• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • مېدىتسىنا پىسخولوگىيلىك داۋالاش ئۇقۇمى ، ئەھمىيتى ۋە دائىرسى
  • 1.ئۇقۇمى

      سۆھبەتلىشىش ، پىكىر ئېلىش ، باشقىلاردىن ياردەم   - (     مەسلىھەت بېرىش(  

    تەلەپ قىلىشىنى كۆرسىتىدۇ . ‹مەسلىھەت بېرىش كىشىلىك مۇناسىۋەت ئارقىلىق ياردەم بېرىش جەريانى ، تەربىيلەش جەريانى ۋە ئۆستۈرۈش جەريانىغا يېتىش دېمەكتۇر › دەپ تەبىر بەرگەن . يەنى مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق ھال ـ ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرگە ياردەم بېرىش ، تەربىيە بېرىش ، ئۇلارنى مەنپەئەتكە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت . چۇنكى مەسلىھەت بېرىش بىر جەرياندۇر ، شۇڭا ، مەسلىھەت بېرىش قېتىمى كۆپ بولۇشى ، ھەر قېتىمدا  بەلگىلىك ۋاقىت داۋام قىلىشى لازىم .

      پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش پىسخولوگىيە ئىلمىنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ ، چەت ئەللەردە ‹ مەسلىھەت بېرىش پىسخولوگىيسى › دەپ ئاتايدۇ ، ئۇ ناھايىتى كەڭ دائىرىدە قوللىنىلىدۇ ، تەرەققىياتى خېلى تېز بولماقتا ، پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىشكە قاتنىشىدىغان پىسخولوگلار ئادەتتە پەلسەپە دوكتۇرى ياكى مائارىپ باكلاۋىرى بولۇشى ، مەسلىھەت بېرىش پىسخولوگىيسى جەھەتتىن مەخسۇس تەربىيلەنگەن بولۇشى كېرەك . ئۇنىڭ ئاساسلىق خىزمەت ئوبىيېكتى نورمال كىشىلەر بولۇپ ، نۇقتىلىق ھەل قىلىدىغىنى كىشىلەرنىڭ نورمال ئېھتىياجى ۋە مەسىللىرىدىن ئىبارەت ، مەسلىھەت بېرىدىغان مۇتەخەسسىسىلەر ھال ـ ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىلەر بىلەن سۆزلىشىش ، مۇزاكىرلىشىش ئارقىلىق ئۇلارغا ياردەم بېرىدۇ ، ھال ـ ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىلەردە مەۋجۇت ئىچكى ئامىللارنى تېپىپ چىقىپ ،ئۇلارنىڭ ئىلگىرلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ . مۇھىت ياخشىلاشنى تەلەپ قىلغۇچىلارغا قارىتا ھازىر مەۋجۇت بولغان شەرت ئاساسىدا ئانالىز يۈرگۈزۈپ ئۇلارنى ياخشىلاش پىكىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ ، ھەرگىزمۇ قايتما بەرپا قىلىش ھېسابلانمايدۇ . پىسخولوگىيلىك مەسلىھەت بېرىش يەنە ئۇنىڭ ئوخشىمىغان تۈرلىرىگە ئاساسەن ، مەكتەپتە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ، ئائىلىدە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ، زاۋۇت ـ كانلاردا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ . ئۇنى ئاساسلىق پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مەزمۇنىغا ئاساسەن يەنە كىشىلەر ئارا پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ، قانۇن جەھەتتە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ، مائارىپ جەھەتتە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە تىببىي جەھەتتە پىسخىكىلىقمەكتەپ مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىك مەسلىھەت بېرىش پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش ئىچىدىكى مۇھىم تارماق ھېسابلىنىدۇ، ئەمما ئۇ ئادەتتىكى پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش بىلەن

    ئوخشىمايدۇ، ئۇنىڭ ئۆز ئالدىغا مۇھىم نۇقتىسى ۋە ۋەزىپىسى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسلىق ئوبيېكتى بىمار ياكى تىببىي ياردەم ۋە يېتەكچى ئىزدىگۈچىلەردىن ئىبارەت. شۇڭا، مېدىتسىنا    پىسخولوگىلىك مەسلىھەت بېرىش بىلەن پۈتۈن تىبابەت ئىلمىنىڭ نىشانى بىردەك، تىببىي ئەمەلىيەت ئىچىدە مۇھىم تەركىبىي قىسىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، مېدىتسىنا پىسخولوگىيىلىك مەسلىھەت بېرىشكە قاتنىشىدىغان خادىملار بەلگىلىك تىببىي بىلىم ۋە ئىقتىدارغا ئىگە بولۇشى يەنە بەلگىلىك پىسخولوگىيە، ئىجتىمائىيەت بىلىملىرىگە ئىگە بولۇشى كېرەك . مۇشۇنداق خادىملارلا مېدىتسىىنا پىسىخولوگىسىيىلىك مەسلىھەت بېرىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىپ، ھەقىقىي تۈردە بىمارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ياردەم بېرىش مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ.

    شۇڭلاشقا،پىسخولوگىسىيىلىك مەسلىھەت بېرىش تىببىي سۆھبەت ۋە مۇزاكىرە (زۆرۈر بولسا پىشخىكىلىق سىناق ئېلىپ بېرىلىدۇ) ئارقىلىق،بىماردىكى پىسخىك توسالغۇلار خۇسۇسىيىتى ۋە مۇمكىن بولغان سەۋەبلەرنى ئېنىقلاپ، نەسىھەت قىلىش ،تەكلىپ بېرىش، تەربىيە بېرىش، قوللاش ۋە تۈرلۈك شەكىلدىكى ياردەملەرنى بېرىش جەريانىدىن ئىبارەت بولۇپ ئاددىي پىسخىك داۋالاش ۋە تىببىي داۋالاشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    مېدىتسىنا پىسخولوگسىيىلىك مەسلىھەت بېرىش تىببىي ئىلمىنىڭ ھەر قايسى تارماقلىرىغا ئاساسەن يەنە نۇرغۇن ئىنچىكە مەزمۇنلارغا بۆلۇنىدۇ. مەسىلەن: ئىچكى كېسەل ۋە تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى، بالىلار كېسەللىكلىرى ۋە ئۆسمە بۆلۇمى قاتارلىقلاردىن پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك جەھەتتە ،روھىي كېسەللىكلەر ئىلمى پاتو – پىسخولوگىيە تەتقىقاتىنى ئاساسىي مەزمۇن قىلغان ئىلىم بولۇپ،تىببىي پىسخولوگىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى زىچ. روھىي كېسەلىكلەر ئىلمىدىن مەسلىھەت بېرىش مەسلىھەت بېرىش ئىچىدىكى مۇھىم بىر بۆلەك ھېساپلىنىدۇ،بىراق مېدىتسىنا پىخولوگىيىلىك مەسلىھەت بېرىش بىلەن روھىي كېسەللىكلەر جەھەتتىن مەسلىھەت بېرىشنى تەڭ ئورۇنغا قويماسلىق كېرەك. مېدىتسىنا پىخولوگىيىلىك مەسلىھەت بېرىش ئىچكى-تاشقى ھەر قايسى كېسەللىكلەرگە يۈزلىنىدۇ،گەرزە ئۇ روھىي كېسەللىكلەر ئىلمىدىكى بىر مۇنچە پاتو – پىخولوگىيە  ئاتالغۇلىرىنى قوللانغان،بەزىدە قىسمەن روھىي كېسەللىك دورىلىرىنى قوللىنىشقا مۇھتاج بولسىمۇ،بىراق ئۇنىڭ ئوبيىكتىدا قانداقلا بولمىسۇن نۇرغۇنلىغان پەرقلەر بار.

