشنىڭ نەتىجىسى،يوشۇرۇن ئاڭ مۇددىئاسى ئارقىلىق خۇلق-ھەرىكەتنى چۈشەندۈرۈش ھاجەتسىز.ئۆگىنىشنىڭ ئاساسىي قانۇنىيىتىگە ئاساسلانغاندا، ئىنسانلارنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىگە ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى،قامدىغىلى، ئۆزگەرتكىلى ياكى پەسەيتكىلى ۋە مۆلچەرلىگىلى ،كونترول قىلغىلى بولىدۇ. ناچار خۇلق-ھەرىكەتكە كۆنۈپ قىلىش ئىختىيارسىز خۇلق-ھەرىكەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇ خاتا ئۆگىنىش،مۇۋاپىق بولمىغان شەرتلىك باغلىنىش ياكى ئۆگىنىش ئىقتىدارىدا نۇقسان بولۇشتىن شەكىللەنگەن . شۇڭا ئۆگىنىش نەزەرىيىسى ئارقىلىق  نېرۋا كېسىلىدىكى ئەندىشە قىلىش، قورقۇش، خاراكتېر دەخلىگە ئۇچراش

    تىكى ناچار خۇلق-ھەرىكەتكە كۆنۈپ قىلىش قاتارلىق بەزى نورمالسىز خۇلق-ھەرىكەتلەر چۈشەندۈرىلىدۇ. ئۆگىنىش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان يېڭىچە داۋالاش تېخنىكى -خۇلق-ھەرىكەتلىك داۋالاش ،بىئولوگىيىلىك قايتما تەسىر ،كىلىنكا ئەمەلىيىتىدە كۆرۈنەرلىك مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتى.

    بۇ يەردە ئۆگىنىش نەزەرىيىسى ئاساسىي بىلىملىرىنى ۋە ئۆتكەنكى تەتقىقاتلاردىكى مۇھىم بايقاشلارنى قىسقىچە چۈشەندۈرۈپ كۆرۈشكە ئۇرۇنماقچىمىز. بۇ خىل بىلىملەرنى ئىگىلىسەك روھىي-جىسمانىي كېسەللىكلەر ،نېرۋا كېسىلى ئالامەتلىرىنىڭ پەيدا بولۇشى ۋە ئورگانىزمنىڭ ئىچكى مۇھىت تۇراقلىقىنى قوغداش مېخانىزمنى قامداش ئارقىلىق، خۇلق-ھەرىكەتلىك داۋالاشنى ۋە بىئولوگىك قايتما تەسىرنىڭ قائىدىسىنى ئۆگىنىشكە ياردىمى تېگىدۇ.



    ئۆگىنىشنىڭ ئىككى خىل ئاساسى تىپى


    ئۆگىنىش پىسخولوگلىرى ئادەتتە ئۆگىنىشنى ئىككى تۈرگە ئايرىدۇ.

    1.كلاسسىك شەرتلىك رېفلېكس شەكلىدە ئۆگىنىش. پاۋلوۋ شەرتلىك رېفلېكسنى تەھلىل قىلىپ شەرتسىز غىدىقلاش(يېمەكلىكلەر) ھايۋانلاردا بىر خىل ئىختىيارسىز ئىنكاس (شۆلگەي ئاجرىلىش) قا سەۋەبچى بولىدىغانلىقىنى بايقاپ، ئۇنى شەرتسىز رېفلېكس دەپ ئاتىغان . ئەگەر ئۆزى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش رېفلېكس ھاسىل قىلالمايدىغان مەلۇم سىگنال( قوڭغۇراق ئاۋازى) تەكرار ۋە شەرتسىز غىدىقلاش بىلەن بىرگە مەيدانغا كەلسە، نەتىجىدە بىر خىل سىگنال يالغۇز مەيدانغا كەلگەندىمۇ ، ئوخشاش رېفلېكس پەيدا بولىدۇ. ھايۋانلاردا قوڭغۇراق ئاۋازىغىمۇ شۆلگەي ئاجرىلىدىغان ئىنكاس بارلىققا كىلىدۇ. بۇ خىل سىگنال شەرتلىك غىدىقلاش، شۇنىڭغا ھاسىل بولغان رېفلېكس-شەرتلىك رېفلېكس دەپ ئاتىلىدۇ.ئۆگىنىش نەزەرىيىسى نۇقتىئنەزىرىدىن قارىغاندا، ھايۋانلار قوڭغۇراق ئاۋازىغا شۆلگەي ئاجرىتىش ئارقىلىق ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۆگىنىۋالغان بولىدۇ. بۇ خىل خۇلق-ھەرىكەتكە شەرتلىك رېفلېكس ئارقىلىق ئېرىشكەن. شەرتلىك رېفلېكس مۇستەھكەملەنگەندىن كىيىن، ئەسلىدىكى شەرتلىك غىدىقلاش باشقا سىگناللار بىلەن شەرتلىك باغلىنىپ، ئىككىنچى دەرىجىلىك غىدىقلىنىشنى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. مۇرەككەپ ئىنسانلار جەمئىيىتىدە، بەزى گەپ-سۆز،كۆرۈنۈشلەرمۇ شەرتلىك غىدىقلاشقا ئايلىنىپ،كەيپىيات، خۇلق-ھەرىكەت شەرتلىك رېفلېكسنى پەيدا قىلىدۇ، مۇقىملاشقاندىن كىيىن ناچار خۇلق-ھەرىكەتكە كۆنىكىش كېسىلى ياكى ئالامىتىگە ئايلىنىدۇ. شەرتلىك رېفلېكس ئەگەر يېمەكلىككە ئېرىشىپ كۈچەيتىلمىسە، يەنى شەرتلىك غىدىقلىنىش (قوڭغۇراق ئاۋازى) تەكرار مەيدانغا كېلىپ، ئەمما شەرتسىز غىدىقلاش(يېمەكلىكلەر) بىلەن بىرلەشتۈرۈلمىسە، شەرتلىك رېفلېكس يوقىلشقا يۈزلىنىدۇ.

    2.ۋاستە ياكى مەشغۇلات شەرتلىك رېفلېكس شەكلىدە ئۆگىنىش. سىناق شەكلىدە ۋە خاتا شەكلىدە ئۆگىنىش دەپمۇ ئاتىلىدۇ. 1898-يىلى توروندىك مۈشۈكنى سىناق قىلغان. ئۇ بىر ئاچ قالغان مۈشۈكنى تاقاپ قويۇلغان قەپەسكە سولاپ، قەپەسنىڭ تىشىغا يېمەكلىكنى قويۇپ قويغان. ئىچىدىكى مۈشۈك ئىشىك تاقىقىنى ئاچقاندا ياكى ئارقان تۈگۈچنى تارتقاندىلا ،ئاندىن يېمەكلىككە ئېرىشەلەيتتى. دەسلەپتە مۈشۈكتە<<سىناپ بېقىش ۋە خاتا>>خۇلق-ھەرىكەتلەر بارلىققا كېلىپ ،تاتىلاپ،ئۆمىلەپ،ۋارقىرىغان،كىيىن ئىشىك تاقىقىنى تاساددىپىي ئىچىۋالغان. ئىككىنچى كۈنى قالايمىقان ھەرىكەتلىرى ئازايغان. ئەڭ ئاخىرىدا مۈشۈك ئىشىكنى بىۋاستە

    ئاچىدىغان بولۇپ قالغان. تروندىك خۇلق-ھەرىكەت ئىنئامغا ئېرىشكەندە، ساقلىنىدۇ ھەم مۇستەھكەملىنىدۇ، ئۇ <<ئۈنۈم قانۇنى>>دەپ ئاتىلىدۇ دەپ تونۇيدۇ. بۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك ئىنكاسنى ئۆگەنگىلى بولىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. ئەگەر بىر بالا ئاچچىقلىنىپ بىر ئويۇنچۇققا ئېرىشسە، ئۇ مۇشۇ خىل ئىنكاسنى ئۆگىنىۋالىدۇ، ئاچچىقلىنىش خۇلق-ھەرىكىتىمۇ كۈچىيىدۇ. 1953-يىلى سىكىننېرۋاستىلىق ياكى مەشغۇلاتلىق شەرتلىك رېفلېكسنى تەپسىلى مۇھاكىمە قىلغان. مۇشۇ جەرياندا شەرتلىك غىدىقلاش مۆلچەردىكى شەرتلىك ئىنكاسىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھامان، دەرھال مۇستەھكەملەش ياكى تارتۇقلاش لازىم.مۇستەھكەملەش ياكى مۇكاپاتلاش نەتىجىسىدە مۇستەھكەملەنگەن خۇلق-ھەرىكەت ئىنكاسى كۈچىيىدۇ. سىكننېر مەشغۇلاتلىق خۇلق-ھەرىكەتنى كۆزىتىش ئۈچۈن، كۆپ قېتىم تەتقىق قىلغان. ئاتالمىش سىكننېر ساندۇق تەجرىبىسىدە بىر خىل سىرلىق ساندۇق ياسىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىگە يېمەكلىكلەر كۇمىلىچىنى يەتكۈزۈپ بىرىدىغان مېخانىك قۇرۇلمىغا ئېلىنغان پىشاپ ئورنىتىلغان بولۇپ، پىشاڭ بىسىپ ھەرىكەتلەندۈرۈلسىلا بىر دانە يېمەكلىك كۇمىلىچى يېمەكلىك تەخسى

