• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • قەلب تامغىسى ۋە مەنىۋى كارتىنا
  • دەۋرىيلىك ھاياتلىقنىڭ بىرىنجى خۇسۇسىيىتى ، ئادەتتە ھاياتلىققا ئىگە ماددىلارنىڭ ھەممىسى تۇغۇلۇش ، ئۆسۈپ يېتىلىش ، تەرەققى قىلىش ۋە يۇقىلىشنى دەۋر قېلىدۇ .مەيلى خالىسۇن ، خالىمىسۇن ھەممىسى مۇشۇ دەۋرىيلىككە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىدۇ . بەزى دەۋرىيلىك ئۇزۇن ، بەزى دەۋرىيلىك قىسقا بولىدۇ .بۇيەردە بىز ئاساسلىقى ھاياتلىق دەۋرىيلىكىدە ئىنتايىن مۇھىم بۇلۇپ ، ئۆسۈپ يېتىلىش كۈچىيىش ۋە يۇقىرى كۆتۈرلۇشتىن دېرەك بېرىدۇ .

    ھاياتلىق ئۆسۈپ يېتىلىشتىن دېرەك بىرىدۇ ، ئۆسۈپ يىتىلىش ئۆزگىرىشتىن دېرەك بىرىدۇ . ھاياتلىقنىڭ باسقۇچلۇق ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن بىز يەتتە يىلنى بىر ھالقا قىلىپ بېكىتىمىز ، ھەبىر يەتتە يىل بىزگە نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بىر يېڭى باسقۇچتىن دېرەك بىرىدۇ .

    ھېچنىمىنى بىلمەيدىغان بالىلىق دەۋىر ئادەمنىڭ تۈنجى يەتتە يىلى ، ئىككىنجى يەتتە يىل ئۆسمۈرلۇك دەرۋى ، ئۆسمۈرلۇك دەۋرى يەككە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنىڭ باشلىنىشىدىن دېرەك بىرىدۇ . كېيىنكى يەتتە يىل ياشلىق باھار مەزگىلى ، تۆتىنجى يەتتە يىلدا ھاياتلىق مۇكەممەل پىشىپ يېتىلىدۇ . بەشىنجى يەتتە يىل قۇرۇلۇش مەزگىلى ، بۇ مەزگىلدە كىشىلەر بايلىق ، مۇۋەپپىقىيەت ، تۇرالغۇ ۋە ئائىلىگە ئېرىشىشكە باشلايدۇ .35 ياشتىن 42 ياشقىچە بولغان يەتتە يىل ئىنكاس ۋە ھەرىكەت باسقۇچى ، بۇ باسقۇچتىن كېيىنكىسى قايتا تەشكىنلىنىش ، تەڭشىلىش ۋە ئەسلىگە كېلىش باسقۇچى ، ئاندىن 50 ياشتىن باشلاپ كىشىلىك ھايات كېيىنكى يەتتە دەۋرىيلىكنى باشلايدۇ .

    بۇنداق ئيلىنىش ھاياتلىقنىڭ دەۋرىيلىكىگە ئايلانغان بولۇپ ، ئادەتتە بۇ دەۋرىيلىكنى پىششىق بىلدىغان ئادەملەر ئىشلاردا تۇسالغۇلارغا ئۇچىرمايدۇ ، زۆرۇر دەرىسلىكلەردە بايان قىلىنغان پىرىنسىپلارنى ئۇگىنىپ ، بارلىق پىرىنسىپلاردا بىر ئەڭ ئالىي قانۇنىيەتنىڭ بولدىغانلىقىنى تولۇق تۇنۇپ ، مەنىۋىيەت قانۇنىيىتىنى چۈشىنىش ۋە ئاڭلىق قۇللىنىش ئارقىلىق كۈرۈنۇشتىكى ھەربىر قىيىنچىلىقنى بەخىتكە ، پايدىسىزلىقنى پايدىلىققا ، يېتەرسىزلىكنى ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرىدۇ .

    1.بايلىققا نۇرغۇن شەرھىلەرنى بەرگىلى بولىدۇ ، ھەممىسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى بىردەك بولىدۇ . بايلىق ئالماشتۇرۇش قىممىتى بار ، كىشىلەر ئىشلىتەلەيدىغان ، ئادەمگە خۇشاللىق بېغىشلايدىغان بارلىق نەرسىلەرنى كۆرسىتىدۇ .

    2.بايلىقنىڭ ئالماشتۇرۇش قىممىتى ئۇنىڭ بىر ۋاستە ئىكەنلىكىدە ، ئۇ غايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا بىزنى ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە نەرسىلەرگە ئېرىشتۇرىدۇ . بايلىقنىڭ نىسىپ بولغۇچىغا بېردىغىنى كىچىككىنە خۇشاللىقلا ئەمەس ، ئۇنىڭ ھەقىقىي قىممىتى ئۇنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچانلىقىدا نامايەن بولماي ، ئالماشتۇرۇش قىممىتىدە نامايەن بولىدۇ .

    3.بىز ئادەتتە ئەمگەك بايلىق يارىتىدۇ دەيمىز ، بۇنىڭدىن ئەمگەكنىڭ سەۋەب ، بايلىقنىڭ نەتىجە ئىكەنلىكىنى كۆرۇۋىلىشقا بولىدۇ ، بايلىق ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى . مال – مۈلۈك سەۋەپ ئەمەس ، بەلكى نەتىجىدۇر .

    4.بايلىق مەقسەت ئەمەس ، ۋاستە . بايلىقنى مەڭگۈ ئاخىرقى نوقتا دەپ قارىماسلىق ، بەلكى ئۇنى ئاخىرقى نۇقتىغا بېرىشتىكى يولغا ئايلاندۇرۇش كېرەك . بايلىق خوجايىن ئەمەس ، بەلكى چاكار ، بايلىقنى ئۆزىنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرۇپ ، ئۆزى بايلىققا مۇلازىمەت قىلىش ئۇسۇلى مۇھىم ئىش بىلەن مۇھىم ئەمەس ئىشنى ئاستىن – ئۈستۇن قىلىۋېتىشتۇر .

    5.بايلىق بىر ئادەمنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازانغان – قازانمىغانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشنىڭ بەلگىسى ئەمەس ، بىر ئادەمنىڭ ھەقىقىي مۇۋەپپىقىيەت قازانغانلىقىنى بەلگىلەيدىغىنى بايلىق توپلاشتىنمۇ مۇھىم بولغان يۈكسەك غايىدۇر . يۈكسەك غايە ھەرقانداق بايلىقتىنمۇ قىممەتلىك .

    6.ئۆزىڭىزنى مۇۋاپىقىيەت قازانغۇچىغا ئايلاندۇرۇشنى ئويلىسىڭىز ، ئالدى بىلەن كۈرەش قىلدىغان بىر غايىنى تىكلىشىڭىز كېرەك . نىشان بېكىتىلگەندە ئاندىن يۆلىنىشنى بىلگىلى بولىدۇ ، قەلبىڭىزدە مۇشۇنداق بىر غايە بولسا ، غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ يولى ۋە ئۇسۇلىنى تاپالايسىز ، چۇقۇم خاتا ھالدا ئۇسۇلنى مەقسەت قىلىۋالماسلىق ، خاتا ھالدا جەرياننى ئاخىرقى نۇقتا قىلىۋالماسلىق كېرەك .

    7.( مۇۋەپپىقىيەت قازانغۇچىلار ھامان ئاشۇ ئەڭ ئالىي مەنىۋى تونۇشقا ئىگە ئادەملەردۇر ، بارلىق غايەت زور بايلىقنىڭ ھەممىسى بۇخىل تەبىئەتتىن ھالقىغان ھەقىقىي روھىي ئېنېرگىيەنى مەنبە قىلىدۇ ) مانا بۇ پىرىنسىپتىن مافۇردنىڭ بىزگە قالدۇرغان ھېكمەتلىك سۆزى . يامان يېرى ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ ئېنېرگىيەنى تونۇمايدۇ ، ئۇلارنىڭ بىرەر كونكىرىت ، مۇقىم نىشانى بولمىغاچقا غايىسى يوق ، ئۇلار قەيەرگە بېرىشنى بىلمەيدۇ .

