• ئەسسالامۇ -ئەلەيكۇم : پىسخىكا تورى سىزنى قىزغىن قارشى ئالىدۇ
  • مۇنبەر | ساقلىۋېلىڭ | باشبەت قىلىڭ


  • بىلىم ۋەھىمىدىن غالىب
  • ۋەھىمە مەلۇم خىلدىكى خېيىم – خەتەر پەيدا قىلدىغان پاسسىپ كەيپىيات بولۇپ ، ئادەتتە شەخىسلەر بۇ خەۋپ – خەتەرنى يېڭىش قۇبىتىم يوق دەپ قاراپ ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇنىدۇ . ۋەھىمە مەيلى ھايۋاناتلار دۇنياسى بولسۇن ياكى ئىنسانلار دۇنياسى بولسۇن ، ھەممىسىدە تەڭ مەۋجۇت بۇلىدىغان بىرخىل كەيپىيات ئىنكاسىدىن ئىبارەت بولۇپ ، ھايۋانلار كۈشەندىلىرىگە دۈچ كەلگەن ياكى قىيىن ئەھۋالدا قالغاندا ۋەھىمىنى ئىپادىلەيدۇ . ئىنسانلارنىڭ تىل ۋە يېزىقى بولغانلىقتىن ، ۋەھىمە ئوبيېكىتلىرى تېخىمۇ كەڭ بولىدۇ ، بۇلۇپمۇ ئىنسانلار تەسەۋۋۇرغا ئىنتايىن باي ، شۇنداقلا سىموۋۇللۇق تەپەككۇرغا ئىگە بولغاچقا ، دۈچ كىلدىغان ۋەھىمىسى تېخىمۇ زور بولىدۇ ۋە ھەممە يەردە مەۋجۇت بولىدۇ .

    ۋەھىمە ، تەپەككۇرنىڭ بىرخىل كۈچلۇك شەكلى . ۋەھىمە ئادرېنالىن (بۆرەك ئۈستى بېزى ئىچكى ئاجراتما ماددىسى )سەۋەبىدىن پەيدا بولىدۇ ، نېرۋىلارنىڭ مەركىزىي تۈگۈننى مەست قىلىپ ، قان ئايلىنىشقا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە مۇسكول سىستېمىسىغا تەسىر قىلىدۇ . شۇڭا ، ۋەھىمە پۈتكۇل ھاياتنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ، تەن ، چوڭ مېڭە ۋە نېرۋىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بۇ تەسىر تەن ، روھ ۋە مۇسكۇلغا بولغان تەسىرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .

    قۇرقۇش ، خاتىرجەمسىزلىنىش ، ئەنسىرەش ، ھەيرانلىق ، زېرىكىش ، خۈدۈكسىرەش ، مەيۈسلۇك ، توخۈ يۈرەكلىك، ئىچى سىقىلىش ، تەشۋىشلىنىش ، كۈڭلى يېرىم بولۇش ، ئەندىكىش _ مانا بۇلار ئىنسانىيەت جەمىئىتىنىڭ ۋەھىمىنى تەسىرلەشتە قۇللىندىغان ئىپادىلىرى بولۇپ ، ۋەھىمىنىڭ ئومۇمىيۇزلۇك مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى دەلىللەپ بىرەلەيدۇ ، بۇنىڭدىن ئىنسانلارنىڭ ۋەھىمىگە جەڭ ئىلان قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ نەقەدەر مۈشكۇللىكىنى چۈشىنىۋىلىشقا بولىدۇ .

    بىز پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئۆزىمىزنىلا ئويلىغىنىمىزدا ۋەھىمە ھېس قىلىمىز ، ئەگەر دىققىتىمىزنى باشقىلارغا بۇرىيالىساق ۋەھىمە يۇقىلىدۇ . قىسقىسى ، ۋەھىمە ئۆزىگە ھەددىدىن زىيادە دىققەت قىلىۋىلىشتۇر . ئەلۋەتتە ، ۋەھىمە ئۇستىدىن غەلبە قىلىشنىڭ ئۇسۇلى كۈچ – قۇدرەتكە بولغان تونۇشتۇر . بىز ئۆزىمىزدە ( كۈچ – قۇدرەت )دەپ ئاتاۋاتقان بۇ سىرلىق ھاياتلىك كۈچى زادى نىمە ؟ بىز بىلمەيمىز . بىراق بۇنىڭلىق بىلەن بىزنىڭ بۇخىل كۈچ – قۇدرەتنى ئىشلىتىشىمىز تەسىرگە ئۇچرايدۇ .

