• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • ئىدىيە تېررېتورىيەيىڭىزنى قۇغداڭ
  • بۇگۈنگىچە ئۈزلۇكسىز ئۇگىنىش جەريانىدا بىز پەيدىنپەي ئىدىيەنىڭ ماھىيەتتە بىر يۇقىرى دەرىجىلىك مەنىۋى پائالىيەت ئىكەنلىكى ،ئۇنىڭ ئىنسانلاردا تەسەۋۋۇردىن ھالقىغان ئىجادىيەت ئىقتىدارىنى ھازىرلىتىدىغانلىقى ، ھەتتا بۇنداق ئىجادىيەت ئىقتىدارىنىڭ قىسمەن ئىدىيەلەر بىلەن چەكلىنىپ قالماي ، پۈتكۈل ئىدىيەلەرنىڭ ئورتاق نەتىجىسى ئىكەنلىكىنى چۇشەندۇق . شۇڭا ، بۇ قانۇنىيەت ( رەت قىلىش ، ئىنكار قىلىش ) پىسخىكىسى جەريانىغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ ، بىزگە تېخىمۇ پاسسىپ ئامىللارنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە تەسىرىنى ئېلىپ كېلىدۇ .

    ئادەمنىڭ ھەرىكىتى بىلەن مەنىۋىيىتىنىڭ باغلىنىشى ئىككى باسقۇچ _ئاشكارە ئاڭ ۋە يۇشۇرۇن ئاڭ ئارقىلىق بولىدۇ ، ئاشكارە ئاڭ بىلەن يۇشۇرۇن ئاڭنىڭ مۇناسىۋىتى بىز ئادەتتە كۆرۇپ تۇرىدىغان شامال كۆرسەتكۈچ بىلەن ھاۋا رايىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايدۇ . شامال كۇرسەتكۇچ ئاتموسفېرادا مەلۇم ۋاقىت ، مەلۇم مەزگىلدى يۈز بىرىدىغان ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەرنى ئاددىي ، تۇغرا ئىپادىلەپ بېرەلەيدۇ ، شۇنىڭدەك ئادەمنىڭ يوشۇرۇن ئېڭى بىلەن ئاشكارە ئېڭىنىڭ ھەرىكىتىمۇ مۇشۇ خىلدىكى مۇناسىۋەتتۇر . ئاشكارە ئاڭدا ئۆزگىرىش پەيدا بولغاندا ، يوشۇرۇن ئاڭمۇ ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى ، ئۆزگىرىشىگە باقىدۇ . ئۇلارنىڭ ئادەمنىڭ پىسخىك تۇيغۇسىدا پايدا قىلدىغان تەسىرى ئوخشاش بولىدۇ ، تەسىرىنىڭ چوڭقۇرلۇق ياكى كۈچلۈكلۈك دەرىجىسىدىن ئېيىتقاندىمۇ شۇنداق بولىدۇ .

    شۇڭا بىز ئادەمنى تىت – تىتلىق ، ئىچى سىقىلىش ، ئۈمىدسىزلىك قاتارلىقلارغا باشلايدىغان سەلبىي ھېسياتلارغا دۇچ كەلگەندە ، مۇشۇ سەۋەبتىن قارشى تۇرساق ياكى ئىنكار قىلساق ، بۇ چاغدا بىز ئىدىيەدىكى ئىجادىي كۈچنى تويماستىن ئاجىرتىپ چىققان بولىمىز ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار بىزنىڭ ئىدىيەمىزدىن يۇقىلىدۇ ، ھەتتا ئىجادچانلىقمۇ قايتا قۇزغىتىلالمايدۇ ياكى يېڭىسىغا ئالمىشالمايدۇ .

