• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • يېتەرلىك ئەقىل پاراسەتكە ئىگە ئادەم بولۇڭ
  • تەبىئەت ئەڭ قۇدرەتلىك خوجايىن ، بارلىق ھاياتلىق ئۇنىڭ تەقسىماتىنى قۇبۇل قىلىدۇ . تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ماسلىشالىغاندا مەۋجۇت بولۇپ ئىلگىرلەپ ، تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ ؛ ناۋادا ئاسىيلىق قىلىپ ئۇنىڭ جازاسىغا ئۇچىرغاندا ، جان تالىشىشقا ئۈلگۇرمەيلا ھالاك بولدىغان گەپ .

    مەيلى ئەقلىيلىك ياكى تۇغما تەبىئەتنى چىقىش قىلسۇن ، پايدىغا ئىنتىلىپ ، زىياندىن قېچىش بارلىق جانلىقلار رېئايە قىلىشقا تىگىشلىك تەبىئىي قانۇنىيەت ، ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك ھايۋانلارمۇ بۇخىل قانۇنىيەتتىن پايدىلىنىشنى بىلىدۇ .

    تاشتەكتە ئۆسكەن ئۆسۈملۇك ئۆيگە ئېلىپ كىرىلىپ ، ئىشىك – دىرىزىلەر ئېتىلىشتىن بۇرۇن ئۆسۈملۈكتە نۇرغۇن قاناتسىز قۇرۇتلار بولىدۇ . ئەگەر بۇ ئۆسۈملۈك قۇرۇپ سولىشىپ قالسا بۇ ئۇششاق جاندارلار ئۆزلىرى تايىنىپ جان باقىدىغان ئۆسۇملۇكنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ، ئۆزلىرىنىڭ ئەمدى ئۇنىڭدىن ھىچقانداق يېمەكلىك ۋە ئۇزۇقلۇق قۇبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى بايقايدۇ . ئۆزگەرگەن مۇھىتقا ماسلىشىش ئۈچۈن ، قاناتسىز قۇرتلار قاناتلىق ھاشاراتقا ئايلىنىدۇ . ئۇلارنىڭ ئاچلىقتىن قۇتۇلپ ، ئۆزىنى قۇتقۇزۇشىدىكى بىردىنبىر ئۇسۇلى ۋاقىتلىق قانات يېتىلدۇرۇپ ئۇچۇش بولۇپ ، ئۇلار مۇشۇنداق قىلىدۇ . ئۆزگەرگەندىن كېيىن ئۇلار بۇ ئۆسۈملۇكلەردىن ئايرىلىپ ، دېرىزىگە قاراپ ئۇچۇپ ، ئەينەكنى بويلاپ يۇقىرغا يامىشىپ ، بىرەر يېرىق تېپىپ جېنىننى ئىلىپ قاچىدۇ .

    بىز باشتىن كەچۈرىدىغان بارلىق كەچۈرمىشلەر ۋە شارائىتلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىمىزنى يارتىش ئۈچۈن ، بىز قانچە كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسەتسەك شۇنچە زور كۈچ – قۇدرەتكە ئېرىشىمىز . تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ تەسىرى ھەممە يەرۋە مەۋجۇت ، ئۇ سىھرىي كۈچكە ئىگە ۋاستىلەر ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھىمايىچىلىرىنى يېتەكلەيدۇ ، ئەگەر بىز ئاڭلىق ھالدا تەبىئەت قانۇنىيىتىگە ماسلاشساق ، ئىنتايىن زور بەخىت ۋە خۇشاللىققا مۇيەسسەر بولىمىز . ئەڭ كىچىك ھاياتلىقلارمۇ جىددىي پەيىتلەردە بۇنداق كۈچ – قۇدرەتتىن پايدىلىنىدۇ .

    1.تۈرلۈك قانۇنىيەت ھەممە يەرگە تور يايغان بۇلۇپ ، ھەرقانداق ئادەم ئۇلارنىڭ رولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ .

    2.بارلىق ئۇلۇغ ، مەڭگۈلۈك قانۇنىيەتلەردە بىزنىڭ مەنپەئىتىمىز لاھىيەلىنىپ چىقىلغان بولۇپ ، ھەممىسى ئۇلۇغۋار جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆزىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرىدۇ . بىزنىڭ قىلالايدىغىنىمىز ئۆزىمىز بىلەن ئۇلارنىڭ ماسلىشىشچان بىردەكلىكىنى ساقلاپ ، تەبىئەتنىڭ سوۋغىسىنى قۇبۇل قىلىشتۇر .

    3.ھەربىرىمىز بىر مۇكەممەل ئىدىيە سۇبىستانسىيەسى ، بۇ خىل مۇكەممەللىك بىزدىن ئاۋال بېغىشلاپ ئاندىن ئېرىشىشىنى تەلەپ قىلىدۇ . بارلىق قىيىنچىلىق ، قالايمىقانچىلىق ، تۇسالغۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلغانلىقىمىزدىن ياكى بولمىسا ئۆزىمىز تېخىمۇ كۆپ نەرسىنى باشقىلارغا بىرىشنى لىمىغانلىقىمىزدىن ۋە ياكى ئۆزىمىزنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىمىزنى ئېتراپ قىلمىغانلىقىمىزدىن بولىدۇ .

    4.ئۆسۇپ يېتىلىش يىڭى مېتابولىزىم جەريانى . ئۆسۈپ يېتىلىش شەرتلىك ھالدىكى ئۆز – ئارا مەنپەئەت يەتكۇزۇش ھەرىكىتى بولۇپ ، يىلتىزلار ئۆز – ئارا چىرمىشىپ ، ئۇزۇقلۇق ۋە سۇدىن تەڭ بەھىرمەن بولىدۇ ، بۇ ئىقتىدار بىزنىڭ ماسلىشىشچان بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇش دەرىجىمىزنى بەلگىلەپ ، مۇناسىپ بەختىيار ، شاد – خورام ھاياتنى ئىپادىلەيدۇ .

    5.نەزىرىمىزنى ئىگە بولۇپ بولغانلىرىمىزغىلا تىكلىۋالساق ، ئۆزىمىزدىكى كەمتۇك تەرەپلەرنى كۆرەلمەيمىز . پەقەت كۆزىمىزنى ئېچىپ نىشانىمىزنىڭ ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق كەمتۈكلۇك ئىكەنلىكىنى بىلسەك ، ئەتراپىمىزدىكى مۇھىتنى ئاڭلىق ھالدا كونتىرۇل قىلىپ ، ھەربىر قېتىملىق كەچۈرمىشلىرىمىزدىن قەدەممۇ قەدەم ئۆسۇپ يېتىلىشىمىز ، ئېھتىياجلىق ئۇزۇقلۇقلارغا ئېرىشەلەيمىز .

    6.بىزنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشىمىز ئېھتىياجلىق ئىقتىدارلارغا ئېرىشىشىمىز ، شارائىتىمىزنىڭ يۈكسىلىشى ۋە نەزەر دائىرىمىزنىڭ كېڭىيىشى بىلەن تەدىرىجىي كۈچىيىدۇ . بۇخىل ئىقتىدارنىڭ كۈچيىشىگە ئەگىشىپ ، ئۆزىمىز ئېھتىياجلىق بارلىق ئۇزۇقلۇقلارنى قۇبۇل قىلىپ ۋە پەرىقلەندۇرۇپ ، ئۆسۈپ يېتىلىش ئېھتىياجىمىزنى قاندۇرالايمىز .

    7.بارلىق شارائىت ۋە كەچۇرمىشلەرنىڭ ھەممىسىنى تەبىئەت بىزگە مەقسەتلىك ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدۇ ، بىزگە نىسبەتەن ھەممىسى پايدىلىق . مەيلى تەلەي ياكى ئەۋزەللىك ، مەيلى قىيىنچىلىق ياكى توسالغۇ بولسۇن ،ھەممىسى بىزگە مەنپەئەت يەتكۇزىدۇ .

    8.بېغىشلاش بىلەن ئېرىشىش مەڭگۇ ئوڭ تاناسىپ بولىدۇ ، بىز قىيىنچىلىقنى يېڭىش ئۈچۈن نۇرغۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، ئۇنىڭدىن نۇرغۇن مەڭگۈلۈك كۈچ – قۇدرەتكە ئېرىشىمىز ، ئىشلىمەي چىشلەيدىغان ۋە ئىشلەپ ھېچنىمگە ئېرىشەلمەيدىغان ئىشنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس .

    9.ھاياتلىقنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ تەۋرەنمەس ئېھتىياجى بىزدىن ئامال بار تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ ، ئۆزىمىزنى مۇكەممەللەشتۇرۇشىمىز بىلەن بىردەك بولغان نەرسىلەرنى ئۆزىمىزگە تارتىشىمىشنى تەلەپ قىلىدۇ . تەبىئەت قانۇنىيىتىنى تونۇش ئارقىلىق ئاڭلىق ھالدا ھەمكارلاشساق ئاندىن ئەڭ زور دەرىجىدىكى بەخىتكە ئېرىشەلەيمىز .

    10.مۇھەببەتنىڭ جانلىق بولۇشى ھېسياتنىڭ مەھسۇلى ، مۇھەببەت ئىچىدە تۇغۇلغان ئىدىيەلا ھاياتىي كۈچكە توشقۇزالايدۇ . مۇھەببەت ئىدىيەگە ھاياتىي كۈچ بەخىش ئېتىدۇ . مۇھەببەت ئىدىيەنى بىخلاندۇرۇپ ، ئۆسۈپ يېتىلىدۇ ، ئىدىيەنىڭ پىشىپ مېۋە بېرىشىگە زۆرۇر ئۇزۇقلۇقلارنى ئاتا قىلىدۇ .

    11.ئىدىيە تىل ئارقىلىق نامايەن بولىدۇ . تىل ئىدىيەنى خۇددى دېڭىز پاراخوتنى كۆتۈرگەندەك كۆتۇرۇپ تۇرىدۇ ، سۇ قۇلۋاقنى چۆكۇرەلەيدۇ ھەم لەيلىتەلەيدۇ ، تىل ئىدىيەنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى ، بىزنىڭ گەپ – سۆزلىرىمىز ئىنتايىن ئېھتىياتچان بولۇشى كىرەك . بىزنىڭ روھىمىز بىر فوتو ئاپپاراتقا ئوخشايدۇ ، ئۇ تىل ئارقىلىق شاتلىق ئىشىكىنى تېخىمۇ ياخشى چېكىدۇ . بىز ياخشى ئويلانمايلا زاتورنى باسساق ، يەنى گەپ – سۆزدە ئېھتىياتچان بولماي بەختىمىزگە قارشى گەپ سۆزلەرنى قىلساق ، ئۇخىل خاتا ئۇقۇملارنىڭ تەسىرى قەلبىمىزنىڭ چۇڭقۇرلىرىغا ئورناپ كېتىپ ، يۇقىتىش تەسكە چۈشىدۇ .

    12.تىل ئادەمنى سەگىتىپ ، پۈتكۈل بىلىملەرگە ئىگە قىلىدۇ . بىز بۈگۈن ئىگە بولغان يېزىقلار ئالەم ئىدىيەسى ئىنسانلارنىڭ قەلبىدىكى ئىنتىلىشلەرنى ئىپادىلەش ئاساسىدا شەكىللەندۇرۇلگەن ئۇنۋىرسال خاتىرە . تىلدىن ئۆتمۈشتىكى تارىخنى تاپىمىز ، شۇنداقلا كەلگۇسىنىڭ ئۈمىدىگە ئىرىشىمىز ، ئەدەبىي تىل ئارقىلىق ئىنسانلار ئۆتكەنكى ئەسىرلەرنى ئەسلەپ ، تارىخنى ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىلار ۋە مۇتەپپەككۇرلار بىلەن سۆھبەتلىشەلەيدۇ ؛ ئادەمنى ھاياجاللاندۇرىدىغان كارتىنىلارغا قايتىپ ، ئۆزىنىڭ قانداق قىلىپ بۇگۇنكى كۇندە ھەممىگە ئېرىشكەنلىكىنى كۆرىدۇ . تىل ھاياتىي كۈچكە تولغان ئالاقىچى ، ئىنسانلار ۋە ئىنسانلاردىن ھالقىغان بارلىق ھەرىكەتلەر ئۇنىڭدىن پەيدا بولىدۇ .