    ھاياتلىق مانا مۇشۇنداق نەرسە ، بىز ئۇنىڭ نېمىلىكىنى بىلىشىمىز ياكى مەڭگەۇ بىلمەسلىكىمىز مۇمكىن ، ئەمما بىز ئۇنىڭ ھاياتلىق سىستىېمىسىدا قۇللىنلدىغان مۇھىم كۈچ ئىكەنلىكىنى بىلىمىز ، بۇ كۈچنىڭ قانۇنىيىتى ۋە پىرىنسىپىغا ھۆرمەت قىلساق ، بۇ ھاياتلىق ئېنېرگىيەسىنى ئۆزىمىزنىڭ قەلبىگە كىرگۇزۇپ ، ھاياتلىق يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى يۈكسەلدۇرۇپ ، ئەڭ زور دەرىجىدە ، ئىمكانىيەتلىك ھالدا مەنىۋىيەت ، ئەخلاق ۋە قەلب ئۈنۈمىنى قويۇپ بەرگىلى بولىدۇ . شۇنىڭدەك ، بىز توكنىڭ قانداق نەرسە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز ، بىراق ، توكنىڭ قانۇنىيىتىگە ھۆرمەت قىلساق ئۇ بىزنىڭ گېپىمىزنى ئاڭلايدىغان چاكار بولىدۇ ، بىزنىڭ ئۆيلىرىمىز ، شەھەرلىرىمىزنى يورۇتىدۇ ، ماشىنلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرىدۇ ، باشقا تەرەپلەردىمۇ بىز ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ .

    1.ئىنسانلارنىڭ ھەقىقەت ئۈستىدىكى ئىزدىنىشى لوگىكىغا ئۇيغۇن ھەرىكەت ، سىستېمىلاشقان جەريان بولۇپ ، قارىغۇلارچە تەۋەككۇلچىلىك ئەمەس ، تەجىربە مۇۋاپپىقىيەت قازىنىشتىن بۇرۇن بىز ئېڭىمىزدا يېتەكچىلىككە ئېرىشىمىز .

    2.تېڭى – تەكتىدىن سۇرۇشتۇرۇش ھەقىقەت ئىزدەش بولۇپ ، ئەمەلىيەتتە ئاڭ ئاخىرقى سەۋەپنى تېپىپ چىقىشتۇر . ئىنسانلارنىڭ تەرەققىيات تارىخىنى ئەسلەپ باقساق ، ھەربىر قېتىملىق كەچۇرمىشنىڭ بىر نەتىجىسى بار ، بىز كەچۇرمىشنىڭ سەۋەبىنى ئېنىقلىيالىساق ، مۇشۇ ئاساستا ئاڭلىق كونتىرۇل قىلالايمىز ، بۇنىڭ بىلەن بىز يۇلۇققان بارلىق كەچۈرمىشلەر بىزنىڭ نەزىرىمىز ۋە ئىلكىمىزدە بولىدۇ .

    3.بۇ كۆز قاراش بويىچە بولغاندا كىشىلىك ھايات بىر مەيدان ھاياتلىق مۇسابىقىسى ئەمەس ، ئادەممۇ شارائىتنىڭ ئۇيۇنچۇقى ئەمەس . بىز ئۆز تەقدىرىمىزنىڭ خۇجايىنى بولۇشىمىز ، كەچۇرمىشىمىزنىڭ رولچىسى بولۇشىمىز ، خۇددى شوپۇر پويىز ھەيدىگەندەك ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىك ھايات رولىنى چىڭ تۇتىشىمىز كېرەك .