    8.خاررىماننىڭ دادىسى بىر نامرات خىزمەتچى بولۇپ ، يىللىق ئىش ھەققى 200 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى ؛ ئاندىرى كارنىگنىڭ پۈتكۈل ئائىلىسى ئامېرىكىغا كۈچۇپ كەلگەندە ، باشقىلارنىڭ ياردىمىدە ئائىلىسىنى باققان ؛ دۆلەت غەزىنىسى بىلەن تەڭلىشەيلەيدىغان بايلىققا ئىگە توماس لىپتون 25 سىنىت بىلەن ئىگىلىل تىكلەشكە باشلىغان . بۇلارنىڭ بايلىق ، ئىمتىيازى يوق ئىدى ، بۇ ئۇلارنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىنى توسۇپ قالالمايدۇ .

    9.مىليادىر ، نېفىت ماگىناتى ھىنىرى فىلەگلى مەنىۋى كۈچ قۇدرەتنى غايىلەشتۇرۇش ، كۆرۈش سەزگۈسىگە ئايلاندۇرۇش ، كونكرېتلاشتۇرۇش ئارقىلىق مۇۋەپپىقىيەت قازانغان . ئۇ ئېرىنمەستىن ئۆزى قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ پۈتكۈل كارتىنىسىنى سىزىپ ، كۆزىنى يۈمۇپ ، رېلىسنى كۆرگەن ، پويىزنىڭ رېلىستا چىپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ، ماشىننىڭ ؟گۈدۈك ئاۋازلىرىنى ئاڭلىغان ، مانا بۇ مۇۋەپپىقيەتنىڭ سىرىدۇر .

    10.ئىدىيە جەزمەن ھەرىكەتنىڭ ئالدىدا مېڭىپ ، ھەرىكەتكە قۇماندانلىق قىلىشى كېرەك ، كاللا ئىشلەتمەسلىك ياخشى نەتىجە بەرمەيدۇ . ھەرقانداق شارائىتنىڭ ئۆز سەۋەبى بولىدۇ ، ھەرقانداق كەچۇرمىش بىرخىل نەتىجىدىن ئىبارەت ؛ سەۋەپ – نەتىجە ئايلىنىدۇ ، ماسلىشىشچانلىقنىڭ تەرتىپى بولىدۇ ، جەمىئەتمۇ مۇشۇ سەۋەبلىك توغرا رېلىسنى بويلاپ ھەرىكەت قىلىدۇ .

    11.ئىجادىي ئىقتىدار پۈتۈنلەي قەلبنىڭ ئېنېرگىيەسىدىن كېلىدۇ ، ھەربىر چوڭ كارخانىنىڭ رەھبىرى بىردەك مۇشۇ خىل ئېنىرگىيەگە تايىنىدۇ . مۇۋەپپىقىيەت قازانغان سودىگەرلەرمۇ غايىپەرەسلەردۇر .ئۇلار ئۈزلۇكسىز رەۋىشتە بارغانسىرى يۈكسەك ئۆلچەمگە قاراپ ئىلگىرلەيدۇ . مەنىۋى ئېنېرگىيەنى غايىلەشتۇرۇپ ، كۆرۇش سەزگۇسىگە ئايلاندۇرۇپ ، ئوينى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىشقا سالغاندا ، تۇرمۇشىتىكى تامچە – تامچە ئىدىيەلەر بىزنىڭ كۈندىلىك روھىي ھالىتىمىزدە ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە جەۋھەرلىنىدۇ .

    12.ئىدىيە ئېلاستىكىلىققا ئىگە بولۇپ ، خۇددى بىز بالىلىق ۋاقتىمىزدا ئوينايدىغان كاۋچۇك لېيىغا ئوخشايدۇ ، بىز ئۇنىڭ بىلەن ھاياتىمىزنىڭ ئۆسۈپ يىتىلىش ئۇقۇمىنىڭ كارتىنىلىرىنى بارلىققا كەلتۇرەلەيمىز . پايدىلىنىش ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەلگىلەيدۇ ، پايدىلانغاندا ئاندىن قىممەتكە ئىگە ئىشلار رولىنى جارى قىلدۇرالايدۇ . مەيلى سىز قانداق ئىش قىلىشنى ئويلاڭ ، بۇ ئىشقا بولغان تونۇش ۋە مۇۋاپىق قۇللىنىشنىڭ ھەممىسى زۆرۇر شەرتتۇر .