    سىگە چۈشىدۇ.ئۇ ئاق چاشقاننى سىرلىق ساندۇق ئىچىگە سېلىپ، ئىختىيارى ھەركەتلىنىشكە قويۇپ بەرگەن، ئاق چاشقان پىشاڭنى دەسسىسىلا يېمەكلىك كۇمىلىچى چىقىرىلىپ، ئاق چاشقان ئۇنى يېگەن؛يەنە پىشاڭنى دەسسىگەن،ئىككىنچى يېمەكلىك كۇمىلىچى چىققان. شۇ دەرىجىدە بىر قانچە قېتىم تەكرارلانسىلا ،شەرتلىك رېفلېكس تىزلا شەكىللىنىدۇ،ئاق چاشقان قورسىقى تويغىچە پىشاڭنى بىسىپ يېمەكلىك كۇمۇلىچى چىقىرىپ يەيدۇ.پىشاڭنى بىسىش ئىنكاسى يېمەكلىك كۇمىلىچىنى توختىتىپ قويۇش سەۋەبىدىن تەدرىجىي يوقىلىدۇ.

    خۇلق-ھەرىكەتنىڭ بۇ خىل ئىنكاسى ئۆگىنىش ئارقىلىق شەكىللەنگەنلىكى، ۋاستىنىڭ ياردىمىدە پەيدا بول

    غانلىقى ئۈچۈن مەشغۇلات شەرتلىك رېفلېكس دەپ ئاتىلىدۇ.يەنە بىر خىل تەجرىبىدە ساندۇقنىڭ ئىچىگە يورۇتىلىدىغان يۇمىلاق روجەك ئورنىتىپ كەپتەر ساندۇققا سولىنىدۇ.يۇمىلاق روجەكنى ئالاھىدە رەڭلىك نۇر بىلەن يورۇتۇپ ھەم چوقۇلىغاندا، بىر دانە يېمەكلىك كۇمۇلىچى يېمەكلىك تەخسىسىگە چىقىرىلىدۇ.كەپتەرنى ساندۇققا سولاپ قويغاندىن كىيىن، دەسلەپتە قارىغۇلارچە چوقۇلايدۇ،يورۇتولغان روجەكنى تاسادىپىي چوقۇلاپ تاشلىغاندا بىر دانە يېمەكلىك كۇمۇلىچى يېمەكلىك تەخسىسىگە چىقىرىلىپ، كەپتەر ئۇنى يەيدۇ،مۇشۇ تەرىقىدە كۆپ قېتىم تەكرارلانغاندىن كىيىن، كەپتەر ئاشۇ روجەكنى چوقۇلاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ.ئەگەر ئالاھىدە رەڭلىك نۇر پەيدا بولغاندىلا يېمەكلىك كۇمىلىچى بىرىلسە، كەپتەر ئاشۇ ئالاھىدە رەڭلىك نۇرغا تەدرىجىي ئىنكاس قايتۇرىدۇ. ناۋادا داۋاملىق يېمەكلىك بېرىش ئارقىلىق مۇستەھكەملەنمىسە، كەپتەر ئاشۇ روجەكنى چوقۇلاشنى توختىتىدۇ. روجەكنى چوقۇلاش خۇلق-ھەرىكىتى يوقالغاندىن كىيىن ئۇنى قايتا تىكلىمەكچى بولغاندا، مۇستەھكەملەشنىڭ قېتىم سانى ئازراق بولسىلا كۇپايە قىلىدۇ. سىكننېر مۇكاپاتلاش ۋە جازالاشنىڭ مەشغۇلات خۇلق-ھەرىكىتىگە قارىتا تە

    سىرىنى تەپسىلى مۇھاكىمە قىلغان،ھەمدە مۇكاپاتلاشنى مۇستەھكەملەش تەدبىرى قىلغاندىن تاشقىرى، جازالىنىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشمۇ مۇستەھكەملىنىشكە ئېرىشكۈچى خۇلق-ھەركەت ئىكەنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۆزىنى قاچۇرۇش خاراكتېرلىق ئۆگىنىش دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇسۇلى ئالدىدا بايان قىلىنغان تەجرىبىگە ئوخشاش،ئەمما مۇستەھكەملەش شەكلى ئۆزگەرتىلگەن، كىچىك ئاق چاشقان سىكننېر ساندۇقىدا ئۆزىنى قاچۇرۇش خاراكتېرلىق ئۆگىنىش جەريانىنى كۆرسەتكەن.يۇقىرىدا بايان قىلىنغانلاردىن مەشغۇلات شەرتلىك رېفلېكسى شەكلىدىكى ئۆگىنىش بىلەن كلاسسىك شەرتلىك رېفلېكس شەكلىدىكى ئۆگىنىش ئوخشىمايدىغانلىقىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ؛ مەشغۇلات شەرتلىك رېفلېكستىكى خۇلق-ھەرىكەت سىتىخىيىلىك، ئىختىيارى بولۇپ، ئىشتىن بۇرۇن قوزغاتقۇچى غىدىقلاش بولمايدۇ. ئەمما سىتىخىيىلىك خۇلق-ھەرىكەتنىڭ ئاقىۋىتى ئىندىۋىدۇئالغا قارىتا مۇكاپاتلاش ياكى جازالاش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئەسلىدىكى سىتىخىيىلىك خۇلق-ھەرىكەتنىڭ كۆپىيىشى ياكى ئازىيىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

    ئىندىۋىدۇئالنىڭ مەلۇم ئېھتىياجى قاندۇرۇلغانلىقتىن، غىدىقلاش ۋە خۇلق-ھەرىكەت ئىنكاسى ئارىلىقىدا باغلىنىش بەرپا بولۇش ئارقىلىق ئېرىشمە خۇلق-ھەرىكەت كۈچىيىدۇ،بۇ مۇستەھكەملەش دەپ ئاتىلىدۇ، ئىككى خىل مۇستەھكەملەش ئامىلى بار: ئاساسلىق مۇستەھكەملىگۈچى ئامىللار،ئىندىۋىدۇئالنىڭ ئاساسلىق تەلىپىنى قاندۇرىدۇ،مەسىلەن: يېمەكلىكلەر،سۇ ياكى جىنسىي تەلەپ قاتارلىقلار. ئىككىلەمچى مۇستەھكەملەش ئامىللىرىغا ئاساسىي مۇستەھكەملەش ئامىلى بىلەن باغلنىش ئارقىلىق ئېرىشىدۇ،مەسىلەن: جەمئىيەت تەرەپتىكى مەدھىيىلەر، پۇل ۋە كىيىم-كىچەك قاتارلىقلار. ئەگەر ئاتا-ئانىلار بالا مەشغۇلاتىنى ياخشى قىلغاندا، يېمەكلىك ھەمدە بىر خىل قىزىقارلىق ئويۇنچۇق بەرسە، ئاشۇ ئويۇنچۇق ياكى باشقا شۇنىڭغا ئوخشاپ كىتىدىغان نەرسىلەر ئىككىلەمچى مۇستەھكەملىگۈچى نەرسىلەر بولۇپ قالىدۇ.ئوخشاش بولمىغان ئىككى خىل مۇستەھكەملەش بار: ئىندىۋىدۇئالنىڭ مەلۇم خۇلق-ھەرىكىتى مۇكاپاتقا ئېرىشسە شۇ خۇلق-ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولۇش قېتىمى كۆپىيىدۇ، بۇ ئوڭ مۇستەھكەملەش دەپ ئاتىلىدۇ.تىرىشىپ خىزمەت قىلىدىغان ئادەملەر ،ئەلا نەتىجىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچى، ئىسكىرىپكىنى نەپىس چالىدىغان ئىسكىرىپكىچىنى مۇكاپاتلاش مۇشۇ خىلدىكى مۇستەھكەملەشنىڭ مىسالىدۇر. ئەگەر مەلۇم خۇلق-ھەرىكەت جازالىنىش تۈپەيلىدىن ئازىيىپ كەتسە، جازالىنىش