    4.دۇنيادىكى كۈللى شەيئىلەر ئوخشاش بىر سىستېمىدا ئايلىنىدۇ . ئۇلار بىر – بىرى بىلەن مۇناسىۋەتسىز ياكى بىر – بىرىگە قارمۇ قارشى ئەمەس ؛ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا ئىنچىكە مۇناسىۋەت بار ، مۇئەييەن شەرت ئاستىدا بىر – بىرىگە ئايلىنىدۇ .

    5.ماددىي دۇنيا ھەددى – ھېسابسىز قارىمۇ قارشى تەلەپلەر مەۋجۇت : بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان رەڭگەى ، ھالىتى ، چوڭ – كىچىكلىكى بولىدۇ ، ئىككى قۇتۇپى بولىدۇ ، ئىچى ۋە تېشى بولىدۇ ؛ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولدىغانلىرىمۇ ، كۆرگىلى بولمايدىغانلىرىمۇ بار ، بۇ ئەمەلىيەتتە بىز ئىنسانلار ئاتاشقا قۇلايلىق بولسۇن ئۈچۈن ئۇلارغا قۇيغان ئوخشاش بولمىغان ناملاردۇر . شۇڭا ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىپادىلىنىش شەكلىدە پەرىقلىنىدۇ .

    6.بىر ئىشنىڭ ئىككى تەرىپىنى بىز ئوخشاش بولمىغان ناملاردا ئاتايمىز ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىككى تەرەپ بىر – بىرىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ھەرگىزمۇ مۇستەقىل ئىككى سۇبىستانسىيە ھېسابلانمايدۇ ، بەلكى بۇ بىر پۈتۈن شەيئىنىڭ ئىككى قىسمىدۇر .

    7.مەنىۋى دۇنيانىڭ پىرىنسىپى بۇنىڭدىن پەرىقلىنىدۇ ، بۇ بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان ( بىلىم ) ، ( بىلىمسىزلىك ) تىن ئىبارەت ئىككى سۆزگە ئوخشايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ، بىلىمسىزلىك بىلىم كەمچىللىكىنىڭ بىرخىل ھالىتى بۇلۇپ ، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ، بىر مەنىنى ئىپادىلەيدۇ .

    8.ئوخشاش قانۇنىيەتنى ئەخلاق دۇنياسىدىمۇ كۆرگىلى بولىدۇ : ( ياخشىلىق )ۋە ( يامانلىق ) تىن ، ( ياخشىلىق )ئەھمىيەتلىك ، شۇنداقلا يېقىنلىشىش ئارقىلىق ھىس قىلىندۇ ، ( يامانلىق ) بىرخىل قارىمۇقارشى ھالەت بۇلۇپ ، ( ياخشىلىق ) كەم بولسا ( يامانلىق ) قا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ . بەزىدە (يامانلىق )مۇ ئوخشاشلا ئوبيېكتىپ مەۋجۇتلۇق بولىدۇ ، بىراق ، ئۇنىڭ  قانۇنىيەتلىك ئايلىنىشى بولمايدۇ ، ھاياتلىقى بولمايدۇ ، ھاياتىي كۈچى بولمايدۇ ، ھەمىشە خۇددى يۇرۇقلۇق قاراڭغۇلۇقنى قۇغلاپ چىقارغاندەك ، ھەقىقەت سەپسەتىنى مەغلۇپ قىلغاندەك (ياخشىلىق ) تەرپىدىن يۇقىلىدۇ .( ياخشىلىق )كەچۇرمىش بولسا ، يامانلىق  ئىزنادۇر ،شۇڭا ئەخلاق دۇنياسىدا پەقەت بىرلا پىرىنسىپ بولىدۇ ، ئۇ بولسىمۇ ياخشىلىقتۇر .

    9.مەنىۋىيەت دۇنيادىسىمۇ بۇنى ئىسپاتلىغىلى بولىاۇ . بۇ خۇددى بىز ئېيتقان ( ماددا )بىلەن( روھ ) قا ئوخشايدۇ ، ئاڭلىماققا ئىككىلىسى مۇستەقىل سۇبىستانسىيەدەك بىلىنسىمۇ ، شۇبىھسىزكى ، مەنىۋىيەت دۇنياسىدا مەۋجۇت بولدىغان بىردىنبىر پىرىنسىپ مەنىۋىيەت قانۇنيىتىدۇر .