    بىز غۇنىڭغا ئىشەنسەك بولىدۇ ، ئىنساننىڭ تەپەككۇرى ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھەرىكىتىنى كونتىرۇل قىلىدۇ . شۇڭا ، بىز ئادەمنى ئېچىندۇردىغان ، ئۈمىدسىلەندۇردىغان ئەھۋالغا يۇلۇققاندا ، باشتىن – ئاخىر شۇنىڭغا غەرىق بۇلۇپ كېتىشىمىزمۇ ئىشلارنىڭ ماھيىتىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش پەيدا قىلالمايدۇ . ئالايلۇق ، بىر تۈپ دەرەخ يىلتىزى ئېلىۋىتىلگەندە بىر مەزگىل ياپيىشىل ھالىتىنى ساقلاپ قالالىسىمۇ ، ئۇزاق ئۆتمەي ئاستا – ئاستا قۇرۇپ ئۆلىدۇ . دېمەك ، ئادەمنىڭ ئىدىيەسىمۇ شۇنىڭغا ئوخشايدۇ ، بىز پاسسىپ ياكى سەلبىي كەيپىياتلاردىن ئۆزىمىزنى ھەقىقىي قۇتقۇزۇپ چىقساق ، ئەلۋەتتە ئاستا – ئاستا بۇخىل ئىدىيەۋى كەيپىيات بىلەن خوشلىشىمىز .

    بۇ بىزنىڭ كۆزىمىزگە كۆنۈپ قالغان بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇللىرىدىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ . پەيدا قىلدىغان نەتىجىسىمۇ زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ . ئارىمىزدىكى نۇرغۇن كىشىلەر ئۆزىنىڭ دىققىتىنى داۋاملىق ، ئۈزلۇكسىز ھالدا ئۆزى قانائەت قىلمىغان ئەھۋاللار ياكى ئىشلارغا قارىتىدۇ . ھالبۇكى ، بۇخىل زىھنىنى مەركەزلەشۇتۇشتە ناچار ، پاسسىپ كەيپىيات ئىدىيەمىزدە زور دەرىجىدە جارى بولىدۇ ۋە ئۇزاققا سوزۇلىدۇ . مۇشۇ تۇپەيلى ئۇلار ھاياتىي كۈچىمىز ۋە ئېنېرگىيەمىزنىڭ يۇقىلىشىنى تېزلەشتۇرىدۇ .

    1.كۈللى شەيئىلەرنىڭ سەۋەپ – نەتىجىسى بولىدۇ ، ئالەم چەكسىزدۇر . ئالەمنىڭ ئۆزى بارلىق ھەرىكەت . نور ، ئىسسىقلىق ، رەڭنىڭ مەنبەسى ، شۇنىڭدەك ئۇ يەنە بارلىق ئىشلار پەيدا قىلدىغان ئەڭ ئاخىرقى نەتىجىنىڭ سەۋەبكارى ، بىز ئالەمدىكى ماددىلار ئىچىدىن بارلىق كۈچ – قۇدرەت ، ئەقىل – پاراسەت ۋە قابىلىيەتنى تاپالايمىز .

    2.بىز ئاستا – ئاستا بۇنداق ئەقىل پاراسەتنىڭ تەپەككۇر قانۇنىيىتىنى پىششىق تونۇپ ئىگىلەيمىز ھەم ئاستا – ئاستا ئىنساننىڭ مەنىۋى ماھىيىتىنىڭ قانۇنىيەتلىكلىكىنى تونۇيمىز ، ئۇ بىزگە كۈللى شەيئىلەر ، يەنى ئالەمنى تونۇتۇش بىلەن بىللە ، ئىستىخىيەلىك ھالدا ئۆزىمۇ بۇ خىل خۇسۇسىيەتكە ماسلىشىپ ، ماسلىشىشچانلىق ، بىردەكلىككە يېتىدۇ .

    3.ئەقىل – پاراسەت ئادەمنىڭ مېڭىسىدىلا مەۋجۇت بولمايدۇ . ئىنساننىڭ ئەقىل – پاراسىتى ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە مۇراجىئەت قىلغاندا ، بىز ئىنسان ئەقىل – پاراسىتىنىڭ ئېنېرگىيە ۋە ماددىغا ئوخشاش ھەممە يەردە مەۋجۇت بولدىغانلىقىنى چۈشىنەلەيمىز .

