• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • تەشنالىقتىن ئۈمىد تۇغۇلىدۇ
  • گۈزەل سەنئەت دەرىسىدە مۇئەللىم ساۋاقداشلاردىن خۇدانىڭ رەسىمىنى سىزىشنى تەلەپ قىپتۇ . تاپشۇرۇق بېرىلگەندىن كېيىن ھەربىر ساۋاقداش يامان ئەمەس سىزىپتۇ . بىراق ، بىر پارچە رەسىم مۇئەللىمنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرۇپتۇ . بۇ بىر نېگىر بالىنىڭ ئەسىرى بۇلۇپ ، ئۇ تەڭرىنى ئۆزىگە ئوخشاش قاپقارا تېرىلىك ، بۈدۈر چاچلىق ، نېگىر سىياقىدا سىزىپتۇ ، باشقا بالىلار سىزغان خۇدا ئالتۇن چاچلىق ، كۆك كۈزلۇك بولۇپ ، بىز ئادەتتە رەسىملەردە كۆرگەن خۇدانىڭ رەسىمىگە ئوخشاش ئىكەن .

    ھېچكىم بۇ نېگىر بالىنى رەسىمنى ياخشى سىزمىغان ، خۇداغا شەك كەلتۇرگەن دىيەلمەيدۇ ، چۈنكى ھەربىر ئادەمنىڭ قەلبىدە بىر خۇدا بولىدۇ ، ھەتتا ئاڭلىق ياكى ئاڭسىز ھالدا قەلبىدىكى خۇداغا چۇقۇنىدۇ . بۇ ئادەمنىڭ ئىاراك ئەھۋالىنىڭ ئىنكاسىدۇر .

    بىر ھىندىستانلىقتىن خۇدا نېمە دەپ سورىسىڭىز ئۇ سىزگە چاڭلىق چىقارغان قەبىلە كاھىنىنى سۈرەتلەپ بېرىدۇ . پېرخون كاھىن ھەم مۇشۇ تۈردىكى نەرسىلەر بىدئەت دىن مۇرتتلىرىدىنىڭ نەزىرىدىكى خۇدا ھېسابلىنىدۇ .

    بەزىلەر مەن خۇداغا ئىشەنمەيمەن ، مېنىڭ دىنىي ئېتىقادىم يوق ، سېنىڭ ئۇ ئىدىيەلىرىڭ ماڭا ماس كەلمەيدۇ ، تەبىئىي ئەمەس دەيدۇ . بىز ئۆزىمىزگە ( بايلىق ) ، ( ھۇقۇق ) ، ( مودا ) ، ( ئادەت ) ، ( ئەنئەنە ) قاتارلىق مەبۇدلارنى تىكلىۋالىمىز . بىز ئۇلارنىڭ ئالدىدا ( تىزلىنىپ ) ئۇلارغا چۇقۇنىمىز . پۈتۈن دىققىتىمىزنى ئۇلارغا مەركەزلەشتۈرىمىز . بۇنىڭ بىلەن ئۇلارمۇ بىزنىڭ ھاياتىمىزدا كونكرېتلىشىدۇ .

    ئاتالمىش ( ياۋايى ) كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئىلاھى ئۈچۈن مەبۇد تىكلەيدۇ ، ئاندىن ئۇنىڭغا تىز چۆكۈپ تىزلىنىدۇ ، ئۇلارنىڭ ئاز ساندىكى ئەقىللىق كىشىلىرىگە نىسبەتەن ئېيىتقاندا ، ئۇلار بۇ مەبۇدلارنى بىز مەنىۋى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ ، كۆرگىلى بولدىغان تاشقى شەكىل دەپ قاراپ ، ئۆزىنىڭ روھىنى ئۇنىڭغا يۈكلەيدۇ . بىراق ، سىز سەۋەپ – نەتىجە ئايلىنىشىنى چۇشەنسىڭىز ، ئوبرازلارنىڭ ماھىيەتلىك تاشقى ئىپادە ئىكەنلىكىنى ، ئوبرازلارنى رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، دىققەت قىلغان نەرسىڭىزنىڭ ھەممىسىنىڭ ( سەۋەپ )ئىكەنلىكىنى ، ھەرگىزمۇ ( نەتىجە ) ئەمەسلىكىنى بىلىسىز ، سەۋەبىنى چۈشەنگەندىلا ئۆزىڭىز ئويلىغان نەتىجىگە ئېرىشەلەيسىز .