    2.ئەھمىيىتىمېدىتسىنى پىسخولوگييىسىلىك مەسلىھەت بېرىش بىئولوگىيە-پىسخولوگىيە-ئىجتىمائىي تىببي مودىلنىڭ تەلىپىگە ماش بولۇپ، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ تىببىي مۇلازىمەتكە بولغان تەلىپىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ،تىبابەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىيتى تۈپەيلىدىن، خەلق ئاممىسىنىڭ ساغلاملىق سۈپىتىگە بولغان تەلىپى ئۈزۈكسىز ئۆسۈپ بارىدۇ، كىشىلەر تېنىنىڭ  ساغلام بولۇشىنى  تەلەپ قىلىپلا قالماي، روھىي سالامەتلىكىنىڭ ساغلام ، جەمئىيەتكە ماس كېلىشىنىمۇ تەلەپ قىلىدۇ. شۇڭا، مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنىڭ قانات يايدۇرۇلۇشى بىر جاي تىببىي ئىشلىرى تەرەققىيات سەۋىيىسى يۇقىرى – تۈۋەنلىكىنىڭ نامايەندىسى.

    مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىشنى زۆرۈر دەپ بىلىشىتىكى سەۋەب، نۇرغۇن   كىشىلەردىكى ئاغرىپ قالدىم دېگەن تۇيغۇ ياكى بىتاپلىق ئالامەتلەر پىسخىك ئىجىتىمائىي  ئامىللاردىن كېلىپ چىققان ،بۇنداق كېسەللىك تۇيغۇسى ياكى ئالامەتلەرنى چۈشىنىش ۋە   تۈگىتىشتە، يالغۇز بىئو   مېدىتسىنا ئۇسۇلىنى قوللىنىشقا بولمايدۇ،چوقۇم مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق كېسەللىك تۇيغۇسىنىڭ خۇسۇسىيىتىنى ئېنىقلاپ ، مۇۋاپىق پىسخىك ئىجتىمائىي تەرتىپكە سىلىش تەدبىرلىرىنى قۇللىنىش زۆرۈر. «قەلىب ئارقىلىق قەلىبنى يورۇتۇش « دېگەن بۇ سۆز بۇ مەسىلىنى مۇۋاپىق چۈشەندۈرىدۇ.

    مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىشنىڭ زۆرۈر بولۇشى ، ھەر خىل گەۋدە كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلاردا  تۈرلۈك پىسخىك ئىنكاسلار بولۇپ تۇرغانلىقتىندۇر. مەسىلەن :ئۆسمىسى بارلار كېسەللىك ئاقىۋىتىدىن ئېغىر ھەسرەتلىنىدۇ؛ تاجىسىمان قان تومۇرلۇق يۈرەك كىسىلى بار كىشى توساتتىن يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى بىلەن  ئۆلۈپ كىتىتىشتىن قورقۇپ ،تەشۋىشلىك ئىنكاس پەيد قىلىدۇ. بۇ تۈردىكى پىسخىك ئىنكاسلار يوقىتىلمىسا،كىلىنىك مۇرەككەپلىكى ئېشىپ كېتىپ ، دىئاگنۇز قويۇش ۋە داۋالاشقا پايدىسىزبولۇپلا قالماستىن بەلكى يەنە   كېسەللىك ئەھۋالىنىڭ يامانلىىشىپ كېتىشىگە تۇرتكە بولۇپ قېلىشى ياكى ئويلىمىغان خېيىم-خەتەرلىكىنى كەلتۇرۈپ چىقىرىشىى مۇمكىن .

     مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش رۇھى –جىسمانىي كېسەللىكلەردىمۇ ئاكتىپ رولغا ئىگە. بۇ تۈردىكى كېسەللىكلەر گەرچە گەۋدىدىكى كېسەللىك بولسىمۇ ،بىراق ئۇنىڭ قوزغىلىشى پىسخىك ئىجتىمائىي جىددىيلىككە ۋە فىزىئولوگىيىك پىسخىك سېزىمچانلىققا    ئىگە بولىدۇ. مەسىلەن : تاجىسىمان قان تومۇرلۇق يۈرەك كىسىلى بار كىشىلەر ئىچىدە، نۇرغۇنلىرى ئىلگىرى   تىپلىق ھەرىكەت قېللېپىغا ئىگە بولۇپ، پىسخىك ئىجىتىمائىي  

    جىددىيلىك تەسىرىدە ھەددىدىن كۆپ كاتىخولامىن ئاجىرىتىپ چىقىرىپ ، تاجىسىمان قان تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلىگە بولغان سېزىمچان يۈزلىنىشنى ھاسىل قىلىدۇ.بىراق بۇ خىل تىپلىق ھەرىكەت قېلىپىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ، يەنە مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك تىببىي  مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق يېتەكلەپتەب تەربىيىلەش ۋە ئۆزگەتىش ئىلىپ بارغىلى بولىدۇ،تاجىسىمان قان تومۇرلۇق يۇرەك كىسەللىكىنىڭ ئالدىنى ئىلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا پايدىسى بار.

    مىدىتسىنا پىسخولوگىيسىلىك مەسلىھەت بىرىش ئومومىي مىدىتسىنا،پىسخولوگىيە،ئىجتىمائىيەت،روھىي كىسەللىك ئىلىملىرى ئوتتۇرىسدىكى پەننىي باغلىنىشنى كۇچەيىتتى .بۇ ھەر قايسى پەنلەرنىڭ داۋالاش،پەن تەتقىقات خىزمىتىدە ئۆز ئارا تولۇقلىشىغا پايدىلىق بولۇپ،مىدىتسىنا تەتقىقاتى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۇرۇپلا قالماي،خۇلق-ھەرىكەت ئىلمىنىڭ تەرەققىياتىغىمۇ پايدىلىق بولىدۇ.

    3.دائىرىسى  ئۇنۋىرسال دوختۇرخانىلاردا مېدىتسىنا پىسخولوگىيلىك پىسخىكىلىك مەسلىھەت بىرىش ئوبيېكىتى ئاساسلىقى بىمار ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى .ئۇ ئەسلىگە كېلىۋاتقان ياكى ئەسلىگە كەلگەن بىمارلار،ھەمدە پىسخىك مەسىلىسى بار،تىبي ياردەم  ۋە كۆرسەتمە بىرىشنى تەلەپ قىلغانلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

    ئۇنۋىرسال مېدىتسىنا پىسخولوگيسىلىك مەسلىھەت بېرىش ئارقىلىق ئاساسلىقى تۆۋەندىكى ئون تۇرلۇك بىمارنى بىرتەرەپ قىلىدۇ:

    1.تەشۋىشلىك خاراكتېرلىك توسقۇنلۇققا ئۇچىراش.(ھەر خىل ۋەھىمە كېسىلىنى ئۆز ئىچىگە  ئالىدۇ  ).

    2.خامۇشلۇق كېسىلى.                                                            

    3.ئۇيقۇ توسىقونلققا ئۇچىراش،ئۇيقۇسىزلىق ، كۆپ ئۇخلاش،ئۇخلاۋىتىپ تۇنجۇقۇش،جۆيلۇش،سىيىپ   يىتىش  قاتارلىقلار.

    4.سوزۇلماباش ئاغىرىش،بىراق ئورگانلىق ئاساسى بولماسلىق.                      

    5.سەۋەبى نامەلۇم گەۋدە كېسەللىكى.                                                

    6.مەجبۇرلىنىشلىق نېرۋا كېسەللىكى.                                              

    7.نېرۋا خاراكتىرلىك تاماق خالىماسلىق ۋە ئوپقانلىق.                              

    8.جىنسىي پىسخىكىسى توسقۇنلۇققا ئۇچىراش ،مەسىلەن:جىنسىي تەلەپ سۇسلىشىش،ئەرلىك جىنسىي ئاجىزلىق،سېپىرما بالدۇر كېتىش،ئاياللارنىڭ جىنسىي ئەزاسى مۇزلاپ تۇرۇش ھەمدە جىنسىي ھالەت ئۆزگۇرۇش.                            

    9.ئۇگۇنۇش توسقۇنلىقى،مەسىلەن:  MBD.