    13.ئىدىيە شەكىلسىز بولۇپ ، چوقۇم تىل بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك . ئەگەر بىز تېخىمۇ يۈكسەك قاتلامدىكى ھەقىقەتنى ئىشقا سالالىساق ، ئۇنداقتا سۆزلىگەن چاغدىمۇ مۇشۇ نىشانغا ئاساسەن ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئاقىلانە ھالدا مۇۋاپىق گەپ – سۆزلەرنى ئىشلىتەلەيمىز .بىزنىڭ ئىدىيەمىز بارغانسىرى رۇشەنلىشىپ ، دەرىجىسى ئۆسكەنسىرى بىز قۇللىندىغان تىلنىڭ تەسۋىرلىرىمۇ رۇشەنلىشىپ ، تۆۋەن دەرىجىلىك ئىدىيەگە تەئەللۇق خاتالىقلار تەدىرىجى تاشلىنىپ ، بىزنىڭ ھاياتىمىزدىكى ئاشكارىلىق بارغانسىرى زورىيىدۇ . تىل شەكىللىرى ئىدىيەنىڭ سېھرىي كۈچىنى تەشكىل قىلىپ ، ئادەم بىلەن ھايۋاننى ئايرىيدىغان مۇھىم چەكتۇر .

    14.مەيلى قانداق ھەرىكەت بولسۇن ، ھەممىسى ئىدىيەنىڭ يېتەكچىلىكىگە تايىنىدۇ . مۇۋاپىق شارائىتغا ئېرىشىمەن دېسەك ئالدى بىلەن مۇۋاپىق كۆز قاراشقا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك . تۇرمۇشتا باياشاتلىقنى ئۈمىد قىلساق ، ئالدى بىلەن باياشات تۇرمۇشنى ئۆيلىشىمىز كېرەك . ئالدى بىلەن ئىدىيە جەھەتتە باياشاتلانغاندا ئاندىن تۇرمۇش ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ھاللىق سەۋىيەگە ماڭىدۇ .

    15.تىل بىرخىل ئىدىيە شەكلى . بىر جۈملە بىر تەپەككۇر شەكلىنىڭ ئۇنۋېرسال گەۋدىسى . غايە ئەڭ ئاخىر گەپ – سۆزنىڭ تۈرتكىسىدە رېئاللىققا ئايلىنىدۇ ، گەپ – سۆز يىمىرىلمەس مەنىۋى قەسىرگە ئايلىنىشى مۇمكىن ، شۇنداقلا شامالغا بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ئەسكى كەپىگە ئايلىنىپ قېلىشىمۇ مۇمكىن ، سۆز – جۇملىلەرنىڭ تاۋلىنىشىدىكى دەللىك بارلىق مەدەنىيەت ، ئېگىز ئىمارەت شەكىللىرى ، شۇنداقلا بارلىق مۇۋەپپىقىيەتنىڭ يولخېتى .

    16.گەپ سۆزنىڭ ئادەمگە تەسىر قىلدىغان يېرى ئىدىيەنىڭ گۈزەللىكىدۇر . گەپ – سۆزنىڭ قۇدرىتى ئىدىيەنىڭ كۈچ – قۇدرىتىدە ، ئىدىيەنىڭ كۈچ قۇدرىتى ئىدىيەنىڭ ھاياتلىقىدا ، تىل ئىدىيە ، شۇڭا ئۇ بىرخىل شەكىلسىز ، ھەممە نەرسە ئۇستىدىن غەلبە قىلدىغان كۈچ – قۇدرەتتۇر . ئۇلارغا قانداق شەكىل بېرىلسە ئەڭ ئاخىرقى ئوبيېكتىپ مەۋجۇدىيەتتە شۇنداق ئىشقا ئاشىدۇ . ئەگەر غايىمىزنىڭ گۈزەل ، قۇدرەتلىك بولۇشىنى ئۈمىد قىلساق ، جەزمەن تىلىمىزنى تاۋلاپ ، يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسىش كېرەكلىكىنى تونۇشىمىز كېرەك .