    10.ماددىلار ئۈزلۈكسىز ئۆزگىرىپ ، تېخىمۇ يېڭىلىنىدۇ ، ئۇزۇن مەزگىللىك ۋاقىت ئېقىندا بىر كۈن بىلەن مىڭ يىلنىڭ ھېچقانداق پەرقى بولمايدۇ ؛ ئەمما ، مەنىۋىيەت مەڭگۈ ھەقىقىي مەۋجۇتلۇقتۇر . بىز چوڭ بىز شەھەردە تۇرۇپ كۆرىدىغان ئېگىز بىنالار ، ئاۋات يوللار ، رەڭدار چىراغلار ، ماددىي مەدەنىيەتنى ھەرگىزمۇ بىر ئەسىر بۇرۇنقى كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى . ئەگەر بىزنىڭ نەۋرە چەۋرىلىرىمىز يۈز يىلدىن كىيىن بىز تۇرغان جايدا تۇرۇپ ماددىي دۇنياغا قارىسا ، بۇگۇن بىز ئىگە بولغان نەرسىلەردىن ھېچنىمىنى ھېس قىلالمايدۇ ، بۇگۇنكى نەرسىلەر ئاللىقاچان تارىخ ئېقىنىدا ئىز – دىرەكسىز غايىب بولغان بولىدۇ .

    11.بۇ بىردىنبىر ئۆزگىرىش پىرىنسىپى جانلىقلار دۇنياسىدىمۇ ئومۇمىيۇزلۇك قۇللىنىدۇ ، تۈرلۈك – تۈمەن خىل جانلىقلار ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا ھاياتىنى تاماملىغاندىن كىيىن يۇقلىدۇ . ئۆسۇملۇكلەر دۇنياسىدىمۇ شۇنداق ، نۇرغۇن ئۆسۈملۇكلەر چېچەكلەپ بەرىق ئۇرسىمۇ ، بىر يىلغا قالماي سولىشىپ قۇرۇپ كېتىدۇ .... بەلكىم ئانئورگانىك دۇنيادىلا بىز مەڭگۇلۇك بىر مەۋجۇتلۇقنى كۈتەلسەك كېرەك . لېكىن كۈرمىڭلىغان ئۆزگىرىشلەر بىزنى تاڭ قالدۇرىدۇ : ئىلگىرىكى بىپايان دېڭىزلار قۇرۇقلۇققا ئايلىنىپ قالسا ، ئىلگىرىكى تىنىچ كۆللەر تاغلارغا ئايلىنىپ قالسا ، يىېسمىتې ئىمپېرىيە باغچىسى چوڭ بوغۇزى ئالدىدا تۇرۇپ ، بىز مۇزلۇقلار يۇتۇۋالغاندىن كېيىن قىپقالغان ئىزلارنىڭ چەكسىزلىكىنى ھېس قىلىمىز ....

    12.بىز ھامان كۆزلەرنى ئالىچەكمەن قىلدىغان ئۆزگىرىش ئىچىدە تۇرىمىز ، ئۆزگىرىشنىڭ مەنبەسى كائىنات روھىنىڭ ئۆزگىرىشىدۇ ، كۈللى شەيئىلەر بۇ ئەڭ مۇقەددەم سىستىمىدىن قېچىپ كېتەلمەيدۇ . ماددا ، روھ قۇللىندىغان بىرخىل شەكىلدىنلا ئىبارەت ، بىرخىل شارائىتنىڭ ئۆزىدە ھېچقانداق پىرىنسىپ ، قانۇنىيەت يوق دېسەك ، بۇ دۇنياغا خۇجايىنلىق قىلدىغان بىردىنبىر پىرىنسىپ ۋە قانۇنىيەت مەنىۋىيەت قانۇنىيىتىدۇر .