    1.ئەڭ ئالىي ھەرىكەت شەكلى ماھىيەت ۋە خارەكتىر جەھەتتە تىخىمۇ ئالىي ئورۇندا تۈرىدۇ ، شۇڭا مۇقەررەر ھالدا بارلىق مۇھىت ، قىياپەت ھەم باشقا ئالاقىدار شەخىسلەرنى بەلگىلەيدۇ ، ئىنسانىيەتنىڭ ( كۈللى شەيئىلەرنى تەقسىملىيەلەيدىغان ) تەقسىملەش ھوقۇقى مەنىۋىيەت ئاساسىدا قۇرۇلىدۇ . ئىدىيە بىرخىل ھەرىكەت ، ئۇ ئۆزىگە مەنسۇپ بارلىق ھەرىكەت ئەندىزىلىرىنى كونتىرۇل قىلىدۇ .

    2.ئېغىز ، كۆز ، بۇرۇن ، قۇلاق بۇ دۇنيانى ئىدراك قىلىدۇ ، بىز بەش سەزگۇ ئەزايىمىزغا تايىنىپ ئالەمگە مۇئامىلە قىلىمىز ، بىزنىڭ ئالەم ، ئىلاھ ھەققىدىكى كۆز قارىشىمىزمۇ بۇ تەجىربىنى مەنبە قىلىدۇ ، بىراق ھەقىقىي نۇقتىئىنەزەرنى مەنىۋى كۆزىتىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئاندىن قۇلغا كەلتۇرگىلى بولىدۇ . بۇخىل كۆزىتىش ئىقتىدارى مەنىۋى سىلكىنىشنىڭ تېزلىشىشىگە باغلىق ، ئۇنىڭ ئۇستىگە بىر مۇقىم نىشانغا يۈزلىنىپ پۈتۈن كۈچ بىلەن داۋاملىق زېھنىنى مەركەزلەشتۇرگەندىلا بۇخىل كۈزىتىش ئىقتىدارىغا ئېرىشكىلى بولىدۇ . مەنىۋى كۈچ – قۇدرەتنىڭ سىلكىنىشى ئەڭ ساپ بولىدۇ ، شۇڭا ئۇ مەۋجۈت بولغان كۈچ قۇدرەتلەرنىڭ ئىچىدە ئەڭ قۇدرەتلىك بولىدۇ .

    3.پەن ئۆگىنىش ، زېھنىنى نۇرغۇن ۋاقىت مەركەزلەشتۇرۇپ ، ئۇنىڭدىكى پىرىنسىپلارنى ئىگەنلەشكە مۇھتاج ، ئۇلۇغ بايقاشلارنىڭ ھەممىسى كۆزىتىشتە چىڭ تۇرۇشنىڭ نەتىجىسى ، داۋاملىق ئوينى مەركەزلەشتۇرۇش ئىدىيەنىڭ ئۈزلۈكسىزلىكى ، باراۋەر ئېقىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بىرىدۇ ، ئۇ سىجىل ، تەرتىپلىك ، مۇقىم ، قەتئىي سىستىما ئاستىدا ئىشقا ئاشۇرۇشقا مۇھتاج .