    10.گەۋدە كېسەللىكلىرىگە قوشۇلۇپ كەلگەن پىسخىك ئىنكاس ئۇنۋىرسال دوختۇرخانىلار پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىش دارىسى ئادوتتە قۇرۇق خىيال ، خام خىيال قىلىدىغان ۋە خۇلۇق ھەركىتى ئىغىر قالايمىقانلاشقان روھى كېسەللىكلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ،چۇنكى .ئۇنۋىرسال دوختۇرخانىلارنىڭ بۇ تۇردىكى كېسەللەرنى بىر تەرەپ قىلىش شارائىتى ھازىرلانمىغان بولىدۇ.بۇ تۇردىكى كېسەللىكلەر روھىي كىسەللىللەر مەخسۇس بۆلۇمىدە بىر تەرەپ قىلىنىشى زۆرۇر.بىراق مىدىتسىنا پىسخولوگىيلىك مەسلىھەت بەرەگەندە،دەسلەپكى مەزگىلدە ياكى خام خىيال قىلىشى رۇشەن بولمىغان ھالەتتە تۇرغان روھىي كېسەللەر بايقالسا،ئۇلارغا .ئائىلە تاۋاباتلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا روھىي كېسەللىكلەر بۆلىمىدە كۆرۇنۇش تەلىپى بىرىش كىرەك.



