• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بىر – بىرىنى مەنپەئەتدار قىلدىغان قىلمىش
  • بارلىق كىشىلەر تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئىچىدە تۇرىدۇ ، ھېچقايسىسى مۇستەقىل مەۋجۇتلۇق ئەمەس . بىر ئەر تۈرلۈك سالاھىيەت ۋە روللارغا ئىگە بولۇپ ، تۈرلۈك ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت ئالاقىسىدە تۇرۇشى مۇمكىن . ئۇ ئاتا ھەم بالا ، ئەر ھەم قېرىنداش . شۇنىڭدەك ، ئاياللارمۇ ئوخشاش بولمىغان ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتە ئوخشاش بولمىغان روللارنى ئالىدۇ . ئوخشاش بولمىغان روللار ئۇلارغا ئوخشاش بولمىغان مەۋجۇدىيەت ۋە مەسئۇلىيەتنى يۈكلەيدۇ . شۇڭا ، بىر ئادەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۇنىڭ پۈتكۇل مۇناسىۋىتىدە ، ئۇنىڭ باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە ، ئۇنىڭ جەمىئەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدە بولىدۇ . بۇخىل مۇناسىۋەت ئۇنىڭ مۇھىتىنى تەشكىل قىلىدۇ ، باشقا شەكىللەر ئارقىلىق بولۈشى مۈمكىن ئەمەس .

    بۇنىڭدىن مەلۈمكى ، يەككىلىك ئومۇمىيلىقتىن ئايرىلالمايدۇ ، يەككىلىك كائىنات روھىنىڭ بۆلۈنۇشىدىنلا ئىبارەت . بۇخىل ئالەم روھى (دۇنيادا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنى يۇرىتىدۇ ) ، كائىناتتىكى يەككىلىشىش ياكى ئادەملىشىش پەقەت يەككىلىق بىلەن ئومۇمىيلىقنىڭ باغلىنىش شەكلىدۇر . بۇنداق باغلىنىش شەكلىنى بىز مۇھىت دەپ ئاتايمىز . بۇخىل مۇھىت تارتىش كۈچى قانۇنىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولىدۇ .

    ياشاش ئۈچۈن بىز ياشاش ماتېرىياللىرىغا ئېرىشىمىز ، بۇ نۇقتىنى تارتىش كۈچى قانۇنى بەلگىلەيدۇ . مانا مۇشۇ قانۇن يەككىلىك بىلەن ئالەمنى ئايرىپ ، بىزگە بۇ مەسلىنى تېخىمۇ ئىنىق كۆرسىتىپ بېرىپ ، تارتىش كۈچى قانۇنىنى تېخىمۇ ياخشى كونتىرۇل قىلدۇرۇپ ، بىزنى ئۇنىڭغا ئىگە قىلىدۇ .

    1.ھەممە نەرسە ئۆزگىرىدۇ . ئۆزگەرمەيدىغان بىردىنبىر نەرسە ئۆزگىرىشتۇر . دۇنيادىكى ئىدىيە نۇقتىئىنەزەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئۆزگىرىشى بىزنىڭ يېنىمىزدىلا يۈز بەرمەكتە ، بىدئەت دىن يۇقالغاندىن بۇيان ، بۇدۇنيانىڭ باشتىن كۈچۇرگىنى ئەڭ مۇھىم ئىدىيەۋى ئۆزگىرىشلەر بولدى .

    2.مەيلى نېگىرلار بولسۇن ياكى ئاق تەنلىكلەر بولسۇن ، مەيلى نامراتلار بولسۇن ، مەيلى خىرىستىيان مۇرتلىرى ياكى كاتولىك مۇرىتلىرى بولسۇن ، مەيلى يۇقىرى قاتلامدىكى ئەڭ تەربىيە كۆرگەن كىشىلەر توپى ياكى ئەڭ تۆۋەن قاتلامدىكى ئەمگەكچىلەر سىنىپى بولسۇن ، ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇبىر مەيدان مىسلىسىز ئىنقىلابىنى قىلماقتا ، بارلىق كىشىلەرنىڭ نۇقتىئىنەزىرى ئۆزگەرمەكتە ، لېكىن ، بەزى كىشىلەر بۇنى ھېس قىلسىمۇ بەزى كىشىلەر بىخۇد يۈرۈۋاتىدۇ .