    4.بىر ياخشى ئارتىسنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشتىكى ئاچقۇچ ، ئۇنىڭ رول ئېلىش جەريانىدا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئۇنتۇپ ، ئۆزىنى ئۆزى ئىلىۋاتقان رولغا تولۇق باغلاپ ، چىنلىقنى نامايەن قىلىش ئارقىلىق ئاممىنىڭ يۈرىكىنى تىتىرىتىشتۇر ، شۇنىڭدەك ، بىرخىل كۆز قاراشتا ئوينى مەركەشلەشتۈرۇش ئېھتىياجلىق بولدىغىنى بىرەر ئىشنى تىرىشىپ قىلىش دەپ قارىلىدۇ ، بۇ قاراش خاتا ، ئەمەلىيەت دەل ئۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ .

    5.ئۆزىڭىزنىڭ ئىدىيەسىگە چۆكۈپ ، ئۆزىڭىز دىققەت قىلدىغان باش تېمىغا مەپتۇن بۇلۇپ كېتىڭ ، ھەتتا باشقا مۇناسىۋەتسىز ئىشلارنى ئويلاپمۇ قۇيماڭ . ئوينى بۇنداق مەركەزلەشتۈرۈش بىۋاستە سىزىملىق ئىدراكلاشنى ھەم بىۋاستە سىزىملىق كۆزىتىش ئىقتىدارىنى قۇزغىتىپ ، سىزگە ئۆزىڭىز دىققەت قىلىۋاتقان ئوبيېكتىپنىڭ ماھىيىتىنى كۆرسىتىپ ، ئۇنىڭدىكى سىرنى ئېچىپ بىرىدۇ .

    6.بىزنىڭ قەلبىمىز بىر پارچە ماگىنىتقا ئوخشايدۇ ، ئىنتىلدىغان ئارزۇ – ئارمانلىرىمىز ماگىنىتنىڭ كۈچىگە قارشى تۇرالمايدۇ ، بىلىم ۋە ئەقىل پاراسەتنىڭ تارتىلىشى بىزنى ئۇلارغا ئىگە قىلىدۇ ، بارلىق بىلىم ئوينى مانا مۇشۇنداق يىغىشنىڭ نەتىجىسىدۇر .

    7.ئارزۇ – ئىستەكنىڭ كۆپىنچىسى يوشۇرۇن ئاڭدۇر ، يوشۇرۇن ئاڭدىكى ئارزۇ – ئىستەك قەلىب ئېنېرگىيەسىنى قۇزغىتىپ ، قىيىن مەسىللەرنى يىشىدۇ . ئۈمىد ئوينى مەركەشلەشتۇرۇشكە قۇشۇلسا ، بىزنىڭ تەبىئەتنىڭ بارلىق سىرلىرىنى چۈشىنىشىمىزگە پايدىلىق بولىدۇ .

    8.ئوينىڭ مەركەزلىشىشى يوشۇرۇن ئاڭدىلى چۈشەنچىلەرنى قۇزغىتىپ ، ئۇنى يۆلىنىشكە قاراپ ھەرىكەتلەندۇرۇپ ، ئۇنى بىزنىڭ مۇددىئايىمىزنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۇندەيدۇ . مەركەزلەشكەن ئوينىڭ ئىشقا ئېشىشى ماددا ، روھ ۋە تەنگە بولغان كونتىرۇللۇقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ . بىر مەزگىللىك قىزغىنلىققا تايىنىشنىڭ ھىچقانداق قىممىتى يوق ، نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئۆزىگە بولغان ئەڭ زور دەرىجىدىكى ئىشەنچ بولۇشى كېرەك .

    9.تەبىئەتتىكى ھەممە نەرسە مەيلى ماددىي ، مەنىۋى ياكى جىسمانىي بولسۇن بارلىق ئاڭ ئەندىزىلىرى جەزمەن بىزنىڭ ئىلىكىمىزگە چۈشۈشى كېرەك . شۇڭا ، سەۋەبنى كونتىرۇل قىلىش مەنىۋىيەت پىرىنسىپىدا ، مەنىۋىيەت پىرىنسىپى سىزنى چەكلىك نەتىجىلەردىن قۇتۇلدۇرۇپ ، سىزنى ئىدىيە ئەندىزىسى خارەكتېر ۋە ئاڭ ساھەسىگە ئايلاندۇرۇشقا ئېلىپ بارىدۇ .