    مېدىتسىنا پىسخولوگىيلىك مەسلىھەت بىرىشى تەشكىللەش ۋە جەريانى


    1.خادىم سەپلەش             مېدىتسىنا پىسجولوگىيلىك مەسلىھەت نوقتىلىق ھالدا تىببى ساھەدىكى پىسخىك مەسىللەرنى ھەل قىلغانلىقتىن،ئۇنىڭ ئوبىكتى ئاساسلىقى بىمار ياكى تىببي پىسىخولوگىيە جەھەتتىن ياردەمگە مۇھتاج كىشىلەردۇر.شۇڭا مىدىتسىا زۆرۇر پەيىتتە ئىجتىمائي خىزمەتچى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۇستىگە ئالىدۇ، ھال-ئەھۋالىنى ئيىتقىلى كەلگۇچىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئىجتىمھئىي ئارقا كۆرۇنىشى ئۇستىدا ماس ھالدا تەكشۇرۇش ئىلىپ بارىدۇ،تەنە بىر قىسىم پىسخىكىلىق داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشسىمۇ بولىدۇ،مھسىلەن: كوللىكتىپ پىسخىكىلىك داۋالاش،خىزمەت بىلەن داۋالاش ۋە خۇلۇق ھەركەتلىك داۋالاش قاتارلىقلار.     پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى ئۆتەۋاتقان خادىملار بىر قەدەر مول تىببىي تەجرىبە ۋە پىسخىك ئىجتىمائىي پەن بىلىملىرىنى ھازىرلىشى كېرەك.مەملىكىتىمىزنىڭ مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىنىڭ تەرەققىياتى بىر قەدەر كەينىدە بولۇپ،نۆۋەتتە مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى بىلەن مەخسۇس شۇغۇللىنىۋاتقان خادىملار يەنىلا كەمچىل بولماقتا،مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنىڭ ۋەزىپىسى ۋە تەلىپىگە ئاساسەن،بۇ خىزمەتنى كلىنىك دوختۇرلىرى ،روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى،كلىنىك پىسخولوگلار ئۈستىگە ئالسا ياكى كلىنىك دوختۇرلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ،پىسخولوگىيە خادىملىرى بىلەن تەجرىبىلىك سېسترالاردىن مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىلىرىنى تەشكىللى سە بولىدۇ.   ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىلەر ئەھۋاللىرىنىڭ تۈرلۈك-تۈمەن بولۇشى،مۇناسىۋەت دائىرىسىنىڭ كەڭ بولۇشى،ئۇتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەرنىڭ مۇرەككەپ ھەم كۆپ بولۇشى،كېسەللىك ئەھۋالى بىلەن مۇھىت ئامىلىنىڭ چېتىشىپ بىرگە تۇرۇشى،كېسەللىك ئالامىتى بىلەن ئىدىيىۋى مەسىلىنىڭ ئۆزئارا ئارىلىشىپ كېتىشىدىن قارىغاندا،كونكرېت مەسلىھەت بېرىش ھەقىقەتەن ئوڭاي ئىش ئەمەس.كلىنىك دوختۇرلىرى مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسى جەھەتتىن مۇۋاپىق ئىش قىلىش ئارقىلىقلا بۇ خىزمەتنى ئۆتەپ كېتەلىشى مۇمكىن.   مەسلىھەت بېرىش گۇرۇپپىسىدىكى خادىملارنىڭ ھەر قايسىلىرى مەلۇم جەھەتتىن مۇھىم روللارغا ئىگە بولۇپ،ئىش تەقسىماتى بويىچە ئۆز ئارا ھەمكارلىشىدۇ.   كلىنىك دوختۇرلىرى(روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىدۇر.ئۇلارنىڭ رولى ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەر بىلەن تىببىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ،ئۇلارنىڭ مەقسىتىنى ئېنىقلاش،ئۇلاردىكى پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ خۇسۇسىيىتى،دەرىجىسى،سەۋەبى ھەمدە ئىندىۋىدنىڭ پىسخىك ئالامىتى بىلەن ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشىنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاش،دىئاگنوز قويۇش ۋە بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ،ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنى پىسخىكىلىق داۋالاش،پىسخىك گېگىنا جەھەتتىن يېتەكلەش ۋە زۆرۈر بولغان دورىدا داۋالاش ئېلىپ بېرىشتىن ئىبارەت.   پىسخولوگلار خىزمىتىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ھال-ئەھۋالئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ پىسخىك ئارقا كۆرۈنۈشىنى ئىزدەش،مۇناسىۋەتلىك تۇرمۇش ھادىسىلىرىنى ئىگىلەش،ئۇلاردىكى پىسخىك ئىجتىمائىي تەسىرلىنىشنىڭ كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىگە باھا بېرىپ،تۈرلۈك پىسخىك سىناقلارنى ئېلىپ بېرىش ۋە تۈرلۈك جەدۋەللەرنى ئىشقا سېلىپ بىمارنىڭ كېسەل سېزىمىغا باھا بېرىشتىن ئىبارەت،مەسىلەن: 90-SCL,SAS,SDS، خامتون خا مۇشلۇق كېسىلى جەدۋىلى،خامتون تەشۋىشلىك كېسىلى جەدۋىلى،ئېزنىك ئادەم مىجەز-خۇلقى سۇئالى قاتارلىقلار مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنى زۆرۈر بولغان پىسخىك ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىياللىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.   مەسلىھەت بېرىش مۇھىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇشقا قولايلىق بولۇش ئۈچۈن،مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىدە بىر نەپەر سېستىرا سەپلەنسە بولىدۇ،ئۇ زۆرۈر بويۇملارنى تەقلەپ، باشقا بۆلۈملەر بىلەن بولغان مۇناسىۋتنى ماسلاشتۇرۇپ،زۆرۈر پەيتتە ئىجتىمائىي خىزمەتچى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدۇ، يەنى ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىنىڭ ئائىلىسى، ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈشى ئۈستىدە ماس ھالدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ، يەنى بىر قىسىم پىسخىكىلىق داۋالاش خىزمىتىگە قاتناشسىمۇ بولىدۇ، مەسىلەن: كوللېكتىپ پىسخىكى لىق داۋالاش،خىزمەت بىلەن داۋالاش ۋە خۇلق-ھەرىكەتلىك داۋالاش قاتارلىقلار.   2.كېرەكلىك بويۇملارنى تەقلەش   مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى ئۈچۈن ماس مۇھىت بولۇشى كېرەك.تىنچ،ئازادە داۋالاش ئۆيى ، ئامبۇلاتورىيە مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىنىڭ ئاساسىي تەلىپىدۇر.كۆركەم ھەم كەڭ-كۇشادە بېزەش، ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرگە ياخشى پىسخىك تەسىر بېرىدۇ. ۋاراڭ-چۇرۇڭ مۇھىت ، كونا ئۈستەل-ئورۇندۇق ۋە قالايمىقان بويۇملار مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى ئۈچۈن پايدىسىز.   مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىشتە مەخسۇس خاتىرە بولۇشى كېرەك، ئۇ ئادەتتىكى ئامبۇلاتورىيە خاتىرىسىگە ئوخشىمايدۇ. مەسلىھەت بېرىش خاتىرىسىدە :ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ پىسخىك ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنۈش ماتېرىيالى، مەسلىھەت بېرىش تەلەپ قىلىنغان مۇھىم مەسىلىلەر، پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش ھەققىدىكى تەكشۈرۈش،تۈرلۈك تەكلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر قاتارلىقلار بولۇشى كېرەك، ئۇ زۆرۈر بولغان دورا بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەسلىھەت بېرىش كۆپىنچە كۆپ قېتىملىقنى تەلەپ قىلغاچقا، مەسلىھەت بېرىش خاتىرىسىدە قايتا دىئاگنوز قويۇش ھەققىدىكى مەزمۇنلارمۇ قالدۇرۇلۇشى كېرەك.    پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ خۇسۇسىيىتى ۋە دەرىجىسىنى تېخىمۇ ئوبدان ئىگىلەش، شۇنداقلا ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ پسىخىك ئالامەتلىرىگە ئوبيېكتىۋ باھا بېرىش ئۈچۈن، كېسەللىك ئالامەتلىرىگە باھا بېرىش جەدۋىلى ۋەپىسخىك سىناشنىڭ سۇئاللىرى قوللىنىلسا زور ياردىمى بولىدۇ، بۇنىڭ ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق كۆرۈلۈشى لازىم. بىزنىڭ قارىشىمىز بويىچە 90 تۈرلۈك كېسەللىك ئالامىتىگە ئۆزى باھا بېرىش جەدۋىلى (90-SCL) ،ئۇنۋېرسال دوختۇرخانىلار مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش ئامبۇلاتورىيىسىنىڭ ئىشلىتىشىگە ناھايىتى باب كېلىدۇ، ئۇ دىئاگنوز يىپ ئۇچۇنى كۆرسىتىپ بېرىپلا قالماي، بەلكى كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئېغىر-يىنىكلىك دەرىجىسىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىشتە ياردىمى بولىدۇ. ئۇنىڭدىن قالسا، ئېزنىك مىجەز سۇئاللىرى، خامتون خامۇشلۇق ھەمدە تەشۋىشلىك كېسەللىكلىرى جەدۋىلىمۇ ئىشلىتىش قىممىتىگە ئىگە.   مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى ئۈچۈنمۇ زۆرۈر بولغان تىببىي تەكشۈرۈش قوراللىرى، مەسىلەن: تىڭشىغۇچ، قان بىسىم ئۆلچىگۈچ، چېكىپ تەكشۈرۈش بولقىلىرى تەييارلىنىشى لازىم. گەۋدە كېسەللىكلىرى بىلەن پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىر ۋاقىتتا مەۋجۇت بولۇپ، بەزى ھەقىقىي گەۋدە كېسەللىك ئالامەتلىرى دائىم خاتا ھالدا نەق پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش دەپ قارالغانلىقتىن، داۋالاش مۇددىتى ئۇزىراپ كېتىدۇ. شۇنداقلا ئەستايىدىل تەكشۈرۈش ئۆز ئالدىغا بىماردا مۇھىم پىسخىكىلىق تەسىر قوزغايدۇ. ئەگەر زۆرۈرىيىتى بولسا، ئېلېكتروكاردىئوگرامما، ئېلېكتروئېنسېفالوگرامما ۋە باشقا لابوراتورىيىلىك تەكشۈرۈشلەردىن قايسىلىرى قوللىنىشقا تاللىۋېلىنسا بولىۋېرىدۇ.   دورا تەييارلاش. مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش پىسخىكىلىق داۋالاشنىڭ ياخشى پۇرسىتى بولۇپ، خۇلق-ھەرىكەت بىلەن داۋالاش، ئاددىي سوگىنتىۋ داۋالاش، ئىما-ئىشارەت بىلەن داۋالاش ۋە قوللاپ داۋالاشلارنىڭ ھەر قايسىلىرىنى قوللىنىشقا بولسىمۇ، بىراق دورا بىلەن داۋالاش چەكلەنمەيدۇ. روھىي كېسەللىك دورىلىرى مۇۋاپىق قوللىنلسا بەزى پىسخىك توسقۇنلۇقلارنى ياخشىلاشقا، بولۇپمۇ بىئولوگىيىلىك ئاساسىي بولغان كېسەللىك ئالامەتلىرىنى ياخشىلاشقا دائىم پايدىسى بولىدۇ. ئۆگىنىش ۋە مەشق قىلىش زۆرۈر بولغان خۇلق-ھەرىكەت بىلەن داۋالاش ۋە بىئو قايتا تەسىردە دورا ئىشلەتمىگەن ياخشى.ئۇنۋېرسال دوختۇرخانىلار مەسلىھەت بەرگەندە تۆۋەندىكى دورىلارنى تەييارلاپ قويۇشى كېرەك: خامۇشلۇققا قارشى دورىلاردىن دوكسېپىن، ئامتىرىپتىلىن، سۇلپىرىد؛ تەشۋىشلىككە قارشى دورىلاردىن ياخشى تىنىچلاندۇرغۇچى دىئازىپام، لىبرىئوم؛ روھ قوزغىغۇچى دورىلاردىن رىتالىن؛ روھىي كېسەلگە قارشى دورىلاردىنمۇ ئاز مىقداردا تەييارلاشقا بولىدۇ، مەسىلەن؛ پېرفېنازىن، گلۇفېنازىن، خلورېرومازىن قاتارلىقلار.   3.مەسلىھەت بېرىش شەكلى   بۇ ئادەتتە ئامبۇلاتورىيىدە مەسلىھەت بېرىش، دوختۇرخانا ئىچىدە مەسلىھەت بېرىش، خەت-چەك ئارقىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ مەسلىھەت بېرىشلەرگە ئايرىلىدۇ، بۇنىڭدىن باشقا يەنە تېلېفۇندا مەسلىھەت بېرىش ۋە زىيارەت قىلىپ مەسلىھەت بېرىش قاتارلىقلار بار.   ئامبۇلاتورىيىدە مەسلىھەت بېرىش: ئۇنۋېرسال دوختۇرخانا مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك ئامبۇلاتورىيىدە مەسلىھەت بېرىشنى بەلگىلىك مۇددەت بويىچە يۈرگۈزۈشى لازىم، يەنى ھەپتىدە بىر ياكى بىر نەچچە قېتىم، سۆھبەتلىشىش ۋاقتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشى، مەسلىھەت بېرىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولۇشى ئۈچۈن، ھەر قېتىم تەكشۈرۈلىدىغانلارنىڭ سانى بەلگىلىك چەك ئىچىدە بولۇشى لازىم. ئەگەر ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەر ھەددىدىن ئارتۇق بولسا، ئالدىن تىزىمغا ئالدۇرۇش، سان چەكلەپ نۇمۇر بېرىش ئۇسۇلىنى يولغا قويسا بولىدۇ. پىسخىكىلىق مەسىلىلەر ئالاھىدىلككە ئىگە بولغاچقا، مەسلىھەتچى تىببىي خادىملار ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەر ئېيتقان مەسىلىلەرنىڭ سىرىنى ساقلاشقا مەسئۇل بولۇشى لازىم، ئەمما مەسلىھەت خاتىرىسى جەزمەن مۇكەممەل، ھەقىقىي بولۇشى كېرەك.   دوختۇرخانىدا مەسلىھەت بېرىش: ئىچكى-تاشقى كېسەللىكلەر بۆلۈمى ياكى باشقا بۆلۈملەردىكى بىمارلاردا داۋالاشنى رەت قىلىش، خامۇشلۇق ياكى تەشۋىشلىك ئەگىشىپ كېلىشكە ئوخشاش پىسخىكىلىق مەسىلىلەر كۆرۈلسە، ھەمدە مېڭە ئورگانلىق سىندرومى ھاسىل بولسا، دوختۇرخانا ئىچىدە مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويسا بولىدۇ. ياكى ئۇنۋېرسال دوختۇرخانىلاردا مېدىتسىنا پىسخولوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش دوختۇرلىرى، روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرلىرى، پىسخولوگىيە خىزمەتچىلىرى ۋە باشقا دوختۇرلاردىن تەشكىللەنگەن ‹‹ئالاقىلىشىپ مەسلىھەت بېرىش گۇرپىسىنى>>قۇرۇپ بىماردىكى پىسخىكىلىق مەسىللەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى بىرلىكتە تەتقىق قىلسىمۇ بۇلىدۇ.      خەت-چەك ئارقىلىق مەسلىھەت بېرىش ۋە مەخسۇس سەھىپە ئېچىپ مەسلىھەت بېرىش:گېزىت ژورناللاردا مەىسۇس سەھىپە ئېلىپ مەسلىھەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان خەت-چەكلەر تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە، ئېلانقىلىشقا مۇۋاپىق كىلىدىغان پىسىك مەسىللەرگە جاۋاپ بېرىش، پىسخك گېگىنا بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشتا ئاكتىپ رولغا ئىگە. بەزى خەتلەرگە ئايرىم جاۋاپ قايتۇرسىمۇ  بۇلىدۇ.        چەت ئەللەردە ئۆلىۋېلىش كىرزىسى ۋە باشقا پىسخىك كىرزىسلارنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن  يەنە تېلېفۇندا مەسلىھەت بېرىشنى يولغا قويغان. ھال ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ كىرزىستىن ئۆتۈۋېلىشىغا ھەمكارلىشىش ئۈچۈن، دوختۇرلار دائېم ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرغان ياكى تەكلىپ بەرگەن. ۋاقىت بەلگىلەپ ئامبۇلاتۇريەدە قايتا تەكشۈرتۈپ تۇرغان.مەملىكىتىمىزنىڭ ئەھۋالى ئۇلارنىڭكىگە ئوخشىمايدۇ، بۇنداق ئەھۋاللاردا دائىم روھى كېسەللىكلەر بۆلىمىگە ئەۋەتىلىپ جددى   داۋالاش تەدبىرى قوللىنىلىدۇ.         زىيارە قىلىپ مەسلىھەت بېرىش:مەسلىھەتچى دوختۇنىڭ مەكتەپ، زاۋۇتلارغا بېرىپ نەق مەيداندا كۆزۈتۈش ۋە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ، مەسىللەرنى تېپىپ چىقىپ پىسخك گېگىنا تەكلىپلىرى بىلەن تەمىن ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ.    4.مەسلىھەت بېرىش تەرتىپى      ئامبولاتورىيلىك مەسلىھەت بېرىشتە ئاۋۋال نۇمۇر بىرىلىدۇ، ئاندىن مىدىتسىنا پىسخولوگىيلىك خاتىرە لارتوچكىسى بىلەن ئادەتتە ئامبولاتورىيە كارتوچكىسى تولدۇرىلىدۇ، مەسلىھەت بېرىش باشلانغاندا، ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەگەن كىشى مەسلىھەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئاساسلىق مەسىللەرنى بايان قىلىدۇ، دوختۇر مەسىلنىڭ خارەكتىرىنى ئېنىقلىۋېلىشقا دىققەت قىلىدۇ، شۇندJ دا باھالاپ دەسSCL.90قلا زۆرۈر بولغان گەۋدە ۋە پىسخك تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدۇ ياكى لەپكى دىئاگىنوز چىقىرىدۇ، دوختۇر ياكى مەسلىھەت ەۇرپىسى بىر تەرەپ قىلىش پىرىنسىپىنى بىكىتىدۇ، ئەگەر يەنە ماتىريال توپلاش لازىم بولسا، ھال-ئەھۋال ئېيتقۇچىغا دەپ يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ماتىريال توپلىندۇ.ئەگەر دىئاگنوز ئېنىق، مەسلە ئاددى بولسا، ئۇ ھالدا مەسلىھەت بېرىش پىكرى بېرىلسە بۇلىدۇ. مەسىللىرى بىرقەدەر مۇرەككەپ بۇلۇپ ، سېستىمىلىق داۋالاش ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياقلىق بولسا، ئۇ ھالدا باسقۇچلارغا بۆلۈپ ئېلىپ بېرىلسا بۇلىدۇ.دەسلەپكې تەكشۈرۈشتە داۋالاش پىرىنسىپى ۋە تەلىپى چۈشەندۈرلۈپ،ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىنىڭ ئىشەنچ تىكلىۋېلىشى، غەم-ئەندىشىسىدىن قۇتۇلىشىغا ياردەم بېرىش، ھەمدە بەلگىلك مۇددەتتە تەكشۈرۈپ تۇرۇش ئالدىن بەلگىلىنىشى لازىم. ھەر قېتىم ئامبولاتۇرىيەلىك تەكشۈرۈش ئاياغ لاشقاندا، ئائىلە تاپشۇرۇقى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى كېرەك. دوختۇرخانىدا مەسلىھەت بېرىش تەرتىپى ئادەتتكى كېڭىيشىپ دىئاگىنوز قويۇش بىلەن ئوخشاش. ئەگەر ئۈلۈكسىز كۆپ قېتىملاپ مەسلىھەت بېرىش زۆرۈر بولسا، ئۇ ھالدا مەسلىھەتچى دوختۇر ۋاقىت بەلگىلەپ، بەلگلەنگەن مۇددەتتە بىماربىلەن كۆرۈشۈپ ۋە پىسخىكىلىق داۋالاش ئېلىپ بارىدۇ.