    3.بىيولوگىيە دۆلىتىگە كىرسىڭىز ھەممە نەرسىنىڭ ئاقما ھالەتتە ئىكەنلىكى ، مەڭگۇ ئۆزگىرىۋاتقانلىقى ، مەڭگۇ يارىتىۋاتقانلىقى ، قايتا يارتىلۋاتقانلىقىنى بايقايسىز . مىنېرال دۇنيادا ھەممە نەرسە ئۆزگەرمەيدىغاندەك ، مۇقىم كۇرۇنسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنداق ئەمەس ، ئڭلاردىمۇ ھەرقانچان ئىنچىكە ئۆزگىرىشلەر يۈز بىرىۋاتىدۇ .

    4.ھەربىر ساھە ھامان بارغانسېرى گۈزەللىشىدۇ ، بارغانسىرى مەنىۋىيلىشىاۇ ، شەكىللىكتىن شەكىلسىزلىككە ، قۇپاللىقتىن سىنىپلىققا ، تۆۋەن دەرىجىلىكتىن يوشۇرۇن ئاڭ ئېنېرگىيەسدىن يۇقىرى دەرىجىلىك يوشۇرۇن ئاڭ ئېنېرگىيەسىگە ئۆزگىرىدۇ . بىز شەكىلسىز دۇنياغا بارغاندا ئېنېرگىيەنىڭ ئەڭ ساپ ، ئاڭ جانلىق ھالەتتە تۇردىغانلىقىنى بايقايمىز ، ئۇ ھەرقاچان قۇزغىتىلىشقا تەييار تۇرىدۇ .

    5.ئۇزۇن مۇددەت ئەنئەنىنىڭ بۇيۇنتۇرۇقىدا ياشىغان كىشىلەر بارلىق چەكلىمىلەردىن قۇتۇلدى ، يېڭى مەدەنىيەتكە ۋەكىلىك قىلدىغان نەزەر دائىرە ، ئىشەنچ ۋە مۇلازىمەت تۇيدۇرماستىن كونا ئادەت ، دىننىي ئەقىدە ، ياۋۇزلۇق قاتارلىق بارلىق چىرىك ، دەۋىر تەرەققىياتىغا ماس كەلمەيدىغان نەرسىلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى . بۈگۈنكى كۈندە ئىلىم – پەننىڭ بايقىغانلىرى ھېسابسىز بولۇپ ، چەكسىز بايلىق مەنبەلىرى ، سان – ساناقسىز ئىمكانىيەتلەرنى بايقاپ ، كىشىلەر بىلمىگەن نۇرغۇن كۈچ – قۇدرەتلەرنى نامايەن قىلدى . ئالىملارنىڭ مەلۇم بىر نەزەرىيەنى مۇئەييەنلەشتۇرۇشى تېخىمۇ قىيىنلاشتى ، قائىدە – نىزاملار گۇمانلانغىلى بولمايدىغان بولۇپ قالدى ؛ شۇنىڭدەك ، بىرەر نەزەرىيەنى ئىنكار قىلىپ بىمەنىلىك ، مۇمكىن بولمايدۇ دەپ ئاتاشمۇ تەسكە چۇشىدىغان بۇلۇپ قالدى .

    6.قەلبىمىزدىن كەلگەن پۈتۈنلەي يىڭى كۈچ قۇدرەت ۋە ئاڭ ، ئىشىنىش قىيىن بولغان ئىرادە ۋە قارار ئۇيقۇدىكى دۇنيانى ئۆزگەرتىپ ، بىزنىمۇ ئۆزىمىزنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا يېڭىباشتىن نەزەر سالدۇرماقتا .