    17.ھەقىقەتنى تەكشۇرۇشنىڭ ئۆلچىمى مەڭگۈ مەۋجۇت . ئەمما خاتالىقنىڭ ھېسابلاش پىرىنسىپى يوق . راست گەپ قىلىش پىرىنسىپغا ئەھمىيەت بېرىدۇ . يالغان گەپ چەللىدە ئات چاپقۇزىدۇ . يۇرۇقلۇق تۈز سىزىق شەكلىدە ماڭىدۇ ، قاراڭغۇلۇق قائىدىگە ئەھمىيەت بەرمەيدۇ . ئۇنداقتا ھاياتىي كۈچگە ئىگە ئىدىيە نىمە ؟ ئۇنىڭدا باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان قانداق ئالاھىدىلىكلەر بار ؟ بۇلارنىڭ ئىچىدە چوقۇم قانۇنىيەتلىك ئايلىنىش بولىدۇ .

    18.ئەگەر بىر ماتېماتىكىلىق تېئورمىنى توغرا قوللانساق ھېسابلاش نەتىجىسىنى توغرا بىلەلەيمىز ؛ ئادەتتە ساغلاملىق مەۋجۇت بولغان يەردە ھىچقانداق كېسەللىك بولمايدۇ ؛ ئەگەر بىز نېمىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى بىلسەك ، ساختىلىقنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشمەيمىز . چۈنكى ھەقىقەت بىلەن ساختىلىق بىللە مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرالمايدۇ .

    19.يوللۇق ئىدىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى بولىدۇ ، شۇڭا ئۇ يىلتىز تارتىپ ئۆسۇپ يىتىلىپ ، ئەڭ ئاخىر سەلبىي كۆز قاراشلارنى چۆرۇپ تاشلايدۇ . خاتا ئىدىيە يىلتىز تارتمايدۇ . ئۇزاققىچە مەۋجۇت بۇلالمايدۇ . بۇ ئەمەلىيەت بىزنىڭ بارلىق قالايمىقانچىلىق ، يۇقسۇزلۇق ، چەكلىمىنى يۇقىتىشىمىزغا ياردەم بېرىدۇ .

    20.شەك – شۇبىھسىزكى ، ( يېتەرلىك ئەقىل – پاراسەت بىلەن ھېس قىلدىغان ) كىشىلەر ئىدىيەنىڭ ئىجادىي كۈچىنىڭ تەڭداشسىز قۇرال – ياراغلارنى ئۆز قۇلىغا تۇتقۇزۇپ ، ئۆزىنى ھاياتىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇردىغانلىقىنى ناھايىتى تىزلا تۇنۇپ يېتىدۇ .

    21.تەبىئەت دۇنياسى باراۋەر بولىدۇ ، ئۇ ئېنېرگىيەنىڭ ساقلىنىش قانۇنىغا ھۆرمەت قىلىدۇ ، ھەرقانداق جايدا قانچىلىك ئېنېرگىيەنىڭ پەيدا بولۇشى باشقا جايدا شۇنچىلىك ئېنېرگىيەنىڭ يوقىلىدىغانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ . بۇ بىزگە يۇقاتقاندا ئېرىشكىلى بولدىغانلىقىنى ، بىر يولىلا ئېرىشىۋىلىپ بېغىشلاشنى رەت قىلىشنىڭ تەبىئەت تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزىدىغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ .

    22.يۇشۇرۇن ئاڭ ئەقلىي خۇلاسە چىقىرىش ئىقتىدارى ھازىرلىمىغان بولىدۇ ، ئۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلايدۇ ؛ بىز ئۆزىمىز قورال ياسايمىز ، ئۆزىمىز لاھىيە ئويلايمىز ، يوشۇرۇن ئاڭ بىز ئويلىغان لاھىيەنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ . ئەگەر بىز بىرەر ئىش قىلىشنى قارار قىلساق ، بۇ ئىش ۋە ئۇنىڭ بارلىق تەسىرلىرىگە مەسئۇل بولۇش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك .

    23.كۆزىتىش ئىقتىدارى بىرخىل قەلب ئىقتىدارى ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ تېلېسكوپى . بىز ئۇنىڭغا تايىنىپ يېراق نۇقتىلاردىكى مەسىللەرنى ئويلاپ ، ۋەزىيەتنى كۆزىتەلەيمىز ، كۆزىتىش ئىقتىدارى بىزگە بارلىق ئىشلاردىكى قىيىنچىلىقلارنى بىلدۈرىدۇ ، شۇنداقلا پۇرسەتنى تۇتقۇزىدۇ .

    24.كۆزىتىش ئىقتىدارى بىزنى توسالغۇلارنى كۆتۇۋېلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلدۇرىدۇ . كۆزىتىش ئىقتىدارى بىزگە پايدا – زىياننى دەڭسىتىپ ، پىلانىمىزنى مۇۋاپىقلاشتۇرىدۇ . بۇ تۇسالغۇلار تۇسالغۇغا ئايلىنىپ ئالدىمىزنى توسۇشتىن ئىلگىرى بىز ئۇلاردىن ھالقىپ ئۆتۈپ كېتىمىز .

    25.كۆزىتىش ئىقتىدارى ئىدىيەمىز ۋە دىققەت ئىقتىدارىمىزنى توغرا يۆلىنىشكە يېتەكلەپ ، ئۇلارنى نەتىجىسىز ھالەتكە ئېلىپ كىرمەسلىكى مۇمكىن ، بىز كۈزىتىش ئىقتىدارىمىزنى تاۋلاپ ، ئىدىيەمىزدىكى ماددىي ، روھىي ، قەلبىي باكتىرىيەلەر بىلەن تۇرمۇشىمىزنى يۇقۇملاندۇرماسلىقىمىز لازىم .

    قەلبنى تاۋلاش

    كۆزىتىش ئىقتىدارى ئىچكى دۇنيانىڭ مەھسۇلى بولۇپ ، ( جىمجىتلىق ) تا ئوينى مەركەزلەشتۇرۇش شەكلى ئارقىلىق كۆزىتىش ئىقتىدارىڭىزنى ئاچقىلى بولىدۇ . بىزنىڭ ھازىرقى مەشىقىمىز كۆزىتىش ئىقتىدارىغا ئەھمىيەت بېرىشتۇر .يەنى ئەسلىي ئورۇندا تۇرۇپ ، تۆۋەندىكى مەسىللەرنى ئويلاڭ :ئىدىيەنىڭ ئىجادىي كۈچىنى تونۇش تەپەككۇر سەنئىتىنى ئىگىلىگەنلىكتىن دېرەك بەرمەيدۇ ، ئىدىيەنى مۇنداق باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇختىتىڭ ، بىلىم ئۆز – ئۆزىنى يۈرگۇزەلمەيدۇ . بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز بىلىمگە باغلىق ئەمەس ، بەلكى كۆنگەن خۇي ، ئۆرۇپ – ئادەت  ۋە نەمۇنىگە باغلىق . بىزنىڭ ئۆزىمىزگە قوللاندۇردىغان بىردىنبىر ئۇسۇلىمىز قەتئىي قارارغا كىلىپ ، ئاڭلىق ھالدا تېرىشىشتۇر . مۇنداق ئىشنى ئويلاپ باقايلى : كېرەكسىز بىلىم چوڭ مېڭىدىن غىپپىدە چىقىپ كەتسە ، ئۇچۇرنىڭ قىممىتى پىرىنسىپنىڭ قۇللىنىلشىدا بولىدۇ . بۇ ئىدىيەنىڭ يولىنى بويلاپ تاكى كۆزىتىش ئىقتىدارىڭىز ئۆزىڭىزنىڭ ئالاھىدە بەلگىلەنگەن مەسىللىرىگە قارىتا بۇ پىرىنسىپنى قۇللىنىشنىڭ توغرا لاھىيەسىنى بېكىتكىچە مېڭىڭ . بارلىق ئۇلۇغ نەتىجىلەرگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، كۆزىتىش ئىقتىدارى ئەلۋەتتە كەم بولسا بولمايدۇ ؛ كۈزىتىش ئىقتىدارىنىڭ ياردىمىدە بىز بارلىق مەنىۋىيەت ئېگىزلىكىگە كىرىپ ، ئىزدىنىپ ، ئۇنى ئىگىلىيەلەيمىز .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;