    مېدىتسىنا پىسخولوگىيلىك مەسلىھەت بېرىشتىكى سۆھبەت ماھارىتى


    باپنىڭ 3-پاراگىرافىدا تىببى سۆھبەتنىڭ ئادەتتىكى پىرىنسىپى ھەققىدە مۇزاكىرە ئلىپ  Ⅵ بىز بارغان ئىدۇق، بۇپىرىنسىپلا ئوخشاشلا مېدىتسىنا پىسىولوگىيلىك مەسلىھەت بېرىشكە ماس كېلىۋىرىدۇ، بىراق، مېدىتسىنا پىسىولوگىيلىك مەسلىھەت بېرىشنىڭ مۇناسىۋەتلىك دائىرىسى كەڭ، ئەھۋالى بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغاچقا، مەسلىھەت بېرىش ۋاقتى بەلگىلىك چەكلىمىلىككە ئىگە، شۇ  ڭا ، مەسلىھەت بېرىشتىكى تىببى سۆھبەتنىڭ ئالاھىدىلىكىنى مۇزاكىرە قىلىش زۆرۆرىيتى بار. 1.پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىشتىكى تىببى سۆھبەتنىڭ ئەھمىيتى   مردىتسىنا پىسخولوگىسىلىك مەسلھەت بېرىش ئوبىكتىنىڭ كۆپ قىسمىدا  مەلۇم پىسخىكىلىق مەسلىلەر ياكى پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراش  بۇلدۇ .پسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراشنىڭ خۇسۇسىيتى ،پەيدابۇلۇش سەۋەبى ھەمدە ئۇنىڭ ئىجىتمائىي غونكىسىيسىگە بولغان تەسىرنى ئېنىقلاش ئۈچۈن ،چۇقۇم تىبىبى سۆھبەت ئارقىلىق مۇناسىۋەتىلىك ماتىرياللارنى ئۇمۇميۇزلۇك يىغىپ ،ئاچقۇچلۇك مەسىلىلەرنى قايتا –قايتا ئېنىقلاپ ،پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچراشقا دىئاگۇنۇز قۇيۇش ئۈچۈن ئاساس سېلىش كېرەك، بۇ چاغدا دوختۇر كېسەللىك  تارىخنى يىغىپ ،بىمارنىڭ بەدەن ،پىسخىك ۋە ئىجىتمايى ئارقا كۆرۇنۇشلىرىنى ئۇمۇميۇزلۇك ئېنىقلاپلا  قالماستىن ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە  يەنە سۆھبەت ئۈستىدە بىمارغا قارتا پىىسخىك تەكشۇرۇش ئېلىپ بېرىشى ،ماتىريالىنىڭ توغرا ھەم ئىشەنچىلىك بۇلۇشغا تىرشىىش لازىم .يەنە بىر جەھەتتىن ئالغاندا بۇ چاغدا سۆھبەت  داۋالاش ئەھمىيتىگە ئىگە .دوختۇر سوھبەت ئارقىلىقلا ئۆز ئارا ئىشەنچىكە ئىگە بولغان دوختۇر –بىمار مۇناسىۋىتنى تۇرغۇزالايدۇ،داۋالاشنى باشلىغاندا بۇلۇپمۇ بىمارنىڭ غەم –ئەندىشلىرىنى يوقتۇش،كۆڭىلدىكى كۆڭۇلسىز كەچۇرمىشلىرىنى بايان قىلىپ ،بىمارغا كۈچلۇك روھى يار-يۆلەك بۇلۇش ،بىمارنىڭ كىسەللىك ئۈستىدىن غەلبە قىلىش ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇشغا ياردەم بېرىش لازىم ،بۇ سۆھبەتتە  كۆرسىتلگەن پىسخىك  توسقۇنلۇققە ئۇچراش سەۋەبلىرى ھەمدە كېسەللىك ئالامەتلىرىنىڭ ئۆزگىرىش يىپ ئۇچلىرى، پىسخىكلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللىېۋللىشى ياكى پىسخىك داۋالاش لاھىسىنى تۈزۈشكە  ياردەم بېرىدۇ.شۇڭا مەسلھەت بېرىشىنى باشلىغاندىن تارتىپلا،دوختۇر سۆھبەتنىڭ داۋالاش تەسىرگە دىققەت قىلىشى لاشىم، 2. تىببى پىسىخىكلىق مەسلھەت بىرىشنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك پىرىنسىپلىرى مىدتسىنا پىسىخولوگىسىلىك مەسلىھەت بېرىشتە ياخشى ئۇنۇمگە ئېرشىش ئۇچۇن1)سەۋرچانلىق بىلەن قولاق سېلىپ،كۆڭۈل-كۆكسىدىكىنى تۆكۈشكە ئىلھام بېرىش.تىببىي پىسخىكىلق مەسلىھەت بېرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنۋاتقان دوختۇرلار چوقۇم تولۇپ تاشقان قىزغىنلىققائىگە بولۇشى،كىشىلەرگە ياردەم بېرىشىنى خۇشاللىق دەپ بىلىشى،ھېسىداشلىق قىلغان،دەردىگە يەتكەن ھالدا بىمارنىڭ بايانىغا قۇلاق سېلىشى،ئۆز ئىختىيارى بىلەن بىمارنىڭ سۆزىنى بۆلۈۋەتمەسلىكى لازىم.بۇنداق كۆڭۈل كۆكسىدىكىنى تۆكۈش بىمارنىڭ ناچار كەيپىياتىنى يېنىكلىتىپ،بەلگىلىك داۋالاش ئەھمىيىتىگە ئگە قىلىدۇ.بىراق نۇرغۇنلىغان بىمارلاردا بۇنىڭغائوخشاش كۆڭۈل-كۆكسىنى تۆكۈشكە نىسبەتەن تۈرلۈك گۇمان مەۋجۇت بولۇپ،ئۇلار باشقىلارنىڭ ياراتماي قېلىشى،روھى كېسەل دەپ قارىشى،دوختۇرنىڭ ئەيىبلەشلىرىدىن قورقىدۇ،شۇڭائۇلارنى رىغبەتلەندۈرۈپ،دوختۇرنىڭ ياردەم بەرمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئېيتىش لازىم.كۆڭۈل-كۆكسىدىكى خاپىلىقلارنى تۆكۈش دوختۇرنىڭ ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى ئىگىلىشگە پايدىلىق بولۇپلا قالماي،بەلكى ئۆزىىڭ روھى جەھەتتىكى يۈكىنى يېنىكلىتىشكىمۇ پايدىسى بار.2)پائال قۇۋەتلەپ،ئىشەنچ تۇرغۇزۇش.مۇبادا بىمار كۆڭلىدىكى قايغۇ-ھەسرەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى كۆپلەپ تۆكۈپ بەرسە،دوختۇر ئۇنىڭغا ھېسىداشلىق قىلىشى،دەرد-ھالىغا يېتىدىغانلىقىنى ئىپادلىشى لازىم.شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىسخىكىلق توسقۇنلۇققا ئۇچراشنى مۇۋاپىق باسقۇچلار ئارقىلىق ياخشىلاپ كەتكىلى بولىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا چۈشەندۈرش لازىم.روھى كېسىلىم بارمىدۇ،ئۆلۈپ قالارمەنمۇ،دۆت بولۇپ  قالارمەنمۇ دېگەنلەرگە ئوخشاش،بىمارنىڭ تۈرلۈك خاتا چۈشەنچىلىرى ۋە ئەندشىلىرىگە نىسبەتەن،بىمارنى بايان قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش،شۇنداقلا سەۋىرچانلىق بىلەن قايىل قىلارلىق ئىزاھلاش بېرىلىشى لازىم،زۆرۈر پەيىتتە كۈچلۈك كېپىل بېرىش ئارقىلىق بىمارغا ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنىڭ ماھىيتىىنى تونۇتۇش،ئۈمىدلەندۈرۈپ ئىشەنچىنى تۇرغۇزۇش لازىم.3)ئىزاھلاش مۇۋاپىق بولۇش،ئېھتىياتچانبولۇش.مەسىلىھەتچى دوختۇر مەسلىنىڭ خاراكتېرىنى ئېنىقلىماستىن ئاۋۋال،مەسلىگە ھەرگىز ئاسانلا جاۋاب بەرمەسلىكى كېرەك.دوختۇر ئىلىم-پەن بىلىملىرىگە ئاساسەن،بىمارنى ئۆزى جاۋاپ ئىزدەشكە قاراپ يېتەكلەشكە ماھىر بولۇشى لازىم.ئىزاھات بېرىش قائىدىگە ئۇيغۇن بولۇشى،ئۆلچەمگە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك.ئاددىي ئەپلەپ-سەپلەپ ئىش كۆرۈپ كىشىلەرنى يولغا سالماسلىق،تېتىقسىز سەپسەتىلەرنىىمۇ ساتماسلىق كېرەك.دەرھال جاۋاب بېرىش تەس بولۇپ قالغاندا،بىماردىن يەنىمۇ ئىلگىرلەپ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلشىنى تەلەپ قىلىشقا ياكى پىسخىك سىناق ئېلىپ بېرىشقا،كېلەركى قېتىم قايتىما دئىاگنوز قويۇشقا تىزىملىتىپ قويۇشقا بولىدۇ.4) بىمارغا ھۆرمەت قىلىپ،مەخپىىيەتلىكىنى چىڭ ساقلاش. پىسىخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش دائىم بىمارنىڭ شەخسىي مەنپەئىتىگە،كىشىلەر ئارا مۇناسىۋەتگە،ئەر-خوتۇنلۇق مۇھەببىتىگە ۋە ئىجتىمائىي مەسىللىرىگە بېرىپ تاقىلىدۇ،نۇرغۇن بىمارلار باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ.ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەر ئېيىتقان شەخسىي مەخپىيەتلىكنى مەھكەم ساقلاش،خالىغانچە سۆزلەپ يۈرمەسلىك لازىم.مەسلىھەت بەرمەيدىغان خادىملار سۆھبەتكە قاتناشماسلىقى كېرەك.ئەگەر مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىنمىسا،قانۇنى مەسلىمۇ كېلىپ چىقىدۇ. 3.سۆھبەت قانداق باشلىنىدۇ؟   سۆھبەت باشلانغاندا ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە مەسلىھەت بېرىش تەلەپ قىلغان مەسىلىنى ئېنىقلىۋىلىش بولۇپ ،ئۇ مەسىلىنىڭ خۇسىسيىتى ، تەسىرى، شەكىللىنىش سەۋەبىنى ئۆزئىچىگە ئالىدۇ. چۈنكى بەزى ھال –ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەر تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن سۆز  ئەگىتىش شەكلى بىلەن داۋالىنىش سەۋەبىنى ئېيتىپ بەرگەن. مەسىلەن: خادىم (خادىمە) لار باش ئاغرىقى، ئۇيقۇسىزلىق ھەققىدە مەسلىھەت بېرىشنى تەلەپ قىلدۇ. بىراق خادىم (خادىمە) لارنىڭ  ھەقىقىي مەسىلىسى يەنىلا خىزمەتتىكى قىيىنچىلىق ياكى ئەر-خوتۇن ئىناقسىزلىقى  خادىم (خادىمە) لار مېڭە كېسەللكى  بار –يوقلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈشنى تەلەپ قىلىدۇ، بۇنىڭغا ئەستە تۇتۇش ياخشى ئەمەسلىكىنى سەۋەپ قىلىۋالىدۇ،ئۇنىڭ ھەقىقىي سەۋەبى بولسا خامۇشلۇق كەيپىياتتىن ئىبارەت. بۇنىڭدا دوختۇردىن ئىككى نۇقتىنى ئەستە تۇتۇش تەلەپ   قىلىنىدۇ: بىرى پۈتۈن دىققەت ئېتبارى بىلەن ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرگە بېرىلىپ قاراپ ،ئۆزىنىڭ خادىم (خادىمە) نىڭ بايانىنى ئاڭلاشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش كېرەك . كۆڭۈل بىر جايدا بولماي ،ھال –ئەھۋالىنى ئېيتقىلى كەلگۈچىدە دوختور مەسىلەمگە قىزىقمىدى دىگەن تەسىر قوزغاپ ،كەڭ كۇشادە سۆھبەتلەشمەسلىكتىن ساقلىنىش كېرەك.   