    7.مولېكولادىن ئاتومغىچە ، ئاتومدىن كۆۋانتقىچە دۇنيادىكى شەكىللىك سۇبىستانسىيەلەر كىشىلەر تەرپىتىن ئىنچىكىلەشتۇرۇلۇپ ئاخىرقى چەككە ئېلىپ بېرىلدى ، ئۇنىڭ ئىچكى قۇرۇلمىسىنى كىشىلەر ئىنتايىن ئىنىق ، رۇشەن كۆردى . ئەمدى بىزنىڭ قىلدىغان ئىشىمىز مەنىۋىيەتنى ئىنچىكىلەشتۇرۇپ ، مەنىۋىيەتنىڭ كۇۋانتىنى تېپىشتۇر . ( ئېنىرگىيەنىڭ ئەڭ ئاخىرقى چەك مەنىسىدىن ئېيىتقاندا ، ئۇنىڭ ئىپادىلەيدىغىنى بىز ئېيىتقان ( مەنىۋىيەت )ياكى (ئىرادە ) بىۋاستە قوللىنىلغاندا ئۇلارنىڭ چۈشىنىلشىدۇر ) دەيدۇ سىر  ئانبولۇس فرايمىر .

    8.دۇنيادىكى ئىشلارنى ئۆزگەرتىدىغىنى مەنىۋى خىزمەتلەردىن ئىبارەت . ئەقلىي خۇلاسە مەنىۋىيەت جەريانى ؛ كۆز قاراش مەنىۋىيەتنىڭ ھامىيلىسى ؛ سۇئال ئەمەلىيەتتە مەنىۋىيەتنى يۇرۇتىدىغان چىراغ ۋە لوگىكا ؛ مۇنازىرە ۋە پەلسەپە مەنىۋىيەتنى تەشكىل قىلدىغان ئورگانىزىم . بۇخىل مەنىۋىيەت بىزنىڭ قەلبىمىزنىڭ ئاخىرقى چەك ئېنېرگىيەسىدە ماكانلاشقان . ئۇ ماددىدىمۇ ، قەلبىتىنمۇ مەۋجۇت .ئۇ ھەممىنى قۇغداپ ، ھاياتلىق ئېنېرگىيەسىنى ھەممىگە ، ھەممە يەردە مەۋجۇت ئالەم ئېنېرگىيەسىگە تۇشقۇزىدۇ .

    9.ئادەم بىلەن ھايۋاننىڭ پەرقى مېڭە سىغىمچانلىقىنىڭ ئوخشاش بولمىغانلىقىدا ، شۇنداقلا ئەقىل پاراسەتتىكى پەرىقتە . مانا مۇشۇ ئەقىل – پاراسەت ھايۋانلاردا ئۆسۈملۇكلەردىن بىر دەرىجە ئۇستۇن ، ئادەملەردە ھايۋانلاردىن بىر دەرىجە ئۈستۈن بولىدۇ .

    10.بارلىق ھاياتلىق يەككىلىكى بۇخىل ھەممىگە قادىر ئەقىل – پاراسەتكە تايىنىپ مەۋجۇت بولىدۇ ، بىز ئىنسانلارنىڭ يەككە ھاياتلىق پەرقىنىڭ كۆپ ھاللاردا ئۇلارنىڭ بۇخىل ھەممىگە قادىر ئەلەم ئەقىل – پاراسىتىنى قانچىلىك دەرىجىدە نامايەن قىلغانلىقى بىلەن باغلىنىشلىق ئىكەنلىكىنى بايقايمىز .بىزگە ئايان ، بۇنداق قاتلاممۇ قاتلام ئېشىۋاتقان ئەقىل – پاراسەت ئىنسانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا بولىدۇ ، ئىنسانلارنىڭ يەككىلىكى ئۆزىنىڭ ھەرىكەت ئەندىزىسىنى كونتىرۇل قىلىدۇ ھەم مۇھىتقا ئاساسەن ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىنى لايىقلاشتۇرىدۇ . ئەقىل – پاراسەتنىڭ دەرىجىسى يۈكسەلگەنسىرى بىز بۇ تەبىئىي قانۇنىيەتنى چۈشىنىپ ، تېخىمۇ يۈكسەك ، تېخىمۇ كۈچلۈك ئىقتىدارغا ئىگە بولىمىز .

    11.بارلىق ئۇلۇغ قەلىبلەر خۇددى سائەتنى توغىرلىغاندەك تەڭشىلىدۇ . بۇ يەردىكى تەڭشەش دېگىنىمىز ، كائىنات روھىغا نىسبەتەن ھازىۋ مەۋجۇت بولغان تەرتىپلەرنى بىلىشتۇر . ھەممەيلەنگە ئايان ، بىز ئاۋال ئالەم روھىنى ھۆزمەت قىلىمىز ، ئاندىن ئالەم روھى بىزنىڭ تاپشۇرقىمىزنى ئاڭلايدۇ .