    10.( ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان شەيئى ) گە ئىگە بولۇشتىن ئاۋال بۇ ( ئۆزىگە تېگىشلىك بولمىغان شەيئى ) نىڭ ( تىرتورىيەسى ) نى ئۇرۇنلاشتۇرۇش زۆرۇر . ئوينى مەركەزلەشتۇرۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى مەلۇم كۆز قاراشنى ئويلىنىش ئەمەس ، بەلكى بۇ كۆز قاراشنى ئەمەلىي قىممەتكە ئىگە قىلىشنى كۆرسىتىدۇ .

    11.غايە بىلەن رېئاللىقنىڭ بەزىدە ئىنتايىن زور پەرقى بولىدۇ ، قەلب قانات چىقىرىپ پەرۋاز قىلماقچى بولسا ، تېخى ئېگىز ئۇچماستىلا يەرگە چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن . مەنىۋىيەت غايىنى يۈكسەلدۈرۈپ ، قەلبتىكى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىشى مۇمكىن . بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزنىڭ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرلەشنى سىنىشىمىزنىڭ باھانىسى بۇلالماسلىقى مۇمكىن ، ئەگەر مۇۋاپىقىيەتكە ئېرىشەلمىگەن بولساق ، بۇ بىزنىڭ كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىمىزنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنى چۈشەندۇرۇپ بېرىدۇ .

    12.ئاجىزلىق تەننىڭ چەكلىمىسى ياكى مەنىۋىيەتنىڭ ئېنىقسىز ھالىتىدىن پەيدا بولۇشى مۇمكىن ، ئاجىزلىق مەنىۋىيەتنىڭ نەتىجە قازىنىشىدىكى بىردىنبىر توسالغۇ . يەنە بىې قېتىم سىناپ بېقىڭ ، ئۈزلۈكسىز تەكرارلاش سىزنى ئاسانلا مۇكەممەللىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىدۇ .

    13.كىشىلەر زىھنىنى تۇرمۇشتىكى مەسىللەرگە مەركەزلەشتۇرگەندىلا ئاندىن بىزنىڭ بۈگۈنكىدەك مۇرەككەپ ئىجتىمائىي قۇرۇلمىمىز بولغان ، بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسى مۇشۇنداق بولغان . گېئولوگلار دىققىتىنى يەرنىڭ چۇڭقۇر قاتلاملىق قۇرۇلمىسىغا قۇيغاچقا ، بىزدە گېئولوگىيە بولدى ؛ ئاسترونوملار دىققىتىنى پىلانېتلارغا مەركەزلەشتۇرگەچكە پىلانىتلارنىڭ سىرى ئىچىلدى .

    14.ئۈمىد ئەڭ كۈچلۇك بىرخىل ھەرىكەت ئەندىزىسى . بارلىق مەنىۋى بايقاشلار ۋە مەنىۋى نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسىدە قىزغىن مۇھەببەتكە ئوينى مەركەزلەشتۇرۇش قۇشۇلغان ، ئۈمىد قىزغىنلاشقانسىرى بايقىلىشمۇ رۇشەنلىشىپ بارىدۇ .

    15.ئۇلۇغ غايىنى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانىدا ، كەچۈرمىشلەر بىلەن بۇ ئۇلۇغ غايىنى بىرلەشتۇرۇشنىڭ ئۇلۇغ ھېسياتى جەريانىدا قەلب مۇشۇنداق بىرخىل ھالەتنى چىقىس قىلسا ، تېخىمۇ يۈكسەك شەيئىلەرنىڭ قىممىتىدىن ھۇزۇرلىنالايدۇ .