ئادەتتە سۆھبەتلەشكەندە ھەر قانداق تاشقى تەسىردىن ساقلىنىشقا دىققەت قىلىش كېرەك. مەسىلەن : سۆھبەتنى توختىتىپ باشقىلار بىلەن پاراڭلاشماسلىق لازىم.دوختۇرنىڭ بىر تەرەپتىن كېسەللىك تارىخىنى كۆرۈپ ،بىر تەرەپتىن ھال –ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنى پاراڭغا     سېلىپ قويۇش ئۇسۇلىمۇ ياخشى ئەمەس،ئەمەلىيەتتە دوختۇر پۈتۈن دىققەت ئېيتىبارىنى سۆھبەتكە قارىتالماي ،مۇھىم ئۇچۇرلارنى چۈشۈرۈپ قويىدۇ،ھال- ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەن كىشىنىڭ تۇيغۇسىمۇ ياخشى بولمايدۇ.ئىككىنجىسى،ئوچۇق سۇئال شەكلى بىر خىل «شۇنداق « ياكى (ئەمەس) سۆزلىرى بىلەن جاۋاب بەرگىلى بولمايدىغان سۇئاللاردۇر.مەسىلەن: بۈگۈن سىز   بۇ يەرگە نېمە مەسىلە .ۈچۈن كەلدىڭىز؟.،قانداق مىجەزىڭىز بولمايۋاتىدۇ؟. ئەگەر باشلىنىشدىلا ياپما سۇئال شەكلى قوللىنىلسا،سۆھبەتنى پاسسىپ قاتمال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇپ،ھەر دائىم نۇرغۇن مۇھىم ئۇچۇرلار ئېتىپ قويىدۇ،ھال –ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىنى ئۆز سۆزى بىلەن ئۆزىدىكلى مەسىلىلەرنى چۈشەندۈرۈش پۇرسىتىنىڭ يوق ھەققىدىكى ھېسياتقا ئىگە قىلىدۇ.مەسىلەن:بېلىكىڭىز تىلىپ ئاغرامدۇ؟ مانا بۇنداق سۇئاللار ياپما سۇئال شەكلى ھېسابلىنىدۇ.   مەسىلىنىڭ دائىرىسى ئېنىق بولۇپ ،مەسىلىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېنىقلىۋىلىش ئۈچۈنئوچۇق سۇئال قويۇش شەكلىنى قوللىنىپ ئىز قوغلىسا بولىدۇ. ئەگەر سۆھبەتلەشكەندە سۆھبەت دائىرىسىنى كېڭەيتىش لازىم تېپىلسا،يەنىلا ئوچۇق سوئال شەكلىنى كۆپ قوللىنىش لازىم.   4.داۋاملىق  سۆھبەتلىشىشنىڭ مۇھىم نوقتىلىرى   1›سۆھبەتلشىشنى بارلىق ئىمكانىيەت بىلەن رىغبەتلەندۈرۈش ۋە ئىلگىرى سۈرۈپ  ھال- ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىدە سۆزلىرىگە دوختۇرنىڭ قىزىقىدىغانلىقى ھەققىدىكى تەسىرىنى قوزغاش كېرەك. ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ سالاھىتىگە ماس كېلىدىغان ئۇچۇق سۇئال شەكلىنى قوللىنىش، باش لىڭشىتىش، يېنىك ماقۇللاش، كۆزىگە بېقىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ھال-ئەھۋال ئېييتقىلى كەلگۈچىنىڭ سۆھپىتىگە نىسپەتەن بىر تۈرلۈك تۈرتكە ھېساپلىندۇ. 2) ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ گەۋدە ھەققىدىكې زارىغا نىسپەتەن نوقتىلىق ھالدا ئۇچۇق سۇئال شەكلىدە سۇئال سوراش كېرەك، بۇكېسەللىك ئالامىتىنىڭ پىسخىك ئىجتىمائىي سەۋەپلىرىنى ئىزدەش. گەۋدە ھەققىدىكى زارىغا كېسەللىكتىن كېلىپ چىققانلىقى ياكى پىسخك سەۋەپلىرىدىن كىلىپ چىققان كېسەللىك سېزىمىدىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىۋىلىشىغا، دارىتمىلاشتىن ساقلىنىشقىمۇ پايدىلىق. 3)        پۈتۈن سۆھپەت ئۇچۇق سۇئا لشەكلىدىن تەدرىقى ھالدا ياپما سۇئال شەكلىگە قاراپ يۈزلىنىش كېرەك . ياپما سۇئال شەكلىنى تولىمۇ بالدۇر قوللىنىش ياخشى ئەمەس، ئۇ ئاساسلىقى مەسىلنى ئايدىڭلاشتۇۋېلىش، سۆھپەت يۆنىلىشىنى كونتورول قىلىش،ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ مۇناسىۋەتسىز مەزمۇنلار ئۈستىدە كۆپ توختىلىشتىن ساقلىنىش جەھەتلەردە قوللىنىلىدۇ. 4)         دىققەتنى ھازىرقى  مەسىللەرگە مەركەزلەشۈرۈش، ئۆتكەن مەسىللەرگە ئېسلىۋالماسلىق. ھازىرقى مەسىلنىڭ شەكىللىنىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆتكەنكى ۋەقەلىكلەرمۇ سۆھپەت دائىرىسىغا تەئەللۇق بۇلىدۇ، ئەلۋەتتە. بىراق ئەگەر ئۆتكەنكى ئىشلار ھەققىدىكې سۆھپەتتە تولىمۇ ئۇزاق توختالسا، ھازىرقى مەسىلنى ھەل قىلىش دەخلى-تەرۈزگە يولۇقىدۇ.     5. تۆۋەندەبايان قىلىنغان ئىقتىدارنى يىتىشتۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈشكە دىققەت قىلىش 1)پىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش، دوختۇرلاردىن ئۇلارنىڭ سۆھپەت ئېلىپ بارغاندا ھال-ئەھۋال ئېېيتقىلى كەلگەنلەرگە ئىپادىلىگەن روھى ئازاپ ياكى كىرىزىسلىرى ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ يىپ ئۇچىغا نىسپەتەن يۇقىرىدىرىجىدە سەزگۈرلىكى بۇلۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇخىل سەزگۈرلۈك پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچىراشقا بولغان پىششىقلىق دەرىجىسى  بىلەن پىىسخىكىلىق مەسلىھەت بېرىش تەجربىسىدىن كىلىدۇ. ئەگەر ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچى كىنوخانىغا بارغان ئىككىلا قېتىمدا قورقۇپ قېچىپ چىققانلىقىنى بايان قىلغان بولسا، ئۇھالدا ئۇنىڭدا دەم سىقىلش ،ئالاقىزادە بۇلۇش،  سەكراتقا چۈشۈپقېلىش سىزىمىى، زىيادە ھاۋا ئالماشتۇرۇش قاتارلىق قورقۇش ئالامەتلىرى قوزغالغان-قوزغالمىغانلىقىنى سوراش لازىم. 2) دوىتۇر ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىنىڭ سۆزسىز ئىما-ئىشارىتىگە بولغان سەزگۈرلۈگىنى  يوقۇرى ككتۈرۈش لازىم.  ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگۈچىدىكى پىسخىك توسقۇنلۇققا ئۇچىراش ئۇنىڭ خۇلق-ھەركىتىدە ۋە چىراي ھالىتىدە ئىپادىلىنىشى مۇمكىن. مەسلەن: خامۇش توسقۇنلۇققا ئۇچىراش، روھى ھالىتى خارەكتىرلىك ئاستابۇلۇش، ئاۋازى پەس بۇلۇش، چىرايىدىن خاپىلىق كۆرۈنۈش، تامىقى ئازلاپ كىتىش جەھەتلەردە كۆرۈلىدۇ. ۋەسىيەتنامەيېزىش ئۆزىنى ئۆلتۈرۋېلىش خەۋپى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. 3)دوختۇرلاردا كۆپسۆز بىمارلارغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى بۇلۇش لازىم. چۈنكى كۆپ سۆز بىمارلار دائىم ھەددىدىن ئارتۇق مۇناسىۋەتسىز ياكى ئۇششاق چۈششەك ماتىرياللار بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇنىڭ دىئاگنوز قويۇشقا پايدىسى بولمايدۇ، ئەكىسچە نۇرغۇن ۋاقىتنى ئسراپ قىلىۋىتىدۇ. دوختۇرلار ئادەتتە مۇۋاپىق ۋاقىتنى تۇتىىۋېلىپ، سۇئال سوراش ئارقىلىق سۆھپەتنى كونتورول قىلىدۇ، بۇچاغدا دوختۇرلار قەتئى بۇلۇپلا قالماي، يەنە ئەدەپلىك بۇلۇشى، بىمارنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىپ قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. 4)مەسلىھەتچى دوختۇرلاردا پىسخىك تەكشۈرۈش ماتىرياللىرىنى ئىگىلەش ئىقتىدارى بۇلۇش كېرەك. بۇخىل ئىقتىدارنى ئوخشاشلا قايتا-قايتا يىتىشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، ھەرگىزمۇ بىركۈندىلا ئىگىلىۋالغىلى بولمايدۇ. مۇرەككەپ پىسخىك ئىجتىمائى ئارقا كۆرۈنۈشلەردىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ماتېرياللارنى تېپىپ چىقىشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك، كېپىكىنى ئايرىپ چىقىرىش، ساختىسىنى تاشلاپ جىڭىنى ئېلىپ قېلىشقا ماھىر بۇلۇش كېرەك، .ئېنىق بولمىغان جايلىرىنى ئېنىقلىۋېلىشقا دىققەت قىلىش لازىم.