    12.ئالەم روھى بارلىق ئېھتىياجلارنى قاندۇرالايدۇ ، چۈنكى ئالەم روھىنىڭ ئۆزىمۇ مەۋجۇت قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنىدۇ ، بۇ تەبىئىي قانۇنىيەت ،تەبىئەت قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇش بىزنى ماكان – زامان پەرقىدىن ھالقىتىپ ، كۆكتە پەرۋاز قىلدۇرىدۇ ، شۇنداقلا پولات قالقانلارنى كىيدۈرۈپ سۈ يۈزىدە لەيلىتىدۇ .ئىنسانلار ئىنسان ئۆزلۈكىنىڭ كائىنات ئەقىل – پاراسىتىنىڭ يەككە شەكلى ئىكەنلىكىنى تونۇپ يەتكەچكە ، بۇخىل ئۈزلۇكنى تونۇش دەرىجىسىگە يەتمىگەن يەككىلەرنى كونتىرۇل قىلالايدۇ .

    13.بىزنىڭ ئىدىيەمىز ئىنتايىن جانلىق بۇلۇپ ، پائالىيەتچانلىققا ئىگە ، لېكىن بۇخىل ئىجادىي كۈچ ئىنسانلارنىڭ يەككىلىكىنى مەنبە قىلماي كائىناتنى مەنبە قىلىدۇ . كائىنات بارلىق ئېنېرگىيە ۋە ماددىلارنىڭ مەنبەسى ؛ يەككىلىك بولسا كائىنات ئېنېرگىيەسىنىڭ بۆلۈنۇپ ئاقىدىغان ئېرىقىدىن ئىبارەت .

    14.پۈتۈنلۇك يەككىلىككە تايىنىپ ئىپادىلىنىدۇ ، كائىنات يەككىلىك ئارقىلىق تۈرلۈك ئوخشاش بولمىغان بىرىكىشلەرنى يارىتىدۇ ، شۇڭا تۈرلۈك ھادىسىلەر يۈز بېرىدۇ ، ئەسلىي ماددىلارنىڭ ھەرىكەت نىسبىتى ئوخشاش بولمايدۇ ، ئۇ ياراتقان يېڭى ماددا سىلكىنىش نىسبىتىدە ئەسلىي ماددا بىلەن كەسكىن بىردەكلىكنى ساقلايدۇ ، بۇلارنىڭ ھەممىسى سىلكىنىش قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ .

    15.ئىدىيە ئەمەلىيەتتە كۆرۇنمەس كۆۋرۇك ۋە بەلباغ ، ئۇ يەككىلىك بىلەن ئالەم ، چەكلىكلىك بىلەن چەكسىزلىك ، شەكىلسىزلىك بىلەن شەكىللىك ساھەسىنى باشلاپ بىرلەشتۇرىدۇ . ئىنسانلارنىڭ تەپەككۇر قىلالىشى ، ھېس قىلالىشى ، ھەرىكەت قىلالىشى ، بىلىمگە ئېرىشەلىشى ئىدىيەنىڭ سېھرىي كۈچىدۇر ، ئىدىيە ئىنسانلارنىڭ بىرىنجى ئالاھىدىلىكى .

    16.پەن – تېخنىكىنىڭ ئىلگىرلىشى ۋە تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرسى ئۆزگەردى ، ھەسسىلىك ئاستىرنومىيە تېلېسكوپىغا تايىنىپ كىشىلەر ئاددىي كۈزى بىلەن كۆرگىلى بولمايدىغان نەچچە مىڭ ئىنگىلىز چاقىرىمى يىراقلىقتىكى دۇنيانى كۆرەلەيدىغان بولدى ؛ شۇنىڭدەك ئىنسانلار مۇۋاپىق تۇنۇشقا تايىنىپ كائىنات روھىدىن ئىبارەت بارلىق ئىنىرگىيەنىڭ مەنبەسى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرالايدۇ .

    17.ئىنساننىڭ تونۇش جەريانىنى ئىچىدە لېنتا يوق سىنئالغۇغا ئوخشىتىشقا بولىدۇ ، ئەگەر چۈشىنىش ۋە تونۇش بولمىسا ھېچنىمىنىڭ ئىزناسى بولمايدۇ ، ئۇ پەقەت قۇپقۇرۇق بىر كۆرۇنۇشتىن ئىبارەتتۇر ، خالاس .

    18.بارلىق تونۇش ئىشەنچتىن باشقا ھېچ نەرسە ئەمەس ، ئادەم يەيدىغان قەبىلىلەرنىڭمۇ ئۆز ئەقىدىسى بولىدۇ ، بىراق بۇنداق ئەقىدە نېمىگە ئەسقاتىدۇ ؟ كىشىلەر ئۈچۈن قىممىتى بار بىردىنبىر ئەقىدە ، ئەمەلگە ئشۇرۇلۇپ تەجىربىلەردە ئىسپاتلىنالايدىغان ئەقىدىدۇر . دەلىللەنگەندىن كېيىنكى ئەقىدە ئەقىدىدىنلا ئىبارەت ئەمەس ، ئۇ ھاياتلىقتىكى ئېتىقاد ۋە ھەقىقەتكە ئايلىنىپ كېتىدۇ . بۇ ھەقىقەت سانسىز كىشىلەرنىڭ تەجىربىسىدىن ئۆتكەن بولۇپ ، مۇۋاپىق ئۇسۇلنى ۋاستە قىلىش ئارقىلىق قۇللىنىشقا ئېھتىياجلىق .

    19.نۇرغۇن يىللار ئىلگىرى ، ئىنسانلارنىڭ كۆرەلەيدىغىنى پەقەت بىشى ئۇستىدىكى بىرپارچە ئاسمان بوشلۇقى ئىدى ، ئىنسانلارنىڭ نەچچە يۈز مىليون ئىنگىلىز چاقىرىمى يىراقلىقتىكى پىلانىتلارنىڭ ئورنىنى بېكىتىدىغان ھەسسلىلىك تېلېسكوپى ئەسلا يوق ئىدى . ئىلىم – پەن ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلىپ ، تېخىمۇ چوڭ ، تېخىمۇ ئېنىق تېلېسكوپلار لايىھەلەپ چىقىلدى ، بۇنىڭ بىلەن ئىنسانلار ئاسترونومىيە بىلىملىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ چۈشىنىپ ، غايەت زور نەتىجىلەرنى ئۈزلۇكسىز توپلىدى ، ئىنسانلارنىڭ دائىرسى كېڭەيدى .

    20.ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىيەت دۇنياسىغا بولغان تونۇشىمۇ شۇنداق بولىدۇ ، مەنىۋىيەتنىڭ تېلېسكوچى ئۈزلۈكسىز يىڭىلىنىدۇ ، كىشىلەرنىڭ ئالەم روھى ھەم چەكسىز ئىمكانىيەتلەر بىلەن باغلىنىش ئۇسۇلىدىمۇ ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە غايەت زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بېرىدۇ .

    21.شەيئىلەر ئوتتۇرسىدا كۈچلۈك تارتىشىش كۈچى بولىدۇ ، ئالەم روھى تارتىش كۈچى قانۇنى ئارقىلىق ئوبيېكتىپ دۇنيادا نامايەن بولىدۇ . ھەربىر ئاتوم باشقا ئاتوملارغا قارىتا كۈچلۇك تارتىش كۈچى پەيدا قىلىدۇ . كۈللى شەيئىلەر مۇشۇ تارتىش كۈچى  ، بىرىكىش قانۇنىيىتى ئارقىلىق بىر – بىرىگە باغلىنىدۇ . بۇ پىرىنسىپ ئومۇمىيۇزلۇك ئەھمىيەتكە ئىگە ، شۇنداقلا ھازىرقى بارلىق نەتىجىلەر پەيدا بولغان بىردىنبىر يولدۇر .