    16.ئوينى مەركەزلەشتۇرۇپ ئەندىشە ، ئاجىزلىق ، ئىقتىدارسىزلىق ، ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۇشنىڭ ئاسارەتلىرىدىن چىقىس سىزگە بويسۇنۇش قىزغىنلىقىنى سىنىتىدۇ . بىر باسقۇچتىكى ئوينى يۈكسەك دەرىجىدە مەركەزلەشتۇرۇشكە ئىشقا ئاشۇرۇش ۋە ئېرىشىشكە بولغان ئۈمىد قۇشۇلسا ، ئۇزۇن مەزگىللىك پاسسىپلىق ئەزمىلىك ، ئادەتتىكى تىرىشچانلىقتىنمۇ بەكرەك ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولۇشى مۇمكىن .

    17.تەشنالىق بىرخىل مەنىۋى قۇدرەت ، بارلىق سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ھەممىسى غايىنىڭ كونكرېتلشىشىدۇر . سودا دەرىسلىرى ئوينى مەركەزلەشتۇرۇشكە ئىنتايىن ئەھمىيەت بىرىدۇ ، خارەكتىرنىڭ كەسكىنلىك تەرىپىگە ئىلھام بىرىدۇ . سودا پائالىيەتلىرى ئەمەلگە ئاشۇرۇش جەريانىدا كۆزىتىش ئىقتىدارىنى ئاچىدۇ ھەم يەكۈن چىقىرىش ئىقتىدارىنى تىزلىتىدۇ . ھەربىر سودا پائالىيىتىدە ئۇنىڭدىكى مەنىۋىيەت ئامىللىرى يېتەكچىلىك ئورنىنى ئىگەنلەيدىغان تەركىبلەردۇر . سودا ھەرىكىتىدە نۇرغۇن مۇستەھكەم ، مۇھىم پەزىلەتلەرنى يېتىلدۇرگىلى بولىدۇ . قەلب ئۆسۇپ يېتىلىدۇ ، مەنىۋى پائالىيەتلەردىكى نىسبەت ئۈزلۈكسىز كۈچىيىدۇ .

    18.ئەڭ مۇھىمى قەلبنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشى ، قەتئىي بوشاشماس مەنىۋى تىرىشچانلىق سىزنىڭ مۇستەقىللىق ۋە ئىلگىرلەش روھىنى ئېچىشىڭىزغا پايدىلىق ، بۇ مەنىۋىيەتنى تۈرلۈك توسالغۇ ۋە ئىقتىدارلارنىڭ ھاياجىنىدىن ساقلايدۇ . قەلبنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ، ئۆزلۇكنىڭ تۆۋەن قاتلامدىن يۇقىرى قاتلامغا ئىلگىرلەش جەريانىدىكى غەلبىدۇر .

    19.گېنېراتورنىڭ قۇدرىتى تەڭداشسىز ، بىراق ، ئۇ قۇزغىتىلمىسا ھېچقانداق بىر كۈچنى جارى قىلدۇرالمايدۇ . قەلبىمىز تەن گېنېراتورىمىزنىڭ ۋىكلىيوچاتېلى ، قەلب تەننى ھەرىكەتلەندۇرگەندىلا ئاندىن ئۈنۈم پەيدا قىلالايدۇ ، ئۇ پەيدا قىلغان ئېنېرگىيە ئېنىق ، ئۈنۈملۇك ھالدا يىغىلىدۇ .قەلب موتۇر ، ئۇنىڭ ئېنېرگىيىسىنى ئادەم تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ .

    20.ئەگەر سىز ئويىڭىزنى بىر مۇھىم ئىشقا مەركەزلەشتۇرسىڭىز ، بىۋاستە سېزىمنىڭ كۈچ – قۇدرىتى رول ئويناشقا باشلىسا ، ئۇ سىزگە ياردەم قىلىپ ، سىزنى مۇۋەپپىقىيەت يولىنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئېلىشقا يېتەكلەيدۇ . ئوينى مەركەزلەشتۇرۇش ئاڭنىڭ توپلىنىشىنى دىققەت قىلىۋاتقان ئوبيكىت بىلەن بىرلەشتۇرۇش جەريانىدىن ئېبارەت . خۇددى تەن ھاياتلىقنى ساقلاپ قىلىش ئۈچۈن يېمەكلىك قۇبۇل قىلغاندەك ، مەنىۋىيەتمۇ ئۆزى دىققەت قىلىۋاتقان ئوبيكىتنى قۇبۇل قىلىشقا مۇھتاج ، ئۇنى ھاياتلىق ۋە مەۋجۇتلۇق ماھىيىتىگە ئېرىشتۇردىغان ھېچقانداق سىر يوق .