    قا ئېلىپ بارىدىغان ئاقىۋەتتىن ساقلىغۇچى خۇلق-ھەرىكەتلەر پات-پات پەيدا بولىدۇ،بۇ تەتۈر مۇستەھكەملەش دەپ ئاتىلىدۇ.مەسىلەن: سەۋەنلىك پەيدا بولۇشتىن ئىبارەت ناچار ئاقىۋەتتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، قايتا-قايتا سېلىشتۇرىدىغان خۇلق-ھەرىكەت كۆپىيىدۇ.نېرۋا كېسىلىنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كۆپىنچە  مۇشۇ تەتۈر مۇستەھكەملىنىشنىڭ ئاقىۋىتىدۇر.

     جازالاش گەرچە كىشىلەرگە نېمە ئىشنى خاتا قىلىپ قويغانلىقىنى تونۇتۇپ تەربىيە قىلسىمۇ، ئەمما كىشىلەرگە قانداق خۇلق-ھەرىكەتنىڭ توغرىلىقىنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. شۇڭا جازالاشنى قوللانماقچى بولغاندا ماسلىشىش خۇلق-ھەرىكىتىنى مۇستەھكەملەشكە توغرا كىلىدۇ. شۇنىمۇ قايتا تەكىتلەپ قويۇش زۆرۈركى، جازالاش پەقەت ناچار خۇلق-ھەرىكەتلەرنى كونترول قىلىدۇ،يوقىتىۋىتىلمەيدۇ، شۇڭا بۇ خىل ناچار خۇلق-ھەرىكەتلەر كىيىن قايتا پەيدا بولىدۇ.بىر ئادەم جازالىنىش ئەھۋالىدىن ساقلىنىشنى ئۆگىنىۋىلىشى مۇمكىن،ئەمما جازالاش ھەر

    گىزمۇ ماسلىشىش خۇلق-ھەرىكىتىنى ئۆگىنىش پۇرسىتى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.جازالاش-ناچار خۇلق ھەرىكەتلەرنى دوراشقا سەۋەبچى بولۇشىمۇ مۇمكىن.مەسىلەن: ئاتا-ئانىسى دائىم ئەيىبلەپ ئۇرىدىغان بالا، كىيىن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغاندا باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىشى مۇمكىن.بالىلارنىڭ كاسىسىغا ئۇرۇشنى ئاتا-ئانىلار <<جازالاش>>دەپ قارايدۇ،ئۇ ھەرگىزمۇ ناچار خۇلق-ھەرىكەتنىڭ پەيدا بولۇش قېتىمىنى ئازايتالمايدۇ، ئەكسىچە ئاتا-ئانىلار دىققەت قىلغانلىقتىن، ئوڭ مۇستەھكەملەش ئامىلىغا ئايلىنىپ قېلىش مۇمكىن.شۇڭا ئۆگىنىش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن ،ئۆز-ئۆزىنى زەخمىلەندۈرۈش ياكى ناھايىتى خەۋپلىك خۇلق-ھەرىكەتلەردىن باشقىلىرىدا، ئەڭ ياخشىسى ئالدى بىلەن ئارىلىشىشنىڭ باشقا تاكتىكىسىنى قوللىنىش، ئالدى بىلەن جازالىماسلىق لازىم.

      بىر خىل غىدىقلاشلارغا قارىتا شەرتلىك رېفلېكس ھاسىل بولغاندىن كىيىن، يەنە شۇنىڭغا ئوخشايدىغان باشقا غىدىقلاشلارغا باشلىنىش پەيدا بولۇشقا يۈزلىنىش-غىدىقلىنىش ئومۇملىشىش دەپ ئاتىلىدۇ. مەسىلەن: كىچىك ئاق چاشقاندىن قورقىدىغان بالىلار، باشقا مويلۇق تېرىلىك ھايۋانلاردىنمۇ ئاسانلا قورقۇشى مۇمكىن.

      مۇستەھكەملەش پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، مۇۋەپپىقىيەتلىك مۇستەھكەملەش ئارقىلىق  مۆلچەردىكى خۇلق-ھەرىكەتكە يېقىنلىشىدۇ،بۇ جەريان-ئىجاد قىلىش دەپ ئاتىلىدۇ. ھايۋانلارنى كۆندۈرۈشتە مۇشۇ تېخنىكا قوللىنىلىدۇ،مەسىلەن: ئىتنى بۇيرۇق بويىچە ئېغىنىشقا توغرا كەلگەندە ،دەسلەپتىلا ئۇنىڭ ئېغىنىشىنى مۇستەھكەملەشكە بولمايدۇ، چۈنكى ئويۇن ئويناشتىن باشقا ۋاقىتتا ئىت ئادەتتە ئېغىنىمايدۇ.ھايۋان كۆندۈرگۈچى ئالدى بىلەن ئولتۇرۇشنى،ئاندىن يېتىشنى ،يەنە بىر تەرىپىگە يېتىشنى مۇستەھكەملەش، ئاخىرىدا ئېغىنىتىش لازىم.بىر خىل ئىنكاسنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن، يەنە بىر خىل مۇۋەپپىقىيەتلىك ئۆگىنىشنىلا مۇستەھكەملەش لازىم.

     يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئىجتىمائىي ئۆگىنىش نەزەرىيىسى بىخېۋ ئىورىزىم مېتودىغا قارىتا باشقىچە پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئىنسانلارنىڭ خۇلق-ھەرىكىتى ھايۋانلارنىڭكىدىن خېلىلا مۇرەككەپ، غىدىقلاش-رىئاكسىيەنىڭ فورمۇلىسى ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ بارلىق خۇلق-ھەرىكىتىنى چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. بەزى ئىجتىمائىي ئۆگىنىش نەزەرىيىسى ئالىملىرى بىر ئادەم ھىچقانداق مۇستەھكەملەشنى قوبۇل قىلمىغان ئەھۋالدىمۇ ئۆگىنەلەيدۇ دەپ كۆرسىتىدۇ.ئۇلارنىڭ قارىشىچە ئادەمنىڭ بىلىشى(تەپەككۇر،قىممەت نەزەرىيىسى ۋە كۆزلەش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) ئىنسانلارنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىگە قارىتا زور تەسىر كۆرسىتىدۇ. مەسىلەن: ئۈلگە كۆرسىتىش ئارقىلىق ئادەملەر ماشىنا ھەيدەشنى ئۆگىنىۋىلىش، تېلېۋىزىيە كۆرۈش ئارقىلىق بەزى بالىلار باشقىلارغا ھۇجۇم قىلىشنى ئۆگىنىۋىلىش قاتارلىقلار.



    ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى ئۆگىنىش


    باشتا بايان قىلىنغان شەرتلىك رېفلېكس ۋە ۋاستىلىك ئۆگىنىشكە بولىدىغان مەشغۇلات شەرتلىك رېفلېكسى ئىككى خىل ئوخشاش بولمىغان ئۆگىنىش بولۇپ، ئوخشىمىغان نېرۋا-فىزىئولوگىك مېخانىزمى رول ئوينايدۇ دەپ قارىلىدۇ.  ئۇزۇندىن بۇيان كىشىلەر ئىختىيارغا بىقىنمايدىغان ئىچكى ئەزالار ئىنكاسى پەقەت كلاسسىك شەرتلىك رېفلېكس ئارقىلىق ئۆزگەرتىلىدۇ،ئالىي دەرىجىلىك ئىختىيارىغا بىقىنىدىغان ۋاستىلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ،يەنى سۆڭەك مۇسكۇللىرى ئىنكاسىغا ئوخشاش شەكىل بىلەن ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى ئۆگەنگىلى بولمايدۇ دەپ توناتتى . ھازىر ئۇزۇن مۇددەت مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بۇ ساختا بەلگىلىمىنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتى. ئىچكى ئەزالار ئىنكاسى ۋاستىلىك ئۆگىنىش ئارقىلىقمۇ ئۆزگەرتىلىدۇ.      بارلىق ئۆگىنىش نەزەرىيىسى ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى يۇقىرىدا بايان قىلغان ئىككى خىل ئۆگىنىش ئايرىمىسىنى قوبۇل قىلغىنى يوق. مىللېر كۆپ يىللاردىن بۇيان ،كلاسسىك شەرتلىك رېفلېكس ۋە ۋاستىلىك ئۆگىنىش ئوخشاش بىر ھادىسنىڭ ئوخشىمىغان شارائىتتىكى ئىككى خىل ئىپادىسى، ئەمەلىيەتتە بىرلا خىل ئۆگىنىش بار دەپ قاراپ كەلدى.      سۆڭەك مۇسكۇللىرىغا ئوخشاش ئۇسۇلدا ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى ئۆگىنىشنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، ئۇ ۋاشاق زەھىرى( aveKur ) ئارقىلىق ئاق چاشقاننىڭ سۆڭەك مۇسكۇللىرىنى پالەچ قىلىپ، ئاق چاشقاننىڭ ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى كونترول قىلىشنى ئۆزىنى ئىدارە قىلالايدىغان نېرۋا سىستېمىسى ئارقىلىق بىۋاستە ئۆگەنگەنلىكىنى، مەشغۇلات-مەشق ۋاقتىدا  ئىختىيارغا بېقىنىدىغان مۇسكۇللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرگەن. ئىككى خىل مۇستەھكەملەش ئۇسۇلىنى قوللانغان: بىرىنچى خىلى توك ئارقىلىق مېڭىدىكى <<شادلىقمەركىزىي>>(تۆۋەنكى دۆڭچە مېڭە ئالدىنقى مېڭە تۇتامى) نى غىدىقلىغان، ئىككىنچى خىلى كۆ ڭۈلسىز توك سوقۇشتىن ئۆزىنى چەتكە ئالغان ياكى قاچقان،ئاندىن كىيىن ئاق چاشقاننىڭ بۆرەك ھەرىكىتى قېتىمىنىڭ تېزلىشىش ياكى ئاستىلاش قېتىمىنى مەشق قىلدۇرغان.تەجرىبە ئاق چاشقاننىڭ مۇكاپاتلىنىش تەرەپتىن يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋالغانلىقىنى ئىسپاتلىغان تەجرىبە ئىشلىگۈچىلەر نۇر ياكى ئاۋازنى سىگنال قىلغان. ئاۋاز ياكى نۇر پەيدا بولۇش سىگنالى ئىچىدە ، ئەگەر يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمىدا كىچىك كۆزلىگەن ئۆزگىرىش بولسىمۇ، دەرھال چاشقاننى مۇكاپاتلىغان.نۇر ياكى ئاۋاز پەيدا بولۇش دەۋرى ئىچىدە يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمىدا ئۆزگىرىش بولمىسا، مۇكاپاتلىمىغان.نەتىجىدە، ئاق چاشقان مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرىدىغان نۇر ياكى ئاۋاز پەيدا بولۇش دەۋرى ئىچىدە يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمىنى ئۆزگەرتىشنى ئۆگىنىۋالغان، ئەمما مۇكاپاتقا ئېرىشتۈرمەيدىغان دەۋر ئىچىدە ئىنكاس قايتۇرمىغان. <<شادلىق مەركىزى>>نى توك ئارقىلىق غىدىقلاش ئىچكى ئەزالار ئۆگىنىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن، تەجرىبە ئىشلىگۈچىلەر ئىككىنچى خىل مۇستەھكەملەش ئۇسۇلىنى يەنى توك سوقۇشتىن قېچىش ئۇسۇلىنى قوللانغان: ۋاشاق زەھىرى ئارقىلىق پا لەچ قىلىنغان ئاق چاشقانغا ئەتكىلى بولىدىغان توك سوقۇش سىگنالى بېرىلگەن، سىگنال بېرىلىپ 5 سكۇنتتىن كيىن، ئاق چاشقاننىڭ قۇيرۇقىنى ناھايىتى ئاجىز ئىمپۇلىسلىق توك بىلەن ۋاقىتلىق غىدىقلىغان.سىگنال بېرىلىپ 5 سكۇنت ئىچىدىلا ئاق چاشقان توغرا يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمى ئىنكاسىنى قايتۇرۇپ، توك سوقۇش سىگنالىنى ئەتكۈزۈپ توك سوقۇشتىن ساقلىنىپ قالغان. ئەگەر مۇشۇ نۇقتىنى قىلالمىسا، مەشق قىلدۇرۇپ توغرا ئىنكاس قايتۇرۇش ئارقىلىق توك سوقۇشتىن قېچىشنى ئۆگىنىشى شەرت. تەجرىبىدە يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمىنى تېزلىتىش ئارقىلىق مۇكاپاتلانغان ئاق چاشقان يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمىنى تېزلىتىشنى، يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمىنى ئاستىلىتىش ئارقىلىق مۇكاپاتلانغان ئاق چاشقان يۈرەك ھەرىكىتىنى قېتىمىنى ئاستىلىتىشنى ئۆگىنىۋالىدىغانلىقى ئايان بولدى.      ئوخشاش ئۇسۇلنى قوللىنىپ ،ئاق چاشقاننى يۈرەك قىسقىرىش بىسىمىنى ئاشۇرۇش ياكى  تۆۋەنلىتىش مەشقىنى قىلدۇرۇشمۇ ئوخشاشلا مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشتى. تېخىمۇ بىر قەدەم ئىلگىرىلەپ سىناق قىلىش ئارقىلىق يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمىنى مەشق قىلدۇرۇشنىڭ يۈرەكنىڭ كاتېخولومىن ئالماشتۇرۇشقا تەسىر قىلىدىغانلىقى ، ھەمدە ئاق چاشقان مېڭە غولىدىكى نور ئادرېنالىننىڭ مېقدارىنىمۇ ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى ئسىپاتلىدى.بۇ ئۆگىنش ۋە تەجرىبىنىڭ مەلۇم جىسمانىي-روھىي كېسەللىكلەردىكى رولى مۇھىم ئەھمىيەتكەئىگەئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.      ۋاشاق زەھىرى بىلەن زەھەرلەنگەن ئاق چاشقاننىڭ يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمى سانىنى ۋاستىلىك ئۆگىنىش بىلەن ئۈچەي لۆمۈلدەشنى ۋاستىلىك ئۆگىنىشنى سېلىشتۇرۇپ، ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى كۈچەيتىش بىلەن مۇكاپاتلانغان ئاق چاشقان ئۈچەي ھەرىكىتىنى كۈچەيتىشنى، ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتىنى ئاجىزلىتىش بىلەن مۇكاپاتلانغان ئاق چاشقان ئۈپەي ھەرىكىتىنى ئاجىزلىتىشنى ئۆگىنىۋالىدىغانلىقى بايقالدى؛ ئىككىسىلا يۈرەك قېتىمى سانىداكۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ئىپادىلەنمىدى.