• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • پايدىلىق روھىي بەدەل تۆلەش
  • ياسىلىشى ئۆزگىچە سىدنىي تىياتىرخانىسى ، قەدىمىي ، نەپىس پارىز بۇۋىمەريەم چېركاۋى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى ئەقىللىق ، ئىجادچانلىققا باي ئارخىتېكتورلارنىڭ بىنا قىلغان ،ئۇلار بۇگۇنكى كۇندە مەۋجۇت بولمىسىمۇ ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرى كېيىنكىلەرگە تارقىلىپ ، ئۇلارنىڭ نامىنى سالنامىلەرگە كېرگۇزگەن . ئارزۇمۇ ئۇلۇغ ئارخىتېكتور ، ھەتتا ئۇلۇغ ئارخىتېكتور .ئارزۇ كىشىلەرنىڭ روھىغا يۇشۇرۇنغان بولىدۇ . ئۇلار گۇمانلارنىڭ شالاڭ ئىس – تۇتەكلىرى ۋە پەردىلىرىدىن بۆسۇپ چىقىپ ، كەلگۇسى ۋاقىتنىڭ تاملىرىنى تېشىپ ئۆتىدۇ . ئۇلار ئىمپېرىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرى ، ئۇلارنىڭ كۈرەشلىرى پادىشاھلىق تاجىدىنمۇ قىممەتلىك ، تەختىدىنمۇ يۈكسەك .

    گۇزەل ئارزۇ دۆلىتىنىڭ زېمىنىدا تاملارغا ئارزۇپەرەسلەرنىڭ قەلبىدىكى سۈرەتلەر سىزىلغان . برونىلانغان ھارۋا چاقى ، پولات چىۋىقلىق قاپقاق ئىزى ، ئۇششاق بۇرما مىخلارنىڭ ھەممىسى ئارزۇ ئارقىلىق ئاسما گىلەم تۇقۇشنىڭ يىپلىرى بوبۇلۇپ ، ھەممىسى ئارزۇ ئۇچۇن ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان . ئارزۇ بىرخىل مەنىۋى رول ، ئۇ ھەمىشە ھەرىكەت ۋە ئىشتىن بۇرۇن بولىدۇ . تام يىقىلسا ئىمپېرىيە ۋەيران بولىدۇ . دېڭىزدا دولقۇن كۆتۇرۇلسە مۇستەھكەم قىيا تاشلار پارچىلىنىدۇ . ۋاقىت دەرىخىدىكى ئۈزلۈكسىز چىرىگەن پادىشاھلىق شاخلىرى قۇرۇپ سولىشىدۇ . پەقەت ئارزۇپەرەسلەرنىڭ ئۆز قولى بىلەن ياراتقان بارلىق نەرسىلىرىلا ساقلىنىپ قالىدۇ .

    فىزىكا بىزنى كەشپىيات يارتىشنىڭ سىلىق دەۋرىگە ئېلىپ كىردى ، روھىيەت ئىلمىنىڭ نەزىرىدە كېمىلەر يەلكەن يېيېشقا باشلىدى . ئارزۇپەرەسلەرنىڭ ئاشكارە مەيدانغا چىقىدىغان دەۋرى يىتىپ كەلدى ، ئۇلار بارلىق ئەقىل – پاراسىتىنى جادى قىلدۇرۇپ ، دۇنيانى مۇكەممەللەشتۇرۇپ ، مەنىۋىيەتتە شەكىللەنگەن مۇددىئالارنى ئەڭ ئاخىر بىز ئىگە بولغان رېئاللىققا ئايلاندۇرۇپ ، بىزنى چۈش كەبى رېئاللىق ئىچىدە ياشنىتىدۇ .

    1.كەم كۆرۇلدىغان ، ئالاھىدە ئىشلارنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلارنى شەرھىلەش ئىلىم پەن تەرەققىياتىنىڭ يۈزلىنىشى ، شۇنداقلا جەمىئەتنىڭ ئىلگىرلەش تەلىپى . ئۇ خۇددى ماگىنىت ئىستىرېلكىسى بار كومپاسقا ئوخشاش ئىلىم – پەننىڭ پۇتكۇل بايقاشلىرىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ .

    2.يەرشارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسسىقلىق ئېنىرگىيەسىنىڭ ھەرىكىتى يانار تاغلارنىڭ پارتىلىشىنى كەلتۇرۇپ چىقىرىدۇ . چاقماق ئادەتتە ئۆزگىرىپ تۇردىغان ئانئورگانىك دۇنيادىكى ئۇششاق ئېنېرگىيەلەرنى نامايەن قىلىپ بېرىدۇ . بۇ تاسادىپىي ھادىسىلەرنى ئومۇملاشتۇرۇش ئارقىلىق بىز مۇنداق خۇلاسىگە كىلىمىز : يەرشارىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنىڭ ھەركىتى يەر شارىنىڭ سىرتقى يۈزىنى ھازىرقىدەك قىياپەتكە كەلتۇردى ، چاقماق توكنى بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كىردى .

    3.ئارخېئولوگلار سىبىرىيەدىن غايەت زور چىشنى بايقىدى ، ئۇنىڭغا ئىلگىرىكى يىللارنىڭ ئۆزگىرىشى خاتىرلەنگەنىدى ؛ گېئولوگلار يەر شارىنىڭ چۇڭقۇرىدىن بايقىغان بىرپارچە تاشقاتمىسى ، بىزگە بۇگۇنكى تۇرالغۇمىزدىكى تاغ ، دەريالارنىڭ مەنبەسىنى دەپ بەردى .

    4.ئىندوكسىيە ئۇسۇلى ئەقلىي خۇلاسە بىلەن تەجىربە ئاساسىغا قۇرۇلغان ئىلمىي مېتودولوگىيە ، ئۇ خۇراپاتلىق ، قائىدە ، يۇسۇن ۋە ئۆرنەكلەرنى بۇرۇۋەتتى .ئىندۇكسىيە ئۇسۇلى ئوپېراتسىيە پىچىقىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ كاللىسىدىكى تار بىرتەرەپلىمە قاراشلار ، چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ كەتكەن قاتمال نەزەرىيەلەرنى چىقىرىپ تاشلايدۇ ، ئەڭ ئۆتكۇر كىنايە سۆزلەرنى ئىشلىتىشتىنمۇ بەكرەك ئۈنۇم بىرىدۇ .

    5.پەن – تېخنىكىنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى كۆتۇرلۇشى كۆپ ھاللاردا ئىندوكسىيە ئۇسۇلىنىڭ كىشىلەرنىڭ نەزىرىنى مەۋھۇم ئالەمدىن رېئال دۇنياغا ئېلىپ كىرىپ ، زوراۋانلىق ئارقىلىق كىشىلەرنى بىلىمسىزلىككە مەجبۇرلىماستىن ، كىشىنى ھەيران قالدۇردىغان تەجىربىلەردىن ئۆتكۇزۇلگەنلىكىگە ؛ بىزنىڭ كاللىمىزدىكى قاتمال چۈشەنچىلەرنى مۇبالىغا قىلماستىن ، ئەڭ يېڭى كېرەكلىك بايقاشلارنى ئاممىغا جاكارلىغانلىقىغا مەنسۇپ ، 300 نەچچە يىل بۇرۇن باكون كىشىلەرگە بۇنداق ئىندوكسىيە ئۇسۇلىنى پۇتۇن كۈچى بىلەن تۇنۇشتۇرغانىدى ، چۇنكى بۇخىل كۈچ ئۇنىڭ كەشپىيات ئىقتىدارىنى ياراتقانىدى .

    6.مەيلى بىپايان ئەدەبىيات بوشلۇقى ياكى كەسكىن ماتېماتىكا دۆلىتى بولسۇن ، مەيلى مەزمۇنى كەڭ ئىجـتىمائىي پەن ياكى مىكرو دۇنياغا ئىركىرلەپ كىرگەن ھۇجەيرە ئىلمى بولسۇن ، بارلىق پەن ساھەلىرىدە ئىندوكسىيە ئۇسۇلىنىڭ ئىزنالىرى بار ، يىڭى دەۋىر بەخىش ئەتكەن يېڭى كۆزىتىش ۋاستىلىرى ئاستىدا بۇ خىل ئۇسۇل يەنە سەل قارالماي ، زور ئۈنۇملەرنى يارىتىۋاتىدۇ .مانا بۇ ئىندوكسىيە ئۇسۇلىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتى ۋە دائىرسىدۇر .