    4.نۇرغۇن ئادەملەر _ سىزمۇ شۇنىڭ ئىچىدە _مۇنداق سورىشى مۇمكىن:بۇ ئاساسىي پىرىنسىپنىڭ تۇغلىرىقىنى قانداق قىلغاندا ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ ؟نېمە ئۇچۇن بىز رېئال تۇرمۇشتا بۇخىل كۆز قاراش ياكى تەپەككۇرغا تايىنىپ ئۆزىمىز ئۇمىد قىلغان تىلەككە ياكى نەتىجىگە يېتەلمەيمىز ؟ بۇنىڭ سەۋەبى ئىنتايىن ئاددىي ، بىز ئېرىشمەكچى بولغان بارلىق نەتىجىلەر بىزنىڭ بۇ كۆز قاراشنى ھېس قىلىش ۋە مەشغۇلات قىلىش دەرىجىمىز بىلەن باغلىنىشلىق . بىزنىڭ بۇنى تۇنۇپ ، ئىگىللىشىمىز ئومۈميۈزلۇك ، چوڭقۇر بولسا ، ئۆزىمىز يەتمەكچى بولغان غايىنىڭ نەتىجىسىگە بارغانسېرى يېقىنلايمىز .

    5.بۇ بىر يۈرۈش تەرتىپلىك قانۇنىيەتلەر قەلبىمىزنىڭ ئۆزىنى پىششىق تونۇش دەرىجىسىگە بېقىپ ئۈزلۇكسىز يىلتىز تارتىپ ، بىخلىنىدۇ . ئۇ بىزگە تويدۇرماي تاشقى دۇنيا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزنى ئۆزگەرتىپ ، بىز ئۈچۈن ئىلگىرى ھېچكىم مېڭىپ باقمىغان كەلگۇسىنىڭ يولنى ئېچىپ بېرىدۇ . بۇ يول بىزنى يىڭى قەلب ھالىتىگە باشلاپ كېرىپ ، يېڭى ئىچكى – تاشقى ئۆز – ئارا مۇناسىۋەت قۇرۇشىمىزغا ھەمدەمدە بولىدۇ .

    6.مەنىۋىيەت ئادەتتىن تاشقىرى سۇبيېكتىپ پائالىيەتچانلققا ئىگە . مەنىۋىيەتنىڭ پەۋقۇلئاددە ئىجادىيەت كۈچى شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىگە مەنسۇپ بۇلۇپ ، بۇخىل ئادەتتىن تاشقىرى ئىجادىي كۈچنىڭ مەنبەسى بارلىق ئېنېرگىيە ۋە ماددىلارنىڭ ئىپتىداسى ۋە بۇلىقى بولغان ئالەمدۇر .بىز يەككىلىك بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن ئالەم ئېنىرگىيەسىنىڭ بىر تارماق ئېقىنى ھېسابلىنىمىز . ئالەم بىز ئارقىلىق ئۆزىنى ئىپادىلەيدۇ ، بىزمۇ ھەربىر تارماق ئېقىنلار ئارقىلىق بىرىكىپ ئۆزىمىزنى ئىپادىلەيمىز . يەككىلىك ئالەمنىڭ ئىچكى كۈچى مەۋجۇتلۇقىنىڭ سىموۋىلى .

    7.ئالىملار ماددىلارنىڭ تەركىبىنى  سان – ساناقسىز مولېكولاغا بۆلدى ؛ مولېكولا يەنە ئاتومغا ، ئاتوم يەنە ئېلېكترىرونغا بۆلۇندى . ئېرىلگەن قاتتىق مېتاللار بىۋاستە ۋاكۇم ھالەتتىكى پىروبىركىغا قۇيۇلۇپ ، ئېلېكتىرۇن كۆزىتىلىش ئارقىلىق ، ئېلېكتىروننىڭ ئەمەلىيەتتە بىز ياشاۋاتقان پۇتكۇل بولۇققا تارقالغانلىقى ئىسپاتلاندى . ئۇلار كۈللى شەيئىلەردە مەۋجۇت ، كۈللى شەيئىلەر ئۆز نوۋىتىدە ئېلېكتىرون بولۇپ ، بىزنى ۋاكوئوم بەلبېغىغا ئېلىپ كېرىدۇ ، بىز ئېلېكتىروننى كۈللى شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى بولغان ئالەم ماددىسى دېيەلەيمىز .