ئەكسىچە يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمى سانىنى ئۆزگەر   تىش بىلەن مۇكاپاتلانغان ئاق چاشقاننىڭ ئۈچەي لۆمۈلدەش ھەرىكىتىدىمۇ كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلمىدى. بۇنىڭدىن ئىچكى ئەزالار ئىككى خىل ئىنكاسنى ۋاستىلىك ئۆگىنىش مۇستەقىل پەيدا بولىدىغانلىقى، ئۆگىنىۋالغىنى ئالاھىدە مۇكاپاتلانغان ئىچكى ئەزا ئىنكاسى ئىكەنلىكىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ.      ۋاشاق زەھىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ھايۋان ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى ئۆگىنەلەيدۇ. نورمال پائالىيەت قىلىۋاتقان ھايۋانلارمۇ  ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى ئۆگىنەلەمدۇ-يوق؟ تەجرىبىدە تۆۋەندىكىدەك ئىپادىلەندى: ئاق چاشقاننى ئالاھىدە لاھىيىلەنگەن ھايۋانات قەپىزىگە سىلىپ، ئۇنىڭ فىزىئولوگىك ئىقتىدارىدىكى ئۆزگىرىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل ھەرىكەتلىرى خاتىرىلىنىدۇ. مەشغۇلات مەشقى قىلدۇرۇش نەتىجىسىدە، ئۇ يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمى سانى، قان بېسىمى ئىنكاسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئۆگىنىۋالىدۇ. ئىچكى ئەزالارنىڭ مۇشۇنداق ئىنكاسىنى ئۆگىنىۋالغان ھايۋانلارغا يەنە ۋاشاق زەھىرى ئىشلىتىپ ئۇلارنىڭ پۈتۈن بەدىنىدىكى  سۆڭەك مۇسكۇللىرىنى پالەچ قىلغاندا، ئۇلار بۇرۇن ئۆگىنىۋالغان ئىچكە ئەزا ئىنكاسلىرى داۋاملىق ساقلىنىدۇ، ئىنكاسىتىكى بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر سۆڭەك مۇسكۇللىرىغا بىۋاستە تەسىر قىلغانلىقنىڭ نەتىجىسى ئەمەس ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەيدۇ. يەنە ئۇ ۋاشاق زەھىرى بىلەن بىر تەرەپ قىلىنغان ئىندىۋىدۇئال ئىچكى ئەزالىرى ئىنكاسىنى ئۆگىنىش-ۋاشاق زەھىرى بىلەن زەھەرلەنمىگەن كۈندىلىك شەرت-شارائىتقا ئۆتكەنلىكىنىمۇ چۈشەندۈرىدۇ.      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بەزى تەجرىبىلەر، ئىچكى ئەزالار خۇلق-ھەركىتىلا ئەمەس، بەلكى  ئالىي دەرىجىلىك مېڭە مەركىزىدىكى ئېلېكتىر ھەرىكىتىنىڭ ئۆزىمۇ مېڭە ھەرىكىتىدىكى ئۆزگىرىشنىڭ بىۋاستە مۇستەھكەملىنىشى ئارقىلىق ئۆزگىرىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.مەسىلەن: مەشق قىلدۇرۇلغان ھايۋان مېڭە ئېلېكتىر دولقۇنى توك بىسىمى كۆتۈرۈلۈش ياكى چۈشۈش، دولقۇن ھەرىكىتى ئۆزگىرىش قاتارلىق.      سۆڭەك مۇسكۇللىرى ئىنكاسى سىرتقى مۇھىتقا تەسىر قىلىپ، يېمەكلىك ۋە سۇ بىلەن مۇكاپاتلىنىش ياكى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قاچىدىغان ئىنكاس ئىقتىدارىنى ئۆگىنىۋالىدۇ.ئۇ روشەن ھاياتلىق قىممىتىگە ئىگە. ئۇنداقتا ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى ۋاستىلىك ئۆگىنىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ ھايۋانلار ئۈستىدىن قىلىنغان تەجرىبىدە نامايان بولغان ئەھۋال تۆۋەندىكىدەك: كىچىك ئاق چاشقاننى سىرلىق ئورۇنغا قويۇپ بەرگەندە ، ئەگەر ئۇ T شەكىللىك سىرلىق ئوردىنىڭ بىر بەلگىسىنى تاللىسا، ئۇنىڭغا سۈيدۈك ھەيدەشكە قارشى ھورمۇن ئوكۇل قىلىش؛ يەنە بىر بەلگىنى تاللىسا تەڭ ئوسموسلۇق تۇز ئېرىتمىسى ئوكۇل قىلىش لازىم. ئاق چاشقاننى سىرلىق ئوردىغا قويۇپ بېرىشتىن ئىلگىرى،ئاشقازان نەيچىسى ئارقىلىق كۆپ مېقداردا سۇ كىرگۈزگەندە سۈيدۈك ھەيدەشكە قارشى ھورمون ئۆزلەشمەيدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. نەتىجىدە ئاق چاشقان مەشق قىلدۇرۇش ئارقىلىق سىرلىق ئوردىنىڭ تەڭ ئوسموسلۇق تۇز ئېرىتمىسى بار تەرىپىنى تاللاپ، ئارتۇقچە سۇنى چېقىرىۋىتىپ، بەدەن تەڭپۇڭلۇقىنى ساقلاشنى ئۆگىنىدۇ. ئەگەر شېكەرسىز دىئابىتقا گېرىپتار بولغان ئاق چاشقانغا ئاشقازان نەيچىسى ئارقىلىق يۇقىرى ئوسموسلۇق تۇز سۈيىنى بىرىپ ئوخشاش تەجرىبە قىلغاندا، سۈيدۈك ھەيدەشكە قارشى ھورمون سۈيدۈكنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ئارتۇقچە تۇزدىن قۇتۇلدۇرغانلىقتىن، ئۆزلىشىدىغان نەرسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئاق چاشقان سىرلىق ئوردىنىڭ سۈيدۈك ھەيدەشكە قارشى ھورمون بار تەرىپىنى تاللاشنى ئۆگىنىۋالىدۇ. بۇ ئىچكى مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىغا ماسلىشىدىغان ئىچكى ئەزالار رىئاكسىيىسى-ئۆگىنىش نەتىجىسىگە ئايلىنىدۇ. ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى ۋاستىلىك ئۆگىنىش ئىچكى مۇھىت تەڭپۇڭلۇقىنىڭ بۇزۇلۇشىنى  ئەسلىدىكى سەۋىيىگە تېزلىكتە قايتۇرۇپ كىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچكى مۇھىتنى تۇراقلاشتۇرۇشتىكى رولى ناھايىتى مۇھىم.      ئادەملەر ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى ئۆگىنەلىشى مۇمكىنمۇ؟ ئەگەر ئادەم مەشغۇلات-مەشق ئارقىلىق ئىچكى ئەزالار ئىنكاسىنى ئۆگىنەلىسە ، يېڭىچە داۋالاش تېخنىكىسى پەيدا بولغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ. يەنى مەشق ئارقىلىق بەزى كېسەللىكلەرنى ئۈزۈل-كىسل ساقايتقىلى ياكى ياخشىلىغىلى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ خىل يېڭىچە داۋالاش ئۇسۇلى-بىئولوگىك قايتما تەسىر تېخنىكىسى كلىنكىدا قوللىنىلماقتا. 1969-يىلى شاپىرو(  roShapi) تەجرىبە قىلىنغان ئادەملەر قان بىسىمىنى ئۆزگەرتىش مەشق تەجرىبىسىنى ئىشلىگەن، تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنى ئىككى گۇرۇپپىغا ئايرىپ، بىر گۇرۇپپىنى قان بىسىمى كۆتۈرۈلسە نورمال ئىنكاس، يەنە بىر گۇرۇپپىنى قان بىسىمى چۈشسە نورمال ئىنكاس ھېسابلىغان، نورمال ئىنكاس كۆرۈلگەن ھەر بىر قېتىمدا ،لامپۇچكىنى چاقنىتىپ، تەجرىبە قىلىنغۇچىلارغا ئۆز ئىنكاسىنىڭ توغرىلىقى بىلدۈرىدۇ،20 قېتىم چاقناتقاندىن كىيىن  تەجرىبە قىلىنغۇچىلارغا مۇكاپات سۈپىتىدە بەزى رەسىملەر كۆرسىتىلىدۇ.نەتىجىدە ھەر ئىككى تەجرىبە گۇرۇپپىسىدىكىلەر قان بېسىمىنى ئاشۇرۇش ياكى چۈشۈرۈش مەشقىنى قىلالايدىغان بولغان.تەجرىبە ئىشلىنىپ بولغاندىن كىيىن تەجرىبە قىلىنغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى چاقنىتىشنى نېمە كونترول قىلىۋاتقانلىقىنى، نېمىگە ئاساسەن پەيدا بولغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا قايسى فىزىئولوگىك فۇنكىسىيىنى ئۆلچەيدىغانلىقىنى بىلمىگەن، شۇڭا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قان بېسىمىنى مەقسەتلىك ئۆزگەرتكەن ئەمەس،بەلكى بىئولوگىك قايتا تەسىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان.