    13.ئىشلىمەي ئېرىشكەن بايلىق ئۆتكۈنچىدۇر ، ئۇ بالايىئاپەت ۋە خورلۇقنىڭ باشلىنىشى . شۇڭا ، ئەگەر بىز ئۇنىڭغا ئېرىشىشكە كەلمىسەك ياكى بۇ بايلىقلار بىزنىڭ تىرىشچانلىقىمىزدىن كەلمىگەن بولسا ، ئۇنداقتا بىز مەڭگۇ بۇ بايلىققا ئىگە بۇلالمايمىز ، پەقەت ئۆز تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ ئېرىشكەن بايلىقلا ھەقىقىي بولىدۇ .

    14.تارتىش كۈچى قانۇنىيىتى بەلگىلىمە ، بىزنىڭ تاشقى دۇنيادىكى تۈرلۈك كۈچۇرمىشلىرىمىزنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزنىڭ مۇناسىپ ئىنكاسىدۇر . بىز ئاشۇ شەيئىلەرنىڭ ئىچكى دۇنيايىمىزغا كىرىشىنى قانداق بەلگىلىشىمىز كېرەك ؟ مەيلى سەزگۈ ئەزالىرى ئارقىلىق بولسۇن ياكى ئوبيېكىتپ ئاڭ ئارقىلىق بولسۇن ، بىزنىڭ قەلبىمىزگە كىردىغاننىڭ ھەممىسى قەلبىمىزدە تامغا قالدۇرۇپ ، مەنىۋى كارتىنا شەكىللەندۇرىدۇ ، مەنىۋى كارتىنا دەل ئىجادچان ئېنېرگىيەنىڭ پەيدا بۇلۇش ئەندىزىسىدۇر . بۇ كەچۇرمىشلەرنىڭ زور كۆپ قىسمى تاشقى مۇھىت ، شارائىت ، ئىلگىرىكى تەپەككۇر ، ھەتتا باشقا سەلبىي ئىدىيەلەرنىڭ نەتىجىسى ، شۇڭا ،بىزنىڭ قەلبىمىزگە كىرىشتىن ئاۋال جەزمەن ئىنچىكە تەھلىل قىلىنىپ دەلىللىنىشى كېرەك .

    15.تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىنىڭ ئالدىدا بىز ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمايدىغان دەرىجىدە ئەمەس ، بىز مۇستەقىل ھالدا مەنىۋى كارتىنا يارىتالايمىز . ئىچكى تەپەككۇر جەريانىمىز ئارقىلىق باشقىلارغا ، مەسلەن ، تاشقى مۇھىت ، تۈرلۈك شارائىت قاتالىقلارغا ئەھمىيەت بەرمىسەكمۇ بولىدۇ . بۇ كۈچ – قۇدرەتنى قۇللىنىش ئارقىلىق بىز ئۆز تەقتىدىمىز ، تېنىمىز ، روھىمىز ۋە قەلبىمىزگە ئىگە بولىمىز .

    16.ئەگەر بىز ئاڭلىق ھالدا مەلۇم شارائىتنى ئىشقا ئاشۇرساق ، بۇخىل شارائىت ئەڭ ئاخىر بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا يۈز بېرىدۇ . بىز تەقدىرىمىزنى ئاستا – ئاستا قۇلىمىزغا ئالالايمىز . ھەتتا ئاڭلىق ھالدا ئۆزىمىز ئۈچۈن بىزنى ئۈمىدكە ئىگە قىلدىغان كەچۇرمىشنى يارىتالايمىز .

    17.تېگى – تەكتىدىن ئېيىتقاندا ، ئىدىيە ھاياتلىقنىڭ ھەرىكەتلەندۇرگۇچ كۈچى ، ئىدىيەنى ئىگەنلەش شارائىتنى ، ھالەتنى ئىگەنلەش ، مانا بۇ شارائىت يارتىپ ، تەقدىرنى ئىگەنلەشتۇر .