    8.بىز ئېلېكتىرۇننىڭ ( بۇيرۇق ) قا بىنائەن خىزمەت قىلىپ ئاتوم ياكى مولېكولانى تەشكىل قىلدىغانلىقىنى بىلىمىز . بۇخىل بۇيرۇق قىلغۇچى دەل بىز دەۋاتقان ( ئالەم روھى ) دۇر .ئېلېكتىروننىڭ ئېنېرگىيە يادروسى مەركىزىي ئوقنى چۆرىدەپ ئايلىنىپ ئاتومنى تەشكىل قىلىدۇ ؛ئاتوم مۇئەييەن نىسبەت بويىچە بىرىكىپ مولېكولانى شەكىللەندۇرىدۇ ، بۇ مولېكولا ئۆز ئارا بىرىكىپ نۇرغۇن خىمىيەۋى بېرىكمىلەرنى شەكىللەندۇرىدۇ ، بۇ خىمىيەۋى بىرىكمىلەر يەنە پۈتكۇل ئالەمنى تەشكىل قىلىدۇ .

    9.ھىدروگېن ئاتومى بىز ھازىر بىلدىغان ئەڭ كىچىك ئاتوم بولۇپ ، ئۇنىڭ ئېغىرلىقى ئېلېكتىروننىڭ 1700 ھەسسىگە تەڭ ، بىر سىماپ ئاتومنىڭ ئېغىرلىقىمۇ ئېلېكتىروننىڭ 300 مىڭ ھەسسسىگە تەڭ . ئېلېكتىرون ساپ مەنپىي زەررەت بولۇپ ، ئۇ ئالەمنىڭ ئېنېرگىيەسى سۈپىتىدە يورۇقلۇق ، ئىسسىقلىق ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ، ئىدىيە ( سېكونتىغا 189380 ئىنگلز چاقىرىمى ) بىلەن ئوخشاش سۇرئەتكە ئىگە ، ئېلېكتىرون بارلىق ماكان – زاماندا ھەرىكەت قىلىش ، كېسىپ ئۆتۇشكە قەتئىىي قادىر .

    10.دانىيەلىك ئاستىرنوم رومۇ 1676-يىلى يۇپىتېرنىڭ ئاينى توسۇۋېلىش ھادىسىسنى كۆزىتىش ئارقىلىق يۇرۇقلۇق تىزلىكىنى ئۆلچىگەن . يەر شارىنىڭ يۇپىتېر بىلەن بولغان ئارلىقىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ ، يۈپىتېرنىڭ ئاينى توسۇۋېلىشىنىڭ يۈز بېرىشىنى ئالدىنئالا مۆلچەرلىگەن ۋاقىتتىن بۇرۇن ياكى سەككىز يىرىم مىنۇت كېچىكىپ بولغان ؛ رومۇ بۇنىڭغا ئاساسەن مۇنداق خۇلاسە چىقارغان : يۇپىتېردىن چىققان يورۇقلۇق 17 مىنوتتا يەرشارى ئوربىتىسىنىڭ رادىئوسىنى كېسىپ ئۆتىدۇ ، بۇ يەرشارى بىلەن يۇپىتېرنىڭ ئارىسىدىكى پەرىقنى شەكىللەندۇرگەن . بۇ خۇلاسە كېيىن دەلىللىنىپ ، نۇرنىڭ سۈرئىتىنىڭ سىكونتىغا 186000 ئىنگىلىز چاقىرمى كېلىدىغانلىقى ئىسپاتلانغان .