    22.ئۆسۈپ يىتىلىش ھاياتلىقنىڭ ئىپادىسى ، ئۆسۈپ يىتىلىش ئىقتىدارى كائىنات پىرىنسىپى ئارقىلىق ئىپادىلىنىشكا مۇيەسسەر بولىدۇ ، بۇخىل ئىپادىلىنىش ئىنتايىن گۈزەلدۇر . ئۆسۈپ يىتىلىش ئۈچۈن بىز ھاياتلىق ئېھتىياجلىق نەرسىلەرگە ئىگە بولۇشىمىز كېرەك ، شڭوا ، ئۆسۈپ يىتىلىش بىر – بىرىگە مەنپەئەت يەتكۇزىدىغان قىلمىش شەرتى ئۇستىگە قۇرۇلىدۇ . بىزگە ئايان ، مەنىۋىيەت قاتلىمىدا ئوخشاش تۇردىكى شەيئىلەر بىر – بىرىنى تارتىدۇ . مەنىۋىيەتنىڭ سىلكىنىشى ئۆزلىرى بىلەن ماسلىشىشچانلىقنى ساقلىغان سىلكىنىش ھەرىكىتىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ ، ئۆزىگە زىت شەيئىلەرگە سەل قارايدۇ .

    23.بايلىق بىلەن نامراتلىق تۇغما دۈشمەن ، بايلىق كۆز قارشى ئۆزىگە ئوخشاش ئىدىيە پەيدا قىلغان ئىنكاستىن ئىبارەت . ئادەمنىڭ بايلىقى ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسى بىلەن بىردەك بولىدۇ . ئىچكى دۇنيادىكى بايلىق تاشقى دۇنيادىكى بايلىقنىڭ سىرىدۇر ، ئۇ تاشقى دۇنيادىكى بايلىقنى جەلپ قىلىپ سىزنىڭ يېنىڭىزغا ئېلىپ كېلىدۇ ، نامراتلىقنى يىراققا قۇغلايدۇ . ئىنساننىڭ ھەقىقىي بايلىقى ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى مەنبە قىلىدۇ . ئۇ .ئۈزلۇكسىز بېغىشلايدۇ ، بېرىدۇ ، بېغىشلىغىنى كۆپەيگەنسىرى ئېرشىدىغىنىمۇ كۆپىيىدۇ . شۇڭا ، بىر ئادەم شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمىتىگە پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن كىرىشسە ، ئۇنىڭ مۇۋەپپىقىيىتىنىڭ چېكى بولمايدۇ .

    24.ئىدىيە تارتىش كۈچى قانۇنىيىتىنىڭ ياردىمىدە ھەرىكەت قىلدىغان بىرخىل ئېنىرگىيەدىن ئىبارەت . ئۇنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئىپادىسى ئوبيېكتىپ دۇنيادىكى باياشاتلىقتۇر . ۋال كوچىسىدىكى پۇل مۇئامىلە زەردارلىرى ، كارخانا خۇجايىنلىرى ، ئادۇۋكاتلار سىياسىيونلار ، كەشپىياتچىلار ، يازغۇچىلار ، دوختۇرلار ئۆزىنىڭ ئىدىيەسىدىن باشقا نېمىسىگە تايىنىپ ئىنسانىيەتنىڭ بايلىقىغا تۆھپە قۇشالىدى ؟ ئۇلار ئىدىيەسىگە تايىنىپ ئۆزىنىڭ ئوبرازىغا چەكسىز شان شەرەپ بىغىشلىدى .

    25.ئالەم روھى تەڭپۈڭ ھالەتتىكى جىمجىتلىقنى ساقلايدىغان مەنىۋىيەت ياكى ماددىدۇر . بىزنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىمىز كائىنات روھىنى شەكىل جەھەتتە بۆلۈۋىتىدۇ .

    26.كۈچ – قۇدرەت ئېنىرگىيەگە بولغان تۇنۇشقا باغلىق ، ئەگەر بىز كۈچ – قۇدرەتنى ئىشقا سالمىساق ، ئۇنىڭدىن مەھرۇم بولۇپ قالىمىز . ئەگەر بىز كۈچ – قۇدرەتنى تونۇمىساق ئۇنى قانداق ئىشقا سالالايمىز ؟ ممەنىۋى كۈچ – قۇدرەتنى قۇللىنىش ئوينى مەركەزلەشتۇرۇشكە باغلىق ، ئوينىڭ مەركەزلىشىش دەرىجىسى بىزنىڭ بىلىمگە ئېرىشىش ئىقتىدارىمىزنى بەلگىلەيدۇ ، بىلىم پەقەت پۈچ – قۇدرەتنىڭ باشقىچە ئاتىلىشىدىنلا ئىبارەت .