    18.ئىدىيەنىڭ نەتىجىسى ئۇنىڭ فۇرماتسىيەسىگە ، خارەكتېرىگە ۋە ھاياتىي كۈچىگە باغلىق ، بۇ ئۈچىنىڭ ئورتاق رولى ئىدىيەنىڭ خارەكتىرىنى بەلگىلەيدۇ . ئىدىيەنىڭ فۇرماتسىيەسى بۇ ئىدىيەنى پەيدا قىلغان مەنىۋى كارتىنىغا باغلىق ؛ مەنىۋى كارتىنا قەلب تامغىسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى ، كۆز قاراشنىڭ بەلگىلەشچان ئەۋزەللكى ، كۆرۇش سەزگۇسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ ئېنىقلىق دەرىجىسى ھەم بۇ كارتىنىنىڭ دادىللىقى ۋە سېھرىي كۈچىگە باغلىق ؛ ئىدىيەنىڭ خارەكتىرى ئۇنىڭ تەركىبىي قىسمىغا ، شۇنداقلا قەلبىنىڭ تەركىبىگە باغلىق . ئەگەر قەلب تەركىبى جەسۇر ، دادىل ، كۈچلۇك ، ئىرادىلىك بولسا ، ئۇنداقتا ئۇ تۈزدىغان ئىدىيەمۇ شۇنداق بولىدۇ ، ئىدىيەنىڭ ھاياتىي كۈچى ئىدىيە يىتىلگەن چاغدىكى تۇيغۇغا باغلىق . ئەگەر ئىدىيە قۇرۇشچان بولسا ، ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ ، ھاياتلىققا تولىدۇ ، ئۇ ئۆسۇپ يېتىلىپ ، تەرەققى قىلىپ زورىيالايدۇ ، ئۇنىڭ ئۆزىنى تولۇق ئۆسۈپ يېتىلدۇرۇشى ئۇنىڭ ئېھتىياجىغا باغلىق .

    19.بىز ئىدىيەنى فۇرماتسىيەلىك ئىقتىدارغا بۆلىمىز ، مانا بۇ بىز نامايەن قىلدىغان ( ياخشىلىق )ۋە ( يامانلىق ) ئىقتىدارىدۇر . ئەگەر بىزنىڭ ئىدىيەمىز قۇرۇشچان ، ماسلىشىشچان بولسا ، بىز (ياخشىلىق )نى نامايەن قىلىمىز ؛ ئەكسىچە بىزنىڭ ئىدىيەمىز بۇزۇشچان ، ماسلىشىشسىز بولسا ، بىزنىڭ نامايەن قىلدىغىنىمىز يامانلىق بولىدۇ .

    20.( ياخشىلىق ) بىلەن ( يامانلىق )نىڭ مۇقىم فۇرمىسى بولمايدۇ ، ھېچقايسىسى سۇبىستانسىيە ئەمەس ، ئۇلار بىزنىڭ ھەرىكىتىمىزنىڭ نەتىجىسىنى سۇرەتلەيدىغان سۆزدىن ئىبارەت .بىزنىڭ ھەرىكىتىمىز يەنە بىزنىڭ ئىدىيەمىزنىڭ ماھىيەتلىك بەلگىلىشىنى قۇبۇل قىلىدۇ .

    21.بۇزۇش خارەكتىرلىك ئىدىيە قۇش بىسلىق قىلىچ بولۇپ ، قارشى تەرەپنى يارلاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۆزىمىزنىمۇ يارلاندۇرىدۇ . بۇزۇش خارەكتىرلىك ئىدىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇنى پارچىلىۋىتىدىغان ۋىرۇسلار بولىدۇ ؛ بۇ ئىدىيە ھامىنى يۇقىلىدۇ ، ئەمما يۇقىلىش جەريانىدا ئۇ بىزگە كېسەللىك ، ئازاب ھەتتا باشقا شەكىلدىكى ماسلىشىشسىزلىقلارنى ئېلىپ كىلىدۇ .