    21.ئىنساننىڭ بىۋاستە سېزىمى بىر سىلىق يىتەكچىگە ئوخشايدۇ ، بىۋاستە سىزىمغا تەجىربە ياكى ئەسلىمىگە تايىنىپ جاۋاپقا ئېرىشىشنىڭ ھاجىتى يوق . بىۋاستە سېزىمدىن پايدىلىنىپ مەسىللەرنى ئىزاھلاش ئادەتتە ئەقلىي ئىقتىدار كاتېگورىيەسىدىن ھالقىپ كەتكەن بولىدۇ . بىۋاستە سېزىمنىڭ ئادەتتىكى تاسادىپىيلىقلىرى سىزنى ھاڭ – تاڭ قالدۇرىدۇ . بىۋاستە سېزىم دائىم ئويلىمىغان يەردىن بىز ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەۋاتقان ھەقىقەتكە ئۇرۇلىدۇ ، ئادەم ئۇزۇندىن بۇيان ئىزدەۋاتقان ھەقىقەتكە ئۇرۇلىدۇ ، ئادەم ئۇنىڭدىن تىخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق كۈچ قۇدرەت كىلىدىغاندەك تۇيغۇدا بولىدۇ ، بىۋاستە سىزىمنى يىتىلدۇرگىلى ، ئاچقىلى بولىدۇ ، بىۋاستە سىزىمنى يىتىلدۇرۇش ئۈچۈن ئۇنى تونۇش ، ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىش كېرەك . بىۋاستە سېزىم سىزگە مىھمان بولسا ، ئۇنىڭغا پادىشاھلارنى كۇتۇۋالغاندەك ئەدەب بىلەن مۇئامىلە قىلىشىڭىز كېرەك ، بۇنداق بولغاندا ئۇ قايتا – قايتا قەدەم تەشرىپ قىلىدۇ . سىزنىڭ كۈتۇۋېلىشىڭىز قىزغىن بولغانسېرى ئۇنىڭ قەدەم تەشرىپ قىلىشى ئۈستى – ئۈستىلەپ بولىدۇ . ئەگەر سىز ئۇنى چۈشەنمىسىڭىز ياكى كۆزگە ئىلمىسىڭىز ئۇنىڭ زىيارەت سانى بارغانسېرى ئازلاپ ، سىزدىن ئاستا – ئاستا يىراقلىشىدۇ .

    22.يوشۇرۇن ئاڭ دائىم غەلبە قىلدىغان قۇشۇن ، ئۇ تارمار بولۇشقا يۈزلەنسە ھىچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ . يوشۇرۇن ئاڭغا ھەرىكەت قىلىش ئىقتىدارى بېغىشلىغاندا ئۇ قىلالايدىغان ئىشلار چەكلىمىسىز بولىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ ئىستىكىڭىز تەبىئەت قانۇنىيىتى ياكى ئالەم روھى بىلەن ماسلىشىشچان بولسا ، يوشۇرۇن ئاڭ سىزنىڭ قەلبىڭىزنى ئازا قىلىپ ،سىزگە يېڭىلمەس جاسارەت بېغىشلايدۇ . سىز قۇلغا كەلتۇردىغان ھەرقانداق مۇۋەپپىقىيەت پۈتۈنلەي سىزنىڭ ئىستىكىڭىزنىڭ ماھىيىتىگە باغلىق .