    11.ئېلېكتىرۇن ئادەم تېنىدىكى ئۆزلۈكىدىن ھەرىكەت قىلدىغان ھۇجەيرىلەرگە ئوخشايدۇ ، ئۇلار ئادەم تېنىدە چەكسىز رول پەيدا قىلىدۇ . بۇ مۇكەممەل روھىيەت ۋە ئەقىل پاراسەتنىڭ ھۇجەيرىلەرنى پۇتۇنلەي ئەركىن ، مۇستەقىل خىزمەت قىلدۇرغىنىغا ئوخشايدۇ . ئۇلار ۋەقتى كەلگەندە يىغىلىپ ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىدۇ ، ئىش تەقسىماتى ئېنىق بولىدۇ . بەزى ھۈجەيرىلەر ئادەم تېنىنى تەشكىل قىلىش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتسە ، بەزىلىرى ئادەم ئېھتىياجلىق تۇرلۇك ئاجرالمىلارنى چىقىرىش بىلەن ئاۋارە بولىدۇ . بەزىلىرى ماددا يەتكۇزۇشكە مەسئۇل بولسا ، بەزىلىرى كۆڭۇل قۇيۇپ يارىلارنى داۋالايدۇ ؛ بەزىلىرى قان تومۇرلارنى تازلاپ ، ئەخلەتلەرنى يۇقىتىشقا مەسئۇل بولىدۇ ؛ تېخىمۇ مۇھىمى بەزى ھۇجەيرىلەر ئالدىنى ئېلىشقا مەسئۇل بولۇپ ، بەدەن ئىچىگە كېسەللىك مىكروبلىرىنىڭ ھۇجۇم قىلىپ كىرىىشىنى توسىدۇ .

    12.ھۇجەيرىلەر ھەمكارلىشىپ خىزمەت قىلىدۇ ، ھەتتا خىزمەت نىشانى ئوخشاش بولىدۇ . ھەربىر ھۈجەيرە ئۆزىنىڭ خىزمىتىگە كېتەرلىك ئىقتىدار ۋە ئەقىل – پاراسەت ھازىرلىغان بولىدۇ ، بۇ ئۇنىڭ ۋەپزىپىسىنى سان ، سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلغان ئاساستا تاماملىتىش بىلەن بىللە ، ئېنېرگىيەسىنى ساقلىتىپ ، ئۆمرىنى ئۇزارتىدۇ . ئۇلار ئۆزىنى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تەڭشەش ، ئېنېرگىيە قۇبۇل قىلىش ئارقىلىق يېتەرلىك ئۇزۇقلۇققا ئېرىشىدۇ ، ھەتتا بارلىق ئۇزۇقلۇقلارنى كەسكىن تاللاپ ، ئەڭ ئاخىردا كېرەكلىكلىرىنى زاپاس ساقلىۋالىدۇ .

    13.جانلىقلارنىڭ ئۆز ھاياتلىقى ۋە ساغلاملىقىنى قۇغداش ئاساسى مانا مۇشۇ ھۇجەيرىلەرنىڭ مېتابولىزمىدۇر . بارلىق جانلىقلارنىڭ ھۇجەيرىسى تۇغۇلۇش ، كۆپىيىش ، ئۆلۈش ، تەقسىملىنىشتىن ئىبارەت زۆرۇر باسقۇچلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ .

    14.ئارىمىزدىكى بەزىلەر تەجىربە ئۇسۇلىنى چۇشەنسە كېرەك ، ئۇ ماھىيەتتە تايىنىپ مەتجۇت بولدىغان ئاساس ئادەم بەدىننىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئىچكى مەنىۋىيەتنىڭ ئۈزلۈكىدىن ئايلىنىشى ۋە تەڭشەشچانلىقىدۇر . بەدەننىڭ ئىچىدىكى ھەربىر ئاتومدا بىرخىل روھ بولىدۇ ؛ ئۇ مەنپىي قۇتۇپ ، ئادەم ئۆزى تەپەككۇر قىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۇنى ئۆزگەرتىپ مۇسبەت قۇتۇپقا ئايلاندۇرالايدۇ . بۇخىل ئايلىنىشمۇ ئىنسانلارنىڭ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش مەنپىي قۇتۇپ ئامىللىرى ياكى مەنپىي قۇتۇپ روھىدىن قانداق غالىب كېلەلەيدىغانلىقىغا ئىنتايىن ئېنىق جاۋاپ بېرىدۇ .