    ئۆگىنىش نەزەرىيىسىنىڭ كلىنكىدا ئىشلىتىلىشى


    ئۆگىنىش نەزەرىيىسىنىڭ قارىشىچە، غەيرىي نورمال خۇلق-ھەرىكەتلەر تۆۋەندىكىلەردىن پەيدا بولىدۇ: (1) مۇھىم بولغان ماسلىشىشچان خۇلق-ھەرىكەتلەرنى ئۆگىنىش ئىقتىدارى بولماسلىق؛(2) خاتا ئۆگىنىش، ناچار خۇلق-ھەرىكەتلەرگە ماسلىشىشنى ئۆگىنىش؛(3) ئوخشاپ كىتىدىغان غىدىقلىنىشنى پەرقلەندۈرۈش قىيىن بولغان توقۇنۇش.ئۆگىنىش نەزەرىيىسىگە ئاساسەن، قورقۇش كېسىلى، تەشۋىشلىنىش كېسىلى، ھېستىرىيىلىك پالەچ قاتارلىق نېرۋا كېسەللىكلەر ئالامەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قانداق مۇرەككەپ خۇلق-ھەرىكەت ئىنكاس مودېللىرىنىڭ ھەممىسىگە ئۆگىنىش ئارقىلىق ئېرىشكىلى بولىدۇ.      ئامېرىكا پىسخولوگى ۋاتسون-noWats (1978-1958) پاۋلوۋنىڭ شەرتلىك رېفلېكس پىرىنسىپىنى قوللىنىپ، ئۇنى ئىنسانلار خۇلق-ھەرىكىتىنىڭ بىر خىل تەتقىقات ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرغان. ئۇ شەرتلىك رېفلېكس ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ئاران 11ئايلىق بولغان بىر ئوغۇل بوۋاق تېنىدە بىر خىل مەشھۇر تەجرىبە ئىشلەپ، شۇ ئارقىلىق غەيرىي نورمال خۇلق-ھەرىكەت شەكىللىنىش جەريانىدىكى ئۆگىنىشنىڭ رولىنى ئىسپاتلىغان. تەجرىبە ئىشلىگۈچى بالىنىڭ كەينىدە تۇرۇپ، كىچىك بالا ھەر قېتىم ئاق چاشقانغا يېقىنلاشقان ھامان تۆمۈر تاياقچىنى ئۇرۇپ ئاۋاز چىقارغان.ئاۋاز بالىدا قورقۇنچ ئىنكاسىنى پەيدا قوزغىغان.بىر قانچە قېتىم قايتا تەكرارلانغاندىن كىيىن بالا ئاق چاشقاننى كۆرسىلا ھەتتا ئاۋاز چىقىرىلمىسىمۇ قورقۇپ بىئارام بولىدىغان بولۇپ قالغان. شۇنداقلا ئۇنىڭ قورقۇنچى كىڭىيىپ باشقا ئۇزۇن مويلۇق ھايۋانلارنى كۆرگەندىمۇ قوزغىلىدىغان بولغان. شەرتلىك رېفلېكس ئارقىلىق بىر خىل نامۇۋاپىق قورقۇش ئىنكاسىنى ئۆگىنىۋالغان.      دوللار(rdollaD) بىلەن مىللېر( 1950) ئۆگىنىش پىرىنسىپىدىن پايدىلىنىپ، شەرتلىك رېفلېكس تەسۋىشنى چۈشەندۈرگەن.ئەگەر بىر بالا قورققان ھالدا چۆمۈلۈش كۆلىگە يېقىلسا، بىر خىل شەرتلىك رېفلېكسلىق ئىنكاسقا ئېرىشىدۇ، يەنى سۇ تەشۋىشنى قوزغايدۇ،شۇندىن كىيىن، ئۇ چۆمۈلۈش كۆلىگە ياكى چوڭ ئېقىنغا يېقىنلاشقان ھامان، غىدىقلىنىشنىڭ كېڭىيىشى تۈپەيلىدىن جىددىيلىشىشى ۋە تەشۋىشلىنىشى مۇمكىن.بۇ خىل شەرتلىك رېفلېكسلىق تەشۋىشلىك ئۇزۇن مۇددەتكىچە مۇھىم تەسىر قوزغايدۇ.ئەگەر ئۇ مۇنداق ھالەتتىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ شۇ ئارقىلىق بۇ خىل تەشۋىشلىكتىن چەتنىسى، تەشۋىشلىك سەۋەبىنى بايقىيالماسلىقى مۇمكىن، شۇڭا تەشۋىشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ،ئۇ قىلچە مۇۋاپىق بولمىغان تەشۋىشلىكتىن قۇتۇلىدىغان  خۇلق-ھەرىكەت مودېلىنى داۋاملىق قوللىنىشى مۇمكىن.شۇنداقلا قورقۇنچ ئىنكاسى يۈز بەرمىگەنلىكى تۈپەيلىدىن ،ئۇ مۇشۇنداق قىلىشنىڭ سەۋەبىنى بايقىيالمايدۇ.      شەرتلىك رېفلېكسلىق ئىنكاسلار تىببىي داۋالاشتا كۆرۈلىدۇ،مەسىلەن: راك كېسىلىگە گېرىپتار بولغان ئادەمنى رېنتگېن نۇرىدا داۋالاشقا توغرا كەلسە ، ئۇنىڭدا رېنتگېن ئۆيىگە كىرگەندە ياكى خىمىيىۋى دورىلارنى قوللانغاندا كۆڭۈل ئاينىش، قۇسۇش پەيدا بولىدۇ.      پاۋلوۋ تەشۋىشلىنىش كېسىلىنى بىر خىل ناھايىتى ياخشى ئۆگىنىش نەزەرىيىسى مودېلى بىلەن تەمىن ئەتتى. پاۋلوۋ ئىت يۇمىلاق لامپۇچكا نۇرىغا ئىنكاس قايتۇرغاندىن كىيىن، يېمەكلىك بىلەن مۇكاپاتلىغان ھەمدە مۇستەھكەملىگەن. ئېللېپسىمان چىراق نۇرىغا قايتۇرغان ئىنكاسىنى مۇستەھكەملىمىگەن، ئاندىن كىيىن ئېللېپس شەكىللىكنى تەدرىجىي چوڭايتىپ يۇمىلاق شەكىللىككە يېقىنلاشتۇرۇپ ،پەرقلەندۈرۈشنى بارغانسىرى قىيىنلاتقان. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئىتلاردا روشەن كەيپىيات ئىنكاسى ھاسىل قىلىپ <<تەجرىبە خاراكتېرلىق نېرۋا كېسەللىكى>> نى شەكىللەندۈرگەن.      ئۆگىنىش نەزەرىيىسىنىڭ نېرۋا كېسەللىكلىرىنى چۈشەندۈرۈشتە ئاساسلىق قىيىنچىلىق شۇكى، ئەگەر ئادەت خۇلق-ھەرىكىتى مۇستەھكەملەنمىسە، ئۇ تېز سۈرئەتتە يوقىلىپ كېتىدۇ،ئئەمما نېرۋا كېسەللىكلىرى خۇلق-ئادەتلىرى روشەن مۇستەھكەملىمىسىمۇ ئۈزلۈكسىز داۋام قىلىدۇ.موۋرېر(rerMow) 1950-يىلى بىر خىل نەزەرىيىۋى چۈشەنچىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇ ئىككى باسقۇچقا بۆلگىلى بولىدۇ دەپ قارىغان.بىرىنچىسى، بىر مۆتىدىل غىدىق ئارقىلىق شەرتلىك رېفلېكس ھاسىل قىلىپ، ئاندىن ۋاستىلىك ئۆگىنىشتىكى ئۆزىنى قاچۇرۇش ئىنكاسى پەيدا قىلغاندا بۇ خىل تەشۋىشلىنىشنى يېنىكلىتىشتۇر. ئۇ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا: تەشۋىش لىنىشنىڭ يېنىكلەپ كېتىشى، نېرۋا كېسەللىكلىرى خۇلق-ھەرىكەتلىرىنىڭ داۋاملىشىپ بېرىشىدىكى مۇستەھكەملەنگەن ئامىلدۇر دەيدۇ. ئېسنېك ( ksencEy ) نېرۋا كېسەللىكلىرى خۇلق-ھەرىكىتى بىلەن خاراكتېر ئۆزگىرىشى مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ دەپ قارايدۇ.مەسىلەن: مەيداندىن قورقۇش كېسەللىكى ئۆگىنىش نەزەرىيىسى بويىچە بىر قاتار شەرتلىك رېفلېكسلىق قورقۇش ئىنكاسىغا ئادەتلەنگەن ئۆزىنى قاچۇرۇش قوشۇلۇپ كېلىشىدىن ھاسىل بولغان دەپ چۈشەندۈرىلىدۇ.