    7.تومۈرنىڭ سوقۇنى مىنوتىغا 70 قېتىمدىن تۆۋەن بولىدۇ . بۇ قانۇنىيەت ئىندوكسىيە ۋە ئەىلىي خۇلاسە ئارقىلىق يەكۈنلەپ چىقىرىلغان . ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن بولۇشى ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىنى بۇزىدىغان كېسەللىكلەرنىڭ بۇيسۇندۇرۇلغانلىقىدىن بولىدۇ ؛ يەردىن چىقىدىغان مەھسۇلاتلارنىىڭ كۆپىيىشى كىشىلەرنىڭ جانلىقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش قانۇنىيىتىنى بىلگەنلىكىدىن بولىدۇ ؛ سىرتقا چىقىپ ساياھەت قىلىشنىڭ قۇلايلىق بولۇشى قاتناش قۇراللىرىنىڭ ئىلغارلىقىدىن بولىدۇ . قەدىمكى دەۋىردىكى كىشىلەر ئۆتۇشكە ئامال بولمايدۇ دەپ قارىغان دەريالارنىڭ ئىككى قىرغىنى ئوتتۇرسىدا ئالاقە بولدى ، نەزىرىنى قاراڭغۇلۇققا تىككەن ئىنسانلارنىڭ نەزەر دائىرسى زور دەرىجىدە كېڭەيدى ، كىشىلەر خاتىرجەم ھالدا دادىللىق بىلەن دېڭىزنىڭ چوڭقۇر جايلىرىدىكى يەرشارىنىڭ ئۆڭكۈرلىرىگە شۇڭغۇيالايدۇ ، ئەركىن ھالدا ئېگىز ئاسماندا ئۇچالايدۇ ، ھازىر بىزگە نىسبەتەن ھېچقانداق توسالغۇ يوق .

    8.بارلىق ۋاستىلىك ۋە بايلىقلاردىن پايدىلىنىپ يەككە گەۋدىنىڭ ئىشلىرىنى ئىنچىكە ، سەۋرچان ، توغرا كۆزىتىش ئىندوكسىيە ئۇسۇلىنىڭ ئالدىنقى شەرتى ، ئىنسانلارنىڭ ئىلمىي نەتىجىلىرى زور ، بىز بۇ پاكىتلار ۋە تەلىملەرنى يۈرىكىمىزنىڭ چۇڭقۇرلىرىدىن تونۇپ ، بۇ ئارقىلىق ئومۇمىيۇزلۇك قانۇنىيەتنى خۇلاسىلەپ چىقىشىمىز كېرەك .

    9.فرانكلىن چاقماقنىڭ پىرىنسىپى ۋە ئېلېكتىروماتوردىن چىقىدىغان ئوت ئۇچقۇنلىرىنىڭ سەۋەبلىرىنى ئىزدەپ باتۇرلۇق بىلەن گۇلدۇرمامىلىق قاتتىق يامغۇردا تۇرغان ؛ نيوتون ئالمىنىڭ نېمە ئۈچۈن ئاسمانغا چىقىپ كەتمەي يەرگە چۈشۈپ كېتىدىغانلىقىدىن ئىبارەت مەسلىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن قايتا تەجىربە ئىشلىگەن ۋە ئىزدەنگەن . ئۇلار بىزنىڭ ئۇگىنىش ئۇلگىمىزدۇر .

    10.بىز ئۆزىمىز كۆرۇشنى ئۈمىد قىلدىغان ئىشقا دىققەت قىلالمىساق ، ئۆزىمىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان نەرسىلەرگە سەل قارايمىز . ئىلىم – پەننىڭ بۇ قاتلامدىكى قۇرۇلۇشى ئىنتايىن ھەيۋەتلىك ، ئۇ كەڭ ، مۇستەھكەم ئاساسقا يىلتىزلاشقا مۇھتاج .بىز ئومۇمىيۇزلۇك ، مۇستەھكەم ئىلگىرلەش ئۇمىدىمىز ئاساسىدا ، ئۆزىمىز ئېتراپ قىلغان ھەقىقەتنىڭ قىممىتى ئاساسىدا بىتەرەپلىمە قاراشلارنىڭ بىزگە سەل قاراش ياكى ھالاكەت ئېلىپ كىلېشىدەك خەيرىيەتسىز ئىشلارغا يول قۇيمايمىز . چۈنكى ، ئاشۇ مۇھىملىقى ھەممىنى بېسىپ چۇشۇدىغان پاكىتلار دەل كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى كۆزىتىشكە سەل قارىغىلى بولمايدىغان ھادىسىلەردۇر .