    15.يۇشۇرنچانلىققا ئىگە مەنپىي قۇتۇپ روھى بەدەننىڭ ھەربىر ھۇجەيرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ ، ئۇ يۇشۇرۇن ئاڭ روھى دەپ ئاتىلىدۇ . مەنپىي قۇتۇپ روھىنىڭ بارلىق ھەرىكەت خاھىشى ئاشكارە ئاڭدا نامايەن بولمايدۇ ، ئۇ پەقەت ئاشكارە ئاڭ ھالىتىگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ ياكى جاۋاپ قايتۇرىدۇ .

    16.ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئادەمنىڭ ھاياتىنى بەلگىلەيدۇ ، ئادەمنىڭ ئۆمۈرلۈك كارتىنىسى ئادەم ئىدىيەسىنىڭ ھاياتلىق جەريانىدىكى نۇرلىنىشدۇر . خۇددى تەبىئىي پەن ساھەدىسىكى تەجىربىلەرگە ئوخشاش مەنىۋىيەت ساھەسىدىكى ھەربىر يەكۈنى ئىنسانلار ۋۇجۇدىدىكى ئىقتىدارنى تونۇش جەھەتتە يېڭى بىر پەللىگە چىقىشدۇر . ئادەمنىڭ ئىدىيەسى ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ، شەكلى ، خارەكتىرى ھەتتا كەچمىش ، تەقدىرىنى تۇيدۇرماستىن ئۆزگەرتىدۇ ۋە يارتىدۇ .

    17.نۇرغۇن پاكىتلار (سەۋەپ ) ، ( نەتىجە ) نىڭ ئۆز – ئارا قارمۇ قارشى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى . سەۋەپ – نەتىجە باغلىنىشىنىڭ مەنبەسى ئىجادىيەت پىرىنسىپىغا پايدىلىق . قانداق ( سەۋەپ ) بولسا شۇنداق ( نەتىجە ) مەيدانغا چىقىدۇ . بۈگۈنكى كۈندە بۇنداق يەكۈن كىشىلەر تەرپىدىن قۇبۇل قىلىندى ھەم ھەممەيلەن ئۇنىڭغا ئىشىنىدۇ .

    18.ئوبيېكتىپ دۇنيانى بۈگۈنگىچە تېخى شەرھىلىنىپ بولۇنمىغان مىرمۇنچە ئېنېرگىيە كونتىرۇل قىلىپ تۇرماقتا ، ئىنسانلار ئۆزىنىڭ تونۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن بۇخىل تەبىئەتتىن ھالقىغان ئېنېرگىيەنى ئۇزاققىچە خۇداغا ياكى ئىلاھقا مەنسۇپ قىلدى . ھازىر روھنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتى ھەققىدىكى تونۇش ۋە چۈشەنچە ئارقىلىق مۇشۇ تۈردىكى كۈچ – قۇدرەتلەرنى ئاددىي ھالدا ئىخچام قىلىپ چەكسىز ياكى ئومۇمىيۇزلۇك ئالەم روھى دەپ ئىزاھلايمىز .

    19.ئالەم روھى چەكسىز ، ھەممىگە قادىر بۇلۇپ ، تۈگىمەن ئېنېرگىيەگە ئىگە . ھەممىگە قادىرلىقى ئۇنى ھەممىلا يەردە مەۋجۇت قىلىدۇ . شۇڭا ، بىز مۇشۇ سەۋەبتىن ئۆزىمىزدىن سورىماي تۇرالمايمىز : بىز ئۆزىمىز كائىنات روھىنىڭ ئىپادىسى ياكى نامايەندىسىمۇ – ئەمەس ؟ جاۋاپ شۇكى ، بۇنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشكە بولىدۇ .

    20.شۇڭا ، يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىدىكى پائالىيەتچانلىق روھى كائىنات روھىنىڭ كۈچ – قۇدرىتىگە يېقىن كېلىدۇ ، ئۇلار ئوتتۇرسىدا مەۋجۇت بولدىغان بىردىنبىر پەرىق دەرىجىسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدۇر . ئۇلارنىڭ تۇرلىرى ۋە خۇسۇسىيىتى پۇتۇنلەي ئوخشاش بولىدۇ ، بىردىنبىر پەرىق دەرىجىسىدىكى پەرىق بۇلۇپ ، خۇددى سۇ تامچىسى دېڭىزغا تەۋە بولغانغا ئوخشايدۇ .