    13.شۇڭا ، بىز شۇنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرەلەيمىزكى ، مەنىۋىيەت قانۇنىيىتى ماددىي دۇنيا ، مەنىۋى دۇنيا ، ئەخلاق دۇنياسى ۋە بىز ئىنسانلارنىڭ قەلب دۇنياسىغا خۇجايىنلىق قىلىدۇ ۋە ئومۇمىيۇزلۇك قۇللىنىدۇ ، ئۇنىڭ ئورنىنى باشقا ھېچقانداق نەرسە ئالالمايدۇ .

    14.شۇنى بىلىش كېرەككى ، مەنىۋىيەت جىمجىت ھالەتتە تۇرىدۇ ، تىپتىنىچ بولىدۇ . ئىنساننىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارى كائىنات روھىغا تەسىر كۆرىسىتپ ، كائىنات روھىنى دىنامىكىلىق پىسخىكا ئىقتىدارىغا ئايلاندۇرىدۇ . مەنىۋىيەتنىڭ ھەرىكەت ھالىتى بىز دەۋاتقان دىنامىكىلىق پىسخىكىنى شەكىللەندۇرىدۇ .

    15.ھەرىكەت قىلىشتا يېتەرلىك ھەرىكەتلەندۇرگۈچ كۈچ يېقىلغۇسىنى تەييارلاش كېرەك ، ئۇزۇق – تۇلۇك مانا مۇشۇ يېقىلغۇنىڭ ماددىي شەكلىدۇر ، ئادەم تاماق يىمىسە تەپەككۇر قىلالمايدۇ ، مەنىۋىيەتنىڭ ھەرىكىتىمۇ بىز ئېيتقان تەپەككۇر جەريانىدۇر ، ئەگەر مۇئەييەن ماددىي ۋاستىنىڭ ياردىمى بولمىسا ئەلۋەتتە خۇشاللىق ۋە بەختىنىڭ مەنبەسىگە ئايلىنىشى مۇمكىن بولمايدۇ .

    16.شۇڭا ، ئادەم تەپەككۇر قىلىشتا ، كائىنات روھىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇزۇشقا ئۇرۇقلۇقنىڭ ياردىمىگە تايىنىشى كېرەك _ بۇخىل ماددىي شەكىل ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدۇ . بۇ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى دىنامىك ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرغانغا ئوخشايدۇ ، ئالدى بىلەن چوقۇم ئېنېرگىيە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەگە چىقىرىشى كېرەك ؛ ئۆسۇملۇكلەرنى ئۆستۇرۇشتىمۇ قۇياش نۇرىنىڭ ياردىمىدە تەمىنلەنگەن ئېنېرگىيە بولۇشى زۆرۇر .

    17.سۆزلەپ بۇ يەرگە كەلگەندە ، سىز ئىدىيەنىڭ توختاۋسىز رەۋىشتە ئوبيېكتىپ ماددىي دۇنيادا شەكىللىنىپ ، ئىپادىلىندىغان چىقىش ئېغىزى ئىزدەيدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىسىز . سىزنى يەنە مۇنداق بىر نۇقتا ئويلاندۇرىدۇ ، سىز بۇنداق ئەمەلىيەتكە ھەگىز سەل قارىيالمايسىز _ سىزنىڭ قۇدرەتلىك ، ئاكتىپ ، قۇرۇش خارەكتېرلىك ئىدىيەڭىز ، ساغلاملىق سەۋىيەڭىز ، كەسپىي تېجارەت ئەھۋالىڭىز ھەم تۇرمۇش كەچۇرمىشلىرىڭىزدە نامايەن بولىدۇ ؛ سەلبىي ، ئاجىز ، بۇزۇش خارەكتىرىغا ئىگە ئىدىيەڭىزمۇ تۇرمۇشتا سىزگە ۋەھىمە ، خاتىرجەمسىزلىك ، مەيۈسلۈك كەيپىياتىنى ئېلىپ كېلىپ ، تۇرمۇشىڭىزنى جاپالىق ، زېرىكىشلىك قېلىۋىتىدۇ ، ئىشلىرىڭىز ، ھىس تۇيغۇڭىزدا ماسلىشىسىزلىق ئالامەتلىرى پەيدا بولىدۇ .