    22.مۇۋەپپىقىيەتكە ئۆز تىرىشچانلىقىمىز ئارقىلىق ئېرىشىمىز ، شۇنىڭدەك مەغلۇبىيەتنىمۇ ئۆزىمىز پەيدا قىلىمىز . بەزى كىشىلەر بارلىق قىيىنچىلىقلارنى تەبىئەتتىن ھالقىغان روھقا باغلاشقا مايىل ، ھالبۇكى بۇ يەردە تىلغا ئېلىنۋاتقان تەبىئەتتىن ھالقىغان روھ پەقەت تىنىچ ھالەتتىكى (ئىدراك )تىنلا ئىبارەت ، خالاس .

    23.بىز كۆرۇش سەزگۇسىگە ئايلاندۇرۇشنىڭ كۈچ – قۇدرىتىنىڭ مۇھىتىمىز ، تەقدىرىمىز ، خارەكتىرىمىز ، ئىقتىدارىمىز ۋە نەتىجىمىزنى قانداق كونتىرۇل قىلىشنى بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ، ئەمما بۇ مۇتلەق ئىلمىي رېئاللىق . ئادەم ، ئورۇن ، ئىشلارنى ئويلىماسلىقى كېرەك ، بۇ نەرسىلەر مۇتلەق ئەمەس . سىز تەلپۇنىدىغان شارائىتنىڭ ئۆزى بارلىق ئېھتىياجنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، مۇۋاپىق ئادەم ۋە مۇۋاپىق ئىشلار مۇۋاپىق ۋاقىت ۋە مۇۋاپىق ئورۇندا پەيدا بولىدۇ .

    24.ئىدىيە بىلەن قەلب ھالىتى پەلسەپىۋى قانۇنىيەتكە ماس كېلىدۇ ، يەنى ئۇلار قارىمۇ قارشىلىقنىڭ بىرلىكىدۇر . ئىديەمىز بىزنىڭ قەلب ھالىتىمىزنى بەلگىلەيدۇ ، شۇنىڭدەك مەنىۋى ھالىتىمىز بىزنىڭ ئىقتىدارىمىز ۋە ئىدراكى ئېنېرگىيەمىزنى بەلگىلەيدۇ .

    25.كۆرۇش سەزگۇسىگە ئايلاندۇرۇلغان كارتىنا بىرخىل تەسەۋۋۇردىكى شەكىل ؛ بۇخىل تەپەككۇر جەريانى قەلبتىكى تامغىنى شەكىللەندۇرىدۇ ، بۇ تامغا يەنە كۆز قاراش ۋە غايىنى شەكىللەندۇرىدۇ ، بۇ كۆز قاراش ۋە غايە يەنە پىلاننى _ ئۇلۇغۋار پىلاننى شەكىللەندۇرىدۇ . قەلبىڭىزدە مۇۋەپپىقىيەت كارتىنىسىنى سۈرەتلەڭ ، ئاڭلىق ھالدا ئارزۇ – ئىستىكىڭىزنى كۆرۇش سەزگۇسىگە ئايلاندۇرۇڭ ؛ قەلبىڭىزدىكى بىر غايىدە تاكى قەلبىڭىزدىكى خىيالىي مەنزىرە ئايدىڭلاشقىچە چىڭ تۇرۇڭ . ئەگەر بىز ئۆزىمىزنىڭ غايىۋى كارتىنىسىغا سادىق بولساق ، مۇۋەپپىكىيەتنىڭ ئالغا ئىلگىرلەش قەدىمىگە تۈرتكە بولۇپ ، ئىلمىي ئۇسۇللار ئارقىلىق ئۇنى ئىشقا ئاشۇرشىمىز كېرەك .

    26.ئىقتىدارىمىزنىڭ يۇقىرى كۆتۇرلۈشىگە ئەگىشىپ ، تەبىئەت بىزگە تۈرلۈك مۇۋەپپىقىيەت ۋە ھاسىلاتلارنى ئېلىپ كېلىدۇ . شۇنداقلا بىزگە ئۆزىمىزنىڭ مۇھىتىنى تىخىمۇ ياخشى كونتىرۇل قىلدۇرىدۇ . ئەگەر بىز تۈپتىن ئوخشىمايدىغان باشقا بىر مۇھىتنى نامايەن قىلماقچى بولساق ، ئارزۇ – ئىستەكلىرىمىزنى كۆرۇش سەزگۇسىگە ئايلاندۇرۇپ ، غايىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ كۆرگىلى بولدىغان قىلىشىمىز كېرەك .