بىر يىنىك جىددىيلىشىش بىر قېتىملىق ئۆتكۈر تەشۋىشلىكنى قوزغىغان. ئەگەر بۇ ئادەمدە ئۆزىگە ئىشەنچ كەم بولسا ، ئۆز تەشۋىشىنى قوزغالغاندىكى ئەتراپ مۇھىتىدىن كۆر گەندە، ئۆزىنى قاچۇرۇش خۇلق-ھەرىكىتى پەيدا بولىدۇ.كىيىن ئوخشىشىپ كىتىدىغان مۇ ھىتقا ئۇچرىغاندا تەشۋىشلىنىش  قوزغىلىدۇ.مەسىلەن:بىر ئۇقۇتقۇچى  ئاپتۇبۇستا مەكتەپكە دەرس ئۆتۈش ئۈچۈن كىتىپ بارغاندا  ،جىددىي تۇرمۇزلاش سەۋەبىدىن يىقىلىپ چۈشكەن ،ئارقىدىنلا دەرس ئۆتىۋېتىپ ئالاقزادە بولغان ،ئىچى سىقىلغان ،نەپەس يىتىشمەيۋاتقاندەك ھىس قىلغان ،ئەمما دەرسخانىدىن  ئايرىلىپلا ياخشى بۇلۇپ قالغان ،شۇندىن كىيىن دەر خانىغا كىرسىلا  شۇ ئەھۋالى قوزغالغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇقۇغۇچىلارغا دەرس بىرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان،ھەتتا كىنوخانىلاردىمۇ شۇ ئەھۋالى قوزغالغان .شۇ سەۋەبتىن كىنو تۈگىمەي تۇرۇپلا چىقىپ كىتىشكە مەجبۇر بولغان.رۇشەنكى ،دەرسخانىغا ياكى دەرسخانىغا ئوخشاپ كىتىدىغان مۇھىت (كىنوخانا) شەرتلىك غىدىقلاش سىگىنالى بۇلۇپ قېلىپ ،شەرتلىك رېفلېكىسلىق تەشۋىشلىنىش پەيدا  قىلغان،تەشۋىشلىكتىن ساقلىنىش ئۈچۇن ،ئۆزىنى قاچۇرۇش خاراكتېرلىق ئۆگىنىش ئارقىلىق ،ئالاھىدە بولغان ئۆزىنى قاچۇرۇش خۇلق-  ھەركىتى ئەندىزىسى تۇرغۇزۇلىدۇ.    ئىچكى ئەزا ئىنكاسىنى ۋاستىلىك ئۆگىنىشنىڭ دەلىلى ،روھىي ۋە جسمانىي كېسەللىك ئالامەتلىرىنىمۇ ئۆگىنىۋېلىشىغا بۇلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.ھەر بىر ئادەمدە بىر خىل يۈزلىنىش بۇلىدۇ،ئۇلار باش ئاغرىش ،ھەزىم ناچارلىشىش ،يۈرەك قوزغىلىش،باش قېيىش قاتارلىق ئۆزلىرىگە خاس ئىچكى ئەزا ئىنكاسلىرى ئارقىلىق بېسىمنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدۇ.ۋاستىلىك ئۆگىنىش ئارقىلىق ھەقىقىي روھىي-جىسمانىي  كېسەللىك ئالامەتلىرى شەكىللىنىشى مۇمكىن.مەسىلەن :بالا ئۆگىنىشتىن قورقۇش بىلەن بىرگە يەنە بېشىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئېيتقاندا ،ئانىسى بالىنى ئۆيدە ئېلىپ قېلىپ ئۆگىنىشكە ئەۋەتمىسە ،باش ئاغرىش ئىنكاسى مۇستەھكەملىنىدۇ، ئادەتكە ئايلىنىپ،مۇقىملىشىپ بىر خىل ئالامەتكە ئايلىنىدۇ.بىر قىز بالا تاماقنى ئاز يىيىش ئارقىلىق ،ئەسلىدە ئۆزىگە كۆيۇنمايدىغان ئانىسىنىڭ كۈيۈمچانلىقى ۋە غەمخورلىقىغا ئېرىشسە ،ئاز تاماق يىيىش مۇستەھكەملىنىپ مۇقىملىشىدۇ،ئاخىرى نېرۋا خاراكتېرلىق تاماقتىن بىزار بۇلۇش پەيدا بۇلىدۇ.            كېسەللىك ھالىتىدىكى خاراكتېرلىق خۇلق-ھەركىتى ئۆگىنىش نەزىريىسى تەرىپىدىن تېخىچە قانائەتلىنەرلىك چۈشەندۈرۈشكە ئىگە بولمىدى ،بىر قانچە ئاپتور كېسەللىك ھالىتىدىكى خاراكتېرنى ئىجدىمائىي ئۆگىنىش ،مەغلۇبىيىتى بارلىققا كەلتۈرىدۇ دەپ قارقماقتا.سكوت-skott(1960-يىل)پەننىي ساۋادقا ئاساسەن بىر خىل ئەندىزىنى ئوتتۇرغا قويغان ،گەرچە تەجرىبە  ئارقىلىق ئىسپاتلانمىغان بولسىمۇ،بىراق كلىنىك دوختۇرلىرىنى ھەقىقەتەن بىر خىل پايدىلىق رامكا بىلەن تەمىنلىگەن .ئۇ تەكرار كۆرۈلىدىغان جەمئىيەتكە قارشى خۇلق-ھەركەتلەرنى تۆت خىل ۋاستە ئارقىلىق راۋاجلىنىدۇ دەپ قارىغان : ① بىر ئادەمنىڭ ئۆگىنىش جەريانى نورمال بۇلىدۇ بىراق ، مۇكەممەل بولمىغان جەمئىىيەتكە قارشى خۇلق-ھەركەتلەر دائىم يۈز بىرىپ تۇرىدىغان ئائىلىدە  ئۆسۈپ يىتىلسە ،ئۆگىنىش ئارقىلىق ئادەتتىكى ئىجتىمائىي ئۆلچامگە قارشى  خۇلق-ھەركەتلەرگە ئىگە بۇلىدۇ.② ئۇ  نۇرمال ئۆگىنىش پۇرسىتىگە ئىگە بۇلالمايدۇ، چۇنكى ئۇنىڭ ئائىلىسىدە خۇلق-ھەركەت كەمچىللىكى باشتى-ئاياق  ئىزچىل بولغان قائىدىدۇر.③ ئۆگىنىۋالغان جەمئىىيەتكە قارشى خۇلق ھەركەت مەلۇم كەيپىيات  مەسىلىلىرىنى يىڭىش ئۈچۈندۇر .ئەگەر بىر ئادەم ھۇجۇم خۇلق-ھەركىتىنى بەلكىم ئۆزىنىڭ مەلۇم ۋەقەدىكى ۋەھىمىسى ياكى ئاجىزلىقىنى يېپىش ئۈچۈن قوللىنىشى مۇمكىن.ئۆگىنىش جەريانىنىڭ ئۆزى نۇرمال بولمايدۇ. 1970-يىلى Eysenck جەمئىىيەتكە قارشى خاراكتېر توسقۇنلىقى شەرتلىك رېفلېكسنى ئاستا تۇرغۇزىدىغان ،شۇ سەۋەبتىن نۇرمال ئىجتىمائىي خۇلق-ھەركەتلىرىنى ئۆگىنەلمەيدىغان ئادەملەردە ئوڭاي كۆرۈلىدۇ دەپ قارىغانىدى.بىراق،بۇنداق چۈشەندۈرۈش ئىجتىمائىي ئۆگۈنۈشنىڭ مۇرەككەپلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرەلمەيدۇ،ھەمدە جەمئىيەتكە قارشى خاراكتېر توسقۇنلىقى بار كىشىلەر باشقا ئۆگىنىش ئەندىزىلىرىنى نورمال ئۆگىنەلەيدىغانلىقىنىمۇ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.         نۇرغۇنلىغان پىسخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىك نۇرمالسىزلىق ئالامەتلىرى ئۆگىنىش  ئارقىلىق ئېرىشىلگەن بولسا ،ئۇنداقتا ئوخشاش پىرىنسىپ بويىچە ، ئۆگىنىش ۋە مەشق قىلىش ئارقىلىقمۇ، ئالامەتلەرنى يوقاتقىلى بولىدۇ.ئۆگىنىش پىرىنسىپىگە ئاساسەن، كلاسسىك شەرتلىك رېفلېكس ۋە مەشغۇلاتلىق شەرتلىك رېفلېكس ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، بەلگىلىك باسقۇچ ئارقىلىق كېسەلدىكى پىسخىكىلىق ۋە فىزىئولوگىك نورمالسىزلىق ئالامەتلىرىنى يوقاتقىلى بولىدۇ. بۇ خىل داۋالاش ئۇسۇلى خۇلق-ھەرىكەتلىك داۋالاش دەپ ئاتىلىدۇ.