    18.كۈچ – قۇدرەت بايلىق پايدا قىلىدۇ ، بايلىق كۈچ قۇدرەت بېغىشلايدىغان چاغدا ئاندىن ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بولىدۇ . دۇنيادىكى كۈللى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى مۇئەييەن شەكىل ۋە مۇئەييەن دەرىجىدە كۈچ – قۇدرەتنى ئىپادىلەيدۇ .

    19.پار ، ئېلىكتىر ئېنېرگىيەسى ، بىرىكىش كۈچى ، ئېغىرلىق كۈچىنىڭ پىرىنسىپى سەۋەپ – نەتىجە ئايلىنىشىنىڭ يىمىرىلمەس ھەقىقىتىنى قايتا – قايتا ئىسپاتلىدى ، ئۇ ئادەمنى دادىللىق بىلەن پىلان تۈزۇپ ئىجرا قىلىشقا ئۈندەيدۇ ، تەبىئەت قانۇنىيىتى پۈتۈن تەبىئەتكە ھۆكۈمۇرانلىق قىلىدۇ ، لېكىن ، مەنىۋىيەت ئېنېرگىيەسى تەبىئەتنىڭ ماددىي ئېنېرگىيەسى بىلەن بىرلىكتە مەۋجۇت بولىدۇ . مەنىۋى ئېنېرگىيە دەل بىز ئىنسانلارنىڭ قەلى ۋە پىسخىكىدىن كېلىدىغان كۈچتۇر .

    20.بىز بىلىم ئېلىشقا ئادەتلەنگەن باشلانغۇچ ، ئوترۇرا مەكتەپ ، ھەتتا ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ھەممىسى مەنىۋىيەت ئېنېرگىيەمىزنىڭ تول چىقىرىش پونكىتى بولۇپ ، قەلب يوشۇرۇن ئىقتىدارىمىزنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدۇ ، ئۇنىڭدىن باشقا ھېچقانداق بىر سىجىل قىممىتى بولمايدۇ .

    21.قارىماققا ھەيۋەتلىك كۆرۇندىغان ماشىنلارنىڭ ھەرىكەتلىنىشى نۇرغۇن توك چىقىرىش ئىستانسىلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلىشىگە مۇھتاج بولىدۇ . ئىنسانلار قېزىپ چىققان نۇرغۇن خام ماتىرياللار ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن بىزنىڭ تۇرمۇشتىكى ئازادىلىك دەرىجىمىزنى كۈچەيتەلەيدۇ . شۇنىڭدەك ، بىزنىڭ مەنىۋىيەت ئېلېكتىر ئىستانسىمىزمۇ موشۇنداق خام ماتېريالغا ئېھتىياجلىق ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا تېخىمۇ ئېچىپ يېتىلدۈرۇپ ، ئەڭ ئاخىر ھەممىدىن يۈكسەك تەبىئەت قۇدرىتىنىڭ ئېنېرگىيەسىگە ئايلىنىدۇ . بۇنىڭدىن قارىغاندا ، بۇلار قارىماققا سىرلىق تەبىئەت كۈچىدەك بىلىنسىمۇ ، مەنىۋى قۇدرەتنى تېخىمۇ ئۇلۇغ ۋە چۇڭقۇر نامايەن قىلىدۇ .

    22.ئۇنداقتا ، مەنىۋى ئېلېكتىر ئىستانىسى تېپىشقا ئېھتىياجلىق خام ماتېريال زادى نېمە ؟ قانداق ماتېريال ئەڭ ئاخىر باشقا بارلىق ئېنېرگىيەلەرنى كونتىرۇل قىلالايدىغان كۈچ – قۇدرەتكە ئايلىنالايدۇ ؟ بۇ خىل ماتىريالنىڭ تىنىچ ھالەتتىكى شەكلى بىلەن دىنامىكىلىق شەكلى ئايرىم – ئايرىم روھ ۋە ئىدىيەدۇر .