    23.بىزنىڭ ھەربىر توسالغۇدىن ھالقىشىمىز ، ھەربىر قىتىملىق غەلبىنى قۇلغا كەلتۈرىشىمىز ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىدۇ ؛ بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ زور كۈچ – قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ ، تېخىمۇ كۆپ ۈەلبىگە ئېرىشەلەيمىز . سىزنىڭ جاسارىتىڭىز مەنىۋى ھالىتىڭىزگە باغلىق ، ئەگەر سىز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشتا ئۆزىڭىزگە ئىشىنىش ھالىتىنى نامايان قىلسىڭىز ، مۇستەھكەم ئىشەنچكە ئىگە بولسىڭىز ، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان ساھەلەردىنمۇ تىۋىشسىز ئىھتىياجلارغا ئېرىشەلەيسىز .

    24.بىز بەزىدە ئۆزىمىزنىڭ زادى نېمىنى ئويلايدىغانلىمىزنى ئايدىڭلاشتۇرالماي قالىمىز ، نام – ئابرۇيغا ئىنتىلىپ ، شان – شەرەپكە ئىنتىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ، باياشاتلىققا ئىنتىلىپ ، بايلىققا ئىنتىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ؛ مەرتىۋىگە ئىنتىلىپ ، تەقسىملەش ھۇقۇقىغا ئىنتىلمەسلىكىمىز مۇمكىن . بۇنداق ئەھۋالدا سىز ئۇنىڭغا ئىنتىلمەكچى بولۇپ تۇرغاندا ، بۇلارنىڭ پەقەت ھەش – پەش دېگۇچە ئۆتۇپ كېتىدىغان نەرسىلەردىن ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقاپ قالىسىز . قەلبتىكى كۆز قاراشقا بولغان ساداقەتنى ساقلاپ قالغاندىلا ئۇ ئاستا – ئاستا ئوبيكتىپ دۇنيادا شەكىللىنىدۇ .

    25.ئىنىق نىشاننىڭ ئۆزى بىرخىل ھەرىكەت ، ئۇ كۆرۇنمەس دۇنيادا سىزگە نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كېرەكلىك بارلىق ماتىرياللارنى تېپىپ بىرىدۇ . سىزنىڭ ئىنتىلۋاتقىنىڭىز كۈچ قۇدرەتنىڭ ئۆزى بولماي ، كۈچ قۇدرەتنىڭ بەلگىسى بولۇشى مۇمكىن .

    26.بايلىق ئۈچۈن بىر ئۆمۈر پالاقلاپ نۇرغۇن پۇل چېكىگە ئىگە بولغان ، يانچۇقىنى ئالتۇن بىلەن لىق تۇشقۇزغان ئادەم ئەڭ ئاخىردا غايەت زور مىقتاردىكى پۇلنىڭ پەقەتلا ساندىنلا ئىبارەت ئىكەنلىكىنى بايقايدۇ . پۇل ھەم نۇقۇل ھالدىكى كۈچ قۇدرەتنىڭ بارلىق بەلگىلىرى ھەمىشە كىشىلەرنىڭ بەس – بەستە تەلپۈنۈش ئوبيېكتى بولۇپ قالىدۇ ، بىراق ھەقىقىي كۈچ – قۇدرەتنىڭ مەنبەسىنى تۇنۇيدىغان بولساق ، بىز بۇ بەلگىلەرگە پىسسەنت قىلىپ كەتمەيمىز . شۇنىڭدەك ھەقىقىي كۈچ – قۇدرەتنىڭ مەنبەسىنى تاپقان ئادەم كۈچ – قۇدرەتنىڭ ساختا بېزەكلىرى ياكى بۇيۇملىرىغا قىزىقىپ كەتمەيدۇ .

    27.ئىدىيە تاشقى دۇنياغا ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلىدۇ ، بىراق ، ئىدىيەنىڭ تىغ ئۈچى ئىچكى دۇنياغا قارىتىلسا ، ئىدىيە بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىنى ئىگىلەپ ، كۈللى شەيئىلەرنىڭ يادروسى ۋە روھىنى تونۇپ يېتىدۇ .