    27.پۇتۇن ۋۇجۇدى بىلەن دىققەت قىلىش ھازىرقى قىزىق تېما ، شۇنداقلا نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپىقىيەت قازىنىشىدىكى سىر ، ئوينى مەركەزلەشتۇرۇش بارلىق تالانتنىڭ ئالاھىدىلىكىدۇر .

    28.ئادەم تىنى توختىماي ھەرىكەت قىلدىغان مۇرەككەپ ماشىنا بولۇپ ، چىقىرىپ – قۇبۇل قىلىشقا ، مېتابولىزىمغا مۇھتاج بولىدۇ . بىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك مەشىقىمىز دىققەت كۈچىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ ئىجادىي كۈچىگە قۇيۇپ ، يەككە تەننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ، ھەرىكىتىنى تونۇپ ، ھاۋا ئارقىلىق قۇغدىلىشقا مۇھتاج ، نەپەس ئالغاندا ئاندىن ياشىغىلى بولىدۇ . ئەمدى ئىدىيەنى مۇنداق ئەمەلىيەت ئۇستىدە توختىتىمىز : ئادەمنىڭ مەنىۋى مەۋجۇتلۇقى ، ھەرىكىتى تېخىمۇ ئىنچىكە ئېنېرگىيەلەرنى قۇبۇل قىلىشقا ئېھتىياجلىق ، شۇ چاغدا ئاندىن ئۇنى داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ .

    29.ئۇرۇق بولمىسا مايسا ئۇنمەيدۇ ، كېيىنكى كۈنلەردىكى دەرەخنىڭ بولۇشى تېخىمۇ مۇمكىن ئەمەس ، تەبىئەت دۇنياسىدا ئۇرۇق سېلىنمىسا ھاياتلىقنىڭ ئۆسۇپ يېتىلىشى بولمايدۇ ؛ پىشقان مېۋە ھەرگىزمى ئۆزىنى يېتىلدۇرگەن دەرەختىن بىر دەرىجە ئۇستۇن تۇرالمايدۇ ، شۇنىڭدەك ، مەنىۋىيەت دۇنياسىدىمۇ ئۇرۇق سېلىنغاندىلا مېۋىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . قانداق مېۋە ئېلىش ئۇرۇقنىڭ خارەكتېرىگە باغلىق . شۇڭا ، سىزنىڭ بارلىق شارائىتىڭىز بۇخىل سەۋەپ – نەتىجە قانۇنىيىتىنى تۇنۇشىڭىزغا باغلىق ، بۇخىل تونۇش ئىنسانلار ئېڭىنىڭ ئەڭ ئالىي مەقامىدۇر .

    قەلبنى تاۋلاش

    قىزىقىش كۈچ پەيدا قىلىدۇ ، ھەرقانداق ئادەم ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىشنى قىلسا ھۇزۇرلىنىدۇ ،ئۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان ئىشنى قىلسا ئازابلىنىدۇ . دىققەت كۈچىنى مەركەزلەشتۇرۇشنىڭ مەقسىتى قىزىقىش ، قىزىقىش ئاشسا دىققەت كۈچىمۇ مەركەزلىشىدۇ ؛ دىققەت كۈچى مەركەزلەشسە قىزىقىش ئاشىدۇ ، بۇ تەسىر ۋە ئەكىس تەسىرنىڭ نەتىجىىسىدۇر . دىققەت كۈچىمىزنى مەركەزلەشتۇرۇشنى باشلايلى . بۇنىڭ بىلەن ئۇراق ئۆتمەي سىزنىڭ قىزىقىشىڭىز قۇزغىلىدۇ ، قىزىقىشنىڭ پەيدا بولۇشى سىزنىڭ تېخىمۇ كۆپ دىققەت كۈچىڭىزنى مەركەزلەشتۇرىدۇ ، بۇخىل دىققەت كۈچى سىزدە تېخىمۇ كۆپ قىزىقىشنى پەيدا قىلىدۇ ، بۇ ئۆزلۇكسىز رەۋىشتە ئايلىنىپ تۇرىدۇ



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;