ئۇنىڭ يېتەكچى ئىدىيىسى ئادەملەرنىڭ ئۆز-ئۆزىنى تەڭشەش ۋە ئۆز-ئۆزىنى كونترول قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە، داۋالاشنىڭ بى ۋاستە نىشانى كېسەللىك ئالامىتى ھەرگىزمۇ،كېسەلدىكى ئىچىدىن ھاسىل بولغان كۈچىنى ئەسلىگە كۈلتۈرىشىگە ياردەم بىرىشنى كۆزلىمەيدۇ دەپ قاراشتىن ئىبارەت. مەسىلەن: مەشغۇلاتلىق خۇلق-ھەرىكەت يارىتىش ئۇسۇلىنى نېرۋا كېسەللىكلىرىنىڭ خۇلق-ھەرىكىتىنى ئوڭشاشتا قوللانسا بولىدۇ. ئەيلۇن- nollyA (1963-يىل) ئېلىشىپ قىلىش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان،خۇلق-ھەرىكىتى غەلىتە بى ئايالنى داۋالاشتا قوللانغانىدى، بۇ بىمار كىيم-كىچەك،كۆڭلەك، قولياغلىق،شارپا قاتارلىق نۇرغۇن كىيىملەرنى كىيىۋىلىش ۋە ئىشلىتىشتە چىڭ  تۇرىۋالغان،بۇ كىيىم-كىچەكلەرنىڭ ئېغىرلىقى 25 قاداق كەلگەن. ئەيلۇن يېمەك-ئىچمەكنى مۇستەھكەملەش ۋاستىسى قىلىشنى قارار قىلىپ، كېسەلگە ئاشخانىغا كىرىشتىن ئاۋۋال چوقۇم ئېغىرلىقىنى ئۆلچەش كېرەكلىكىنى، ئېغىرلىقى بەلگىلەنگەن ئېغىرلىقتىن يىنىك بولغاندىلا ئاندىن تاماقلىنىشقا بولىدىغانلىقىنى ئېيتقان.دەسلەپتە،ئۇ كېسەل ئامالسىز بىر قىسىم كىيىم-كېچەكلىرىنى ئازايتىپ ئېغىرلىقىنى 23 قاداققا چۈشۈرگەن، بۇ تەلەپكە يەتكەندىن كىيىن، كېسەلگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويغان. كېسەل بىر قانچە قېتىم ھەقىقەتەن تاماق يىمەي قويغان، بىراق بىر قانچە ئايدىن كىيىن ،ئۇنىڭ كىيىملىرى ئازىيىپ پەقەت 3 قاداقلا بولۇپ قالغان.گەرچە بۇ خىل داۋالاش ئېلىشىپ قېلىش كېسىلىنى داۋالىيالمىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ خىل غەلىتە خۇلق-ھەرىكەتنى توختىتالىغان. ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە باشقا كېسەللەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلانغان. يەنە بىر مىسال: سىستېمىلىق سىزىمچانلىقتىن قالدۇرۇش ئۇسۇلى قورقۇش كېسىلى ۋە تەشۋىشلىنىش كېسىلىنى داۋالاشتا دائىم قوللىنىلىدۇ. ئاساسىي پىرىنسىپى شۇكى، تەشۋىشلىك ۋە قورقۇشنى پەيدا قىلىدىغان غىدىقنى قارشىلاشقۇچى <<بوشاشتۇرۇش>>ئىنكاسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ ياكى تەشۋىشلىك ۋە قورقۇنچ يوقالغانغا قەدەر تەرتىپ بويىچە تەدرىجىي مەشق قىلدۇرىلىدۇ،ئەگەر ھايۋانلاردىن قورقۇش كېسىلىگە گېرىپتار بولغان با لىلار ئاتا-ئانىلىرىنىڭ ھەمراھلىقىدا يىراقتىن كىچىك ھايۋانلارغا قاراپ قەدەممۇ-قەدەم يېقىنلاشسا بولىدۇ،يېقىنلىشىش جەريانىدا بالىغا قىزىقارلىق ھىكايىلەر ئېيتىپ بېرىش ياكى ياخشى كۆرۈدىغان يېمەكلىكلەرنى بېرىش لازىم.ھايۋانغا يېقىنلاشقاندا، قورقۇنچ پەيدا بولمىسا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بالىنى شۇ ھايۋان بىلەن ئويناشقا رىغبەتلەندۈرۈش ياكى چوڭ ئادەم ئۈلگە كۆرسىتىپ ھايۋاننى سىلاپ بالىنى دوراشقا رىغبەتلەندۈرۈش لازىم. ئەگەر مەلۇم ئارىلىقتا قورقۇش يۈز بەرسە ،ئەسلىدىكى ئورۇنغا چىكىنىپ ،قايتىدىن باشلاپ، تەكرار مەشق قىلدۇرۇش لازىم.      خۇلق-ھەرىكەتلىك داۋالاشتا ئۆگىنىش پىرىنسىپىنىلا قوللانماستىن، ھېسداشلىق،غەمخۇرلۇق، قۇلاق سېلىپ ئاڭلاش، دەرت تۆكۈش، قايتىدىن تونۇش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان روھىي ئامىللارنىمۇ قوللىنىش لازىم.چۈنكى ئۇلار خۇلق-ھەرىكەتلىك داۋالاشتا ناھايىتى زور رول ئوينايدۇ.      يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىئو قايتما تەسىر تېخنىكىسى كەڭ دىققەت ئېتىبارغا ئېرىشتى، بۇ ئىچكى ئەزا ئىنكاسىنى ۋاستىلىك ئۆگىنىش پىرىنسىپىغا ئاساسەن ئىجاد قىلىنغان. ھازىرقى زامان ئېلېكترونلۇق ئەسۋابلار ئارقىلىق ئادەم بەدىنىدىكى مۇسكۇل جىددىيىلىشىش،تېرە تېمپېراتۇرىسى، تېرە ئېلېكتىرلىك ئىنكاسى،قان بېسىمى،يۈرەك ھەرىكىتى قېتىمى، مېڭە ئېلېكتىر پائالىيىتى قاتارلىق ھەر خىل فىزىئولوگىك ئۆزگىرىش ئۇچۇرلىرىنى كۆرۈش سېزىمى ياكى ئاڭلاش سېزىمى سىگنالىغا ئايلاندۇرۇپ، چوڭايتقىلى ھەمدە توپ-توغرا ئىپادىلىگىلى بولىدۇ، داۋالىنىۋاتقانلار تەكرار ئۆگىنىش ۋە مەشق قىلىش ئارقىلىق ،تەدرىجىي ھالدا ئىچكى ئەزا ئىن كاسىنى ئۆزى كونترول قىلىش دەرىجىسىگە يېتىپ، كېسىلى ساقىيىدۇ،مەسىلەن: شەقىقە، يۇقىرى قان بىسىم كېسىلى، سەكتىدىن كىيىنكى يارتا پالەچ، ھەمدە تۇتقاقلىق كېسىلىنىڭ قىسمەن تىپلىرىدا،بىئو قايتما تەسىرلىك مەشق ئارقىلىق مۇۋەپپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.ئەمەلىيەتتە بىئو قايتما تەسىرلىك مەشق بىلەن مەملىكىتىمىز تېنىق گۇمپىسىنىڭ ناھايىتى زور دەرىجىدە ئوخشىشىپ كىتىدىغان جايلىرى بار،ئەمما چىگۇڭ(تىنىق گۇمپىسى) ئەسۋاب ئىشلەتمەي ئادەملەرگە قائىدىلىك نەپەسلىنىش ،بوشىشىش،ئەقىدىدە تۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللارنى ئۆگىنىپ ،ئادەمنىڭ ئىچكى ئەزالىرىنىڭ ئۆگىنىشىنى ئىلگېرى سۈرىدۇ خالاس(روھىي داۋالاش بابىغا قاراڭ



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;