    11.بۇ كۆپ مەنبەلەشكەن جەمىئەت كۆپ مىقتاردىكى مۇرەككەپ ئۇچۇرلار بىلەن توشۇپ كەتكەن . بۇنىڭغا قەتئىي ئالدىنىپ قالماسلىق ياكى بىزار بولماسلىك كېرەك ، نۇرغۇن پاكىتلارنىڭ تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى چۇشەندۇرۇشىتىكى ئەھمىيىتىنىڭ قىممىتى ئوخشاش بولمايدۇ ، كۆزىتىش ئارقىلىق بىز تېخىمۇ كۆپ ماتىرياللارنى يىغىپ ، ئىندوكسىيە ئۇسۇلىنى ئىشقا سېلىپ ھەر بىر پاكىتقا نىسبەتەن تاللاش ، تاسقاش ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك .

    12. بىز ياشاۋاتقان سەييارە شۇقەدەر كەڭكى ، دائىم بەزى غەلىتە ، ئادەمنىڭ چۇشۇنىشىگە قۇربى يەتمەيدىغان ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ . ئەگەر بىز كەينىگە چىكىندۇرۇلۇپ ، تەبىئەتتىن ھالقىغان بۇ ھاسىدىلەرنىڭ مۇداخىلسىنىڭ نەتىجىسىنى تىلغا ئالساق ، بۇ ھادىسىلەر بىزگە نىسبەتەن مەڭگۇ سىر بولۇپ قالىدۇ .ئەگەر بىز ئىدىيە ئىجادچانلىقىدىن پايدىلىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارساق ، ئەمەلىيەتتە بارلىق ئادەتتىن تاشقىرى ھادىسىلەرنى ئىلىم – پەن ئارقىلىق چۈشەندۇرگىلى بولدىغانلىقىنى بايقايمىز . تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بولغان ئىلمىي چۇشەندۇرۇش بىزگە تەبىئەتتىن ھالقىغان ھادىسە ھېسابلىندىغان ھېچقانداق ئىشنىڭ بولمايدىغانلىقىنى بىلدۇرىدۇ .

    13.سەۋەب – نەتىجە مۇناسىۋىتى قائىدىسى ھەرقانداق ئەھۋالدا ، ھەرقانداق جايدا ئىشلىتىلىدۇ . بارلىق ھادىسىلەرنىڭ يۈز بېرىشىدە ئۆزلىرىنىڭ سەۋەبى بولىدۇ ، بۇنداق سەۋەپ چوقۇم مەلۇم مۇھىم قانۇنىيەت ياكى پىرىنسىپ بۇلۇپ ، مەيلى بىز ئېتراپ قىلايلى ياكى ئىنكار قىلايلى ، ئۇ مۇقەررەر توغرا ، باشتىن ئاخىر بىردەك بولىدۇ .

    14.شەيئىلەرنىڭ ھەرىكەت قىلىىشىدىكى ئاساسىي قانۇنىيەتلەرنى تېخىمۇ ئاسان بايقان ئۈچۈن بىز دىققىتىمىزنى تارتىدىغان ھەرقانداق بىر ئىشنى ئىنچىكە تەپەككۇر قىلىشىمىز كېرەك . شۇنىڭ بىلەن بىز مەيلى ماددا بولسۇن ، روھ بولسۇن ياكى قەلب بولسۇن ، ئىدىيەنىڭ ئىجادچان كۈچى بارلىق كۈچۇرمىش ۋە كەچمىشلەرنى چۇشەندۇرۇپ بېرەلەيدىغانلىقىنى بايقىيالايمىز .