    27.بىزنىڭ كۆزىمىز كونكىرېت شەكىلگە ئىگە نەرسىلەرنى كۆرۈشكە مايىل ، شۇڭا بىز پەقەت ئوبيىكتىپ دۇنيادىكى مەۋجۇدىيەتنىلا كۆرۇپ ، مەنىۋىيەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولغان ، ئاللىقاچان كۆرۇش سەزگۇسىگە ئايلىنىپ بولغان كارتىنىنى كۆرمەيمىز ، ھالبۇكى ، بۇ كارتىنا ئىنتايىن مۇھىم بەلگە بۇلۇپ ، بىزنىڭ ئوبيېكتىپ دۇنيايىمىزدا نامايەن بولغان شەيئىلەرنى ئالدىنئالا كۆرسىتىپ بېرىدۇ .

    28.تەبىئەت قانۇنىيىتىنىڭ يۈرگۈلۈلۇشى مۇكەممەل ، ماسلىشىشچان بولىدۇ ، ھەممىسى قارىماققا ( پەقەت يۈز بېرىدۇ )، خالاس . ئەگەر سىز پاكىتقا ئېھىتياجلىق بولسىڭىز ، ئۇنداقتا ئۆز ھاياتىڭىزدىكى تۈرلۈك كۆرەش قىلىش تىرىشچانلىقلىرىڭىزنى ئەسلەپ بېقىڭ ، سىزنىڭ ھەرىكىتىڭىز يۈكسەك نىشانغا قاراپ تىرىشىشقا يۈزلەنگەندە قانداق بولغان ، سىز  ئۆز مەنپەئىتىڭىز ئۈچۈن پۇرسەتپەرەسلىك قىلغاندا يەنە قانداق بولغان ؛ بۇ ئىككىسىنىڭ پەرقى دىمىسەممۇ چۈشىنىشلىك .

    29.ئىنسانلاردا بىرخىل فۇنكىسىيە بولىدۇ ، ئۇ ھېس قىلىش فۇنكىسىيەسىدۇر ، باشقا فۇنكىسىيەلەر ھېس قىلىش فۇنكىسىيەسىنىڭ ئۆزگەرگەن شەكلىدىن ئىبارەت . ھېس قىلىش بارلىق ئېنېرگىيەنىڭ بۇلىقى ، ھېسيات ئەقىل ئۇستىدىن ئىنتايىن ئاسان غەلبە قىلىدۇ ، بىزنىڭ ئىدىيىمىزدە ھېس قىلىش مەۋجۇت بولمىسا بولمايدۇ ، ئىدىيە بىلەن ھېس قىلىش بىر – بىرىدىن ئايرىلالمايدىغان گەۋدىلەردۇر .

    30.كۆرۈش سەزگۇسىگە ئايلاندۇرۇش بىرخىل ئۈنۇملۇك ، كەم بولسا بولمايدىغان ئۇسۇل ، بىراق ئۇ جەزمەن ئاڭلىق يېتەكلەشنى قۇبۇل قىلىشى كېرەك . ئۇنى تەسەۋۋۇر كۈچىنىڭ چەكلىمىسىز ھالدا مەيلىگە قويۇپ بېرىشكىڭىزگە ھەرگىزمۇ بولمايدۇ ، ياخشى كونتىرۇللۇققا ئۇچىرغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا تەسەۋۋۇر كۈچى بىر ئەسكى خۇجايىن  . شۇنداقلا بىر لاياقەتلىك مالاي ، بولمىسا ئۇ بىزنى تۈرلۈك خام – خىيال ۋە ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان خۇلاسىلەرگە كىرگۈزۇپ قويىدۇ . ئەگەر ياخشى تەھلىل قىلىپ تەجىربە قىلمىساق ، بىزنىڭ قەلبىمىز ناھايىتى ئاسانلا تۈرلۈك غەيرىي مۇددىئالارنى قۇبۇل قىلىۋالىدۇ _ دە ، نەتىجىدە مەنىۋى قالايمىقانچىلىق پەيدا بولىدۇ .