    مېدىتسنا پىسخىلوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە مەسىلە


    مېدىتسىنا پىسخىلوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش بىر تۈرلۈك ئىنتايىن مۇرەككەپ ھەم ئىنچىكە بولغان يېڭى خىزمەتتۇر. بۇ جەھەتتىكى تەجىربىلەر ناھايىتى كەمچىل. خەلقنىڭ مېدىتسىنا پىسخىلوگىيىسىلىك مەسلىھەت بېرىش خىزمىتىگە بولغان تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، بىمارلارغا ھەقىقى ياردەم بېرىش كېرەك، مېدىتسىنا پىسخىلوگىيىسىلىك ئامبولاتورىيە خىزمىتىدە تۆۋەندىكى بىر قانچە مەسىلىلەرگە دىققەت قىلىش كېرەك: 1.جانلىقلارنىڭ پىسخىكىسى ئىجتىمائىي تىببىي قېلىپى بويىچە بىمارنىڭ ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەش تىببىي پىسخىكىلىق ئامبۇلاتۇرىيىدە،ھال-ئەھۋال ئېيتقىىلى كەلگەنلەرنىڭ ئەھۋالى خىلمۇ-خىل،تەلاپ قىلغان مەسلىھەت بېرىش ھەققىدىكى مەسىللەرمۇ ناھايتى مۇرەككەپ بۇلىدۇ.دوختۇر ھال-ئەۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەرنىڭ مەقسىىتىنى ئېنىقلىىۋېلىشى لازىم،ئۇلار مەسلىھەت بېرىشنى تەلەپ قىلغان مەسىللەرگە نىسبەتەن فىزولوگىيلىك،پىسخىكىلىق،ئىجتىىمائى جەھەتلەردىن سەۋەپ .ئىزدىگەندىلا مەسىلنىڭ خارەكتىرىنى ئېنىقلىۋالغىلى بۇلىدۇ.مەسلەن :بىمار بىرقانچە ئايلاردىن بۇيان ئىشتىھاسىنىڭ ياخشى ئەمەسلىكى،ھەزىم ياخشى بولمايۋاتقانلىقى توغۇرلۇق مەسلىھەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ،ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭدا يەنە ئۇيقۇسىزلىق ،كەيپىيات ناچارلىق بۇلىدۇ،ۋەھالەنكى بىمار مەلۇم  سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن ( كەيپىيات ناچالىقىنى دوختۇردىن ياردەم سوراشقا تىگىشلىك مەسلە  ئەمەس دەپ قارايدۇ ) تىلغا ئالمىغان، ئەگر بىمارنىڭ ئەۋالى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنمىسە،ئۇنىڭ خامۇشلۇق كىسلىگە بولغان دىئاگنوزىغا سەل قارىلىدۇ. يە ئالايلۇق، بىمار بېشىنى ئاغرىدى دەيدۇ، ۋەھالەنكى ئۇنىڭ ھەقىقىى مەسلىسى ئەر-خوتۇنلۇق مۇناسىۋىتىنڭ جىددىيلىكى بۇلۇپ، بۇتەشېۋىشلىكنى پەيدا قىلىدۇ، باشنىڭ  ئاغرىشى تەشۋىشلىكنىڭ بىرخىل ئىپادىلىنىش شەكلىىدۇر، ئلاھىدە دىققەت قىلىشقا تىگىشلىكى، ھال-ئەھۋال ئېيتقىلى كەلگەنلەردە مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئارقا كۆرۈنىشى بۇلىشى مۇمكىن، ئۇلار  بەزى بىر شىكايەتلەرنى قىلىپ مەسللىھەت بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ،ئۇلارنىڭ ھەقىقى مەقسىتى تىببىي دىئاگنوزدىن پايدىلىنىپ ئۆزلىرىنىڭ قىيىنچىقلىرى ھەمدە گۇناھلىرىدىن پىنھان بولىۋىلىشى، بۇنداق ئەھۋالدا،  دوختۇر ئۆتكۈر كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ساقلىشى، زۆرۈر پەيىتتە مۇناسىۋەتلىك جەھەتلەردە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش لازىم. 2 . ئورگانلىق كېسەلگە  دىئاگنوز  قويۇشنى  ئۇنتۇپ  قېلىشتىن  ساقلىنىش تىببي پىسخىكىلىق ئامبۇلاتورىيەدە، بەزىدە ھەقىقى ئورگانلىق كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارنى كۆرگىلى بۇلىدۇ، بىراق بىمار دورىنىڭ داۋالاش ئۈنۈمىدىن مەمنۇن بولمىغانلىقى ئۈچۈن،     تىببي پىسخىكىلىق ئامبولاتورىيەگە يۆتكىىلىپ مەسلىھەت مەسلىھەت بېرىشنى  تەلەپ  قىلغان       بۇلىشى مۇمكىن، بەزى ھاللاردا بىماردا ئورگانلىق كېسەللەر بولۇپلا قالماي، شۇنىڭ بىلەن بىرگە پىسخىك توسقۇنلۇقمۇ بۇلىدۇ. مەسلەن: بىماردا تاجىسىمان قانتۇمۇرلۇق يۈرەك كېسلى بولىدۇ ،بىراق شۇنىڭ بىلەن


  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;