    15.ئىلىم – پەننىڭ كەڭ زېمىندا بىز خالىغانچە ئېلىسپېدىيسىيە قىلساق بولىدۇ ، كېرىشكە روخسەت قىلىنمايدىغان ( چەكلەنگەن رايون ) يوق ، بىزنىڭ بىلمەسلىكىمىز بىھاجەت بولغان ھېچقانداق نەرسىمۇ يوق . يېڭى چۇشەنچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلسا قارشىلىققا ئۇچىرسىمۇ ، بۇ قارشىلىق سادالىرى تىلغا ئېلىشقا ئەرزىمەيدۇ . كولۇمبۇ ، دارۋىن ، گاللىي ، بىرونلارمۇ مۇشۇنداق مەسخىرە قىلىشلار ، ھەتتا ئېچىنىشلىق قىيىن – قىستاقلارنى باشتىن كەچۇردى ، بىراق ئۇلارنىڭ تەلىماتى ۋە كۆز قارىشى ئاخىر يەنىلا كىشىلەر تەرپىدىن ھەقىقەت سۈپىتىدە ئېتراپ قىلىندى .

    16.ئىدىيە مەنىۋى ھالەتنىڭ رەھبىرى ، قانداق ئىدىيە بولسا شۇنىڭغا لايىق مەنىۋى ھالەت پەيدا بولىدۇ . ئەگەر بىز كېسەللىكتىن ئەنسىرىسەك ، كېسەللىكتىن ئىبارەت بۇخىل ئوي مۇقەررەر نەتىجىگە ئايلىنىدۇ . بۇنداق ئىدىيە شەكلى كۆپ يىللار جاپالىق يوققا چىقىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ساغلاملىق بىزدىن يىراقلىشىو كېتىدۇ .

    17.كونىلاردا ھەممە ئىش ئۆزۇڭگە باغلىق دىگەن گەپ بار . ئوينى ئېھتىياجلىق ئەھۋالغا مەركەزلەشتۇرۇپ ، بۇخىل ئەھۋالنى قۇزغىتىپ ، ماس تىرىشچانلىق كۆرسەتكەندە بۇخىل ئەھۋالغا تۇرتكە بولغىلى بولىدۇ . ئەڭ ئاخىر ، بىزنىڭ ئۆز ئارزۇيىمىزنى ئىشقا ئاشۇرىشىمىزغا ياردەم بېرىدىغان كەچمىش بار بولىدۇ . ئەگەر سىز ئۆزىڭىزنىڭ بىر بايغا ئايلىنىشىنى ئۇمىد قىلىپ ، مۇشۇنى نىشان قىلسىڭىز ، چوقۇم ھەقىقىي بايغا ئايلىنالايسىز .

    18.بەخىت – سائادەت ۋە ماسلىشىشچانلىق بارلىق كىشىلەرنىڭ ئارزۇسى ، پۈتكۇل ئىنسانىيەتنىڭ ئارزۇسى ، شۇنداقلا ھەربىر ئادەمنىڭ ئىنتىلىشى ، ئورتاق ئارزۇ بىزنى باغلايدۇ . ئەگەر بىز باشقىلارنى بەخىت شادلىققا چۆمدۈرەلىسەك ، ئۆزىمىزمۇ ھەقىقىي بەخىتنى ھېس قىلالايمىز .

    19.ساغلاملىق ، كۈچ – قۇدرەت ، دوستلۇق ، ئادەمنى خۇشال قىلدىغان كەچمىشلەر دۇنيانىڭ بىزگە بەرگەن سوۋغىسى ، دۇنيا بىزگە بېرىدىغان بارچە نەرسىلەرنى ئىگىلىيەلىسەك ھەقىقىي بەخىتكە ئېرشىمىز .

    20.ئالەم روھى ئەڭ ئۇلۇغ ياراتقۇچى بولۇپ ، ئۇ بارلىق ماددىلارنىڭ مەنبەسىدۇر . بىز كۈللى شەيئىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىغا ئىگە قىلدىغان ، خالىساق ، ئىنتىلىشىمىز بولسىلا بارلىق ئارزۇلارنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز .

    21.ھەممە نەرسىنىڭ رېئاللىشىشى ئىشقا ئاشۇرۇشنى مەنبە قىلىدۇ . ئەگەر بىر بالا شىرغا مۇناسىۋەتلىك تەسرىۋلەر بايان قىلىنغان نۇرغۇن كىتابلارنى ئوقۇغان ، ئەمما ھەقىقىي شىرغا يىقىنلىشىپ باقمىغان بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ بىر كۈنى شىر بىلەن ئۇدۇلمۇ ئۇدۇل كېلىپ قالغاندا ، ئۇچراتقان نەرسىنىڭ كىتابتا سۆزلەنگەن ئادەم يەيدىغان ياۋايى مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ .

    22.ئىدىيە سەۋەب ، شارائىت نەتىجە ، شۇڭا ، تۈرلۈك پايدىلىق ئىدىيەلەرنى ، مەسلەن ، جەسۇرلۇق ، ھاياجان ، ساغلاملىقنى سەرىپ قىلغاندا مۇناسىپ نەتىجە چوقۇم بولىدۇ . تەبىئەت قانۇنىيىتى ئىنتايىن ئادىل بولۇپ ، ھەربىر ئادەمنىڭ ئېرىشىدىغىنى پۇتۇنلەي ئۆنىڭ سەۋەپ قىلغىنىغا ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ .

    23.ئىدىيە مەنىۋىيەت دۇنياسىدىكى ئەڭ جانلىق ، ئەڭ .ئىجادچان تەركىب ،بىراق ،ئاڭلىقلىق ، سىستېمىلىشىش ، قۇرۇشچانلىقنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىسا ، ھېچقانداق نەرسىنى ياراتقىلى بولمايدۇ . مانا بۇ خام خىيال بىلەن قۇرۇشچان ئىدىيەنىڭ پەرقى ، خام خىيال ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۇزۇپ ، زېھنىي كۈچنى خورىتىدۇ ، قۇرۇشچان ئىدىيە يېڭىلىق يارتىش ۋە ئىجداىيەتتىن ، مۇۋەپپىقىيەتتىن دېرەك بىرىدۇ .

    24.ۋۇجۇدىمىز دۇچ كېلىدىغان بارلىق كەچمىشلەر تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ . شاد خورام ئاڭلا بىر – بىرىنى جەلب قىلىپ ، ناخوش ئويلارنى ئەڭ زور كۈچ بىلەن چىقىرىپ تاشلايدۇ . شۇڭا ، يېڭى ئەھۋال ئاستىدىكى يېڭى تەلەپكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئاڭدا يېڭى ئەھۋاك ئاستىدىكى يىڭى تەلەپكە ماسلىشىش ئۈچۈن ئاڭدا ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى كېرەك ، ئاڭدا ئۆزگىرىش يۈز بەرگەندە بارلىق ئەھۋاللار ئۆزگەرگەن ئاڭغا لايىقلىشىپ پەيدىنپەي ئۆزگىرىدۇ .

    25.ئالەمدىكى ماددىلار ھەممە يەردە مەۋجۇت ، ھەممىگە قادىر ، ھەممىنى بىلىدۇ . كائىنات روھىنىڭ چەكسىز ئېنېرگىيەسى ۋە چەكسىز ئەقىل – پاراسىتىنى بىلىش ئارقىلىق ئۆزىمىزنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ ياخشى قۇغدىيالايمىز . بۇخىل شەكىل ئارقىلىق بىز چەكسىز كائىنات روھىنى ئىشقا سىلىپ ، ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز .

    قەلىبنى تاۋلاش

    بىز بۇ ساۋاق ئارقىلىق يەككىلىكنىڭ بىر پۈتۈنلۇكنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكى ، ماھىيەت ۋە خۇسۇىيەت جەھەتتە پۇتۇنلەي ئوخشاش ئىكەنلىكى ، ئۈزلۇكنىڭ ئۇلۇغ بىر پۈتۈنلۇكنىڭ ئايرىلماس بىر تەركىبىي قىسمى ئىكەنلىكىنى بىلىۋالدۇق . ماھىيەت ، تۇر ۋە خارەكتېر جەھەتتە پەرۋەردىگارنىڭ سىز ۋە باشقىلارغا ئاتا قىلدىغىنى پەرىقسىز بولىدۇ ، مەۋجۇت بولۇش ئېھتىماللىقى بولدىغان بىردىنبىر پەرىق سەۋىيە جەھەتتىكى پەرىقتۇر .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;