    31.ھەرقانداق چۈشەنچە تەھلىل قىلىشتىن ئۆتكەن بولىدۇ ، ئىلمىي جەھەتتىن توغرا بولمىغان بارلىق نەرسىلەردىن ۋاز كىچىش كېرەك . ئەگەر سىز مۇشۇنداق قىلالىسىڭىز زېھنىڭىزنى بەزى ئەرزىمەس ئىشلارغا سەرىپ قىلماي ، ھەربىر ئىشنى ئىنتايىن ياخشى ئىگەنلەپ ، مۇۋەپپىقىيەتنى كۆرەش قىلىشىڭىز ئۈچۈن تاج قىلالايسىز . مانا بۇ سودىگەرلەر ئېيتىدىغان ( يىراقنى كۆرەرلىك ) تۇر . بۇ كۆزىتىش ئىتقىدارىغا ئاساسەن ئوخشاش بولۇپ ، بارلىق ئىشلاردا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى سىرلارنىڭ بىرى .

    32.بىز بىرخىل ئىلمىي ، توغرا مەنىۋى كارتىنا قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك ھەم قۇرۇپ چىقالايمىز . ئۇلۇۈ قەلب ئارخىتېكتورلىرى بۇ مەنىۋىيەت كارتىنىسى ئارقىلىق بىزنىڭ كەلگۇسىمىزنى بىنا قىلىدۇ .

    قەلبنى تاۋلاش

    بىزنىڭ بۇ مەزگىللىك مەشىقىمىز ئۆزىمىزگە مۇنداق بىر مۇھىم مەسلىنى تونۇتۇش :ماسلىشىشچانلىق ، بەخىت بىرخىل مەنىۋى ھالەت بۇلۇپ ، ھەرگىزمۇ ماددىي ئېگىلىۋىلىشقا باغلىق بولمايدۇ . ھەممە نەرسىنى كۆڭۈل قۇيۇپ يارتىش كېرەك .ئېرىشىشنىڭ نەتىجىسى ياخشى پىسخىكىلىق ھالەتكە باغلىق . تۇرمۇشتا ئىچكى دۇنياسى باي ئادەم ، تۇرمۇشى باياشات ، ئىچكى دۇنياسى نامرات ئادەمدىنمۇ بەكرەك بەخىتلىك .

    ئەگەر بىز ماددىي جەھەتتە باياشاتچىلىققا ئېرىشىمەن دېسەك ، ئالدى بىلەن ئۆزىمىزگە بايلىق ئېلىپ كېلىدىغان غايە نەتىجىسىنىڭ ياخشى روھىي ھالىتىنى قانداق ساقلاپ قېلىشقا دىققەت قىلىشىمىز كېرەك . بۇخىل ھالەتكە ئىگە بۇلۇشتا مەنىۋى ماھىيەتنى تونۇپ ، ئۆزىمىز بىلەن ئالەمنىڭ مەنىۋى بىرلىكىنى بىلىپ يېتىشىمىز كىرەك . بۇخىل بىلىش بىزگە ئۆزىمىزنى قانائەتلەندۇردىغان بارلىق نەرسىلەرنى ئەكىلىپ بېرەلەيدۇ .بۇ بىرخىل ئىلمىي توغرا تەپەككۇر شەكلى . بىز مۇۋەپپىقىيەتلىك ھالدا بۇخىل مەنىۋى ھالەتكە يېتەلىسەك ، بارلىق ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزنىڭ ئىشقا ئېشىشى خۇددى يۈز بېرىپ بولغان ئارزۇ – ئارمانلىرىمىزنىڭ ئىشقا ئېشىشى خۇددى يۈز بىرىپ بولغان ئىشلاردەك بىر قەدەر ئاسان قۇلغا كېلىدۇ . بىز مۇشۇلارنى قىلالىساق ، ھەقىقەت نىڭ بىزنى ( ئەركىنلىك )كە ئىرىشتۇرۇپ ، بارلىق يۇقسۇزلۇق ۋە چەكلىمىلەرنىڭ ئاۋارچىلىكلىرىدىن مۇستەسنا قىلدىغانلىقىنى بايقايمىز .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;