    23.بۇنداق ئېنېرگيە تېخىمۇ يۇقىرى قاتلامدا مەۋجۇت بۇلۇپ ، بارلىق نەرسىلەردىن ھالقىيدۇ ، ئۇ ئىنسانلارغا تەبىئەت قانۇنىيىتىنى بايقىتىدۇ ، ئىنسانلارنى تەبىئەتنىڭ ئۇلۇغ سىرلىق .ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلاندۇرىدۇ ۋە ئاچتۇرىدۇ ، ماكان زاماندىن ھالقىتىپ ، ئېغىرلىق كۈچى پىرىنسىپىدىن غالىب كەلتۇرىدۇ ، بۇنى ئىنسانلارنىڭ نەچچە ئەۋلاد ياكى نەچچە ئون ئەۋلادنىڭ جاپالىق ئەمگىكى بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇش مۇمكىن ئەمەس .

    24.ئىدىيە ئېنېرگىيەگە تولغان بولۇپ ، ئۇزلۇكسىز تەرەققى قىلىدۇ . ئالدىنقى يېرىم ئەسىردىن بېرى ئۇ سان ساناقسىز مۇمكىن بولمايدىغان مۆجىزىلەرنى ياراتتى . بۇنى 50 يىل بۇرۇن ، ھەتتا 25 يىل بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايتتى . ئەگەر  مەنىۋىيەت پارلاقلىقىنى مەيدانغا چىقارغان بولسا ، ئۇنداقتا تەسەۋۋۇر قىلىپ كۆرەيلى ، 50 يىلدىن كېيىن بىز يەنە قانداق يۈكسەكلىكتە تۇرارمىز ؟

    25.كۈللى شەيئىلەرنىڭ مەنبەسى چەكسىز كەڭلىكتۇر . ئىلمىي نۇقتىئىنەزەردىن ئېيىتقاندا ، بىزگە ئايان ، نۇرنىڭ تارقىتىش سۇرئىتى سېكونتىغا 186000 ئىنگىلىز چاقىرىمى ، ئالەمدىكى نۇرغۇن يۇلتۇزلارنىڭ نۇرلىرى 2000 نەچچە يۇز يىل بۇرۇن ئۆتكەندە ئاندىن يەرشارىغا يېتىپ كېلىدۇ ، نۇرنىڭ تارقىلىش شەكلى يۇرۇقلۇق دۇلقۇنى ، نۇرنىڭ تارقىلىش ئىفىرى ( ئېنېرگىيە ۋاستىدى )داۋاملاشقاندا ئاندىن نۇر ئۇزۇن ئارلىقتىن ئۆتۇپ يەر شارىغا يېتىپ كېلىدۇ . شۇڭا ، بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىز . ماددىنىڭ پەيدا بولغان ئەسلىي مەنبەسى ، يەنى ئىفىرى ئومۇمىيۇزلۇك مەۋجۇت بولىدۇ .

    26.شەكىل جەھەتتە يەنە قانداق نامايەن بولىدۇ ؟ ئېلېكتىر ئىلمىگە باغلاپ ئېيتقاندا بىز باتارىيەنىڭ ئىككى قۈتۇپى – مىس بىلەن سىنىكنىڭ ئىككى قۇتۇپىنى تۇتاشتۇرساق توك يولى شەكىللىنىپ ، توك ئېقىملىرى ئۇنىڭدىن ئۆتۇش ئارقىلىق ئېنېرگىيە پەيدا قىلىدۇ . ئەمەلىيەتتە ، ھەرقانداق ئىككى قۇتۇپتا مۇشۇنداق ئەھۋال يۇز بىرىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە بارلىق شەيئىلەرنىڭ تاشقى شەكلىمۇ ئۇنىڭ سىلكىنىش چاچتوتىسىغا مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، تېگى – تەكتىدىن ئېيتقاندا ، ئاتوم ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتتۇر . شۇڭا ، بىز پەقەت شەيئىلەرنىڭ ئىككى قۇتۇپىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق ئاندىن ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئوبيېكتىپ مۇھىتتىكى ئىپادىلىنىش شەكلىللىرىنى ئۆزگەرتىمىز . مانا بۇ سەۋەپ – نەتىجە ئايلىنىشىدۇر .