    21.بۇ ئەقىل پاراسەتنى ھېس قىلىش ھەم ئۇنىڭ تۇرمۇشىمىزغا چاچىدىغان ئازدۇرغۇچ نورلىرى گويا ھەممىگە قادىر ئىقتىدار ئىگىسىنىڭ ھامىيسىگە ئوخشايدۇ . يوشۇرۇن ئاڭ بىلەن ئالەمنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنىڭ بۇنداق چەكسىز بىرىكىشى چەكسىي ھاياتىي كۈچ ئىقتىدارى يارىتالايدۇ . ئالەم روھى يۇشۇرۇن ئاڭ ۋە ئاشكارە ئاڭ ئارقىلىق ئالاقىلىشىدۇ ۋە باغلىنىدۇ . ئاشكارە ئاڭ ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەگە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە يېتەكچىلىك قىلىدۇ ، يوشۇرۇن ئاڭ ئىدىيەنىڭ ھەرىكەتكە بولغان كونتىرۇللىقىنى چۆرىدەيدۇ .

    قەلبنى تاۋلاش

    بىز بۇخىل ئىستىخىيەلىك مەشىق ئارقىلىق ئىدىيەۋى بۇرۇلۇشقا ئىگە بولۇپ ، ئاستا – ئاستا ئۆزىمىزنىڭ بۇ بۇرۇلۇش ئىچىدە پىسخىك كەيپىياتتىن تۇرمۇشقىچە ئومۇمۈزلۈك يېڭىلانغانلىقىمىزنى ھېس قىلىمىز ، ئۇ بىزنى ماددىي بايلىققا ئېرىشتۇرۇپلا قالماي ، پۈتكۈل ۋۇجۇدىمىزنىڭ ساغلاملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ئاكتىپ رول ئوينايدۇ . كەيپىيات تىنىچلانغاندىن كېيىن تۇرمۇش ، خىزمەتلەر تېخىمۇ ئۇڭۇشلۇق بولىدۇ .

    قەلبىنىڭ تىنىچىشى ۋە ماسلىشىشچانلىقى ئادەمنىڭ شارائىتىنىمۇ ئوڭۇشلۇق قىلىپ ئۆزگەرتىدۇ .

    تۇرمۇشتا نامايەن بولغان ئوبيېكتىپ دۇنيا بىزنىڭ قەلب دۇنيايىمىزنىڭ ئىنكاسىدۇر .

    ( ماسلىشىشچانلىق ) قا ئەھمىيەت بىرىش بارلىق قالايمىقان ئويلارنى تولۇق ، تەلتۇكۇس چىقىرىپ تاشلاپ ئەھمىيەت بېرىشتىن دېرەك بىرىدۇ . يەنى (ماسلىشىشىچانلىق ) دىن ئىبارەت بۇ تېمىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، سىزنىڭ تەپەككۇرىڭىزدا ھەرقانداق باشقا مەسئۇلىيەت ۋە تېمىلار كۆپەيمەسلىكى كېرەك . سەمىمىي ، قايىل بولۇش پۇزۇتسىيەسىىدە ( ماسلىشىشچانلىق )  نىڭ ئىچكى روھىنى ھىس قىلىش كېرەك . ھەقىقىي كىشىلىك ھاياتنى ئۆزگەرتىش سىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تىرىشچانلىق كۆرسىتىش ئەمەلىيىتىڭىزگە ، ئۇگىنىش ئىچىدە تاۋلىنىشقا ، تاۋلىنىش ئىچىدە ئۇگىنىشكە تەۋە بولىدۇ ، پەقەت بۇ نەزەرىيەلەرنى چۈشىنىش ۋە ئۇقۇپ قۇيۇش تۇرمۇشىڭىزغا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەرنى يارتىشىڭىزغا ياردەم قىلالمايدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;