    28.ئەگەر سىز كۈللى شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتىنى ئىگىلىۋالسىڭىز ئۇلارنى بىر قەدەر ئاسان تۇنۇپ ، ئۆزىڭىزگە بۇيسۇندۇرالايسىز ، كۈللى شەيئىلەرنىڭ مەنىۋى ماھىيىتى شەيئىلەرنىڭ ئۆزى بۇلۇپ ، ئۇنىڭ يادرولۇق قىسمى ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقتۇر . تاشقى شەكىل ئىچكى مەنىۋىيەتنىڭ تاشقى ئىپادىسىدىن ئىبارەت ، خالاس .

    29.كۆڭۈل قۇيۇپ پەرۋىش قىلغاندا گۈل ئىچىلماي قالىدۇ . ئېتىبار بەرمەي سانچىپ قۇيغاندا سۆگەت نوتىسى كۆكلەپ قالىدۇ ، كۈچ – قۇدرەت ئازادىلىكتىن كېلىدۇ . پۈتۈنلەي ئازادىلىشىش ، نەتىجىدىن ئەنسىرمەسلىك كېرەك . مەنىۋىيەتنى مەركەزلەشتۇرۇش ، ئاڭلىق ھالدا نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىش كېرەك . ئەھمىيەت بېرىۋاتقان نىشان ئۈستىدە ئويىڭىز ئۇنىڭ بىلەن پۈتۈنلەي بىرلىشىپ كەتكۈچە ، سىز باشقا نەرسىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قايتا ھېس قىلمۇغىچە تەپەككۇر قىلىڭ .

    قەلبنى تاۋلاش

    ئىقتىدارلىق سودىگەرلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئايرىم ئىشخانىسى بولىدۇ ؟ بۇ دائىم ( تىمتاسلىق ) ئىچىدە بىۋاستە سېزىمغا ئېرىشتۇرىدۇ . ئۇلۇغ قەلب ئىگىلىرى دائىم يالغۇز يۈرۇشنى ياخشى كۆرىدۇ . بۇ يەردە ئۇ تاشقى دۇنيانىڭ ئاۋارىچىلىكىگە ئۇچىرمايدۇ . سۈكۈت ، يالغۇزلۇقتا ھاياتلىقنىڭ نۇرغۇن مۇھىم مەسىللىرى يېشىلىدۇ . ئەگەر سىزنىڭ بۇنداق شارائىتىڭىز بولمىسا ، ئەڭ بولمىغاندا ھەر كۈنى بىر نەچچە مىنۇت يالغۇز تۇرالايدىغان جاينى تېپىو ، ئۇ يەردە تەپەككۇرىڭىزنى ئېچىڭ ، ئىقتىدارىڭىزنى – ئېرىشىش  ئىنتايىن زۆرۇر بولغان ، سىزنى يىڭىلمەس قىلدىغان ئىقتىدارىڭىزنى ئېچىڭ .

    ئوينى مەڭگۇ ئۆزىڭىزنىڭ نىشانىغا مەركەزلەشتۇرۇڭ ، ئىشقا ئاشۇردىغان نىشاننىڭ بولماسلىقى ھىچ ئىشنىڭ ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىغا تەڭ ؛ ۋەھىمىنى يۇقىتىشنى ئارزۇ قىلسىڭىز ، ئويىڭىزنى جاسارەتكە مەركەزلەشتۇرۇڭ ؛ كېسەللىكنى يۇقىتىشنى ئويلىسىڭىز ساغلاملىققا مەركەزلەشتۇرۇڭ ؛ يۇقسۇزلۇقنى يۇقىتىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز ، ئويىڭىزنى باياشاتلىققا مەركەزلەشتۇرۇڭ . بۇ ( سەۋەپ _ھاياتلىق قانۇنىيىتىنى قۇزغۇتىدۇ ، مانا بۇ ( سەۋەپ )يېتەكچىلىك ، باشلامچىلىق قىلىپ زۆرۇر مۇناسىۋەتنى قۇرىدۇ ، بۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ نىشانىڭىز ماددىي شەكىلدە ئىشقا ئاشىدۇ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;