    27.شەيئىلەرنىڭ ماھايىتىنى كۆرۇشتە بىز ئىدىيەدە تولۇق ئاڭقىرىشىمىز كېرەك ، بارلىق شەيئىلەرنىڭ ئوبرازى چىنلىق ئەمەس ، يەر شارى تىنىچ ئەمەس ، تۆت چاسىمۇ ئەمەس ، قۇياش يەرنى ئايلىنىپ ھەرىكەت قىلمايدۇ ؛ ئاسمانمۇ بىز كۆرگەندەك غايەت زور ئەگمەچ ئەمەس ؛ پېلانېتلار ئۇششاق ، ئاجىز نۇرلار ئەمەس ، ماددىلارمۇ بىزنىڭ قارىشىمىزدىكىدەك ئۇنداق تۇرغۇن ئەمەس ، بەلكى مەڭگۈلۈك ھەرىكەت ھالىتىدە .

    28.بۇ پىكىر يۆلىنىشى بويىچە ئويلىساق ، ھامان بىر كۈنى _بەلكىم پۇرسەت بۇلۇپ قالار  - بىز تېخىمۇ كۆپ ئالەم روھىنى قۇللىنىش پىرىنسىپلىرىنى بىلىمىز ، ئىنساننىڭ بارلىق ئىدىيەسى ۋە ھەرىكەت ئەندىزىلىرى بۇنىڭ بىلەن تەڭشىلىدۇ ۋە ئۆزگىرىدۇ . بۇ كۈننى كۆتەيلى !

    قەلبنى تاۋلاش

    بىز كۈندىلىك يېمەكلىك ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز رەۋىشتە بەدىنىمىزنى ئۇ ئېھتىياجلىق ئۇزۇقلۇق ۋە ئېنىرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە ئادەتلىنىپ كەتتۇق . مەنىۋى يېمەكلىكنى جەلب قىلىش جەھەتتە بىز ئەلۋەتتە كۆپرەك سەۋىرچانلىق ۋە قەتئىيلىككە مۇھتاج . بۇ باسقۇچتا سىز نەچچە مىنۇت ۋاقىت سەرپ قىلىپ ئوينى مەركەزلەشتۇرۇش مەشىقى قىلىشنى سىناپ بېقىڭ ، پۇتۇن ۋۇجۇدىڭىز بىلەن تەپەككۇرىڭىزغا غەرق بۇلۇپ ئوبيېكتىپ بىلەن ئۇچىرشىڭ ، تاشقى دۇنيادىكى ھەرقانداق غىدىقلاش ۋە تەسىرنى قۇبۇل قىلماڭ . ئېسىڭىزدە بولسۇن ، چوقۇم دىققىتىڭىزنى بېرىپ ، پۈتۈنلەي كېرىشىپ كېتىڭ .



  • 无标题文档
  • كىتاپلار
  • شان - شەرەپلەر
  • ئۇقۇتقۇچىلار قۇشۇنى
  • ئالاقىلىشىڭ
  • ئېلان-مۇلازىمەت
  • بىكەت ھەققىدە


  • نەشىر ھوقۇقى : ئايتۇرسۇن پىسخىكا ساغلاملىق تورىغا مەنسۇپ . كۆچۈرۈپ ، ئوخشىتىپ ياسىغانلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقى قاتتىق سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

    بېكىتىمىزدىكى يازمىلار شۇ شەخىسنىڭ شەخسىي كۆز قارىشىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ،بىكىتىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز.مۇنبىرىمىز پەقەتلا پىكىر ئالماشتۇرۇش سورۇنى ھازىرلىغان.

    بېكىتىمىز سىياسىيلىقى كۈچلۈك ،سېرىق ھەم دۆلىتىمىز قانۇنىغا زىت بولغان يازمىلارنى چەكلەيدۇ.ئۆزىڭىزنى ئاسراپ ئالدىنىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ 

    مەدەنىيەتلىك تور مۇھىيتى ھازىرلاپ ،ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىڭ. QQ:3696140 ،E-mail:ayts0997@163.com، ئىشخانا تېلفونى.13579118277 :

    备案/许可证编号为:注册号:652901610150475 新ICP备14001238号-6;新ICP备14001238号;新ICP备14001238号-1;